10. « مېرسىدىس SLRMcLaren » ئەينى ۋاقىتتىكى باھاسى 650 مىڭ يۈەن
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى JasonThorgalsen ئىسىملىك تورداش Facebook تا بۇ ماشىنىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، ھازىر بۇماشىنا لوس ئانژېلېستا قاتناۋىتىپتۇ . مېرسىدىس SLR McLaren بولسا 626 ئات كۈچىگەئىگە، سائەتلىك سۈرئىتى 334 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ماشىنا 2009-يىلى12-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان .
9. PorscheCayman
باھاسى 745 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 82 مىڭ يۈەنگىچە گىرمانىيەنىڭ غەربى قىسمىدىكى شەھەر شتۇتگارتتا، سىز بۇنداق تاكسى ماشىنىلارنى ھەممىلا يەردىن ئۇچىرىتالايسىز.
8. Porsche Cayenne
باھاسى 880 مىڭ يۈەندىن 2 مىليون 630 مىڭ يۈەنگىچە .گەرچە Porsche Cayenne دالا ماشىنىسى تىپىغا تەۋە بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەنئەنىۋى تاكسىلارنىڭ خاسلىقىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ماشىنا، ماشىناھەۋەسكارلىرى تەرپىدىن « دالا ماشىنىسى تىپىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز ماشىنا » دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە .ئاپلىسىن رەڭگىدە لايىھەلىنىشى بۇ ماشىنىغا ئۆزگىچە تۈس قوشقان .
7. Porsche Panamera
باھاسى 1 مىليون 180 مىڭ يۈەندىن 3 مىليون 88 مىڭ يۈەنگىچەسائەتلىك ئەڭ تېزسۈرئىتى 303 كىلومېتىر، 0 دىن 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن 4.8 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ .
6. Corvette
باھاسى 1 مىليون 770 مىڭ يۈەن
5- Lamborghini Gallardo
باھاسى 3 مىليون 480 مىڭ يۈەندىن 4 مىليون 900 مىڭ يۈەنگىچە«لەمبوگىن گالاردو» بولسا ئوتتۇرھال تىپتىكى قوش كىشىلىك مۇسابىقەماشىنىسى بولۇپ، 500 ئات كۈچىگە ئىگە،سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 320 كىلومېتىر . 2011- يىلى يىل ئاخىرغىچە «لەمبوگىن گالاردو» 10،000 لىق ئىشلەپچىقىرىش ئۆتكىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، لەمبورگىن تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش رىكورتىنى ياراتتى . نۆۋەتتى دۇنيادىكى مۇسابىقە ماشىنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ماشىنىلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .
4. فارارى 458 ltalia
باھاسى : 3 مىليون 880 مىڭ يۈەندىن 5 مىليون 580 مىڭ يۈەنگىچە .« فارارى 458ltalia » مۇ ئوخشاشلا قوش كىشىلىك ئوتتۇرھال تىپتىكى مۇسابىقە ماشىنىسى بولۇپ، ئىتالىيەدىكى داڭلىق Pininfarina ماشىنا لايىھەلەش خىزمەتخانىسى تەرپىدىن لايىھەلەنگەن . بۇ ماشىنا 578 ئات كۈچىگە ئىگە بولۇپ، سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 325كىلومېتىر، 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەت 3.4 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ.
2. ئورۇندا تۇرىدىغىنى -62 Wambach
باھاسى 9 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن 12 مىليون 980 مىڭ يۈەنگىچەبۇ ماشىنا ھازىر موسكىۋادا قاتناۋاتقان بولۇپ، بىر سائەت ئولتۇرسىڭىز367 دوللار كېتىدىكەن . ( جۇڭگو پۇلىدا 2288 يۈەن )
1. ئورۇندا تۇرىدىغىنى - فارارى FXX
باھاسى 13 مىليون 500 مىڭ يۈەنبۇ چاپقۇرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولۇپ، 0 دىن100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەتلا 3 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى 1155 كىلوگىرام، 800 ئات كۈچىگە ئىگە.
مەنبە : تېڭشۈن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Forever تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-27 01:50 PM
|