مەھبۇس خاترسى
ئىگىز قورشاۋ تۆمۈر پەنجىر ئارا مەھبۇس،
كۆزىنى چىڭ يۈمۈپ ئەسلەر جاھانىنى.
تونۇپ ھەقنى ئېلىپ باشقا كۈتەر شۇنداق،
قىلىپ ئىجرا جازا ھۆكۈم قارارىنى.
سېغىنسا مىھرىبانى يوق سوغۇق تۆتتام،
كىشەن سۆرەپ كۈتەر قايتا باھارىنى.
ئۈمۈت بىرلە ياشارغاي جان بېرىپ بەرداش،
ساناپ يىللار ئازات پۇخرا قاتارىنى.
تەقەززا تاڭ ئۇزۇن تۈنلەر قېچىپ ئۇيقۇ،
بەسى-مۈشكۈل خىيال قويماس مادارىنى.
كۆك ئاسماننى بىلىپ تورۇس باقار ئويچان،
بېزەپ يۇلتۇز ئاي بىلەن-ئۇ ماكانىنى.
ئۆز-ئۆزىگە ئازاپ بىلەن جاكا ئەيلەر،
قاباھەتكە تولغان قىسمەت بايانىنى.
ھاياتلىقنىڭ مەنىسىگە يەتمەك ئۈچۈن،
قېرىنداشلار بىلسە-دەر ئۇ، بۇ ھالىنى.
.................
ئىگىز قورشاۋ تۆمۈر پەنجىر ئارا مەھبۇس،
كۆزىنى چىڭ يۈمۈپ ئەسلەر جاھانىنى.
تونۇپ ھەقنى ئېلىپ باشقا كۈتەر شۇنداق،
قىلىپ ئىجرا جازا ھۆكۈم قارارىنى.
.......
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن
تەۋىسيە:‹‹ئېغىزدا تىل ئاتلىق بىر شىر ياتادۇر
گەر قويساڭ ئىختىيار باشنى يارادۇر ››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-27 10:18 PM