ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى . پىقىرنىڭ بۇ تىمىنى يىزىشىم پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن . ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى .
ھازىر توردا رەسىم ئىزدەش بىكەتلىرى بار . بەيدۇ ۋە ھازىر يىڭىدىن چىققان 360 شىركىتىنىڭ رەسىم ئىزدەش ماتورى چىقىپتۇ . بۇرۇن مەن بەيدۇ توغرىسىدا مۇشۇنداق تىما يىزىشنى ئويلاشقان لىكىن ئەمدى چوقۇم يازمىسام بولمىدى دەپ قالدىم چۈنكى بەيدۇدىن ئۇيغۇر دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بىقىڭ . كىچىكلەرنىڭ بۇنداق يىزىشىنى دىمەيمەن . .قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بۇ گىپىمدىن چۈشەنگەنسىز . ياخشى بولمىغان رەسىملەر بار دىگەن گەپ . نىمىشقا شۇنداق قىستۇرۇلۇپ قالىدۇ . ئاستىدا بۇنى قانداق قىلىمىز دەپ ئۆتىمەن ئەمدى نىمىشقا بۇنداق دەرغەزەپكە كەلدىڭىز دىسىڭىز ھازىر 360 يىڭىدىن رەسىم ئىزدەش ماتورى ئىچىپتۇ .
ئادرىسى مانا بۇ
http://image.so.com
ئەمدى بۇ رەسىم ماتورىغا كىرىپ ئۇيغۇر دەپ يىزىپ بىقىڭ لاتىنچە ھە . بەرىبىر ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدۇ . قانداق ئەھۋالنى بايقىدىڭىز . ئۇيغۇر جالاپ دىگەن خەت ھەم قىتىلغان . بۇ نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ . مەن تىخى پەقەت شۇنى كىرگۈزدۈم . باشقا مەزمۇننى كىرگۈزدەك قانداق بولىدۇ سىناپ بىقىڭ .
بەيدۇدە ھەرخىل بولمىغان رەسىملەر ئۇچرايدۇ . بۇنى قانداق قىلىمىز . تۆۋەندە دەپ ئۆتىمەن . ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز يالغۇر ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىڭ . ياكى بولمىسا تورخانىدا بولسا ياندىكىلەگىمۇ دەپ قويۇڭ . شۇ ياخشى ئەمەس رەسىملەرنى چەكسىڭىز رەسىم ئۇستى تەرىپىدە 举报يەنى پاش قىلىش . شۇنى چىكىپ چىققان بەتتىن ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز نىمە ئۈچۈن ئەرىز قىلىش توغرىسىدا ئازراق چۈشەندۇرۇش ۋە شۇ پاش قىلىشنى قانداق قىلدى شۇ توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بولسا خەت ئەۋەتىدىغان ئىلخەت ئادرىسى يازىدىغان يەر چىقىدۇ .
ئىلخەت ئادرىسىڭىز بولسا خاتىرجەم يىزىۋىرىڭ . چۈنكى بۇ قورقىدىغان ئىش ئەمەس . ئاندىن مەزمۇنغا كەلسەك خەنزۇچىغا ئۇستىراق دوسلار نەق تىگىدىغان گەپ بولسا دىسەڭلەر شۇنى يازساق شۇنداق قىلىپ شۇ توغرىسىدا رەسىم پاكىزلىنىدۇ . يەنى ئۇيغۇر دەپ مەزمۇننى ئىزدىگەندە ناچار رەسىملەر چىقمايدۇ دىگەن گەپ ، يەنە ئۇيغۇر ئىسلام ۋە ياكى باشقا سۆزلەرنى ئىزدەپ بىرلىكتە پاش قىلساق ياخشى بولىدۇ .
لىكىن ئۇيغۇر دەپ ئىزدەلسە ئاخىرىغا جالاپ دەپ چىقىدىغان نەرسىنى قانداق قىلىشنى بىلمىدىم . كۆپرەك بىلىدىغانلار شۇ توغرىسىدا سۆزلىسەڭلەر .
ئاخىرىدا توردا نەدىكى ئىشلاغا ۋاقىت سەرىپ قىلغاندىن مۇشۇ نەرسىلەرنى تازلاپ تور بىكەتتىكى نامىمىزنى پاكلىساق ياخشى دەپ قارايمەن . قىنى قوشىلىدىغانلار قول كۆتەمىسەكلارمۇ ئىنكاس يىزىۋىتىڭلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 11:45 PM