مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2390|ئىنكاس: 33

ياللۇغدىن بىزار بولدىڭىزمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 01:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياللۇغدىن بىزار بولدىڭىزمۇ


گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)


بۇرۇن ياللۇغى دېسە ئادەتتى كىسەلمىكىن دەپ قالماڭ، بۇرۇن ياللۇغى؛ بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى،  بۇرۇنغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىش، بۇرۇن كۈمۈرچىكى مايماقلىشىش، بۇرۇن سېزىمچانلىقى زىيادە ئېشىپ كېتىش، بۇرۇن تۈك بەزلىرى يۇقۇملىنىش، بۇرۇن ئىچىگە چاقا چىقىش... قاتارلىق بىر قانچە خىل بولىدۇ. بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ خىل كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە سەل قاراپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۇرۇۋېرىدۇ، نەتىجىدە بۇرۇن ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ ئاستا خارەكتىرلىق (جايىل خارەكتىرلىق) بۇرۇن ياللۇغىغا ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇرۇن راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بۇرۇن ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى؛
بالا تۇغۇلۇپ قىرىقى ئىچىدە دىمىقى پۈتۈش، تىلى ئاقىرىش، كۆزى چاپاقلىشىش، سۇس قىزىتىش، ئىچى سۈرۈش، يۈزىگە بەدىنىگە قىزىل مۇنەك پەيدا بولۇش،،، قاتارلىق ئىشلار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن قورقۇش ھاجەتسىز. بۇنى ئەجداتلىرىمىز «ھىدى كۆرسەتتى» دەپ ئاتىغان، ھەم نۇرمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ. ئەمما بىلمىگەنلەر بولۇپمۇ ياش ئاتا - ئانىلار قورقۇپ جىددىلىشىپ كېتىدۇ. بۇرنىغا قېتىشما پەيدا بولسىلا كولاپ ئېلىۋېتىشكە ئاران تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش زىيانلىق بولۇپ بۇرۇن تۈكلىرىنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇرۇن تۈكلىرىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، سىرتتىن كىرىدىغان چاڭ - توزانلارنى ۋە مىكرۇپلارنى توسىدۇ، بۇرۇن ئىچىگە سۈمۈرىلىدىغان ئىسسىق - سوغۇق ھاۋانىڭ ھارارىتىنى تەڭشەيدۇ. تۈكنىڭ ئۆسۈشى زىيانغا ئۇچرىسا بۇرۇن ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىرىنچى سەۋەبى.
ئىككىنچىسى؛ بىزدە بالا تۇغۇلۇپ قىرىقى ئىچىدە ياكى يېشىغا يەتكىچە بالا ئىمىتىۋاتقاندا قاڭشىرىنى مىجىپ تۇرۇپ ئىمىتسە قاڭشارلىق (قاڭشىرى ئېگىز) بالا بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئۇنداق قىلىشمۇ بالا چوڭ بولغاندا بۇرۇن ياللۇغى پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىككىنچى سەۋەبى.
ئۈچىنچى سەۋەب بولسا قاتتىق مىشقىرىش ئادىتى بولۇپ، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بۇرۇندىن ئاقىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى تولۇق چىقىرىۋېتىشكە ئالدىراپ قاتتىق مىشقىرىشقا ئادەتلەندۇرۇش. بۇنداق قىلىشمۇ بۇرۇن ئىچىدىكى قىلقان تومۇرلانىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى ۋە بۇرۇنغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىش كىسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
تۆتىنچىسى؛ تازىلىققا دىققەت قىلالماسلىق. زۇكام بولغاندا ياكى بۇرۇننى تازىلىغاندا تازىلىق قەغىزى ئىلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، تازىلىق قەغەزلىرى گەرچە ئاق پاكىز كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭ ماتىريالى ئىنتايىن مەينەت بولغاچقا ئېغىز ياكى بۇرۇن تازىلاشقا ئىشلىتىلسە ئاسانلا مىكرۇپلاندۇرۇپ قويىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى ياش - ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىۋاتقان يۇتقۇنچان ياللۇغى ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كۈنسايىن كۆپۈيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى؛
1. ھەر قانداق پۇراقتىن بىزارلىق ھېس قىلىش.
مەسىلەن: ئەتتىر پۇرىقى، گۈللەرنىڭ پۇرىقى، دوختۇرخانىدىكى پۇراقلار، ماشىنىنىڭ بېنزىن پۇرىقى، سىر پۇرىقى،،، قاتارلىقلارنى پۇرىغاندا بېشى قايغاندەك، كۆڭلى ئاينىغاندەك، بېشى چىڭقىلىپ ئېسىلىۋالغاندەك بىئارام بولۇش، خارامۇش ۋە دىۋەڭلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، ھەرقانداق پۇراقنى تىز سېزىۋېلىش، پۇراقلىق نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلار.
2. تولا چۈچكۈرۈش.
ئازراقلا سالقىندىسىمۇ چۈچكۈرۈش، تەرلىسىمۇ چۈچكۈرۈش، بۇرنى قىچىشقاندەك سېزىم بولۇش، بۇرنىنى تولا تۇتقىسى كېلىش، بۇرۇننى تولا كوچىلاش، بۇرۇن غىدىقلىنىشى تىز بولۇش، ھەر قېتىمدا ئارقا - ئارقىدىن كۆپ چۈچكۈرۈش، چۈچكۈرگەندىن كېيىنلا بۇرنىدىن سۇ قۇيۇلۇش، ھەتتا زۇكام بولغاندەك ئالامەت كۆرۈلۈپ بىردەمدىن كېيىنلا ئوڭشىلىپ قېلىش قاتارلىقلار.
3. بېشى ئاغرىش.
بۇرۇن ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا باشنىڭ ئالدى تەرىپى داۋاملىق ئاغرىش، ئاغرىق پەسەيتىش دارىسى ئىچىپ تۇرسىمۇ ئوخشاشلا ئاغرىش، قىزىغاندەك ۋە توڭلىغاندەك سېزىم بولۇش، ھېچ ئىش خۇشياقماسلىق، كۆزى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
   يۇقارقى ئالامەتلەر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئالامەتلىرىدۇر. شۇ ى شۇ خىل بىشارەتلەر بېرىلسىمۇ يەنە سەل قاراپ داۋالاتمىسا يامان سۈپەتلىك كېسەللىككە ئۆزگۈرۈپ قېلىش ئىھتىمالى بار. ئەڭ مۇھىمى كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىش بەكمۇ زۆرۈلدۇر.
2011.6.6

ئەسلى مەنبەسى: http://xjarcha.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=49
باشقا مۇنبەرگە يوتكىسىڭىز ئىسمىمنى ئۆچۈرىۋەتمىگيسىز! ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 04:19 PM  


روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 03:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ چوڭ قىزىم 14 ياشقا كىردى . قىزىمدا زىيادە سىزىمچانلىق ئەھۋالى بار  . مەسىلەن چاچ سوپۇنى ، ھاجەتخانا  ، دوختۇرخانا ، ئەخلەت پۇرىقى ......  ئىشقىلىپ پۇراقلى نەرسىلەر تەسىر قىلىدۇ  .
بۇنداق ۋاقىتتا بۇرنى ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۈرلىدۇ . بۇرۇن ئىچىدىمۇ ياللۇغلىنىش بولۇپ ، زىدە بوپ قالغاندەك كۈرنىدۇ . باش ئاغرىش  ، بىئاراملىق ئەھۋالىمۇ بار  . كۆپ قېتىم داۋالاتتىم ، ئەمما .ۈنۈمى ياخشى بولمىدى  .
بۇرۇننىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىغا قارشى تۇرغىدەك ئۈنۈملۈك ئامال بارمىدۇ  ؟

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

يالقۇن085

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13993
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1882 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇننىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىغا قارشى تۇرغىدەك ئۈنۈملۈك ئامال بارمىدۇ  ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88289
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللى تىبابەتتە  ئۈنۈملۈك دورسى  بارمىدۇ  ئائىلدە  قاندە  داۋالانسا  بولدۇ ؟ مەن  ۋە  ئايالىم  ئىككىلىمىز  بۇرۇن  ياللۇغى  مەن  بەكلا  بىزار  بولدۇم  خىميىلىك  دورىلارنىمۇ كۆپ  يەپ  كەتتىم تورداشلارنىڭ ياردىمىنى  ئايماسىقنى  ئۈمۈت  قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ قىزىم بۇ يىل 3 ياشقا كىردى بىر ياشقا كىرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ، ئەدىيالنىڭ يۇڭىنى يۇلۇپ تارتىپ ‹ باشقا يۇڭلۇق رەخلەرنىڭ يۇڭىنى› پۇرايدىغان ئادىتى بار، پەقەت تىزگىنلىيەلمىدۇق ، ئەكىس تەسىرى بارمىدۇ ؟ كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بۇرنىنىڭ ئىچىگە يۇڭ يىغىلىپ قالىدۇ ، بىز يۇڭنى تازلاپ ئىلىۋىتىمىز . نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق يۇڭ پۇرايدىغان ئالامەتلەرنىڭ ،قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولدىغانلىقىنى بىلدىغانلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار . رەخمەت سىلەرگە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEM^TAS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 04:49 PM  


ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 03:40 PM
مېنىڭ چوڭ قىزىم 14 ياشقا كىردى . قىزىمدا زىيادە سىزىمچان ...

تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق ئىدى؟ ئەگەر بۇرۇن ياللۇغىدا باش ئاغرىش ئەھۋالى بىرگە كۆرۈلسە داۋالاشقا سەل قارىماسلىق لازىم. مۇمكىن بولسا بۇرۇننى مەخسۇس تەكشۈرتىپ بېقىڭ.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yalkun085 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 04:28 PM
بۇرۇننىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىغا قارشى تۇرغىدەك ئۈنۈمل ...

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىستىمال قىلىدىغان ۋە سىرتتىن پۈركەيدىغان دورا بىرىلىدۇ. ئامال بار سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ يۈرگىنى ياخشى.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
masuliyat يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 04:46 PM
مىللى تىبابەتتە  ئۈنۈملۈك دورسى  بارمىدۇ  ئائىلدە  قاند ...

مىللى تىبابەتتە ئۈنۈملۈك دورىسى بار. بۇ كىسەل نەپەسلىنىشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەزادا كۆرۈلگەچكە دورا ۋە يىمەك ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 04:53 PM
تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق ئىدى؟ ئەگەر بۇرۇن ياللۇغىدا ...

بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى . زىيادە سېزىمچانلىق دەيدۇ . ھەر قانداق پۇراقلىق نەرسىلار تەسىر قىلىدۇ  . مەكتەپتىمۇ ماسكا تاقاپ ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلايدۇ  .
شۇ سەۋەبتىن ئوقۇشتىن توختىقىشنىمۇ ئويلاشقان ، بىراق ، ھازىر مەكتەپتىن چىقىرۋىلىش بىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەسكەن  .
مائارىپ ئادەمنى ئاساس قىلمايدىكەن ، بەلكى سىياسەتنى ئاساس قىلىدىكەن  .
قىزىمنىڭ بۇرنى ئىششىپ كەتكەندە ،  ‹‹ ئەنبىيشەن ، ئا چىڭمىسو ›› دورىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ  . بۇ چاغدا ئىشششىقى يانىدۇ ، يەنە داۋام قىلىدۇ .
شۇ سەۋەبلىك بېشىم بەك قېتىپ كەتتى ، نىمە قىلىشىمنى بىلمىدىم .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:00:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TEM^TAS يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 04:48 PM
مىنىڭ قىزىم بۇ يىل 3 ياشقا كىردى بىر ياشقا كىرگەندىن تا ...


بۇ نىرۋا خاراكتىرلىك ئىش، بىر مەزگىلدىن كېيىن ياخشى بوپ كىتىشىمۇ مۇمكىن. ئامال بار يۇڭلۇق رەختلەرنى پۇراتماسلىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بار پۇراقلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرغىنى ئەۋزەل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 05:01 PM  


روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش