تۇرمۇش ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرى
لىكسىيە تېمىسى: تۇرمۇش ۋە پىسخولوگىيە بېلىملىرى
لىكسىيە سۆزلىگۈچى: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى مائارىپ ئىلمىي پەنلىرى شۆبە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىسخولوگىيە پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتۇر ئاسپىرانت، «ئۆزىڭىزنىڭ پسىخىك دوختۇرى بولۇشنى خالامسىز»، «مۇۋەپپەققىيەتلىك ھاياتنىڭ ئاساسى پسىخىك ساغلاملىق»، «‹پسىخولوگىيە ئوقۇتۇشلۇقى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى زىۋىدە ئابدۇكېرىم.
رىياسەتچىلىك قىلغۇچى: ئەزىزى
لىكسىيە ئورنى: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (قىران بۈركۈت بىناسى 4-قەۋەت، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ قارشى تەرىپىدە)
لىكسىيە ۋاقتى: 2013-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دا
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى
ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13999980408 0991-2872007
پىسىخولوگىيە ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرلىشى، ماددىي تۇرمۇشنىڭ كۈنسىرى تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشغا ئەگىشىپ كىشىلەر روھىي-ھالەتنىڭ ۋە مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمەكتە. ئىنسانلارنىڭ بەختكە ۋە خۇشاللىققا ئىنتىلىشى، ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق شۇ دۆلەتنىڭ ساپاسى ۋە ئورنىغا باھا بېرىش مەلۇم نۇقتىدىن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى چۈشىنىشكە، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ياردەمچى، ئىلھامچى بولۇشقا مۇھتاج. بۇ خىل ئىھتىياج بىزدىن ئاساسىي پىسخىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
يۇقارقىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقىمىزگە ياخشى بولغان مەنىۋى مۇھىت يارىتىشنى ئۆزىنىڭ ئالىي مەقسىتى قىلغان بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە «تۇرمۇش ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرى» تېمىسىدا لىكسىيە ئورۇنلاشتۇردى. ئىھتىمال سىز ئۆز غايىڭىز ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئۇھ دېگۈدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان، ئۆز روھىي-كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ بولالمايۋاتقان، پەرزەنتىڭىزنى ئەتراپلىق تەربىيلەشتە نېمە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدا ھالسىزلىنىۋاتقان قىرىندىشىمىز بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىلكۈچ كۇتۇبخانىمىز قىرىنداشلارنىڭ يۇقارقىدەك تەقەززاسى ۋەجىدىن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى پىسخولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى زىۋىدە ئابدۇكېرىم خانىمنى كۇتۇبخانىمىزغا « تۇرمۇش ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرى» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.بۇ قېتىمقى لىكسىيەدە تۇرمۇش، ئۆگىنىش،غايە ۋە تۈرلۈك تۇرمۇش مەسىلىلىرىڭىزدە يولۇققان باش قىتىنچىلىقىڭىزغا جاۋاب تاپالىشىڭىز، ھەر ۋاقىت بەخت تۇيغۇسىدا ياشاشنىڭ ئۇسۇلىنى، ئۆگىنىش يوللىرىنى بىلىۋالالىشىڭىز مۇمكىن. يېڭى يىلنى يېڭىچە روھىي قىياپەت بىلەن باشلىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!
ئەسكەرتىش: ئالدىن ئورۇن زاكاس قىلىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ئورۇن چەكلىك.
سوۋغا: ياۋروپالىق ئىككى سودىگەر خۇرۇم ئاياغ سېتىش ئۈچۈن ئافرىقىغا بېرىپتۇ. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئافرىقىلىقلار يالاڭ ئاياغ يۈرىدىكەن، مال ساتقۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،-بۇ كىشىلەر يالاڭ ئاياغ يۈرىدىغان تۇرسا، خۇرۇم ئاياغلارنى ئالامتى؟ دەپ ئويلاپتۇ-دە، ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي مەيۈسلىنىپ كېتىپ قاپتۇ: يەنە بىر مال ساتقۇچى بولسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،-بۇلارنىڭ كىيىدىغان ئايىغى يوق ئىكەن، بۇ يەرنىڭ ئاياغ بازىرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن دەپتۇ-دە، ناھايىتى خوشاللىنىپ، ھەرخىل ئامال-چارە قوللىنىپ، ئافرىقىلىقلارنى ئاياغ سېتىۋېلىشقا يىتەكلەپتۇ ھەم باي بولۇپ قايتىپتۇ. ئۇنداقتا، دەرھال ئۆزىڭىزدىن يۇقارقى سودىگەرلەرنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلاتتىم؟ دەپ سوراپ بىقىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا svmeyye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-27 02:21 PM