مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر تىلىدا دىيالكىت بارمۇ ياكى شىۋىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلىدا دىيالكىت بارمۇ ياكى شىۋىمۇ؟



ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى:لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەتقىقات قىممىتى



ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالىدىكى ئاپتۇرنىڭ ئالاھىدە كۆز قاراشلىرىغا كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ،تېمىسى قايتا قۇيۇلدى.ماقالە ئاپتۇرىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.



ئاپتۇر:جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىن ھاشىم

تۇردى


haxim turdi.JPG



ئوتتۇردىكىسى ئاپتۇر ھاشىم تۇردى،ئوڭ تەرەپتىكىسى ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران،سول ترەپتىكىسى ئامانگۈل ئېزىز



قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالە تۆۋەندىكى بەش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بىرىنچى،لوپنۇر دىيالىكتىمۇ ياكى لوپنۇر شىۋىسىمۇ؟؛ئىككىنچى، 1950-يىللاردىكى تىل تەكشۈرۈش؛ئۈچىنچى،لوپنۇر شىۋىسىدىكى ئالاھىدە سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى؛تۆتىنچى،لوپنۇر شىۋىسى ۋە ئۇيغۇر قەدىمكى ۋەسىقىلىرى؛بەشىنچى،لوپلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن ئىبارەت.ماقالىدە ئاپتۇر ئۇزۇن يىل لوپنۇر شىۋىسى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن.ئۇ سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۇيغۇر تىلىنى دىيالىكىتلارغا ئايرىش ئىلمىيلىك ئەمەس،ئۇيغۇر تىلىدا ئەدەبىي تىل ۋە جانلىق تىل مەۋجۈت،دىيالىكىت مەۋجۈت ئەمەس ،دەپ قارايدۇ.

ئۇنىڭچە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر شىۋىسى قىرغىز تىلىدىن كەلگەن ئەمەس،مۇڭغۇل تىلىدىنمۇ كەلگەن ئەمەس،ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر.ماقالىدا،ھەتتا لوپلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ ئىسپاتلانغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى،ھەقىقىي ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن.


1.لوپنۇر دىيالىكتىمۇ ياكى لوپنۇر شىۋىسىمۇ؟


مەيلى دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، نۇرغۇن تىلشۇناسلارنىڭ ماقالە –ئەسەرلىرىدە،بىز دائىم دېگۈدەك "لوپنۇر دىيالىكتى"دېگەن نامنى ئۇچىرىتىمىز. بۇنىڭغا نىسبەتەن دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى ئابرۇي ۋە ئىناۋەتكە ئىگە تىلشۇناسى فۇ ماۋجى ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆزى بار: "دىيالىكىت بولسا بىر خىل يەرلىك تىل.ئۇيغۇر تىلى تېخى تېخى بىر قانچە يەرلىك تىللارغا ئايرىلغۇدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالمىدى. فونىتىكا،لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا نوقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ بىر خىل بىرلىككە كەلگەن تىل،مەن تىخى بۇ تىلدا دىيالىكىت پەرقىنىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم.ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرسىدە بىرلىككە كەلگەن. پەقەت  بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ ئېغىز تىلىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۈت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەرقلەر ئىنتۇناتسىيە ۋە ئاز ساندىكى سۆزلەردىلا كۆرىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلمى تەكشۈرمەي تۇرۇپ، ھاپىلا-شاپىلا قارغۇلارچە ھالدا بىر نەچچە دىيالىكىتقا ئايرىش، ئاندىن "ئىچكى قىسىمدا ئايرىلغان دىياكىتلار"نى تەكشۈرۈش تولىمۇ كۈلكىلىكتۇر".

فۇماۋجى ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا، تەتقىقات ئورنىمىزدىكى ئۈچەيلەن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، ئىككى قېتىم لوپنۇر،مىرەن شۇنداقلا بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخو قاتارلىق جايلىرىدا ئالتە ئاي ئەتىراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق.كۆپ يىللىق سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بۇنىڭدىن خۇلاسە چىقاردۇق.

بىزنىڭچە،ئۇيغۇر تىلىدا لوپنۇر شىۋىسى مەۋجۈت،لوپنۇر دىيالىكتى مەۋجۈت ئەمەس.باشقا دىيالىكىتلارنىڭ بولىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. "ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىسى ھەققىدە تەتقىقات(فۇماۋجى باش مۇھەرىرلىكىدىكى ھاشىم تۇردى،مىرخەيلى،سۇڭ جېڭچۈن ئاپتۇرلىقىدىكى،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتى نەشرىياتى 2000-يىلى نەشر قىلغان)"دېگەن ئەسەرگە قارالسۇن.


   2.   20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى تىل تەكشۈرۈش


20 -ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى مەملىكىتىمىز بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە ئاجىرتىلغان ئادەم كۈچى ۋە ئىقىتىسادىي مەبلەغ ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ باش لاھىيەلىگۈچىسى سوۋىت ئىتتىپاقى مۇتەخەسىسلىرى بولۇپ،تەكشۈرۈش جەريانىدا خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق ترانسكىرىپىيە ئىشلىتىلمەي،روس يېزىقى(سىلاۋيان يېزىقى) ئىشلىتىلگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى جۇڭگۇدىمۇ ئامال بار سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇستەققىل تىللارنى، ھەر بىر مۇستەققىل تىلدىن بىر نەچچە دىيالىكىتنى ئايرىپ چىقىش بولغان. چۈنكى،بۇ رۇسلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنى پارچىلاپ،دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىشىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.لېكىن بۇ تەجىرىبە جۇڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلمەيتتى.

مەركىزى تىل تەكشۈرۈش ئۆمىگىدىكىلەر شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، يەنىلا سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.ھەمدە بۇ تەكشۈرۈش دەسلىپىدىلا دىيالىكىت تەكشۈرۈشى بولۇپ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى دىيالىكىتلارغا بۆلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بولغان.

دەرۋەقە،ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدا "لوپنۇر دىيالىكتى"نىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. لېكىن تەكشۈرۈش ماتىرىيالىدا روس يېزىقى(سىلاۋيان يېزىقى) بىلەن خاتىرلەنگەن دىيالىكىت سۆزى پەقەت 97 دانە بولغان. 80-يىللاردىكى تەكشۈرۈشتە بىز 1200 دىن ئارتۇق ئالاھىدە سۆزنى بايقىدۇق.ئەمما، بىز پەقەت بۇ سۆزلەرگىلا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ،يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا "لوپنۇر دىيالىكتى"دەيدىغان دىيالكىتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدۇق.


3.لوپنۇر دىيالىكتىدىكى ئالاھىدە سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى


لوپنۇر دىيالىكتىدىكى ئالاھىدە سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسىدە،ئوخشىمىغان ئىككى خىل كۆز قاراش بار.بۇ سۆزلەرنى بەزىلەر مۇڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېسە،يەنە بەزىلەر قىرغىز تىلىدىن كەلگەن دېيىشىدۇ.لېكىن بىز ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات جەريانىدا بايقىغان ئەمەلىي مەسىلە ئۇنداق بولۇپ چىقمىدى.تۆۋەندە بىز ئىككى مىسال بىلەن بۇ مەسىلىنى شەرھىيلەپ ئۆتىمىز:

1)"توقشورۇغۇچ"سۆزىنى بەزىلەر مۇڭغۇل ياكى قىزغىز تىلىدىن كەلدى دەپ قارىدى. لېكىن بىز ئۇزۇن يىللىق تاۋۇش ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنىڭ "چوخچۇلۇغۇچ"ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى "چ"لوپنۇر دىئالىكتىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا "ت" ۋە "ش"غا ئۆزگەرگەن.نەتىجىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى "چوخچىلىغۇچ"سۆزى لوپنۇر دىيالىكتىدا "توقشورىغۇچ"قا ئۆزگەرگەن. ھەمدە بۇ سۆز خەنزۇ تىلىغا " 把火棍儿"دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

2)بىر خەلق ناخشىسى

ترانسكىرىپىيىسى


Men jamanni uj sujughung,

Nejde dejdu uj tujughung?

Mundin kyzge tejwe seng,

Uj suyughung ajiladu.

Uqajni bagh callaji,

Kvzyng nge jajiladu,

Buning bilen un jetmes.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقىدىكى نۇسخىسى


مەن ياماننى ئۇي سۇيۇغۇڭ،

نەيدە دەيدۇ ئۇي تۇيۇغۇڭ.

مۇندىن كۈزگە تەيۋەسەڭ،

ئۇي سۇيۇغۇڭ ئايىلادۇ،

ئۇقاينى باغ سالايى،

كۈزۈڭ نەگە يايىلادۇ،

بۇنىڭ بىلەن ئۈن يەتمەس.


بۇخەلق ناخشىسى ئاڭلىماققا ئۇيغۇرچە ئەمەستەك بىلىنىدۇ، ئەمما، بۇ ناخشىنىڭ تىلىنى قىزغىچە ياكى مۇڭغۇلچە دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.بىز ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا يۇقىرقى خەلق ناخشىسىنىڭ يىلتىزىنىڭ تۆۋەندىكى ناخشا ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.


Men jamanini uj sorughung,

Nede deydu uj turughung?

Mundin kyzlekke tewriseng,

Uj sorughung ayriladu,

Uqarning baqe cajlari,

Kyzyngge jajiladu,

Buning bilen ynym jetmes.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى


مەن ياماننى ئۇي سۇيۇغۇڭ،

نەدە دەيدۇ ئۇي تۇرۇغۇڭ؟

مۇندىن كۈزلەككە تەۋرەسەڭ،

ئۇي سورۇغۇڭ ئايرىلادۇ.

ئۇقارنىڭ باقە سايلارى،

كۆزۈڭگە يايىلادۇ،

بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈم يەتمەس.


ئاساسلىق مەنىسى:مەن سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەك بولىمەن،باشقىلارغا ئۆزۈڭنىڭ تۇردىغان جايىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى دەپ بەرگىن.سەن كۈزلۈك مال باقىدىغان جايغا كەتسەڭلا، سېنىڭ تۇرۋاتقان جايىڭنى سورىغۇچىلار سېنىڭدىن ئايرىلدۇق دەپ،ھەسرەت چېكىشىدۇ. قارىسام ھەممىسى ئۇقارنىڭ يەرلىرى ئىكەن، مېنىڭ ئۈنۈممۇ سەن تۇرۋاتقان يەرگە يىتىپ بارالمىغۇدەك.

(ئاپتۇر ماقالىدە بۇ خەلق ناخشىسىنىڭ قايسى ماتىرىيالدىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەچكە،بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىزاھىنى بېرىشقا ئامالسىز قالدىم-تەرجىماندىن).


4.لوپنۇر شىۋىسى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى


پۈتۈن دۇنيادىكى قەدىمكى ۋەسىقىشۇناسلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىنى ئوقۇش ۋە شەرھىيلەش ھەقىقەتەن قىيىن بىر مەسىلە.ئۇزۇن يىللىق لوپنۇر شىۋىسى تەتقىقاتى ئارقىلىق قىيىن دەپ قارالغان بۇ مەسىلىمۇ ھەل قىلىنىشقا باشلىدى.بۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش.

مەيلى قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى مەيلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرىدە كۆرۈلگەن تاۋۇشلار،سۆزلۈكلەر ھەمدە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر تاكى ھازىرغا كەلگۈچە لوپنۇر ئاغزاكى تىلىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن:

قەدىمكى تۈرك تىلى              لوپنۇر شىۋىسى                 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى


تۈركە                                       تۈرككى                               تۈرۈكنىڭ

قەغەنە                                    خاقاننى                               خاقاننىڭ

ئون                                          ئون                                       ئوي

ئونا                                          ئونو                                       ئويلا

نەغە                                        ياغى                                     يېغى

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى           لوپنۇر شىۋىسى                  ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلى


تەنلىغقى                            تەنلىككى                                     تەنلىكنىڭ

بايەتە                                  بايەتتى                                 بارئەتچى(بەرپاچى)

مىڭە                                   مىڭى                       مىڭنى(چۈشۈم كېلىش شەكلى)

قۇت ئادەغۇ                        قۇت ئاتىغۇ                   قۇت ئاتىغۇ(بەخت ئاتا قىلغۇچى)

بىلگە                                    بىلگە                                       بىلگە (دانا)

بۇلە                                       بۇنۇ                          بۇنى(كۆرسىتىش ئالمىشى)

سۇلە                                      شۇنۇ                                        شۇنىڭ


يۇقىرقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، لوپنۇر شىۋىسىنىڭ مەنبەسى مۇڭغۇل ياكى قىزغىز تىلى ئەمەس،بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر.لوپنۇر شىۋىسى،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرىنى ئوقۇش ۋە شەرھىيلەشكە زور ياردەم بېرەلەيدۇ.قەدىمكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىدا مەن ئۆزۈم لوپنۇر شىۋىسىنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن دېسەممۇ بولىدۇ.


5.لوپلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى


نۇرغۇن تارىخى خاتىرلەردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، لوپلۇقلار ھەرگىزمۇ باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن،ئەكسىچە لوپنۇر رايۇنىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردۇر.ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ دەسلەپتە قەدىمكى كروران دۆلىتىدە ياشىغان، يۈلى شەھرى (尉犁城)ئۇنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ ھازىرقى لوپنۇر ناھىيەسى نامىنىڭ يىلتىزىدۇر.

بۇ كروران دۆلىتى كېيىن كۆچۈپ،نامىنى پىشامشانغا ئۆزگەرتكەن،ھەمدە مەركىزىنى مىرەن  شەھرى دەپ ئاتىغان. بۇ مىرەن شەھرىمۇ ھازىرقى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى  " miren " دېگەن نامنىڭ ئەسلى يىلتىزىدۇر.

خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، تەبىئىي مۇھىت ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كرورەن دۆلىتى ئادەملىرىنىڭ بىر قىسمى پىچان ۋە قۇمۇلنىڭ لاپچۇق دېگەن جايلىرىغا كۆچكەن.

يەنە بىر قىسمى خوتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.ئېشىپ قالغانلىرى لوپنۇر رايۇنىدا ياشىقان،ھازىرقى لوپلۇقلار ئاشۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.ئۇلار ھازىر لوپنۇر ناھىيىسى،چاقىلىق ناھىيەسى ۋە بۈگۈر ناھىيەلىرىگە ئولتۇراقلاشقان.

مومۇلۇقلار(momuluq)لارنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، لوپلۇقلار شۇنداقلا قەشقەر، خوتەن،ئاقسۇ،تۇرپان،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بولسا تەكلىماكان قۇملىقىدا(كۈچلۈك بوران چىقىپ،ھەممىنى بېسىۋىلىش خەۋىپى توغۇلغاندا-تەرجىماندىن) بىر ياغاچ موما تىكلەپ بۇنى يەتتە كېچە-كۈندۈز توختىماي ئايلىنىپ ئاندىن ھايات قىلغان كىشىلەر ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە بۇ يىل 10-ئايدا لوپنۇر ناھىيەسىدە ئېچىلغان "تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى"دا ئوقۇلغان.ھەمدە مۇشۇ يىغىنغا ئاتاپ چىقىرىلغان خەنزۇچە ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.


تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى



مەنبەسى:http://www.lopnuri.com/?p=2708


مەزكۇر ماقالىنى رۇخسەتسىز باشقا بېكەتلەرگە يۆتكىمەڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-28 12:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35637
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۆزگۈچە قاراش ئوتتۇرغا قويلۇپتۇ.ئەسلىدە «دىيالىكىت»قا «سىياسى»قوشلۇپ قاپتىكەندە؟دىمسمۇ لوپنۇر شىۋىسنى دىيالىكىت دىيىش توغرا كەلسە،شاڭخەي،فۇجەن،گۇاڭدۇڭ دىيالىكتلىرنى ئايرىم تىل دىيىش تېخمۇ توغرا بولدۇ
كەلپىن شىۋسى بىلەن لوپنۇر شىۋىسنىڭ ئوخشاشلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش زۆرۈر.مەن مەھەمەت باغراشنىڭ «كەلپىنلىكلەر ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن رىۋايەت»دىگەن ماقالىسنى ئوقۇپ شۇنداق خىيالغا كەلگەن.ئۇنۇڭدا كەلپىنلىكلەرنى «لوپنۇرلۇقلار بىلەن بىۋاستە قانداش »دەيدىغان پىكىر ئىپادىلەنگەن

دۇنياغا كۈلۈپ باق،دۇنيا ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 04:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچىدا دېئالىكىت يوق.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 04:47:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيالىكىت دىگەن ئوخشاش بىر تىلغا تەۋە بولغان ئەمما سۆزلەشكۈچىلىرى ئۆز-ئارا چۈشىنەلمەيدىغان تىل بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.  ئۇغۇر تىلىدا دىيالىكىت يوق،مەن ھازىرقىچە نۇرغۇن يەرلىك بالىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ باقتىم ھىچقانداق قىىنچىلىق يوق(بەزەن ئاتالغۇلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا)، تىلىمىزدا بۇنداق ھادىسە مەۋجۇت ئەمەس.  ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنى دىيالىكىت بىلەن باغلايمىز دىيىلسە، ئۇيغۇر تىلى تۈركىيە تۈركچىسى،ئەزەربەيجان تۈركچىسى، قازاق تۈركچىسى،قىرغىر تۈركچىسى،ئۆزبىك تۈركچىسى، تۈركمەن تۈركچىسى، تاتار تۈركچىسى قاتارلىق تۈركچە تىللار قاتارىدا تۈركىي تىلىنىڭ بىر دىيالىكتى قاتارىغا كىرىدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-29 06:04 PM):
ئۇيغۇر خىتىن خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن،تورداشلار تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85627
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 05:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muttelib يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 04:47 PM
دىيالىكىت دىگەن ئوخشاش بىر تىلغا تەۋە بولغان ئەمما سۆز ...

دېگىنىڭىز توغىرا قوشولىمەن !

فورمات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 06:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 08:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TONGTUR70 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 03:40 PM
ھەقىقەتەن ئۆزگۈچە قاراش ئوتتۇرغا قويلۇپتۇ.ئەسلىدە «دى ...

مەمەت باغراشنىڭ «كەلپىنلىكلەر ھەققىدە رىۋايەت»دېگەن ماقالىسى قايسى ژورنالدا باردۇ؟بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى.مۇمكىن بولسا، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35637
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 03:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ مەدىنيىتى ژورنىلدا ئېلان قىلنغان.2008-يىللىرى ئەتىراپىغۇ دەيمەن.2012-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا مىسرانىم مۇنبىردە قايتا كۆرگەن.

دۇنياغا كۈلۈپ باق،دۇنيا ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 06:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر  تىلى ئۇماق تىل،ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل،ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى .مىراسخورى ھەغداسى.

‹‹مەرھۇم روزى سايىت››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:41:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TONGTUR70 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-3 03:11 PM
شىنجاڭ مەدىنيىتى ژورنىلدا ئېلان قىلنغان.2008-يىللىرى ئە ...

ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! مەن ئىزدەپ باقاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش