مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 37

بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72430
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   بۆرە ،ئوغوزخاننىڭ يۈزىنى قىل         

       ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،ساق سالامەت تۇرۇشقاندۇق ،30نىڭ قارىسىنى ئالغانچە  تۇرمۇش ،خىزمەت بېسىمى يەلكىمىزنى  بېسىپ باشقا ئوي خىياللارغا تازا يېقىن كېلەلمەس قىلىپ قويىدىكەن ،مانا شۇ تۈپەيلى يا قوشاق يوق ،يا كۆرگىلى چۈش يوق يۈرگەن بىسەرەمجان يۈردۈم . 7كۈننىڭ پەرقى يوق،چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەپ  ئىشلەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە خىزمەت ھاردۇقى يەتكەچكە ھەتتا چۈشۈمگىمۇ باشقا نەرسە ئەمەس توك ،دىلگىرام ،ئېگىزدە ئىشلەش ....قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كۈنلەر ئۆتكەن ئىدى.  تۈنۈگۈن كەچ ئاخىرى بۇ كەسپى چۈشلەردىن قۇتۇلۇپ ئاجايىپ غارايىپ چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن .

   تۈنۈگۈن دوستۇم بىلەن بىللە كىنوخانىغا كىرىپ يېڭىدىن قويۇلۇۋاتقان  "ئادەم ۋە بۆرە جېڭى "دېگەن كاتتا  فىلىمنى كۆرۈپ كەچ 10دا ئۆيگە قايتتۇق ، فىلىم ئىشلىگۈچى باش پېرسوناژنىڭ بۆرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغان ئاخىرقى پەيتتە ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرىنىڭ پۇلقاپلىرىنى بىرمۇ بىر ئېلىپ  ،پۇلقاپ ئىچىدىكى رەسىملەرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ سىيلاپ چىققاندىن كىيىن يەرگە تىزىپ بولغاندىن كىيىن  بىر قولىغا  پىچاقنى مەھكەم باغلاپ ،يەنە بىر قولىغا 3دانە كىچىك دورا بۇتۇلكىسىنى مەھكەم باغلاپ بولۇپ بۇتۇلكىنى چېقىپ "بۈگۈن ----ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ ئاتامان بۆرىگە  نەپرەت بىلەن قادالغان كۆزلىرىدە  فىلىم ئاقىۋىتىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىياسىغا قالدۇرۇپ تولىمۇ ئېسىل ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى .

ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۆلۈم ،ھادىسە ،قەھرىمانلىق ،بۆرىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقى ،ئىتتىپاقلىقى ،گوروھچانلىقى قاتارلىقلارنى مۇلاھىزە قىلدۇق  .ئۆيگە كېلىپمۇ بۆرە ،ئادەم ،جەڭ ،قان ،ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن  قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىم ،فىلىم ئاخىرىدىكى ياۋۇز بۆرە بىلەن باش رولچىنىڭ "بۈگۈن ---ئۆلۈم يا كۆرۈم "دەپ بىر بىرىگە نەپرەت بىلەن تىكىلگەن ھالىتى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى . قان ،بۆرە ،نەپرەت ،ئۆلۈم ...لەرنى ئەسلىگەنچە بىر چاغلاردا  ئۇيقىغا كېتىپتىمەن .

مەنمۇ نەق مەيداندا تۇرغۇدەكمەن ،ئادەملەردىن ئىككىمىزلا قالغان ،قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەن ئىدى ،باش پېرسوناژ يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ بۆرىگە ئېتىلىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى ،بۆرىلەر توپى غەلىبىنى تەبرىكلەپ  ھۇۋلايتى مەن  قورقۇنۇچتىن دىر دىر تىترەيتىم .

بۆرە شاھى مېنى  جەڭگە ئۈندەپ يەردىكى پىچاقنى پۇتى بىلەن تېپىپ مېنىڭ ئالدىمغا تېپىپ بەرگۈدەك .

ياق بۆرە ،ياق دەپ غال غال تىترەپ كەتتىم  مەن قورقۇنۇچتىن ، سەن بىلەن ئۇرۇشمايمەن ،مەن سېنى يېقىنىم بىلىمەن ،بىز بىلگەن ،ئۆگەنگەن بۆرە سەندەك ياۋۇز ئەمەس ،بىلەمسەن مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،بىزنىڭ بىلىشىمىزچە خاقانىمىز ئوغۇز ئۇرۇم )رىم(غا جازا يۈرۈش قىلىپ مۇزتاغقا بارغاندا ئۇنىڭ چېدىرىغا كۈندەك يورۇق بىر نۇر چۈشكەن ،نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك ،كۆك يايىللىق بىر ئەركەك بۆرە چىققان ۋە ھەي ئوغۇز ،مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن دەپ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا  ئۇيغۇر قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭغان،شۇڭا ئەجدادلىرىمىز غالىبلىق بايراقلىرىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۆرە بېشىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ بۆرە بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن ،شۇنىڭدىن كىيىن كۆك بۆرە بىزگە توتېم بولغان .مەن ئوغوزخاننىڭ ئەۋلادى ،سەن كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى ،شۇڭا مېنى يېمەسلىكىڭنى ئۆتۈنىمەن ،بىلەمسەن مېنىڭ ئاتا ئانام ،قېرىنداشلىرىم ،ئائىلەم ۋە بالام بار .مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگىن ،مەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن .....

مەن تىترەيتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .مەن يىغلايتىم ،بۆرىلەر ھۇۋلايتى .

ئاتامان بۆرە ماڭا قاراپ خىتاب قىلدى -

---ياق ،سەن  ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،ئوغۇزخان ئۆلۈمدىن قورقمايتى ،قىئاتنى ئۆلتۈردى ،خەتەردىن قورقمايتى ،يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇردى ،سەن ھېچ ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسىگە ئوخشىمايسەن ،قارا ئەپتىڭگە :

-قېنى بۇقىنىڭكىدەك پۇت ؟

-قېنى بۆرىنىڭكىدەك بەل؟

-قېنى ئېيىقنىڭ كۆكسىدەك مەيدە؟

-قېنى يىلپىزنىڭ مۈرىسىدە مۈرە ؟

-قېنى ئۆلۈمدىن قورقماس روھ ۋە جاسارەت !

-ياق ،سەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ئەمەس ،

-راس ،مەن ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى ،مەن ئۇيغۇر بالىسى ،ئىسمىم ۋاپادارىم 912 ؛

-نېمە سەن كىمگە ۋاپادار ؟

-مەن ئانامغا ،دادامغا ،قېرىنداشلىرىمغا ،ئايالىمغا ،بالامغا ،دوسىتلىرىمغا ،خەلقىمگە ۋاپادار ،ناۋادا مېنى ئۆلتۈرمەي ئۆيۈمگە كەتكىلى قويساڭ ساڭىمۇ ۋاپادار بولىمەن بۆرە ؟

مېنى كەتكىلى قوي ،مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمە ،

-ئورنۇڭدىن تۇرنىجىس دەپ تىللىدى  ئۇ مېنى ، ئوغوزخاننىڭ نەۋرىسى دەيسەنۇ تىزىڭ يەردە ،ئوغۇزخان كۆك تەڭرىدىن باشقىغا تىزلانمىغان ،تۇر ئورنۇڭدىن ،ئوغوزخاننىڭ يۈزى ،ئەركەك كۆك بۆرە يول باشلاپ ماڭغان،قەدىناس بولۇپ ئۆتكەن    ئوغۇز خاقاننىڭ يۈزى  ،مەن سېنى يېمەيمەن .بىز سېنى يېمەيمىز .

ھۇۋ -----بۆرىلەر توپى تەڭلا ھۇۋلاپ كېتىشتى ،ئۇف دەپ ئورنۇمدىن تۇرغۇدەكمەن ،رەھمەت ، رەھمەت خاقانىم ،ئوغۇز خاقانىم ،سەن نەچچىلىگەن  ئەسىرلەر ئىلگىرى بىزنىڭ روھىمىزنى قۇتقۇزۇپ بىر بايراق ئاستىغا يىغقان ئىدىڭ  ،بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ قارلىق دالىدا مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ،رەھمەت ساڭا ئوغۇز خاقان ،رەھمەت ساڭا  ئاتامان بۆرە ...مېنى كەتكىلى قوي ،مەن ئەتە  ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ ...

بولمايدۇ دېدى ئاتامان بۆرە مېنىڭ يولۇمنى توسۇپ ،سەن كەتسەڭ بولمايدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك ،ئوغۇزخان ۋە كۆك بۆرە روھى خۇشھال بولىدۇ ،سەن بىز بىلەن قىلىشىڭ كېرەك

،سەن بۇ  قارلىق دالىدىن  ھەرگىزمۇ چىقىپ كېتەلمەيسەن ،ئوغۇزخان يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرغاندا سىلەر كۆپ ئىدىڭلار ،بىز بىر تاللا  ئىدۇق ،ھازىر ،بۇ قارلىق دالىدا سەن يالغۇزسەن ،بىز كۆپ ،بۇ دالىدا بۆرە ،قار ،جۇدۇندىن باشقا نەرسە يوق .شۇڭا سەن ئۆيۈڭگە قايتىش نىيىتىڭدىن يېنىپ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلىپ بۆرە بولۇپ كەت !

ھۇۋ......بۆرىلەر توپى  جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك ھۇۋلاپ "بۆرە بولۇپ كەت "دەپ مارش توۋلايتتى ...

ئوغۇز سەنلەرگە بولغانتى خاقان ،

ئىچىشتىڭ سەنلەر ئۇنى دەپ تالقان .

زەئىپ بەدەنگە قۇۋۋەت دېيىشتىڭ  ،

ساختا ئەر بولدۇڭ ،ساختا پەھلىۋان ...

ھىچكىم شاھىنى سەندەك خارلىماس ،

شۇڭا سەنلەرگە بەخىت پارلىماس !

ئوغۇزخاقاننىڭ يۈزىنى قىلدۇق ،

ئۇيغۇرنى يېيىش بىزگە نومۇس، سەت .

ئۇيغۇر بولغۇدەك نېمەڭ بار سېنىڭ ،

بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت ......

ئەركەك روھىڭنى  تاپقىن قان پۇراپ ،

بولدى بىز بىلەن بۆرە بولۇپ كەت !

ياق ...مەن بۆرە بولمايمەن ،مەن ئادەم ،مېنى شاڭيۈن شاۋچۈگە ئاپىرىپ قويۇڭلار دەپ چاچراپ ئويغاندىم ....ئۇف ،شۈكرى ،بۇ چۈشۈم ئىكەن ،مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن ...يانفوننى ئېچىپ سائەتكە قارىۋىدىم ئۈچ بوپتۇ ،يانفۇن تەگلىكىدىكى ئاسمانغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان كۆك بۆرە رەسىمى ۋە "بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت "دېگەن مىسرالارغا قاراپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن شۈكرى ئاللاھ دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .

ئاھ بىسەرەمجان چۈشلەر ،ئاھ بىسەرەمجان ۋاپادارىم .....


ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizim + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
MiRul + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
lawa0998 + 59 رىئاللىق
qaraxani + 39
Gvljahan + 99 راۋۇرۇس يېزىلغان تېما.
لوپنۇرى + 126 تەپەككۇرى كۈچلۈك
oyqan0999 + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ALIMJAN580 + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
!UYGHURJAN + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1321   باھا خاتىرىسى

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4767
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1399 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:44:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ما ئەسەر  بەك ئېسىل چىقىپتۇ  ،  ئۇ كىنونى مەنمۇ كۆرگەن ، بىركۈنى شۇنداق ئىچىم سىقىلىپ يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىيالماي تورغا چىقىپ تۇرسام  مۇشۇ كىنو ئۇچىراپ قېلىپ  بىر كۈرۈپتىكەنمەن ، ئۈزەم يالغۇز توكنى ئۈچۈرۋىتىپ...بەكلا  سۈرلۈك كىنو بۇ ...بۆرە ئۈلەمدۇ ياكى باش پىرسۇناژمۇ ئاخىرىنى چىقارماپتىكەن ، قارىغاندا ئىككىنچى بۈلىمى بادەك ....بۇ خەق كىنونىڭ ئاخىرىنى مۈجمەل تۈگىتىپ ئاخىرسىنى ئىشلەشكە بەك ئامراق ...

كىنونى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ «ئېسىل » چۈشتىن بىرنى كۈرۈپسىز

بۆرىدە بۆرىدەك روھ بولمىسا لالما ئىت بىلەن پەرقى قالمايدۇ  



ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر خەقكى، دىنى،خۇداسى،پەيغەنبىرى،كىتابى،مىللىتى،تىلى بىركەن،بىراق دىلى بىر ئەمەسكەن،بولمىسا دۇنياغا خوجا بۇلاركەن.
---شىڭ شىسەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1753
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا شۇ كىنونىمۇ قۇشۇپ يوللىغان بولسا تېىخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن .
بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى چۈشلەرنى كۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى قېىنى بىزلەردىكى شۇ جۇشقۇن روھ؟!

213245648946 (7).jpg
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:11:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقەتەن ياخشى،ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما بوپتۇ.تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7906
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 289 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:20:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىڭىز بەك ئېسىل چىقىپتۇ.ئوقۇپ تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغاچ،سىز كۆرگەن ئاشۇ چۈش دۇنياسىغا ئۆزۈمنى سېلىپ دەڭسەپ باقتىم.ھەي!ئوخشاش. بىزدىكى ئۇغۇز خاقان مىراس قالدۇرغان باتۇرلۇق،جەسۇرلۇق،تەۋەككۈلچىلىك ئىزنالىرى سۇسلاپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېھتىياتچانلىق،خەۋىپسىرەش،ئەنسىرەش،گۇمانسىراش تۇيغۇلىرى ئىگەللەپتۇ.

توغرا يول ھەمىشە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12170
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:57:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەزكۇر تېمىغا قىسقا قىلىپلا «ياخشى يېزىلغان » دەپلا باھا بىرىمەن ، قالغان گەپنى مۇنۇ مىسرالارنى ئەسلەش بىلەن خۇلاسىلىنىمەن :
گەر ئارسلان بولسائىتلارغا باش ،
بارچە ئىتلار بۇلۇر ئارسلانسىمان ،
مەگەرئىت بولسائارسلانلارغا باش ،
بۇلۇر ئۇ ئارسلانلار گۇيا ئىتسىمان ..............

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:51:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81508
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-6-13
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:19:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ...پاھ......   بۈگۈن تورغا چىقىپ  ئوقۇغان تۇنجى تىما.
قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 09:30:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىليون يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 03:19 AM
پاھ...پاھ......   بۈگۈن تورغا چىقىپ  ئوقۇغان تۇنجى تىما.{ ...

agaxtim!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش