hrustal يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 03:54 PM 
كورلا چەرچەن ناھيسىدىن ، نەدىن بولۇشىمزدىن قەتئىينەز ...
ئۆزلىرىگە گەپ ياندۇرغىمىز زادى يوق ئىدى.شۇنداقتىمۇ نەچچە كۈن قارىماي تۇيۇقسىز ئىنكاسلىرىغا كۆزىمىز چۈشۈپ قېلىپ،ئۈندەش بەلگىلىرىدىن بىر مۇنچىنى بېسىپ بولالماي قاپىرىپ كېتەي دەپ قالغان قوللىرىغا ۋە ناھايىتى ھاياجاندا 300گىرادۇستىنمۇ يۇقىرىراق ھارارەت بىلەن قايناپ تۇرۇپ يازغان ئىنكاسلىرىغا ئىچىمىز ئاغرىپ قالدى خېنىم.شۇنداق قىلىپ ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى لايىق تېپىپ كۇنۇپكىنى تاتىلاپ قالدۇق.تېخىمۇ قايناپ قۇلاقلىرىغىچە تېشىپ كەتمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئالدىنئالا ئۈزۈر؛
بۇ سەت گەپلەرنى كەمىنە ئىجاد قىلمىغان.تۇرمۇشتىن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاننى يېزىپ ساپتىمىز.بۇنى ھەممە ئادەم ئۈگەنسۇن،تارقاتسۇن دېگەن مەقسەتتە يازمىغان،بەلكىم ئىبرەت بولسۇن دەپ يېزىپ يوللاپ ساپتىمىز.بەك چىرايلىق-سۈپەتلىك يەرلىرىمىزنى يېزىپ ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز مەست-زوقمەن بولۇپ ئۆتۈش بىزگە بەك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان يېرى بولسا،سەلبى تەرەپلىرىمىزنى مەھكەم يۆگىۋېلىپ،‹مەندە ھېچقانداق ئىللەت يوق...›دەپ پەخىرلىنىپ يۈرسەك بەك ئىمانلىق مۇسۇلمان بولۇپ كېتىدىغان يەرلىرىمىز بولسا بۇنىمۇ تونۇپ قالىلى.
ئۆزەمنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرماقچى ئەمەسمەن، ‹ئانا يۇرت›رومانىدىكى غېنى باتۇرنىڭ دىئالۇگلىرىدا ۋە ‹قىيامەتتە قالغان سەھرا›‹باياۋاننىڭ سىرى›دىكى پېرسۇناژلارنىڭ دىئالۇگلىرىدا مۇشۇنداق تۈز ھەم قوپالراق تىللارنى ئۇچرىتىپ قالغىنىم ئۈچۈن يېزىۋېتىپتىكەنمەن.سىلىنى بۇنچىۋالا چىچاڭلىتىۋېتىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.
بۇ ئىنكاسىمنىڭ يەنە بىر مەيدان قايناش ۋە پارتلاشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.