ئەرلىرىمىزگە نەسھەت بۇلالامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، ئاللا سىلەرنى تىنىچ - ئامان ، تىنىڭلارنى سالامەت ، تۇرمۇشۇۇڭلارنى خاتىرىجەملىك بىلەن ئۇتۇشنى ئاللا نىسىپ قىلسۇن .
ھەر قانداق بىر ئوغۇل  تىنىچ - ئامان ، تىنىڭلارنى سالامەت ، تۇرمۇشۇۇڭلارنى خاتىرىجەم ، ئىشلىرنىڭ
ئۇتۇقلۇق ، كۇنلەرنىڭ ياخشى ئۈتۈشنى ، پۇل - ماللىرنىڭ يىتەرلىك ۋە يۇز - ئابرويلۇق بۇلۇشنى ئارزۇ
قىلىدۇ . بۇلۇپمۇ تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەم ئۆتشىنى ئويلايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل يول ئارقىلىق 
ئاياللارنى قوغلىشدۇ . 
ئەرلەرنىڭ  ئەقلىي ، جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاياللاردىن ئارتۇقلۇقىدا شۈبھە  يوقتۇر . شۇنداق ئىكەن ،
دۇنيا  ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ئەڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرىگە نىسبەتەن ئاجىز بولغان ئاياللار سەۋر قىلغان 
ۋە تۇرمۇش قۇرغان  ئەھۋالدا  ئەقىللىق ھەم قۇۋەتلىك  بولغان ئەرلەر ھەر ئىشتا ئادىل بولمىغاندا 
بەكمۇ ئەيىپ ھېسابلىندۇ .
ئاياللارغا شەپقەتلىك ، مەرھەمەتلىك بۇلۇش بىلەن بىرگە ، ئۇلاردىن ئۆتكەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى
ئەپۇ  قىلىش لازىمدۇر . رەسۇل ئەكرەمدىن {سىلەرنىڭ ياخشى نىيەتتە بولغىنىڭلار ئاياللارغا ياخشى
بولغىنىڭلاردۇر } دىگەن مەزمۇندىكى ھەدىس  كۇچرۇلگەن . يەنە رەسۇل ئەكرەمدىن {مۆمىنلەرنىڭ 
ئارىسىدا قانداق مۆمىنلەرنىڭ ئىمانى كامىل بۇلۇر } دەپ  سورىغاندا { ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە
قىلغانلارنىڭ } دەپ جاۋاب بەرگەن .
ئەرلەر ئۆز ئائىلە - جەمەتلىرىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشاشتۇر . ئوتلاقتا  يۇگۈرگەن ھايۋانلارغا 
پاىچى مەسئۇل بولغىنىغا ئوخشاش ، ئائىلە - جەمەت ئىشلىرىدا بولدىغان ئىشلارنى ئەرلەردىن سوراش
، پىكىر ئېلىش زۆرۈردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىچكى - تاشقى تەرەپلىرىنى كۆڭۇل - 
خاراكتىرىنى تەربىيلىمەك ، قائىدىگە چۇشۇرمەك ، ئوچۇق چىراي ۋە ئوچۇق پىكىز بولماق كىرەك .
بەزى ھەكىملەر {ئەھۋالنى توغرا بىلگۈچلەر} دىن رىۋايەت قىلنىشىچە ، ئەھلىگە ئوچۇق چىراي 
بولمىسا ، تىگىشلىك ۋاقىتتا مۇرەسسە قىلمىسا ، ئول كىشىدىن  تۇرمۇش  لەززىتى كېتىپ قالدۇ .
بۇ تەجىرىبە بىلەن ئىسپاتلانغان توغرا ھەقىقەتتۇر.
تۇرمۇش بەخىتلىك بولسۇن دەپ نىيەت قىلغان ھەربىر كىشى ئۆز ئايالنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئۆز
تەبىئىتىنى بىر ئۇرۇنغا قۇيۇپ ، ئىككى تەبىئەتنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرش ئۈچۈن ئېنتىلىشى 
لازىمدۇر . ئاشۇنداق چارە - تەدبىرلىك ئەمەلىي خىزمەتلەرنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى
ئارىنى بىرلەشتۈرۈش كىرەك . 
ئىلىم - پەزىلەت ئىگلىكلىرىنىڭ بۇيرۇغان ۋە ئۆزلىرى ئىزچىل ئەمەل قىلغان ئادەت - ئىشلىرىغا
ئەگەشمەك مۇناسىپتۇر . چۇنكى ، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ نازۇك قائىدىللىرى
بايان قىلىپ ئېيىتىغان سۆزلەر ۋە يېزىلغان كىتابلار ھېسابسىز كۆپ بۇلۇپ ، ئۆتمۇش تارىخىمىزنىڭ
ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجىرىبە - ساۋاقلىرىمىزنىڭ بۇيۇك يەكۈنىدۇر . شۇ جۇملىدىن مەشھۇر ئالىم ،
رەھمەتلىك پەقىر ئەبۇ لەيىس ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرى ئۇستىدىكى ھەقلىرى ھەققىدە سۆزلەپ 
كىلىپ : ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىغا ھالال يېگۈزۇپ ، ھالال ئىچكۇزۇپ ، ھالال كىيىندۈرسۇن ،
ئۇلارغا جاپا ۋە زۇلۇم قىلمىسۇن ، مۇبادا ئۇلار گەپ ئاڭلىمىسا ، ئەدەپسىزلىك قىلسا ، 
سەۋر قىلىپ ، نەسىھەت قىلسۇن ، ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۇرسۇن ، قىسمەنلىرنى بولسا 
بىلمەسلەككە سالسۇن ، دېگەنىدى .
ھەممىمىزگە مەلۇنكى ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئۇششاق -چۈششەك ئىشلارنى ئاياللار باشقۇرۇپ
 بىرتەرەپ قىلىدۇ ، ئۆي سايمانلىرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەر كۇنى كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ
 مۇبارەك قوللىرىدىن ئۆتىدۇ . 
ئىشلىتىش جەرىياندا ئۇ سايمانلارنىڭ بەزىللىرى بۇلۇپمۇ قاچا - قۇچلار  سۇپۇن ياكى بۇزۇلۇپ 
كېرەكتىن چىقسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەپسىزلەرچە غەزەپلىنىش ئەرلەرگە ئەسلا مۇناسىپ ئەمەستۇر . 
ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ئوخشاش بۇ خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇنلانغان بولسا ئىدى ، ئەلۋتتە ئۆزلىرىمۇ
ئۇنىڭدىن كۆپ سۇندۇرغان ھەم بۇزۇپ كېرەكتىن چىقارغان بۇلاتتى . شۇڭا بۇنداق تاسادىپىيلىق
چاغلاردا ئاياللارنى مۇتلەق ئەپۇ قىلىش لازىمدۇر . 
شىجائەتلىك ساھىبقىران ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دىگەن : {ئاياللار مىنى گۇناھتىن ساقلاشقا 
سەۋەبچى بولىدۇ ، ئۆيۈمگە كۆيۈنۈپ مېلىمنى باقتى ، باللىرىمنى ئېمىتىپ ، كىيىملىرىمنى 
يۇدى ، تاماقلىرىمنى ئېتىپ ، نانلىرىمنى يېقىپ ، باللىرىمنى تەربىيلىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن 
ئۇلار سەۋەنلىك ئۆتكۇزسىمۇ كەچۈرمەن } قاچانكى ، سىزلەرنىڭمۇ ئاياللىرىڭىز شۇنداق بولمىسا،
شۇنداق ئىكەن ،   ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پەزىلىتى ئەرلىرىمىزگىمۇ ئۈلگە بۇلۇشقا مۇناسىپتۇر ، ئەلۋەتتە.
     مەنبە : شەيىخ سەئىدى { ئىران } 
مۇلايىزە : ئاجىرشىش نىمانچە كۆپ بولىدۇ ؟ نىمە سەۋەبتىن تۇرمۇشتا كىلشەممەسلىك كۆپۇيىدۇ ؟