مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1609|ئىنكاس: 26

بالىلار بىلىملىرى(بالىڭىزغا كۈينەسىڭىز ) بېلۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:28:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوۋاقلارغا تۆۋەندىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك

ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر : ئىسپىرت بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسى ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ ، يارا پەيدا قىلىپ نورمال ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئىسپىرت بوۋاقلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .
روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەر : قەھۋە، كولاغا ئوخشاش روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىۋىدە كوففېئىن بولۇپ ، بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى روھلاندۇرۇپ ، مېڭىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
چاي : چاي تەركىبىدىكى ۋىتامىن ، مىكرو مىقدارلىق ئېلىمېنتلار ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولسىمۇ ، بالىلار چاي ئىشقارىغا نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدىغان بولغاچقا ، چاي ئۇلاردا يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ كېتىش ، كۆپ سىيىش ، ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . چاي ئىچكەندىن كېيىن تۆمۈر ئېلىمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلىشى ئىككى–ئۈچ ھەسسە تۆۋەنلەپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلاردىكى قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ .
گازلىق سۇ : گازلىق سۇ تەركىبىدىكى سۇدا ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ ، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، َگازلىق سۇ تەركىبىدىكى فوسفات كىسلاتا تۇزلىرى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، بوۋاقلاردىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

سۈپەتسىز خۇش پۇراقلىق ئوقۇش قوراللىرى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئوقۇش قوراللىرىغا ئاز مىقداردا مۇئەتتەر قوشۇش رۇخسەت قىلىنغان . ئەمما ، نۆۋەتتە بىر قىسىم لاياقەتسىز خۇش پۇراقلىق ئوقۇش قوراللىرى بازارغا سېلىنغان . سۈپەتسىز ئوقۇش قوراللىرىغا ئىشلىتىلگەن خۇش پۇراق ماددىلار سانائەت خام ماتېرىيالىدىن تەڭشەلگەن بولۇپ ، تەركىبىدە بەدەنگە زىيانلىق ماددىلار مەسىلەن، فورمالىن، بېنزول قاتارلىقلار بولىدىكەن. ئىشلەتكەندە بالىلاردا چارچاش ، ئۇيقۇسىزلىق ، باش قېيىش ، يۆتەل ، كۆڭلى ئاينىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن ، ئۇزاق داۋاملاشسا ئىلغا چىقىش، كۆزگە تەسىر قىلىش ئالامەتلىرى بولىدىكەن. بالىلار بۇنداق ئوقۇش قوراللىرىنى يالىغاندا ياكى چىشلىگەندە زىيانلىق تەركىبلەر بەدەنگە كىرىپ كەتسە ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش بولىدىكەن، ھەتتا ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. سىنىپتا كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچى بۇ خىل زىيانلىق ئوقۇش قوراللىرىنى ئىشلەتسە، دەرسخانىنىڭ ھاۋا سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇڭا ئاتا– ئانىلار بالىلىرىغا ئوقۇتۇش سايمانلىرى تولۇقلاپ بەرگەندە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . ئۇنداق بولمىغاندا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ .

بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن تېلېگراممىسى. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈەنيۈەن قىشلىق تەتىلدە توردا ‹‹كارت›› ئاپتوموبىل ئويۇنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ھېيتلىق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتكەندىن سىرت، ئاتا – ئانىسىنىڭ 300 يۈەن پۇلىنى ئوغرىلىغان. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نەچچە تۈرلۈك ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇردى.
بىرىنچى، بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ زادى ساددىلارچە قىزىقىش، خۇشاللىق ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا زىيادە قىزىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئائىلە باشلىقلىرى قىشلىق تەتىلدە ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئويناش جەريانىدا بالىسىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ بېقىشى كېرەك.
ئىككىنچى، كومپيۇتېرنى بالىنىڭ ھۇجرىسىغا قويماسلىق كېرەك. ئەڭ ياخشىسى مېھمانخانا ياكى چوڭلار ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تورغا چىقىش مەزمۇنىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلغىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تورغا چىققان بولسا، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تورغا چىقىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ۋاقىت جەھەتتىكى رېفلېكسلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامال بار سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ۋاقىتتا بالىلارنى تورغا چىقارماسلىق كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تورغا چىقمىغاندا، ‹‹خۇمار›› بولۇپ قېلىشتىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، كومپيۇتېر يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇش ياكى تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش كارتىسى چاپلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ. تەتىل مەزگىلىدە ئائىلە باشلىقى بالىسى بىلەن تورغا چىقىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بالىنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى ئۆزى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

بالىلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قەنت كېسىلىنىڭ بالىلار ئارىسىدا تارقىلىش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشماقتا. بولۇپمۇ تىپلىق قەنت كېسىلى ھازىر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كلىنىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى زىيادە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. %80 تىن ئارتۇق قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ زىيادە سېمىزلىك كېسەل تارىخى بار ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلارنىڭ زىيادە سەمرىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغان.
بالىلىق دەۋرى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى زىيادە ئەتىۋارلاشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ تاماق تاللاش، ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق، زىيادە تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش، سىرتتا ھەرىكەت قىلماسلىقتەك ناچار ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ياغنىڭ زىيادە يىغىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلى

ئېلىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %21؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %48؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %72 بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
بىرىنچى، يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئىككىنچى، كۆزەينەكنىڭ گرادۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا. بالىلار يېقىننى كۆرۈش كۆزەينىكىنى تاقىغاندىن كېيىن، كۆزى ياخشى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى كۆزەينەك گرادۇسى ھەر يىلى 70 گرادۇستىن 100 گرادۇسقىچە يۇقىرىلاپ بارماقتا. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %16ى ئاللىقاچان يۇقىرى گرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىككە تەرەققىي قىلىپ بولغان.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى: %90 ياش، ئۆسمۈردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى، كىتاب كۆرگەندىكى ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى كۆز ئالمىسىنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇل ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆرۈش تەسۋىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە توغرا چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ تاشقى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مېتابولىزم (ماددا ئالماشتۇرۇش) نورمالسىزلىشىپ، كۆزدە پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، ئوزۇقلۇق ۋاقتىدا تولۇقلىنالمايدۇ – دە، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ زىيىنى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزى كەسىپلەرگە (مەسلەن: ئاۋىئاتسىيە، زىل بۇيۇملارنى ياساش سانائىتى قاتارلىقلار)غا ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدۇ. يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، تراخوما قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى گرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئاسانلا كۆزگە ئەينەكسىمان دۇغ چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسىدىن قان چىقىش ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
بىرىنچى، كۆرۈش، يېزىشتىكى قىياپەتكە دىققەت قىلىش، بىر سائەتتە بەش – ئون مىنۇتقىچە ئارام ئېلىش، يىراققا قاراپ بېرىش، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى، كۆزگە چۈشىدىغان نۇر بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولماسلىقى كېرەك. ئادەتتە 40 ۋاتلىق يالتىراق لامپىلىق ئۈستەل چىرىغى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى، يېتەرلىك ئۇخلاش، تەنتەربىيە ۋە دالا پائالىيەتلىرىگە كۆپ قاتنىشىپ بېرىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە كالتسىي، سىنك، خروم قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. كالا سۈتى، بىلىق، راك قاسىرىقى، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋان جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق.

بالىلارنى كومپيۇتېر بىلەن بەك بالدۇر ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك

بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ، بالىلارنى ئىككى ئۈچ ياشتىن باشلاپلا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشتۇرىۋالىدۇ.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتا-ئانىلار سەمىگە شۇنى سالىمىزكى :
1. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا،ئېلىكتېر ماگىنىت رادىئاكسىيىسى بالىلارنىڭ يېتىلىۋاتقان مېڭە توقۇلمىلىرىغا بىۋاستە زىيان يەتكۈزىدۇ.
2. ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئىكرانىغا قاراۋەرسە كۆرۈش قۇۋۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3.بالىلارنىڭ 3-4ياش مەزگىلى سانلارنى ئەستە تۇتۇش،تەپەككۈر قىلىش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى پەقەت كومپيۇتېرغىلا تايانغاندا بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش،ھېسابلاش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4.نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بالىلارنىڭ سوئالىنىڭ جاۋابىنى جەزىملەشتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، تايىنىۋېلىش ئىستىكىنى قوزغاش بىلەن بىللە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
5.كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشقا بولىدۇ،لېكىن بالدۇر بېرىلىپ كېتىپ،ئېلېكترونلۇق ئويۇنلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشمۇ بىر ئاپەتكەئايلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالىلاردا ئەتراپتىكى مۇھىتقا كۆنەلمەيدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تۆۋەنلەپ كېتىدىغان غەيرىي مىجەزلەر شەكىللىنىپ قالىدۇ
.

بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى سېتىۋالغاندا ...

مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى ۋە ماركىسىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ نامىنى تونۇشى ، ماتېرىيال جەدۋىلى ، ساپلىق تەركىبى ، زاۋۇت ئىسمى ۋە ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىسسىقلىق مىقدارى، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى، ساقلاش مۇددىتى، مەھسۇلاتنىڭ ئىجازەت نومۇرى، ساقلاش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ ماتېرىيال جەدۋىلىدە ھەر قانداق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلار، شېكەر تەركىبى ۋە رەڭ ئېلېمېنتلىرى بار– يوقلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئايرىم قاچىلانغان ياكى قاچىلانمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم .چۈنكى ، ئايرىم قاچىلانغاندا ، مىقدارىغا ۋە بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى نەم تارتىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق مىقدارىنى چۈشىنىپ، كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم .چۈنكى ، كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبى بوۋاقلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ .
پاكىت ئاساسىنى سوراش ۋە ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك . سۈت پاراشوكى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، سودىگەردىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ تالونىنى سوراپ ئېلىش ھەمدە ساقلاپ قويۇش مۇھىم.چۈنكى، ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىت بولمىسا ناۋادا مەھسۇلاتتىن چاتاق چىقىپ قالسا، تالون بولمىسا قانۇنىي پاكىت ئاساسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىمىزنى قوغداشقا ئامال قىلالماي، لېۋىمىزنى چىشلەپ قالىدىغان ئىش بولىدۇ .
ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش داۋامىدا ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى بايقاپ قالسا، دەرھال سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشى لازىم.ئەگەر ئىشلىتىش داۋامىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشتىن توختاش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئارقىلىق، ئايلىنىش باسقۇچىدىكى مەسىلە بار يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇشى زۆرۈر .

بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى







ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86272
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-10-20
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:38:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4035
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2013-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 08:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم ، كۆپ رەھمەت . مېنىڭ بالامدا ھازىر بارغانسېرى قان ئازلىق كۆرۈلىۋاتىدۇ،لېكىن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم، زادى دورا بىلەن داۋالىغان ياخشىمۇ ياكى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق قان تولۇقلىغان ياخشىمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10454
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3408 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:10:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mustapa222 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 08:44 AM
بىلىۋالدىم ، كۆپ رەھمەت . مېنىڭ بالامدا ھازىر بارغانسې ...

ئاۋال ئوزۇقلۇق بىلەن تەڭشەڭ ئۇندىن كىيىن دوختۇرنىڭ مەسلەھەتى بويىچە ياش قورامىغا ماس كىلىدىغان قان تولۇقلاش دورىلىرىنى بىرىڭ. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى بەرسىڭىز ئۇنىمى  مىنىڭچە ياخشى بولۇشى مۇمكىن.  

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10454
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3408 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:12:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۇرۇش ئۇچۇن بۇنىڭدا كۆرسەتكەن ئىشلارغا دىققەت قىلساق بولغىدەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:17:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بالام بولغاندا چۇقۇم مۇشۇ بويىچە قىلىمەن. رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:24:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا كۆيۈنەيلى! ئۇلار ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ، لېكىن ئۆزىگە نېمىنىڭ پايدا، نېمىنىڭ زىيان قىلىدىغان بىلمەيدۇ، قىسىقىسى چوڭلارمۇ بەزى بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، كىچىڭ تۇرۇپ ئۇلار قانداق ئايرىسۇن. شۇڭلاشقا ئۇلارغا كىچىدىن باشلاپ شۇلارغا لايىق ئۇسۇلدا پايدا- زىياننى ئوبدان چۈشەندۈرۈش كېرەك. بالىلارنىڭ پەقەت تەن سالامەتلىكىگىلا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەپسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ نەپسىنى، قەلبىنى كىچىكىدىن باشلاپ پاك تۇتۇش، پاكىزلاش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنى ئاللاھ بىزگە ساپ پېتى بەرگەن. قەلب پاك بولسا، نەپسى تازا بولسا ئىلىممۇ ئوبدان يۇقىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
abdulahad + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:40:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەربىيەۋى ئەھمىيەتلىك بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ ، مىنىڭ قىزىممۇ بۇ يىل 3 ياشقا كىردى ،دائىم دەملىگەن چاي ئىچىپلا ئولتۇرىدۇ، بىلىۋالسام بولغۇدەك .

ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80716
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4045
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:41:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 10:17 AM
مەن بالام بولغاندا چۇقۇم مۇشۇ بويىچە قىلىمەن. رەھمەت س ...

سىز تىخىچە ئاي پاتەمدىن ئىبرەت ئالمىدىڭىزما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3738
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بلىۋالدۇق . تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش