|
|
|
|
جىن- ئالۋاستى
بىر سودىگەر ئىشتىن كەچ چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتاتتى. كېچىدە تامنىڭ تۈۋىدا ياتماقچى بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر قارا تەنلىك بوۋاينى كۆردى. خەقلەر {بالىلىرىمىز قورقىدۇ} دەپ زەڭگى بوۋاينى ئۆيىگە ئالمىغان ئىدى. سودىگەر ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئسسىق تاماق، پاك-پاكىزە كىيىم ۋە ياتىدىغان بىر ئۆي بەردى. دېرىزىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقان زەڭگى بوۋاي تەڭ كېچىدە چۆچۈپ ئويغاندى. تولۇنئاي شولىسىدا ئىككى ئوغرى دەرىزىدىن ئۆيگە كىرىشكە تەمشىلىۋاتاتتى. ئۇلار سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ پۇللارنى ئالماقچى ئىدى. زەڭگى بوۋاي قولىنى كۆتىرىپ: -ھوي...! نىمە قىلۋاتىسىلەر؟.....-دەپ ۋاقىرىدى. ئۇنى ئاپپاق كىيىم ئىچىدە كۆرگەن ئوغرىلار: -ۋايجان!... بۇ يەردە ئالۋاستى باركەن!...-دەپ بەدەر قاچتى.
بىرىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، بىرىنىڭ بىشى يېرىلدى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەر ئويغىنىپ چىقىپ، ئوغرىلارنى تۇتىۋالدى.
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: << كىشى قېرىندىشىغا ياردەم قىلسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ.>>
مەنبە: خاتىرەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا suhayla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 01:33 PM
|
|
|
|
|
|