|
|
|
|
ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى بىر ناخشا...\
تۈركىيە سەھنىلىرىدە كۈنسايىن ئالقىشلىنىۋاتقان ياش ناخشىچى ، تالانتلىق كومپازىتور تۈركىيە سەنئەت ئاسمىنىدىكى يېڭى يۇلتۇز سامەت دىيارىمىزدىكى ھەر مىلەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا بىنائەن 2013- يىلى 1-ئاينىڭ 28 -29-كۈنلىرى دىيارىمىز شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئېسىل ئىجادىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن نەق مەيدان ئاۋازلىق ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى ..
يېقىنقى سەككىز يىلدا جۇڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويۇشنى ئىلتىماس قىلغان 47 تۈرك ناخشىچى ئىچىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرى مۇزىكا تالانتى ۋە ئۆزگىچگە ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن جۇڭگودا ئويۇن قويۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر ناخشىچى.
سامەت بۇ قېتىم تۈركىيەدىكى داڭلىق چولپان ئىسمايىل YK،رافەت ئەلروماننىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكى ماھىر سازەندىلەردىن يېڭى گورۇپ تەشكىللەپ تۈركىيە خەلقىنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلمەكچى .
مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقى سامەتنى سەنئەت يولىدا ئۈزلىكسىز ئىزدەندۈردى ۋە يېڭى يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ئاساس بولدى ،شۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە كۆپ قېتىم تۈركىيە لېرىك مۇھەببەت كۈيلىرى شاھى ۋولقان كوناك بىلەن ھەمكارلاشتى .ھەتتا بىر قانچىلىغان ئېسىل ئىجادىيەتلىرى داڭلىق چولپانلار تەرىپىدىن سەھنىلەردە ئېيتىلىپ زور ئالقىشلارغا ئېرىشتى .
ھازىر تۈركىيەدە مەيلى تېلۋىزوردا بولسۇن ،مەيلى گېزىت - ژورناللاردا بولسۇن سامەت توغۇرلۇق يۈكسەك باھالار مەدەتلەر ۋە كەلگۈسى كۆز قاراشلار ئۈزلىكسىز كۆپەيمەكتە.
بەزىلەر تاركاننىڭ ئىز باسارى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دىسە يەنە بەزىلەر تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۈمىدى دېمەكتە .
بۇ قېتىم ئورۇندىغان ناخشىلارنىڭ كۆپ قىسمى سامەتنىڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرى بولۇپ ،داڭلىق سازەندىلەر نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىدۇ.
جۇڭگو - تۈركىيە دوستلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ كېچىلىكتىكى لەرزان كۈيلەر ، يېقىملىق مۇزىكىلار سىزنى قارا دېڭىز دولقۇنلىرىغا باشلاپ بارسا ،لىرىك مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ناخشىلار سىزگە ئاناتولىينىڭ يامغۇرلۇق كۈنلىرىنى ئەسلىتىدۇ،
1- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بېلەت سېتىلىدۇ...
پۇرسەت غەنىيمەت ،تۈركىيەنى ،تۈرك مەدەنىيتىنى چۈشىنەي دىسىڭىز بۇ قېتىمقى كېچىلىككە مەرھەمەت قىلىڭ!
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : 13999800166 15894693553
2013- يىلى 1- ئاينىڭ 28- 29- كۈنلىرى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى(红山体育馆)دا كۆرشەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-27 01:31 PM
|
|
|
|
|
|