مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 14

ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش ساغلاملىقىڭىزغا كۈيۈنەمسىز (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:08:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەركەت ئومۇرنى ئۇزارتىدۇ

  ئادەمنىڭ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى تاۋلىشى- روھى ئازادىلىكنىڭ روشەن سىمۋولى، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ ئاساسى.

خەلق ئاممىسىنىڭ سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش سەۋيەسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشلەرنىڭ سەھەر تۇرۇپ، پىيادە يول مېڭىپ، يۈگۈرۈپ، گىمناستىكا ۋە ھەر خىل ھەركەتلەرنى ئويناپ خوشال، ئەركىن كەيپىيات بىلەن قىزغىن بەدەن چېنىقتۇرۋاتقانلىقى دائىم كۆزىمىزنىڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئادەم كېچىدە ئۇخلىغاندا تۇمۇرلاردىكى قان ھەركەتتىن توختايدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە قان تۇمۇردا ئۇيۇپ قېلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. سەھەر تۇرۇپ سىرىتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلغاندا سۈمۈردىغان ئوكسىگىن مىقدارى ئۆيدە ئولتۇرغان چاغدىكىدىن 3 ھەسسە كۆپ بۇلىدۇ. ئەگەر ئادەم ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە پىيادە مېڭىپ ياكى يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكىنىڭ ھەركىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ بىرىدۇ. ھەركەت ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇللىرمۇ مۇناسىپ ھالدا چېنىقىش رولىغا ئىگە بۇلىدۇ. سەھەردە ھاۋا ساپ ۋە سالقىن بولغاچقا بەدەن قۇبۇل قىلىدىغان ئوكسىگىن كۆپىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نېرۋا سېستىمىلىرنىڭ خىزمىتى ياخشىلىندۇ. قان ئايلىنىش ياخشىلىندۇ، سەھەردە ھەركەت قىلغاندا قان تۇمۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ. ئادەم  بىر سوتكا ئىچىدىكى بىر سائەت ۋاقتىنى ئاجىرتىپ ھاۋاللىق مەنزىرلىك جايلاردا ئاستا يۈگرەش ياكى تىز مېڭىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرسا ئۇنىڭغا بولغان ساغلاملىقى ياخشى بۇلىدۇ.

ئۇمۇمەن ئالغاندا 37 خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاسان شارائىت تاللىمايدىغان ھەر قانداق ياشتىكىلەرگە ماس كىلدىغىنى پىيادە يول مېڭىش بۇلۇپ، ئادەم پىيادە يول ماڭغاندا پۈتۈن بەدىنى ھەركەتكە كىلىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشچانلىق كۈچىيدۇ. پىيادە يول مېڭىپ چېنىققاندا ئىمكان قەدەر تەرلەش پايدىلىق. يۈگۈرۈشتە ئاستا يۈگۈرۈش تەلەپ قىلىندۇ. يۇگۈرۈش- پىيادە مېڭىشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەركەتلىرى ئىچىدىكى ئۈنۈمى پىيادە يول مېڭىشتىنمۇ يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇردۇ. لىكىن يۇگۈرگەندە ئاستا يۈگۈرۈش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇزۇنغا يۈگرەشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكى بار.

1.   ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- مىڭە قان تۇمۇرلىرنى راۋانلاشتۇرۇپ، مېڭە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇ، مىڭە قان تۇمۇرلىرنىڭ تۇسۇلۇشى ۋە يىگىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2.  ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق كۈچ- قۇۋتىنى ئاشۇرىدۇ. نەپەس يوللىرنى راۋان قىلىدۇ. كۆكرەك قەپىزىنى كېڭەيتىدۇ.

3.  ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- بەدەن قۇۋىتىنى ئاشۇردۇ، ھەركەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتىرىدۇ. پۇت- قول، ئوقرەك، يوتا قاتارلىق ھەر قايسى قىسىملارنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. پۇت- قوللار ئاسان قايرىلىپ كەتمەيدۇ، قان ئاسان سوۋۇپ كەتمەيدۇ.

4.  ئۇزۇنغا يۈگرۈش- بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىپ، زىيادە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدەن تۈزلىشىنى چىرايلىق، كىلىشكەن، بەستلىك، قامەتلىك قىلىدۇ، ئادەمنى جانلىق تىتىك قىلىدۇ.

5.  ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئادەمنىڭ روھى- كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. روھى- ھالەت بىلەن ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى نورماللاشتۇردۇ. روھى چۈشۈپ كىتىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

نۆۋەتتە، جەمئيەت تەرەقىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققياتنىڭ ئۇچقاندەك تىز ئىلگىرلىشى ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى قول بىلەن تۇتۇپ ئىشلەيدىغان ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەر ئازىيىپ ئۇنى ماشنا- ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىردىغان بولدى. پىيادە مېڭىش ئازىيىپ ھەممە ئادەم ماشنىغا ئولتۇردىغان ئەھۋال شەكىللەندى.نەتىجىدە جىسمانى ئەمگەك ۋە ھەركەتمۇ ئازىيىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى زامان كىشلىرنىڭ ئۇزۇقلىنىش سۈپىتى يۇقرى بولسىمۇ، ئەمگەك ۋە ھەركەت يىتەرلىك بولمىغاچقا، كۆپلىگەن كىشلەردە بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، بۇ بوشلىقنى تولدۇرۇشنى تەكىتلەش ئىنتايىن زۈرۈر بۇلۇپ قالدى.

قەدىمكى گىرىتسىيە مۇتەپپەككۇرى ئارىستوتېل بۇرۇنلا كىشلەرگە « ئادەمنى ئەڭ تېز قېرىتىدىغان نەرسە، ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەتتىن ئايرىلىپ قېلىش» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دورىلارنىڭ كېسەللەرنى داۋالاشتا مەلۇم شىپالىق رولى بولسىمۇ لېكىن ھەممىگە قادىر ئەمەس، بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىشىشى، بوشاپ كېتىشى، يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا- پەقەت جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەننى چېنىقتۇرۇشلا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق- ھەركەتتە، ئادەمدە ھەركەت بولمايدىكەن ئۇنداقتا ھاياتمۇ بولمايدۇ. جىسمانى ھەركەت يىتەرسىز بولغان ھاياتلىق ساغلام بولمايدۇ. ئۆمرىمۇ بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەت قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغان، ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالارنىڭ تەرەقىياتى يىتەرلىك بولمايدۇ. جۈملىدىن ئىچكى ئەزالار تۇلۇق يېتىلمەيدۇ. يېتىلگەن تەقدىردىمۇ جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالسا ئىچكى ئەزالار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئادەتتە جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدىننى چېنىقتۇرمىغان كىشى، تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن قان بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

ساغلام بۇلۇشنى ۋە ئۆمىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئادەم ياخشى يەپ ئىچىشنىلا بىلىپ، جىسمانى ھەركەت قىلىشقا سەل قارايدىكەن ياكى جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەدەن ساپاسى دىگەندەك ياخشى بولمىغان، ئادەتتىكىچە بىر ئادەم ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ دائىم جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرسا، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى تېخىمۇ ياخشىلنىپ ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ئاستا يۈگۈرگەندە ياكى تىز- تىز ماڭغاندا بولسۇن ياكى گىمناستىكا ۋە ھەر خىل گۇمپىلارنى ئوينىسۇن ياكى زامانىۋى چېنىقىش سايمانلىرى بىلەن بەدىنىنى تاۋلىسۇن، ھەركەت ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەممە ئەزاسى چېنىقىدۇ.

ئادەم ھەركەت قىلغانسىرى ئىچىكى ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ئېشىپ بارغانسىرى كۈچىيدۇ. نەتىجىدە بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي، قەنىت ۋە چىقىرىندىلار تەر بىلەن چىقىپ كىتىپ بەدەن ساغلاملىشىدۇ. بەدەننىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە قارشى ئىمونتىت كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ھەر خىل جىسمانى ھەركەتلەر ۋە جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىش ئارقىلق زۇكام، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەر خىل سۈپەتلىك ئۆسمە، يۈرەك قان تۇمۇر تۇسۇلۇپ قېلىش، دىئابىت كىسلى، سارىس كېسىلى، ئەيدىز كېسلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسلى قاتارلىق كېسەلىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

ھەركەت- شىپالىق دورا

ھەركەت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلىك ۋە شىپاللىق، ئىشەنچىلىك، ئۈنۈمى تېز ۋە يۇقىرى بولغان، پۇل كەتمەيدىغان، شارائىت تاللىمايدىغان كىچىكتىن چوڭغىچە ھەممە كىشى ئىرشەلەيدىغان ياخشى دورا. ئادەم ئەگەر ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمرىنى ئۇزارتماقچى بۇلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي دائىم ھەركەت قىلىشى، پىيادە مېڭىشى، ئاستا ئۇزۇنغا يۈگرىشى، ماشنىدا ئىمكانقەدەر ئاز ئولتۇرشى لازىم. ھەركەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشتا تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدىن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەلۇم بىر تۈرنى تاللىۋېلىپ، شۇ تۈر بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مۇھىم سىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دائىم مىدىرلاپ تۇرۇش، دائىم ھەركەت قىلىش- ھەركەت ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ھەققى ئىشەنچىلىك دورا. ھۇرۇنلۇق، ئېرىنچەكلىك، راھەتپەرەسلىك، تولا ھاللاردا يېتىۋېلىش، تېلىۋىزور ئالدىدا سائەتلەپ ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىش، ھەركەتتىن زېرىكىش ساغلاملىقنىڭ چوڭ دۈشمىندۇر.

ھەركەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق رولى

1.   ھەركەت قىلىش- مېڭىنى جانلاندۇردۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ چوڭ مېڭىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2.     ھەركەت قىلىش- بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك خورىتىدۇ. يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ.

3.     ھەركەت قىلىش- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.

4.  ھەركەت قىلىش- بەدەندىكى كالتىسى ماددىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5.  ھەركەت قىلىش- بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، بىھۇدە سەمرىپ كېتىشنىڭ ۋە تۇيۇقسىزلا ئۇرۇقلاپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

6.  ھەركەت قىلىش- مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇردۇ. مۇسكۇللار چېكىىپ كېتىش ۋە يىگلەپ كېتىشنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئالدىنى ئالىدۇ.

7.  ھەركەت قىلىش- تېرىنى ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقى، پارقىراقىلىقىنى ساقلايدۇ. ھەر خىل تېرە كېسەللىكىلىردىن ساقلايدۇ.

8.  ھەركەت قىلىش- ھاردۇقنى چىقىردۇ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، روھى- كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، ئادەمنى تېتىك، روھلۇق، جۇشقۇن قىلىدۇ.

9.  ھەركەت قىلىش- ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشلايدۇ. بەدەن شەكلىنى چىرايلىق قىلىدۇ، ئەركىن- ئازادىلىك ھىس قلىدۇردۇ، روھى ئازادىلىك ئاتا قىلىدۇ.

10. ھەركەت قىلىش- ئۇمۇمەن ئالغاندا روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە يىتەكلەپ ماڭىدۇ. ئاز ھەركەت قىلىپ تولا ئۇخلاش قاننى سوۋىتىدۇ. بىر جايدا ئۇزاق ئولتۇرۋېلىش بەدەنگە ماي يىغىدۇ. ھەركەت قىلشلا – بەدەننى ساغلام، گۈزەل، كۈچلۈك قىلىدۇ.

ھەر ۋاخ تاماقتىن كىيىن 100 قەدەم مېڭىپ ئادەتلىنىش

ھەر ۋاخ تاماقتىن كىيىن 100 قەدەم يول مېڭىپ ئادەتلەنگەندە ئادەمنى كۈتۈلمىگەن كېسەللىكلەردىن خالى قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئۇلۈم- يىتىمنىڭ يۈز بىرشىدىن ساقلايدۇ. ئادەم ھاياتىنى خاتىرجەملىك ۋە شادىمانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزسە ئۆمرى ئۇزۇن بۇلىدۇ. ئازاپ، روھى بېسىم، ئاغرىنىش، غەزەپلىنىشلەر ئىچىدە ئۆتكۈزسە ئۆمرى قىسقا بۇلىدۇ. بىراق، بۇ خاتىرجەملىك ۋە شادىمانلىق سىزگە يەنىلا شۇ ھەركەت قىلىشتىن كېلىدۇ. ئادەم ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ كۆڭۈل شادلىقىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ شادلىقىنى سىزگە ئەركىن ئازادە جىسمانى ھەركەتلا ئاتا قىلالايدۇ.

ئوكسىگىنلىق ساپ ھاۋا تەنگە داۋا

سەھەر تۇرۇپ ئوكسىگىنلىق ساپ ھاۋادا بەدەن چېنىقتۇرۇش- ساغلاملىق سەۋيەسىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن قۇۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. بەدەننىڭ سۈپىتىنى يۇقرى كۆتىردۇ. پىيادە يول مېڭىش، يۈگۈرۈش، ھەر خىل ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇلىنىش، سەيلە- ساياھەت قىلىش ئۆمرىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلىدۇ. كۆڭۈلسىز ئەسلىملەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ سىزگە خوشاللىق ئاتا قىلىپ روھى كەيپىياتىڭىزنى جانلاندۇردۇ. خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈردۇ. سەھەر تۇرۇپ بالدۇر يېتىش، قانغۇچە قېنىپ ئۇخلاش، ئىلمى ئۇزۇقلىنىش، ياخشى، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، دائىم ساپ ھاۋادا ھەركەت قىلىش- ئادەمنى روھى ساغلاملىق ۋە جىسمانى ساغلاملىققا ئىگە قىلىپ ھاياتىنى مەنىلىك قىلىدۇ.

تەنتەربىيە بىلەن دائىم شۇغۇلىنىش

تەنتەربىيە بىلەن دائىم شۇغۇلىنىش- بەدەننىڭ ئىمونتىت كۈچىنى ئاشۇردۇ. ھەركەت ئارقىلىق بەدەننى تاۋلاش ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق قىلىش، ئىرىنىش، تولا يېتىۋېلىش ئادەمنىڭ ئىمونتىت كۈچىنى تۈۋەنلىتىدۇ ۋە ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. ئادەم تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇۋاپپىق ھالدا قۇياش نۇرىغا قاقلانسا ياكى قۇياش نۇرىدا مەشغۇلات قىلسا ياكى پىيادە ماڭسا مېڭىنى ئۆتكۈر قىلىپ، پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ساغلاملىق سەۋيەسىنى ئۆستۈردۇ. دائىم گىمناستىكا ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن گۈزەل بۇلىدۇ. جىسمانى ھەركەت بەدەننى ساغلام قىلسا، گىمناستىكا بەدەن شەكلىنى چىرايلىق قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ بەدەن شەكلىنى گۈزەل قىلىمەن دەپ سەمرىپ كىتىشتىن قورقۇپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ سان- سۈپتىگە سەل قاراپ، زىيادە ئۇرۇقلاپ كىتىشى ئىنتايىن زىيانلىق. توغرىسى شۇكى، تاماقنى قۇۋۋەتلىك، ئىلمى ئىستىمال قىلىپ ئۇنىڭغا ھەركەتنى ، گىمناستىكىنى ھەمرا قىلغاندا ھەققى گۈزەل، ساغلام بەدەنگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ. لېكىن شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى گۈزەللىكتىن ساغلاملىق ئەلا.


ھەركەت قىلىشتى قۇۋۋەت پەيدا بۇلىدۇ

ساغلانلىقنىڭ ماھىيتى بەدەننىڭ ئەتراپتىكى دۇنيا بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشتىن ئبارەت. ھەركەت- سوغوقنى يىڭىدۇ. ئادەم ھەركەت قىلغاندا قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، بەدەن قىزىيدۇ، جىملىق بولسا بەدەننى سوۋۇتىدۇ. ئادەمگە ھەركەتمۇ، جىملىقمۇ مۇھىم، ئېغىر ئەمگەك بېلەن شۇغۇلىندىغانلارغا جىملىق بولمىسا، مۇۋاپپىق دەم ئالمىسا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. يەڭگىل مەشغۇلات بىلەن شۇغۇلىندىغان، كۆپ ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ھەركەتنى كۆپ قىلمىسا كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. ئادەمگە ھەركەت ۋە جىملىق ھەر ئىككىلىسى بولغاندا ئاندىن ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى جىسمانى ھەركەتلەر، جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىپ بەدەننىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش. ئادەم ئۈچۈن ساپ ھاۋا، كۈن نۇرى، يامغۇر شىپاللىق دورا ھېساپلىندۇ. ھەر كۈنى ساپ ھاۋادا ياكى كۈن نۇرىدا ھەركەت قىلىپ بەرسە قان ئايلىنىش جانلىنىدۇ. چىراي قىزىرىپ رەڭگى روھى چىرايلىق بۇلىدۇ. قول، پۇتقا كۈچ تولىدۇ.

ئىنسان ھاياتى ۋە تېز قېرىپ كېتىش

ئىنسان ھاياتى ۋە تېز قېرىپ كېتىش ئۇنىڭ قىلغان ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان كېسەل بولمىسا ياكى تاسادىپى بالا- قازا، ئاپەتلەرگە يۇلۇقمىسا كۆرۈنەر- كۆرۈنمەس ھادىسە، خېيىمخەتەرلەرگە ئۇچىراپ كەتمىسە 100 ياش ئەتراپىدا ياشىشى مۇمكىن. ئىنساننىڭ قېرىش مەسلىسىگە كەلسەك، قېرىشىنى ياش بىلەن ئۆلچەش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. بەزى ئادەملەر تېز قېرىيدۇ، بەزىلەر ئاستا قېرىيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئىچكى تاشقى ئامىلنىڭ تەسىردىن باشقا، ئادەمنىڭ ئۇزۇقلىنشى ئىلمى بۇلۇش، سالامەتلىكىنى ئاسىراش ئېڭى يۇقىرى بۇلۇش، ئەمگەك بېلەن دەم ئېلىشنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش ۋە جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن دائىم شۇغۇلىنىپ بەدىننى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلغاندا قېرىشنى ئاستىلاتقىلى بۇلىدۇ.

ئادەمىنىڭ تېز قېرىپ كېتىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل

ئېرسىيەت ئامىلىدىنمۇ تېز قېرىپ كېتىدۇ. تېز قېرىپ كەتكەن كىشلەرنىڭ تېز قېرىپ كەتكەن بوۋا- مومىلىرى ۋە ئاتا- ئانىلىرى بۇلىدۇ. يەنە تاشقى ئامىل بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم قېرىغاندا بەدەندىكى تۇقۇلمىلار، ھۈجەيرىلەر ئازىيىپ كېتىدۇ. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ، بەدەن ئاجىزلىشىدۇ، كۆزنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتى ناچارلىشىدۇ، چاچ ئاقىرىدۇ، سۈڭەك شالاڭلىشىدۇ، قان قۇيۇقلىشىپ قالىدۇ. قاش ۋە بۇرۇننىڭ تۈكى ئاقىرىدۇ، تىرە يىرىكىلىشىدۇ. بەدەندىكى سۇ مىقدارى تۈۋەنلەپ، تىرە بوشىشىپ كىتىدۇ. تىرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ. قولنىڭ دۈمبىسىگە ۋە چىكە ئىڭەكلەرگە قېرىلىق دېغى چۈشىدۇ، چىش چۈشۈپ كىتىدۇ. بەدەن مۇسكۇللىرى يىگىلەپ كىتىدۇ. جاراڭلىق ئاۋازى پۈتۈپ خىرقىراپ قالىدۇ. بۇغۇملار بوشاپ كىتىدۇ. قول- پۇتلارنىڭ كۈتىرىش كۈچى ئاجىزلايدۇ. مۇھىت بىلەن ماسلىشىش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىدۇ. مىڭە، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ ۋە بۇ مۇھىم ئەزالار مەلۇم نىسبەتتە قورۇلۇپ كىچىكلەپ كىتىدۇ. ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىمۇ يىنىكلەپ قالىدۇ. مىجەزىدە ئۆزگىرىش بۇلىدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، بۆرەك قورۇلۇپ كىچىسى تۇلا سىيگۈسى كىلىپ، سۈيدۈك تۇتالمايدۇ، ئاسان يۇقۇملىندۇ. ئەگەر ھەركەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ ماڭغان بولسا قېرىش ئاستىلاپ يۇقۇرقى قېرىش ئالامەتلىرى ئاستىراق يۈز بىرىدۇ. دىمەك ھەركەت- قېرىشنى كىچىكتۈرەلەيدۇ.

قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش

ئىنسان تىز قېرىپ كىتىشنى ئاستلىتىش ئۈچۈن ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1.   ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تەنتەربىيە پائاليەتلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇلىنىپ بەدەننى تاۋلاش كىرەك. دائىم پىيادە يول مېڭىش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئات مىنىش كىرەك. ماشنىدا ئىمكانقەدەر ئاز ئولتۇرۇش كېرەك. لىكىن قورساق بەك ئاچ چاغدا ئېغىر ھەركەت، ئېغىر ئەمگەك قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

2.   تۇرمۇشىنى رەتلىك ئىلمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇرۇن يېتىش، سەھەر تۇرۇش، مۇۋاپىق ئۇخلاش، تاماقنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ يىمەسلىك، بۇلۇپمۇ كەچتە ئاز يىيىش كېرەك. گۆشلۈك تاماقنى ئەتىگەن ياكى چۈشتە يىيىش كېرەك. كەچتە يىسە قاندىكى ماينى كۆپەيتىۋىتىدۇ.

3.قاتتىق چارچاپ كىتىشتىن ساقلىنىش، ھاراقكەشلىك بەڭگىلىكتىن قول ئۈزۈش كېرەك. چۈنكى، تاماكا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. دائىم ھاراق ئىچىش بەدەننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ.

زىيادە سىمىزلىكىنى ھەركەت ئارقىلىق چەكلەش، قۇربى يەتسىلا مىدىرلاپ ھەركەت قىلىش كېرەك

بالدۇر قېرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى


تەتقىقات نەتىجىلىرى تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى:
يەر ياڭىقى (خاسىڭ ): يەر ياڭىقى تەركىبىدە كاتېفول دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇشتىن تاشقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار ئىكەن . يەر ياڭىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ يېغىنى بەدەن ئوڭاي قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇڭا يەر ياڭىقىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن .
كۈنجۈت :كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eبىر قەدەر مول بولۇپ ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پروكسىدلانغان ياغلارنىڭ زىيىنىنى توسۇيدىكەن . كۈنجۈت ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بالدۇر قېرىتقۇچى ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن .شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن كۈنجۈت ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.
ياڭاق : ياڭاق بەدەننى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ۋىتامىن، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك شىپا بولالايدۇ . ياڭاقنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدە سېلىلوزا مول بولغاندىن باشقا ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن Cلار ۋە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار بىر قەدەر مول . ئۇنىڭ نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار .
سۆڭەك شورپىسى : ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ قىزىل، ئاق قان ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىپ، چۈرۈكلىشىپ ، قېرىشقا باشلايدۇ .بۇنداق چاغدا دائىم سۆڭەك شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ قان ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ . بەدەنگە زۆرۈر بولغان كالتسىيمۇ تولۇقلىنىپ ، سۆڭەكنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
گۈل چېڭى : گۈل چېڭى تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالىرى ، ۋىتامىنلار، مېنىرال ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئانتىبىئوتىك ماددىلار ھەر خىل خاراكتېرلىك كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۈلۈشىنى ۋە قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى:ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى چوڭ مېڭى ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قېرىشنى تېزلىتىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ.ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكلىرى ، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە شپا بولىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .
چىلان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، چىلاننى دائىم يەپ بەرگەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

<<ئۇزۇن ئومۇر كوروش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجىربىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-28 12:56 PM  


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن غۇ كۆزۈمنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈپ بىرىمەن ،  مۇشۇ ئەتىگىنى ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان گىردە بىلەن ئاغزى كۆيگۈدەك ئوتۇندا قايناتقان چايدەك قۇۋەت بولىدىغان نەرسە يوقمىكى دەيمەن . كۈنلىكى بىر ئىككى تالدىن ياڭاق مىغىزى ، بادەم مىغىز ، ھەسەل يەپ بەرسە قىرىغاندا قۇۋەت قىلىدۇ . ئەس قاتىدۇ

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 01:12 PM
مەن غۇ كۆزۈمنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈپ بىرىمەن ،  مۇشۇ ئ ...

ھەجەپ ئوبدان نەرسىلەرگە ئامراق ئېكەنسىزغۇ ئاپتاپكا

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 02:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېىمىدىن بەھرىمەن قىلىپسىز قېرىندىشىم،ئەجرىڭىزگە قۇت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 02:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەرىكەت دېگەنگە ئالامەت ئامراق جۇما مەن   بەدەن چىنىقتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش پىلانىم بار ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:00:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھەر تۇرۇش، سەھەردە بىر پىيالە قايناق سۇ ئىچىش، مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىش ساغلاملىق ئۈچۈن دورىدىنمۇ مۇھىم.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 01:12 PM
مەن غۇ كۆزۈمنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈپ بىرىمەن ،  مۇشۇ ئ ...

كۈنلىكى بىر ئىككى تالدىن ياڭاق مىغىزى ، بادەم مىغىز ، ھەسەل يەپ بەرسە قىرىغاندا قۇۋەت قىلىدۇ .
مۇشۇنداق غىزالىنىشقا ئادەتلەنگەن ئادەم دوختۇرخانىغا ئازراق بارىدۇ.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1774
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەتئى بارمايدىغان ئامال يوقمۇ شۇ دوختۇرخانا دىگەن قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا؟‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1755 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 05:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز  .ساغلاملىققا ئائىت تىمىلىرڭىز، ئۈزلۈپ قالمىسۇن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

ئادەم بولماق تەس ئەمەس ، ئادەمدەك ياشىماق تەس .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3762 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 10:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆپ ئاغرىمايمەن ...بۇ يىلمۇ دوختۇرخانغا بېرىپ باقمدىم مەن...ئەتكەن چاي دىگەن ھەقىقى قۇۋۋەت

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش