مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1466|ئىنكاس: 28

تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ دۇنيا ئىلم ساھەسىدە ئاغدۇرۇلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89080
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 03:18:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ دۇنيا ئىلم ساھەسىدە ئاغدۇرۇلىشى


تەدرىجى تەرەققىيات ئالدامچىلىقى

    دارۋىنىزىم، يەنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى يارىتىلىش ھەقىقىتىنى رەت قىلىش مەقسىدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان، ئىلمغا زىت بولغان سەپسەتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.جانلىقلارنىڭ جانسىز ماددىلاردىن تاسادىبەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ ئاتالمىش نەزەرىيە ئالەمدە ۋە جانلىقلاردا ئىنتايىن مۆجىزىۋى بىرتەرتىپنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلىم تەرىپىدىن ئىسپاتلانغاندىن كىيىن ئاغدۇرۇلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئالەمنى ۋە جانلىقلارنى ياراتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت بىلىم تەرىپىدىن دەلىللەندى. بۈگۈن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى يەنە پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن دۇنيادا بويلاپ ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلار ئىلمى ھەقىقەتلەرنى بورمىلاشقا، تەرەپباز چۈشەندۈرۈشلەرگە،  بىلىم نامى بىلەن ئېيتىلغان يالغانچىلىقلار ۋە ساختىلىقلارغا تايانغان.

  ئەمما بۇ تەشۋىقاتلار ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالالمىغان. تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى بىلىم تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى يېقىنقى 20-30يىل مابەينىدە بىلىم دۇنياسىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قەيت قىلىنماقتا. بولۇپمۇ1980-يىللاردىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، دارۋىنىست چۈشەنچىلەرنىڭ تامامەن خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ھەقىقەت نۇرغۇنلىغان ئالىملارتەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى. بۇلۇپمۇ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا بىئولوگىيە، بىئوخېمىيە، پالىئونتلوگىيە قاتارلىق پەرقلىق ساھەلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئالىم دارۋىنىزىمنىڭ مەنتىقسىزلىقىنى كۆرمەكتە، جانلىقلارنىڭ مەنبىئىنى يارىتىلىش ھەقىقىتى بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. بۈگۈنكى ئىلمى تەرەققىياتلار، ئالەمنى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىق ھەقىقىتىنى كۆسەتمەكتە.

  تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى ۋە يارىتىلىشنىڭ دەلىللىرىنى باشقا نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكلىرىمىزدە پۈتۈن ئىلمىي دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋام قىلىمىز. لېكىن مەسىلىنى مۇھىم بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىشتا پايدا بار.


   دارۋىننى يىقىتقان قىيىنچىلىقلار

تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى، تارىخى قەدىمقى يۇنانغىچە سوزۇلىدىغان بىر تەلىمات بولىشىغا قارىماي، 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نەزىرىيىنى ئىلىم دۇنياسىنىڭ كۈن تەرتىبىگە باشلاپ كىرگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش چارلىز دارۋىننىڭ 1859-يىلىدا نەشر قىلىنغان «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى ئىدى. دارۋىن بۇ كىتاپتا دۇنيادىكى پەرقلىق جانلىق تۈرلىرىنى ئاللاھنىڭ ئايرىم-ئايرىم ياراتقانلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە قارشى چىقاتتى. دارۋىننىڭچە بولغاندا پۈتۈن جانلىق تۈرلىرى ئورتاق بىر ئاتىدىن كېلەتتى ۋە دەۋرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىچىك پەرقلەر ئارقىلىق تۈركۈملەشكەن ئىدى.

   دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى ھېچبىر كونكېرىت ئىلمى بايقاشقا تايانمايتتى؛ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغاندەك پەقەت بىر «لوگىكىلىك پەرەز» ئىدى. ھەتتا دارۋىنىڭ كىتابىدىكى «نەزەرىيىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن بىر بۆلۈمدە ئېتىراپ قىلىغىنىدەك، نەزەرىيە ئىنتايىن كۆپ سۇئاللار ئالدىدا چىگىت چاقاتتى.

  دارۋىن نەزىرىيىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار زامانىۋى ئىلىم-پەن تەرىپىدىن ھەل بولىدۇ، يىڭى ئىلمى بايقاشلار نەزەرىيەمنى كۈچلەندۈرىدۇ دەپ خىيال قىلاتتى. بۇنى كىتابىدا پات-پات تىلغا ئالغان ئىدى. لېكىن، زامانىۋى ئىلىم-پەن دارۋىننىڭ ئۈمىتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە نەزەرىيىنىڭ ئۇلى بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىرمۇ-بىر رەت قىلىپ تاشلىدى.

   دارۋىنىزىمنىڭ بىلىم ئالدىدىكى مەغلۇبىيىتىنى تۆۋەندىكى ئاساسىي ماۋزۇلاردا كۆرەلەيمىز:

1) نەزەرىيە، ھاياتلىقنىڭ زېمىندا تۇنجى قېتىم قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسلا چۈشۈندۈرۈپ بىرەلمىدى.

2) نەزەرىيە تەشەببۇس قىلغان «تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىمى»نىڭ، ئەمەلىيەتتە تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغۇچى تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر ئىلمى بايقاش يوق.

3) تاش قاتمىلار، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە باشقا بىر سېخىما ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بۆلۈمدە، بۇ ئۈچ ئاساسى تېمىنى تەپسىلاتلىرى بىلەن كۆرۈپ چىقىمىز.


   ھالقىپ ئۆتەلمىگەن تۇنجى قەدەم: ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى


  تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى پۈتۈن جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن  3.8مىليارد يىل بۇرۇن ئىپتىدائى دۇنيادا ئوتتۇرىغا چىققان تاق ھۈجەيلىرىلىك جانلىقتىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تاق بىر ھۈجەيرىنىڭ قانداقسىگە مىليونلىغان مۇرەككەپ جانلىق تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ خىل تەدرىجى تەرەققىيات مەۋجۇد بولسا بۇنىڭ ئىزلىرىنىڭ تاش قاتما قالدۇقلىرىدا تېپىلمىغانلىقى نەزەرىيە چۈشەندۈرەلمەيدىغان سۇئاللاردىندۇر. بۇ يەردە ئەڭ باشتا، ئاتالمىش تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تىلغا ئېلىنغان ئۇ «تۇنجى ھۈجەيرە» قانداق ئوتتۇرىغا چىققان؟

   تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى، يارىتىلىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ھېچقانداق تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقتىن ئۇ «تۇنجى ھۈجەيرە» نىڭ ھېچبىر لايىھە، پىلان ۋە تەرتىپ بولماستىن تۇرۇپ، تەبىئەت قانۇنلىرى ئىچىدە تاسادىىپىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنى نەزىرىيىگە ئاساسلانغاندا، جانسىز ماددا تاسادىبىيلىق نەتىجىسىدە جانلىق بىر ھۈجەيرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولىشى كېرەك. لېكىن بۇ، بىلىنگەن ئەڭ ئاددى بىئولوگىيە قانۇنلىرىغا زىت بىر قاراشتۇر.


  «ھاياتلىق ھاياتلىقتىن كېلىدۇ»


   دارۋىن كىتابىدا ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى ھەققىدە ھېچ سۆز قىلمىغان. چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردىكى ئىپتىدائى ئىلىم چۈشەنچىسى جانلىقلارنىڭ ئىنتايىن ئاددى بىر قۇرۇلمىغا ئىگەئىكەنلىك قانائىتىدە ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان ئىشىنىلىپ كەلگەن  "spontanejenerasyon" ناملىق نەزەرىيە، جانسىز ماددىلارنىڭ تاسادىبەن بىريەرگە كېلىپ، جانلىق بىر مەۋجۇداتنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇدەۋردە قۇرتلارنىڭ يېمەكلىك قالدۇقلىرىدىن، چاشقاننىڭ بۇغدايدىن چىقىدىغانلىقى ئومومىيۈزلۈك بىر چۈشەنچە ئىدى. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن غەلىتە سىناقلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەينەت بىر رەخت-پۇرۇشلار ئۈستىگە بىر ئاز بۇغداي قويۇلاتتى ۋە بىرمەزگىلدىن كىيىن بۇنىڭ ئارلاشمىسدىن چاشقان مەيدانغا كېلىدۇ دەپ قارالغان ئىدى.

   گۆشنىڭ قۇرتلىشىمۇ ھاياتلىقنىڭ جانسىز ماددىلاردىن كېلىدىغانلىقا بىر دەلىل ھېسابلانغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە گۆشلەردىكى قۇرتنىڭ ئۆزلىكىدىن مەيدانغا كېلەلمەيدىغانلىقى، چىۋىن قالدۇرۇپ قويغان تۇخۇملاردىن چىقىدىغانلىقى كېيىن مەلۇم بولدى.

   دارۋىن تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق كىتابىنى يازغان دەۋلەردە، باكتېرىيەلەرنىڭ جانسىزماددىلاردىن پەيدا بولالايدىغانلىقى چۈشەنچىسى بىلىم دۇنياسىدا ئومومىيۈزلۈك قوبۇل قىلىغان ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە دارۋىننىڭ كىتابى نەشر قىلىنىپ بەش يىلدىن كىيىن، مەشھۇر فىرانسۇز بىئولوگ لوئىز پاستىئو (Louis  Pasteur) تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بۇ چۈشەنچىنى كەسكىن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. پاستىئو ئېلىپ بارغان ئۇزۇن تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەر ئېرىشكەن نەتىجىنى شۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى:

«جانسىز ماددىلارنىڭ ھاياتلىق تەشكىل قىلالايدىغانلىق قارىشى ئەمدى شەكسىزكى تارىخقا كۆمۈلدى.»  (SidneyFox, Klaus Dose, Molecular Evolution and The Origin ofLife,  New York: Marcl Dekker, 1977, page. 2)

   تەدرىجى تەرەققىياتنەزەرىيىسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى پاستىئونىڭ بايقاشلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت جاھىللىق بىلەن قارشى تۇردى. لېكىن، تەرەققى قىلغان ئىلىم جانلىقلار ھۈجەيرىسىنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كىيىن، ھاياتلىق ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ دېگەن قاراشنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكى ئاشكارا ھالغا كەلدى.


   20-ئەسىردىكى نەتىجىسىز ئورۇنۇشلار

        20-ئەسىردە ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان تۇنجى تەدرىجى تەرەققىياتچى داڭلىق روس بىئولوگ ئالگساندىر ئوپارىن بولدى. ئوپارىن 1930-يىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار قاراشلار بىلەن ھاياتلىقنىڭ تاسادىبەن مەيدانغا كېلەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇندى. لېكىن بۇ تېرىشچانلىقلار نەتىجىسىز ئاياغلاشتى ۋە ئوپارىن شۇنى ئېتىراپقىلىشقا مەجبۇر بولدى:

«ئەپسۇسكى ھۈجەيرىنىڭ مەنبىئى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ بارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ قاراڭغۇ نوقتىنى تەشكىل قىلماقتا.»

)AlexanderI Oparin, Origin of Life, (1936) New York, Dover Publicati ons, 1953 (Reprint),page.196 (

ئوپارىننىڭ ئىزىنى باسقان تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەجرىبىلەر ئېلىپ بېرىشقا تېرىشتى. بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئامېرىكىلىق خېمىك سىتانلى مېللىر تەرىپىدىن 1953-يىلى ئېلىپب ېرىلدى. مېللىر ئىپتىدائى دەۋر ئاتموسفىراسى دەپ قارىغان گازلارنى بىر تەجرىبە قۇرۇلمىسىدا بىرىكتۈرۈپ ۋە بۇ بېرىكمىگە ئېنېرگىيە بىرىپ پروتىنلارنىڭ قۇرۇلمىسدا قوللىنىلغان بىر قانچە ئورگانىك مولىكولا (ئامىنو ئاست) سېنتىزلىدى. ئۇ يىللارداتەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرلەش دەپ تونۇشتۇرۇلغان بۇتەجرىبىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكى ۋە تەجرىبىدە قوللىنىلغان ئاتمۇسفىرانىڭ رېئال دۇنيا مۇھىتىدىن كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكى كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىقتى.

("New Evi-dence on Evolution of Early Atmosphere andLife", Bulletin of the  AmericanMeteorological  Society,  c. 63,  November  1982,  page.1328-1330)

   ئۇزۇن داۋام قىلغان جىمجىتلىقتىن كېيىن، مېللىر ئۆزىمۇ تەجرىبىدە قوللاغان ئاتموسفېرا موھىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

(Stanley Miller, Molecular Evolution of Life: Current Status ofthe Prebiotic Synthesis of Small Molecules, 1986, page. 7)

ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن 20-ئەسىردە ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن تەدرىجى تەرەققىياتچىلىق تېرىشچانلىقلىرى ھەمىشە مەغلۇبىيەت بىلەن خۇلاسىلەندى. سان دىياگو سكرىپىس (SanDiego Scripps) ئىنىستىتوتىنىڭ مەشھۇر بىئوخېمىكى جېفرى بادا (JeffreyBada) تەدرىجى تەرەققىياتچىلىقنى ياقىلايدىغان يەرشارى (Earth)ژورنىلىدا 1998-يىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بۇ ھەقىقەتنى شۇ شەكىلدە قوبۇل قىلىدۇ:

   بۈگۈن 20-ئەسىر بىلەن خوشلىشىپ تۇرۇپ، تېخىچە، 20-ئەسىرگە كىرگەندە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ھەل قىلىنمىغان مەسىلە بىلەن يۈزلىشىپ تۇرۇپتىمىز: ھاياتلىق زېمىندا قانداق باشلاندى؟

(Jeffrey Bada, Earth, February 1998, page. 40)


   ھاياتلىقنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى


    تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەنبىئى ھەققىدە بۇقەدەر زور مات بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىنڭ تۈپ سەۋەبى، ئەڭ ئاددى ھېسابلانغان جانلىق قۇرۇلمىسىنىڭمۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدەمۇرەككەپ قۇرۇلمىلارغا ئىگە بولىشىدۇر. جانلىق ھۈجەيرىسى، ئىنسان ئىشلەپچىقارغان ئەڭ مۇرەككەپ مەھسۇلاتلاردىنمۇ مۇرەككەپتۇر. ھەقىقەت شۇكى، بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان تەجرىبىخانلىرىدىمۇ جانسىز ماددىلار بىر يەرگە بىرىكتۈرۈلۈپ جانلىق بىر ھۈجەيرە مەيدانغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.  

   بىر ھۈجەيرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن زۆرۈربولغان شەرتلەر ئەسلا تاسادىپىيلىق بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپتۇر. ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ تۈپكى قۇرۇلمىسى بولغان پروتېئىنلارنىڭ تاسادىىپىي سېنتىزلىنىش ئېھتىماللىقى 500 ئاممىنو ئاسىتلىق ئادەتتىكى بىر پروتېئىنغا نىسبەتەن10950دە بىردىن كىچىكتۇر. ماتېماتىكىدا 1050 دە بىردىن كىچىك ئېھتىماللىق نەزەرىيە جەھەتتىن «ئىمكانسىز» دەپ قارىلىدۇ. ھۈجەيرە يادروسىغا جايلاشقان ۋە گېن ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان DNA مولىكولىسى، ئەقىل ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئۇچۇر ئامبىرىدۇر.ئىنسان DNA سىنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇر ئەگەر قەغەزگە يېزىلماقچى بولسا 500 بەتلىك، 900 توملۇق بىر كۈتۈپخانا بولىدىغانلىقىنى مۆرلچەرلەنمەكتە.

   بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر مۈشكۈللۈك ئوتتۇرىغاچىقىدۇ: DNA پەقەت بىر قاتار خاسلاشقان پروتېئىنلارنىڭ (ئېنىزىملارنىڭ) ياردىمى ئارقىلىق ھەسسىلىنەلەيدۇ. ئەمما بۇ ئېنىزىملارنىڭ سىنتېزى پەقەت DNA دىكى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ئەمەلىيلىشىدۇ. بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرغانلىقتىن، ھەسسىلىنىش مەيدانغا كېلىش ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھاياتلىقنىڭ ئۆزلىكىدىن مەيدانغا كەلگەنلىك ئويۇنىنى مات بولۇشقا قىستايدۇ. سان دىياگو كالفورنىيە ئۇنىۋېرستىتىدىن مەشھۇر تەدرىجى تەرەققىياتچى پروفېسسور لېزلى ئورگېل (Prof.LeslieOrgel)، ئىلمى ئامېرىكىلىق (ScientificAmerican) ژورنىلىنىڭ 1994-يىلى10-ئايدىكى سانىدا بۇ ھەقىقەتنى شۇنداق  ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

   ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە پروتېئىنلارنىڭ ۋە نۇكلىيوئاسىتلارنىڭ (RNA ۋەDNA) ئوخشاش جاي ئوخشاش ۋاقىتتا تاساددىبىيلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى ئەسلامۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ بىرى بولماستىن باشقىسىغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ ئىنسان ھاياتلىقنىڭ خېمىيىۋى يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىك خۇلاسىسىگە كېلىشكە مەجبۇر بولماقتا.

(Leslie E. Orgel, The Origin of Life on Earth,Scientific American, c. 271, October 1994, page. 78)

شۈبھىسىزكى، ئەگەر ھاياتلىقنىڭ تەبىئىي ئامىللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىمكانسىز بولسا، بۇ ھالدا تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر شەكىلدە «يارىتىلغانلىقى»نى قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇ ھەقىقەت، ئەڭ تۈپكى مەقسىتى يارىتىلىشنى رەت قىلىش بولغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوپئوچۇق ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.


   تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ خىيالى مېخانىزىمى


   دارۋىننىڭ نەزەرىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئىككىنچى چوڭ نۇقتا نەزەرىيىنىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىمى» سۈپىتىدەتەشەببۇس قىلىنغان ئىككى ئۇقۇمىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغۇچى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.  دارۋىن، ئوتتۇرىغا قويغان تەدرىجى تەرەققىيات قارىشىنى پۈتۈنلەي «تەبىئىي تاللىنىش» مېخانىزىمىغا باغلىغان ئىدى. بۇ مېخانىزىمغا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەبىئىي تاللىنىش... كىتابىنىڭ ئىسمىدىنلا ئوچۇق چىقىپ تۇراتتى.

   تەبىئىي تاللىنىش، تەبىئىي تاللاش دېمەكتۇر. بۇ تەبىئەتتىكى ياشاش كۈرىشى ئىچىدە، تەبىئىي شارائىتقا ئۇيغۇن ۋە كۈچلۈك جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە ئاساسلىنىدۇ.  مەسىلەن، يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن تەھتىت ئاستىدا قالغان بىر كىيىك توپىدا تېز يۈگرىيەلىگەن كېيىكلەر ھايات قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا كېيىك توپى سۈرئەتلىك ۋە كۈچلۈك ئەزالاردىن تەشكىل تېپىشى كېرەك. ئەمما بۇ مېخانىزىم ئەلۋەتتە كېيىكلەرنى تەدرىجى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرمەيدۇ، ئۇلارنى باشقا بىر جانلىق تۈرىگە، مەسىلەن ئاتلارغا ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

   شۈبھىسىزكى، تەدرىجى تاللىنىش مېخانىزىمى ھېچبىر تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرغۇچى كۈچكە ئىگە ئەمەس. دارۋىنمۇ بۇ ھەقىقەتنى بىلەتتى ۋە تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق كىتابىدا «پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلمىگەندە تەبىئىي تاللىنىش ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دېيىشكە مەجبۇر بولغان.

(Charles Darwin, The Origin of Species: A Facsimile of theFirst Edition, Harvard University Press, 1964, page. 189)


   لامارك Lamarck نىڭ تەسىرى

    ئۇنداقتابۇ «پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر» قانداق مەيدانغا كېلەلەيدۇ؟ دارۋىن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىپتىدائى بىلىم چۈشەنچىسى ئىچىدە بۇ سۇئالغا لاماركقا تايىنىپ تۇرۇپ جاۋاببېرىشكە تېرىشقان. دارۋىندىن بۇرۇن ياشىغان فرانسىز بىئولوگ لاماركنىڭ قارىشىدا، جانلىقلار ياشاش جەريانىدىكى جىسمانى ئۆزگىرىشلەرنى كېيىنكى نەسىللىرىگە يەتكۈزىدۇ، نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتكەن بۇ ئۆزگىچىلىكلەر نەتىجىسىدە يېڭى تۈر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن، لامارىكنىڭ قارىشىدا زىراپە جەرەنلەردىن ئۆزگەرگەن، ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىنى يىيىش ئۈچۈن كۈچەپ، نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتۈپ بويۇنلىرى ئۇزارغان.

   دارۋىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۆرنەكلەرنى كەلتۈرگەن. مەسىلەن، تۈرلەرنىڭ كېلىىپ چىقىشى ناملىق كىتابىدا يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن سۇغا كىرگەن بەزى ئېيىقلار دەۋرلەر ئۆتكەندىن كېيىن كىتقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

(Charles  Darwin,  The Origin  of  Species: A  Facsimile  of the  First Edition, HarvardUniversity Press, 1964, page. 184)

   ئەمما مېندىل بايقىغان ۋە 20-ئەسىردە تەرەققى قىلغان گېنېتىك بىلىمى ئارقىلىق مۇتلەقلەشكەن ئېرسىيەت قانۇنلىرى، ئېرىشىلگەن خۇسۇسىيەتلەرنىڭ كېيىنكى نەسىللەرگە ئۆتىشىدىن ئىبارەت بۇ سەپسەتىنى كەسكىنلىك بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇنداق بىر تەبىئىي تاللىنىش «تەنھا» ۋە بولۇپمۇ پۈتۈنلەي تەسىرسىز بىر مېخانىزىم سۈپىتىدە قېپقالغان بولدى.


Mutation (غەلىتە ئۆزگىرىش) ۋە Neo-Darwinism (نىئو دارۋىنىزىم)

   دارۋىنىستلار بۇ خىل ئەھۋالغا بىر چارە تېپىش ئۈچۈن 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، «زامانىۋى سېنتېتىك نەزىرىيىسى» نى ياكى بەكراق بىلىنگەن ئىسمى بىلەن نىئو دارۋىنىزىمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نېئو دارۋىنىزىم، تەبىئىي تاللىنىشنىڭ يېنىغا «پايدىلىق ئۆزگىرىش سەۋەبى» سۈپىتىدە Mutation (غەلىتەئۆزگىرىش)لەرنى، يەنى جانلىقلارنىڭ گېنلىرىدىكى رادىئاتسىيەگە ئوخشاش تاشقى تەسىرلەر ياكى كوپىيەلەش خاتالىقلىرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بوزۇلۇشلارنى قوشۇمچە قىلدى.

   بۈگۈنمۇ تېخىچە تەدرىجى تەرەققىيات نامىدائۆزىنى قوغداپ كەلگەن شەكىل نېئو دارۋىنىزىمدۇر. نەزەرىيە، دۇنيادىكى مىليونلىغان جانلىق تۈرىنىڭ، بۇ جانلىقلارنىڭ قۇلاق، كۆز، ئۆپكە، قانات قاتارلىق سان-ساناقسىز مۇرەككەپ ئورگانلىىرنىڭ «غەلىتە ئۆزگىرىش» يەنى گېن بوزۇقلىغا تايانغان بىر جەريان نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئەمما نەزەرىينىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئوچۇق بىر ئىلمى ھەقىقەت مەۋجۇت: غەلىتە ئۆزگىرىشلەر جانلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرمايدۇ، ئەكسىچە جانلىقلاغا ھەر ۋاقىت زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

   بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى: DNA ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىغا ئىگە. بۇ مولىكولىدا مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق بىر تاسادىپىي بىر تەسىر پەقەت زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىلىق گىنولوگ ب.گ. رانگاناتخان بۇنى شۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

  غەلىتە ئۆزگىرىشلەر كىچىك، تاسادىپىي ۋەزىيانلىقتۇر. ئىنتايىن كەمدىن كەم مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئەڭ ياخشى بولغانداتەسىرسىزدۇر. بۇ ئۈچ خىل خۇسۇسىيەت، غەلىتە ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتلىق بىر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنىقكى، يۈكسەك دەرىجىدە خاسلاشقان بىر ئورگانىزىمدا مەيدانغا كېلىدىغان تاسادىپىي بىر ئۆزگىرىش، يا تەسىرسىز بولىدۇ ياكى زىيانلىق بولىدۇ. بىر قول سائىتىدە مەيدانغا كەلگەن تاسادىبىيلىق بىر سائەتنى تەرەققى قىلغۇزمايدۇ. ئۇنىڭغا چوڭ ئېھتىمالدا زىيان سالىدۇ ۋە ياكى ئەڭ ئاكتىپ ئېھتىمالدا تەسىر قىلمايدۇ. يەر تەۋرەش شەھەر بىناقىلالمايدۇ، ئەمما خاراب قىلىدۇ.

   (B. G. Ranganathan, Origins?,Pennsylva- nia: The Banner OfTruth Trust, 1988)

   شۈبھىسىزكى، بۈگۈنگىچە ھېچبىر پايدىلىق، يەنى گېن ئۇچۇرىنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرەلىگەن غەلىتە ئۆزگىرىش ئۆرنىكى كۆزگە چېلىقمىدى. پۈتۈن غەلىتە ئۆزگىرىشلەرنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى كۆرۈلدى. شۇ مەلۇم بولىدىكى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى «تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىمى» سۈپىتىدە كۆرسەتكەن غەلىتە ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىيەتتەجانلىقلارنى پەقەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، مېيىپ قىلىپ قويغان گېنىتىك ھادىسىلەردۇر. (ئىنسانلاردا غەلىتە ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تەسىرى راك كېسىلىدۇر.) ئەلۋەتتە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر مېخانىزىم «تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىمى» بولالمايدۇ. تەدرىجى تاللاش دارۋىن ئېتىراپ قىلغاندەك «ئۆز ئالدىغان ھېچبىر ئىش قىلالمايدۇ». بۇ ھەقىقەت بىزلەرگە تەبىئەتتە ھېچبىر «تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىمى» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىمىزىمى مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن تەدرىجى تەرەققىياتتىن ئىبارەت خىيالى بىر باسقۇچ مەۋجۇت بولمايدۇ.


تاش قاتمىلار: ئارا شەكىللەردىن ئەسەر يوق

    تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئويدۇرۇپ چىققان سەپسەتىلەرنىڭ ھېچ يۈز بەرمىگەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى تاش قاتمىلاردۇر.

  تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ قارىشىچە پۈتۈن جانلىقلار بىر-بىرلىرىدىن تۈرەلگەن. ئەڭ دەسلەپ مەۋجۇت بىر جانلىق تۈرى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن باشقا بىرتۈرگە ئايلىنىدۇ ۋە پۈتۈن تۈرلەر بۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نەزەرىيىنىڭ قارىشىدا بۇ ئۆزگىرىش يۈز مىلىيونلارچە يىل داۋام قىلغان ئۇزۇن بىردەۋرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ۋە تەدرىجى-تەدرىجى ئەمەلگە ئاشقان.

  ئەھۋال بۇنداق بولغاندا، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۆزگىرىش جەريانى ئىچىدە سان-ساناقسىز «ئارا تۈرلەر»نىڭ تېپىلىشى ۋە ھازىرمۇ ياشىغان بولۇشلىرى شەرت بولىدۇ.

مەسىلەن: ئۆتمۈشتە بېلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئېگە بولىشىغا قارىماي يەنە بەزى ئۆمۈلىگۈچىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغان يېرىم بېلىق، يېرىم ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ياشىغان بولىشى كېرەك. ياكى ئۆمىلىگۈچىلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ يەنە بىر تەرەپتىن قۇشلاردا بولىدىغان خۇسۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆمىلىگۈچى قۇشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولىشى كېرەك. بۇلار بىر ئۆتكۈنچى جەرياندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن مېيىپ، كەمتۈك، نوقسانلىق جانلىقلار بولىشى كېرەك. تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ئۆتمۈشتە ياشىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بۇ نەزەرىيىۋى مەخلۇقلارغا «ئارا ئۆتكۈنچى شەكىل» نامىنى بەرگەن.

  ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ خىل جانلىقلار ئۆتمۈشتە ياشىغان بولسا بۇلارنىڭ سانى ۋە تۈرلىرى مىليون ھەتتا مىلىيارتلاردىن ئاشقان بولىشى كېرەك. ۋە بۇ ئاجايىپ - غارايىپ جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى چوقۇم تاش قاتمىلاردا ئۇچرىتىلىشى كېرەك. داۋىننىڭ تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق كىتابى بۇنى شۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان:

  ئەگەر نەزەرىيەم توغرا بولسا، تۈرلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغانسان-ساناقسىز ئارا ئۆتكۈنچى تۈرلەر چوقۇم ياشىغان بولىشى كېرەك...بۇلارنىڭ ياشىغانلىقنىڭ ئىسپاتىنى پەقەت تاش قاتما قالدۇقلىرى ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ.  (چارلىز دارۋىن «تۈرلەرنىڭ كېلىپچىقىشى» خارۋارد ئۇنېۋىرستىتى نەشرى، 1964-يىل، 179-بەت)  

   (Charles Darwin, The Origin of Species: A Facsimile of theFirst Edition, Harvard University Press, 1964, page. 179)


   دارۋىننىڭ بەرباد بولغان ئۈمىدلىرى


   لېكىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن تاشقاتما ئىزدەشلەر ئېلىپ بېرىلغىنىغا قارىماستىن بۇ ئارا ئۆتكۈنچى شەكىللەر ئۇچرىغىنى يوق. ئېلىپ بېرىلغان قېزىشلار ۋە تەتقىقاتلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن پۈتۈن بايقاشلاردىن تەدرىجى تەرەققىياتچىلارنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە جانلىقلارنىڭ زىمىندا تۇيۇقسىز، كەمكۈتسىز ۋە نوقسانسىز بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

    مەشھۇر ئىنگىلىز پالىئونتولوگ (تاشقاتمائالىمى) دېرك ۋ.ئاگېر (Derek W. Ager)بىر تەدرىجى تەرەققىياتنى ياقىلىغۇچى بولىشىغا قارىماي بۇ ھەقىقەتنى شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ:

   قىيىنچىلىقىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەت: تاش قاتمىلارنى تەپسىلى تەتقىق قىلغىنىمىزدا تۈرلەر ياكى سىنىپلار دەرىجىسىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر دائىم ئوخشاش ھەقىقەت بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىمىز؛ قەدەم باسقۇچلۇق تەدرىجى تەرەققىيات بىلەن ئۆزگەرگەن ئەمەس، تۇيۇقسىز يەر يۈزىدە پەيدا بولغان گۇرۇپپىلارنى كۆرىمىز.

Ager, "The Nature of the FossilRecord", Proceedings of the British GeologicalAssociation, c. 87, 1976, page. 133)

يەنى تاشقاتمىلاردا، پۈتۈن جانلىق تۈرلىرى، ئارىلىرىدا ھېچبىر ئارا ئۆتكۈنچى شەكىل مەۋجۇد بولمىغان كەم-كۈتسىز شەكلى بىلەن ئۇشتۇمتۇتلا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ دارۋىننىڭ پەرەزلىرىنىڭ دەل ئەكسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈسىتگە بۇ جانلىق تۈرلىرىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر دەلىلىدۇر. چۈنكى بىر جانلىق تۈرىنىڭ، ھېچ بىر ئاتىسى بولماستىن ئۆزلىكىدىن، ئۇشتۇمتۇق ۋە نوقسانسىز ئوتتۇرىغا چىقشىنىڭ بىردىنبىر چۈشەندۈرىشى بار ئۇ بولسىمۇ تۈرلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىدۇر. بۇ ھەقىقەت، مەشھۇر تەدرىجى تەرەققىياتچى بىئولوگ دوگلاس فۇتۇيما (DouglasFutuyma) تەرىپىدىن ھەم  ئېتىراپ قىلىنغان:

   يارىتىلىش ۋە تەدرىجى تەرەققىيات، ياشىغان جانلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلالايدىغان يىگانە ئىككى چۈشەندۈرۈشتۇر. جانلىقلار يەر يۈزىدە يا مۇكەممەل ۋەكەم-كۈتىسىز شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ياكى بۇنداق بولمىغان. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، بىر ئۆزگىرىش جەريانىدا ئىلگىرى بار بولغان بەزى جانلىق تۈرلىرى تەدرىجى تەرققى قىلىپ مەيدانغا كەلگەن بولىشى كېرەك. ئەمما مۇكەممەل ۋە نوقسانسىز ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئۇ ھالدا چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى بولغان بىر ئەقىل تەرىپىدىن يارىتىلغا بولىشى كېرەك.

(Douglas J. Futuyma, Science on Trial, New York: Pantheon Books, 1983. page. 197)

تاش قاتمىلار جانلىقلارنىڭ يەر يۈزىدە نوقسانسىز ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقنى ئىسپاتلىماقتا. يەنى «تۈرلەرنىڭكېلىپ چىقىشى»، دارۋىننىڭ پەرىزىنىڭ ئەكسىچە، تەدرىجى تەرەققىيات ئەمەس يارىتىلىشتۇر.

    ئىنساننىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى سەپسەتىسى


  تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپتە تۇتقان تېما ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىدۇر. بۇ ھەقتىكى دارۋىنىزىمچە قاراش بۈگۈن ياشاۋاتقان زامانىۋى ئىنساننى مايمۇنسىمان بىر قاتار جانلىقلاردىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. 4-5-مىليون يىل بۇرۇن باشلانغان دەپ قارالغان بۇ باسقۇچتا بۈگۈنكى ئىنسان بىلەن ئاتىلىرى ئارىسىدابەزى «ئارا شەكىل» لەرنىڭ ياشىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تامامەن خىيالى بولغان بۇ ھېكايە تۆت ئاساسى «كاتىگورىيە»دىن تەشكىل تاپىدۇ:

1. Australopithecus

2. Homo habilis

3. Homoerectus

4. Homosapiens

تەدرىجى تەرەققىياتچىلار، ئىنسانلارنىڭ ئاتالمىش تۇنجى مايمۇنسىمان ئاتىلىرىغا «شىمال مايمۇنى» مەنىسىدىكى "Australopithecus" ئىسمىنى قويغان. بۇ جانلىق ھەقىقەتەن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بىر مايمۇن تۈرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. لورد زوللىي سوكېرمان (LordSolly Zuckerman) ۋە پروفىسسور چارلىز ئوگزىنارد (Prof.Charles Oxnard) قاتارلىق ئەنگىلىيلىك ۋە ئامېرىكىلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاناتومىستنىڭ Australopithecus ئۆرنىكى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىنتايىن كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتى، بۇ جانلىقنىڭ پەقەت نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بىر مايمۇن تۈرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلار بىلەن ھېچبىر ئوخشاشلىقى يوقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.  

(Solly Zuckerman, Beyond The Ivory Tower,New York: Toplinger Publi- cations, 1970, page. 75-94;Charles E. Oxnard, "The Place of Austra- lopithecines  in Human  Evolution: Grounds  for Doubt",  Nature, c.258, page. 389)

  تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ئىنسان تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ كىيىنكى قەدەم باسقۇچىنى "homo" يەنى ئىنسان سۈپتىدە تۈرگە ئايرىغان. ئۇ قارشچە بولغاندا homo تۈرىدىكى جانلىقلار، Australopithecuslar دىن بەكراق تەدرىجى تەرەققى قىلغان. تەدرىجى تەرەققىياتچىلار، بۇ پەرقلىق جانلىقلارغا ئائىت تاش قاتمىلارنى ئارقىمۇ-ئارقا تىزىپ خىيالى بىر تەدرىجى تەرەققىيات سېخىمىسى ئىشلەپ چىققان. بۇسېخىما خىيالدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئەمەلىيەتتە بۇ پەرقلىق سىنىپلار ئارىسىدا تەدرىجى تەرەققىياتلىق بىر مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئەسلا ئىسپاتلانغان ئەمەس.

    تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئېرنست ماير (ErnstMayr)، «Homo sapiens قا تۇتىشىدىغان زەنجىر ئەمەلىيەتتە يوق» دېيىش ئارقىلىق بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ.  

(J. Rennie, "Darwin's Current Bulldog: Ernst Mayr", Scientific American, December 1992)

   تەدرىجى تەرەققىياتچىلار:

"Australopithecus  > Homo  habilis  > Homoerectus > Homo sapiens"

تەرتىپىنى يازغىنىدا بۇ تۈرلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ كېيىنكى بىرىنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىدەك كۆرۈنۈشنى بىرىشكە تېرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە پالىئونتروپولوگلارنىڭ يىڭى بايقاشلىرى Australopithecus،Homo habilis  ۋە  Homo  erectus لارنىڭ دۇنيانىڭ پەرقلىق رايۇنلىرىدا ئوخشاش دەۋردەياشىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.  

(Alan Walker, Science, c. 207, 1980, s.1103; A. J. Kelso, Physical Ant- ropology, 1. edition, New York: J. B. Lipincott Co., 1970, page. 221;M. D. Leakey, Olduvai Gorge, c. 3, Cambridge: CambridgeUniversity Press, 1971, page. 272)

   بولۇپمۇ Homoerectus سىنىپىغا ئائىت ئىنسانلارنىڭ بىر بۆلۈكى ئىنتايىن يېقىن زامانلارغىچە ياشىغان، Homosapiens neaddertalensis ۋە Homo sapiens (بۈگۈنكى ئىنسان) بىلەن ئوخشاش دەۋردە يانمۇ-يان مەۋجۇتتۇر. (Time،1996،11-ئاي)

   بۇ ئەلۋەتتە، بۇ سىنىپلارنىڭ بىر-بىرلىرىنىڭ ئاتىلىرى ئىكەنلىكىدەك قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. خارۋارد ئونۋېرستىتى پالىئونتولوگلىرىدىن  سېتېپھىن جېي گوئۇلد (StephenJay Gould) ئۆزى بىر تەدرىجى تەرەققىياتچى بولۇشىغا قارىماي، دارۋىنىست نەزەرىيە پېتىپ قالغان بۇ ماتچىلىقنى شۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

  ئەگەر بىر بىرى بىلەن پاراللىل بىر شەكىلدە ياشىغان ئۈچ پەرقلىق hominid (ئىنسانسىمان مايمۇن) چىگىرىسى بولسا ئۇنداقتا بىزنىڭ نەسەپ دەرىخمىزگە نېمە بولدى؟ شۇ ئوچۇقكى بۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كەلگەن بولمايدۇ. بولۇپمۇ، بىرى يەنە بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا تەدرىجى تەرەققىياتلىق بىر ئۆزگىرىش مايىللىقىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.

(S. J. Gould, Natural History, c. 85, 1976, page.30)

  قىسقىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ۋە دەرسلىك كىتابلاردا كۆرسىتىلىدىغان خىيالى «يېرىم مايمۇن، يېرىم ئىنسان» جانلىقلارنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق، يەنى پەقەت تەشۋىقات يولى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇشقا ئورۇنۇلغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى سەپسەتىسى، ھېچبىر ئىلمى ئاساسى بولمىغان بىر ھېكايىدىن ئىبارەت.

  بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بولۇپمۇ Australopithecus تاش قاتمىلىرى ھەققىدە 15 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىملىرىدىن لورد زوللىي سوكېرمان (LordSolly Zuckerman) بىر تەدرىجى تەرەققىياتچى بولىشىغا قارىماي، مايمۇنسىمان جانلىقلاردىن ئىنسانغا تۇتاشقان ھەقىقى بىر ئۇرۇقداشلىق مەۋجۇد ئەمەسلىكى خۇلاسىسىگە كەلگەن.

   سوكېرمان غەلىتە بىر «ئىلمى ئۆلچەم» تۈزىۋالغان بولۇپ، ئۆزى ئىلمى دەپ ئېتىراپ قىلىغان پەن تۈرلىرىدىن پەن دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغان پەن تۈرلىرىگىچە بىر «يەلپۈگۈچ»ياسىۋالغان. سوكېرماننىڭ بۇ سېخىمىسى بويىچە بولغاندا ئەڭ «ئىلمى» يەنى ئەڭ كونكرېت سانلىق مەلۇماتلارغا تايانغان دەپ قارالغان پەن تۈرلىرى خېمىيە ۋە فىزىكىدۇر. «يەلپۈگۈچ» تە بۇلاردىن كىيىن بىئولوگىيە بىلىملىرى، كىيىن ئىجتىمائىي پەنلەر كېلىدۇ. «يەلپۈگۈچ»نىڭ ئەڭ ئۇچىدا، يەنى ئەڭ ئىلىمنىڭ سىرتى دەپ قارالغان قسىمىدا بولسا، سوكېرماننىڭچە بولغاندا «تىلىپاتىيە، ئالتىنچى سېزىم» دېگەندەك «سېزىمدىن تاشقى ئاڭ» ئۇقۇمى ۋە يەنە «ئىنساننىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى» مەۋجۇت. سوكېرمان، «يەلپۈگۈچ»نىڭ بۇ ئۇچچىنى شۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

  ئوبىكتىپ ھەقىقەتلەر ساھەسدىن تاشقىرىغا چىقىپ، بىئولىگىيلىك بىلىم دەپ قارالغان بۇ ساھەلەرگە يەنى تۇيغۇدىن تاشقىرى ئاڭ ۋە ئىنسان تاش قاتمىسى تارىخىنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە كىرگىنىمىزدە، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىشەنگەن بىركىشىگە نىسبەتەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۈبھىسىزكى، نەزەرىيىلىرىگە كەسكىن ئىشەنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ زىددىيەتلىك بەزى ھۆكۈملەرنى بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىشلىرى ھەم مۇمكىن بولىدۇ.

(Solly Zuckerman, Beyond The Ivory Tower, New York: Toplinger Publications, 1970, page. 19)

  مانا، ئىنساننىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى سەپسەتىسى نەزەرىيلىرىگە قارغۇلاچە ئىشەنگەن بىر تالاي ئىنسانلارنىڭ تاپقان بەزى تاش قاتمىلارنى بىر تەرەپلىمە قاراش شەكلىدە مۇلاھىزە قىلىشىدىنلا ئىبارەتتۇر.


   دارۋىن فورمىلىسى


   ھازىرغىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پۈتۈن ئىلمى دەلىللەرگە يانداشتۇرۇپ، تەدرىجى تەرەققىياتچىلارنىڭ قانداق تېتىقسىز بىر ئېتىقادقا ئىگە ئىكەنلىنى كىچىك بالىلارمۇ چۈشۈنەلەيدىغان ئوچۇق بىر مىسال بىلەن خۇلاسىلەپ چىقايلى.

   تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى جانلىقلارنىڭ تاسادىبەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ھەتتا،  بۇ قاراش بويىچە بولغاندا جانسىز ۋە ئاڭسىز ئاتوملار بىر يەرگە توپلىنىپ باشتا ھۈجەيرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ۋە كېيىن شۇ ئاتوملارغا ئوخشاش شەكىلدە جانلىقلار ۋە ئىنساننى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئەمدى ئويلاپ باقايلى؛ جانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى كاربون، فوسفور، ئازوت، كالىي قاتارلىق ئېلمىنىتلارنى بىر يەرگە توپلىساق بىر بېرىكمە مەيدانغا كېلىدۇ.  بۇ ئاتوم بىرىكمىلىرى قايسى باسقۇچلاردىن ئۆتسە ئۆتسۇن، يىگانە بىر جانلىقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. خالىسىڭىز بۇ ھەقتە بىر«تەجرىبە» لاھىيەلەيلى ۋە تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ئەسلى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئەمما ئاۋازىنى تېشىغا چىقىرىپ تىلغا ئالالمايدىغان قاراشنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن«دارۋىن فورمىلاسى» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ كۆرۈپ چىقايلى:

   تەدرىجى تەرەققىياتچىلار، كۆپ مىقداردىكى چوڭ سېلىندىر كۈپلەر ئىچىگە جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا مەۋجۇت فوسفور، ئازوت، كاربون، ئوكسېگىن، تۆمۈر، ماگېنىي قاتارلىق ئىلمىنىتلاردىن مول مىقداردا قويسۇن. ھەتتا نورمال شاراتئىتلاردا تېپىلمايدىغان، پەقەت بۇ بېرىكمىلەرنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولىشى زۆرۈر دەپ قارىغان ماتېرىياللارنىمۇ بۇ سېلىندىر قاچىلارغا قوشسۇن، ئارىلاشمىلار ئىچىگە خالىغىنىچە ئامىنو ئاست، خالىغىنىچە (ھەتتا بىر دانىسىنىڭمۇ تاسادىپىي مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى 950-10بولغان) پروتېئىن توشقۇزسۇن. بۇ ئارلاشمىلارغا كېرەكلىك مىقداردا ئىسسىقلىق ۋە نەملىك بەرسۇن، بۇنى خالىغان كېرەكلىك ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرسۇن.  بۇ سېلىندىر قاچىلارغا دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملارنى مەسئۇل قىلسۇن. بۇ مۇتەخەسىسلەر ئاتىدىن ئوغۇلغا، ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇپ نۆۋەتلىشىپ مىليارتلىغان، ھەتتا تىرىلىيونلىغان يىللار ئۆزلۈكسىز بۇ سېلىندىر قاچىلىلارنىڭ قېشىدا ساقلىسۇن. بىر جانلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە قايسى شەرت-شارائىتلارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىگە ئىشەنسە ھەممىسىنى قوللىنىش ئىختىيارىدا بولسۇن. پەقەت نېمە قىلغۇسى كەلسە قىلسۇن ئۇ قاچىلاردىن ھېچقاچان بىر جانلىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. زىراپىلەرنى، ئارسلانلارنى، ھەرىلەرنى، سېرىق قاشقا قۇشقاچلارنى، بۇلبۇللارنى، ئاتلارنى، يۇنۇسلارنى، گۈللەرنى، كەترەنلەرنى، گۈلسامساقلارنى، سېرىنگۈللەرنى، بانانلارنى، ئاپلىسىنلارنى، ئالمىلارنى، خورمىلارنى، پەمىدۇرلارنى، قوغۇن-تاۋۇزلارنى، ئەنجۈرلەرنى، زەيتۇنلارنى، ئۈزۈملەرنى، شاپتۇللارنى، توزلارنى، قىرغاۋۇللارنى، رەڭگارەڭ كېپىنەكلەرنى ۋە بۇلارغا ئوخشاش مىليونلىغان جانلىق تۈرلىرىدىن ھېچبىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ يەردە بىر قانچىسىنىلا ساناپ ئۆتكەن بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ بىرىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ يىگانە بىر دانە ھۈجەيرىسىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.

  قىسقىسى، ئاڭسىز ئاتوملار بىر يەرگە كېلىپ ھۈجەيرە مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. كېيىن ئۆزىچە بىر قارارغا كېلىپ بىر ھۈجەيرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، كېيىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن باشقا بىر قارارلارغا كېلىپ، ئېلېكترون مىكروسكوبىنى بايقىغان، كېيىن ئۆزىنىڭ ھۈجەيرە قۇرۇلمىسىنى بۇ مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزەتكەن پروفىسسورنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمەيدۇ. ماددا، پەقەت ئاللاھنىڭ ئۈستۈن يارىشى ئارقىلىقلا ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

  بۇنىڭ ئەكسىنى تەشەببۇس قىلغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى بولسا، ئەقىلگە تامامەن زىت بىر سەپسەتىدۇر. تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلار ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش، يۇقاردىكى مىسالدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


   كۆز ۋە قۇلاقتىكى تېخنىكا

    تەدرىجى تەرەققىيات ھېچقاچان چۈشەندۈرەلمەيدىغان بىر باشقا مەسىلە كۆز بىلەن قۇلاقتىكى ئۈستۈن سېزىش قابىلىيىتىدۇر.

  كۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن «قانداق كۆرىمىز؟»دېگەن سۇئالغا قىسقىچە جاۋاب بېرەيلى. بىر جىسىمدىن قايتقان نۇرلار كۆزدە كۆرۈش تور پەردىسىگە تەتۈر چۈشىدۇ. بۇ نۇرلار بۇ يەردىكى ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن ئېلېكتر سېگىناللىرىغا ئايلاندۇرلىدۇ ۋە مېڭىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى كۆرۈش مەركىزى دەپ ئاتالغان كىچىك بىر نوقتىغا يىتىپ بارىدۇ. بۇ ئېلېكتر سېگىناللىرى بىر قاتارجەيرانلاردىن كېيىن مېڭىدىكى بۇ مەركەزدە سۈرەت بولۇپ كۆرۈلىدۇ. بۇ مەلۇماتتىن كېيىن ئويلاپ كۆرەيلى:

  مېڭە يۇرۇقلۇققا نىسبەتەن يېپىقتۇر. يەنى مېڭىنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەتتۇر، يورۇقلۇق مېڭە جايلاشقان جايغىچە يىتىپ بارالمايدۇ.  كۆرۈش مەركىزى دېيىلگەن جاي قاپقاراڭغۇ، يۇرۇقلۇق ئەسلا يىتىپ بارالمايدىغان، بەلكى سىز ھېچ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇ بىر يەردۇر. لېكىن سىز بۇ تۇم قاراڭغۇلۇقتا، نۇرلۇق، يۇپيۇرۇق بىر دۇنيانى تاماشا قىلماقتىسىز.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەدەر ئوچۇق ۋە سۈپەتلىك سۈرەت ئىكەنكى، ھەتتا 21-ئەسىرنىڭ تېخنىكىسىمۇ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ بۇ سۈزۈكلۈككە ئېرىشەلمىدى. مەسىلەن، شۇئان كومپيۇتېرنى تۇتىۋاتقان قوللىرىڭىزغا دىققەت بىلەن قاراڭ، كېيىن بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ۋە ئەتراپىڭىزغا قاراڭ.

  شۇئان كۆرۈۋاتقان ئېنىقلىق ۋە سۈپەتتىكى بۇ كۆرۈنۈشنى باشقا بىر يەردەكۆردىڭىزمۇ؟ بۇ قەدەر ئېنىق بىر كۆرۈنۈشنى سىزگە ھەتتا دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تېلېۋىزور شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئەڭ زامانىۋى تېلىۋوز ئېكرانىمۇ تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ. 100يىلدىن بۇيان مىڭلىغان مۇتەخەسسىس بۇ ئېنىقلىققا ئېرىشىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن زاۋۇتلار، غايەت زور ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلىۋاتىدۇ، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، پىلانلار ۋە لاھىيەلەر تەرەققى قىلدۇرلىۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ئىكرانىغا قاراڭ، بىردە شۇئان قولىڭىزغا قاراڭ. ئارىدا زور بىر ئېنىقلىق ۋە سۈپەت پەرىقى مەۋجۇتلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كومپيۇتىر ئېكرانى سىزگە ئىككى ئۆلچەملىك بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ، ئەكسىچە سىزئۈچ ئۆلچەملىك بىر مەنزىرىنى كۆرىۋاتىسىز.

ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئون مىڭلىغان ئىژىنىر ئۈچ ئۆلچەملىك تېلېۋىزور ياساشقا، كۆزنىڭ كۆرۈش ئېنىقلىقىغا ئېرىشىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.  ئەلۋەتتە، ئۈچ ئۆلچەملىك تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنى ياسىيالىدى لېكىن ئۇنى كۆز ئەينەك تاقىماي تۇرۇپ ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ۋە بۇ سۈننى ئۈچ ئۆلچەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئارقىسى قاراڭغۇلۇق، ئالدى قەغەزدىن ياسالغان دىكراتسىيەگە ئوخشايدۇ، ھېچقانچان كۆز كۆرگەندەك ئېنىق ۋە سۈپەتلىك بىر كۆرۈنۈش شەكىللەنمەيدۇ. كامىرالاردىمۇ تېلىۋىزوردىمۇ چوقۇم سۈرەت مەۋھۇملۇقى يۈز بىرىدۇ.

  تەدرىجى تەرەققىياتچىلار، شۇ قەدەر سۈپەتلىك ۋە ئوچۇق سۈرەت شەكىللەندۈرىدىغان مېخانىزىمنىڭ تاسادىبەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىرى سىزگە، ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋىزور تاسادىبەت مەيدانغا كەلدى، ئاتوملار بىر يەرگە توپلاندى ۋە بۇ سۈرەت چىقىدىغان سايماننى مەيدانغا كەلتۈردى دېسە نېمىنى ئويلايسىز؟ مىڭلىغان كىشى بىر يەرگە توپلىنىپ ياسىيالمىغان ئاڭسىز ئاتوملارنى قانداقسىگە مەيدانغا كەلتۈرەلىسۇن؟

  كۆزنىڭ كۆرگىنىدىن تېخىمۇ ئىپتىدائى بىر سۈرەت مەيدانغا كەلتۈرىدىغان سايمان تاسادىبەن مەيدانغا كېلەلمىسە، كۆز ۋە كۆز كۆرگەن سۈرەتلەرنىڭمۇ تاسادىبەن مەيدانغا كېلەلمەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەھۋال قۇلاققا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش. تاشقى قۇلاق، ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى قۇلاق سۇپرىسى ئارقىلىق توپلاپ ئوتتۇرا قۇلاققا يەتكۈزىدۇ؛ ئوتتۇرا قۇلاق ئېرىشكەن ئاۋاز دولقۇنلىرىنى كۈچەيتىپ ئىچ قۇلاققا يەتكۈزىدۇ؛ ئىچكى قۇلاق بۇ ئاۋاز دولقۇنلىرىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە مېڭىگە ئەۋەتىدۇ. كۆرۈش جەريانىدا بولغاندەك، ئاڭلاش سېستىمىسىمۇ مېڭىدىكى ئاڭلاش مەركىزىدە ئەمەلىيلىشىدۇ.

  كۆزدىكى ئەھۋال قۇلاققا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنە ئوخشاش، ئوخشاش مېڭە نۇرغا نىسبەتەن يېپىق بولغاندەك ئاۋازغىمۇ يېپىق، ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدۇ. قىسقىسى تاشقىرىسى قانچىلىك شاۋقۇن-سۈرەنگە تولغان تەقدىردىمۇ مېڭىنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئاۋازسىزدۇر. ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدىغان مېڭىڭىزدە بىر ئوركېستىرنىڭ سېمفونىيىسىنى ئاڭلىسىڭىز، بۇ مۇرەككەپ مۇھىتتىكى پۈتۈن ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايسىز. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىلغار ئۈسكىنىلەر بىلەن مېڭىڭىزنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئۆلچەنسە بۇ يەردە قەتئى بىر جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈلىدۇ.

    ئېنىق بىر سۈرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تېخنىك قانداق قوللىنىلغان بولسا، ئاۋاز ئۈچۈنمۇ ئوخشاش تېرىشچانلىقلار ئون نەچچە يىلدىن بويان داۋام قىلماقتا. ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى، پىلاستىنكىلار، نۇرغۇنلىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، ئاۋاز سېزىدىغان مۇزىكا سېستىمىلىرى بۇ تېرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. لېكىن، پۈتۈن تېخنىكىغا، بۇ تېخنىكا ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان مىڭلىغان ئېنژىنىر ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەۋجۇتلىغا قارىماي قۇلاق ئاڭلىغان ئېنىقلىق ۋە سۈپەتتىكى بىر ئاۋازغا ئېرىشمىدى. ئەڭ كاتتا مۇزىكا سىستېمىسى شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ئەڭ سۈپەتلىك پىلاستىنكىنى خىيال قىلىڭ.  ئاۋازنى خاتىرلەۋاتقاندا چوقۇمكى ئاۋازنىڭ بىر قىسمى يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئاز مىقداردا بولسا ھەم غەيرىلىك مەيدانغا كېلىدۇ ياكى پلاستىنكىنى ئېچىپ مۇزىكا باشلىنا باشلانماي بىر گىژ-گىژ ئاۋازنى چوقۇم ئاڭلايسىز.  پەقەت ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى تېخنىكىنىڭ مەسھۇلى بولغان ئاۋازلا يۈكسەك دەرىجىد ئېنىق ۋە كەم-كۈتسىزدۇر. بىر ئىنساننىڭ قۇلىقى، مۇزىكا پىلاستىنكىسىدىكىدەك گىژ-گىژ ياكى غەيرى ئاڭلىمايدۇ؛ ئاۋاز قانداق بولسا دەل ۋە توپتوغرا بىر شەكىلدە ئۇنى ئاڭلايدۇ. بۇ ھال ئىنسان يارىتىلغاندىن تارتىپلا شۇنداق بولۇپ كەلگەن.

   ھازىرغىچە ئىنسان بالىسى ئىشلىگەن ھېچبىر سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۈسكۈنىسى كۆز ۋە قۇلاقچىلىك نازۇك ۋە مۇۋاپپىقىيەتلىك سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالىغان ئەمەس.

  كۆرۈش ۋە ئىشىتىشتە، پۈتۈن بۇلاردىن تاشقىرى، كاتتا بىر ھەقىقەت مەۋجۇتتۇر.


مېڭىدىكى كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ئاڭ كىمگە ئائىت؟

   مېڭىدە، يوپيۇرۇق، رەڭگارەڭ بىر دۇنيانى تاماشا قىلغان، سېمفونىيەلەرنى، قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغان، گۈلنى پۇرىغان كىم؟ ئىنسان كۆزلىرىدىن، قۇلاقلىرىدىن، بۇرۇنىدىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار، ئېلېكتر سىگىنالى سۈپىتىدە مېڭىگە كېلىدۇ.  بىئولوگىيە، فىزولوگىيە ۋە ياكى بىئوخېمىيە كىتاپلىرىدا بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ مېڭىدە قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەقىقەتكە ھېچ يەردە دۇچ كەلمەيسىز: مېڭىدە، بۇ ئېلېكتر سىگىناللىرىنى ئاۋاز، پۇراق ۋە ھېس سۈپىتىدە سېزەلىگەن كىم؟ مېڭىدە كۆزگە، قۇلاققا، بۇرۇنغان ئېھتىياج ھېس قىلماستىن پۈتۈن بۇلارنى سېزەلىگەن بىر ئاڭ مەۋجۇتتۇر. بۇ ئەڭ كىمنىڭ؟

ئەلۋەتتە بۇ ئاڭ ماي ماددىسى ۋە نېرۋا ھۈجەيرىسىگە تەۋە بولمىغان مېڭىنى تەشكىل قىلىدىغان نېرۋىدىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ھەممە نەرسىنى ماددا دەپ قارىغان دارۋىنىست-ماتىرىيالىستلار بۇ سۇئاللارغا ھېچبىر جاۋاب بېرەلمەيۋاتىدۇ. چۈنكى بۇئاڭ، ئاللاھ ياراتقان روھتىن ئىبارەتتۇر. روھ، كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆزگە، ئاۋازنى ئىشىتىش ئۈچۈن قۇلاققا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بۇلارنىڭمۇ نېرىسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن مېڭىگىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس.

   بۇ ئوچۇق ئىلمى ھەقىقەتنى ئوقۇغان ھەر ئىنسان، مېڭىنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچەسانتىمېتىر كۇب كېلىدىغان قاپقاراڭغۇ ماكانغا پۈتۈن كائىناتنى ئۈچ ئۆلچەملىك، رەڭلىك، كۆلەڭگىلىك ۋە نۇرلۇق قىلىپ سىغدۇرغان ئۇلۇغ ئاللاھنى تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭدىن پاناھلىق تېلىشى كېرەك.


ماتېرىيالىست ئېتىقاد

   بۇ يەرگىچە كۆرۈپ ئۆتكەنلىرىمىز، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمى بايقاشلارغا ئوچوقتىن ئوچۇق زىت بىر قاراش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. نەزەرىيىنىڭ ھاياتلىق مەنبىئى ھەققىدىكى قارىشى بىلىمغا زىتتۇر، تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەدرىجى تەرەققىيات مېخانىزىملىرىنىڭ ھېچبىرىنڭ تەدرىجى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگۈچى تەسىرى يوقتۇر ۋەتاش قاتمىلار نەزەرىيە ئۈچۈن كېرەكلىك ئارا شەكىللەرنىڭ ياشىمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلىمگە زىت بىر چۈشەنچە سۈپىتىدە چۆرۈپ تاشلىنىشى كېرەك. شۈبھىسىزكى، تارىختىن بۇيان دۇنيانى مەركەز قىلغان تەدرىجى تەرەققىيات مودىلىغا ئوخشاش كۆپلىگەن چۈشەنچىلەر بىلىم كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلانغان. ئەمما تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى زورمۇ-زوربىلىم سۈپىتىدە تۇتۇلماقتا. ھەتتا بەزى ئىنسانلار نەزەرىيىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى «بىلىمگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ كۆرسىتىشكە ئورۇنماقتا. نېمىشقا شۇنداق؟

    بۇنىڭ سەۋەبى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى بەزى دائىرىلەر ئۈچۈن ئەسلا ۋاز كېچىلمەيدىغان دوگماتىك بىر ئېتىقاد مەسىلىسىدۇر. بۇ دائىرىلەر ماتېرىيالىست پەلسەپىگە قارىغۇلاچە باغلانغانغان ۋە دارۋىنىزىمنىمۇ تەبىئەتكە كەلتۈرەلەيدىغان يىگانە ماتېرىيالىست چۈشەندۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈنلا قوبۇل قىلغان.  بەزەن بۇنى ئوپئوچۇق ئېتىراپمۇ قىلىدۇ. خارۋارد ئونۋېرستىتىدىن مەشھۇر بىر گېنولوگ ۋە زامانىسىدىكى مەشھۇر دارۋىنىزىمچى بولغان رىچارد لېۋونتىن (Richard Lewontin)، «باشتا ماتېرىيالىست، كېيىن ئالىم» بولغانلىقىنى شۇ شۇنداق ئېتىراپ قىلغان:

   ماتېرىيالىزىمغا ئېتىقادىمىز بار. ئەسلىي (باشتا قوبۇل قىلىنغان، توغرا دەپقارالغان) بىر ئېتىقاد بۇ. بىزنى دۇنياغا ماتېرىيالىزىملىق بىر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ كېلىشكە زورلىغان نەرسە بىلىم سىستېمىسى ياكى قائىدىللىرى ئەمەس. ئەكسىچە، ماتېرىيالىزىمغا بولغان ئەسلىي باغلىنىش تۈپەيلى، دۇنياغا بىر ماتېرىيالىست چۈشەندۈرۈش بىرەلەيدىغان تەتقىقات سىستېمىسىنى ۋە ئۇقۇملارنى قۇراشتۇرىۋاتىمىز. ماتېرىيالىزىمنىڭ مۇتلەق توغرا بولغىنىغا تايىنىپ، ئىلاھى بىر چۈشەندۈرۈشنىڭ سەھنىگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز.  - رىچارد لېۋونتىن،

(Richard  Lewontin,  "The Demon-Haunted  World",  The New York Review of Books, 9 january1997, page. 28)

   بۇسۆزلەر، دارۋىنىزىمنىڭ، ماتېرىيالىست پەلسەپىگە باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈنلا ياشىتىلغان بىر دوگما ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسىدۇر. بۇ دوگما، ماددىدىن باشقا ھېچبىر مەۋجۇدات يوق دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبلىك جانسىز، ئاڭسىز ماددىنىڭ، ھاياتلىقنى ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مىليونلىغان پەرقلىق جانلىق تۈرىنىڭ؛ مەسىلەن، قۇشلارنىڭ، بېلىقلارنىڭ، زىراپىلەرنىڭ، قاپلانلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماددىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى رېئاكسىيەلىرى ئارقىلىق، يەنى ياغقان يامغۇر، چاققان چاقماق ئارقىلىق جانسىز ماددىنىڭ ئىچىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەم ئەقىلگە ھەم بىلىمگە زىت قاراشتۇر. ئەمما دارۋىنىستلار ئۆز تەبىرى بويىچە «ئىلاھى بىر چۈشەندۈرۈشنىڭ سەھنىگە چىقماسلىقى» ئۈچۈن بۇنى ماقۇل كۆرۈشنى، مۇداپىئەقىلىشنى داۋام قىلماقتا.

  جانلىقلارنىڭ مەنبەسىگە ماتېرىيالىست بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قارىمىغان كىشى شۇ ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرەلەيدۇ: پۈتۈن جانلىقلار، ئۈستۈن بىر كۈچ، بىلىم ۋەئەقىل ئىگىسى بولغان بىر ياراتقۇچىنىڭ ئەسىرىدۇر. ياراتقۇچى، پۈتۈن ئالەمنى يوقتىن بار قىلغان، ئەڭ نوقسانسىز بىر شەكىلدە تەرتىپكە سالغان ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى يارتىپ شەكىللىلەندۈرگەن ئاللاھتىن ئىبارەتتۇر.


  تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سېھىرىدۇر


    بۇ يەردە شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، بىرتەرەپلىمىلىكتىن خالىي، ھېچ بىر ئىدىلوگىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالماي تۇرۇپ، پەقەت ئەقلىنى ۋە مەنتىقىسىنى ئىشلەتكەن ھەر ئىنسان بىلىم ۋە مەدەنىيەتتىن ئۇزاق جامائەتلەرنىڭ خۇراپاتلىرىنى ئەسكە سالىدىغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىمكانسىز بىر قاراش ئىكەنلكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ.

   يۇقاردا بىلدۈرۈپ ئۆتۈلگىنىدەك، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىشەنگۈچىلەر، كاتتا بىرقاچىنىڭ ئىچىگە ئاتومنى، مالىكولىنى، جانسىز ماددىنى تولدۇرغان ۋە بۇلارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئەستە ساقلىيالايدىغان، كەشىپ قىلالايدىغان پروفېسسورلارنىڭ، ئۇنۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئېيىنىشتېيىن، ھابىل غا ئوخشاش ئالىملارنىڭ، Frank Sinatra، CharltonHeston غا ئوخشاش سەنئەتكارلارنىڭ،  بۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىكلەرنىڭ، لېمون دەرەخلىرىنىڭ، چىنىگۈللەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىمەنە قاراشقا ئىشەنگەنلەر ئالىملار، پروفېسسورلار، مەدەنىيەتلىك، تەربىيە كۆرگەن ئىنسانلاردۇر. بۇ سەۋەبلىك تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قارىتا «دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ تەسىرچان سېھىرى» سۆزىنى ئىشلىتىش دەل جايىغا چۈشىدۇ.  چۈنكى، دۇنيا تارىخىدا ئىنسانلارنى بۇنچىلىك ئەقلىدىن ئازدۇرغان، ئەقىل ۋە مەنتىقە بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئىمكان بەرمىگەن، كۆزلىرىنى خۇددى بىر پەردە بىلەن توسۇپ، ئىنتايىن ئاشكارە بىر ھەقىقەتنى كۆرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان باشقا بىر ئېتىقات ياكى كۆز قاراش يوقتۇر. بۇ ئافرىقىلىق بەزى قەبىلىلەرنىڭ توتىملارغا، سەبە خەلقىنىڭ قوياشقا چوقۇنىشىدىن، ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا، ھەزرىتى مۇسائەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئالتۇندىن ياسىغان موزايغا چوقۇنۇشلىرىدىنمۇ بەك ۋەھىمىلىك ۋە ئەقىل قوبۇل قىلماس بىر كورلۇقتۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ھال ئاللاھ قۇرئاندا ئىشارەت قىلغان بىر ئەقىلسىزلىقتۇر. ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنىڭ زېھنىنىڭ پېچەتلىنىدىغانلىقى ۋە ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى كۆپلىگەن ئايەتلەردە بىلدۈرگەن. بۇ ئايەتلەردىن بەزىلىرى شۇلاردىن ئىبارەت:

   شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنىئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. ﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى، 6-7-ئايەت)

...ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر. (ئەئراف سۈرىسى 179-ئايەت)

بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگىن، ئۇلارئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ).ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ . (سۈرە ھىجر 14-15-ئايەتلەر)

  بۇنچىلىك كەڭرى ئىنسان توپىغا قارىتا بۇ سېھىرنىڭ تەسىر قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتتىن شۇنچىلىك ئۇزاق تۇتۇلىشى ۋە 150 يىلدىن بۇيان سېھىرنىڭ بۇزۇلماسلىقى، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ئەھۋالدۇر.  چۈنكى،  بىر ياكى بىر قانچە كىشىنىڭ ئىمكانسىز توقۇلمىلارغا، بىمەنلىك ۋە مەنتىقسىزلىقلارغا تولغان قاراشلارغا ئىشىنىشىنى توغرا چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن،  دۇنيانىڭ ھەرتەرىپىدىكى ئىنسانلارنىڭ،  ئاڭسىز ۋە جانسىز ئاتوملارنىڭ تويۇقسىزلا بىر يەرگە كېلىپ، پەۋقۇلئاددە بىر تەشكىل، تەرتىپ، ئەقىل ۋە ئاڭ نامايەن قىلىپ، كەم-كۈتىسىز بىر سىستېما ئارقىلىق ئىشلەيدىغان كائىناتنى، جانلىقلار ئۈچۈن ئۇيغۇن ھەر تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە پىلانىت يەرشارىنى ۋە سان-ساناقسىز مۇرەككەپ سىستېمىلار بىلەن قۇراللاندۇرۇلغان جانلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئىشىنىشىنڭ «سېھىر»دىن باشقا چۈشەندۈرۈلىشى يوق.

   ھەقىقەتەن، ئاللاھ قۇرئاندا، ئىنكارچى پەلسەپىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ سېھىر قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى سېھىرلىگەنلىكىنى ھەزرىتى مۇسا ۋە فىرئەۋىن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئارقىلىق بىزلەرگە بىلدۈرىدۇ. ھەزرىتى مۇسا، فىرئەۋىنگە ھەق دىننى چۈشەندۈرگەندە، فىرئەۋىن ھەزرىتى مۇساغا، ئۆزىنىڭ «دانىشمەن سېھىرگەرلىرى»بىلەن كىشىلەر توپلانغان بىر جايدا ئۇچرىشىشنى ئېيتىدۇ. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام، سېھرىگەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، سېھرىگەرلەرگە ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرستىشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ۋەقە بايان قىلىنغان ئايەت شۇ شەكىلدىدۇر:

   مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى . (ئەئراف سۈرىسى 116-ئايەت)

  كۆرۈلگىنىدەك، فىرئەۋىننىڭ سېھرىگەرلىرى قىلغان «ئالدامچىلىق»لىرى بىلەن ھەزرىتى مۇسا ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەردىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى سېھىرلىگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ تاشلىغانلىرىغا قارشى ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا ئاتقان دەلىل، ئۇلارنىڭ بۇ سېھرىنى، قۇرئاندىكى ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا «ئويدۇرمىلىرىنى يۇتۇۋەتكەن» يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىنى يوقاتقان:

مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى. ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى. بۇيەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا(شەھەرگە قايتتى) . (ئەئراف سۈرىسى 117-119-ئايەت)

   ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگىنىدەك، باشتا ئىنسانلارغا سېھىر ئارقىلىق تەسىر قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ قىلغانلىرىنىڭ بىر ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن،  مەزكۇر كىشىلەر ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشكەن.  كۈنىمىزدىمۇ بىر سېھىرنىڭ تەسىرى بىلەن، ئىلمىيلىك نىقابى ئاستىدا شۇ قەدەر بىمەنە قاراشلارغا ئىشەنگەن ۋە بۇلارنى ھېمايە قىلىشقا ھاياتىنى ئاتىغانلار، ئەگەر بۇ قاراشلاردىن ۋاز كەچمىسە ھەقىقەت ھەقىقى مەنىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋە «سېھىر بۇزۇلغاندا» ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

  ھەقىقەتەن، تەخمىنەن 60 يېشىغىچە تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەشەببۇسقىلغان ۋە ئاتېئىست بىر پەلسەپىچى بولغان، لېكىن كېيىن ھەقىقەتلەرنى كۆرگەن MalcolmMuggeridge تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىقىلىدىغانلىقىنى شۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغاقويغان:

   مەن ئۆزۈم، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ، خۇسۇسەن ئۇ تەتبىق قىلىنغان ساھەلەردە، كەلگۈسىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىكى ئەڭ كاتتا كىنايە ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا قايىل بولدۇم.  كېلەچەك ئەۋلاتلار، بۇ قەدەر ئاساسسىز ۋە خۇنۈك بىر پەرەزنىڭ ئىشەنگۈسىز بىر نادانلىق بىلەن قوبۇل قىلىنىشىنىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ.  

(Malcolm Muggeridge, The End of Christendom, GrandRapids: Eerdmans, 1980,بەت43(

   بۇ كېلەچەك بەك ئۇزاقتا ئەمەس، ئەكسىچە بەكلا يېقىن كەلگۈسىدە، ئىنسانلار «تەسادىبىلىقلار»نىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا ئالدامچىلىقى ۋە ئەڭ دەھشەت سېھىرى سۈپىتىدە تونۇپ يېتىدۇ. بۇ دەھشەت سېھىر،  غايەت تىز بىر سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمدى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئالدامچىلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەن نۇرغۇن كىشى، بۇ ئالدامچىلىققا قانداق ئىشەنگەنلىكىنى ھەيرانلىق ۋە خىجىللىق ئىلكىدە ئويلاپ يەتمەكتە.

...سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن...  (بەقەرە سۈرىسى 32-ئايەت)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sultan1arif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 04:23 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
naruto1231 + 33 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ئىلمى رەددىيەدۇر. دارۋېنغا مانا مۇشۇنداق رەددىيە بېرىش كېرەك، ئۇنىڭغا قۇرئاندىن ئەمەس بەلكى، ئۇلار بىلىدىغان نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ رەددىيە بەرسە ھەم ئادىل ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتمايدۇ، ئىشەنمەيدۇ. ھەركىمنى ئۆزىنىڭ تايىقى بىلەن ساۋاش دېگەن مانا مۇشۇ.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت. لېكىن مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز تېىخىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇنى كىم يازغان، دېگەنلەر ئېنىق بولسا پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار ھەممە ماددىدىن پەيدا بولغان دەيدۇ- يۇ، ماددا نەدىن پەيدا بولغان دېمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7673
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 9970 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:42:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
W020100919328416840421.jpg


مانا دارۋىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 06:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4822
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  چۈشەندۈرۈپسىز   

ئازاپ نېمە ؟ دەرت نېمە ؟  مىنىڭچە ھەممىسى ئۆزىنى ئالداش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8147
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1277 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتۇن دۇنيا شاللىۋەتكەن دارۋىن تەلىماتىنى . ما دۆلىتىمىز ئەجەپ بەك كۈچەپ تەرغىپ قىلىدىكىنا .
ئۆزىنى ئەژدارھانىڭ ئەۋلادىبىز دەيدۇ . شۇنداقتىمۇ دارۋىن تەلىماتىنى يوققا چىقارماي ، مايمۇندىن بولغان بىز دەيدىكەن .
دۆلىتىمىز بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردى ھەم كۈرۋاتىدۇ . شۇڭا مايمۇندىن تۈرەلگەن دارۋىننى ئۇلۇغلايدۇ .

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 21726
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3186 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسى دىگەننى دۇنيا چۆرۈپ تاشلاپ . پېتىقداپ ئوبۇرنىغا تاشلىۋەتكىنى نەۋاق ،شۇ دارۋىن دىگەن ئاداش ھازېر بولغان بولسا بەلكىم ئۆزىمۇ بۇ تېتىقسىز نەزەرىيەدىن خىجىل بولۇپ ئۋامدىن كەچۈرۈم سورىشى ياكى ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى !  بىزنىڭ مەملىكەتنىڭ مەنپەئەتىگە بۇ نەزەرىيە ماس كەلگەچكە باللىرىمىز ھازېرمۇ كىتابلاردا ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دىگەن مۇناپىقانە نەزەرىيەنى مەجبۇرىي تېڭىلىپ ئۈگىنىۋاتىدۇ !

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:15:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 06:42 PM
مانا دارۋىن

قالتىسكەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17443
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1465 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ۋە قۇلاقتىكى تېخنىكا

    تەدرىجى تەرەققىيات ھېچقاچان چۈشەندۈرەلمەيدىغان بىر باشقا مەسىلە كۆز بىلەن قۇلاقتىكى ئۈستۈن سېزىش قابىلىيىتىدۇر.

  كۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن «قانداق كۆرىمىز؟»دېگەن سۇئالغا قىسقىچە جاۋاب بېرەيلى. بىر جىسىمدىن قايتقان نۇرلار كۆزدە كۆرۈش تور پەردىسىگە تەتۈر چۈشىدۇ. بۇ نۇرلار بۇ يەردىكى ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن ئېلېكتر سېگىناللىرىغا ئايلاندۇرلىدۇ ۋە مېڭىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى كۆرۈش مەركىزى دەپ ئاتالغان كىچىك بىر نوقتىغا يىتىپ بارىدۇ. بۇ ئېلېكتر سېگىناللىرى بىر قاتارجەيرانلاردىن كېيىن مېڭىدىكى بۇ مەركەزدە سۈرەت بولۇپ كۆرۈلىدۇ. بۇ مەلۇماتتىن كېيىن ئويلاپ كۆرەيلى:

  مېڭە يۇرۇقلۇققا نىسبەتەن يېپىقتۇر. يەنى مېڭىنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەتتۇر، يورۇقلۇق مېڭە جايلاشقان جايغىچە يىتىپ بارالمايدۇ.  كۆرۈش مەركىزى دېيىلگەن جاي قاپقاراڭغۇ، يۇرۇقلۇق ئەسلا يىتىپ بارالمايدىغان، بەلكى سىز ھېچ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇ بىر يەردۇر. لېكىن سىز بۇ تۇم قاراڭغۇلۇقتا، نۇرلۇق، يۇپيۇرۇق بىر دۇنيانى تاماشا قىلماقتىسىز.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەدەر ئوچۇق ۋە سۈپەتلىك سۈرەت ئىكەنكى، ھەتتا 21-ئەسىرنىڭ تېخنىكىسىمۇ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ بۇ سۈزۈكلۈككە ئېرىشەلمىدى.


بۇندىن كېيىنمۇ ئىرىشەلمەيدۇ  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 07:41 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

زەنجىر بوغار دۈشمەن قاچار!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 2235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 08:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى  ئۇيغۇر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان مۇڭغۇل  بارىمتاي دىگەن ئاداش  كۆرگەن  بولسا  بوپتىكەن  بۇ تىمىنى  .،.،

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش