مەن!– دېدىم
شېئىر قىلىپ تېمىتتىڭ سەن،
–مەن!– دېدىم؛
پەشتىن قىسقا قۇرلىرىڭغا پاتقاننى.
ئەمچەك سېلىپ ئىمىتتىڭ سەن،
–مەن!– دېدىم؛
باغرىڭدىكى خام سۈت ئىمىپ ياتقاننى.
ئېرىقتىكى سۇ دېدىڭ سەن،
–مەن! –دېدىم؛
ئېقىنىڭدا تاشقىنلىماي ئاققاننى.
بۆشۈك تاپتىڭ، بۆلىدىڭ سەن،
–مەن! –دېدىم؛
ئۇيقا باشلاپ، خورەك تارتىپ ياتقاننى.
كەم ئەقىل بىر مەس دېدىڭ سەن،
–مەن!– دېدىم؛
داستىخانغا بۇلدۇق–بۇلدۇق قۇسقاننى.
گالۋاڭ، ئەبگا، خەس دېدىڭ سەن،
– مەن! –دېدىم؛
خامان سورۇپ ، چەشنى مەينەت ئۇسقاننى
تەسۋىرلەشنى ئۈگەتتىڭ سەن،
–مەن! –دېدىم؛
يېپىشقاندىن بەزگەن بىلەن قاچقاننى.
ئوۋدا ئوبدان ئەپلىدىڭ سەن،
–مەن! –دېدىم؛
جاڭگىلىڭدا پۇتنى ئۈزگەن قاپقاننى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taxkin5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-26 02:23 PM