مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2406|ئىنكاس: 12

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بالدەك تاتلىق با

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10564
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10173
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 3302 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 12:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز



    بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم قىز - ئاياللىرىمىز سۆيۈملۈك ئايال بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى بىلمەسلىك، نىكاھقا يەڭگىللىك بىلەن بىرتەرەپلىمە قاراش، نىكاھنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، جۈپتىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ قەدىرلەيدىغانلىقىغا قانائەت قىلماسلىقتەك ئازغۇنلۇق تۈپەيلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، پۇشايمانغا مۇپتىلا بولماقتا.
     جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى «ئەركەك»لىرىمىز ئۇلارنىڭ يولدىن تېيىشىغا رولچى، ئادىشىشىغا كومپاس بولماقتا. بۇنداق قوش يۆنىلىشلىك چېكىنىش ئاخىرىدا  ئۆزىمىز، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەينى زامانلاردىكى «سەنەم، شېرىن، زۆھرە، گۈلەمخان، گۈلنىسا، نوزۇگۇم....»لارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۆزگىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىكى روھ بىزدىن بارغانچە يىراقلاشماقتا.
     1. ئېنىقكى، نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىنىشى. بەزى ئاياللار تىرىشسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان تۇرۇقلۇق، ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دېيىشىدىن ياكى باشقىچە تۇيغۇدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالمايدۇ، ئاشكارىلىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللىرىدىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
    2. ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللار. بۇنداقلار ئېرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە، يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان، گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ئاياللاردۇر. شۇڭا ئاياللار سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن «ئىتائەتمەن» بولۇش بىلەن «ئۆزىنى قۇربان قىلىش»نى ئىنىق پەرقلەندۈرۈۋېلىشى لازىم.
    3. خۇشخۇي، خۇشچاقچاق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. چېھرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرۇش روھەن ساغلاملىق ھەم ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چاقچاق غەم - ئەندىشىنى يوقىتىدۇ. قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە كۆپ بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بىراق بەزى ئاياللار كۆپ ۋاقتى، زېھنىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش، غەم - ئەندىشىدە  ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردەممۇ ئېچىلمايدىغان سۆرۈن چىرايى ئېرىنىڭ نەزەرىدىكى «سۆيۈملۈك» ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
    4. سەۋەنلىكىنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېرىنىڭ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.
ئۇنداقتا سۆيۈملۈك ئايال بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟  بۇنىڭ ئۈچۈن:
     1) ئۇلار گۈزەللىكنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. گۈزەللىكنى سۆيۈش كىشىلەردىكى ئورتاقلىق. تولىستوي «ئادەملەر چىرايلىقلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈكلىكىدىن چىرايلىقتۇر» دېگەن. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىقى پىسخىكا جەھەتتىكى گۈزەللىكتۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق گۈزەللىكنى قەلب گۈزەللىكى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا ئاياللار تاشقى گۈزەلىككىمۇ مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى قەلب گۈزەللىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئاياللار «باشقىلارغا تاقابىل تۇرمىسا ياشىماق قىيىن» دەپ قاراپ، ھەممە ئىشنى تەتۈرسىگە بۇراپ، گۈزەللىكنى روھىي جەھەتتىن ئىزدىمەي، كىيىم - كېچەكتە ۋە قاتار چايدا مودا قوغلىشىش، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بېرىش - بەرمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، زىبۇ - زىننەت، پەرداز بۇيۇملىرىغا بېرىلىش، باشقىلاردىن بىرەر ئېغىز گەپنى كۆپرەك قىلىۋېلىشتەك ناچار «گۈزەللىك»نى قوغلاشماقتا. بۇ ھال ئاياللارنى ھەدېسىلا سۆلەتۋازلىق، مەنىسىز مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئىناقسىزلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ.
     2) ئاياللار ئېرىنى ۋە ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىشى كىرەك. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنىشى دەپ قارىماستىن، ئېرىنى ئۆزىگە بويسۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ - دە، ئېرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىنى توغرا چۈشىنىشى، ئۇنى قوللىشى، ئېرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بىر تەرەپنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەلۋەتتە يەنە بىر تەرەپنىڭ قوللىشىغا باغلىق. مەسىلەن، لۇشۈن ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئايالى شۈ گۇاڭپىڭ ئىش تېپىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ، لۇشۈن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنداق قىلسا ئېرىنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. دېمەك، ئاياللار ئېرى بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىش، مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىسا سۆيۈملۈك ئايال بولالىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.
      3) ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدىكى سەككىز مىنۇتقا سەل قارىماسلىقى كىرەك. بەزى نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىكى تۆت مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئەھۋالنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە نىكاھ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ سەككىز مىنۇتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئىشلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جورىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت ھەممىدىن مۇھىم. بۇ چاغدا  ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە كەيپىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى تۆت مىنۇتتا كۆپلىگەن ئەر ھاۋا رايىنىڭ ئوساللىقىدىن، قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن، خىزمەتتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئايالىنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىنى خالايدۇ. لېكىن، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھالىتىنى چۈشەنمەي، ئۆز دەردى، بالىلارنىڭ قانداق خاپا قىلغانلىقى ... دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى سۆزلەپ، كۆڭۈل ئۇتۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
     سۆيۈملۈك ئاياللار بىلەن قەدىرلىك ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى، مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىلەر ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان نىكاھ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن كامال تاپىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. شۇڭا، ئىتائەتمەنلىك، تىرىشچانلىق، ئەقىل - پاراسەت، ئىشچانلىق، باتۇرلۇق، ۋاپا - ۋىجدانلىقتەك قەلب گۈزەللىكىگە ئىگە ئاياللىرىمىز، بۈگۈنكى كۈندىمۇ، گۈزەللكىنى، قەدىرلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئېسىل پىسخىك روھىي - ھالىتىدىن ئىزدەپ، سۆيۈملۈك ئايال بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىشى كېرەك.


كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hasalhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 12:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 03:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ.
ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت – پاراغىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ.
ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14274
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 04:44:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سۆيۈملۈك ئاياللار بىلەن قەدىرلىك ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى، مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىلەر ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10710
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق ئايال بامىدۇھازىر؟

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80286
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 07:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ  پايدىلنىشى  ئۈچۈن  يوللىغان  قىممەتلىك  مەزمۇنلىرىڭىزغا  رەھمەت  .
بۇ  مەزمۇنلارنىڭ  مۇنبەر  يۈزىدىلا  يېزىلىپ  قالماستىن  بەلكى  ھەربىر  سۈيۈملۈك  
ئاياللىرىمىزنىڭ  قەلبىگە  يېزىلىشىنى  ئۈمۈد  قىلىمەن.مەنمۇ ھەم  شۇنىڭ  ئىچىدە  ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   keroran~kizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-25 07:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇنلاركەن بۇ،يەنە يىڭىلىقلا بولسا يوللاپ تۇرغايسىز.

شۇنچە كۆپ ھەرىلەر بىر كۆنەكتە بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
ۋە لىكىن ئادەملەر بۇ دۇنياغا پىتىشمايدىكەن.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11506
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8622 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:15:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
nraat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88723
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 11:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەسەلدەك تىما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:32:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار  كۈرۈشكە  تىگىشلىك تىمكەنتۇى ئەپسۇس  قىزلار  تاپالماپتۇ   بۇ تىمنى
تىما يولىغچىمۇ  باش  شەكلنى ئوزگەرتمەپتۇ  بۇ تىمنى ئۇقىغاچ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش