زەھەرگە خۇمار بولۇشنى داۋالاش پىرىنسىپلىرى
ئادەتتە زەھەرگە خۇمار بولۇش بىر خىل مۇرەككەپ كېسەللىك جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەتتا كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى زەھەرگە بولغان تەشنالىق، ھەرقانداق خەتەرگە ۋە ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىپ زەھەرنى ئىزدەش ۋە چىكىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە زەھەر چىكىش پۈتۈنلەي زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولسا، زەھەرگە ئۈگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى تاشلاش شۇ زەھەر چەككۈچىنىڭ ئىختىيارلىقىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ-دە، ئۇلار داۋاملىق زەھەر ئىزدەشكە ۋە چىكىشكە مەجبور بولىدۇ. ئەھۋاللار ئاساسلىقى ئۇزۇن مۇددەت زەھەر ئىستىمال قىلىشنىڭ چوڭ مىڭىگە بولغان تەسىرىدىن بولغان. شۇڭا زەھەرگە خۇمار بولۇش مىڭىدىكى بىر خىل كىسەللىك ھالىتى بولۇپ، ئۇ مىڭىدىكى نېرۋا ئۇلىنىشلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ خىل نېرۋا ئۇلىنىشلىرى مىڭىدىكى خۇشاللىق ۋە ئىلھام، ئۈگۈنۈش ۋە ئەستە ساقلاش، شۇنداقلا قىلىق-پائالىيەتلەرنى چەكلەش مەركەزلىرىگە تارقالغان.
زەھەر چىكىش ۋە خۇمار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن نۇرغۇن، شۇنداقلا ئۇ تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا زەھەرگە خۇمار بولغانلارنى داۋالاش ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەس. ئۈنۈملۈك داۋالاش ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر بىر مەزمون كېسەللىكنىڭ مەلوم بىر تەرىپىگە قارىتىلغان بولىدۇ. ئۈنۈملۈك بولغان خۇمارنى داۋالاش چوقۇم خۇمار بولغۇچىنىڭ زەھەر ئىشلىتىشنى تۇختىتىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى، زەھەردىن خالى بولغان تۇرمۇشقا قايتا ئېرىشتۈرەلىشى ھەم شۇنداقلا تۇرمۇش، جەمىيەت ۋە ئائىلىدە ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ھالەتكە ئېرىشتۈرەلىشى كېرەك. خۇمار دىگەن بىر خىل ئاستا خاراكتىرلىق كېسەل بولۇپ، خۇمار بولغۇچىلار بىر نەچچە كۈن زەھەر چەكمىسىلا داۋالاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى دەپ خۇشال بولۇپ كېتىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قايتا-قايتا ئىلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ۋە پەرۋىشلا كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ زەھەر تاشلاش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ئۈنۈملۈك داۋالاشنىڭ پىرىنسىپلىرى
70 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلانغان تەتقىقاتلار كۆرسەتتىكى، داۋالاش خۇمار بولغۇچىلارنىڭ زەھەردىن قول ئۈزۈپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتالىشىغا ھەقىقەتەن ياردىمى بولىدۇ. مۇشۇ تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەرقانداق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىشى كېرەك:
l زەھەرگە خۇمار بولۇش بىر خىل مۇرەككەپ، لېكىن داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللىك ھالىتى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە مىڭە ئىقتىدارى ۋە قىلىق-ھەرىكەتكە تەسىر قىلىدۇ.
l بىر كىشىگە ماس كىلىدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يەنە بىر كىشىگىمۇ ئوخشاش ماس كىلىشى ناتايىن.
l داۋالاشقا ئېرىشمەكچى بولغاندا ھەر ۋاقىت ۋە ئاسانلا ئېرىشەلىشى كېرەك.
l ئۈنۈملۈك داۋالاش خۇمار بولغۇچىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىغا ماس كىلىشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ زەھەر مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
l يىتەرلىك ۋاقىت داۋالاشنى قۇبۇل قىلىش ئۈنۈملۈك تاشلاشنىڭ ھالقىسى.
l مەسلىھەت بېرىش (يەككە-يەككە ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە) ھەمدە باشقا خۇلق-مىجەز تىراپىيىسى (行为治疗) زەھەرگە خۇمار بولۇسنى داۋالاشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى.
l دورا بىلەن داۋالاش نۇرغۇنلىغان زەھەر تاشلاشنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئادەتتە مەسلىھەت بېرىش قىلمىشنى داۋالاش (行为治疗) بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىدۇ.
l داۋالاش پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىۋاتقان-بولمايۋاتقانلىقىغا قارىتا ھەر ۋاقىت باھالاش ئېلىپ بېرىپ تۇرۇش كېرەك، ھەمدە داۋالاش جەريانىدا، داۋالانغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن داۋالاش پىلانىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
l نۇرغۇن زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلاردا زەھەر خۇمارىدىن سىرت، باشقا پىسخىكا ۋە روھى تۇسالغۇلار بولۇشى مۇمكىن.
l زەھەردىن ئايرىلغان دەسلەپكى بىرقانچە كۈندە دوختۇرلانىڭ ياردىمىدە زەھەر خۇمارىنى بېسىشقا تۇغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ باسقۇچ پەقەتلا بىرىنچى قەدەم بولۇپ، بۇ بىرىنچى قەدەمنىڭ كەينىدىكى مۇستەھكەملەش باسقۇچىنى قۇبۇل قىلمىغاندا، كىشىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەت زەھەر تاشلىيالىشىغا ياردىمى چوڭ بولمايدۇ.
l داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن چوقۇم داۋالاشنى قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىختىيار قىلغان بولىشى زۆرۈر ئەمەس.
l داۋالاش جەريانىدا قايتا زەھەر چىكىش ئەھۋاللىرىنىڭ پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئادەتتە داۋالاشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بىمارلاردا قايتا چىكىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
l داۋالاش جەريانىدا چوقۇم خۇمار بولغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى، جىگەر ياللۇغا ۋىروسى ( Cتىپلىق ۋە B تىپلىق)، توبىركىليوز ۋە باشقا يوقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن يوقۇملانغان-يوقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تورۇش، شۇنداقلا قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان خىيىم-خەتەرنى ئازايتىش تۇغرىلىق مەسلىھەت بېرىپ، يۇقۇرىدا دىيىلگەن يوقۇملۇق كىسەللەرنى يوقتۇرىۋىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.
http://yarp.net.cn/uighur/content/2012-12/21/content_252859.htm