|
|
|
|
‹‹زىيادە پاكىزلىق››بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز مەلۇم بولۇشىچە، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنگلىيىلىكلەردە ئانافىلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك)كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆپەيگەن.بۇلتۇر ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 610مىليون فوند ستېرلىڭغا يەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانافىلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 6000 كىشى ھايۋانلارغا، يېمەكلىكلەرگە بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك تۈپەيلىدىن داۋالىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغىنى بالىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئانافىلاكسىيىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋېتىپتۇ.
كلىنىكىلىق ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئاللېرىگىيىلىك بۇرۇن يەللىكى، زىققا قاتارلىق ئانافىلاكسىيىلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تەدرىجىي ئۆرلەۋېتىپتۇ.ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تازىلىققا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشى بالىلاردا ئەتراپتىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشقى مۇھىت بىلەن توختىماي ئۇچراشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكەندە، ئۇلار ۋىرۇس، مىكروبلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ئاسان ئاغرىپ قالمايدىغان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلارنى مۇۋاپىق ‹‹قويۇۋېتىپ بېقىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىشبالىلار رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىشى كېرەك ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان رەڭگارەڭ بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە پىگمىنت قوشۇلغان.بالىلار ئەگەر بۇ خىلدىكى رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئېستىمال قىلسا،تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ:
1.تەركىبىدە پىگمىنت كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى خىمىيىلىك ماددىلارغا ئىنتايىن سەزگۈر،ئەگەر پىگمىنىت قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار ئېشىپ كەتسە،بالىلار جىم ئولتۇرالمايدىغان،كەيپىياتى تۇراقسىز،ئۆزىنى كونتورول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
2.بالىلار دائىم پىگىمىنىتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا،پىگىمىنىت تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
3.بالىلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە كۆنۈۋالسا،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ،بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز كېرەك ئىكەن.بالىلارنىڭ غىزالىنىشى مۇۋاپىق بولسا، دەرس نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ كانادا ئالىملىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5– يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېمەك – ئىچمىكى مۇۋاپىق بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ياخشى بولىدىكەن.
ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پاۋېل. J. ۋېگگىس رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مېۋە، كۇكتات، ئاقسىل، كلېتچاتكا ( تالا ماددىسى ) ۋە باشقا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق يېگەن بالىلارنىڭ زېھىن سىناشتا نەتىجىسى ياخشىراق بولىدىكەن .
كىشىلەر ساغلام يېمەكلىكنىڭ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى كۆپ ئەمەس. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان 4589 ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇشۋە نەتىجىسىگە ئالاقىدار ئىشلارنى تەتقىق قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 875 ى سەۋىيە سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەن . تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېگەن نەرسىلىرى قانچە ياخشى ، تۈرى قانچە كۆپ بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىناقتىن ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى سەزگەن.
زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ يېقىندىكى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدا بالىلارغا ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى بايقالغان، ھەم ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام دورىسى بەرمەسلىك، ئالتە ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېھتىيات بىلەن دورا بېرىش، 12ياشتىن تۆۋەن بالىلار زۇكام بولغاندا، دورا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە رېتسېپسىز زۇكام دورىسىنى توغرا تاللاپ ئىستېمال قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن.
يېقىندا ئەنگلىيە دورا ۋە داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان 69 خىل بالىلار زۇكام، يۆتەل دورىسىنىڭ ‹‹ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى يوق››لۇقى ھەم بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى، كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدىكى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى تارايتىدىغان 15خىل تەركىبكە جىددىي قاراش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ساختا ئېفېدرىن، ئېفېدرىن، نېئوفرىن، ئوكىس مېتازولىن؛ ھېستامىنغا قارشى دورىلار –– بېنادرىل، خلور فېنىرامىن، پرومېتازىن، ترىپرولىدىن، دوكسىلامىن؛ يۆتەل توختىتىدىغان دورىلاردىن دىكسترو مېتوتارپان، فونكودىن، گېيفنسېن، قۇسۇشنى توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن زۇكام دورىلىرىدا بۇ 15خىل تەركىبنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچە خىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەركىبلەر بالىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
تۇرمۇشتىكى بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار قارا كۆزەينەك تاقاش. بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي يېتىلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا كۆز قۇياش بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا پايدىلىق. ئەگەر كۆزنى مۇقىم نۇر سىزىقى غىدىقلاپ تۇرمىسا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. قارا كۆزەينەك تاقىقاندا كۆرۈش پەردىلىرى قۇياش نۇرى تەرىپىدىن غىدىقلانمايدۇ- دە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلار قارا كۆزەينەك تاقىماسلىقى كېرەك.
ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش. ئارغامچا تارتىشىش زور جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇسابىقە ۋاقتىدا كۆپىنچە ئېغىزنى يۇمۇپ كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا نەپەس ئالالمايدىغان ۋاقىت ئون نەچچە سېكۇنتقا يېتىپ قالىدۇ. كېيىن ئېغىزنى ئېچىپ بىراقلا نەپەسلەنگەندە، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى بېسىم تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، توختاپ قالغان قان يۈرەككە زەربە بىلەن ئۇرۇلىدۇ. بەدەن ئەزالىرى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بالىلار بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسە، قان تومۇرلىرى زەخمىلىنىپ قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇش . باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار كۆپىنچە ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى، بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ دۈمبە ئۇمۇرتقىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاش . كۆپىنچە بالىلار چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلارمۇ بالىنى، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارنى ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ ئۇخلاشقا ئامراق، ئەمما بۇ بالىغا نىسبەتەن زىيانلىق. چۈنكى، بالىلار ئاتا–ئانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپ ئوخلىسا، ئاتا- ئانىلاردىن چىققان كېرەكسىز كاربوت Ⅳ ئوكسىد ئەتراپىدا ساپ ھاۋا يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۇخلىغاندا جىددىيلىشىش، ئارامسىزلىنىش، قارا بېسىش، يېرىم كېچىدە يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
بەتىنكە كىيىش . بەزى ئاتا–ئانىلار بالىسى ئازراق چوڭ بولسىلا بەتىنكە كىيگۈزىدۇ، بۇ بالىلارغا زىيانلىق. چۈنكى، بالىلارنىڭ ھەرقايسى توقۇلما ۋە ئورگانىزىملىرى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، بەتىنكە قاتتىق بولغاچقا، ئۇ پۇت ئۈستىدىدىكى قان تومۇرلىرىنى بېسىپ نورمال قان ئايلىنىشقا، پۇت ئالقىنى ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ ھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى گۈل غۇنچىلىرىدىن يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك . ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ‹‹كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا›› ، ‹‹تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنغان قىممەتلىك سوۋغىسى›› دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىراق تېببىي ئالىملار ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلار كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى ، ھەسەل ئاسانلا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن بۇلغىنىدۇ ، مۇبادا بۇ خىل باكتېرىيە ھەسەل ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلسە توكسىن قويۇپ بېرىدۇ . كىشىلەر بۇنداق ھەسەلنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا زەھەرلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ . بىراق، بوۋاقلارنىڭ تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە ھەر ۋاقىت كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلاردىكى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بوۋاقلارنىڭ ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن .
بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا ، دائىم زۇكامداش ، قىزىش ، يۆتىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر بوۋاقلارنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتمەسلىك لازىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ھەر بىر قېتىم رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە، نۇر زەررىچىلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارنى رېنتىگېنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
|
|
|
|
|
|