مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 822|ئىنكاس: 20

ئاخىرقى تامچە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3266
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاخىرقى تامچە
(ھېكايە)

   مانا،ئۈرۈمچىدە ئوقۇشۇم پۈتۈپ،خىزمەتكە  ئورۇنلۇشۇپ بولغىلى توپتوغرا بىر يىل بوپتۇ.خىزمەت ئىشىم ھەل بولغان ئىدى.ھەممە كىشى تۆت كۆزى بىلەن ئىنتىلدىغان بۇ شەھەرگە قانداق قىلىپ باغلىنىپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ يىتەلمەيتتىم.قارىماققا رەت-رەت بىنالار بىلەن قورشالغان،تولىمۇ سالاپەتلىك بۇ شەھەر ماڭا يەنە نىمىلەرنى بەخشەندە قىلدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم

.بۈگۈن ئىشتىنن چۈشۈپلا زۇلپىيەنى كۆرگىلى بارىمەن.ھە راست،ئۇنىڭغا نىمە ئېلىپ بارسام بۇلار؟ئۇنى كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بۇلۇپ قاپتۇ،توۋا،ئىشىق ئوتىمۇ ئادەمنىڭ ساراڭ قىلىدىغان نەرسە ئىكەن،ئۇنى قوغلىشىپ توپتوغرا ئىىككى يىل يۈرۈپتىمەن، تاس قالغانتىم مەكتەپتىن ھەيدىلىپ بۇ يەرگە قايتا كەلمەسكە كەتكىلى .......

تېلفۇنۇمنىڭ تىترەشلىرى ھەم ئۈنلۈك چىققان چىرقىراشلىرى قۇشۇلۇپ چۆچۈپ خىيالىمدىنئويغاندىم.تېلفۇنغا قارىسام يۇرتتىن كەلگەن تېلفۇن.چۇقۇم دادام دەپ ئويلىدىم ھەم دەرھاللا تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم:

-- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دادا، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟

-- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  بالام،مەن ئاپاڭ ،دىدى ئاپام كۈلكە ئارلاش،داداڭنى خويمۇ كۆرگۈڭ كەپتۇ ھە؟

بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولدى ،راست دەيسەن،دېدىم مەن تىلىمنى ئارانلا ئىشقا سېلىپ،لىكىن چاندۇرماسلىققا تىرىشۋاتاتتىم..

نىمىدىگەن ئازاپلىق كۈنلەر ھە! راست شۇنداق،يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇ شەھەردە 5 يىل ئۆتۈپتىمەن،بەزىدە ئۇ ئۆگۈنۈش بۇ ئۆگۈنۈش دەپ بىر قانچە تەتىل ئۆيگىمۇ بېرىپ باقماپتىمەن.بارساممۇ نىمە بولماقچى؟كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ توشۇپ كېتىدىغان بۇ قىسقىغىنە تەتىلدە ھېچكىم ھېچكىمگە قانماي يەنە مەكتەپكە ئالدىراپتىمەن.ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە دادامنىڭ سۈكۈتلىرىنى ئۇلارغا تاشلاپ بۇ شەھەرگە ئالدىراپتىمەن.......

- بالام،دېدى ئاپام،نىمە ،مىجەزىڭ يوقمۇ؟

- ياقەي،شۇ گېپىڭنى تىڭشاۋاتىمەنغۇ؟

- ھە ئەمسە قانداق قارايسەن؟

- نىمىگە دەيسەن؟

-ۋاي بالام،ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆيگە يىغىلغان،ئۇلار سېنىڭ بېشىڭنى ئوڭلاپ قۇيايلى دەيدۇ،يات شەھەرلەردە،نەلەردە  غېرىپسىنىپ،بويۇن قىسىپ،مورىسىدىن ئىس چىقرالماي تۇرىدۇ، دىيىشتى.بۇنىغۇ بىز تۇغقانلار دىمىسىمۇ ساڭا بىز كۈندە دەۋاتىمىز دەۋاتىمىز بالام. . .

-ئاپا .....مەن...يۈزۈم قىزىرىپ كەتكەندەك بۇلۋاتاتتىم.راست گەپنى قىلسام ئۇلاردىن بۇ گەپنى ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايتتىم،ئەممازە..... مەسىلە خېلى جىق.ئۈرۈمچىدە ئۆيلەنمەك  ئاسانمۇ؟بۇلۇپمۇ زۇلپىيەدەك يالغۇز قىز،ئەركە قىزلارغا كەلگەندە....

تېلفۇندا ئانام توختىماي بىر نىمىلەرنى دەيتتى،بالام بولمىسا بىزگە تۇغقان كېلىدىغان ھېلىقى ئەمەتكاڭ بارغۇ،ئۇنىڭ خەسە چىنىدەك بىر قىزى چوڭ بوپتۇ.بولمىسا......

- ياق،ياق ئاپا بولدى،ماڭا لايىق ئىزلەپ ئاۋارە بولما،ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىم بار..

- ھە، مۇنداق دە،ئاپامنىڭ قۇۋلۇق بىلەن كۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

   دادام بىلەن ئاپامنىڭ تېلفۇن تالىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى.ئۇلارغا قاراپ مەستلىك ئىچىدە بىر ئاز ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

   ئۇلار نىمىدىگەن نامرات ھە،پات-پات قېيدىشىپ قالىدۇ،يەنە چاندۇرماي گەپ قىلىشىپ،چاقچاقلىشىپ تۇرىدۇ.دادام ئاپامنى كۆرمەي زادىلا چىدىيالمايدۇ.بىرەر يېرىم سائەت ئۆيدە يوق بولسا خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ.ھەم بىزدىن توختىماي سۈرۈشتۈرۈپ چىقىدۇ.بەزىدە پات-پات ئاپامنى تىللاپ قۇيىدۇ.بىز بولساق تەمتىرەپ دىگەندەك ئاپامنى كەتكەن يېرىدىن قايتۇرۇپ كېلىمىز.ئاپام قاقشاپ ئۆيگە كىرگەندە بولسا ئاتام ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ كىتىدۇ.بۇنداق چاغدا ئاپامنىڭ تېخىمۇ ئاچچىققلاپ كىتىدۇ.ئاندىن ئاتام بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاپامنى بەزلەپ قۇيىدۇ.....

توۋا،مىنۇت ئىچىدە شۇ خىياللارنى قىلىپ ئۈلگۈرگىنىمنى .

تېلفۇندا دادامنىڭ كايىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
-- سېنڭ دېمەتلىكىڭنىڭ ئالدىنىڭ ئىككىدىن،كەينىنىڭمۇ بىردىن بالىسى بۇلۇپ بولدى.مانا ئەنە دەپ ھېلىمۇ بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.بىزنى بۇ يەردە خاتىرجەم ياشىسۇن دىسەڭ، دەرھال ئۆزۈڭنىڭ بېشىڭنى ئوڭشا،قارا، ماۋۇ ئاپاڭغا،بالام،بالام..... دەپ،بالىغا قانمىغان يۈرىكى،بالام دېسە بالام دەپ تۈزۈكمۇ بىر نىمە يېمەي،بۇلۇپ كەتكەن ھالىنى......

- ماقۇل،دېدىم دادامغا،پات ئارىدا سىلەرگە خوش خەۋەر يەتكۈزىمەن.

دادام يەنە بىر قانچە ئېغىز گەپلەرنى قىلدى.كىيىن تېلفۇن تۇغقانلارنىڭ قولىدىن-قولغا ئۆتۈپ دىگۈدەك بۇلۇپ ئىشخانا ئالدىغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن.سۆرۈ تەلەت بىر ئايالنىڭ ھومسىيشىغا قاراپ بىر ئاز ئەندىككەندەك بولدۇم.

ئۇھ،خۇداغا شۈكرى،دېدىم ئۆزۈمگە،يەنە ئىككى مېنۇت بار ئىكەن....

ئىشخانىغا كىرسەم ھېچكىم يوق.بۇلار نەگە كەتتىكىنە؟ شۇلارنى ئويلاپ تۇرسام ئىشخانا تېلفۇنى جىرىڭلىدى.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.

-- ۋەي،قۇربانجانمۇ سەن؟ئۇكام،بۈگۈن ھەدەڭنىڭ مىجەزى يوق،شۇڭا ئىشقا بارالمىغۇدەكمەن،سان ئالدىغان ھېلىقى خوتۇننىڭ قېشىغا بېرىپ ئىمزايىمنى قۇيۋەتكىنە ئۇكام ...

- ھىم...

ئۆزۈمنىڭ نەگە كىلىپ قالغانلىقىمنى ھازىرغىچە بىلەلمەيۋاتقاندەك ئىدىم.بۇ ھەممە كىشى تەلپۈنىدىغان دۆلەت ئورگىنى،ئەمما ئەتىدىن-كەچكىچە بىكار.تۇرۇپ-تۇرۇپ تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىشلەر كەلسە ئىش باشقىچە،ئىشخانىلاردا بايرام بۇلىدۇ.يۇيۇلمىغان يەرلەر،ئېرتىلمىغان ئەينەكلەر قالمايدۇ.توپا بېسىپ قارىداپ كەتكەن ئارخىپلار ئاخىرى پارقىرايدۇ.ئىشخانىلار تاماكىنىڭ ئىسلىرى،قالدۇقلىرىدىن ئازاد بولغاندەك بۇلىدۇ.بەزىدە ئۆزۈممنى باشلانغۇچ،تۇللۇقسىز،تۇللۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپتىن تارتىپ سېلىشتۇرۇپ چىقىمەن.شۇنداق،مۇپەتتىش كەلسىلە جاچاننى بېشىغا كىيدىغان يەيدىغان ھەشەملەر قۇلاق-مېڭىنى يەيدۇ.سۈپۈرۈلمىگەن،سۇ چېچېىلمىغان،يۇيۇلمىغان،تۈزلەنمىگگن نەرسىلەر قالمايدۇ.توۋا دەيمەن،توۋا.

  يېقىندىن بۇيان بايىقى گەپلەر ئاۋۇپ كېتىپ باراتتى، خىيالىمدا يەنە شۇ توي...
   خىياللىرىمنىڭ يەنە نەگە كتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم.ئىشخانىدىكى يەنە ئىككى خىزمەتدىشىم ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلكەم قىستىدى.ۋە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم،تولىمۇ شوخ،مىجەزى چىقىشقاق خىزمەتدىشىم گەپ ئاچتى:
:

- ھوي،تاماق يىدىڭىزمۇ-يا؟

- ھەئە.

تېخى ھازىرلا كەلگەنلىكىمنى ئېيتاي دەپ تۇرۋېدىم،يەنە بىر خىزمەتدىشىم گەپنىڭ بىلىگە ۋاققىدە بىرنى تەپتى.:

-ھوي،ياش بالىلارنىڭ يا بالىسى يوق،   كالىسى يوق،ئاشخانىغا كىرسە تاماق تەييار.قازان يۇيدۇم،سەي ئادالىدىم،تاماق ئەتتىم دەپ ئاۋارە بولمايدۇ،لېكىنزە...،دېدى ئۇ گەپكە تېما تاپقاندەك:

ھوي قۇربانجان،كۆڭلىڭىزدە سان باردۇ؟بۇ پېتى ئۆتىۋەرمەڭ،ئەمدى قىش كېلىۋاتىدۇ...

ئۇ شۇنداق بىر خىل كۈلدىكى،ئۇنىڭ نىمىشقا شۇنداق كۈلگەنلىكىنى بىلەلمىدىم،بىر تاتىرىپ بىر قىزىرىپ ئۇنىڭغا ئارانلا گەپ قىلالىدىم:

- شۇ مەنمۇ تېخى ئالدىڭلاردىلا كەلگەن.

ئۇ ئايال نىمىلەرنىدۇر دەپ چىقىپ كەتتى،ئىشخانىدا خەيرىگۈل ھەدەم  بىلەنلا قالدىم. .

-- ئۇكام نىمىلا دىىگەنبىلەن سىزمۇ مانا بىر ياخشى خىزمەتكە چىقىۋالدىڭىز،تۇرمۇش ئىشىڭىزنى بالدۇرراق ئويلىشىڭ.ئىجارە ئالغان بولسىمۇ ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق ئۆيىڭىز بار،ئۆيدىكىلەرمۇ يىراقتا،بۇ ياقا يۇرتتا يالغۇز ياشىماق بەكمۇ تەس.....ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ قوياتتى،  پات-پات مېھرىبانلارچە ماڭا نىمىلەرنىدۇر ئېيتىپ ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى..

    توۋا دەيمەن،بۈگۈن ئەتراپىمدىكىلەردىن تارتىپ تىلىنى بىر قىلىۋالدىمىكىنە

ھەممىسى ئوخشاشلا بىر مۇزىكىنىڭ ئۇدارى بۇيىچە خور ئېيتىۋاتقاندەك بىرلا گەپنى تەكرارلىشىدىغۇ؟ئەجىبا مەن زادى توي قىلمىسام تويىدىغان ھالەتكە يەتتىممۇ؟دادامنىڭ بىر گېپى بۇلىدىغان:«خوتۇن ئالمىسام تالادا قالدىم،خوتۇن ئالسام بالاغا››»

قەلبىمدە ئاللىقانداق بىر ھېس تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىغاندەك قىلۋاتاتتى،نىمە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلمەيمەن،ئەمما شۇ ماڭا ئايان بولدىكى،ئەمدى ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كېلىپ قاپتۇ.!

   شۇنداق قىلىپ ئىچىمدە بىر ئىللىق ھارارەت ئەۋج ئالدى.شۇ ھېسىياتىم بولسا ئىدى،زۇلپىيەنى ھازىرلا چاقىرىپ چىقىپ توي تەكلىپى قويغان بۇلاتتىم.ئەمما ھاياتىم بىر ئۆمۈر كىتاپ بىلەنلا ئۆتتىمۇ نېمە-ھە؟ئىشقىلىپ مەن بۇ ئىشلارغا تېخى خام ئىدىم.ئۆزۈمنىڭ ھېسىياتىمنى بېسىۋېلىپ،زادى ئۇنىڭغا قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلاندىم.ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى كاللامغا ئەختەم كەچتى.ھە راست، ئۇ ماڭا ئوخشىمايدۇ.مەندەك تارتىنچاق ئەمەس.گەپ دىگەننى بىر باشلىسا گەپنى گەپكە ئۇلاپ چاڭ كەلتۈرۈرپ،قانداق سورۇن ياكى قايسى خىلدىكى ئادەم بولسۇن بىردەمدىلا ئىجىللىشىپ سورۇندىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالىدۇ.شۇلارنى ئويلاپ ئەختەمگە تېلفۇن قىلدىم:

ــ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاداش

ئۇ شۇنچە قىزغىن تۇرسىمۇ-ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش؟سالامەت تۇردۇڭمۇ؟

                        

گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي،تاغدىن باغدىن بىرنىمىلەرنى دېيىشكە باشلىدىم، ئۇمۇ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلدى بولغاي،گەپنى ۋاسسىدە ئۈزدى.

-ۋوي ئاداش ھوي،تولا خېنىملاردەك ئەزمەڭنى ئەزمەي.گەپ دىگەننى كېسىپ-كېسىپ قىلمامسەن.

سەل ئىككىلىنىپ قالدىم،ھە بولدىلا،كەچتە ئىككىمىز كۆرۈشەيلى،شۇ چاغدا دەپ بىرەي.

شۇنداق قىلىپ كەچتە زۇلپىيە بىلەن كۆرۈشۈشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدۇم.ياق،ئۇنتۇش ئەمەس،ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى ئويلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈردۈمغۇ خالاس..

ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتنى كۈتمەيلا،ئەلقەم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چاپتىم.لىكىن قېرىشقاندەك ئۇ شۇندھق نازلىنىپ دىگەندەك ئاران تەستە كەلدى.جىلە بۇلۇپ تاس قالدىم بۇغۇلۇپ قالغىلى.ئەگەر ئۇ يەنە بىر ئاز كىچىكىپ كەلگەن بولسا ئىدى،ئېھتىمال ئۇنى ئىككىنچى كۆرمەسكە كىتىپ قالغان بولاتتىم.

ــ خاپا بولما ئاداش،ئازراق كىچىكىپ قالدىم.

ــ ئازراق دەيسەنغۇ؟مېنى تازا ساقلاتتىڭ.

ــ ھوي نازۇكئاي خېنىم،خاپا بولمىغىنە.مانا كەلدىمغۇ.نېمە ئىشتى،قويە ئەمدى،نەق گەپنى قىلە

   ئۇنىڭغا ئويلىرىمنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىماقچى بولدۇم

ـ ھە مۇنداق ئىشمىدى،دېدى ئۇ ھۇزۇرلىنىپ تازا كۈلىۋېلىپ

شۇنداق،دېدىم ئۇنىڭغا..

-ئىككىڭلار يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ دەيمەن ھە ،دېدى ئۇ.

-شۇنداق،بۇ يىل 12-ئاي كىرسە توپتوغرا 4 يىل بولىدۇ.

-شۇنداق بولغانىكەن ئارتۇقچە ھەشەم ۋە تارتىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل ئال،قولۇڭدىن كەلسە بىرەرتال ئۈزۈك ئال،ئاندىن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭدىكى گېپىڭنى ئېيت،توي تەكلىپى قوي.

ئۇنىڭ بۇنداقلا ئاددى گەپلەر بىلەن مەسلىھەتىنى تۈگىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.غەلىتە بىر خىل سېزىم ۋە ئۈمۈدسىزلىنىش ئىچىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدىم.قارىساممۇ ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىقراق بىرەر ئەقىل يادىمغا كەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈك دۇكانلىرىنى ئارلىدىم.قارىماققا تولىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان ئۈزۈكتىن بىرنى ئالدىم.ئاندىن گۈل دۇكىنىغا قاراپ چاپتىم.ئۇ يەردىنمۇ بىر دەستە شۇنداق خۇشپۇراق گۈلنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم.

ـ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،زۇلپىيەمۇسىز؟

ـ ھە،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ گەرچە ئۇ مەندىن ھال سوراۋاتقاندەك قىلسىمۇ،ئاۋازىدىن بىر خىل نارازىلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى..

ـ بىز كۆرۈشسەك بوپتىكەن،

-ئەتىگەندىمۇ شۇ گەپنى قىلغانغۇ سىز،قارىڭە سائەتكە،يا خېتىڭىز يوق،يا ئۆزىڭىز يوق.توۋا دەيمەن،يەنە........ ئۇ بىر نەرسىلەرنى دەپ قاقشاپلا كەتتى..

   شۇ تاپتىكى ئوتلۇق ھاياجانلىرىمغا ئۇ گەپلەر تەسىر قىلسۇنمۇ؟  

-ـ مېنى كەچۈرۈڭ،مۇشۇ بىررەت مېنى كەچۈرۋېتىڭ.ئىككىمىز كۆرۈشەيلى،بولامدۇ؟ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار. ئۇ بىر ئاز خاپا  بولغاندەك قىلىپ تېلفۇننى قويدى.ئۇنى ساقلاۋاتىمەن.ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرۋالماقچى بولدى بەلكىم،ئالدىرماي ناھايتى تەستە چىقتى.ۋۇجۇدۇمدا،ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئىشق سۆيگۈ خېتى بەرگەندە ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك ھېسياتتا ئۇنى ساقلاۋاتىمەن،ئۇنى كۈتىۋاتىمەن.يۈرۈكۈمدە بىر خىل ھاياجان مەۋج ئۇرماقتا.قەلبىم ئۇنىڭ ئۈچۈن سوقماقتا.يۈرىكىم ئۇنىڭغا ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بىرلىشىدىغانلىقىمىزنى قانداق دەپ بىرىشنى ئويلاۋاتقاندەك،ياق،ياق بەلكى ھازىرلا سەكرەپ چىقىپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرمەكچى بۇلۋاتقاندەك قاتتىق قاتتىق سوقاتتى..

ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن؟قانداق دەيمەن؟ شۇلارنى ئويلاپ كاللام پاتپاراق بۇلۇپ،بىر نىمىلەرنى يادىلىۋالماقچى بولساممۇ ھېچنىمىنى ئېسىمگە ئالالمايتتىم..

ئىككىمىز ئارلاشقىلى شۇنچە كۆپ يىل بوپتۇ.لىكىن شۇ تۇنجى قېتىملىق سۆيگۈ ئىزھارىدىن بېرى بۇنداق ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ھولۇقۇپ باققان ئەمەسكەنمەن..

ئۇنى كۆرۈپ ھەممىسى بېسىققاندەك بولدى،  

كاللاممۇ خېلى سەگەكلىشىپ قالدى،لىكىن يۈرۈكىمنىڭ سوقۇشى تېخىمۇ تىزلىشىپ كەتكەندەك ئىدى.

ـ نىمە بولدىڭىز؟چىرايىڭىز تاتىرىپ كىتىپتىغۇ؟

-ھېچ... ھېچ.... ھېچنىمە...،يەنە تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم.قاتتىق بىر نەپەسلەنمەكچى ئىدىم،لىكىن قىلالمىدىم.ئۇ تېخىمۇ ھەيران قالدى.ئىككىلا قۇلۇمدا گۈل،ئۇ بىردەم گۈلگە، بىردەم ماڭا قارايتتى.بۇنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم،دىيەلىدىم ئارانلا.ئۇ گۈلنى قۇلىغا ئالدى.قېنىپ-قېنىپ پۇراپ كەتتى.ۋە ئۆزىگە خاس لاتاپەت بىلەن شۇنچىلىك ئېچىلىپ كۈلدىكى ئۇ كۈلكە مەڭگۈ قەلبىمنىڭ            قالدىغۇ دەيمەن.

ئۇ ھەقىقەتەن بەكمۇ خوش بولغانىدى.ئۇنىڭ قولىغا ئۈزۈكنى سالدىم.ئۇ قولىنى تارتىۋالماقچى بولدى.ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتۇم.ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قولىغا سالدىم.ئۈزۈك سەل چوڭ كەلگەن بولسا كېرەك،قىينالمايلا ئۇنىڭ قولىغا ئۆتتى.

-بىز توي قىلايلى،دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

-.......

ئۇ شۇ تاپ ھاياجانلانغىنىنى ياكى ئازاپلانغىنىنى ۋە ياكى تاساددىپىيلىق ھېس قىلغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە بىر خىل ھالەتتە ئۈمچىيىپ،قولىنى يۈزى بىلەن ئېتىۋالغان ئىدى،.

ئەمدى بىلدىمكى ئۇ يىغلاۋېتىپتۇ.ئۇنى ئاستا-ئاستا تارتىپ كەلدىم.ئۇ بېشىنى مۆرەمگە قويدى.ئۇ يىغلىدى.مۇشۇ ھالەتتە خېلى ئۇزاققىچە تۇردۇق.ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان تەسەللىلى ۋە ۋەدىلەرنى دېدىم..

ئەتىدىن باشلاپ توي تەييارلىقىغا چۈشتۇق.تەييارلىقمۇ ئەمەس،زۇلپىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىدى،شۇنداق قىلىپ بۇ گەپ ئۆيگە پۇر كەتتى.ھەممىدىن بەكرەك تەييارلىق قىلغىنى دادام بىلەن ئانام بولدىغۇ دەيمەن.ئۇلارنىڭ خوشاللىقتىن تېلفۇندىلا ئۇنىڭ بوغوق-بوغوق چىققانلىقىدىن بۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى..

شۇنداق قىلىپ،رېستۇراننى ئۇقۇشۇش،باغاق تارقىتىش ئىشلىرىمۇ ئاساسەن بىر يەرگە باردى.شۇنداق قىلىپ مەن توي قىلماق ئۈچۈن قەدەم قويغان بولدۇم.

ھەممە تەييارلىق پۈتكەن ئىدى،ئەمما يۇرتتىكىلەرنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان ئىدىم.ئۇلارغا كۈندە بىر قانچە قېتىم تېلفۇن قىلاتتىم.تەييارلىقنىڭ پۈتكەن - پۈتمىگەنلىكىنى سورايتتىم.ئۇلارنى كۈتىۋېلىشنىڭ شېرىن تەمىنى ئەسلەيتتىم.ئاھ خۇدا،ئۇلارغىمۇ مىنىڭ راھىتىمنى،بەختىمنى كۆرسىتىدىغان كۈنلەرمۇ ئاز قالغان ئىدى.شۇلارنى ئويلىسام چەكسىز ھوزۇر ۋە بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەتتىم.

ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئەتە يولغا چىقىدىغانلىق خەۋرىنى قۇبۇل قىلدىم.بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ لەرزىگە كەلدىم،ھاياجاندىن يۈرۈكۈم تاس قالدى ئورنىدىن ئاجراپ چىقىپ كەتكىلى.ئۇلارنى ھەقىقەتەن سېغىنغانىدىم.

ئەمما بۇ توينىڭ مىنى ئېغىز بۇرنۇمغىچە تويغۇزدىغانلىقىنى چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەنىدى.شۇ كۈنى ئائىلىمىز بۇيىچە دادامدىن باشقا،ئىنى سىڭلىم ۋە يەڭگىلىرىمدىن بۇلۇپ(ئىنىم مەندىن بۇرۇن توي قىلغان،ئۇنىڭ ھازىر ئىككى بالىسى بار ئىدى)بىر ئائىلە كىشلىرى يولغا چىقماق بوپتۇ دادام يۇرتتىكى تۇغقانلارنى باشلاپ تويغا ئۈلگۈرۈپرەك كەلمەكچى بوپتۇ.ئېھتىمال ئۇلارمۇ مېنى ئويلىغان بولسا كېرەك،ئۈرۈمچىدە تۇغقانلارنى بىرەر يەرگە پاتقۇزالماي مىنىڭ يەرگە قاراپ قېلىشىمنى خالىمىغان چېغى...

ئالدىڭغا يۈگرەپ چىقىمەن ئانا،دەيتتىم ئىچىمدە ئۆز -ئۆزۈمگە،بوينۇڭغا ئېسىلىپ سېنى تازا سۆيۋالىمەن.قاداق باسقان قوللىرىڭنى،جاپادا قارىيىپ كەتكەن چېھرىڭنى،جاپادا ئاقارغان چاچلىرىڭنى قانغۇچە پۇرۋالىمەن ئانا دەيتتىم ،ئۆزۈمگە پىچىرلاپ..

جاپا چەكتىڭ ئۇكام،مەن ئۈچۈن ئۆزۈڭنى قۇربان قىلدىڭ.بالدۇرلا ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇڭ،مەن ئۈچۈن ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىڭ،سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكارمەن،دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.ئەتە دوستلار بىلەن جەم بولىدشدمەن.ئاھ خۇدا،ئەتىدىكى بۇ كۈنلەردە مەندىنمۇ بەخىتلىك بىرەركىم بولماس  بۇ جاھاندا ھە!يۇرتۇمنىڭ پۇرقىنى پۇرايمەن،پۇرىغاندىمۇ قېنىپ پۇرايمەن.ئازاپ ۋە تەنھالىقتا قاغجىرغان،پۇچلانغان يۈرىكىمگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم چاپالايمەن.بۇرۇن تەنھا،يالغۇزلۇق ئىچىدىكى قۇملۇقتەك        قاغجىرىغان قەلىب      چوقۇم مۇھەببەت يامغۇرى ياغىدۇ،ئۇنىڭدىن چەكسىز سۆيگۈ دەرەخلىرى ياشنايدۇ.ئەمدى مەن تەنھا ئەمەسمەن.مەن ئەمدى يالغۇز ئەمەسمەن،مەن...................

خۇشاللىق ئىچىدە بۇ شەھەردە ئەركىن كۈلۈپ باقىمەن،خىياللاىرىمنىڭ ئەمدى نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم.شۇ خىياللار بىلەن تۈن يېرىم  بولغاندا ئۇخلاپ قاپتىمەن..

قانچىلىك ئۇخلىدىم بىلمىدىم.ئاللىقانداق بىر خىل مۇدھىش جايدا كىتىپ بارىمەن،كىمدۇر بىر ناتۇنۇش ئاۋاز مىنى چىرقىراپ،نالە قىلىپ چاقىرۋاتىدۇ،كۆزۈمنى ئاچماق بۇلۇپ ئاچالمايمەن.ئۆزۈمنى بىر قاراڭغۇلۇققا تولغان قىزغۇچ چوغلۇق ئىچىدىلا سېزىمەن،يۈرىكىمنى بىرسى قاتتىق بېسىۋالغاندەك نەپەسلىرىم قىسىلماقتا،تەنلىرىمدىن تەرلەر قۇيۇلماقتا.كۆزلىرىمدە ئاشۇ مۇدھىش مۇھىت،قورقىۋاتىمەن.ھېلىقى چىرقىراق ئاچچىق نالىلەر قۇلاق تۈۋىمدە تېخىمۇ قاتتىق جاراڭلىماقتا.ھەريان تولغانماقتىمەن.پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمدا بىرەر ئەركىنلىك ياكى ھۇزۇر يوق.تېنىمدە سانسىزلىغان چايانلار ماڭماقتا.گۆشلىرىمنى يىمەكتە.ئىچكى ئەزالىرىمنى چاقماقتا.قاتتىق گۈلدۈرماما چېقىن چېقىلماقتا.قاپقاراڭغۇ بىر جايدا نۇرغۇنلىغان يىرتقۇچلارنىڭ ھۇجۇمىدا قالماقتىمەن....

ھەر يان تولغانماقتىمەن.بۇخىل ھالەتتىن قۇتۇلماقچى بۇلىمەنيۇ،لىكىن نىمىشقىكىن قۇتۇلالمايمەن.تېلفۇنۇمنىڭ تۇنۇش ئەمما ئاجىزغىنە سايرىشى قۇلقىمغا ئاڭلانغانلىقىنى سېزىۋاتىمەن.دېمەك مەن ئۇخلاۋاتىمەن.كۆزۈمنىڭ قانداقلارچە ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم.

ئۇھ دەپ ئېغىر نەپەس ئالدىم.غەيرى بىر نۇمۇرغا قاراپ يۈرىكىم ئالىتاغىل سەكرەپ كەتتى.ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ تېلفۇننى ئالدىم.ئاھ خۇدا،كۆزلىرىمدىن چېقىرغان چىقىپ كەتتى.قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيتتىم.ئۆزۈمگە ھەم ئىشەنمەيتتىم.بۇ گەپتىن بايامقى مۇدھىش جۇت ياخشى ئەمەسمىدى؟نېمىشقا ئويغاندىم؟ياق،ياق،ياق،مەن ئويغانمىدىم،راست ئويغانمىدىم،ئۇخلاۋاتىمەن.بۇ يالغان گەپ،بۇ چۈشۈم......

تېلفۇندىن چىققان ئاۋاز شۇنچىلىك زىل.شۇنچىلىك ئوچۇق.ئۇ ھازىر قۇلقىمدا ياڭراۋاتىدۇ.ھەرىلەردەك قۇلىقىمدىن ئۇچۇپ كىرىپ مېڭەمنى يەپ غاجاۋاتىدۇ.

-سىز قۇربان مەمەت بۇلامسىز؟

- ھەئە، دېدىم ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە ئەندىكىش ئىچىدە

- ئائىلىڭىزدىكىلەر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى

    ئۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى دەرھال كىلىشىم لازىملىقىنى ئېيتقانلىقى يادىمدا.ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقتىم.10-ئاينىڭ سوغۇقىغا قارىماي چاپاننىمۇ ئالماي،ئۆيگىمۇ قۇلۇپ سالماي يۈگۈردۈم..

قۇلاقلىرىمغا سانسىز نىدالار،ئۆكسۈشلەر،ئەجەپلىنىشلەر،ئازاپلىق تىنىشلار........ زىكرى-مۇناجاتلار......ئارزۇ-تىلەكلەر.... قانچىلىك يىغلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن شوپۇرنى تېز مېڭىشقا ئالدىرتىپ شوپۇرغىمۇ كايىيتىم.شوپۇرنىڭ مەندىن بىزار بۇلۇشلىرىدىن رەنجىپ چۈشۈپ قېلىپ ماڭماقچىمۇ بۇلاتتىميۇ،ماشنىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە مېڭۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالىمەن.

مەن گويا قۇرۇتتەك ئاستا ئالدىغا سىلجىماقتىمەن.قۇلاقلىرىم غوڭۇلدايتتى.مېڭىلىرىم ئەسەبىيلەرچە زىڭىلداپ ئاغرىيتتى....

شۇنداق ھېلىقى ساقچى دىگەن جايغا ئازلا قېلىۋاتىمەن.بۇرنۇمغا قان ھىدى قۇشۇلۇپ يۇرتۇمنىڭ تۇنۇش پۇرىقى پۇرايتتى.ئۇنىڭدىن ئانامنىڭ،ئىنىمنىڭ ۋە سىڭلىمنىڭ پۇرىقىنى پۇراۋاتاتتىم.قەدەملىرىم گالۋاڭلىشىپ كىتىپ باراتتى،يۈرىكىم ئەنسىز سوقاتتى.ئۆزەمنى بۇ يەرگە تۈن سەيلىسى قىلىپ كىلىپ قالغان بولسامچۇ، دەپ بەزلەيمەن.ئۆزۈمنى    كۆرگەن بۇلاي،دەپ گوللاۋاتىمەن  ئالا -يېشىل چىراقلارنىڭ لاپىلداپ يورۇشلىرىدىن،ئەمدى ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ بۇلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ يېنىغا ئاستا كەلدىم.يۈرىكىمنىڭ قېپىدىن ئاجىراپ،تەن قەپىزىمنى يېرىپ چىقمىغانلىقىغا ھەيرانمەن...

قانغا مىلەنگەن تونۇش چىرايلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم تىترەيتتى.ۋۇجۇدۇمدا ئازاپ ئوتى لاۋۇلدايتتى.

شۇنداق يىغلىدىم،ھۆركىرەپ يىغلىدىم.ئۆزۈمنىڭ قاچانلاردا ھوشۇمغا كەلگەنلىكىمنى بىلمەيمەن.ئۆزۈم ھەممە يېرى ئاپپاق ئۆيدە،دېمەك مەن بالنىستا ياتاتتىم.شۇنداق قىلىپ بۇ مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن پاجىئە مىنى ئائىلەمدىن،بارچە ۋەسلىمدىن ئايرىغانىدى.بۇ دەم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق نىدا قىلاتتىم:ئاھ رەھىمسىز تەغدىر،مىنى مۇشۇنداقمۇ جازالامسەن؟ماڭا مۇشۇنداقمۇ چاق-چاق قىلامسەن؟بۇ چاقچىقىڭ بەكلا ئېغىر بوپ كەتتى،مەن ئۇنى كۆتۈرەلمەي قالدىمغۇ؟....

كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار ئەگىدى.ئاناملار ئېسىمدىن كېچىپ يۈگرەپ چىقىپ ئۇلارنى ئىزدىمەك بولدۇم،لىكىن تاپالمىدىم،ئىزلەپ ھېچ يەرلەردىن تاپالمىدىم.شۇ دەم دوختۇرلار قاياقتىندۇر پەيدا بۇلۇپ مىنى تۇتۋالدى.

   بۇ ۋەقەدە بىردىنبىر ھايات قالغىنى مىنىڭ ئوماققىنە،تېخى ئەمدىلا يېشىغا توشقان سىڭلىم ئىدى.سېستىرا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى.ئۇ تولىمۇ غەمكىن ۋە قورقۇمسىرىغان ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى.ئۇنى بارچە مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇچىقىمغا ئالدىم.ئىنىمنى،يەڭگەمنى،ئائىلەمدىكى ھەممەيلەنى باغرىمغا باسقاندەك بۇلۇپ ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم.ھەئە،ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم،ئۇنى پۈتكۈل ئاتىلارچە مېھرىم بىلەن قۇچىقىمغا ئالدىم.كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقماقتا.ياش ئەمەس قان-زەرداپ ئاقماقتا ئىدى.

بۇ ئۆزگەرگەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى ھەم تۇنجى بىر باشلىنىش بېكىتى بۇلۇپ قالگان ئىدى....

دادام ئۈنسىز تۇراتتى.بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا قاۋۇل،مەزمۇت بەدىنى مۈكچىيىپ،ئورۇقلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىرەر رەت ياش ئاققۇزغانلىقىنى كۆرۈپمۇ باقمىدىم.ئۇ ھامان ئاشۇنداق غەمكىن ۋە مىسكىن ئىدى.بەزىدە نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ،ئۇنىڭغا ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە تويماي قاراپ كېتەتتى.

دادامدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم،بۇ خىل ئەلەمنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كىلدىغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇ ھامان جىمجىت،سۈكۈت ئىچىدە ئىشىك ئالدىمىزدىكى دوڭغاق سۆگەت تۈۋىدە ئەتىدىن كەچكىچى قوپماي ئولتۇراتتى:

- دادا ،ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى.... دەيتتىم ئۇنىڭغا قورۇنۇپراق.

خېلى چوڭقۇر سۈكۈتكە تولغاندىن كېيىن ئۇھسىنىپ قۇيۇپ ئاران قوپاتتى.ئىلگىركى روھلۇق،جۇشقۇن،چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇردىغان دادام بىلەن ھازىرقى دادام روشەن سېلىشتۇرما بۇلۇپ قالغانىدى.مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەبلەندىم.بۇنداق ۋاقىتلاردا بوغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك،دىماقلىرىم ئېچىشىپ گەپ قىلالماي قالاتتىم.ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىكلا چىرايىىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ::

ـكەلگىن دادا،مەن سېنى يۆلىۋالاي

ـ بولدى،نادىرە قېنى؟

ـئۇ ئۇخلاپ قالدى

ـ ھىم...
   ئۇزاق ئۆتمەيلا سىرتقا،ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىغا چىقۋالاتتى

ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى.ئۆزۈمنىڭ پەرىشانلىغىمنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن زورىغا كۈلۈمسىرەيتتىم.

بۈگۈن نادىرە قاتتىق يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭغا سوسكىدا سۈت بەردىم،گوللىدىم،ھەر نىمىلەرنى قىلىپ باقتىم.ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەس قىلىش ئۈچۈن،قۇلۇمدىكى ئاقلاۋاتقان سەينى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنى ئېلىپ تالاغا چىقىپ كەتتىم. ھەر نېمە بولسا نادىرە سىرتقا چىقىپ خېلى جىمىپ قالدى.كېيىن ئېمىزگىسىنى ئېمىپ ئۇخلاپ قالدى.

دادام تېخى ھېلىلا نامازنى ئوقۇپ بولدىغۇ دەيمەن.ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ بۇغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى.قانداق قىلاي؟ئۇنىڭغا قانداق تەسەللىي بېرەي؟

ئىشىك ئالدىدا سۇلغۇن ۋە ئازاپلىق ھالدا تۇرىۋاتىمەن،لىكىن يەنىلا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.

چوڭ بۇلۇپ تاكى مۇشۇ چاغقىچە دادامنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاققىننى بىلمەيتتىم.دادامنىڭ  سۇلغۇن ھالىتىنى كۆردۈم، لىكىن ئۇنىڭ كۆزىدە بىرەر تامچە ياش يۇقىمۇ يوق ئىدى.

شۇنچە يىل ھاياتنىڭ ئىسسىق-سوغوقلىرىدا بىرگە ياشاپ كەلگەن دادامغا نىسبەتەن بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ھىجران ئۇنى ھەقىقەتەن كۆپ ئازاپ ۋە ھەسرەتكە سالغان ئىدى.

كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ددامدىن ئەنسىرەپ قېلۋاتاتتىم.ئۇنىڭ بەزىدە يۈرىكى چىڭ مۇجۇقلاپ تۇتۇپ قالغانلىقىنى كۆرەتتىم.بۇنداق چاغلاردا قورقۇپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالاتتى.  

-دادا،يۈرە دوختۇرخانىغا بېرىپ كىلەيلى.

ـ ئۇ يەرگە نىمىشقا بارىمىز؟

-قارىسام بىتاپ كۆرۈنىسەن.......

-ئەخمەق بالا،يۈرىكىمگە ئازراق ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان چېغى،ئاناڭ ھايات ۋاقتىدىمۇ شۇنداق بولاتتى.

دادامنىڭ «ئاناڭ ھايات ۋاقتىدا» دىگەن سۆزنى دىگەن ۋاقتىدىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل چۈشۈنۈپ بولمايدىغان ھالەت ئەكىس ئېتەتتى.

ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.ئانامنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىمۇ بىرە قۇر تۈگكەنىدى.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئەتراپىمىزدا پاي-پېتەك بۇلۇشۇپ يۈرگەن تۇغقانلىرىمىزمۇ ئەمدىلىكتە ھەممىسى ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشكەنىدى.

تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى غۇربەتچىلىكتە كېتىپ باراتتى.ئۆي ئىچىدە شىۋىرغان ھۇۋلايتتى.ھەممە ياققا قارىسام ئانامنىڭ،تۇغقانلىرىمنىڭ سىيماسى،ياڭراق كۈلكىلەر،ئۇلارنىڭ تۇنۇش ئاۋازلىرى.......

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يۈرىكىمى پۇچلىنىپ كېتىۋاتاتتى.دادام بولسا ھېلىقى بىر نەۋرىسى بىلەن مۇڭدىشىپ،ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكۈپ، ۋاقىتنى ھېلىقى دوڭغاق سۆگەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈش بىلەن كۆڭلىدىكى ئازاپلارغا تەسەللى بەرمەكچى بولاتتى.

ئاھ ئازاپلىق كۈنلەر...... دادام كۈنسېرى ئۆزگىرىپ كىتىپ باراتتى.

بىر كۈنى دادام بىلەن ئانام ئىككىسىنىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىمى چىقىپ قالدى.ئۇنى داادمغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن شاپلا قىلىپ يۇشۇرۇشقا جاي ئىزدىدىم،ئويلىمىغان يەردىن دادام كۆرۈپ قالدى:

-قۇلۇڭدىكى نېمە؟

-بۇ..ھېچ...ھېچ...ھېچنىمە.....  دۇدۇقلاپ كەتتىم

-ئەكىلە.... ،ناھايتىمۇ ئىككىلىنىش ئىچىدە دادامغا رەسىمنى سۇندۇم.ئۇ قولىغا رەسىمنى ئالدى.كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى،«ئۇ چۇقۇم يىغلىدى» دەپ ئويلىدىم.كالامپايلىق قىلغىنىمغا بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى.لىكىن نىمە ئامال.نادىرە سىرتتا يىغلاۋاتاتتى،مەن ئۇنى بەزلەپ تۇراتتىم،دادام كۈلۈپ ئۆيدىن چىقتى.ئۇنىڭ ماڭا  نىمىلەرنىدۇر دەپ بەرگۈسى باردەك قىلاتتى.نادىرەنى ئۇخلاتماقچى بۇلۇپ بۆشۈكىنى تەۋرەتكەچ دادامغا ئۈنسىز قارىدىم.مۇشۇ دەم مەن دادامنىڭ يۈرىكىدىكى يارىنى تاتلاپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.

بۈشۈكتىكى بۇ نارەسىدە قىز خۇددى ئىنىمدەكلا ئالدىمدا ياتاتتى.دادامغا قارىدىم،ئانام ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەپلا چىقماسمۇ يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى،ئانام بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتى...

نىمىشقىكىن بىلمىدىم،شۇنچىلىك تىرىشساممۇ لىكىن بۇ قېتىم چىدىيالمىدىم.كىچىك بالىدەك دادامغا ئېسىلىپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم.دادام مېھرىبانلارچە بېشىمنى سىيلاپ تۇراتتى.قانچىلىك يىغلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.نادىرەنىڭ يىغا ئاۋازى ئاۋازىمنى بېسىپ كەتكەندىلا ئاندىن دادامنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىپ بۆشۈك يېنىغا كەلدىم.

كۈنلەر سوغوق گھەم ئاللىق بۇ ھوجرىدا داۋام ئەتمەكتە ئىدى.شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى.4يىل،40يىل بەلكىم 400يىل........

لىكىن ئارانلا 40 كۈن ئۆتكەنىدى.

دادامغا ئۇزۇندىن بېرى دىيەلمەيۋاتقان گېپىمنى بۈگۈن مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم:

دادا،سېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتەي......

ئۇ كۆزۈمگە غەزەپ ئارلاشقان چۈشنىكسىز نەزەردە لاپپىدە قاراپ قۇيۇپ ھېچنېمە دېمىدى.

-جېنىم دادا،مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باققىن.مەن سەندىن ئەنسىرەۋاتىمەن....

-مەن ھېچيەرگە بارمايمەن،كەتكۈڭ بولسا سەن كەت.سېنى كۆزۈۈممۇ كۆرمىسۇن.نەگە بارساڭ بار.دادام شۇنچىلىك ئازاپ ۋە غەزەپ بىلەن ماڭا ۋارقىراپ كەتتىكى،شۇندىلا دادامنىڭ ئانامغا بولغان سۆيگۈسى،ساداقىتى ۋە مېھرىنى چۈشەندىم،ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ بۇلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرۋاتاتتى.

قانداقسىگە بۇ خىل غەيرەتكە كەلگىنىمنى بىلمەيتتىم.ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتۇم.بېشىمنى قۇيۇپ يىغلاپ كەتتىم.يىغلىدىم،ئۆكسۈپ-     ئۆكسۈپ يىغلىدىم.دادامدىن گۇناھىمنى سوراپ بار ئاۋازىم بىلەن يىغلىدىم.دادام پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى.

-گېپىڭ توغرا، دېدى ئۇ بېسىمنى دادىلىق مېھرى بىلەن سىيلاپ.شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ كەتتىم،گويا كىچىك ۋاقتىمدا دادامنىڭ قورسىقىدا يالىڭاچ ھالەتتە يېتىپ پۇشۇلداپ ئۇخلىغاندەك ھېس قىلاتتىم.ئەمما يۈرىكىمدىكى ھەسرەت بۇ راھەتنى قانچىلىك       ھېس قىلاركىن-ھە؟

-بىلىمەن بالام،ئاناڭ بىلەن 14 يېشىمدا توي قىلغان ئىدىم،ئۇ چاغمۇ ئاناڭ 12 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىدى،پۈف... دېسە يىقىلىپ چۈشكىدەك شۇنچىىلىك كىچىك ۋە ئاجىز ئىدى.ئانامنىڭ چىرايىنى بىلمەيمەن،داداممۇ مېنى تاشلاپ،پومىشچىك نامىنى ئېلىپ 9يېشىدا مەندىن ئايرىلدى.يېتىملىك،ئاجىزلىق،مىسكىنلىك سۆڭەككە يەتكەندە ئاناڭ رەھمىتىنى قېين ئاتا -قېين ئاناملار ماڭا نىكاھلاپ قويدى.

ئاجايىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۇق.ئاچ-توق كۈنلەر، ئىسسىق-سوغوق تۇرمۇش،ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ بوران-چاپقۇنى،ئاھ.... ئاناڭ تۇنجى ساڭا ئېغىر بوي بولغاندا،يېنىمىزدا ھچنىمىمىز يوقتى.شۇنداق كۈنلەر بولدى.ئاناڭنىڭ تولغىقى شۇنداق قاتتىق بولدى.ئۇ چاغدا نە دوختۇر،نە دوختۇرخانا بولسۇن،بولسىمۇ نەدىكى پۇل؟ئۇ نەچچە ھوشىدىن كېتىپ،نەچچە ھوشڭغا كىلىپ سىنى تۇغدى.سەن ئۇنىڭ قانچىلقك جاپادا قالغانلىقىنى بىلمەيتتىڭ،تا مۇشۇكەمگىچە مېنى بىرەر قېتىم ئوچاق بېشىغا يېقىن كەلتۈرۈپ باقمىدى.بىرەر قېتىم           گېپىمگە قارشى چىقىپ باقمىدى.بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ،قورسىقىمىز توق،كىيمىمىز پۈتۈن بولغۇچە ئۇ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ئۇنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك  ھېس قىلىمەن.ئۇ بۇ ئۆمرىدە تۇرمۇشنىڭ خوۋلۇقىنىلا كۆرۈپ تۈزۈكرەكمۇ راھىتىنى كۆرمىگەنىدى.ھەي ئېسىت........!

ئۇ بۇلارنى دەۋاتقاندا لەۋلىرى تىترەيتتى.

گەپ سۆزسىزلا ئىدارەمدىن ئايرىلدىم،ھېچكىمگە ھېچنىمە دېمەي يېنىپ كەلدىم.ھەتتا زۇلپىيەمۇ بېشىمغا بۇ ئىشلارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.ھە راست بىز توي قىلماقچى ئىدۇق تېخى.راست گەپ قىلسام 50 كۈندىن بېرى ئۇنى تۇنجى قېتىم ئەسلىشىم ئىدى.تېلفۇنۇممۇ ئۆيدە قاپتۇ.دېمەك مەن ئۈرۈمچىدىن پارغا ئايلىنىپ قەشقەرگە كىلىپ قالدىم.ھېچكلىم مېنىڭ دېرىكىمنى بىلمەيدۇ،ئۇ بولسا ئۇنىڭغا دەردىمنى تۆكۈۋالسام-ھە!

شۇلارنى ئويلاپ تېلفۇننى ئىزلىدىم.ئۆيىمىزدە تېلفۇن يوق،تېلفۇن ئۇرۇش ئۈچۈن ئالاھەزەل يېرىم سائەت يول مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.

نادىرەنىڭ يىغىسى مېنى بۇ خىياللاردىن ئويغاتتى.نادىرە كۆپ يىغلىغانسېرى تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ ھەر بىر يىغلىشىنى ئاڭلىسام يۈرىكىم ئىزىلەتتى.ئۇنى پەس قىلىش ئۈچۈن بەزلەيتتىم.ئۇنىڭ ھەر بىر كۈلگەندىكى چىرايىنى كۆرگىنىمدە ئىنىم،ئانام،سىڭلىمنىڭ روھى كۈلۋاتقاندەك ھېس شۇنچىلىك خوش بۇلاتتىم.نادىرە ئاستا-ئاستا مىنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ئورناپ كېتىپ باراتتى.

ئۇنىڭ ئۇخلاش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلىغۇم كەلگەندەك ئۇ ئۇخلاپ قالسا قولۇم ئىشقا بارمايتتى.خىيالىم چېچىلاتتى.دادامنى دېمەيلا قۇياي،ئۇ نەۋرىسىز بىرەر توي-تۆكۈن،نەزار-چىراغقا بارسىمۇ ياخشىراق بىرەر نىمە بولسا ئۇنىڭغا ئەپكىلەتتى.ئۇنىڭ ئىمىزگىزىسىنى شوراپ يېتىشلىرى شۇنداق       ئىدى.بەزىدە ئۇنىڭ كىيىىنكى تەغدىرىنى ئويلاپ چوڭقۇر ئويغا پاتاتتىم.ھازىر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دادام ئىككىمىز ئىدۇق.

دادام بۈگۈن نادىرەنى ئېلىپ قوشنىلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتكەنىدى.ئۆي تولىمۇ غېرىپسىنىپ كەتكەندەك بىلىندى.قانداق قىلاي؟تۇيۇقسىز زۇلپىيە يادىمغا كەلدى.ئۆيدىكى تۇللۇق ئوتتۇردە مىنگەن ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ تېلفۇن بوتكىسى ئىزدەپ يولغا چىقتىم.يۈرىكىم ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىۋاتاتتى.ۋۇجۇدۇمدا قانداقتۇر بىلىپ بولمايدىغان كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى.شۇنچىلىك تەستە تېلفۇن توروپكىسىنى قۇلۇمغا ئالدىم.ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى زورىغا بېسۋالماقچى بولاتتىم.ئۇنىڭ نۇمۇرىنى شۇنداق تەستە ئېسىمگە ئالدىم.

-كەچۈرۈڭ،سىز ئۇرغان تېلفۇن ۋاقتىنچە ئېتىۋېتىلدى،سەل تۇرۇپ قايتا ئۇرۇڭ.

تېلفۇننى قايتا-قايتا ئۇردۇم،يەنە شۇ ئوخشاش ئاۋاز.زۇلپىيەنىڭ ئۆيىگە تېلفۇن قىلدىم.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ تونۇش ئاۋاز،بۇ بولغۇسى قېينئانامنىڭ ئاۋازى ئىدى.

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاۋازىمنىڭ شۇنچىلىك غەلىتە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،ئاھ خۇدا.....

-كىم؟  بىر خىل قوپال ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئۆزۈمنى زورىغا بېسۋالدىم.

-مەن قۇربانجان.

-ئۇنداق ئادەمنى تۇنىمايمەن . ئارقىدىنلا توروپكىدىن ئۈزۈپ-ئۈزۈپ تۇ..تۇ..تۇ.. قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

يەنە قايتا تېلفۇن قىلدىم.

تېلفۇن ئېلىنىپلا يەنە قۇيۋېتىلدى.بۇنداق ئەھۋال نەچچە رەت تەكرارلاندى.تېلفۇن ئىگىسىنىڭ ماڭا ئاچچىق قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى سوراپلا ئۇ يەردىن ئايرىلدىم.

شۇ دەم ئۆزۈمنى ئالداۋاتاتتىم،گوللاۋاتاتتىم.ئۆز-ئۆزۈمگە:«ھېچقىسى يوق،بولدى كۆپ ئويلىما.ئۇنىڭغا توغرا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا بولمىدىمۇ؟كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ....ئۇلار چوقۇم مېنى توغرا چۈشىنىدۇ....»

ئۇ ياقتا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيمەن،بىلىشكىمۇ ئامالىم يوق ئىدى.پەرىشانلىقىمنى دادامغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆيگە كۈلۈپ كىردىم.

-نېمە بولدۇڭ؟ دېدى دادام نادىرەنى ئويناتقاچ چىرايىمغا قاراپ.

اقىزىرىپ كېتىۋاتاتتىم، لىكىن زورىغا كۈلۈپ قويدۇم.

-ھېچنىمە.

ئۇلار ئىككىسى ئوينىشىپ تۇراتتى.

-ھوي،نادىرە سىيىپ قۇيۇپتۇ،دېدى دادام گېپىنى بۇراپ. نادىرەنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتىم.

«كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ»دەپ خۇدايىم دادام ئىككىمىزنى يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دىگەن چېغى.نادىرە دادام ئىككىمىزنىڭ ھايات بېغىمىزغا ھاياتلىق سۈيى باشلاپ،كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇۇپ،دەردىمىزنى بىر-بىرىمىزگە بىلىندۈرمەيدىغان سۆيگۈ قۇياشىمىز ئىدى.لېكىن دادام كۆزۈمگە كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ،كۈنسېرى ئاجىزلاپ،بوشاپ،ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتاتتى.ئۇنىڭغا بولغان غەم-ئەندىشەم بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ بارماقتا ئېدى.ئاقىۋەتتە بىرەر يامانلىقنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئويلاشقا تاقىتىم يوق ئىدى.

10-ئاينىڭ باشلىرى ئېتىزدىكى قوناقلارنىڭ پاسارلىرى سارغىيىپ،ساقاللىرى خېلى قارىداپ قالغانىدى.ئېتىزغا ئورما ئورۇش ئۈچۈن چىقتۇق.جاپالىق ئورما قەلبىمدىكى ئازاپلارغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم چاپاتتى.

ئېشەك ھارۋىسىدا قوناقلارنى خامانغا توشۇپ كېتىۋاتاتتىم ئالدىمغا قايسى بىر كۈنى تىلغا ئېلىشقان قوشنىمىزنىڭ قىزى سانىيە ئۇچىراپ قالدى.

-قۇربانجان،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

-ھە ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟

-شۈكرى،قەدىر ئەھۋال،دېدى ئۇ.

نادىرە قېنى؟ ئۇنى ئەجەپ كۆرمەيمەنغۇ؟

-دادام قاراپ قالغانىدى.

-قىيلىنىپ قېلىۋاتقانسىلەر ھە! مەن قاراپ بېرەي دېسەم يا ئۇنىمايسىلەر.

كۆڭلىڭىزگە رەھمەت،ئۇ يېنىمىزدا بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئەمىن تېپىپ،تارتقان جاپايىمىزمۇ بىزگە جاپا بىلىنمەيدۇ......دېدىم.

-كەچتە ئۆيگە كىلىپ تاماق يەپ كىتىڭلار

-رەھمەت ،بولدى ئاۋارە بولماڭلار

-تۈۈزت قىلماڭ،بىكار بۇلۇپلا ئۆيگە بېرىڭ،مەن نادىرە،تاغاملارنى ئېلىپ ئۆيدە تاماق ئېتىپ سىلەرنى ساقلاپ تۇراي.دېمىسىمۇ نادىرەنى تالاشقان تۇغقانلار خېلى كۆپ بولدى.يىراقراق بولسىمۇ ھەم ئانام ھەم دادامغا تۇغقان كىلىدىغان بۇ تۇغقىنىمىز بىزگە خېلى كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى.ھە دېسىلا تاماققا چاقىرىپ،نادىرەنى بېقىپ بېرىشنى دەپ تۇرۋالاتتى.بەزىدە يۈرىكىم ئىللىق سىزىمغا تولسا،بەزىدە بىرسى ئۇنى يېنىمدىن تارتىپ كېتىدىغاندەك يۈرىكىم سىقىلىپ كېتەتتى.

بۈگۈن غەيرەتكە كېلىپ زۇلپىيەگە تېلفۇن ئۇردۇم،تېلفۇننى ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۇردۇم.بۇ قېتىم تېلفۇننى ئالغىنى قېينئانام ياكى باشقا بىرى بولماستىن زۇلپىيەنىڭ ئۆزى ئىدى.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم

-تېلفۇندىن سادا چىقمىدى،بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن تېفۇننى تاراققىدە قۇيىۋەتتى.قايتا ئۇردۇم:

-ۋەي...ۋەي....   تېلفۇن ئۈزىلىۋەردى...   مەنمۇ قايتا-قايتا ئۇردۇم،ئاخىرى زۇلپىيەنىڭ ۋارقىراپ-جارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

-مېنى ئىككىنچى ئىزدىمەڭ،مەن سىزنى تۇنىمايمەن.سىزدىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن،مەڭگۈ......

تېلفۇن توروپكىسىدىن تۇ...ت،تۇ...ت.... قىلغان رېتىملىق ئاۋاز كىلەتتى.

نېمە دەي؟نېمە قىلاي؟.....

بۇ قېتىم  چىرايىمدىكى سۇلغۇنلىقىمنى دادامدىن يۇشۇرۇپ بۇلالمىدىم:

-سەن ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ كەل بالام،ھەممە ئىشنىڭ ئايدىڭ بۇلۇپ كەتكىنى ياخشى.

- بولدى بارمايمەن، مۇشۇ يەردىن خىزمەت تاپاي،سېنى تاشلاپ نەگىمۇ باراي دادا

-بولدى، كۆپ ئويلىما،ھېچقىسى يوق،مەن ئۆزۈمنىڭ ھاالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن،دېدى ئۇ ئۆزىنى غەمسىز تۇتۇشقا تىرىشىپ.ئۇ مېنىڭ            خالىسا كېرەك.

-بولدىلا دادا،ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ

ئارىمىزنى جىمجىتلىق  باستى.

ھەقىقەتەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىشقا بولمايتتى،بالا ھەم يالغۇز ئۆينى دادامغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم مېڭىش مۇمكىن ئەمەستە؟ دادام ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى،ھالىدىنمۇ تەستە خەۋەر ئېلىپ كېلۋاتقان تۇرسا،ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ پۈتۈن ئۆينى،بىر كىچىك بالىنى ....

ئەمدىلىكتە مەن ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئىشلىرىمنى بىر يولىلا ھەل قىلىپ،ئۇ شەھەردىن ئادا-جۇدا بۇلۇش قارارىغا كەلگەنىدىم.ئىدارەمگە تېلفۇن قىلدىم:

-ۋەي،دەپ تېلفۇننى ئالدى ھېلىقى ۋات-ۋات خىزمەتدىشىم.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم رەيھان ھەدە،ياخشىمۇ سىز؟مەن.......

-ۋاي جېنىمەي،بارمۇ سىز؟ ئۇ گېپىمنى ئۈزىۋېتىپلا ئۆز گېپىنى باشلىۋەتتى:

ئۈن-تىنسىزلا يۇقاپ كەتتىڭىزغۇ؟خەق كەينىڭىزدىن«ئۆلۈپ كېتىپتۇ،قېچىپ كېتىپتۇ،ئاق چېكىپ تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ....»دىگەندەك گەپلەرنى تاپتى.سىزگە زادى نېمە بولدى؟  

ئۇ توختىماستىن سۆزلەپ،ئاللىقانداق سۇئاللارنى سورايتتى،ماڭا گەپ قىلىشقا پۇرسەتمۇ بەرمەيىتتى.شۇ ئەسنادا تېلفۇننى يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدى،بۇ ھېلىقى مېھرىبان ئاچاش ئىدى،ئۇ گەپ ئېچىپ:

-ئۇكام نېمە بولدىڭىز؟

ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى قىسقىلا سۆزلەپ بەردىم.ئۇنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:

-بولدى ئاچا،تەغدىر شۇنداق ئىكەن،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.

سۆزلىشىىش جەريانىدا شۇنى بىلدىمكى،2 ئاي ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىم باشلىقلىرىمنى قاتتىق خاپا قىلىپتىمىش.شۇنىڭ بىلەن ئورنىمغا باشلىقنىڭ بىر تۇغقىنى كىلىپ ئورۇنلىشىپتۇدەك،دېمەك مەن 5 يىل كۆرەش قىلىپ ئېرىشكە خىزمەت باشقىلار ھېچ كۈچىمەيلا ئېرىشكەندى،يەنە كېلىپ مېنىڭ ئورنۇمغا،مانا ھەققانىيەت!!!!! ئۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دېدىم.چۈنكى ماڭا ئۈرۈمچىنىڭ شۇنچىلىك ئەھمىيتى قالمىغانىدى.

-زۇلپىيەچۇ؟ سورىدىم مېھرىگۈل ھەدەمدىن.

-ئۇ....،ئۇكام قەتئىى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ،لېكىن دېمىسەم بولمايدۇ،ئۇنىڭغا توي چېيى ئىچىرلۈپ بولدى.2 كۈندىن كېيىن تويى بولىدىكەن.......،مېڭەمدىن قوقاس ئۆرلىدى.پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ خېمىردەك بۇلۇپ قالدى.تېلفۇننى قانداق قويغىنىمنى بىلمەيمەن.دېمەك، ھەممە ئىش ئاياغلاشقان ئىدى.

ئەلەڭ-سەلەڭ ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،لىكىن ئۆيدە دادام يوق.قارىسام نادىرەنىڭ      چوڭ تەرىتىگە مىلىشىپ كەتكەن ھالەتتە ھويلىدا تۇرۇپتۇ.مەن ئۇنى داسقا سېلىپ ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ تۇرشۇمغا دادام كىرىپ كەلدى.

-بالام،جاپادا قالدىڭ، دېدى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتقان ھالەتتە.

-ياقەي دادا،ئۇنىڭغا قاراپ كۈلمەكچى بولدۇم.ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئازاپ مىنى كۈلگىلى قويمايتتى،لىكىن مەن كۈلۈشۈم كېرەك ئىدى.

-ئۆيگە بىر ئايال كىشى لازىم بولدى بالام،بالدۇرراق بېشىڭنى ئوڭلىۋەتسەم  بولاتتى.

ئەمدى قەلبىمدىكى    يۇشۇرۇپ قېلىشقا ئامالىم يوق ئىدى.

-ئۇنىڭ تويى بولىدىكەن،دېدىم دادامغا.

ئۇ گېپىمنىڭ تېگىگە يەتكەن ئىدى.

-ئۇمۇ تەغدىر ئوغلۇم، ھېچقىسى يوق.

راست،بۇ دىگەن تەغدىر.

-بولدىلا دادا،يەنىلا سېنى ئۆيلەپ قۇياي.مەن توي قىلسام،يۇرت      بىرەر ئۆرە تۇردىغانغا ئانا لازىم.

-نېمە دەيدىغانسەن؟ئاپاڭنىڭ كۆزىگە توپا تىنماستا مەن ئۆيلىنىپ يۇرەرمەنمۇ؟مېنى ئويلىمىساڭمۇ ماۋۇ بىچارىگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن.....

-ماقۇل دادا،دېگىنىڭدەك بولسۇن.                                                                                        يەنە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم،ئۇ ھامان مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىيلايتتى.

  ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىشنى خالىمايتتىم،خالىساممۇ يەنە نېمە دەيتتىم؟گەپنىڭ ئوچۇقى زېھنىمنى ئۇنىڭغا چېچىشنى خالىمايتتىم.ماڭا شۇنداق ئېغىر ھارغىنلىق يەتكەن ئىدىكى،كىچىككىنە بىر ئىشمۇ يۈرىكىمنى مۇجۇپ،كاللامنى پەلەكتەك چۆرگىلىتىۋېتەتتى.

مانىڭ بارچە مېھرىم ئاشۇ ئەمدىلا مېڭىش ئالدىدىكى نارەسىدىگىلا باغلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بەختىنى تاپقانلىقىدىن خوش ئىدىم.دادام راست ئېيتىدۇ،بۇ ئۆيگە ھەقىقەتەن بىر ئايال لازىم ئىدى.

يۈرىكىمدە بىرەر سۆيگۈ ئۈچۈن سوقىدىغان،      تۇيغۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنەتتىم.مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش،تۇغقانلىرى،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش     ؟ئۇنىڭ بەختىنى تاپقىنىدىن خۇشال بۇلۇشۇم كېرەك،شۇنداقلا خوشالمەن.يەنە نېمە دەيمەن؟مەنمۇ ھېچ بولمىغاندا كۆز ئالدىمدىكى مۇشۇ ئىككى دەرتمەن سۆيگۈمگە باھارنى ئېلىپ كېلىشىم كېرەققۇ؟

نادىرە كۈندە بىر ياش  چوڭ بۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ شوقلىقى.....ئاھ.......  ئۇنىڭغا ھېچقانداق مۇھەببەتنى تىگىشمەيمەن.

ئارىدىن 2 ئاي ئۆتۈپ كەتتى.توي تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ قالدى.توي ئىشلىرىممىزمۇ چاقماق تېزلىكىدە بولدى دېسەكمۇ بولاتتى.ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىمىزنىڭ قىزى ئاسىيە ئىدى.ئۇنىڭ نادىرەگە كۆيىنىدىغانلىقىنى دېمەيلا قۇياي،كۈندە دېگۈدە كېلىپ كىر قاتلىرىمىزنى يۇيۇپ بېرىپ كېتەتتى.ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بەكلا ئوڭلۇق ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ ئۆيگە بەخىتتى شولا چۈشۈرۈپ بىرەلەيتتى.

خىزمەت ئىشىم ئاسانلا ھەل بولدى.مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئاغىنەمنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولدۇم.

يىللارنىڭ ئايىغى ھەقىقەتەن تېز ئىدى.كۈن،ئاي يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاھۇ زارىغىمۇ قۇلاق سالمايتتى،ئۇ ئەنە شۇنداق رەھىمسىز. تۈنۈگۈن ھاسىىدىكى مويىسپىتلار بۇ ئالەمدىكى ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ،ئۇ دۇنيانىڭ سورىقىغا كېتىپ قېلىشتى.مانا،نادىرەنىڭمۇ تەتىلەپ ئايىغى چىقتى.تىلللىرى شۇنچە چۈچۈك ھەم تاتلىق.خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۇنى كۆرۈشكىچە كۈزۈم تۆتلا،ئارانلا قالىمەن زادى.داداممۇ ئەسلىگە كېلۋاتقاندەك ئىدى.

تويىمىز  ئارتۇقچە ھەشەملەردىن  خالى داغدۇغىسىزلا توي بولدى.

ئاھ ئۈرۈمچى.مېھرى ئىسسىق،مۇدھىش ئۈرۈمچى!! ئۇ يەرگە يەنە باغلىنىپ قېلىشىمنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟ شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ مېنى 3 ئايلىق تەربىيلەشكە بارىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.كۆڭلۈم بىر خىل داۋالغۇيتتى.ياق،ياق.ئۇ يەرگە بارماسلىققا ئامال يوقمىدۇ؟شۇ دەم ئۆزۈمنىڭ قانداق ھېسىياتقا كەلگەنلىكىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.يۈرىكىمنى بىر خىل چۈشۈنۈپ بولمايدىغان ھېسيات ئەسىر ئالغان ئىدى.بۇ قانداق ھېسيات؟ بۇ قانداق سەزگۈ؟

ئاسىيە ۋە نادىرەنى دادامغا تاپشۇرۇپ 3 ئايلىق ئوقۇش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.بىزنىڭ يۇرتلارغا باھار كېلىپ دەل-دەرەخلەردە ھاياتلىق ئۆز ئەكسىنى تاپقان مەھەلدە بۇ يەردىن قىشنىڭ قەدىمى تېخى كەتمىگەندەك قىلاتتى.باھارنىڭ بۇ خىل سوغوقلىرى سەل نىپىزرەك كىيىنگەنلەرنىڭ  دولىسىنى قورۇيتتى،سوغوق شامال تەننى شۈركەندۈرەتتى.

مەكتەپكىمۇ كەلدىم.ئۆزۈمنى ئەسلىمەمگە قايتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.بۇ يەرنىڭ ھەر بىر نەپەس ھاۋاسى،ھەر بىر سىقىم  تۇپرىقى ماڭا شۇنچىلىك تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەنىدى.

مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھېچكىمنى ئىزدەشنى خالىمىدىم.كۈتۈش،سېغىنىش ۋە تەشنالىق ئىچىدە دادام،نادىرە ۋە ئاسىيەلەرنى ئەسلەيتتىم.گەپنى توغرىراقى، مېنىڭ كۆپىنچە كۈنلىرىم ئاشۇ مېھرىبان قېرىنداشلىرىمنى ۋە مېھرى ئىسسىق يۇرتۇمنى ئەسلەش بىلەن  ئۆتمەكتە ئىدى.

ھەر قېتىم نادىرەنىڭ دادا....دادا.... دىگەندىكى يېقىملىق  ۋە تاتلىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا،كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا تولۇپ،ۋۇجۇدۇمدا بىر ئانىنىڭ ۋە دادىنىڭ مۇھەببىتى مەۋج ئۇراتتى.

تەقەززالىق بىلەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.مەن بۇ مۇدھىش شەھەردە 3 ئايلىق ئوقۇشۇمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ،مانا بۈگۈن رەسمىيەتلىرىمنى بىجىرىپ بۇلۇپلا يۇرتقا قايتماقچى بۇلۇپ تۇرۇپتىمەن.ئائىلەمدىكىلەرنى تۇيۇقسىز خوش قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل قەپەسلىرىمگە تىپچەككلەپ ئۆزىنى ئاشكارلىماقچى بولغان ھاياجانلىرىمنى تەستە بېسىپ ئۇلارغا ماڭىدىغان كۈنۈمنى ئېيتمىغانىدىم.

كوچا ئاپتۇبۇسىدا كېتىۋاتىمەن.بۇ،مۇشۇ ئۈچ ئايدىن بېرى تۇنجى ھەم ئاخىرقى قېتىم سىرتقا چىقىشىم ئىدى.توساتتىن تۇنۇشقىنا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ كىمدۇ ئەمدى؟مېنى بۇ شەھەردە كىم تۇنار ئەمدى؟....  قىزىقىش ئىچىدە بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارىدىم.ئاھ!! مەن كىمنى كۆردۈم؟بۇ مېنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ كۆز ئالدىمدا قورسىقى تومپىيىپ چىققان،يۈزىگە ئازراقچە ھامىلدارلىق دېغى چۈشكەن بولسىمۇ،تېخىچە ئەينى ۋاقىتتىكىن لاتاپىتىنى يۇقاتمىغان زۇلپىيە تۇراتتى.ئۇمۇ ماڭا قاراپ داڭ قېتىپ قالغانىدى.ئارىمىزدا ئۇزۇنغىچە سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى.بىز تاكى ئاخىرقى بېكەتكىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.ماشنىدىن ئۈنسىز ھالدا يۈك-تاقىلىرىمنى ئېلىپ چۈشۈپ،پويىز كۈتۈش زالىغا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇم ئۇنىڭ ئاۋازى مېننى توختىتىپ قويدى:

-توختا،دېدى ئۇ ئاخىرى زۇۋانغا كېلىپ.

ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قارىدىم.

-ئالدامچى ،پەس!!

ئۇنىڭ بۇ تىللىشىغا ئاچچاق بىر كۈلۈپ قويدۇم:

-راست دەيسەن.

-ھەممىنى ئۇقتۇم،دېدى ئۇ بىردىنلا مەيۈس ھالەتتە.

-نېمىنى؟

-ھەممىنى.

-شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق.

خۇشالمەن ،دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

-لېكىن مەن خۇشال ئەمەسمەن.

-قانداق قىلاي؟

-...............

سېنى تۆت يىل كۈتتۈم.سەن بولساڭ 2 ئاي كۈتەلمىدىڭ،سەن شۇنچە ئالدىرغانمۇ؟

-ياق،مەن سېنىڭ دەردىڭدە ئۆلەيلا دېگەنىدىم،ھەتتا ئۆلىۋال...

مەن دەرھال قۇلۇم بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى توسۇپ قويدۇم.

-قارا ،ئاۋۇ نېمە؟ دېدىم مەن ئۇنىڭ قورسىقىنى ئىيما قىلىپ.

ئۇنىڭن قورسىقى خېلىلا تومپىيىپ قالغان ئىدى.ئۇ ئۆزىنى قۇيىدىغانغا يەر تاپالماي قېلۋاتقاندەك خىجىللىق ئىچىدە قالغان ئىدى.

-بەس،يېنىڭدىكىلەرنىڭ قەدرىنى ياخشى قىل،باشقا خىياللاردا بولماي،يولدىشىڭغا،بالاڭغا ياخشى قارا،يولدىشىڭغا مەڭگۈ سادىق بول.سەن شۇنداق قىلساڭلا مەن سەن ئۈچۈن خۇش بولىمەن،ھەم ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.شۇنى بىلىپ قالغىنكى،بەخىت پەقەت بىر تۇيغۇ خالاس.سەن ئۇنى ھېس قىلىشنى ئۆگۈنىشىڭ كېرەك.بىلسەڭ سەن ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايالسەن!!!... مەن ئۇنىڭغا شۇنداق گەپلەرنى خوشلىشىپ پويىز كۈتۈش زالىغا قاراپ ماڭدىم.ماڭغان چېغىمدا ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر غەلىتە بىر خىل تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە پويىز كۈتۈش زالىغا قاراپ يۈگرەپ كەتتىم.

مەن پويىزدا ئولتۇرۇپ شۇلارنى ئويلايتتىم:ئەي قەدىردانلىرىم،ئەتە مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتىپ بارىمەن،سىلەرنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ باغرىمغا باسىمەن،بارلىق مېھرىم بىلەن باغرىمغا باسىمەن.   
   مەنبە: ئۆزۈم   باغراش تورىدىكى ئېلان قىلىنغان ئەسىرىم.
   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 11:48 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
wisalay + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73888
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3294
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:24:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر....................
  ياخشى يىزىپسىز  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:03:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن. ئۇقۇپ بولغىچە كۇزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73395
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3669
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:10:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا كۆپكەن ، مەن ئەتە ئۇقۇي

بىراۋ دېدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ،
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5572
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:43:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ‹ئاخىرقى تامچە›ھىكايىسنى ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغىدەك دەرىجىدە،ئىنتايىن ئەستايىدىل ياخشى يېزىپسىز...سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87307
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:11:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھەردە بۇنچە ياخشى ئەسەرنى ئوقۇغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم ، بەك تەسىرلىككەن ،

كۆزۈڭنى يۇم ، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:56:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىز مەنچە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، تىلىمۇ راۋان ، تەسۋىرلەر جايىدا ، رىئاللىققا يىقىن ، ھېساتلار چىن  ئىپادىلىنىپتۇ . بەزى كىچىك خاتالىقلار يۈز بىرىپ قاپتۇ . «مەن» نىڭ ئاغىنىسى بىر يەردە«ئەختەم» يەنە بىر يەردە «ئەلقەم» دەپ ئىلىنىپ قاپتۇ ، بەلكىم ئىملا خاتالىقىدۇ . يەنە بىرى «مەن» نىڭ ئانىسى ، ئۇرۇق تۇققانلىرى پاجەگە يولۇققان ۋاقىت 10-ئاي ، مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ئۇلارنىڭ 40 قىنى بىرۋەتكەندىن كېيىن «مەن» قوناق ئورىغان ۋاقىت 11-ئاي بولسا توغرا بولاتتى ، لېكىن ئەسەردە يەنىلا 10-ئاي دەپ ئىلىنىپ قالغان . مۇشۇنى تۈزۈتۋەتسىڭىز بولغىدەك .  بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:49:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 09:56 AM
ھېكايىڭىز مەنچە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، تىلىمۇ راۋان  ...

مەنمۇ دەل مۇشۇ جايلارنى ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىپ قالغان ئىدىم، مانا سىز ئەسكەرتىپ بوپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:50:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن تەسىرلىك ئىكەن. ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغىردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3749
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:52:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يىزىپسىز      ، تەشەككۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش