|
|
|
|
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەخەللۇسى شۇنداقلا لەقىمى بۇلىدۇ .ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ۋە باشقا ساھەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىگە مەنىسى چوڭقۇر. يېقىملىق بولغان تەخەللۇسلارنى قوللىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ لەقەملىرى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ لەقەملىرىنى شۇ كىشىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىگە ئاساسەن باشقىلار قۇيۇپ قۇيىدۇ . بەزىلەرنىڭ لەقىمى ئاتا مىراس بۇلۇپ ئېلگىركى ئاتا بۇۋىللىرىدىن تارتىپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇلىدۇ ، خۇددى { لەقەم ئاسماندىن چۈشكەن } دىگەندەك بەزىلەرنىڭ لەقەملىرى شۇكىشىنىڭ ئۈزىگە تۇلىمۇ ماسلاشقان ھەم ياراشقان بۇلۇپ . ئوخشاش ئىسىملەرنى كۆپ قوللىنىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىمىز كىشىللىرىنىڭ لەقەم ئارقىلىق بىر - بىرنى ئايرىش ئىشلىرى بىر قەدەر كۆپ كۈرلىدۇ ...
لەقەم بولسا كىشىگە ھەرخىل سەۋەپلەردىن قۇيۇلۇپ قالىدۇ . بىزدە كىنو كۈرۈش ئارقىلىق شۇ كىنودىكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى بىر - بىرىگە لەقەم قىلىپ قۇيۇپ قۇيىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ...
تۈۋەندە مەن يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بىر قۇيۇلۇپ بىز بىلەن يۈز كۈرىشىۋاتقان نادېر كىنولار ۋە شۇ كىنولاردىكى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئەمەلىيىتىمىزدە باشقىلارغا لەقەم بۇلۇپ سىڭىپ قالغانلىرىدىن بىرقانچىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن ....
1 - ئىسپانىيە ھىكايە فېلىمى { زورو رىۋايىتى }
1975 - يىلى قۇيۇلغان دەسلەپكى زورو رىۋايىتى فېلىمىدە { گاسىيا } ئىسىملىك بىر سىمىز كىشى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ، ئۇ ئىكراندا پەقەت تاماق يىيىشنىلا بىلىدىغان ناھايىتى پالاكەت، ۋە يۇمۇرىستىك ھالدا نامايەن بولغان ، مەزكۇر كىنو رايۇنىمىز تىلۋىزىيە قاناللىرىدا قۇيۇلغان ئوننەچچە يىلدىن بىرى . { گاسىيا } دىگەن بۇ لەقەم . ھەددىدىن زىيادە سىمىزلەرگە چىڭ چاپلاشقان ...
2 - { يىلتىز }
يىلتىز ناملىق بۇ نادېر تىلۋىزىيە تىياتىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن بۇلۇپ، بۇنىڭدىكى باش پىرسۇناژ { كونتا كېنتى } ئۆز قەبىلىسىدە بىر ماندىنگو جەڭچىسى بۇلۇپ. قۇلدارلار تەرپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەندىن كىيىنمۇ باشقىلارغا باش ئەگمەي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىدەك، ماندىنگو جەڭچىللىرىنىڭ جۈملىدىن ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد قالدۇرۇپ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنۇتماي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندىگەنلىك ھىكايىسى جەريان قىلىنىدۇ ، مەزكۇر فېلىم سەۋەپلىك جەمىيەتتە تىرە رەڭگى ئازراقلا قارا بۇلۇپ قالغان ئاز بىرقىسىم ئادەملەرگە . { كونتا كېنتى } دەپ لەقەم تەبىئىلا سىڭىپ قالغاندەك قىلاتتى ....
3 - ئەنگىلىيە چاتما تىۋىزىيە تىياتىرى { 5 - باشقارما ھەركەتتە }
80 - يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلار 5 - باشقارما ھەركەتتەتىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرمىگەنلەر ئاز بۇلۇشى مۇمكىن ، مەزكۇر فېلىمدە 5 - باشقارما ئالاھىدە ساقچى ئورگىنىغا قاراشلىق كاۋلى باشچىلىقىدىكى دول ۋە بودىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەپەر ساقچىنىڭ ھەرخىل جىنايەت ئىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننىڭ تىنىچلىقىنى قوغدىغانلىقىدەك ۋەقەلەر ناھايىتى ياخشى بايان قىلنىدۇ . فېلىمدىكى ساقچى بودى ، ئۈزى قاملاشقان ، ئەقىللىق ۋە باتۇر بۇلۇپ مەزكۇر فېلىم قۇيۇلغاندىن كىيىن ، بىرقىسىم ساقچى ئۇرۇنلىرىدىكى ئالاھىدە ئاكتىپ رازۋىتكىغا ماھىر بولغان ساقچىلارغا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بودى دىگەن لەقەم قۇيۇلۇشقا باشلىدى . قارىماققا بۇ ساقچىلار ئۆزلىرىگە قۇيۇلغان بودى دىگەن بۇ لەقەمدىن تازا پەخىرلەنگەندەك كۈرىنەتتى . ئەپسۇس بودى دىگەن بۇ ئىسىمنى يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرمەك ئىتلىرىغىمۇ قۇيۇۋالغان ئىدى ...
3 - { ساقچى باشلىقى خونتېر }
90 - يىللىرى كەڭ كۈلەمدە قۇيۇلغان رازۋىتكا فېلىمى { ساقچى باشلىقى خونتېر } كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك . مەزكۇر فېلىمدىكى ساقچى خونتېر . بۇيى ئىگىز . ئۈزى قاملاشقان . باتۇر شۇنداقلا ماشىنىنى ناھايىتى تىز ھەيدەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇلۇپ، كىنو قۇيۇلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقتىدىكى ماشىنىسى بار ۋە ماشىنىسىنى تىز ھەيدىۋالىدىغانلارنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ماشىنىنى خىنتاردەك ھەيدەيدىكەن دەپ قاراپ قالاتتى . كىيىن خىنتار ياكى خىڭتېر لەقەملىك كىشىلەر مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى .....
4 - بىرازىلىيە ھىكايە فېلىمى { دىدەك ئىزورا }
ئەينى يىللىرى قۇيۇلغان دىدەك ئىزورا فېلىمىمۇ تا ھازېرغا كەلگۈچە قايتىلاپ كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان نادېر كونا فېلىم بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . فېلىمدىكى گىراپ ئالمىدا نىڭ ئوغلى يەنى لىيىنسىيو بەگزادىنىڭ ئائىلىسىدە دىدەكلىك قىلىدىغان يانىئوريا ۋە روزا ئىسىملىك ئىككى قۇلنىڭ ۋەقەلىگىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن بۇلۇپ ، مەزكۈر كىنو قۇيىلغان ئەشۇ يىللاردا يانىئورىيا { ئۈزى سىمىز بىراق، ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئايال قۇل } روزا { ئۈزى ئۇرۇق ناھايىتى شەخسىيەتچى رەزىل قۇل } بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى بەزى مىجەزى فېلىمدىكىگە ئوخشاش ئالاھىدىرەك بولغان سىمىز ۋە ئۇرۇق ئاياللارغا لەقەم بۇلۇپ سىڭىپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان .....
5 - دۆلىتىمىز كىلاسسىك ئەسىرى { غەرىپكە ساياھەت }
ئەڭ دەسلەپكى غەرىپكە ساياھەت تىلۋزىيە تىياتىرى 1986 - يىلى قۇيۇلغان بۇلۇپ .25 قىسىملىق بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىدا تاڭشۈۋەنزاڭ، سۈنۋۇكۇڭ ، جۇباجىي ، شاخېشاڭ ، قاتارلىق ئۇستاز - شاگېرتلارنىڭ غەرىپكە قىلغان سەپىرىدىكى سەرگۈزەشتىللىرى بايان قىلىنغان . 90 - يېللىرىدا مەزكۇر تىلۋىزىيە تىياتىرى ياش - ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن بۇلۇپ ، شۇ ۋاختىدىكى بىر قىسىم سىمىزرەك بولغان بالىلارغا باجىي دىگەن بۇلەقەم چۈيۈندە قۇيغاندەك قۇيۇلۇپ كەتكەن ........
قۇشۇمچە : بۇ تىمىنىڭ يوللىنىشىدىكى مەخسەت ھەرگىزمۇ لەقىمى بارلارنى زاڭلىق قىلىش ئەمەس ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈزىگە خاس يارىشىملىق ئىلمىي لەقەملىرى بار ...، بىراق شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى ، ئەتراپىدىكىلەرگە مەيلى قاملاشسۇن ياكى قاملاشمىسۇن لەقەم قۇيۇپلا يۈرىيدىغان . بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس ...
لەقەم بولغان ئىكەن ئۇ چۇقۇم شۇ كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگىلا قارىتىپ بولماستىن بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىلمىي يارىشىملىق بولغان لەقەملەر ياكى ئىلمىي تەخەللۇسلار قۇيۇلسا مىنىڭچە يامان بولماس ....
مەزكۇر تىمىنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ،
مەنبە : گلادىئاتور
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 04:00 AM
|
|
|
|
|
|