مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 928|ئىنكاس: 9

بالىلار ساغلاملىق بىلىملىرى ( بېلۋېلىڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 09:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوۋاقلارغا چوڭلارنىڭ ئىچىملىكىنى ئىچۈرمەسلىك كېرەك
بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئاچچىقسۇ، تۇز ، روھلاندۇرغۇچى دورا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا چوڭلارنىڭ ئىچىملىكىنى ئىچۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس . مەسىلەن، قەھۋە، قارا چاي، گازلىق سۇ، كولا قاتارلىقلار. قەھۋە بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، بوۋاقلار بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. قارا چاي تەركىبىدە گەرچە ۋىتامىن ۋە باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولسىمۇ، لېكىن قارا چاي تەركىبىدىكى ئىشقارلار بالىلاردا يۈرەك سېلىش تېزلىشىش، كۆپ سىيىش، ئۇخلىيالماسلىق، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. گازلىق سۇ تەركىبىدە ناترىي ھىدروكاربون بولۇپ، ئۇ بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسراڭ

ئادەتتىكى گاس،گاچىلار ئاۋۋال گاس بۇلۇپ،ئاندىن كىيىن گاچا بۇلۇپ قالىدۇ،يەنى  گاسلىق گاچىلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.دېمەك،بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالالايمىز.بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسىراش ئۈچۈن ئاۋۋال قۇلاقنىڭ ئاددىي تۈزۈلۈشى ۋە ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش لازىم.بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ گال،كېكىردەك،ئېغىز بوشلۇقى ۋە تىل قاتارلىقلانىڭ تۈزۈلۈشى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.قۇلاق – تاشقى قۇلاق،ئوتتۇرا قۇلاق ۋە ئىچكى قۇلاق دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.تاشقى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ئارىسىدا قۇلاق پەردىسى (ناغرا پەردە )بولۇپ،بىر – بىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ.ئوتتۇرا قۇلاق ئىچىدە ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭىكى بولۇپ،ئۆز ئارا ئۇلىنىدۇ.ئۇ،ئاڭلاش سۆڭىكى ئۇلانمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.تاشقى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ئاۋاز يەتكۈزۈپ بېرىش قورۇلمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىچكى قولاق – دەلىز (دالانچا ) ۋە قولاق قولۇلىسىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دەلىز تەڭپڭلۇقىنى،قولاق قولۇلىسى ئاڭلاشنى باشقۇرىدۇ.دەلىزدە كېسەللىك يۈز بەرسە باش قېيىش،كۆڭۈل ئاينىش،قۇسۇشتەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.بۇ مېنېرى سىندۇرمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.قۇلاق قولۇلىسىدە كېسللىك يۈز بەرسە گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ.نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.ئوتتۇرا قۇلاقتا بىر كانال بولۇپ،يۇتقۇنچاققا تۇتىشىدۇ.ئۇ،قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلى دەپ ئاتىلىدۇ.بوۋاقلار بىلەن چوڭلارنىڭ قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلى قىسمەن ئوخشاشمايدۇ.بوۋاقلارنىڭ قولاق – يۇقۇنچاق كانىلى نىسبەتەن تۈز،كەڭرى ۋە كالتە بولىدۇ.بۇ،بوۋاقلار ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بىلەن ئاغرىشنىڭ ئاناتومىيلىك سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلىنىڭ يۇقىرسىدا بەزسىمان تەنچە،ئىچى تەرپىدە بۇرۇن بوشلۇقى،تۆۋەن تەرپىدە بادامسىمان بەز بولۇپ،ئەگەر بۇ ئورگانلارنىڭ بىرەرسىدە كېسەللىك بولسا قۇلاققا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.ئاۋاز تاشقى قۇلاق ئارقىلىق قۇلاق ناغرا پەردىسىگە ئۆتىدۇ.ئاندىن ئاڭلاش ئۇلانمىسى ئارقىلىق ئاڭلاش نېرۋىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ،ئاۋاز دولقۇنى مەركەزگە يېتىپ بېرىپ ئاڭلاش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

جىددىي خاراكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،سوزۇلما خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،كاتار خاراكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،قۇلاق كىرى،قۇلاقتىكى يات نەرسىلەر،نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىق قاتارلىقلار قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بۇرۇن بوشلۇقى،يۇتقۇنچق،يۇقىرى نەپەس يولى قاتارلىق ئورۇنلاردا ياللۇغلىنىش پەيدا بولسا كېسەللىك باكتېرىيلىرى قۇلاق يۇتقۇنچاق كانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاققا كىرىشى مۇمكىن.شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.ئەگەر يۇقىرى نەپەس يولىدا ياللۇغلىنىش بولغان ۋاقىتلاردا تۇز سۈيى بىلەن ئۋغىز چايقاپ ئېغىزنى پاكىز تۇتسا،بىر پىرسەنتلىك ئىپىدىرىن سۇيۇقلۇقىنى بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئانىلار بالا ئېمىتكەن ۋاقتىدا بالىنى كۆتۈرۈپ تىزىدا قويۇپ بېشىنى سول جەينىكىگە قويۇپ ئوڭ قولى بىلەن ئېمىتىشى لازىم.سۈتنىڭ بالا ئۆپكىسىگە كېتىپ تۆتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ئېمىتىش ناھايىتى تېز ياكى تۇيۇقسىز بولماسلىقى كېرەك.بالا يۆتىلىپ كەتسە سۈت قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلىغا پۈركۈلۈپ كىرىپ كېتىدۇ.ئەگەر سۈت پاكىز بولمىسا،تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى ۋە باشقا باكتېرىيىلەر بولسا نەتىجىدە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۇدا ھەر خىل باكتېرىيىلەر نۇرغۇن بولۇپ،ئەگەر سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناش نەتىجىسىدە قۇلاققا كىرىپ كەتسە تاشقى قۇلاق،ئوتتۇرا ياللۇغى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.بولۇپمۇ ئىلگىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بالىلارنىڭ قۇلاق ناغرا پەردىسى تېشىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئاسانلا قايتا ياللۇغلىنىدۇ.

بەزىلەر ئۆزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قۇلىقىنى سەرەڭگە ياغىچى ياكى ئاياللار چازىسى بىلەن كولاشقا ئامراق.كولاش جەريانىدا سەللا دىققەت قىلمىسا قۇلاق ناغرا پەردىسى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق زەخمىلىنىدۇ.ئەگەر قۇلاقتا قېتىپ قالغان كىر بولسا ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بەش ئەزا بۆلۈمىگە كۆرسىتىپ ئالدۇرۇۋېتىشى لازىم.

بەزىدە بالىلار ئوينىشىپ ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ قولىقىغا ماش،خۇاسىڭ مېغىزى ياكى ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى تىقىپ قويىدۇ،بەزىدە پاشا ياكى باشقا ئۇششاق قۇرتلارمۇ قۇلاققا كىرىۋالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا قۇلاققا كىرىپ كەتكەن نەسىلەرنى چىقىرىۋېىش قىيىن بولىدۇ.ئەكىسچە چىقىرىۋېتىش جەريانىدا ئىچكىرەك ئىتتىرىلىپ كىرىپ كېتىپ،قۇلاق دومباق پەردىسى ۋە ئوتتۇرا قۇلاقنى زېدە قىلىۋېتىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن باشقا بۇرۇن – يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر،زۇكام،سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى،بۇرۇندىكى مۇنچاق گۆش،بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلار ھەر خىل قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.سوزۇلما خاراكتىرلىك كاتارلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بالىلاردا گاسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.بىر قىسىم قۇلاق كېسىلى ئۇزىراپ كەتسە قۇلاق دالىنىدا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىپ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قاتتىق جىسىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ – دە،ئوتتۇرا قۇلاق ئىچىدىكى ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭىكى بىلەن چاپلىشىپ مەڭگۈلۈك گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ – چاپلىشىش خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.

جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر،مەسلەن،تارقىلشچان مېنىگىت،تارقىلشچان گۈرەن بەز يەللۇغى،قىزىل،تارقىلىشچان زۇكام،كېزىك ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ زەھىرى قۇلاق قولۇلىسىگە كىرىپ،گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىشچان مېنىنگىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گاسلىق ئېغىر بولۇپ،ئاسان داۋالىغىنى بولمايدۇ.بىر قىسم بالىلاردىكى گاسلىقنى سېزىۋېلىش ئاسان ئەمەس.ناۋادا پۈتۈنلەي گاس بولس ئاسانلا سېزىۋالغىنى بولىدۇ.لېكىن ئاڭلاش ئىقتدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا سېزىۋېلىش نىسبەتەن قىيىن بولىدۇ.

1.   بالا سۆزلەش يېشىغا يەتكەندە سۆزلىيەلمەيدۇ.بىر نەرسىنى چۈشىنىش،ئىگەللەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ،بەزىدە مىجەزى قوپال،روھسىز بولىدۇ.

2.  ئۇخلىغاندا بالا ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن قورقمايدۇ،بوشراق ئاۋاز بىلەن چاقىرسا ئوغانمايدۇ،ئاڭلىمايدۇ،بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چاقىرىش ياكى مىرىرلىتىش لازىم بولىدۇ.

3.     گاس بالىنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرسا ئاڭلىمايدۇ ياكى ئېنىق ئاڭلىيالمايدۇ.

4.  گاس بالىغا سۆز قىلسا بېشىنى يانتۇ قىلىپ ئېغىزنىڭ شەكلىگە كۆپرەك دىققەت قلىپ قارايدۇ.دېمەك،بالىلاردا گاسلىق ياكى گاس –گاچىلىق سېزىلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

دورىلار بىلەن زەھەرلىنىش:سترېپتومىتىسىن،گېنتامىتسىن،نىومىتسىن،كانامىتىسىن،كۇينىن قاتارلىق دورىلارنىڭ قۇلاققا تەسىرى بولۇپ،گېنتامىتسىىننىڭ زەھىرى كۈچلۈكرەك ئىپادىلىنىدۇ.قۇلاق قولۇلىسىنى زەھەرلەپ ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيە بېرىپ نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.كۆپ مىقدادىكى ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش،بولۇپمۇ سترېپتومىتسننى كۆپ ئىشلەتكەندە دورا بىلەن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك گاسلىق ياكى دورنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيە بېرى خاراكتېرلىك گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەزى بالىلارغا،قىزىتىش سەۋەبى بىلەن سترېپتومىتىسىن ئىشلەتسە قىزىتمىسى چۈشۈپ كېسىلى ساقايسىمۇ لېكىن 2 – 7 ئايدىن كېيىن سۆزلەش يېشىغا يەتكەندىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى ئاۋۋال سۆزلىيەلىسىمۇ كېيىن ئاۋازى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ،سۆزلىرى ئازىيىپ كېتىدىغان،ئاخىرى پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ ئۇچرايدۇ.

سترېپتومىتىسىن ۋە باشقا ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن زەھەرلىنش خاراكتېرلىك گاسلىق ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسيە بېرىش خاراكېترىدىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بۇخىل دورىلارنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك،ئەگەر ئانتىبىئوتىك دورىلار ياكى سترېپتومىتسىن بىلەن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك ياكى زىيادە سەزگۈ رېئاكسىيە بېرىش خاراكتېرلىك گاسلىق سېزىلسە دەرھال دورا ئىشلىتىشى توختىتىش گاسلىق سېزىلسە دەرھال دورا ئىشلىتىشىنى توختىتىش،مەخسۇس بەش ئەزا بۆلۈم دوختۇرىغا كۆرسىتىش لازىم.

بوۋاقلارنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئېچىش

بىر- ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلى قابىلىيتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ ؟
بىرئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلار بېشىنى 30 سىكۇنت ئەتراپىدا كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.كۆزلىرى بىلەن نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.ھەركەتچان نەرسنى قوغلىيالايدۇ. كۆزئالدىدىكى ئويۇنچۇق ۋە چىرايغا تىكىلىپ دىققەت بىلەن قارىيالايدۇ. بوۋاقنىڭ ئىپادىسى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەم ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلىپ قىلسا، ئۇ مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ ياكى خۇشاللىق بىلەن پۇت–قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ياكى كۈلۈمسىرەپ قويىدۇ ۋە ياكى ۋىلىقلاپ كۈلەلەيدۇ.ئۆزىگە تونۇش بولغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىغىسىنى توختىتالايدۇ ھەم شۇنداقلا خۇشاللىقى بىلەن خاپىلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. خۇشال بولمىغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايدۇ.  
ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيتى بولىدۇ؟
ئۈچ ئايلىق بولغان بالىلار بېشىنى تىك تۇتالايدۇ ،مۇقىم ھالدا دۈم ياتالايدۇ. بىلەكلىرى بىلەن بېشىنى تۇتۇپلا قالماستىن يەنە بەدەنلىرىنى تۇتالايدۇ. كۆكرىكىنى تۈزۈلىيەلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويۇنچۇق ۋە رەسىمگە قارىغاندا ناھايىتى خۇشال بولغان قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا بەزىبىر گۇڭراش ئالامەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇزاق ۋاقىت قىرقىراپ يىغلايدۇ. تونۇش بولغان كىشىلەر ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلىپ قىلغاندا  گۇڭرايدۇ، ھەتتا ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلاردا نەرسىلەرنى تۇتۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ. گەرچە تۇتالمىسىمۇ، بىراق جىرىڭلايدىغان ئويۇنچۇق قاتارلىق يېنىك نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، خېلى ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
تۆت ئايلىق بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيتى بولىدۇ؟
تۆت ئايلىق بوۋاقلار قولغا ئۇرۇنغان نەرسىنى تۇتالايدۇ. ئەگەر ئويۇنچۇقنى ئۇ ئالالايدىغان يەرگە قويسىڭىز، قولىنى سوزۇپ ئالالايدۇ .بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بېشىنى تىك تۇتالايدۇ . ئوڭ، سولغا خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدۇ، ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ قويسىڭىز،ئىككى تەرەپكە مىدىراپ ئۆرۈلەلەيدۇ .بەزى بالىلارنى دۈم ياتقۇزۇپ قويسا ياكى يانتۇ ياتقۇزۇپ قويسا ئوڭدىسىغا بولالايدۇ. ئاز ساندىكى بالىلار ھەتتا بەدىنىنى ئۆرۈپ، ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتتىن دۈم ياتقان ھالەتكە كېلەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۆت ئايلىق بوۋاقلار يۇقىرى ئاۋازدا كۈلەلەيدۇ. خۇشاللىق، خاپىلىق قاتارلىق چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. تۆت ئايلىق بوۋاقلار يەنە ئەينەككە قاراپ كۈلۈمسىرەلەيدۇ.
بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار نىمىلەرنى قىلالايدۇ؟
بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار، بېشىنى خالىغانچە ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. يەنە قولى بىلەن ئالماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئالالايدۇ. بىراق تۇتۇۋالغان نەرسىنى ۋاقتىدا تاشلىۋىتەلمەيدۇ، قولىغا ئىلىۋالغان نەرسىنى بىر قولدىن يەنە بىر قولغا يۆتكىيەلەيدۇ. ئۇ ئۆمىلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىلەكلىرى بىلەن بەدىنىنى تىرىيەلەيدۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى نەرسىگە دىققەت بىلەن قارىيالايدۇ، چوڭلارنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، بىر قەدەم –بىر قەدەمدىن ماڭالايدۇ. كۆتۈرۈلگەندە پۇتى بىلەن تىرەپ تۇرۇۋالىدۇ. بەدىنىنىتىك تۇرغۇزالايدۇ. بىراق مۇستەقىل ئولتۇرالمايدۇ. دۈم ياتقۇزۇپ قۇيسا ئوڭدىسىغا بولالايدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئېنىق ھالدائاتا–ئانىسىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئىپادىسى ناھايىتى مول بۇلۇپ، خۇشاللىق، خاپىلىق، ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈش قاتارلىق ئىپادىلەرنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. خاپا بولغان ۋاقىتتا قاتتىق يىغلايدۇ. خۇشالبولغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا كۈلەلەيدۇ ھەم ئەينەكتىكى ئۆزىگە قاراپ كۈلەلەيدۇ.  
ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيتى بولىدۇ؟
ئالتە ئايلىق بوۋاقلار ئۆزى ئۆرۈلەلەيدۇ. .ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قولىنىڭ ھەرىكىتى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ، نەرسىلەرنى توغرا تۇتالايدۇ، نەرسىلەرنى پۇلاڭشىتالايدۇ. ئۇلار ولتۇرغاندىكى قىياپەتنى ساقلاپ تۇرالايدۇ ھەم كىشىلەرنى تونۇشقا باشلايدۇ. يات كىشىلەرنى كۆرگەندە قورقۇش  تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ھەتتا يىغلايدۇ. بىراق يەنە تونۇش كىشىلەرنى تونۇمايدىغان بالىلارمۇ بولىدۇ.
يەتتە ئايلىقتىن سەككىز ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟
يەتتە-سەككىز ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ.
1.        تەخمىنەن يەتتە ئايلىق بولغاندا ئادەم تونۇشقا باشلايدۇ. تونۇش كىشىلەرنى كۆرگەندە كۈلىدۇ. ناتونۇش كىشىلەرنى كۆرگەندە تىكىلىپ قارايدۇ ياكى يىغلايدۇ. بۇ بالىلاردا ئادەم تونۇش قابىلىيتىنىڭ يېتىلىشى باشلانغانلىقنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ يېتىلىشى نىسبەتەن تېز بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. يېتىرقايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئىمكانقەدەر ككپرەك سىرتلارغا ئاچىقىپ، كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىتىش، ھايۋاناتلارنى كۆرسىتىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئاستا-ئاستا يېتىرقىمايدىغان بولىدۇ.ئەگەر كۈن بويى ئۆيدە بولۇپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئاز بولسا، يېتىرقاش چەمبىركىدىن قۇتۇلمىقى ناھايىتى تەس.
2. بۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزىنى تونۇش تۇيغۇسى بىخلىنىشقا باشلايدۇ. قىزىقىش ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۆرسىلا ئالغۇسى، تۇتقۇسى كېلىدۇ، تۇتۇۋالغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىەە بەرمەيدۇ. ئەەەر ئۇنىمىغىنغا ئۇنىماي ئېلىپ كەتسە، قاتتىق يىغلايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا ئۆزىنى تونۇش تۇيغۇسى بىخلىنىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
3. بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ، ئولتۇرالايدۇ، ئۆرۈلەلەيدۇ. يەنە قولىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدۇ. ئۆرە تۇرغاندا ئولتۇرغان ۋاقىتىدىن بەكرەك نەرسىلەرنى كۆرەلىگەچكە، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.
4. بۇ مەزگىلدە، بالىلار دوراش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، دوراشقا باشلايدۇ. ئاپىسى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىنى چېكىپ تۇرۇپ كۆرسەتسە، دەرھال ئوخشاش ھەرىكەت بىلەن دورايدۇ. بۇئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
5.بۇ مەزگىلدە بالىلاردا ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيتى يېتىلگەن بولىدۇ. بىراق پەقەت ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئەستە تۇتالايدۇ. مەسىلەن؛ئويۇنچۇقنى كارىۋاتتىن يەرگە ئېلىۋاتقاندا، ئىزدەپ تاپالايدۇ. بىراق، چوڭلار ئۇنىڭغا باشقا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بەرسە، دەرھال باياتتىن يۇز بەرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
توققۇز ئايلىقتىن ئون ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟
ئون-توققۇز ئايلىق بولغان بالىلار .ەپچىللىك بىلەن ئۆمىلىيەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا بەزىدە نەرسىلەرگە تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدۇ.قولىنىڭ ھەركىتىمۇ بارغانسېرى چاققانلىشىدۇ. قەغەزنى يىرتىپ ، ئېغىزىغا تىقالايدۇ. ئويۇنچۇقنى بىر قولدىن يەنە بىر قولغا يۆتكىيەلەيدۇ، قولى بىلەن جوزىنى ئۇرالايدۇ، يەنە بارماقلىرى بىلەن جوزىدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن؛تاماق پارچىلىرى، كىچىك قوشۇق قاتارلىقلار. تىل جەھەتتە؛ئاستا-ئاستا تىلنىڭ چوڭلار بىلەن .ئالاقىلىشىشىدىكى قورال ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئسمىنى چاقىرغاندا، ‹‹ھە››دېگەچ بېشىنى بۇرايدۇ. ئۇنىڭغا خوش دىگەندە، قولنى پۇلاڭلىتىدۇ ياكى بېشىنى لىڭشىتىدۇ. سۆز-ئىبارىلەر بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتوناتسىيە جەھەتتە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى چۇشىنىشكە باشلايدۇ ھەم شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى چۇشىنەلەيدۇ.
11،12 ئايلىق بولغان بوۋاقلار نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
11ئايغا توشقان بالىلار نەرسىلەرنى تۇتۇپ ماڭالايدۇ. قولىنى يېتىلەپ تۇرۇپ ماڭغۇزغاندا ماڭالايدۇ. مۇستەقىل ھالدا ئۆرە تۇرالايدۇ، زوڭزىيالايدۇ، بېلىنى ئىگەلەيدۇ. نەرسە يىگەندە كىچىك قوشۇقنى تۇتۇپ ئاغزىغا ئاپىرالايدۇ. ئاگەر ئۇنىڭغا توپ تاشلاپ بەرسىڭىز، ئۇ توپنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ۋە تاشلىيالايدۇ (گەرچە ئۇسۇلى توغرا بولمىسىمۇ) ئۇلار قەلەم بىلەن قالايمىقان سىزىشقا ئامراق بولىدۇ، كۆپلىگەن بالىلار بۇ چاغدا گەپ قىلالمايدۇ. بىراق تىلغا بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاللىقاچان كۈچەيگەن بولۇپ، بەزى بالىلار چوڭلارنىڭ سۆزىنى دورايدۇ. بىراق پەقەت، بىر-ئىككى سۆزنىلا دېيەلەيدۇ. مەسىلەن؛ ‹‹دادا، ئاپا››دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالايدۇ. 12ئايلىق بولغاندا ماڭالايدۇ. بەزى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ھالدا بىر قانچە قەدەم ماڭالايدۇ. بىراق پۇختا ماڭالمايدۇ. ئۇلار ئويۇنچۇق ساندۇقىدىن ئويۇنچۇقنى ئالالايدۇ ۋە سالالايدۇ، نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلاشقا ئامراق بولىدۇ، كىيىمنى كىيدۈرگەندە ماسلىشىپ بىرىدۇ.ئۇلار ئاڭلىق ھالدا ‹‹دادا، ئاپا››دەپ چاقىرىيالايدۇ. ئادىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ياكى قول ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىمىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.تىل جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بالىلار بىر قانچە سۆزنى قىلالايدۇ. چوڭلارنىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىپىنى ‹‹رەت قىلىشقا››ئامراق كېلىدۇ.

پەرزەنت تەربىسىدىكى بەزى خاتا قاراش ۋە ئۇسۇللار
1.بالىلار كىچىكىدىن پۇل خەجلەپ ئادەتلەنسە، پۇلنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلار كىچىكىدىن پۇل خەجلەپ ئادەتلەنسە كىيىنكى كۇنلەردە پۇلنى توغرا ئىشلىتەلەيدۇ،دەپ قاراپ بالىلىرىنىڭ ئايىغى چىققاندىن باشلاپ خەجلەشكە پھرچە پۇللارنى بىرىدۇ.ئەگەر بالىغا كۇندەپۇل بىرىپ كۆندۇرۇلسە بالا پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلمەي، خەجلەشنىلا بىلىپ، كىچىكىدە ئازراق پۇلغا رازى بولغان بىلەن يېشى چوڭايغانسىرى كۆپرەك بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم ھۇرۇن، ئىش خوشياقماس بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا كۇندە پۇل نىرىپ كۆندۇرمەسلىك، پۇل بەرگەندە پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى چۇشەندۇرۇش، شۇنداقلا لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى بىللە چىقىپ ئېلىپ بىرىش كىرەك.  
2.بالىلارغا قانچە قاتتىق قول بولسا، شۇنچە پايدىلىق، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىسا، بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلماستىن، ئۇلارغا ھەرخىل بېسىملارنى ئىشلىتىدۇ، ھەتتا ئۇرۇپ-تىللاپ قورقىتىدۇ. ناۋادا بۇخىل ئەھۋال ئىزچىل داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ بەزىلىرى قورقۇنچاق، يالغانچى، كۆز بويامچى بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرى بولسا قاششاقلىشىپ تاياقتىنمۇ قورقمايدىغان، يەنە تېخى چوڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان، تەربىيە قۇبۇل قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
3.ئىمتاھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالساڭ مۇنچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمەن ياكى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭنى ئېلىپ بىرىمەن، دەپ ۋەدە بىرىش
بۇ ئۇسۇل گەرچە مەلۇم جەھەتتە بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش رولىنى ئوينىسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغىتالمايدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسى بىرىدىغان پۇلنى دەپلا ئۆگىنىدىغان، ئەەر ئاتا-ئانىلار ۋەدىسىدە تۇرمىسا ئۆگىنىشتىن ۋاز كىچىدىغان ناچار ئادەتنى يىتىلدۇرۋالىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئالدىراپلا، سىنىپ بويىچە مانچىنچى قاتارغا كىرەلەسەڭ ياكى‹‹ئۈچتە ياخشى››ئوقۇغۇچى بولالىساڭ ياخشى كىتاپلارنى ئېلىپ بىرىمەن، تەتىلدە ساياھەتكە ئېلىپ چىقىمەن، دېگەندەك ۋەدىلەرنى بەرمەسلىك كىرەك.
4.بالىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۇلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئەركىن چوڭ بولىشىغا پايدىلىق، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئامراقلىق قىلىپ ياكى ۋاقىتلىق زىددىيەتتىن قېچىپ بالىلىرى نىمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى قىلىپ بىرىدۇ، ھەتتا بالىلىرىنىڭ بەزىبىر يولسىز تەلەپلىرىنىمۇ ئورۇنلاپ بىرىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئالى دەرىجىلىك كىيىملەر بىلەن قونچاقتەك ياساپ، قىممەت باھالىق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بىرىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا بالىلار چوڭ بولغانسىرى ئۆز سايىسىغا تولا قاراپ، ئۆگىنىش بىلەن كارى يوق كىيىم-كىچەككىلا قىزىقىدىغان، چىدامسىز شەخسىيەتچى، باشقىلار بىلەن بەسلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۆزىدە ماختانچاقلىق، ھاكاۋۇرلۇق، جاھىللىق قاتارلىق ناچار خاراكتىرنى شەكىللەندۇرۋالىدۇ.شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ، يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىش كىرەك.
5.بىر تەرەپ تەربىيە بىرىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپ يان بېسىش
بەزى ئائىلىلەردە بالىلار خاتالىق ئۆتكۇزۇپ قويغاندا، ئاتا-ئانىنىڭ بىرى تەربىيە بىرىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپ بالىغا يان بېسىپ، نەق مەيداندىلا قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقىدۇ. بۇخىل ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا بالا ئاتا-ئانىسىدىن بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، يەنە بىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ئامراق بولسىڭىز ياكى قارشى تەرەپنىڭ تەربىسىنى بەكرەك قاتتىق بولۇپ كەتتى، دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ بالىڭىز يوق يەردە ئۆز پىكرىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئېنىق ئېيتىشىڭىز كىرەك. بۇ پەرزەنت تەربىسىدىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل.
6.بالىلارنى چوڭلار باقسا ياخشى بولىدۇ، دەپ قاراش
خىزمەت قىلىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن پەرزەنتلىرىنى ئۆزى بېقىشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلار بولغاچقا، بالىلارنى چوڭلارنىڭ بېقىپ بىرىشىگە توغرا كىلىدۇ. بۇنداق بالىلار بەزى يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالغاندا ئۆز ئاتا-ئانىسى تەربىيە بەرسە، چوڭلار:‹‹ئاتا-ئاناڭ سىنى قانچىلىك بېقىپتىكەن، سىنى مۇشتۇمدەك ۋاقتىڭدىن باشلاپ بىز باققان، ئۇلارنىڭ ساڭا تەربىيە بىرىپ كەتكۇدەك نىمە ھەققى؟››دەپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلىرىغا بەرگەن تەربىيسىنى ئىنكار قىلىۋىتىدۇ. بۇخىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار كىيىن ئۆز ئاتائانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆز بېشىمچى، كاج، جاھىل خاراكتىرنى شەكىللەندۇرۋالىدۇ. شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بولسۇن، بالىلارغا بېرىلگەن تەربىيە مۇۋاپىق ۋە پايدىلىق بولسىلا ئۆز ئارا ئىنكار قىلىۋەتمەسلىكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيسى بىردەك بولىشى كىرەك. .
7.ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالىلار بىلەن كارى بولماسلىق، ئمتاھان نەتىجىسىگە قاراپلا جازالاش
بەزى ئاتا-ئانىلار ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئانچە كۆڭۇل بۆلمەيدۇ. لىكىن ئىمتاھان نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بولۇپ قالسا بالىلىرىنى تىللايدۇ ھەتتا ئايرىم ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قاتتىق ئۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار ئىمتاھان نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا ئۆيگە قايتىشتىن قورقۇپ بېشى قايغان يەرلەردە يۇرۇپ ئويلىمىغان ئەھۋاللارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.2005-يىلى9-ئايلاردىكى بىر قېتىملىق تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەلۇم ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ يەر ئاستى يولدىن تېپىۋىلىپ مەكتەپكە خەۋەر قىلغانلىقىنى، ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن نىمىشكە ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتاھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلىقىنى، ئۆيگە بارسا دادىسىنىڭ ئۆزىنى تۇرۇسقا ئېسىپ قويۇپ ئۇرىشىدىن قورقۇپ ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى.
يېقىندا بىر تۇنۇشىمىز:‹‹مەكتەپتە بالىلاردىن ئىمتاھان ئالماي ئوقۇتسىكەن دەيمەن››دەيدۇ. مەن ھەيران قېلىپ ‹‹نىمىشقا››دەپ سورىسام،ئۇ:‹‹بالام ئادەتتە مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ  تامىقىنى يەپلا ئاز دېگەندە ئىككى-ئۇچ سائەت ئۆگىنىش قىلىدۇ، ھەتتا شەنبە، يەكشەنبە كۇنلىرىمۇ ماتىرىيال كۆرىدۇ. ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمۇ ياكى دىققىتىنى يىغالمامدۇ، شۇنچە ئۆگەنسىمۇ ئىمتاھاندا ئاساسلىق پەنلەردىكى نەتىجىسى يەنىلا تۆۋەن چىقىدۇ. دادىسىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالا بىلەن كارى بولمايدۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق ئىمتاھاندا بالىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۇپلا ئۇنى ئۇرۇپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىمتاھان دىسە بالىدىن بەكرەك مىنىڭ يۇرۇكۇم سۇ بولىدۇ›› دەيدۇ.
بالىلارنىڭ مەكتەپمىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىشى، ئىمتاھاندا تۆۋەنرەك نۇمۇر ئېلىپ قېلىشى ئادەتتە كۆرۇلۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال، ئاتا-ئانىلار بۇخىل مەسىلىلەرگە يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئەھۋال ئىگىلەپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەربىيە بىرىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈش، كۆپرەك پاراڭلىشش ۋە سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى، ئۆگىنىش جەھەتتە داۋامىلق تەلەپ قويۇشى، سسسىنىپ مۇدىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ پەرزەنتى توغرىسىدا كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇشى كىرەك. ئەمەلىيەتتە ئىمتاھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەپنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلاردا بولىشى ناتايىن.
8.بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتى ئازىيىپ، ئاتا-ئانىلىق مىھرى سۇسلاش
بەزى ئاتا ئانىلار خىزمەت ئالدىرشچىلىقى، ئايىغى چىقمايدىغان ئادەمگەرچىلىك ۋە چاي-ئولتۇرۇش سەۋەپلىك بالىلىرى بىلەن دائىم دېگۈدەك بىللە تۇرالمايدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت سۇسلاپ، بالىلار سىرتتىكى يامان ئىشلارغا ئارلىشىپ قېلىشى ياكى تورخانا، دېسكوخانىلارغا ئۆگىنىپ قېلىپ بۇ جەرياندا ئۆگىنىش، تاماقلىنىش ۋە ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالسا قورقۇنچاق، ياۋاش، ئاسان جىددىيلىشىدىغان، جۈرئەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار باردى-كەلدىلەرنى ئىمكان بار ئازايتىپ، بالىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۇندىلىك ئومۇمى ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى كىرەك
9.بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلالماسلىق
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئۆيدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئوينايمەن، دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالسا ياكى كوچىلاردا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئالىمەن، دەپ غەلۋە قىلسا، بالىلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق يولسىز تەلەپلىرىنى تېزلا ئۇرۇنداپ بىرىدۇ. ئەمما بۇنداق بولىۋەرسە بالا چوڭ بولغانسىرى ئۇنىڭ تەلىپىمۇ بارغانسىرى ئېشىپ، ئۇلارنى چەكلەش تەسكە چۇشىدۇ. بۇۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۇندىن-كۇنگە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتقانلىقىدىن، تەربىيە قۇبۇل قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. شۇڭا بالا كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى چەكلەش كىرەك.
2007-يىللىق ئاياللار ژورنىلى12-ئايلىق سانىدىن ئېلىندى


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5791
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 11:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىپ كىين پايدىلىناي -ھە

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17722
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:22:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنى ھەم فىزولوگىيلىك ھەم پىسخولوگىيلىك جەھەتتە ساغلام دورىلار بىلەن تەمىللىشىمىزكىرەك.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:42:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلىۋىلىپ،تەپسىلى ئوقۇپ چىقاي.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8840
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:52:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق تىما

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 10:59:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ساقلىۋالدىم كىيىن لازىم بوپ قالار

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

بېشىم ئاغرىپلا ت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42291
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4572
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 3335 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 11:23:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن بىلۋېلىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن،چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيۇپ پايدىلناي....

‹جىنايةت› جةميةتلةشسة ‹جىنايةت› بولماي قالىدۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 11:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېزگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 03:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۈلۈش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۈلۈشنىڭ مۇقەدىمىسى.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1901
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 12:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3ياشلىق بالىلار ‹ ئوت سىزىقىدىن ھالقىپ چىقىش › دىگەن ئويۇننى ئوينىيالايدۇ . مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ بالىسى بۇئويۇننى قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالايدۇ . مەن كۆرۈپ ھەيران قالغان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش