مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2357|ئىنكاس: 22

ئۇنى قارامايدا كۆرگەن ئىكەنمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72430
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 10:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،ساق سالامەت تۇرۇشتۇق ،ئۆي چېقىلىدىكەن ،مەھەللە كېتىدىكەن دەپ قىشنى قىش دېمەي ،خىزمەتنى ئىش دېمەي كېچە كېچىلەپ  سالدۇق ئۆينى ،ھازىر ھويلىلاردا كۈن كۆرۈنمەس ، مەھەلىمىز بەئەينى بىر ئەسكىپۇرۇشخانىغا ئوخشاپ قالدى ،بوۋىسىدىن مىراس قالغان قورو جايى كېتىدىغان گەپ پەيدا بولغان بۇ كۈنلەردە دادام بۆلەكچىلا بولۇپ قالدى ،ھويلىدا ئۆي سېلىنمىغان كىچىككىنە يەر قالغان ئىدى  ئۆي سېلىۋىتىلى قۇرۇق يەرگە دېسەك ،ياق بالام مۇشۇ پېتىمچە تۇرۇپ تۇرسۇن، نەگىمۇ كېتەرمىز  ،رەھمىتى دادام ئاپاملار يۈرگەن بۇ ھويلىدا بىر كۈن بولسىمۇ خىياللىرىم بىلەن ياشاي دەپ  سۆزلەپ كەتتى  دادام .
توزۇپ كېتەرمۇ  بۇ بەرىكەت ، بۇ مەھەللە كەتسە جىمىلىخان ،ساجىدەم،تاجەملەر بىلەن تارىلىپ كېتەرمىزمۇ،  كۈندە تاماق سۇنىشىدىغان بۇ قېرىنداشتەك قوشنىلارتاراپ كېتەرمىزمۇ  دەپ ئاپاممۇ بەك سولغۇن ....
ھەي ،بىرلىرىمىزنىڭ كۆزى كېلىدىغان پۇلدا ،لېكىن ئانىلارنىڭ، ئاتىلارنىڭ كۆزى نەم ،يۈرىكى چىدىمايدۇ دە تۇغقاندەك بولۇپ كەتكەن قوشنىلارغا ،سانسىز  جىنازىلار نى ئۇزاتقان مەھەللە يوللىرىغا !
    قېينى ئاتاملارنىڭ مەھەللىسى چېقىلىپ  پەقەت  ئالتە ئائىلىك قالغان ئىدى ،بۇ ئالتە ئائىلە  قۇربان ھېيتتا ئاخىرقى قېتىملىق مەھەللە پەتىسى قىلىپتۇ ،ھېيت كۈنى  قېينى ئاتام داستىخان ئۈستىدە پەتىچىلەر ھەققىدە سۆزلەپ ئۇھسىنىپ كەتتى  ،توزۇپ كەتتۇق ،تاراپ كەتتۇق ،قېنى قوشنىلار ،قېنى تۇغقانلار ،قېنى ھېيت كۈنلىرى توپ توپ بولۇپ ياش ئايرىمىسى بويىچە پەتىلەيدىغان جامائەت ، بىزلەر چوڭلارغۇ  ئۆلگۈچە ھېيت كۈنى بولسىمۇ پەتىلىشىپ ئىزدىشىپ ئۆتىمىز ،لېكىن سىلەر ياشلار ئەمدى تۆت تامغا پالىنىپ  تارىلىپ  كەتتىڭلار ،قوشنىدارچىلىق ،تامقوشنا ئېلىم بېرىم مۇناسىۋىتى ئاستا ئاستا سۇسلىشىدۇ ،ئاستا ئاستا ،بىلىنەر بىلىنمەس ھالدا ياتلىشىپ كېتىسىلەر ،قوشنا دېگەن ئۇقۇم ئاستا ئاستا كاللاڭلاردىن سۇسلىشىدۇ ،يوقىلىدۇ ......
قېينى ئاتامنىڭ بۇ گېپى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى ،ئۇلارنى ئۇزىتىپ بولۇپ ئۆيدە مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن ،بۇ كوچىلاردا بىز 30يىلنى ئۆتكۈزگەن ،لېكىن ئۇلارنىڭ ياشلىقى  ،ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆتكەن ،مەھەللىدىكى ھەر بىر دوقمۇش ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ! چۈنكى تاماق ۋاقىتلىرىدا بىزلەرگە دەپ بېرىدىغان كوممۇنا ۋاقتىدىكى قايسى بىر قىزىق ئىش ،قىزىق ئادەم ، ئەستە قالغۇدەك گەپلەر ئەنە شۇ دوقمۇشلاردا يۈز بېرىپ ئۇلارنىڭ خاتىرىسىگە ئورناپ كەتكەن .
    قۇرۇپ كەتكەن تېرەكلەردە ئۇلار ياشلىق مەزگىللىرىدە ئويۇۋەتكەن خاتىرە ئىسىم ۋە سانلار قالغان ،شۇڭا  بۇ كوچىلار ئۇلارغا تۇتىيا ،40-50يىلنى ئۆتكۈزگەن قوشنىلار ۋە شۇ مۇناسىۋەت ئۇلار ئۈچۈن مۇقەددەس .....
پات ئارىدا يوقىلىدىغان بۇ مەھەللىلەرنى ،كۈندۈزى بىنادا تۇرغۇسى كەلمەي دادا سوغاق دېسەكمۇ ئۇنىماي بىر كۈننى ھويلىدا ئۆتكۈزىدىغان ،ھويلىدىكى ھەر بىر دەرەخنى سىيلاپ سۆزلەپ كېتىدىغان دادامنى ،مەھەلىمىزدىن ئۆلۈپ كەتكەن رەھمەتلىكلەرنى ئەسلەپ قاچانلاردىكىن ئۇيقىغا كېتىپتىمەن ....
"چىڭجىن "ناملىق بىر ئاچچىق چۈچۈكخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا  رەڭلىك سورۇن تۈزۈپ تۆت قىز يىگىت  ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغۇدەكمىز ،بۇلۇڭغا بىر ئىندىئان ئايالنىڭ باش ھەيكىلى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ تامغا ئۇنىڭ رەسىمى چىرايلىق رامكىغا ئېلىپ ئېسىپ قويۇلغانىمىش  .قەيسەريالغان مەس بولۇپ قۇچقىچىنى  تاماشا قىلىۋاتاتتى ،ئەخمەت بولسا قۇچقىچىغا ھاراق ئىچىرىپ ئۇنى مەس قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى ،قالغان ئىككى  قۇچقاچ ھاجىمەمەت بىلەن بۇيرۇق ئويۇنى ئويناپ بىر بىرىنى سۆيۈشىۋاتاتتى ،كىيىملىرىنى سېلىشىۋاتاتتى ،
ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن مىللى غورۇيۇم قايناپ بىر قولۇمدا رومكىنى تۇتۇپ،بىر قولۇم يانچۇقتا  ئىندىئان ھەيكىلى ۋە رەسىمىگە قاراپ  سۆزلەپ كەتكۈدەكمەن :
    ھەي ئىندىئان ھەي ،ئىندىئان ،مېنى مەس دەپ قالما ،مەن مەس ئەمەس ،مەن ماۋۇ لاتىلاردەك ئىككى رومكا ئىچىپ يالغان مەس بولۇۋالىدىغانلاردىن ئەمەس،ئانىمىز بىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان  ،ئادەتتە  ئىچمەيمىز ،ئىچسەك ئۆلگۈدەك ئىچىمىز ،ئوينايمىز ،كۈلىمىز ،بىز ھېلى "روس كۇلۇبى"غا بېرىپ گۈزەل قىزلىرىمىزنىڭ يالىڭاچ ئۇسۇلىنى كۆرىمىز ،ئۇلارغا پۇل ئۆرۈيمىز ،ئۇلارنى ئەپچىقىپ پۇل بېرىپ بۇزىمىز ،ئەتىسى بۇ بۇزۇقلارنى دوسىتلىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز ،ئاندىن دوستىمىزنى بىرگە باشلايمىز ،بۇ بۇزۇقلارمۇ دوسىتلىرىنى باشلايدۇ ،ئاندىن ئوپچە بۇزىلىمىز ،بۇ بۇزۇلۇش شۇنداق داۋام ئېتىپ بۇزۇقچىلىق تېخىمۇ ئەدەيدۇ ،سەن بۇلارنى بىلمەيسەن ،سەن راھەتنى ،ھاراقنى ،تاماشانى ،لەززەتنى بىلمەيسەن چۈنكى سەن بىر ھەيكەلسەن ھەيكەل !
سۆزلىگەنچە غورورلىنىپ ،قىززىپ كەتكۈدەكمەن .رومكىدىكى ھاراقتىن بىر ئوتلاپ قولۇمدا رامكىدىكى ھىندىئان قىزنىڭ خۇددى مىدىرلاۋاتقاندەك مىسكىن قوي   كۆزلىرىنى سىلىشىمغا ئاپپاق نۇر ئەتراپنى يورۇتۇپ خۇددى چۆچەكلىرىمىزدىكى  دىۋە بوتۇلكىنىڭ قېچىپ چىققاندەك ھالەت يۈز بېرىپ بۇ ھىندىئان  رەسىمى  كۆز ئالدىمدا  مەن دېمەتلىك بىر ھىندىئانغا ئۆزگەرگۈدەك ،ئەتراپىمدىكىلەر مەس پېتى قېتىپ قالغۇدەك ، قورقۇنۇچتىن غىل غىل تىترەپ كەتكۈدەكمەن ،
ئۇ ماڭا سۆزلىدى :
رەھمەت ساڭا ۋاپادارىم ،مېنىڭ ئېتىم ئىزنا بولىدۇ ، ،مەن بۇ رامكىغا بەنت بولغىنىمغا تولىمۇ  ئۇزۇن يىللار بولدى ،ھەر كىرگەن كىشى ماڭا قارايدۇ ،مېنى ئۆلۈك دەيدۇ ،لېكىن مەن ھايات ،
مېنىڭ كۆزلىرىمگە قارا ،مەن ئاخىرقى  ھىندىئان بولىمەن ،سەن مېنى قۇتقۇزۇپ  قالدىڭ ،مېنى بۇ رامكىدىن قۇتقۇزدۇڭ ،كەل مېنى تۇت ،پەيلىرىمنى سىيلا ،مېنى قۇچاقلا ،سۆي .
ياق ،سەن ئادەم ئەمەس تۇرساڭ ،سېنى قانداقمۇ تۇتاي ،سېنى قانداقمۇ قۇچاقلاي ، يوقال دەپ يىغلاپ كەتكۈدەكمەن ،
-توۋا دېدى ئىزنا قولۇمدىكى ھاراق رومكىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ،ئەجەبا سەنمۇ ئۇلاردەك ئەسكىمۇ ،ئۇلارمۇ بىزنى ئادەم ئەمەس دەپ تىللايتى  ،ئەمدى سەنمۇ مېنى ئادەم ئەمەس دەۋاتىسەن ،سەن مېنى يوقال دېدىڭ ،توغرا ،مەن بۇ يەردىن ،سىلەردەك ئەركەكلەر باشقا قىزلارنى بۇزىدىغان ،ئەرلىك بۇزۇقلار باشقا ئەرلەرگە نايناقلاپ بۇزۇلىدىغان بۇ بۇزۇقچىلىق ئورنىدىن يوقىلىمەن ،ئەمدى مەن رامكىدىن چىقىپ باشقا يەرلەردىكى قېرىنداشلىرىمنى ئىزدەپ باقاي  ،سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ رامكىغا بەنت بول ،كىشىلەر ئاچچىق چۈچۈك يېمەكلىك يېگەنچە سەندىن ھوزۇرلانسۇن ،ساڭا قاراپ ئۇيغۇر ئاتلىق بىر قەۋمنىڭ بۇرۇنلاردا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ،ھازىر يەر شارىدىن يوقالغانلىقىنى بىلىپ يېنىك ئەسنەك بىلەن ئۇف ياكى مەنسىتمىگەن ھالدا تۈف دەپ قويسۇن ،كىر  دەپ دۈمبەمگە نەيزىسىنى نىقتاپ مېنى رامكا ئىچىگە كىرىشكە ئۈندۈگىدەك ،مەن قورقۇنچ ۋە غەزەپتىن تىترەپ ياق ،
سەن ئاخىرقى ھىندىئان ،لېكىن مەن ھەرگىزمۇ ئاخىرقى ئۇيغۇر ئەمەسمەن ،يوقال دەپ سىرىتقا قاراپ قاچقۇدەكمەن ...
كەل ۋاپادارىم ،قاچما ،سەن بۇ رامكىغا ئەڭ لايىق ،سەن چوقۇم كىرىشىڭ لازىم ،ئۇ نەيزىسىنى بوغۇزۇمغا نىقتاپ تۇرۇپ مېنى رامكىغا ئىتتۈردى ..
ياق ...........يوقال ،ئاخىرقى ئىندىئان ،مەن ئاخىرقى ئۇيغۇر ئەمەس ياق ...
چۆچۈپ ئويغاندىم ؛
مەن ئۇنى نەدە كۆرگەن ،ئۇ مېنى قانداق تونۇپ قالدى ، ئۇ نېمانچە تونۇش چىراي ،،،،،سەھەر 5لەرگە بارماي توۋا ئىستىغبارلار ئىچرە ئۇ خۇددى كومپىيوتۇرۇم ئىچىدە باردەك بارلىق رەسىملەرنى ئىزلىدىم ،توغرا ،مەن ئۇنى تاپتىم ،ئۇنى قارامايدا كۆرگەن ئىكەنمەن ،بۇلتۇر ئۆكتەبىر كۈنلىرى قاراماي شەھرىگە ساياھەتكە بارغاندا دوسىتلار باشلاپ كىرگەن ئاچچىق چۈچۈكخانىـــــــــــــنىڭ تېمىغا ئېسىلغان يەردە ئۇنى خۇددى ھاياتتەك ھېس قىلىپ رەسىمگە تارتىۋالغان ئىكەنمەن ...
بايىقى چۈشلەرنى ئويلاپ رەسىمگە قورقۇپراق تىكىلدىم ،ئۇ خۇددى ھاياتتەك ،قوي كۆزلىرىدىن ھېلى ياش تۆكۈلىدىغاندەك ،بېشىدىكى پەيلىرى ھېلى مىدرلايدىغاندەك ماڭا تىكىلىپ قالغان ئىدى ...
ئاھ بىسەرەمجان چۈشلەر ،ئاھ بىسەرەمجان ۋاپادارىم
2012-يىل 1-نويابىر ،شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Eltekin + 99 ئاچچىق-چۈچۈكخانىدەك ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى خىلى چوڭقۇردەك قىلامدۇ؟!

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم . بۇ چۈشىڭىز ئارقىلىق خېلى كۆپ تەربىيەگە ئىگە بولغانسىز؟مەنمۇ ھەم شۇنداق . ئۇلۇغ[اللا]بارلىق مۇسۇلمان بەندىللىرىگە ئىمان ئاتا قىلسۇن...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6784
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 79392
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7582 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بۇ چۈشنى قارامايدا كۆرگەنمىدىڭىز؟ ....

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86272
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-10-20
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16632
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:01:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر  نەرسلەرنى چۈشەنگەندەك  بولدۇم  قېرندىشىم

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما.تېما ئېگىسىگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۈر!!!!
ياخشى تېمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5507
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:26:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ۋاپادارىم 912قېرىندىشىم!...قارمايدا كۆرگەن...بۇ چۈشىڭىز...يېڭىچە ئۇسلۇپ بىلەن،ئاجايىپ ياخشى...نامايەن بوپتۇ...شاۋقۇن-سۈرەنگە تولغان بۇ دۇنيادا،....ئاخىرقى ئۇيغۇر بولۇپ قالماسلىقنى ئولۇغ اللا دىن تىلەيلى!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3701
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:31:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرسوم پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى،ساخاۋەتچى قېرىندىشىمىزئەيساجاننى مىسرانىمدائۇچراتقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 02:31:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  بۇنداق ئۆي چىقىش-كۈچۈشلەر ئۇ يەردىلا ئەمەس بىزنىڭ يۇرۇتتىمۇ بار ،لىكىن بىز نەگىلا بارمايلى يەنىلا ئىجىل - ئىناق ياشايمىز . بىزنىڭ قوشنىدارچىلىقىمىز مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ  ! .......رەخمەت .

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش