|
|
|
|
‹‹توغراق مەشرىپى››ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى 2012ـ يىللىق ۋۇيۈەن ـ جوڭگۇ يېزا-قىشلاق مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك‹‹ تاغ ناخشىللىرى›› مىللىيچە ناخشا-مۇزىكا كۆرىكى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭشى ئۆلكىسىنىڭ يېشىلزار تاغلار بىلەن ئورالغان گۈزەل ماكان ــ ۋۇ يۈەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.شىجاڭغا ۋاكالىتەن بۇ كۆرەككە قاتناشقان شايار ناھىيەسىدىكى سەنئەتكارلار «توغراق مەشرىپى» ناملىق نۇمۇرنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا شەرەپ كەلتۈردى.
بۇ پائالىيەتلەرنى جۇڭگو ئەل ئىچى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى،جاڭشى ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە ۋۇيۈەن ناھىيەسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ،كۆرەككە مەملىكەت بۇيىچە 15ئۆلكە،ئاپتونۇم رايۇندىن كەلگەن 16ۋەكىللەر گوروپپىسىدىكى 300دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئارتىسلىرى قاتنىشىپ،ئايرىم ھالدا 16نومۇر ئورۇنلىدى.كۆرەك ۋۇيۈەن ناھىيەلىك خەلق مەيدانىدىكى نەپىس بىزەلگەن چوڭ سەھنىدە ئېلىپ بېرىلدى.كۆرەكنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئالاقىدار رەھبەرلەر تەبرىك سۆزى سۆزلىدى ۋە ھەر قايسى ۋەكىللەر گوروپپىسى سەھنىگە چىقىپ،ئۆز تىلى ۋە يەرلىك شىۋىسى بۇيىچە دوستلۇق سالىمى ،بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.رىياسەتچى ‹‹شىنجاڭ ۋەكىللەر گوروپپىسى!!››دەپ ئېلان قىلغاندا, بۇ گوروپپىدىكى 17ئارتىس سەھنە ئارقىسىدىن جۇشقۇن كەيپىياتتا, خۇددىي تەڭرىتاغ يولۋىسىدەك نەرە تارتىپ يۈگىرەپ سەھنە ئالدىغا چىقىپ،رەتلىك ھالدا ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە قويۇپ تەزىم قىلىپ،ئۇيغۇرچە‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،شىنجاڭ خەلقىدىن ئوتلۇق سالام!!››دەپ سالام بىجا كەلتۈردى. كۆرەك باشلانغاندىن كېيىن ھەر قايسى ۋەكىللەر گوروپپىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئورۇنلىغان نومۇرىغا خاس كېيىنگەن ئارتىسلار ،گەرچە ھاۋا تۇتۇلۇپ،سىم-سىم يامغۇر يېغىپ تۇرغان بولسىمۇ، تەييارلاپ كەلگەن نومۇرلىرىنى ناھايىتى جۇشقۇن،خۇشال كەيپىيات ، ئۆزگىچە ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ،مەيداندىكى 10مىڭغا يېقىن تاماشىبىننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىيو-تېلېۋىزىيە،كىنو ئىدارىسى نويابىرنىڭ بېشىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹توغراق مەشرىپى››نى مەملىكەتلىك سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇردىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ،دەرھال نۇمۇرغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئارتىس ۋە دېھقان ئارتىسلارنى يىغىپ،ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئەستائىدىل مەشىق قىلدى.نەتىجىدە ،كۆرەكتە بۇ نومۇرنى ئورۇنلىغان 17نەپەر ئارتىس ناخشا-مۇزىكا،ئۇسۇل بىر گەۋدە قىلىنغان ‹‹توغراق مەشىرىپىنى نەق مەيداندا ئەمەلىي ،سۈپەتلىك ئورۇنلاپ،ئەڭ ئالىي مۇكاپات ــ ئالتۇن مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈردى.
كۆرەكتىكى ‹‹تاغ ناخشىللىرى›› ئەمەلىيەتتە دوستلۇق،ئىناقلىق ناخشىسىغا ئايلىنىپ،بۇ ياڭراق ناخشىلار ئەتراپتىكى قاتمۇ-قات گۈزەل بوستانلىق تاغلاردىن ھالقىپ يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتۇشۇپ،ھەر يۇرت،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دوستلۇق،قەلب رىشتىسىنى مەھكەم تۇتاشتۇردى.
مەنبە:ئۆزۈم.
|
|
|
|
|
|