مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2290|ئىنكاس: 33

كىچىك ساۋات: سۇغا چۈشۈپ كەتكەن رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى قانداق قىلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83322
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن بىپەرۋا كىشىلەر دائىم ئۆزىنىڭ ئامراق يانفون ياكى سىفىرلىق كامېرا دېگەندەك نەرسىلىرىنى سۇغا ياكى ئوبۇرنىغا چۈشىرىۋېتىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. بەزى بەگزادە ياكى مەلىكىلەر تېخى بۇنداق خاتالىقلارنى تەكرار سادىر قىلىشقا كۆنۈك. بىر ئىستاكان كولا ياكى قەھۋەنى لەپتوپقا ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن چىرايىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىسىزغۇ دەيمەن؟ بىراق، تۆۋەندىكى بۇ كىچىك ساۋاتلار بەلكىم سىزنىڭ بۇ پۇشايمىنىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىشى مۇمكىن. ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز تەڭداشسىز NOKIA بولمىسا ئالدىراپ پو ئاتماڭ!


1. توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش
ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش، توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش. ھەرىكىتىڭىز چاققان بولسۇن! سۇ كىرىپ كېتىش ئاساسى تاختا قىسقا تۇتاش بولۇپ قېلىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا باتارىيەنىمۇ چىقىرىش تەس بولمىسا، ئۇنداقتا چىقىرىۋېلىشقا ئالدىراڭ. ناۋادا پوققا چۈشۈپ كەتكەن تېلىفونىڭىز قولغا ئالغاندا ئېتىك بولسا، ئەڭ ياخشى ئېچىشقا ئالدىرىماڭ. بولسا كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە داۋاملىق ئىشلىتىشنى چۈشىڭىزدىمۇ ئويلاپ يۈرمەڭ!




2. ئۈسكۈنىنى چۇۋۇش
چۇۋىغىلى بولغۇدەكلا نەرسىلىرى بولسا ئامال بار ھەممىنى چۇۋۇۋېتىڭ. كەينى قاپ، SIM كارتا، ئاۋاز مەنبەسى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېلىڭ. چىقىرىۋالغان نەرسىلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ئەمما ئىچ-قارنىنى چۇۋۇۋېتىپ بۇزۇپ قويماڭ. قانچە كۆپ مىقداردا چۇۋۇش ئېلىپ بارسىڭىز، ئۈسكۈنە ئىچىگە تولىدىغان ھاۋا مىقدارىمۇ شۇنچە جىق بولىدۇ، ئاندىن ئىتتىك قۇرۇيدۇ.




3. سۇنى سۈمۈرىۋېلىش
ناۋادا سىزدە نەيچىسى بار ۋاكۇئۇملۇق چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بولسا، ئۇنداقتا ئىشلار خېلى ئاسانلىشىدۇ. سىز بۇ سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق ئۈسكۈنە ئىچىدىكى سۇنىڭ سۈمۈرىلىشىنى تېزلىتەلەيسىز. ئىلگىرى بىرەيلەننىڭ تېلىفونى شورپىغا چۈشۈپ كېتىپ، تىڭشىغۇچ ۋە توكلىغۇچ تىقىدىغان تۆشۈكىدىن شورپىنى شۈمۈپ چىقىرىۋالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شورپىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تېلىفونىنىمۇ قۇتقۇزىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.




4. قۇرۇتۇش
نۇرغۇن تور بېكەتلەردە ئادەتتە سۇ كىرىپ كەتكەن تېلىفون قاتارلىقلاردىكى سۇنى گۈرۈچ ئارقىلىق سۈمۈرىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بىراق، مېنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يەنە بىر خىل ئامالىم بار، بۇنىڭ سۈرئىتى سىز ئىلگىرى ئاڭلىغان ئۇسۇللاردىنمۇ تېز، يەنى – ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىشلىتىدىغان تالقان! بۇنىڭ سۇنى سۈمۈرۈش سۈرئىتى تېخى دۈملىمىگەن خام گۈرۈچكە قارىغاندا خېلىلا تېز. يېڭى قاپتىن بىرنى تېپىپ، ئىچىگە ئازراق تالقان تۆكۈپ، ئاندىن تېلىفوننى سېلىپ قويۇڭ، ئىككى كۈن ئىچىدە تېلىفوننى ئېچىپ سالماڭ، ئارىلىقتا تېلىفوننى ئۆرۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بورنىڭمۇ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى.






5. سىناپ بېقىڭ
48 سائەتتىن كېيىن، تېلىفوننى تالقاننىڭ ئارىسىدىن چىقىرىڭ. ناۋادا ئېكران ۋە باشقا جايلاردا تېخىچە نەملىك ھىدى بولسا، تېلىفوننى داۋاملىق جايىغا قويۇپ قويۇڭ. ناۋادا تېلىفون قارىماققا قۇرىغاندەك بولسا، ئۇنداقتا باتارىيەسىنى سېلىپ سىناپ بېقىڭ. تېلىفونىڭىزنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلا بولسىڭىز، مەنچە بىر گەپ بولىدۇ.




ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناشتىن ھەزەر ئەيلەڭ:



1. چاچ قۇرۇتقۇچ، دوخوپكا، كاۋاپدان دېگەنلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرمەڭ. پەقەت بىر قىسىم ئوماقلار مۇشۇنداق قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. يۇقىرى تېمپراتۇرا ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىگە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان زاپچاسلارنى ئېرىتىۋېتىدۇ. ناۋادا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ پەقەت شامال چىقىرىش ھالىتىنى ئىشلەتسىڭىز(قىززىتىدىغان يېرىگىچە ئېچىۋالماڭ)، ئۇنداقتا بەك چوڭ مەسىلىمۇ يوق.




2. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتمەڭ. پەقەت تېلىفونىڭىزنى تۇخۇمدەك پىشۇرۇپ يىگۈڭىز بولمىسىلا.




3. كۈچەپ سىلكىش. دەسلىۋىدە بۇ ئۇسۇل ئازراق ئەسقېتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇسۇل پەقەت ئۈسكۈنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇغا نىسبەتەنلا ئۈنۈملۈك. لېكىن بەزىدە ئۇقۇشماي تېشىدىكى سۇنى سىلكىپ ئىچىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر جايلارغا كىرگۈزىۋېتىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سالماڭ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن پاكىز ئېيتىۋەتسىڭىزلا بولدى.




ھازىر كۆپ قىسىم تېلىفونلارنىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار، بىراق، يەنىلا بۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەيمىز دېگىلى بولمايدۇ. قېنى كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى باركىن؟





مەنبە : تورخۇمار






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   snei تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 04:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم رەخمەت !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلىۋالدىم رەھمەت

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان چاغدا ، بىر بۇرادىرىمىز بولىدىغان ، مەخسۇس پوققا چۈشۈپ كەتكەن تېلېفوننى سۈزۈشكە ۋە تازىلاپ ئوڭشاشقا ماھىر . بۇ بالا كېيىن تېخى مۇتەخەسىس بولۇپ ، باشقىلار مۇشۇ بالىنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ، پۇل خەجلەپ ، پوققا چۈشۈپ كەتكەن تېلېفونلىرىنى سۈزدۈرەتتى . بۇ بالىمۇ مۇشۇ ئوقەتكە تايىنىپ خېلى ئوبدان كۈن كۆرۈۋالغان ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھزازىرچە تېلفۇن يېڭىلاش خىيالىم يوق، بولمىسا ىۇتۇن كىر يۇيغاندا كىرئالغۇغا تاشلاپلا ئاندىن يۇقارىقى ئۇسۇللارنى سىناپ باقاتتىم
چاقچاقمۇ قىلدىم، رەھمەت، قوللىنىشچان ئاماللاركەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 05:44 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋادا ئالاممىساق  قاندا قىلىتمىز

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تېلىفۇن سۇغا چۈشۈپ كەتسە، تېلىفۇننى دەرھال سىلكىۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇق گۈرۈچكە چۆكتۈرۈپ سېلىپ قويسا، تېلىفۇندىكى سۇنى پاكىز سۈمۈرىۋالىدۇ. چۈنكى گۈرۈچنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، گۈرۈچ گەرچە تېلىفۇننىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، نەملىك سۈمۈرش ئىقتىدارى بولغاچقا تېلىفۇن ئىچىدىكى سۇ ۋە نەملىكنى ئوبدان سۈمۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاباي تور خۇماردىن كۆرگەن ، رەخمەت سىز گە . باشقىلارمۇ پايدىلنىپ قالسۇن ، بولوپمۇ iphoneئىشلىتىدىغانلار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEM^TAS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 06:26 PM  


ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 05:59 PM
ئەگەر تېلىفۇن سۇغا چۈشۈپ كەتسە، تېلىفۇننى دەرھال سىلك ...

بۇمۇ بولدىغان ئۇسۇلكەن

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 05:48 PM
ناۋادا ئالاممىساق  قاندا قىلىتمىز

يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالىسىز  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش