|
|
|
|
ئىنسانلار سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قۇيغاندىن كېيىن ئۇرۇش مۇقەررەر تارىخىي ھادىسە بولۇپ قالدى.سىياسينىڭ داۋامى بۇلغان ئۇرۇش تۈرلۈك چوڭ-كىچىك باھانە-سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئۈزلۈكسىز ھالدا يۈز بېرىپ كەلمەكتە.تارىخنى راۋاقلايدىغان بۇلساق مۇنداقمۇ ئۇرۇشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
قارىمۇچ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
مىللادى 408-يىلى سكوتلار ئىتالىيدىن ئالماقچى بۇلغان ئالتۇن،قارىمۇچ قاتارلىق بايلىقلارنى ئالالمىغانلىقتىن،رىم شەھرىنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالىدۇ.نەتىجىدە ئىتالىيلىكلەر 3000 قاداق قارىمۇچ تۆلەپ ئاندىن رىم شەھرىنى قايتۇرۋالىدۇ.
1499-يىلى گوللاندىيەلىكلەر ئىسپانىيكلەرنىڭ ھىندىستاندىن ئېلىپ كەلگەن قارىمۇچنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە بىر مەيدان دېڭىز ئۇرۇشى قۇزغايدۇ.بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا نەچچە مىڭلىغان ئادەم بىھەجەل ئۆلۇپ كىتىدۇ.
سوغا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.سوغا ( ياغاچ چىلەك ).
1249-يىلى،ھازىرقى ئىتالىينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بورۇنيا شەھرى تېخى بىر شەھەر دۆلىتى ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك قوشۇندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان بىر ھەربىي بۇ شەھەردىن 40 كىلۇمېتىريىراقلىقتىكى مودېنا شەھرىگە قېچىپ كېتىدۇ.ھەمدە ھەربىي ئاتلارنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر كونا سوغىنى ئېلىپ كېتىدۇ.دەل مۇشۇ ئەرزىمەس كونا سوغا بۇ ئىككى شەھەر ئۇتتۇرسىدىكى ئۇرۇشقا سەۋەپچى بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا بورۇنيا شەھرى << قاچقۇن ھەربىيگە قارىتا بىزنىڭ پەرۋايىمىز پەلەك،ئەمما ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان ئۇ سوغا بىزنىڭ.ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بىرىڭلار!>> دەپ جاكارلايدۇ.ئەمما ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ يۈرگەن مودېنا شەھرى دائىرلىرى بۇلسا : << بۇ بىر كونا سوغا بۇلسىمۇ،سىلەرگە ئۇنچىۋالا ئاسان قايتۇرۇپ بەرمەيمىز.سىلەرگە لازىم بۇلسا ئۇنى قوراك كۈچىڭلارغا تايىنىپ ئالمامسىلەر!>> دەپ داۋراڭ سىلىپ بورۇنيا شەھرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ.مانا مۇشۇنداق ئەرزىمەس سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئىككى شەھەر ئۇتتۇرۇسىدا قانلىق ئۇرۇش پارتىلاپ 23 يىل داۋاملىشىدۇ.
ساھىپجامال قىز تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
ئۇتتۇرا ئەسىردە ھىندىستاندا قۇرۇلغان ۋىجاياناگار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى خالىخارا2نىڭ 12 مىڭ كىچىك خوتۇنى بار ئىكەن.ئۇنىڭ بۇ كىچىك خوتۇنلىرى چىرايلىق ئاياللارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان چىرايلىق ئاياللار بۇلسىمۇ،ئەمما ئۇ يەنىلا قانائەت قىلماي،قۇشنا دۆلەتتىكى پالدار ئىسىملىك بىر ساھىپجامال قىزنى ئۆزىنىڭ 12001-كىچىك خويۇنلىققا ئالماقچى بۇلغان.ئەمما ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان،ئەمىليەتتە پادىشاھ پالدارنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۇپ باقمىغان پەقەت ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنلا ئاڭلىغان ئىكەن.پادىشاھ ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولۇپ،قۇدرەتلىك خۇشنا دۆلەتكە قارشى ئۇرۇش قۇزغىغان.نەتىجىدە پادىشاھ خالىخارا2 بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ پادىشاھلىق تەختىدىن،مال-دۇنيالىرىدىن ھەتتا ھاياتىدىنمۇ ئايرىلغان.
بىر رومكا ھاراق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
1700-يىلى ئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز2 ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى يۇق بولۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن لوئىXIV،ئاۋىستىريە پادىشاھى لېئوپولد2،باۋارىيە كېنەزى فېردىناند ئىسپانىينىڭ پادىشاھلىق تەخــت ۋارىسلىقىنى تالىشىدۇ.1704-يىلى،ئەنگلىيلىك ئايال مارشال خانىم بىر ئىستىكان ھاراقنى فرانسىيلىك ماركىزدېتروئىنىڭ ئۈستى-بىشىغا چېچىۋىتىدۇ.ئۇ بۇ ئىشنى قەستەن قىلمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.ئەمما ماركىز بۇلسا بۇ ئىشنى قەستەن قىلدى دەپ چىڭ تۇرۋالىدۇ.مانا مۇشۇ كىچىككىنە ئىش تۈپەيلىدىن قارمۇ قارشىلىق كەيپىيات چۇڭقۇرلىشىپ ئاخىردا ئۇرۇش پارتىلايدۇ.بۇ ئۇرۇش پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلايدۇ.ئەنگليە،گوللاندىيە،ئاۋىستىريە،فىرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشىدۇ.ئىسپانىيە،باۋارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فىرانسىيە تەرەپتە تۇردۇ.
رومان تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
1857-يىلى 6-ئايدا،ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگۇتۇن شەھرىدە چىقىدىغان.<< مىللى دەۋىر >> ژورنىلىدا ئۇدا ئېلان قىلىنىپ،1852-يىلى 3-ئايدا،كىتاپ بولۇپ نەشىردىن چىققان << تام تاغنىڭ ھۇجىرسى >> ناملىق رومان خاررېت بېچېرستوۋنىڭ نادىر ئەسىرى.ئۇ ياش ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا ئون يىل تۇرىدۇ.بىر گېزىتخانىدا تەھرىرلىك قىلىدۇ.قۇللۇق تۈزۈمنىڭ زۇلمەتلىكىنى ۋە نېگىر قۇللارنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.ئۇ خىلى بۇرۇندىنلا بىر رومان يىزىش ئۇيىدا بولۇپ كەلگەن بۇلسىمۇ،ئەمما ئېرى بىلەن بىللە شىمالغا كۆچۈپ ئۇلتۇراقلاشقانلىقى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.1850-يىلى << قاچقۇن قۇللار قانۇن لايىھسى >> ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى ئۇنى قۇللۇق تۈزۈمنى ئەيىبلەيدىغان بىر رومان يېزىپ ئامېرىكا تۈزۈمنىڭ قاراڭغۇلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارلاشقا ئىلھاملاندۇردۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلەمنى ئېلىپ كېچىنى كۈندۇزگە ئۇلاپ ئاخىرى << تام تاغنىڭ ھۇجىرسى >> ناملىق روماننى يېزىپ پۈتتۇردۇ.رومان ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىدا ۋە پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ.ئامېرىكىدىكى جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
قاچقۇن خوتۇن تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
1879-يىلى زۇلۇ ( ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقا تەۋەسىدە ) لارنىڭ ئاقساقىلى سىرائونىك خوتۇنىي ئومۇلانا ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ ئەنگلىينىڭ زېمىنى تەۋسىگە بېرۋالىدۇ.زۇلۇلارنىڭ قوشۇنى چېگىردىن ئۆتۇپ بېرىپ ئۇنى تۇتىۋالىدۇ ۋە ئېتىپ تاشلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەنگليە چېگىرمىز تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىردى،دېگەن سەۋەپ بىلەن زۇلۇلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.زۇلۇ قىسىملىرى كۈچىنىڭ بارىچە قارىشلىق كۆرسىتىپ،دەسلەپتە غەلبە قازىنىدۇ.ئەمما كېيىن ئۇلار ئەنگلىيە تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىندۇ.زۇلۇلارنىڭ پادىشاھى سايدىۋائو ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ.ئۇنىڭ قۇل ئاستىدىكىلىرى ئەنگلىيە بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ يارىششقا مەجبۇر بولىدۇ.
مۇھەببەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش
1936-يىلى،ھىندىستان بىلەن ئاففانىستان چېگىرلىندىغان جايلاشقان ۋاچىرسىتان رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مەسمەتىل رام ئىسىملىك 16ياشلىق بىر قىز ھىندىستاندىكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا نۇر ئەلى شاھ ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىللە قېچىپ كېتىدۇ.قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆز قىزىنىڭ ئېرى بولۇشىغا قۇشۇلماي ئۇ قىزىمىزنى ئالداپ قېچىپ كەتتى دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.ساقچى ئىدارىسى رامنى تۇتۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يىگىتى نۇر ئەلى شاھ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.ۋاچىرسىتان رايۇندىكى كىچىك مۇسۇلمان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەنگلىينىڭ 1919-يىلى،ئۇلارنىڭ يېرىنى ئىگەنلىۋالغانلىقىغا كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كېلۋاتقان بولۇپ،ئۇ بۇ ۋەقەدىن پايدىلنىپ ئەنگلىيەگە قارشى غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە داۋراڭ سالىدۇ.ئۇنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى ئارقىسىدا مۇسۇلمان قەبىلىسىدىكىلەر قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.ئەنگلىيە،ھىندىستان قوشۇنلىرى بۇ قەبىلە جايلاشقان رايۇنغا بېرىپ ئۇلارنى باستۇردۇ.بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئىككى يىل داۋاملىشىدۇ.
تامام.
مەنبە : يىغىپ ساقلاپ قۇيغان گېزىت-زورناللاردىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|