توغراق شەجەرىسى
ھۇۋ قۇشلار توغراقتا ئەنسىز ھۇۋلىشار ،
بورانمۇ ھۆركىرەر شۇنچە ئەسەبى .
توغراقلار تورايدۇ كۆكرەك كېرىشىپ ،
چۈشەنمەس ياپراقلار شۇنچىلىك سەبى .
تۇزۇتۇپ قۇملارنى ، سۇندۇرۇپ شاخنى ،
"مەن غالىپ"دېگەندەك قىلىدۇ ھەيۋە .
ۋە لېكىن قايتىدۇ قاناپ تۇمشۇقى ،
شۇندىمۇ" مەن يەڭدىم "دەيدۇ ئۇ تەلۋە .
بىلمەيدۇ توغراقنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ،
قوغداشقا يۇرتىنى قىلغان قەسەمياد .
يۇتسىمۇ بارخانلار توغراقنى تامام ،
مىت قىلماس كۆزىنى ، دېمەس "پەندىيات" .
ياشايدۇ تالاي يىل بارخان تېگىدە ،
قۇم-بوران توغراقنى قىلسىمۇ قارام .
توغراقنىڭ تېنىدە ساقلانغان سۇلار ،
نوتىلار جېنىغا بىرىدۇ ئارام .
ئانىنىڭ تىنىدىن سۇ ئىچكەن نوتا ،
بارخانلار كۆكسىنى يارار ئوق كەبى .
ئاداققى باھارنىڭ قۇربانى توغراق -
بالىسى كۆكلەيدۇ ، بۇنىسى تەبى .
ئۈلۈم
ھەر بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.
_"قۇرئان كەرىم" دىن.
بىز دۇنياغا مېھمان ، ھامان كېتىمىز .
_ياقۇپ ئەلەيھىسسالام.
بولسىمۇ ساۋاتسىز ۋە ياكى ئالىم ،
كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .
بولسىمۇ رەھىمدىل ۋە ياكى زالىم ،
كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .
دۇنيادىن دەرمانسىز كەتتى لوقمانمۇ ،
"رۇمى"مۇ ئۈلۈمدىن يىراق بولغانمۇ ؟
ھەر ئۆمۈر يۈز يىلدىن ئۇزاق بولغانمۇ؟
كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .
قېنى ئۇ ھۆكۈمران ئەركە چىڭگىزخان ؟
ئىسكەندەر ھەم كەتتى تاپالماي دەرمان ،
كىم سۈردى جاھاندا مەڭگۈلۈك دەۋران ؟
كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .
ئايرىماس باي-گاداي ، ئۇز-سەت ، ياش-قېرى،
تۇرسىمۇ نى ئارمان ، تالاي كەملىرى ،
ئۈلۈمدىن ھېچكىملەر بولمىدى نېرى ،
ھەر ئىنسان كېتىدۇ كەلگەندە ئۈلۈم .
ئۈلۈمنىڭ ھېسابى ھەممىمىزدە بار ،
تۆت كۈنلۈك ئامانەت بۇ جان تەندە بار .
دۇنيادىن كەتمىگەن قايسى بەندە بار ،
كېتىمىز دۇنيادىن كەلگەندە ئۈلۈم .
ياشلىققا تەمەننا قويمىغىن كېتەر ،
بىر كۈنى ساڭىمۇ قېرىلىق يېتەر ،
ھامانە ھاياتىڭ شاملىرى ئۆچەر ،
كەتمەي ھېچ ئىلاج يوق كەلگەندە ئۈلۈم.
ياخشىلار ، يامانلار ھەممە ئۆلىدۇ ،
ياماننىڭ ئىزلىرى تىزلا ئۆچىدۇ ،
ياخشىنىڭ شۆھرىتى قېلىپ كېتىدۇ،
پاك روھى ئۆلمەيدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم.
ياخشىلىق قىلغانلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ ،
ئىزلىرى كۆمۈلمەس قۇملار كۆچسىمۇ ،
ئۇنۇتۇپ قالماس ئەل ئەسىر ئۆتسىمۇ ،
ياخشىلار ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .
يۈسۈپتىن "خاس ھاجىپ" نامى قالغانتى،
مەھمۇدمۇ بىلىمدىن "دىۋان" يازغانتى(1) ،
نەۋائى ئەشئاردىن گۆھەر قازغانتى(2) ،
مىڭ يىللاپ ياشىدى كەلسىمۇ ئۈلۈم .
ئۆلمىدى ئاتايى ، گۇمنام ، زەلىلى ،
ھاياتتۇر نازارى ، خىرقىت ، تەجەللى،
ياڭرايدۇ دىللاردا نازىم غەزىلى(3) ،
ياشايدۇ ئەبەدى كەلسىمۇ ئۈلۈم .
يىگىرمە ئۈچ يىللا ياشىدى لوتۇن(4) ،
كۆيدى ئەل تونۇرى ئىچرە بوپ ئوتۇن ،
شۇڭلاشقا ھاياتى ئۇزۇندۇر - ئۇزۇن ،
ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .
ئەل ئۈچۈن جەڭ قىلدى شېھىت،ئۇيغۇرى(5)،
شادلىق بوپ ئۇلارچۈن ئەلنىڭ ھوزۇرى ،
ئەل ئۈچۈن يالقۇنجاپ سوقتى تومۇرى ،
تائەبەت ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .
ھاياتلىق ئاجايىپ قىسقىدۇر-قىسقا ،
تەڭ قىلما ھاياتنى تىز يوقار ئىسقا ،
ئىنتىلگىن ھاياتتا كۆپ ياخشى ئىشقا ،
ياخشى ئىش ئۆلمەيدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .
ھاياتتىن چىقاردىم شۇنداق بىر يەكۈن:
نە مۇمكىن ئارتۇقراق ياشاشقا بىر كۈن ،
كېتىمىز يا بۆگۈن ، يا ئەتە ئۆگۈن...
ھەر جانغا ھەر ۋاقىت بەخشەندە ئۈلۈم .
ھەممىمىز دۇنيادىن كېتىمىز ، بېراق -
ياخشىلىق ، شان-شەرەپ ئۈلۈمدىن يىراق ،
ھاياتتا ياخشىلىق قىلايلى كۆپراق ،
نامىمىز قالىدۇ كەلگەندە ئۈلۈم .
ھەممىمىز دۇنيادا ياشىغان ئىنسان ،
ياشىدۇق _ بىزدىنمۇ قالسۇن نام-نىشان،
تۇتايلى دۇرۇس يول ، پاك بولسۇن ۋىجدان ،
ئىزىمىز قالغۇسى كەلگەندە ئۈلۈم !!!
(1)مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇ يازغان" تۈركى تىللار دىۋانى".
(2)ئەشئار _ شېئىر .
(3)ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرى .
(4)لوتۇن _ لۇتپۇللا مۇتەللىپ .
(5)شېھىت ، ئۇيغۇرى _ نىمشېھىت ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ .
ئەركەكلەر
تاغلار باسسا،تاش يېرىپ ئۈنۈپ ياشا ئەركەكلەر ،
كۈلپەتلەرگە يەڭلەرنى تۈرۈپ ياشا ئەركەكلەر ،
مۈشكۈللەرگە باش ئېگىپ يىغلىغانلار ئەر ئەمەس،
ياراشمايدۇ مىشچانلىق كۈلۈپ ياشا ئەركەكلەر .
يەر تىترىسۇن نامىڭدىن،زاتى ئۇلۇغ ئەركەكنىڭ،
ئاتالغىنى يوق تېخى ئەركەك بولۇپ تەنتەكنىڭ ،
قۇلى بولما شەيتاننىڭ،(ئۇيقۇ بىلەن ئەسنەكنىڭ)،
ھاياتلىقتا كاراپتەك ئۈزۈپ ياشا ئەركەكلەر .
ئەرنىڭ قۇتى قەتئىيلىك ھەم ساپالىق،ساقلىقتۇر،
كەڭ قورساقلىق-مەرتلىكتە ھەر بىر تىنىق تاتلىقتۇر،
تۇرمۇش گۈزەل بىلگەنگە دەرتنىڭ تېگى شاتلىقتۇر،
شاتلىقىنى تۇرمۇشنىڭ سۈرۈپ ياشا ئەركەكلەر .
ئەركەك دېمە بەڭ چەككەن،بوتولكىلاپ ئىچكەننى،
تاۋكالاردا ئاتىنىڭ قان -تەرىنى تىككەننى ،
ساڭا دېسە باش بولۇپ،ئەلگە دېسە يىتكەننى ،
شەيتان قۇلى نەپسىڭگە قۇلۇپ ياسا ئەركەكلەر.
ئىشلىمىسەڭ ھەيكەلسەن تۈرۈپ قويۇپ بىلەكنى،
بېكار سېنىڭ تەر تۆكمەي تىلىگىنىڭ تىلەكنى ،
زامان-يىڭى زاماندۇر،تاللار ھامان كېرەكنى ،
ئەل-قەۋمىڭگە كېرەكلىك بولۇپ ياشا ئەركەكلەر.
ئۆزگە باغنىڭ گۈلىنى كۆرۈپ بېھۇش-مەس بولما،
تاۋار چەكمەن سەن تۇرۇپ، يىرتىق ماتا،خەس بولما،
ئائىلەڭنىڭ ، قەۋمىڭنىڭ نەزىرىدە پەس بولما ،
ئائىلەڭگە چىن كۆڭۈل بۆلۈپ ياشا ئەركەكلەر .
تولا زۆرۈر ئادەمگە ۋاپادارلىق، ساداقەت ،
ساداقەتلىك تۇرمۇشنىڭ كەپىسىمۇ پاراغەت ،
خىيانەتنىڭ زامانى قىيامەتلىك ئالامەت ،
ۋاپا ،ئىمان ،سۆيگۈگە تولۇپ ياشا ئەركەكلەر.
ئەركەك دېسە ھۆرمەتتە تاغلار ئەگسۇن بېشىنى،
ئەركەك دېسە ئۆلگەننى قوياش تۆكسۇن يېشىنى،
ئاياللارمۇ پۈۋلىمەس لىڭتاسمىنىڭ مېشىنى ،
بۈيۈكلۈكنى ،غۇرۇرنى سۆيۈپ ياشا ئەركەكلەر.
قېنى، نەدە ئەركەك ؟! دەپ زارلانمىسۇن بۇ ماكان،
ۋىجدانى يوق بوشاڭدىن خارلانمىسۇن بۇ ماكان ،
ئويغىنايلى بىز قالدۇق ،نەگە كەتتى بۇ جاھان ؟!
ۋەتەن - خەلقىم ئوتىدا كۆيۈپ ياشا ئەركەكلەر!
قىشقا ئاتاپ
قەلبىمنى ئۆزىگە قىلالماس جەلىپ،
دېرىزەم يۈزىگە چەكسىمۇ نەقىش .
كۆمۈرنىڭ ئوتىغا بولمايمەن ئەسىر،
ئەي رەزىل ،مۇز چىراي،جاھالەتلىك قىش.
قاراپ تۇر بىر كۈنى كۆتۈرەر ئىسيان ،
يۈرۈگۈم باھار دەپ قىلماقتا قەغىش .
ئالماشقان سۈرەت
بىزنى دوراپ يېسە مايمۇن باناننى ،
قىلىق قىلدۇق تەقلىد قىلىپ مايمۇنغا .
كۆردۈم بۆگۈن مايمۇن سىياق جاناننى ،
ياقا تۇتتۇم ، يۇلۇقتۇممۇ ھايۋانغا .
پەمىدۇردەك قىزارتىپتۇ لېۋىنى ،
يەتمىگەندەك ئەسلىدىكى قىزىللىق .
كۆمىۋاپتۇ ئۇپا بىلەن يۈزىنى ،
تەبەسسۇمنى كۆرمىسۇن دەپ خىجىللىق.
ئۈچەي كەبى ئىشتىنىدىن ئايلىناي ،
چاچلىرىنى كېسىپ قامچا ئەتتىمۇ ؟
تىرنىقىنى ئالماپتۇ-دە پايلىماي ،
ياكى ئاڭا بىرەر ۋەس-ۋەس يەتتىمۇ ؟
كۆيگەن چېغى بېشىدىكى ياغلىقى ،
ئاتەش كەبى دولقۇن چاچلار تەپتىدە .
قارماققىلا ئوخشاپ قاپتۇ قاشلىقى ،
يۈرەمدۇ يا بىرەر بىرەر بىلىق قەستىدە .
شۇندا مەنمۇ كۈرۈپ قالدىم ئۆزۈمنى ،
ئۆيۈمدىكى ئادەم بويى ئەينەكتىن .
ئاھ ، نە قىلاي ئۇشبۇ قارا يۈزۈمنى ،
پەرىقلىقمەن ئۇيغۇرغا خاس ئەركەكتىن .
بېشىمدىكى دوپپام نەگە كەتتىكىن ؟
بوينۇمدا بار ئىت - مۈشۈكنىڭ زەنجىرى .
قايسى شەيتان بۇ سىياقتا ئەتتىكىن ،
يا شۇنداقمۇ بۇجاھاننىڭ تەقدىرى ؟
گەدىنىمدە يەلپۈنىدۇ چاچلىرىم ،
بارمىقىمدا تىللا ئۈزۈك پارقىرار .
يۈكسەكلىككە ئىنتىلىدۇ باشلىرىم ،
نىگاھىمدا يىڭىلىقلار تارقىلار .
توۋۋا ، ھەي ئايلىنىپتۇق قىزلارغا بىز ،
قىزلارمۇ ھەم بولىۋاپتۇ بىز سىياق .
تاشلىۋەتسەك ئەنئەنىنى شۇنچە تىز ،
قالماسمىزمۇ ئاخىر بىر كۈن بىز ياياق ؟!
بىلەتتىڭ
كۈلمەس ئىدىڭ ، يۈرەكنى كۆرۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ ،
ئوتتىن ئۇلۇغ ھاياتتا كۆيۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
ئاچچىقىنى زەھەردەك سەنمۇ شۇندا ھاياتنىڭ ،
ۋىسال ئىزلەپ چۆللەردە ئۆلۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
.
.
كۈلكە دېمە ھاياتنى ، بەخىت قونسا بېشىڭغا ،
ئۈندۈرەرسەن بىر كۈنى سەنمۇ گىياھ يېشىڭدا ،
ئوغا بولار بىر زامان ئىچكەن ھەر ۋاخ ئېشىڭدا ،
دېڭىزىغا ئازاپنىڭ كىرىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
ياخشى تولا جاھاندا ، يەتكۈچە بار يامانمۇ ،
ئالتۇن رەڭلىك چەش بىلەن ھەر ۋاخ بىرگە سامانمۇ ،
كۆكلەيدىكەن يەتكۈچە ئۈزۈمى يوق باراڭمۇ ،
يۈرۈگۈڭنى رەڭۋازغا بىرىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
.
.دوستۇڭمەن دەپ بىرىنىڭ كۈلكە تولار چىھرىگە ،
ئېرىپ كېتەر ھەتتاكى قارا تاشمۇ مىھرىگە ،
جۆندەر سېنى تۇيدۇرماي رام بولغاندا سېھرىگە ،
قۇچىقىڭنى دوستلارغا ئېچىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
.
قاش ئوينۇتۇپ ، كۆز قىسىپ كەلدى بىر قىز ناز بىلەن ،
ئاشىقىم دەپ توۋلىدى تەڭكەش قىلىپ ساز بىلەن ،
قارغا كۆمدى دىلىمنى شۇنچە گۈزەل ياز بىلەن ،
تۈلكە مىسال قىزلارنى سۆيۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
.
باقماس ساڭا بۇ ھايات ، چىدام كېرەك كۆنۈشكە ،
گاھ ئۇچرايسەن سۆيۈشكە ، گاھى تىرىك كۆمۈشكە ،
نۇمۇس ياتماق كۆمۈلسە ، ئىنتىلىپ باق ئۈنۈشكە ،
گاھ كۆمۈلۈپ يىڭىدىن ئۈنۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
سىنىقى كۆپ ھاياتنىڭ ، كىمدىن ئازار يەتمىگەن ؟
بوياپ "رەڭ"دە كىمنى ئاق ، كىمنى قارا ئەتمىگەن ؟
ھەر قەدەمدە پۇتلۇشۇپ كىم ئارماندا كەتمىگەن ؟
سىنىقى كۆپ ھاياتقا كۆنۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق
چاڭ سالىدۇ بىرلىرى سايراپ ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
جان بىرىدۇ بىرلىرى زارلاپ ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
ھەر كويلاردا ھەركىم نەپسىدە ،
نەپسى ئۈچۈن بەزى ھەپسىدە ،
ھەپسىدىمۇ كەلمەس ئەسلىگە ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
بايلىق ئۈچۈن سېتىشتى ئاقنى ،
ئۇرۇپ مەجرۇھ قىلىشتى ساقنى ،
يۇقۇتۇشۇپ ئىنسان سىياقنى ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
ھەتتا پۇلغا ۋىجداننى ساتتى ،
ھالال تەرگە ھارامنى قاتتى ،
يات قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
قىزىقسىچۇ پۇلچىلىك پەنگە ،
زەررە تۆھپە ياراتسا ئەلگە ،
ھاياتىدىن قالاتتى بەلگە ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
ئىلىم-پەنمۇ ياراتتى بايلىق ،
شەھەرلەرگە ئايلاندى سازلىق ،
"پەننىڭ پۇلى" قىلۇرمىش ئازلىق،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
..
ئوخشامدۇ ئېيىت ھالالغا ھارام ،
قايسى بېرەر جېنىڭغا ئارام ،
ئارام دېمەي بۇلۇشتۇق قارام ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
..
ئەلگە ئۆزىن ئاتىغان باردۇر ،
شۇ يولدا شاد ياشىغان باردۇر ،
شۇنداقلارغا بەخىتمۇ ياردۇر ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
..
جان كۆيدۈرۈپ ۋەتەن دېگەنلەر ،
ۋەتىنىم دەپ غېمى يىگەنلەر -
كۈرەش ئۈچۈن دۇلدۇل يۈگەنلەر ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
قان تۆككەنلەر شەرەپلىك ھامان ،
شورىغانلار يوقىلار ھامان ،
قان ئىزىدا ئۆزگىرەر جاھان ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
قوۋناق جاھان كۆرەش مېۋىسى ،
ئۈزمەس ئۈنسىز ئەرك كېمىسى ،
بۈركۈت شاتۇت بولغان نېمىسى !
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
..
تۈزىلەيلى بىزلەرمۇ دوستلار ،
تەر تۆكۈلسە زىرائەت ئوخشار ،
شۇندا بىزنىڭ ئېشىمىز ئوخشار ،
ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .
.
.
يارسىز ياشاپ باقساڭ بىلىسەن
.
ياخشى ياردىن زارلىغان بىلەن ،
يامانغا باش قاتساڭ بىلىسەن .
مۇھەببەتنى خارلىغان بىلەن ،
يارسىز ياشاپ باقساڭ بىلىسەن .
ياخشى يارنىڭ قەدرىگە يەتمەي ،
شەيتانلىرىڭ بېشىڭدىن كەتمەي ،
كۆزلىرىنى ياشلىغان بىلەن ،
يارسىز ياشاپ باقساڭ بىلىسەن .
بۇلبۇل ئۈچۈن ئېچىلسا غۇنچە ،
يۈرىگىنى يىغلىتىپ بۇنچە ،
ئازاپلارغا تاشلىغان بىلەن ،
يارسىز ياشاپ باقساڭ بىلىسەن .
قەدرىگە يەت قەدىرلىگەننىڭ ،
بەختىڭ كۈلەر شۇندىلا سېنىڭ ،
ئۈجمە كۆڭۈل ياشىغان بىلەن ،
يارسىز ياشاپ باقساڭ بىلىسەن .
ئۇلۇغسەن دېھقان
مۇخەممەس
چارچاشقا پەرۋاسىز ، شۇنچىلىك ئىشچان ،
ئەمگەكتە پولاتتەك تاۋلىنىپ پىشقان ،
ئەجرىدىن ئۈندۈرۈپ قىزىلگۈل قىسقان ،
شۇ سىياق كەسىپلەر تۆرىگە چىققان ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
بىر تامچە قان-تەرىڭ ياسايدۇ بىر دان ،
مېھنىتىڭ مەھسۇلى داندىن پىشقان نان ،
ئۇ سۆڭەك يىلىكى ، تۇمۇرلارغا قان ،
شۇ يىلىك ، شۇ قاندا ئۆرە تۇرار جان ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
ئىشلىدىڭ ۋايسىماي ئىسسىق-تومۇزغا ،
سۇ كەچتىڭ چىش چىشلەپ قىشلاردا مۇزغا ،
ئوخشاشلا نان بەردىڭ كۈرۈمسىز ، ئۇزغا ،
مۇشىت بەردى بەزىلەر سەن بەرگەن تۇزغا ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
يېمىدى قايسى جان سەن بەرگەن ئاشنى ،
ئاش يېمەي ياردىمۇ تاھىرمۇ تاشنى ؟
ئۇنىڭسىز قۇردىمۇ توغاننى ،قاشنى ،
شۇندىمۇ سۈرتمىدى كۆزۈڭدىن ياشنى ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
ئەجىر ۋە نەتىجەڭ ھەممىدىن ئارتۇق ،
ۋە لېكىن بەرمىدى تۆھپەڭگە تارتۇق ،
ئەرزىڭ يوق ، دېمىدىڭ "بىز جاپا تارتتۇق ،
ھەممىنىڭ ئالدىدا مانا بىز باردۇق "،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
قانائەت ، شۈكۈرگە ئۆگەنگەچ قەلبىڭ ،
شۇ سەۋەپ يوقلۇققا ۋايسىماي كەلدىڭ ،
ئۆزۈڭ ئاچ قالساڭمۇ مېھمانغا بەردىڭ ،
خىسلىتىڭ يار بولغاچ كۈندە يۈكسەلدىڭ ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
دادلىماس بولسۇن ئۇ شۇمنىڭ قەستىدىن ،
دېھقانمۇ شات كۈلسۇن باھار پەسلىدىن ،
ھاكىممۇ ، ئالىممۇ دېھقان نەسلىدىن !
قۇرۇسۇن ۋەسلىدىن ، تانغان ئەسلىدىن ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
مەنمۇ شۇ شەرەپلىك دېھقان بالىسى ،
مېنىڭمۇ پەريادىم دېھقان نالىسى ،
ئەملەنسۇن دېھقاننىڭ قەلىب يارىسى ،
شادلىقتىن بېزەلسۇن ئۆيى-خانىسى ،
ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .
قىمارۋاز
(مۇخەممەس)
سەن بەختىڭنى تاۋكادىن تاپالامسەن قىمارۋاز ،
ئارتۇقۇڭدا كېمىڭنى ياپالامسەن قىمارۋاز ،
"دەتتىكام "دا بىر قىردىن ئاشالامسەن قىمارۋاز ،
زاغرىنى گۆش يىگەندەك قاسالامسەن قىمارۋاز ،
توغرا يولدا بىر قەدەم باسالامسەن قىمارۋاز ؟
..
زىكىر قىلىپ ھەر دائىم "جەمشىت " پىرنىڭ نامىنى ،
بالدەك تېتىپ ئىچىسەن ئەلنىڭ تەرى-قانىنى ،
سىتەم بىلەن قىينايسەن ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ جانىنى ،
ئايلاندۇرۇپ تۈتۈنگە ئاتا-ئاناڭ بارىنى ،
شۇ قولۇڭدا "ئاي" غا تاش ئاتالامسەن قىمارۋاز ؟
.تۆت ئوشۇقنى تاۋكاغا مەيدە قېقىپ ئاتىسەن ،
ھالال تەرنىڭ تەمىنى سەن ھارامغا قاتىسەن ،
ئۇتتۇرغاندا ھەتتاكى غۇرۇرۇڭنى ساتىسەن ،
قەرىزلەرگە بوغۇلساڭ چاشقان كەبى قاچىسەن ،
كېچىلەردە خىرامان ياتالامسەن قىمارۋاز ؟
ئويلىمايسەن ئەتىنى شۈكرى قىلىپ بۈگۈنگە ،
بىر تال نانغا تەشنادۇر بالا-چاقاڭ ئۆيۈڭدە ،
ئاتا-ئاناڭ ئاقسىمۇ ھەركۈن سېنىڭ سۆيۈڭدە ،
لېك① ۋاپادىن ئەسەر يوق سەن توۋلىغان كۈيۈڭدە ،
ئۇشبۇ ۋاپا قەرزىدىن قاچالامسەن قىمارۋاز ؟
..
سەن ئويلىساڭ ئۇتۇشقا ھەرخىل ئامال-چارىنى ،
تەقدىر سەندىن ئېپ كەتتى ئامەت-قۇتنىڭ بارىنى ،
شور پىشانەڭ تاتىلار ھەم سەندىكى يارىنى ،
ئۈزۈۋەتسەڭ ئەجدادىڭ ئۇرۇپ كەلگەن تارىنى ،
يەنە سازنى مۇڭ كۈيگە چالالامسەن قىمارۋاز ؟
.
كۆزۈڭنى ئاچ ئويغۇنۇش ئەمدى ساڭا پەرىزدۇر ،
ۋاپا قىلىش ئەجىرگە زىممەڭدىكى قەرىزدۇر ،
بىلسەڭ ئاتا-ئانىنىڭ مىھرى گويا دېڭىزدۇر ،
ئۇلار ئەمدى سېنىڭچۈن ئۇلۇغۋاردۇر ، ئەزىزدۇر ،
ئۇلار ئۈچۈن ئۆركەشلەپ تاشالامسەن قىمارۋاز ؟! (1) لېك _ لېكىن دېگەن سۆز شۇنداق ئېلىندى .
.
قىيامەتكە قالدى بىر قەدەم !
(چاچما شېئىر)
چىقتى قوياش بىنا كەينىدىن ،
تۇرخۇنلاردا ئىس ئەجدىھاسى .
بۇندا كۆركەم قارلىق تاغلار يوق ،
بۇندا گۈزەل بېھىش باغلار يوق،
ئېچىلمايدۇ خۇشبۇي گۈل-چېچەك...
ئۆزگىلەرگە قارار ھالى يوق
ئەسلا كارى يوق
ئادەملەر ئالدىراش ماشىنىلاردەك؛
سۆيگۈ دەيدۇ-
ئەمما پايخان ئەقىدە ،
ماڭدامدا بىر يالغان ۋەدە .
ئېيتىڭلار !
ساداقەت ئۆلگەن ئىدى قەيەردە ؟!
ئەخمەقلىق بولدى ۋاپا ئاقتۇرۇش
ساداقەت-ۋاپا قەبرىلەنگەندەك .
.
.
.
قەھرىمانلىق بولدى ئەپسانە ،
ئۆچكىلى نېكەم سارغۇچ بەتلەردىن .
كىر يۇيىدىغان ئەر تۇغۇلدى ،
"يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت" پۇشتىدىن.
باتۇرلۇق_
قاۋاقلاردا رومكا سوقۇشتا ،
مەردلىك ، سېخىيلىق_
تاۋكالاردا مەيدە ئۇرۇشتا...
پىچاق دادلىشىپ تۇرار غىلاپتا ،
ئەركەكلەر جىمجىت ئۆلەر كارىۋاتتا .
.
.
.
ئىپپەت ئۆلگەن ، شەھۋەت قاپلىغان ،
يالىڭاچلىنىش "ئازادلىق"بولغان ؛
تۇنجۇققان ۋىجدان ،
ئەخلاق پايخان ،
جاھاننى قاپلىغان گۇناھ - خىيانەت .
شەھەر...
ئەنئەنىلەر ئەسكى چاپان سانالغان ،
يىڭىلىق سەلدەك-توپاندەك باسقان ؛
ئائىلە ۋەيران
بالىلار سەرسان
گۇناھسىز كۆزلەر يىغلاپ قالغان...
ئاياللار ئالۋاستى
ئەرلەر خۇددى كىشەنلەنگەن قۇل .
ئەي ئىنسانىيەت !
بىزگە يېقىن قىيامەت .
كەل ئىنسانىيەت !
"مەدەنىيەت" ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ
ھالاكەتنىڭ ھاڭىغا سەكرەيلى ئۇدۇل !
.
.يېقىنلاشتى دۇنياغا توپان ،
ھالاكەتكە يۈزلەندى ئىنسان !
.
كۈتەر بىزنى ھالاكەت ،
ئۆلمەكتە ئالەم ، ئۆلمەكتە ئادەم .
كۆزۈڭنى ئاچ ئەما ئىنسانلار ،
قىيامەتكە قالدى بىر قەدەم !
غەزەللەر
باردۇر
ئەجەپلەنمەڭ بۇدۇنياغا،بۇدۇنيادا ئۇيۇن باردۇر .
قۇياش كۈلگەن باھاردىمۇ سۆرۈن تەلەت قۇيۇن باردۇر.
پىرقىراتسا تەتۈر قۇيۇن تىنەپ قالماس بىچارىلەر ،
ئۇلارنىمۇ ئاسرايدىغان مىھرى ئىللىق قويۇن باردۇر .
مەزلۇملارنىڭ نالىسىدىن زوقلىنىشقان بىغەملەرگە ،
قۇيۇن باسقان شەھەردىمۇ نەغمە-ناۋا،سورۇن باردۇر .
دىلى تۇيۇق بىغەملەرنىڭ ناۋاسىمۇ چەكسىز ئەمەس ،
پەقەت چەكسىز مۇھەببەتلا،ئاڭا دىلدىن ئورۇن باردۇر .
سەۋىر قىلساڭ غورىدىنمۇ ھالۋا پۈتەر تاڭلا كۈنى ،
ھەرە بۇلۇپ بال بېرىشكە بىزدە نۇرغۇن بۇغۇن باردۇر .
بۇغۇنلارغا ئازار قىلسا چېقىپ ئەبگار سېرىق ھەرە ،
مەيدىسىنى قالقان قىلىپ توسۇيدىغان لۇتۇن باردۇر .
لۇتۇن ئۆلمەس،بۇغۇنلارنى بال ھەرىسى قىلماي تۇرۇپ ،
چۈنكى ئۇندا"دۇئا ئالغان قېلىچ كەسمەس بويۇن"باردۇر .
كۈنى كەمتۈك بولىۋەرمەس تۈننى يارغان كۆكتىكى ئاي ،
ئايلىنىدۇ يەر شارىمۇ،بىر كۈن چىقار تۇلۇن باردۇر .
ئوينا
ئوينىغىن،دوستلىرىم ئوينا،سەتەڭنىڭ نازىغا ئوينا .
قولىغا ئالدى دۇتتارنى قېنى چۈش سازىغا ئوينا .
سۆيگۈ دەپ تىنىدىڭ بىر چاغ غازاڭدەك سارغىيىپ جۇتتا،
قولۇڭدىن تارتتى ئايۋانغا،ئىشىقنىڭ يازىدا ئوينا .
قايسى بىر غەملىرىڭ قالدى تېرىكىڭ تۇرسا توغراقتەك ،
چۆرىۋەت ھەممە ئارماننى، ئاتاڭنىڭ بارىدا ئوينا .
كۈنۇ-تۈن قايىتمىدىڭ ئۆيگە قاۋاقتا مەسىت-ئەلەس ئويناپ،
غېمىڭدە تۆكسىمۇ قان-ياش ئاناڭنىڭ زارىغا ئوينا .
چىشلىمەي يىغسا ئوغلۇم دەپ تەر تۆكۈپ كۈنى مېھنەتتە ،
چوڭ تىكىپ قېنى ئات ، ئۆينىڭ مال-مۈلۈك بارىغا ئوينا .
ئۇتتۇرۇپ ھەممىنى بىر كۈن بۇلۇپ قالغاندا بىتەلەي ،
زار بۇلۇپ قالساڭمۇ ھەتتا بىر پۇچۇق زاغرىغا ئوينا .
تاپالماي كۈنى بىر ۋاخ نان ئەلەمدە زارلىساڭ ئاچچىق ،
يەپ-ئىچىپ ئوينىغان كۈننىڭ پۇشايمان غارىدا ئوينا .
ئويۇن دەپ ئۆتتى كۆپ ۋاقتىڭ ئويلىماي ئۆزگىنى ئەسلا ،
سۆڭەككە يەتتى پاسىقلىق غۇرۇرۇڭ دارىدا ئوينا .
ئوينىدىڭ ئەمدى ئويلانغىن كېلەچەك،بەختۇ- ئارمان دەپ،
بىر ھالال جۈپ بىلەن دوستۇم تويۇڭدا ناغرىدا ئوينا .
گۈلۈم نەدە؟
ئەجەپ قىلدى بۇ ئاشىقلىق مېنىڭ گۈلگۈن كۈنۈم نەدە ؟
سەبىيلىكتىن قاناتلانغان خۇشال چاقچاق،كۈيۈم نەدە ؟
قاچان كۆردۈم ،ساڭا كۆيدۈم بولۇپ ۋەيران پىراقىڭدا ،
كۈرەلمەيمەن سىياقىمدا ، ئاساۋ ئاتتەك ئۆزۈم نەدە ؟
سامان بولدى گۈزەللىكتىن ئۇزۇق ئالغان چىرايلارمۇ ،
تەبەسسۇمدىن ئېلىپ ئەندىز كۈلۈپ يۈرگەن يۈزۈم نەدە ؟
سېنى كۆردۈم ، كۆرەلمەيمەن سېنىڭدىن يات چىرايلارنى،
بۇلۇپ قالدىم غېرىپ ئەما مېنىڭ ئويناق كۆزۈم نەدە ؟
خىيال باستى قېچىپ ئۇيقۇم ساڭا يىپسىز بۇلۇپ تۇتقۇن،
شىرىن چۈشلەر كۆرۈپ تاتلىق كۈلۈپ ياتقان تۈنۈم نەدە ؟
يۈرەگىمدىن تۆكۈپ قان-ياش،ئەقىدەمدىن ئۇرۇق چاچسام،
ئۈنۈپ،ئايناپ چېچەك ئاچقان مېنىڭ سۆيگۈ گۈلۈم نەدە ؟
نېمە مەنە تاپارمەن ئېيىت سېنىڭسىز يار بۇ ئالەمدىن ،
سەنسىز بىتاپ ياشىماقتىن ماڭا ئارتۇق ئۈلۈم نەدە ؟
نىگارغا نىدا.
.
بۇ سۆيگۈدە شاھ ياراتتى سىنى خۇدايىم ،
مەن غېرىپنى قۇل ئەيلىدى ساڭا ئۆز رايىم ..
يىغلاپ تۇرۇپ ئەقىدەڭگە تېۋىنسام جانان ،
پەرۋايىڭ يوق تىلىكىمگەدېدىڭ "نە كارىم ".
.كۈز رەڭگىدەك سارغايغىنىم سەن ئۈچۈن كۈلكە ،
دۈشمەنلىرىم كۈلدى قەھ-قەھ ، يىغلىدىم يارىم .
.بىلمەپتىمەن بىر تاش يۈرەك ، زالىم ئىكەنسەن ،
پەرۋايىڭغا ئېلىنمىدى مېنىڭ ئاھ ، زارىم .
.سېنىڭ ۋەسلىڭ كىبىر بىرلە ئورالغان ئىكەن ،
سېنى سۆيۈش غۇرۇرۇمغا بولۇپتۇ دارىم .
ھەر كۈنى
.
ۋەسلىنى ئىزلەپ نىگار تارتتىم مالامەت ھەر كۈنى ،
ئىزلىدىم ، تاپالمىدىم چەكتىم نادامەت ھەر كۈنى .
.مۇز كېچىپ گاھى تومۇز ياياق پۇتۇمدا قىينىلىپ ،
ئۆتسىمۇ ئۆمرۈم ، نىگار سۈردى ھالاۋەت ھەر كۈنى .
.سودىسى ئاقماس غېرىپ باققالغا ئوخشاش زارىمەن ،
ۋە لېكىن كۆكلەپ نىگار قىلدى تاپاۋەت ھەر كۈنى .
.كۆكلىدى ، كۆكلەرگە تەڭ ئاشتى ئىناۋەت-شۆھرىتى،
شۇ سەۋەپ سانسىز زەبۇن قىلدى تىلاۋەت ھەر كۈنى .
.ھۆسنىدە تاڭ قالدۇرۇپ ، ئۆرتەپ گۈزەللەر باغرىنى ،
ھەم رەشىك ئوتلارىدا چىقتى كارامەت ھەر كۈنى .
.ئاشىقى چاچراتسا قان ، ھەسرەتتە ھۆرلەر چاچ يۇلۇپ ،
ئۇ ئىشىق بازارىنى قىلدى قىيامەت ھەر كۈنى .
.گەر سىناق كەلسە ماڭا ئۆلمەككە ھەتتا يار ئۈچۈن ،
مەن باراي قالسۇن جانان ، بولسۇن سالامەت ھەر كۈنى .
نىگار
مېنى مەست قىلغان بۈگۈن مەي ئەمەس ۋەسلىڭ نىگار ،
زارلىتىپ كۆيدۈرگىنى ئوت ئەمەس تەپتىڭ نىگار .
.ئارمىنىم مەسىتلىك چېغىم بىر كۆرۈپ تاپسام داۋا ،
ھەم راۋا ئاشىق ئۈچۈن گۈل باھار پەسلىڭ نىگار .
.تۈنلىرى ئۇيقۇم قاچار ، كۈندۈزى ھويلاڭدىمەن ،
گاھىدا چويلاڭدىمەن نە سېنىڭ قەستىڭ نىگار ؟
.بىر نىسىپ بولالمىدىم سەن بىلەن سۆھبەتكە مەن ،
كۆرگىنىم بولدى پەقەت گۈل بەدەن بەستىڭ نىگار .
.بىر ۋىسال قىينار مېنى سەن ئۇنى كۆرسەتمىدىڭ ،
ئۆزگىدە كۆڭلۈڭ سېنىڭ ئېيىتقىنا راستىڭ نىگار ؟
يۈرەك ناخشام
ساڭا ئاتاپ ناخشا ئېيىتتىم ئېيىتقانلىرىم يۈرەك ناخشام ،
ناخشا ئېيتىپ سەھەر-ئاخشام ۋىسالىڭغا تىلەك ناخشام .
.ئېيتىۋەرسۇن زىرىككەندە توختاپ قالار دېيىشتى خەق ،
سۆيگۈ كۈيى توختىمايدۇ مۇھەببەتتىن دېرەك ناخشام .
..توختىتالماس قۇيۇن،تومۇز،شىۋىرغانمۇ،جۇدۇن-قارمۇ ،
باھار،ياز،كۈز،قىش پەسلى ھەم ھامان ئاچار چېچەك ناخشام.
.ئاڭلىمايسەن جانان بىراق ، چۈنكى سەن مەندىن يىراق ،
ئېيتىۋەردىم شۇنداقتىمۇ ، يوق بۇنىڭدىن بۆلەك ناخشام .
..بۇ مۇھەببەت ناخشىسىنى تۈگىتەلمەس ھېچبىر كىشى ،
ئۇ ئەبەدىي ياڭرار ياران ، ئۈزۈلمىسە كېرەك ناخشام !.
كۆڭۈل
. سەن بولمىساڭ گۈل نىگارىم ئېچىلىپ كۈلمەس كۆڭۈل ،
سەن يوق باغقا گۈل غۇنچىسى ئۈزگىلى كىرمەس كۆڭۈل .
..بارىڭدا سەن كۈلگەنىدىم ، ئايرىلىپ تارتتىم ئازاپ ،
سەنسىز ئۆتكەن ئۇشبۇ كۈنلەر شادلىق نېمە بىلمەس كۆڭۈل .
..سەن ياندۇرغان سۆيگۈ ئوتى ئۆچمەيدىكەن ، كۆچمەيدىكەن ،
سەندىن ئۆزگە گۈزەللەرگە كۆڭۈل بېرىپ كۆيمەس كۆڭۈل .
..ئوتتا قۇربان بولدى پەرۋان ، مەنمۇ شۇنداق ۋەيرانىمەن ،
كېپىنەكتەك گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ-ئۇچۇپ يۈرمەس كۆڭۈل .
..تالاي رىشتە زەنجىرىنى ئۈزدى تەقدىر بازغىنى ،
قانچە ئۇزۇن بولسۇن ھىجران سەندىن ئۈمۈد ئۈزمەس كۆڭۈل..
ئىلتىجا
.
ئەي تومۇچۇق ، سورارسەنمۇ مېنىڭ ۋەيران بۇ ھالىمنى ،
ئۆزۈڭ سالغان قارا ئوتتا ئازاپلانغان پىغانىمنى .
..بىغەملەردىن ئىدىم ، تارنى ئۇرۇپ كەلگەن خۇشال كۈيگە،
قاچان ئۇچتۇڭ ، كىلىپ قوندۇڭ كېكەچ قىلدىڭ دۇتارىمنى .
..ئەجەپ رەڭدار ئىدى دۇنيا قۇچۇپ كەلگەن تەبىئەتنى ،
ھالا ئەمدى ئەسىر قىلدىڭ سىمايىڭغا نىگاھىمنى .
..مېڭىپ كەلگەن تونۇش يوللار ئېزىپ كەتتىم كۈنى نەچچە ،
ئەجەپ قويدۇڭ مېنى دەرتتە ئەسىر قىلغاچ خىيالىمنى .
..تۇمۇرۇمدا ئاقار تىنماي ، سېنىڭ ئىشقىڭ بولۇپ كارۋان ،
يۈرۈگۈمگە تولار ئاخىر ، قىلىپ ۋولقان ئازابىمنى .
..پەقەت بىر رەت كۈلۈپ باقساڭ سىغارمىدى جېنىم تەنگە ،
نېمە بۇنچە ئازاپلايسەن قېنى ئېيىتقىن گۇناھىمنى ؟
..شەرەتلەيسەن مېنى كۆلگە ، كۈلۈپ بارسام قۇيۇپ چۆلگە ،
ۋىسالىڭغا قىلىپ تەشنا ئالامسەن يار بۇ جانىمنى ؟
.
مەنبە : ئۆز ئىجادىيەتلىرىم .
2010~2012-يىللار.
خوتەن~قاراقاشتا يېزىلغان.
ئىسيانكار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا !isyankar! تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-28 02:32 AM