مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4204|ئىنكاس: 25

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغۇچى:سۇمۇرۇغئەسەت سۇلايمان

7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دېنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان.شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دېنىغا دائىر دېنى دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى 26ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارىسلار ئۆزلەشتۈرگەن ژ، گ،پ قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى زال، ئىتقۇ،ئېزغۇ،ئېغىر ھ، سات، زات قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن.

بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1930يىللارغا كەلگەندە ئەسلىدىكى ئېلىپبەنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ماسلاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇلاھىزىلەر باشلانغان. 1956-يىلىدىن كېيىن ھازىر زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەپچىگە خاس بولغان ئەيىن قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىللە ڭ ھەرپىنى رەسمى بېكىتكەن. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ.

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 302-بېتىدىن ئېلىندى.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1799
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:23:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، كۆپ رەھمەت، ئۆزىمىزنىڭ ھەر نەرسىسىنى تۇلۇق بىلۋالساق نىمدىگەن ياخشى، بۇلۇپمۇ تىل ۋە يېزىقنى...

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تارخ  ، ئىش ئىزلانى شۇندا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسئەت سۇلايمان تەخمىنەن دەپ ئاپتۇ، لېكىن ئەرەپچە ماتېرىياللاردا ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى توغۇرلۇق مۇنداق بايانلار بار: قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم خەلىلىپىلىك دەۋرىدىلا ئىسلام دىنىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگەن، سۇتۇق بۇغرا قاراخاندىن ئىلگىرىلا كاشىغەر تەرەپتىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. دېمەك، سۇتۇق بۇغرا قاراخاندىن بۇرۇن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار خېلىلا بار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:34:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇرلارنى ئۆزلۈك ۋە كىملىكتە كۆرۈپتىكەنمەن!!  


تىما يوللىغىچىغا كۆپ رەھمەت!

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت. بىر كۆڭلۈم يېرىم بولدىغان ئىش ھازىر كىچىك ئۇكىللىرىمدىن ئاڭلىسام ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغانلا بولسا چۈشەنچە بەرگەن بوساڭلار!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 09:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم __  ئۇيغۇر تىلىمنىڭ ئەمدى بىزلەر تەرىپىدىن يوقىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن.ھەممەيلەن تۇرمۇشىمىزدا ئۆزئارا سۆزلەشكەندە ساپ ئوغۇز تىلىمىز -ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىشەيلى....ئۇماق پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئانا تىلىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرايلى،يۈرىكىگە مۆھۈر قىلىپ باسايلى....
مىسرانىمدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ باغداش مۇنبىرىدىكى قانۇنى يول دىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ «ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا»دىگەن تېمىسىنى قالدۇرۇلغان بارلىق ئىنكاسلارنى قالدۇرماي بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى ،شۇنداقلا ئانا تىلىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر كۈچ قوشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن........قېرىندىشىمىزنى يالغۇز قويمايلى...
شۇنى ئاۋۋال ئەسكەرتىپ قوياي:تېما يوللىغۇچى شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە قالدۇرغان بارلىق ئىنكاسلىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭلار،قارىغۇلارچە ئىنكاس يېزىشقا بولمايدۇ،چۈنكى بۇ ئىنكاسلار قوشۇلۇپ ئېلكىتاپ ئىشلىنىۋاتىدۇ.....قالايمىقان ئىنكاسلار (قانۇنغا،سىياسىغا،مىللەتچىلىككە،قۇتراتقۇلۇققا ئائىت)يوللانمىسا دىگەن ئۈمۈدتە...كۆپ تىللىق بۇلۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى ئۇنتۇش نۇمۇس........
ئانا تىلىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 09:19 PM  


مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق گۇزەل ئۇيغۇر يېزىقى ...............

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 11:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يېزىدا ئۇيغۇرچە ئۆتۈلىۋاتقان ئوخشايدۇ، مەن ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 11:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 06:23 PM
ئەسئەت سۇلايمان تەخمىنەن دەپ ئاپتۇ، لېكىن ئەرەپچە مات ...

ئەسئەت سۇلايمانمۇ 7-ئەسىردىن باشلاپ كىرىشكە باشلىغان دەپتىغۇ،بۇ ۋاقىت تېخى سەل بالدۇرلۇق قىلارمىكىن.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش