مۇھاببەت-ھەر بىر ھېسياتلىق ئىنسان ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان ھەم شېرىن ھەم ئازابلىق بىر جەرياندۇر.
مۇھاببەت-مىسلى قۇياش كەبى نۇر مەنبەدۇر.
مۇھاببەتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،تىلەپ تېپىۋالغىلى بولمايدۇ.ھەم شۇنداقلا مۇھاببەت سەۋداسى باشقا كەلگەندە قېچىپ قۇتۇلغىلىمۇ بولمايدۇ.
ئۆزى كۆڭۈل بەرگەن كىشىنى بىر كۆرۈش ئىستىىكدە ۋۇجۇدى ئوت بولۇپ يېنىش، ئاۋازىنى بىې قېتىم ئاڭلاشقا ئىنتىلىش،ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ خىياللىرى بىلەن ياشاش لەززىتى –ئۇ مۇھاببەتتۇر.
مۇھاببەت –ئۇ شۇنچىلىك شېرىندۇر،مۇھاببەت –ئۇ شۇنچىلىك ئازاپلىقتۇر.
مۇھاببەت-‹‹مۇئەللىم››نىڭ ئەغرىق ھالدىكى دەرس سۆزلىگەن ھالىتى.
مۇھاببەت-دەرس ئارىلىقىدىكى مۇئەللىمگە سۇنۇلغان بىر پىيالە ئىسسىق چاي.
مۇھاببەت-ئاتا –ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەۋەتىلگەن مۇبارەكنامە.
مۇھاببەت-ئۆزگىچە شېرىن تەمگە ئىگە خاسىيەتلىك مېۋە.
مۇھاببەت-ئەڭ ئاچچىق،قىرتاق تەملىك قەھۋە.
مۇھاببەت-تەنگە ھوزۇر بېغىشلىغۇچى ئىللىق شامال.
مۇھاببەت-ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان سوغۇق جۇت.
مۇھاببەت-ئانىنىڭ مېھرلىك سۆيۈشى ۋە دادىنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى .
مۇھاببەت-ئادەمنى ئۆزىگە قىزىەقتۇرىدىغان،سېھرلىك كۈچكە ئىگە پۇلدۇر.
ئاتا –ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مۇھاببىتى-قۇرىماس بۇلاقتۇر.
مۇھاببەت –يەتكىلى بولمايدىغان ئېگىز چوققۇدۇر.
مەنبە :‹‹مۇھاببەت››ناملىق كىتاب ۋە كۆزقاراشلىرىم
ئەسكەرتىش؛مۇھاببەتكە ئۆزۈمنىڭ قارىشى بويىچە تەبىر بېرىپ باقتىم،بۇ تەبىرلەرنى مۇتلەق توغرا دەپ كېتەلمەيمەن،بىراق ئەمىلىيەتچلىكى بار دەپ قارايمەن،مۇنبەرداشلارنىڭمۇ مۇھاببەتكە قارىتا قانداق تەبىرلىرى باركىن،ھەممىمىز بىرلىكتە ئاڭلاپ باقساق...
بۇ تېمىنىڭ قىز -يىگىتلەرنىڭ بىر -بىرىگە زەربە بېرىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-26 10:59 PM