ئورىنىسەن نىمىشقا قىزچاق؟
<<ئورىنىسەن نىمىشقا>> دىسەم،
<<مەن مۇسۇلمان پەرزەنتى>>دىدىڭ.
مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى تۇرۇپ،
نىچۈن شۇنچە تار كىيىم كىيدىڭ؟
ئورانغىنىڭ ئاشۇنچىلىكمۇ؟
كەڭ رومالنى ئالدىڭدىن چىگسەڭ.
تار كۆڭلەك ھىم ئىشتاننى كىيىپ،
تاراقلىتىپ يول چىڭداپ يۈرسەڭ.
ئۇلۇغ ئاللا <<قۇرئان كەرىم>>دە،
دىگەنتىغۇ <<ئورىنىڭلار>>دەپ.
<<ئالدى كەينى پەرىقسىز بولسۇن،
يات جىنىسقا كۆرۈنمەڭلار>>دەپ.
مودىل بولۇپ بوياپ يۈزۈڭنى،
سىلىۋالساڭ بوينۇڭغا رومال.
كۈچەپ دەسسەپ مىڭىشلىرىڭغا،
قارىماسقا بولماسكەن ئامال.
توۋا دىدىم،تۇتقانچە ياقا،
بۇ قەيەرچە كىيىنىش ئەمدى؟
خىياللىرىم ماڭا جاۋابەن،
<<ساختا روپاش ئاشۇغۇ>> دىدى.
ساختىپەزلىك قىلغۇچە دوستۇم،
نورمال يۈرگىن شۇمۇ ئىبادەت.
جىمى ئىشنى بىلگۈچى ئاللا،
ھەممىمىزگە بەرسۇن ھىدايەت.
نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
2012-يىلى 26-دىكابىر (ئۈرۈمچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sultannur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-26 08:52 PM