مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1141|ئىنكاس: 13

ئۆي سېتىۋېلىش(لىيۇ چاۋ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 07:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ گىپى چىقسىلا كۆپ ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .  يېقىندا ئىككىنجى قول ئۆيدىن بىرنى ئالماقچى بولدۇم ،ئەمما بىرىنجىدىن يېنىمدا كۆپ پۇل يوق ، ئىككىنجىدىن ئالدامچىغا يولۇقۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئەندىشە قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىلچە ئىزدەپمۇ، مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىدىم.
  ئۇكۈنى، بازاردا كېتىۋىتىپ ئىختىيارسىز بىر پارچە ئۆي سېتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. قاراپ باقسام، ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنى ماڭا تازا باپ كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىكى تېلىفون نومۇرىغا تېلىفون بىرىۋىدىم، ئۆي ئىگىسى ھازىر ئۆي كۆرسىتىشكە ۋاقتى يوقلۇقىنى، ئۇدۇل قوشنىسىنى ئىزدىسەم ئۇنىڭدا ئاچقۇچ بارلىقىنى ئېيىتتى.
  مەن شۇھامان ئۇيەرنى ئىزدەپ باردىم. سېتىلىدىغان ئۆينى تېپىپ، ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئىشىكىنى يەتمىش-سەكسەنلەرگە كىرىپ قالغان بىر بوۋاي ئاچتى، كېلىشتىكى مەقسىدىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بوۋاينىڭ چىرايىغا شۇئان كۈلكە يۈگۈردى-دە،« بولىدۇ، مەن ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقاي.»دىدى.
  ئاندىن، بوۋاي ئىشىكنى ئېچىپ مېنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. مەن ئۆيگە بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا ياقتۇرۇپ قالدىم-دە، ئۆي ئىگىسىگە تېلىفون بىرىپ باھاسىنى سوراپ باقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ماڭا تېلىفون كېلىپ قالدى،قارىسام قوشنام لاۋ شىيا تېلىفون بىرىپتۇ. ئۇ تېلىفوندا ناھايىتى جىددىي ھالدا بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تېلىفون بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى، ئۇنىڭ بالىسى مەكتەپتە قىزىپ قاپتۇ، ئەمما ئەر-ئايال ئىككىلىسى يېزىغا چۈشۈپ كەتكەچكە كېلىپ بولالمايدىكەن،ئۇ مېنىڭ ياردەم قىلىپ بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىمنى سورىدى.
  مەن بۇنى ئاڭلاپ شۇھامان ماقۇل بولدۇم، ئاندىن بوۋايغا ئالدىراپ چۈشەندۈردۈم. بوۋاي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن :« ئۇنداق بولسا تېز بېرىڭ، ئۆينى ئالدىرىماي كۆرۈۋالسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.» دىدى.
  ئىككىنجى كۈنى، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلەشتىم، ئۇ ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن باھا قويدى، بۇ باھانى ئۆرە دەپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۆي ئىگىسى كۈلۈپ تۇرۇپ : «قانداق ؟ ئېلىش نىيىتىڭىز بارلىقىنى بىلگەچكە، باھادا تالىشىپ ئولتۇرماي،نەق گەپنىلا دىدىم.» دىدى.
  مەنمۇ باھا تالىشىشتىن خىجىل بولدۇم، بىر نەچچە كۈن ئويلىنىپ باقاي دىۋىدىم، ئۆي ئىگىسى شۇھامان قوشۇلدى : «تېزرەك بولۇڭ جۇمۇ، ئالىمىز دەيدىغانلار بەك كۆپ !»
  تېلىفوننى قويىۋىتىپ، سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. راستىنى ئېيىتسام ئۆينى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ئەمما يېنىمدىكى پۇل ئاران يۈزمىڭدىن ئاشاتتى، ئارىيەتكە ئالغۇدەكلا پۇلنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندىمۇ بىر يۈز ئەللىك مىڭدىن ئاشمايتتى، ئىككى يۈز ئەللىك مىڭغا يەنە نۇرغۇن پۇل كەملەيتتى.
  ئىككى كۈن ئويلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ھەرقانچە قىلساممۇ ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ تاپالمايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلدىم-دە، ئۆينى ئالماسلىق قارارىغا كەلدىم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن،ئۆي ئىگىسى ئۆزى تېلىفون بىرىپ قانداق بولغانلىقىنى سوراپ قالدى.
  مەن خىجىل بولغان ھالدا : «باھا شۇنداق ياخشى بولغان ئىدى، بىراق ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن تېپىشقا پەقەتلا ئامال قىلالمىدىم . » دىدىم.
  ئۆي ئىگىسى ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن،«مۇنداق قىلايلى،سىز ئاۋۋال ئىككى يۈزمىڭنى بىرىڭ، ئەللىك مىڭ قەرىز بولۇپ تۇرسۇن، بولامدۇ ؟»دىدى. بۇنى ئاڭلاپ يا ھەيران قېلىشنى،يا خوشال بولۇشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوبدانلىقىغا گەپ كەتمەيتتى.مەنمۇ شۇئان ماقۇل بولدۇم،بىز بىرھەپتە ئىچىدە بىرىمىز پۇلنى، يەنە بىرىمىز ئۆينى تاپشۇرىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.
 كىينكى بىرقانچە كۈندە قاتتىق پۇل ئىزدەشكە چۈشتۈم. يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ ئىزدىمىگەن يىرىم قالمىدى، ئەمما قايتىپ كېلىپ ساناپ باقسام ئاران بىريۈز سەكسەن مىڭ يۈەن يىغالاپتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىدارەمدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن ئازراق پۇل ئارىيەت ئېلىشنى قارار قىلدىم. ئەمما ئىشخانامدا ئۆينىڭ گىپىنى تىلغا ئېلىشىمغا،ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرىدىغان ياڭ ھەدە ماڭا ئۆي تونۇشتۇرغىلى تۇردى، بىر مىھانخانىسى، ئىككى ياتاق ئۆيلۈك بىريۈرۈش ئۆي بار، مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، ئۆي ئىگىسى ئۆلكە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالىدىغان بولۇپ قېلىپ، ھازىرقى ئۆيىنى تېزرەك سېتىۋىتىشكە ئالدىرايدىكەن،باھاسىمۇ يۇقىرى ئەمەس، ئاران ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ.
 ئۇنىڭدىن تەپسىلى سورىغاندىن كىيىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. ياڭ ھەدە دىگەن ئۇ ئۆي دەل مەن ئالماقچى بولغان ئۆي شۇغۇ ؟ بىراق ئۆي ئىگىسى ماڭا ئاران ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ باھا قويغان ئىدىغۇ، يەنە تېخى ئەللىك مىڭنى قەرىز قىلىپ تۇرۇشۇمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
 ئويلىغانلىرىمنى ياڭ ھەدىگە دەپ بىرىۋىدىم، ئۇمۇ بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىپ سۆزلەپ كەتتى : «تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بېرىپ باھا قويۇپتىكەن، ئىككى يۈز يەتمىش مىڭغا چىقسىمۇ ئۆي ئىگىسى باشقىلار ئېلىپ بولدى دەپ ساتقىلى ئۇنماپتۇ. قارىغاندا سەل ئېھتىيات قىلسىڭىز بولغۇدەك،باشقىلار ئالداپ كەتمىسۇن يەنە.»
 بۇنى ئاڭلاپ،بېشىمدىن بىر چىلەك سۇقۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم، ئوبدانراق ئويلاپ باقسام، بۇنىڭ ئىچىدە سەل چاتاق باردەك قىلاتتى.
 ئىككى كۈندىن كىيىن، ئۆي ئىگىسى يەنە تېلىفون قىلدى. مەنمۇ قانداق تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدىم،«تولىمۇ خىجىلمەن، يەنىلا يەتكۈدەك پۇل يىغىپ بولالمىدىم.»دىدىم مەن.
 ئۆي ئىگىسى ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،«بىر يۈز سەكسەن مىڭ پۇلىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى.
 -«يوق،» دىدىم مەن، يۈرۈگۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.
 -«ئۇنداقتا ھازىر قانچىلىك پۇلىڭىز بار ؟»، ئۆي ئىگىسى ئۇلاپلا يەنە سورىدى،«بىر يۈز ئەللىك مىڭغۇ باردۇ ؟ ئاۋۋال  بىر يۈز ئەللىك مىڭنى بىرىڭ، قالغىنىنى ئۈچ يىلغىچە بىرىڭ، بولامدۇ ؟»
 بۇنى ئاڭلاپ، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەندىم-دە، كېسىپلا ئېيتتىم،«يوق ! بولدى ئالمايمەن،باشقا بىرىنى ئىزدەڭ.»، دەپ بولۇپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
 ئەتىسى، ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم، قوشنام لاۋ شىيا بىر بوتۇلكا ھاراق كۆتۈرۈپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىلى كەپتۇ. بىز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا، لاۋ شىيا بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى،ئۇ يەتمىش-سەكسەن ياشلاردىكى، قولىدا ھاسسا تۇتۇۋالغان بىر بوۋاي بولۇپ،قارىماققا سەل غەلىتە كۆرۈنىدىكەن، ئۇ توختىماي تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ، لاۋشىيادىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.
 بۇنى ئاڭلاپ تىزىمغا شاپىلاقلاپ، ۋارقىرىۋەتتىم : «دەل شۇ ! ئۇ بوۋاينى مەن كۆرگەن، ئۇ بىر ئالدامچىكەن !»
 بىر كۈندىن كىيىن، ئۆيدە تاماق يەۋاتاتتىم، توساتتىن بىرى ئىشىكنى چىكىپ قالدى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام،ئىشىك ئالدىدا بىر بوۋاي تۇرۇپتۇ، ئۇ دەل ماڭا ئۆي كۆرسەتكەن ھېلىقى بوۋاي ئىدى، مەن داڭ قېتىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئاندىن زۇۋانغا كەلدىم : « بوۋا، مېنى ئىزدەمسىز ؟»
 بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق ئىكەنلىكىنى دىدى، مەنمۇ ئامالسىز ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدىم. بوۋاي ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپلا، قوينىدىن گېزىتكە ئورالغان بىر نەرسىنى چىقىرىپ، ئۈستەلگە قويدى، ئاندىن ئاستا يىرتىپ ئاچتى.
 بىر قاراپلا ھەيرانلىقتا ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى، گېزىتكە ئورالغىنى ئىككى كاللىلەك پۇل ئىدى.
 -«يىگىت، نىمىشقا ئۇ ئۆينى ئالماس بولۇپ قالدىڭىز ؟» دەپ سورىدى بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن. مەن بېشىمنى چايقاپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم :«ئۇنچە كۆپ پۇلۇم يوق.»
 بوۋاي ئۈستەلدىكى پۇلنى كۆرستىپ تۇرۇپ :«بۇ ئۆزۈم يىغقان يىگىرمە مىڭ ، سىز ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز يىتەمدۇ؟ ئەگەر يەتمىسە يەنە باشقا ئامال قىلارمىز.»
 شۇھامان كاللام ئېلىشىپ كەتتى، زادى نىمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيلا قالغانىدىم. ئەمما مېنىڭچە بولغاندا بۇنداق غەلىتە ئىشقا ئەڭ ياخشىسى چېتىلىپ قالمىغىنىم ياخشى ئىدى.
 شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق تونۇشلۇقۇم يوق تۇرۇپ پۇلىنى ئالسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەرھال رەت قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن، بوۋاي قاقالاپ كۈلۈپ كەتتى :«بىز بۇندىن كىيىن قوشنا بولۇپ قالىدىغان تۇرساق، يەنە قانداقسىگە ناتونۇش بولايلى ؟ بۇ پۇلنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ، قەرىز ھۆججىتى يازسىڭىزمۇ، يازمىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز .»
 مەن يەنىلا ئېلىشقا ئۇنىمىدىم. بوۋاي مېنىڭ قىزىرىپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن : «سىز مېنى ئالدامچى دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟»دىدى، مەن زۇۋان سۈرمەي تۇرىۋالدىم.
 -«خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىزمۇ ئادەم ئالدىمايمەن.» دىدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ، ئاندىن قوينىدىن بىر سومكىنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ ئېچىپ كۆرسەتتى،«مانا قاراڭ، ئۆينىڭ ھەممە رەسمىيىتى بۇنىڭ ئىچىدە.»
  مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا قارىدىم،«بوۋا، ئەسلىدە ئۆي ئىگىسى سىز ئىكەنسىزدە ؟»
 -«ياق، مەن دىگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسى بولىمەن.» دىدى بوۋاي،تۇرۇپلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىشكە باشلىدى،«ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە يىل قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، يېقىنلىقىمىزدىن بىر تۇغقاندەكلا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. مەن يالغۇز بولغاچقا، ئۇ ماڭا قارايمەن دەپ كۆپ ئاۋارە بولغان ئىدى. ئەمدى ئۇ كۆچۈپ كېتىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يېڭى قوشنامنى مەن تاللايدىكەنمەن، مەنلا رازى بولمىسام باشقىلار قانچە پۇل چىقارسىمۇ ساتمايدىكەن. يىگىت، راستىنى ئېيىتسام، مەن سىزنى تاللىدىم !»
 بۇلارنى ئاڭلىغانسىرى كاللامدىكى تۈگۈن يىشىلگەندەك بولدى. بوۋاي مۈرەمگە ينىك ئۇرۇپ قويۇپ، بولغان ئىشنى ئېيتىپ بەردى، ئەسلىدە مەن ئۆي كۆرگەن ھېلىقى كۈنى، قوشنام لاۋشيا ياردەم سورىغاندا، قوشنامنىڭ ئىشىنى قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتكىنىم ئۇنى تولىمۇ قايىل قىلغان ئىكەن. كىيىن ئۇ يەنە مېنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپ، قوشنىلار بىلەن تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، مەندەك ئادەم بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرسا خاتالاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىپتۇ.
  شۇندىلا ئۆي ئىگىسىنىڭ باھانى شۇنچە تۆۋەنلىتىپ ماڭا ئېتىبار قىلىشلىرىنىڭ ئالدامچىلىق بولماستىن، بەلكى بوۋاينىڭ مېنى قوشنىلىققا تاللىغىنىدىن بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.
 بىرقانچە ئايدىن كىيىن، خوشاللىق ئىلىكىدە يېڭى ئۆيۈمگە كۆچۈپ كىردىم. كونا قوشنام لاۋشىيا مېنى تەبرىكلەپ تۇتقان ھاراقىنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن قولۇمنى تۇرۇپ تۇرۇپ ، كۆزى قىيمىغان ھالدا: «بۇرادەر، كونا مەھەللىڭىزگە پات-پات بېرىپ تۇرارسىز !» دىدى.
 -« كونا ئۆيۈمنى كىمگە ئىجارىگە بىرىش ياكى كىمگە سېتىشنى سىز قارار قىلىڭ !»دىدىم مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ تۇرۇپ.
  
  تەرجىمە قىلغۇچى : بايىنغولىن ئوبلاسىتى خېجىڭ  ناھىيىلىك رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئاسىمجان ئابلىمىت.
 بۇ ئەسەر «ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 8-ئايلىق ئىككىنجى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4776 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 10:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك ئۇنىڭ بىراۋغا قىلغان ياخشىلىقى بىراۋدىن يېنىپتۇ

ئوغرى گۇمانخور، يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونىلاردا ئۆي ئالساڭ ، قوشنىسىنى سۇرا . قىز ئالساڭ ئانىسىنى سۇراپ ئال . دېگەن گەپ بار .
ياخشى قوشنا بولسا ، ئۆي قىممەت بولسىمۇ ئالسا بولىۋېردۇ . ناچار قوشنا بولسا ھەرقانچە ئەرزان بولسىمۇ ئالماسلىق كېرەك .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 10:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 10:09 PM
كونىلاردا ئۆي ئالساڭ ، قوشنىسىنى سۇرا . قىز ئالساڭ ئانى ...

جېنى بار گەپ.

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:28:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرىلك ۋەقەكەن،‹‹يىراقتىىك تۇققاندىن ،يېقىندىكى قوشناڭ ئەلا››دېگەن گەپ بار،ياخشى قوشنىغا ئېرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 02:52:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي  پۇل  ئەمەس  خوشنا  پۇل  دىگەن شۇدە  ،  غۇلجىدىمۇ  ئادەملىرى  ياخشى ، جامائەتچىلىكى  كۈشلۈك  مەھەللىلەردە  ئۆينىڭ  باھاسى  ئۆرە .  ھەم  ئۇنداق  مەھەللىدىن  ئۆي چىقىسا  خەقمۇ  باھاسىنىڭ  قىممەت  بولىشغا  قارىماي  سېتىۋالىدۇ  .

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 10:35:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دىگەن تەسىرلىك بايانلار ھە؟ ئۇ يىگىت ھەقىقەتەن ئەجىرىگە  تىگىشلىك جاۋابنى تېپىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 11:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇشۇنداق بەلەن خۇشنىلارمۇ باركەن ھە ؟ مەن تېخى ياخشى ئادەملەر يەرشارىدىن ئاللاقاچان يوق بۇلغان دەپتىمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاسىم بودەك خېلى ئوبدان تەرجىمە قىلىپتۇ . پات - پات مۇشۇنداق تەرجىمىلەرنى ، ھىكايىلەرنى كۈرۈپ تۇرسا ئادەم دۇنيادا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ تۇرغىدەك .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83294
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 05:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش