قۇشلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئوۋچى دەريا بويىدا تور يىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. تورنىڭ ئىچىدىكى يەملەرگە ئالدانغا بىر توپ قۇش تورغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئوۋچى تورنى يىغاي دەپ كېلىشىگىلا، قۇشلار تورنى كۆتۈرگەن پېتى پىررىدە ئۇچۇشۇپ كېتىپتۇ. قۇشلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈچىنى يىغىپ ، ئوخشاش بىر نىشانغا قاراپ تورنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كەتكىنىگە ھەيران قالغان ئوۋچى قۇشلارنى پايلاپ مېڭىپتۇ. يولدا ئوۋچىغا ئۇچرىغان بىر كىشى: - بۇنچە ئالدىراش نەگە ماڭدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ. ئوۋچى ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلارنى كۆرسىتىپ، شۇلارنى تۇتۇشقا ماڭغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن، ئۇ كىشى كۈلۈپ: -ئاللاھ ساڭا ئەقىل بەرگەي! ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنى تۇتىمەن دەپ ئەقلىڭدىن ئاداشمىغانسەن؟! - دەپتۇ. ئوۋچى: -شۇنداق! توردا بىر قۇش بولسا ئىدى، ئارقىسىدىن قوغلاپ تۇتالمايتتىم. ئەمما قاراپ تۇر، بۇلارنى تۇتىۋالىمەن.- دەپتۇ. دېگەندەك، كەچ ۋاقتى بولۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندە، قۇشلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇۋىسىغا كېتىشنى ئويلاپتۇ. بەزىسى تورنى ئورمانلىققا تارتىپتۇ، بەزىسى تاغقا، بەزىسى كۆلگە، يەنە بەزىسى چاتقاللىقلارغا...... ھېچقايسىسى بىر- بىرىنىڭ گېپىنى
ئاڭلىماپتۇ-دە، تور بىلەن بىللە ئاسماندىن پوككىدە يەرگە چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوۋچى كىلىپلا ئۇلارنى تۇتىۋاپتۇ. بىچارە قۇشلار ئەگەر پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ ئۇشبۇ ھەدىسىنى بىلگەن بولسا، بىر نىشانغا قاراپ ئۇچقان بولسا، ئوۋچىغا تۇتۇلۇپ قالمىغان بولاتتى.
<< بىر- بىرىڭلاردىن ئايرىلماڭلار، >> <<چۈنكى پادىدىن ئايرىلىپ قالغان قوي بۆرىگە يەم بولىدۇ.>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-24 03:19 PM
|