نامازنىڭ ئەھمىيىتى
ئەي نەفسىم ۋە ئەي نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمىگەن ئىنسان.نامازنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ۋە مۇھىم،ھەم شۇنچىلىك ئەرزان،ئاز بىر بەدەل بىلەنلا ئادا بولىدىغانلىقىنى ھەم ناماز ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ قانچىلىك ئەخمەق ۋە زىيان تارتقۇچى بولىدىغانلىقىنى،ئىككى كەررە ئىككى تۆت ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بىلىشنى خالىساڭ بۇ تەمسىلىي ھېكايىنى ئاڭلا،كۆر:
بىر بۈيۈك ھاكىم بولغان ئىكەن.ئۇ ئىككى خىزمەتكارىنىڭ ھەر بىرىگە 24 ئالتۇن بېرىپ،ئۇلارنى ئىككى ئايلىق ئۇزاقلىقتىكى خاس ۋە گۈزەل بىر باغچىغا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىپتۇ. ھەمدە ئۇلارغا ئەمر قىلىپ دەپتۇ:
-بۇ 24ئالتۇننى يول خىراجىتى ۋە بېلەت ئۈچۈن سەرپ قىلىڭلار ھەم بارىدىغان يېرىڭلاردا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىڭلار.بىر كۈنلۈك مۇساپىدىن كېيىن بىر بېكەت بار.ئۇ بېكەتتە ماشىنا،كېمە،پويىز ۋە ئايروپىلاندەك قاتناش قوراللىرى بار.دەسمايەڭلەرگە قارىتا چىقىسىلەر.
ئىككىيلەن بۇ ئەمرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولغا چىقىپتۇ.ئۇلارنىڭ بىرى بەختىيار بولۇپ،بېكەتكە بارغۇچە پۇلدىن بىر قىسمىنى سەرپ قىپتۇ ھەمدە ئۇ سەرپىيات ئارقىلىق خوجايىنىنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر پايدىلىق تىجارەت قىلىۋاپتۇ.سەرمايىسى مىڭ ھەسسە كۆپىيىپتۇ.
يەنە بىر خىزمەتكار بەدبەخت،ئەخمەق بولغانلىقتىن 24 ئالتۇندىن 23 ئالتۇننى خەجلىۋېتىپتۇ.قىماردەك ئويۇن تاماشالارغا زايا قىلىپتۇ ۋە بىرلا ئالتۇنى قاپتۇ.كېيىن ئاۋۋالقى خىزمەتكار ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
-بىرتال ئالتۇنىڭنى بولسىمۇ بىر بېلەت ئۈچۈن بەرگىن.شۇندىلا بۇ ئۇزۇن يولدا ئاچ ھەم پىيادە قالمايسەن.بىزنىڭ خوجىمىز بەك مەردتۇر،بەلكىم مەرھەمىتىنى كۆرسىتىپ قىلغان ئىتائەتسىزلىكىڭنىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىپ سېنى ئايروپىلانغا چىقىرىدۇ.بىر كۈندىلا بارىدىغان ماكانغا بېرىۋالىمىز.بولمىسا ئىككى ئايلىق بۇ چۆلدە ئاچ،پىيادە،يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن.
ئەجىبا شۇ ئادەم جاھىللىق قىلىپ،ئۇ بىر تال ئالتۇننى بىر خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى ھۆكمىدىكى بىر بېلەتكە بەرمەي،ۋاقتلىق بىر لەززەت ئۈچۈن كەيپ-ساپاغا سەرپ قىلسا تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىنى ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە زىيان ۋە ھەسرەتكە قالىدىغانلىقىنى ئەڭ ئەقىلسىز ئادەممۇ چۈشەنمەمدۇ؟
ئەي نامازسىز ئادەم!ئەي نامازدىن سۆيۈنمەيدىغان نەفسىم!
تەمسىلدىكى ئۇ ھاكىم بولسا رەببىمىز ۋە ياراتقۇچىمىز اللە تۇر.ئۇ ئىككى خىزمەتكار يولۇچى بولسا،بىرى نامازنى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇيدىغان دىندار كىشىلەردۇر. يەنە بىرى غاپىل ۋە نامازسىز ئىنسانلاردۇر.ئۇ 24 ئالتۇن بولسا،ھەر كۈندىكى 24 سائەت ئۆمۈردۇر.ئۇ خاس باغچا بولسا جەننەتتۇر.بىر كۈن ئۇزاقلىقتىكى ئۇ بېكەت بولسا قەبرىدۇر.ئۇ ساياھەت بولسا،قەبرىگە،مەھشەرگاھقا ۋە ئەبەدكە بارىدىغان ئىنسانىي سەپەردۇر.
كىشىلەر ئەمىلىگە ۋە تەقۋادارلىق دەرىجىسىگە قارىتا ئۇ ئۇزۇن يولنى ئوخشىمىغان تېزلىكتە بېسىپ ئۆتىدۇ.بىر قىسىم ئەھلى تەقۋا چاقماق تېزلىكىدە مىڭ يىللىق يولنى بىر كۈندە باسىدۇ.
بىر قىسمى خىيال تېزلىكىدە ئەللىك مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىر كۈندە باسىدۇ.
ئۇ بېلەت بولسا نامازدۇر.
تاھارەت بىلەن بەش ۋاقىت نامازغا يالغۇز بىرلا سائەت ۋاقىت يېتىدۇ.
ئەجىبا 23 سائىتىنى شۇ قىسقا دۇنيا ھاياتىغا سەرپ قىلغان،بىراق ئۇزۇن،ئەبەدىي ھاياتىغا بىر سائىتىنىمۇ سەرپ قىلمىغان ئادەم نەقەدەر زىيان تارتىدۇ!نەقەدەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ!نەقەدەر ئەقىلغا زىت ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ!بۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك.ھلبۇكى نامازدا روھ،قەلب ۋە ئەقىلنىڭ بۈيۈك بىر راھىتى باردۇر.چۈنكى كىشى ناماز بىلەن ئەلەملەرنىڭ رەببى ۋە پەرۋەردىگارى بولغان اللە قا تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ.روھى،ئەقلى ۋە قەلبى تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلاردىن ۋە قورقۇنچتىن قۇتۇلىدۇ.ناماز ئۇنىڭغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ:
-اللە بىردۇر.ئۇنىڭدىن باشقىغا مۇراجىئەت قىلىپ ئاۋارە بولما.ئۇلارغا پەسلىك بىلەن خۇشامەت قىلما.ئۇلارغا قول باغلاپ بويۇن ئەگمە.ئۇلاردىن قورقۇپ تىترىمە.چۈنكى كائىناتنىڭ سۇلتانى بىردۇر.ھەر ئىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ يېنىدا.ھەر نەرسىنىڭ تىزگىنى ئۇنىڭ قولىدىدۇر.ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن ھەل بولىدۇ.ئۇنى تاپساڭ ھەرقانداق خالىغىنىڭنى تاپىسەن.چەكسىز يېلىنىش ۋە قورقۇشلاردىن قۇتۇلىسەن.ھەم ناماز شۇنداق بىر خەزىنىدۇركى،ناماز ئۇقۇغان كىشىنىڭ باشقا مۇباھ (ساۋەبمۇ،گۇناھمۇ بولمىغان) دۇنياۋى ئىشلىرىمۇ ساغلام بىر نىيەت بىلەن قىلىنسا ئۇمۇ ئىبادەت ھۆمىدە بولىدۇ.بۇ ئاقىلىق پۈتكۈل ئۆمۈر سەرمايىسىنى ئاخىرەت پايدىسى ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ.فانىي ئۆمرىنى بىر جەھەتتە باقىيلەشتۈرگەن بولىدۇ.شۇنداق،ناماز ئوقۇغان كىشى كىيىمىنى كىيگەندە،ئەۋرەتلىرىنى توسۇشنى نىيەت قىلسا،كىيىم كىيىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەت بولىدۇ.تاماق يېگەندە ياكى ئۇخلىغاندا،ئىبادەت ئۈچۈن بەدىنىنىڭ قۇۋۋەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلسا،يېيىش-ئىچىش ۋە ئۇخلىشىمۇ بىر ئىبادەت بولىدۇ.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناماز سايىسىدا گۈزەل بىر نىيەت بىلەن قىلغان پۈتۈن ئىشلىرى ئىبادەت بولىدۇ.ناماز ئەنە شۇنداق چوڭ بىر خەزىنىدۇر.
مەن بىر تور بەتتە سۈرەتلىك كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ساقلاپ قويغان.شۇ بويىچە ئۇنىڭدىكى يېزىقنىلا يوللىدىم.مەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرگەن تور بەت ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.پايدىلىق مەزمۇن بولغاندىكىن يېزىۋەردىم.توغرا چۈشەنگەيسىلەر....
سۈرەتلىك كۆرۈنۈشتىكى ئەسلى مەنبەسى:فەيياز تور بېكىتى
www.feyyaz.org
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلپىدا2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 04:26 AM