بۈگۈنكى كۈنلۈكتە كىنودىن ئىبارەت بۇ كۆڭۈل ئېچىش تۈرى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىرخىل تاماششا تۈرىگە ئايلىنىپ قالدى ، كۆپ ساندىكى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ كىنو كۈرۈش ئارقىلىق خۇشاللىققا ئىرىشىشنى تاللاۋاتىدۇ ، شۇنىڭغا بىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان نادېر كىنولار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كىلىۋاتىدۇ .
تۈۋەندە مەن يېقىنقى بىرقانچە ئون يىلنىڭ ئىچىدە ئىشلىنىپ تاماششىبىنلار بىلەن يۈز كۈرۈشكەن ، ھەرخىل مەزمۇندىكى كىنولاردا سەلبىي ئوبرازلارنى ياراتقان يەنى قارا جەمىيەت ئەزاسى ۋە قارا جەمىيەت كاتتا بېشى قاتارلىق مۇھىم بولغان سەلبىي ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنداپ كىلىۋاتقان بىر قانچە نەپەر ئارتىسلارنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن ، ياقتۇرىدىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار ،
1 - سۈنخۇڭلى
1970 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۇغۇلغان ئارتىس سۈنخۇڭلى كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى ۋە قانچىلىغان نادېر كىنو لاردا باش رول ۋە سەلبىي روللارنى ئالغان ، ئۇنىڭ تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولاردىكى ئاساسلىق ئوبرازلىرى ، كۆپرەك قارىماققا سالماق ۋە ئەدەپلىك ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زەھەرخەندە. رەھىمسىز . تەسېر دائىرىسى كەڭ . ۋە ئەقىللىق بولغان قارا جەمىيەت كاتتا باشلىرىنىڭ رۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنداپ كۈرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ،
{ يان تېلفۇنىڭىزنى ئېچىۋېتىڭ } ناملىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىدا سۈنخۇڭلى قاراجەمىيەت كاتتا بېشى ئوبرازىنى ناھايىتى مۇۋاپىقىتەلىك ھالدا ئۇرۇندىغان ،
دەرىجىسى - ئۈچ يۇلتۇز
2 - رېندېخۇۋا
1955 - يىلى تۇغۇلغان بۇ جۇڭگو شىياڭگاڭلىق كىنو چولپىنى كەسپى ھاياتىدا 80 دىن كۆپ چوڭ - كىچىك كىنولاردا باش ۋە قۇشۇمچە روللارنى ئالغان ، 2000 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كىنو ساھەسىدە ھەقىقى تۇنۇلۇشقا باشلىغان ، ئىلگىركى قاراجەمىيەت ۋەقەلىكلىرى ئەكىس ئەتتۈرلىدىغان كىنولا بۇلىدىكەن ئۇنىڭدا رىندېخۇۋانى ئۇچراتقىلى بۇلاتتى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىجابى روللاردا كۆپرەك كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ ......
دەرىجىسى - ئۈچ يۇلتۇز
3 - لىياڭجىياخۇي
1958 - يىلى تۇغۇلغان جۇڭگو شىياڭگاڭلىق بۇ كىنو چولپىنىنىڭ قاراجەمىيەت ئەكىس ئەتتۈرلىدىغان كىنولاردىكى ئوينايدىغان سەلبىي روللىرى ھەقىقەتەن قالتىس بۇلۇپ ، بۇ كىشىنى ھەقىقى بىرتادلانىت ئىگىسى دىيىشكە بۇلىدۇ ،
2009 - يىلى قۇيۇلغان { پۇل ئىمپىرىيەسى } ناملىق فېلىمدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۇنداقلا قارا جەمىيەت باشلىقى ئوبرازى لىياڭجىياخۇي نىڭ ئەڭ قالتىس چىققان سەلبىي ئوبرازلىرىنىڭ بىرى دىيىشكە بۇلىدۇ ،
دەرجىسى - تۆت يۇلتۈز
4 - چېنشاۋچۈن
1967 - يىلى تۇغۇلغان جۇڭگولۇق بۇ كىنو چولپانى ئۈزىنىڭ كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كۆپ قىسىملىق فېلىملەردە ۋە ھىكايە فېلىملەردە رول ئالغان . ئۇ يەنە ئاز بولمىغان ئوردا فېلىملىرىدىمۇ رول ئالغان . بىراق ئۇنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرى ئىچىدە يەنىلا { گوخوزەي } يۈرۈشلۈك فېلىملىرىدىكى قارا جەمىيەت ئەزاسى ۋە كاتتا بېشى ئوبرازىرىنى ياراتقان كۆرنۈشلىرىنى ئەڭ قالتىس دىيىشكە بۇلىدۇ ....
دەرىجىسى - ئىككى يۇلتۈز
5 - خۇۋاڭجىنشېن
1962 - يىلى تۇغۇلغان بۇ كىنو چولپانىنىڭ كىنو ساھەسىدىكى تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . گەرچە ئۇ كىنولاردا كۈپۈنچە قۇشۇمچە روللارغا چىقسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى تەسىرى خېلىلا يۇقرى ، ، سەلبى ئوبراز شاھى دەپ نام ئالغان ، بۇ چولپاننىڭ { گۇخوزەي } يۈرۈشلۈك فېلىملىرىدىكى . قارا جەمىيەت كاتتا بېشى دافىي ئوبرازى نۇرغۇنلىغان كۈرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ....
دەرىجىسى - ئۈچ يۇلتۇز
6 - زۇجاۋلۇڭ
1967 - يىلى تۇغۇلغان جۇڭگولۇق كىنو چولپانى زۇجاۋلۇڭنىڭ ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى . ۋوللىۋوتنىڭ چوڭ تىپتىكى فېلىمى { خاككېر ئىمپىرىيەسى 2 ۋە 3 - بۈلۈملىرىدە } قالتىس ئۇبرازنى يارىتىپ ۋوللىۋودتتا بۇت تىرەپ تۇرغان بۇ سېرىق تەنلىك كىنو چولپانىنىڭ نۆۋەتتىكى كىنودا رول ئېلىش ئەڭ يۇقرى ھەققى 14 مىلىيۇن يۈۋەندىن ئېشىپ كىتىدۇ { گەرچە قۇشۇمچە رول بولسىمۇ } ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدە سەلبىي ئوبراز شاھى دەپ نام ئېلىشى . ئۇنىڭ ئەسكىلەرنىڭ ئوبرازىنى ئەڭ يۇقرى سەۋىيەدە يارتىپ چىققانلىقىدىن كەلگەن ، ئۇ ھەقىقەتەن ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان سەلبىي ئوبراز شاھى ...
دەرىجىسى - تۆت يۇلتۇز
7 - خۇڭجىنباۋ
1949 - يىلى تۇغۇلغان جۇڭگو شىياڭگاڭلىق كىنو شاھى گۇڭجىنباۋنىڭ كىنو ساھەسىدىكى تەسىرىنى چىڭلۇڭ بىلەن تەڭ ئۇرۇندا قۇيۇشقا بۇلىدۇ . ھەتتا چىڭلۇڭمۇ ئۇنى خېلىلا بەك ھۆرمەتلەيدۇ . گەرچە ئۇ كىنولاردا كۈپۈنچە قۇشۇمچە روللاردا چىقىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ھازېرقى بىز كۈرىۋاتقان دۆلىتىمىز شۇنداقلا ۋۇللىۋودنىڭ نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى كىنولارنىڭ رىجىسورلۇقىغا شۇنداقلا ئىشلىنىشىگە قاتناشقان . ئۇ ئاساسلىقى گۇمپا يىتەكچىسى بۇلۇپ فېلىملاردىكى ئېلىشىش كۈرنۈشلىرىنى لاھىيەلەيدۇ .... بىراق كۈرۈرمەنلەر ئۇنى ھەرقانداق رولدىن قارا جەمىيەت كاتتا بېشى ئوبرازىنى ياخشىراق يارتىدۇ دەپ قارايدۇ ....
دەرىجىسى : تۆت يۇلتۇز
8 - داشا
1955 - يىلى تۇغۇلغان { 2009 - يىلى 54 يېشىدا ۋاپات بولغان } بۇ كىنو چولپانى كەسپى كىنوچىلىق ھاياتىدا 350 تىن ئارتۇق كىنو ۋە 600 قىسىمدىن دىن ئارتۇق تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان ۋە ئىشلەشكە قاتناشقان ، شۇنداقلا جۇڭگو كىنوچىلىق تارىخىدىكى كىنولاردا ئەڭ كۆپ رول ئالغان ئارتىس بۇلۇپ باھالانغان ، داشا نىڭ تۇغۇلىشىدىنلا كىنولادىكى سەلبىي ئوبرازلارنى يارتىشى پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك. ھەرقانداق بىر قارا جەمىيەت تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنولا بۇلىدىكەن داشا بۇلاتتى ، ئۇنىڭ چىراي تۇرقى رول ئېلىش ئالاھىدىلىكى كىنولاردىكى ئەڭ ۋەھشى سەلبى روللارنى ئېلىشقا تازا چۈشەتتى ....
دەرىجىسى: بەش يۇلتۇز
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يوللاندى ، ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ .
مەنبە : گىلادىئاتور ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-27 08:54 PM