مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3805|ئىنكاس: 57

شاتۇت قىز (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 11:35:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       psb.jpg

                                           شاتۇت قىز (ھېكايە)



    مەن بىر شاتۇت قىز، مېنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىز، دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم شۇنداق دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشى ھەرگىزمۇ مېنىڭ تۇرقۇم شاتۇتقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى بەك جىق گەپ قىلىمەن، كۈندە ئۈچ ۋاق كىيىم ئالماشتۇرىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەن ئۆزبېك، تولۇقسىزغا چىققاندا تاشكەنتتىن ئائىلە بويىچە غۇلجىغا كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇيغۇر تىلى ھەم خەنزۇ تىلىدا بەك قىينىلاتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ساۋاقداشلىرىمدىن خۇددىي شاتۇتتەك ئۇلار نېمە دېسە شۇنى دەپ ئۇيغۇر تىلى ھەم خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنەتتىم.
    مانا شۇنداق شاتۇتتەك قىلىپ يۈرۈپ، بۇ مۇھىم بولغان ئىككى تىلنى خېلى ئوبدان ئۆگەندىم، بولۇپمۇ ئىككىنچى ئانا تىلىم ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىنى ئوبدانلا پىششىق ئۆگەندىم، لېكىن شۇ ماقال - تەمسىللەرنى تولا خاتا دەپ سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالاتتىم.
    «نېمە كارىم! كۈلسە كۈلمەمدۇ» دەپ قىرىمغا ئالماي يۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانمۇ بەردىم. ئادەتتە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەكلا ياخشى ئىدى، شۇڭا ئىجتىمائىي پەندىن بەرسەم بولاتتى، لېكىن ئۇنداق جىق نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ ئاتالغۇلارنى ئۆلسەممۇ يادىلاپ بولالمايتىم، يادىلىدىم دېگەن تەقدىردىمۇ ئىمتىھاندا توغرا يېزىشىم ئاسماندىكى گەپ ئىدى، شۇنىڭ بىلەن دۆتلىكىمگە قارىماي تەبىئىي پەندىن بېرىدىغان بولدۇم. بۇنى ئاڭلاپ ئاپام - داداملار چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا تولۇق 2 يىللىقتا ئوقۇۋېتىپ فىزىكا دەرسىگە تولۇق 1 - يىللىقىنىڭ كىتابىنى كۆتۈرۈپ بارغان مەندەك ھاڭۋاقتى قىزىنىڭ شۇ پەنلەردىن ئىمتىھان بېرىپ ئەسلىدىنلا ئۆتۈش نىسبىتى يوق دېيەرلىك بولغان بۇ ئىمتىھاندىن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان نەتىجە يارىتىپ قېلىشىمنى خالىمىسا كېرەك، لېكىن ئەزەلدىن ئۆيۈمدە نېمە دېسەم شۇ بولۇپ كېلىۋاتقان مەن ئۈچۈن بۇ تەسكە توختىمايتتى ھەم مەن بۇ ئىمتىھاننى پەقەت نەچچە يىل جاپا تارتىپ، تولا كۈلكىگە قېلىپ ئوقۇغان ئوقۇشۇمنىڭ يۈزى ئۈچۈنلا بېرەتتىم.
    ئەجداتىمىزدىن تارتىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتۇق، لېكىن بىز پەقەت ئىككىلا قىز بولۇپ، دادامغا ياردەملەشكۈدەك ھەم كېيىنكى كۈنلۈكتە دادامنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغىدەك ئوغۇل يوق ئىدى، شۇڭا مەن چوقۇم دادام بىلەن تىجارەت قىلىمەن، دەپ نىيەت قىلغان.
    ئىمتىھاننىمۇ بەردىم، ئەدەبىياتنى تۇنجى پەن بولغاچقا خېلى ئەستايىدىل بەردىم، ماتېماتىكىدا ئورنۇمنىڭ ئالدىنقى رەتتە بولغىنىغا قارىماي ئۇخلاپ ئۆتكۈزدۈم، ھەممىدىن تەسكە توختىغىنى ئۇنىۋېرسال پەن بولدى، بىزگە كىرگەن كومىسسيەلەر بىر - بىرىدىن ئاكتىپ ئىكەنكى، كۆزى مەندىلا تۇردى، بىر چاغدا قۇلىقىمغا خەنزۇ كومىسسىيەنىڭ ئۇيغۇر كومىسسيەگە خەنزۇ تىلدا «بۇ ھەجەپ ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەن، ھىندىستانلىقلارغا ئوخشايدىكەن»، «مەن سالاھىيەت كېنىشكىسنى كۆردۈم ئۆزبېككەن» دېيىشكىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. «يائاللا، بىلىپ بوپتۇدە، سەن قالغان ئەمدى مېنى شۇ ھىندىستانلىققا ئوخشاتمىغان، نەرىم ئوخشايدۇ دەيمەن، توۋا، ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدىكىنا، يا مەن ئۇلاردەك قاپقارا بولمىسام» پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلاردىن ئاغرىنىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرسى يېنىك نۇقىغاندەك قىلدى. ئاستا ئارقامغا قارىدىم، كەينىمدىكى بالا مەندىن «خىمىيە سوئالىنىڭ 4 - سوئالىدىكى بوش ئورۇنغا نېمە دەپ يازىدۇ» دەپ سورىدى:
    - ئو، ما ئاداش مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ - يا، مېنىڭ ماۋۇ مودا قوغلىشىپ تاقىۋالغان ئەينىكى يوق كۆزەينىكىمگە ئالدىنىپ كەتتىمۇ بۇ بايقۇش، بوپتۇلا، ياردەم قىلىپ قوياي» شۇنداق قىلىپ ئالىيجانابلىقىم تۇتۇپ ئۇ سوئالغا قاردىم، قارسام ئۇ «ياز كۈنلىرى كىشلەر يول بويىدىكى دەرەخلەرگە ھاك سۈرتۈپ قويىدۇ، سەۋەبى» دېگەن مۇھاكىمە سوئالىكەن، شۇ زامان كاللامغا ئۆز ۋاقتىدا بىلىۋالغان جاۋابىم كەلدىدە، ئارقامغا بۇرۇلۇپلا: «سەۋەبى ئېشەك غاجىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن» دېدىم، ئۇ بالا قاراپلا قالدى، مەن خۇددىي ناھايىتى توغرا جاۋاب بېرىۋەتكەندەك قېشىمنى لىككىدە ئېتىپ قويۇپ ئالدىمغا قارىۋالدىم. تويە، مەندىن سورىغانغا، قارىسا ھالىڭنى ئات تارتالمايدۇ، سەنمۇ چاغلىقكەنسەنغۇ»
    شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىنمۇ خەنزۇ تىلىنى بېرىپ بولدۇق، ئىمتىھاندىن چىقىپ دوستلىرىمىز بىلەن ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قىزلارنىڭ «پاھ، نېمىدېگەن كېلىشكەن بالا» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم، كىمنى دەۋاتقاندۇ، دەپ ئارقامغا قاردىم، ياپاناھ، ھېلىقى مەندىن ئىمتىھان سوئالى سورىغان بالا ئۇدۇل مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى:
    - رەھمەت جۇمۇ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭىزگە.
    - ئەرزىمەيدۇ.
    ئۇ قولۇمغا بىر تال چوكا مۇز تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بىزگە قاراپ تۇراتتى، خىجىللىقتىن ئۆلەي دېدىم. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باردىم، ئۇ بېرىپ بىر قارا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
    - نېمە قىلغىنىڭىز بۇ، مەن كىچىك بالىما؟
    - ئەمسە مەن كىچىك بالىما؟
    - مەن سىزنى كىچىك بالا كۆرۈپ نېمە قىلدىم، ما گەپنى، شۇنچە تەۋەككۇل قىلىپ ياردەم قىلسام.
    - ھا ھا ھا ... ياردەم؟ سىزنىڭ شاپائىتىڭىز بىلەن بەك ياخشى مەكتەپلەرگە كېتىدىغان بولدۇم.
    - ھوي، جىننەمۇ سەن، تىنچلىقتۇ!!! مېنگە نېگە بۇنداق سۆز قىلارسەن؟ - ئۆزۈمنى باسالماي ئۇنى ئۆزبېك تىلىدا تىللاپ سالدىم، ئۇ بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ:
    - ئۇزۇر، ياخشى قىز، جىننە (ساراڭ دېگەن گەپ) ئەمەسمەن، جۈدە ھەم گۈزەلسىز، فەقەت نازى ئەمەسسىز، خەيىر مەيلى، ياخشى قالىڭ.
    ئۇمۇ ماڭا ئۆزبىك تىلىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى، خىجىللىق ھەم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېدىم، قولۇمدىكى چوكا مۇزنى زەردە بىلەن تاشلىدىمدە، دوستلىرىمنىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدىم.
    - ئاداش، نېمە بولدى، تونۇمسەن.
    - توۋا دېگىنە، - ئۇلارغا بولغان ئىشلارنى دەپ بەردىم، ئۇلار ئاڭلاپ بېقىنلىرنى تۇتۇپ كۈلۈپ ھالى قالمىدى، ئارىدىن سىنپىمىزدىكى كەچكىچە قاملاشقان، پۇلدار ئوغۇللارنىڭ ئارخېپىنى ئېنىقلاپلا يۈرىدىغان ئاسيە:
    - ھەي، ھەي، ئۇچۇ مۇشۇ غۇلجىىدىكى چوڭ باينىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۆزبېك، ئۇ تەتىل بولسىلا ئۆزبىكىستانغا چىقىپ كېـتىدىكەن، بەكھالى بارمىش، مەكتىپىدە بەك جىق قىزلار ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن ھېچكىمگە قاراپ قويمايدىكەن. ئاساسەن تىجارەتمۇ قىلىدىكەن.
    - ۋاھ، نېمانداق پەيزى، ئىسمى نېمىكەن؟ - قىزلار ھەيران بولۇشقىنچە سوراشتى.
    - بەگزاد.
    ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى ماڭا تېتىمىدى، شۇڭا يېقىن ئۆتىدىغان دوستۇم گۈلزارنى باشلاپ كېتىپ قالدىم.
    چۈنكى ئەزەلدىن ئۇنداق ئوغۇللارغا ئانچە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيتىم ھەم سىنپىمىزدىكى بەزىبىر قىزلارنىڭ بەزى ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ ئىشلاردىن تېخىمۇ قاچىدىغان ھەم ئارتۇقچە ئىشدەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
    شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېرىپ بولدۇم، كۈنلىرىم كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان بولغان نەتىجەمنى ئەل قاتارى كۈتۈش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.
    شۇ كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «ساۋاقداشلار مەكتەپ پۈتتۈرۈش يىغلىشى» بولدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم. «بارايمۇ - بارمايمۇ» دېگەن خىياللار بىلەن ئۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى، دوستلىرىمنىڭ بار ھۈنەرلىرنى ئىشقا سېلىپ كۈچىنىڭ بارىچە ياسىنىپ بارىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، لېكىن مەن ئەزەلدىن كۆينەك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەيتىم، چۈنكى بويۇم ئۇنىڭسىزمۇ ئوبدانلا ئېگىز ئىدى، شۇڭا «نېمە ئىشىم، مەن يا بىر تويغا بارمىسام» دەپ ئادەتتىكىدەك پادىچىلار شىمى ھەم ئۈستۈمگە ئۆتكەندە دادام تاشكەنتتىن ئالغاچ كەلگەن ئۆزبېك پاسۇنىدىكى ئەتلەس ھەم ئادەتتىكى رەخت ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلگەن كوپتامنى كىيىپ سۇس گىرىم قىلىپ باردىم، مەن بارغاندا ساۋاقداشلىرىم ئاللىقاچان يىغلىپ ئولتۇرۇپ بوپتىكەن، مەن ئۈچۈن ناھايىتى يات بولغان بۇ دىبانىڭ ئىشىكىدىن كىرىش ئوبدانلا ئېغىر كېلىپ، يا كىرىشىمنى بىلمەي، يا ئارقامغا يېنىپ كىتشىمنى بىلمەي تۇراتتىم، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.
    - نېمە قىلىۋاتىسەن ئاداش، بۇ يەردە خۇددى ئۆيىنى تاپالمىغان كىچىك بالىدەك قىلىپ، - ئارقامدا شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغان دوستۇم گۈلزار تۇراتتى، ئەسلىدىنلا يۈز تېرىسى ئاق، گەرچە يالاڭ قاپاق بولسىمۇ كىشىگە ناھايىتى ئوماق تەسىر بېرىدىغان بۇ قىزغا بۈگۈنكى تۈجۈپىلەپ قىلىنغان گىرىملىرى ھەم ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان كۆينىكى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى .
    - ۋۇييۇ، كىمۇ بۇ، نېمانداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭ، مەن شۇ يالغۇز كىرەلمەي،...
    - نەدىكىنى، سەنمۇ نەق ئۆزبېكلا بوپسەن، چىرايىڭغا قارىسا ھىندىستانلىق، كىيىنىشىڭگە قارىسا ئۆزبېكچە، مەنمۇ ئەمدى كەلدىم، جۈرە ئەمسە كىرەيلى.
    نېمىشقىدۇر گۈلزارنىڭ بۇ گەپلىرى ئەسلىدىنلا قورۇنۇپ ئاران تۇرغان مېنى تېخىمۇ بىر قىسىم قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن تېخى كىرمىگەن بۇ سورۇندىن قايتىپ كېتىشنى ئويلاشقا باشلىدىم.
    ئىشىكتىن كىرىپلا كۆز ئالدىمدا رەڭگارەڭ چىراغ، شۇ چىراغلار ئاستىدىكى رەڭگارەڭ ياسىنىۋالغان قىزلار ھەم شۇ قىزلارغا توغرا - ناتوغرا خىياللار بىلەن تەلمۈرۈشۈپ ئولتۇرغان ئوغۇللار بولدى.
    - بىزنىڭ بالىلار ئاۋۇ ئورۇندىكەن. گۈلزار شۇنداق دەپلا قولۇمدىن تارتىپ ساۋاقداشلىرىمىز تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.
    - ۋۇي، كىملەر بۇلار، كېلىڭلار، يائاللا، ھەجەب تەستە كەلدىڭلار، - سىنىپ باشلىقىمىز بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
    - قاراڭلار، مانا بىزنىڭ «ئۆزبېك شاتۇتمۇ» بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ، سېنىڭ مىللىتىڭنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس جۇمۇ، چىرايىڭ ھىندىستانلىقنىڭ ئۆزى، لېكىن ئۆزۈڭ ئۆزبېك، ئەمما تىلىڭ ئۇيغۇرچە، ھا ھا ...
    ئىلگىرى بۇنداق گەپلەرگە شۇ زامات تېگىشلىك گەپ قايتۇرۇپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدىغان مەن بۈگۈن نېمىشقىدۇر ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرماي كۈلۈپ قويۇپلا ئولتۇردۇم، بۇ تاسادىپىي ئەھۋالدىن ھەيران بولغان ساۋاقداشلىرىم ھەيران بولغىنچە بىر - بىرىگە قارىشىپ قويدى.
    سورۇن كۈلكە - چاقچاق، ئۇسسۇل - تانسىلار بىلەن ناھايىتى قىزىپ كېتىپ باراتتى، لېكىن مەن خۇددىي «قەپەز ئىچىگە سولىنىپ قالغان قۇش» تەك ھېچ بىر ئېچىلىپ ئولتۇرالمايتىم، مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىممۇ يېنىمغا كېلىپ نېمە بولغانلىقىمنى سورىدى، مەن «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ» دەپ يالغان ئېيتىپ قويدۇم، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بېشىم ئەمەس، خېلى يەرلىرىم ئاغرىۋاتاتتى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىۋالغان، يېشىنىڭ كىچىكلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇرسىمۇ، ئۆزىگە ياراشمىغان ھالەتتە گىرىم قىلىۋالغان، يەنە تېخى نومۇس قىلماي رومكا سوقۇشتۇرۇپ ئولتۇرغان قىزلار، شۇ قىزلارغا «قاچان قولۇمغا چۈشەر» دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ياش بالىلار، خىجىل بولماي يەر تېگىدىن قاراپ ئولتۇرغان داداشلار، بىر - بىرىگە ھاياسىزلارچە ئېسىلىشىپ ئۆز كۆڭلىدە «لەيلى - مەجنۇندەك» ياخشى كۆرۈشىدىغان، ئەمما قىلىۋاتقان قىلىقلىرىنى ھايۋانمۇ قىلمايدىغان زامانىمىزدىكى ئاتالمىش ›ئاشۇق - مەشۇقلار‹ مېنى ئوبدانلا ئاغرىتىپ قويۇۋاتاتتى.
    بۇ يەرگە كەلگىنىمگە مىڭ يېرىمدىن پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئۇدۇلمىزدىكى ئورۇندا ماڭا قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى كۆرۈپ قالدىم.
    ئو، «چوكا مۇز»، ئۇ دەل ئۆتكەندە مەن ئىمتىھاندا ياردەم قىلغان، شۇنىڭ يۈزى بىلەن مېنى چوكا مۇز بىلەن مېھمان قىلغان بەگزاد ئىدى، ئۇ ماڭا خۇددى مېنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى تەسلىكتە ئولتۇرۇۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغاندەك، ›ھە، ياردەم قىلىش نۆۋىتى ئەمدى ماڭا كەلدىمۇ؟‹دېگەندەك قاراپ ئولتۇراتتى.
    بۇ يەردە ئولتۇرۇشۇم تېخىمۇ تەسكە چۈشتى، لېكىن ئىلگىرى دەرستىن قېچىش ماھىرى بولغان مەن مۇشۇ ۋاقىتتا ھېچبىر ئامال تاپالمايۋاتاتتىم، شۇنداق ئېغىر مىنۇتلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزەلمەي ئولتۇرسام، ماڭا تەڭلەنگەن قول مېنى تېخىمۇ تەس كۈنگە قويدى.
    - تانسا ئوينامدۇق؟ - ئالدىمدا مەن ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغان، سىنپىمىزدىكى ئەڭ سۇيۇق، شاللاق دەپ نام ئالغان دىلشات مەست، كۆزلىرنى ئەلەڭ - سەلەڭ قىلىپ تۇراتتى.
    - مەن بىلمەيمەن، - شۇنداق دەپلا ئۇنى رەت قىلدىم مەن.
    - ۋوي، ھالىڭىزنى يوغان قىلماڭە، بۇ يەرگە شۇ ئوينايمىز دەپ كەلگەن، قوپۇڭە.
    ئۇنىڭ ھاياسىزلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن تېنىم شۈركەندى - دە، ئەتراپىمغا قاپقانغا چۈشۈپ قالغان شاتۇتتەك ئەتراپىمغا نىجادلىق ئىزدەپ قارىدىم، لېكىن ماڭا ياردەم قىلغۇدەك بىر ئادەم يوق ئىدى، ھەتتا دوستۇم گۈلزارمۇ سەھنىدە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئاساستا پېرقىراۋاتاتتى.
    كاللامغا يالت قىلىپ›چوكا مۇز‹ كەلدى - دە، ھەم بۇ خىيالىمدىن ۋاز كېچىشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۇ ئولتۇرغان تەرەپكە قارىدىم.
    لېكىن ئۇ ئولتۇرغان ئورون بوش ئىدى.
    ئۇنىڭ ئورنىنىڭ بوشلۇقىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە يىغا كەلدى، بۇ ئالدىمدىكى ھاراقنى كاللىسىغا ئىچكەن ساراڭدىن ھېچبىر قۇتۇلىدىغاندەك قىلمايتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ھازىر بىر قول ئويناپ ئەتە ئۇ مەستلىكىدىن سەگىگەندە ئۇنى تازا بىر تىللاپ ئۆچۈمنى ئالماقچى بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناشقا باشلىدىم، لېكىن ئۇ مەستمۇ ياكى شاللاقلىقى تۇتتىمۇ تۇيۇقسىز مېنى ئۆزىگە يېقىن تارتىشقا، بېلىمنى تۇتقان قولى سەل - پەل ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى، نېرۋام شۇنداق ئۆرلىدى، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ئىكەنلىكىم يادىمغا كېلىپ ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم، دىلشات مەن ئۆزۈمنى بىسۋالغانسېرى مېنى ئىلگىرىكى تارتىپ بولغۇچە›ئاھ، جىنىم‹ دەپ بولىدىغان قىزلىرىغا ئوخشىتىپ قالدىمۇ، ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى.
    تاقىتىم توشتى، ئۇنى كۈچەپ ئىتتەردىم - دە، يۈزىگە تەستەك بىلەن بىرنى سالدىم، تۇيۇقسز تەگكەن بۇ تاياقتىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن دىلشات مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى، شۇ ئارىدا ئۇنىڭ قولىنى كاپ قىلىپ بىر قول تۇتتى، بەگزاد!!! كۆز ئالدىم يورۇغاندەك بولدى - دە، دەرھال كونتروللۇقۇمنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم.
    - قانداق، نامەرد نەرسىسەن، نەچچە يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىڭغا خىجىل بولماي قول كۆتۈرۈۋاتامسەن؟
    - سېنىڭ نېمە ئىشىڭ بۇ يەردە، - دىلشات ئۇنى ئۇرماقچى بولۇپ بەگزادنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى.
    ›بولدى، ھەي، بولدى قىلىڭلار‹ كىملەركىن بىلمىدىم بىرنەچچە بالىلار ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشتى، قورقۇپ روھىم چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالغانمەن، بەگزاد قولۇمدىن تارتىپ ماڭغاندىلا ئېسىمگە كەلدىم.
    - سومكام بارتى مېنىڭ؟ - مەن يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم، شۇ ئارىدا دوستۇم گۈلزار سومكامنى ئولتۇرغان يېرىمىزدىن ئەكىلىپ ماڭا بەردى.
    ئۇنىڭ كەينىدىن قوينىڭ قوزىسىدەك ماڭدىم، كۆزۈمدىن ياشلار توختىماي چۈشمەكتە ئىدى، كۆز ئالدىمدا دىلشاتنىڭ قول كۆتۈرگەن ھالىتى، قىلغان ئەدەبسىز ھەرىكەتلىرى كېلېۋېلىپ تېخمۇ يىغا تۇتۇپ كېتىپ باراتتى.
    - ئۆزىڭىز تانسا ئويناشقا قوپۇپ يەنە نېمىگە يىغلايسىز؟
    - نېمە؟ - بەگزادنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ گېپى ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كەلدى.
    - نېمە دېگىنىڭىز بۇ،مەن ساۋاقدىشىم دەپ قوپۇپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەستكەن، قورقوپ شۇ قوپۇپتىمەن.
    - ھې، قىزىق گەپ بولدى - دە بۇ، مەست ئادەمدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغان نەدە بار، غەلىتە ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزلا قىلامسىز، غەلىتە جاۋابنىڭ ھەممىسى سىزدىن چىقامدۇ نېمە؟
    كاللامغا ›سىزنىڭ نېمە ئىشىڭىز، ئوينامدىم، ئوينىمامدىم‹دېگۈم كەلدى - يۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ئېسمگە كېلىپ ›ياخشى كۆڭلۈڭگە ئېشەك تەپسۇن‹ دېگەندەك ئىش بولمىسۇن، دەپ گەپ قىلماي جىم تۇردۇم.
    - چىقىڭە ماشىنىغا، نېمە قاراپ تۇرىسىز؟
    ئۇنىڭ قوپاللىق بىلەن قىلغان بۇ گېپى غۇرۇرىمغاشۇنداق تەگكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كەچتە قەيەردىن ماشىنا توسۇپ، قانداق كېتىشىمنى بىلمەي ھەم دىلشاتنىڭ ئارقامدىن چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ماشىنىغا چىقتىم.
    «خەپ، چوكا مۇز، بۇ ئۆچۈمنى ھامان بىر كۈنى ئالىمەن»
    - نېمە گەپ قىلمايسىز، قىلغان ياردىمىمگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاۋاتامسىز؟
    - ھە، ياقەي.
    تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيۈمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىماي مەھەللەم تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقى دىققىتىمنى تارتتى.
    - سىز ئۆيۈمنى بىلەمسىزما؟
    - ئەلۋەتتە، ئىشەك غاجىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دەرەخلەرنى ھاك بىلەن ئاقارتىپ قويىدىغان مەھەللىگە قىزىقىدۇ - دە ھەممە كىشى.
    - ھەجەبكەنسىز، مەن شۇ سىزگە بىلىدىغان جاۋابىمنى دېگەن، - دېدىممەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ تۇرۇپ.
    - چاقچاق، شاتۇت، بىر نەۋرە ھەدەمنىڭ ئۆيى سىز بىلەن بىر مەھەللىدە، شۇ يەردە مەن سىزنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن.
    - سىز قانداق بىلىسىز ئەمدى ئۇ لەقىمىمنى.
    - ؟؟؟؟؟؟؟- ئۇ بوش قىلىپ بىر نېمىلەرنى دېدى، لېكىن مەن پەقەت ئاڭلىيالمىدىم. ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم سوراي دېدىم، لېكىن ئۇنىڭ مېنى زاڭلىق قېلىشىدىن قورقۇپ سورىيالمىدىم.
    ئۆيۈمگە يېتىپ كەلدۇق، ماشىنىدىن خۇددىي ئۇ مېنى تۇتۇۋالىدىغاندەك ئىتتىك چۈشتۈم - دە، بەگزاد ئولتۇرغان تەرەپتىكى دەرىزە تۈۋىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىۋالغان 10 يۈەن پۇلنى بەردىم.
    - رەھمەت ھە، شوپۇر ئۇستام.
    - بۇ، بۇ، نېمە قىلغىنىڭىز ئەمدى، ساراڭمۇ سىز ...
    ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى ھاۋادا يوقاپ كەتتى. ئۆيگە كىرىپمۇ كۈلۈپ ھالىم قالمىدى، بەگزادتىن ئۆچۈمنى ئىلىۋالغىنىمغا خوش بولۇپ ساراڭ بولاي دېدىم، لېكىن دىلشاتتن ئۆچۈمنى پۇخادىن چىققۇدەك ئالالمىغانلىقىمدىن بىئاراممۇ بولدۇم.
    «سېنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيمەن، ساڭىمۇ جاۋابنى ئوبدان قايتۇرىمەن، ئالدىرىما دىلشات»
    تۇيۇقسىز تېلېفونۇمغا كەلگەن ئۇچۇر خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى، شېرىن خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتكەن بۇ ئۇچۇردىن خاپا بولغىنىمچە تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇچۇرنى ئوقۇدۇم، ئوقۇدۇم - يۇ، بېشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
    ئاۋۋال ئۇچۇر كەلگەن ئۇ ناتونۇش نومۇردىن ھەيران بولدۇم، ئۇنىڭدىكى گەپلەر، بولۇپمۇ بۇ ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن كىشى مېنى تېخىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى.
   ›ئۆتكەندە سىزدىن ياردەم سوراپ بەك پۇشايمان قىلغان ئىدىم، بۈگۈن سىزگە ياردەم قىلىپ تېخىمۇ پۇشايمان قىلدىم، لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىشىشى ھەم ئۆزئارا ياردەم قىلىشىشىمىز بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەقىدەخان،
ياخشى چۈش كۆرۈڭ، سىز ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق، ھە راست، ئەمدى بۇنداق ئۇچۇرنى كۈندە قوبۇل قىلىپ تۇرسىز.         بەگزاد.‹
   ›بۇ بالا سەل چاتاقمۇ ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تونۇشى بارمۇ؟ ئىسمىمنى بىلسۇن، ئۆيۈمنىمۇ بىلسۇن، تېلېفون نومۇرۇمنى قانداق بىلدىكىنە؟‹
    ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇراي دەپ ئويلىدىم - يۇ، لېكىن سەۋەبسىز كەلگەن بۇ ئۇچۇرغا بىر موچەن پۇلۇمنى زايە قىلغىم كەلمىدى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى نەپرەتلەنگەن ئاساستا ئۇنتۇپ كەتتىم، لېكىن راست بەگزاد دېگەندەك ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرنى كۈندە ھەرخىل مەزمۇندا قوبۇل قىلىپ تۇردۇم، لېكىن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئەۋەتىپ ھارمىدى، مەنمۇ قوبۇل قىلىپ ھارمىدىم، ھەتتا ئۆزۈمچە سەھەردە قوپۇپلا تېلېفونۇمغا قارايدىغان، بۇرۇن ئۆيدە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تېلېفونۇمنى تاشلاپ قويۇپ خاتىرجەم يۈرىدىغان ئادەم، تېلېفونۇمنى مىنۇت يېنىمدىن ئايرىمايدىغان بولدۇم.
    «نېمە بولدۇممەن، ھەر قانچە بولسا بۇ بەگزادنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن - ھە؟ ‹كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەن؟› دەپ كۆنۈپ قالمىغاندىمەن - ھە؟ ياق، ياق، ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، ەن دېگەن شاتۇت قىز، بۇنداق ئاسان بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالمايمەن» شۇنداق دەپ ئۆزۈمگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتىم - يۇ، لېكىن ماۋۇ شاتۇتتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان كۆڭلۈم يەنە شۇ بەگزادنىڭ ئۇچۇرلىرى تەرەپكە تىڭ - تىڭلاپ كېتىپ قالاتتى.
    شۇ كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە نەتىجىمىز چىقتى، مېنىڭ نەتىجەم دەھشەت چىقتىكىن، ئاتا - ئانام بىلىپ يا كۈلۈشىنى، يا يىغلىشىنى بىلەلمەي قالدى، بەلكىم مۇمكىن بولسا قايتىدىن ئۆزبېكىستانغا كېتىشنىمۇ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئامالىم قانچە، ھېلىمۇ مۇشۇنچىلىك تىرىشتىم، مەن يا باشقىلارغا ئوخشاش كىچىكىمدىن باشلاپ بۇ يەردە ئوقۇمىغان تۇرسام، مۇشۇ يەردە ئوقۇيمەن دەپ قانچىلىك كۈلكىگە قالدىممەن، شاتۇت قىز دېگەن نامغىمۇ ئېرىشتىم.
    تازا كۆڭلۈم يېرىم ئولتۇرسام گۈلزار تېلېفۇن قىلىپ قالدى.
    - ۋەي، ئاداش، بارمۇ سەن، نەتىجەڭنى بىلدىڭما؟
    تېلېفوننى ئېلىپلا ئاڭلىغان بۇ گەپتىن نېرۋام سەكسەنگە ئۆرلىدى.
    - ھە بىلدىم، 243، ماتېماتىكىدا 30 ئاپتىمەن، ئاۋۇ ئاخىرىدىكى 3 فىزىكىدا ئالغان نومۇرۇم.
    گۈلزاردىن ھېچ سادا چىقمىدى، بەلكىم كۈلگىسى كېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك.
    - كۈلگۈڭ كېلىۋاتقاندۇ تازا، كۈلۈۋال.
    - نېمە دەيدىغانسەن ئاداش، بولدى سەنمۇ بەرىبىر مۇنداقلا بەرگەنغۇ، ئويلىما بولدى، چىقە سېنى مېھمان قىلىمەن.
    راست ياكى يالغاندىن قىلىنغان بولسۇن، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىقتىم.
    گۈلزار بىلەن كۆرۈشۈپ ھامبۇرگ بولكىسى يېيىش ئۈچۈن ماڭدۇق، تۇيۇقسىز تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى. بەگزاد ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۇ بۇنداق مۇھىم ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ مېنى چوقۇم زاڭلىق قىلىۋالاتتى.
    «شاتۇت، قانداق ئەھۋالىڭىز، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يىل نومۇرچەك 240 بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ بەك خۇشال كېتىپ بارسىز 243 نومۇرنى ئېلىپ»
    بېشىمغا بىرسى توقماق بىلەن ئۇرغاندەك بولۇپ كەتتىم «توۋا، بۇنىمۇ بىلىپ بوپتۇدە، ئۇھ، ھەجەب زېرىكتىم» ئۇنى تازا بىر تىللاپ ئۇچۇر يازاي دەپ ئويلىدىم - يۇ، لېكىن يەنىلا بۇنداق ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن بىر موچەن پۇلۇمنى زايەقىلغۇم كەلمىدى. «بوپتۇلا، بايقۇش ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىۋالسۇن»
    - ئاپام!!!
    گۈلزارنىڭ تۇيۇقسز ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئالدىمىزغىلا بىر قارا ماشىنا يېقىن كېلىپ يولىمىزنى توساپ توختىدى.
    يەنە شۇ بەگزاد، ماشىنا ئىچىدە ئۇ بىر ئاغىنىسى بىلەن ئولتۇراتتى.
    - ھە، ئەقىدەخان، نەگە.
    - نېمە ئىشىڭىز، ھەممىنى سىزگە دوكلات قىلىدىغان داداممىتىڭىز؟
    - دادىڭىز ئەمەس، يىگىتىڭىز مەن.
    - نېمە؟!
     - يالغانما، سىزگە قانداق بىلمەيمەن، لېكىن مەن سىزنى قىز دوستۇم دەپ ئويلاپ يۈرگىنىمگە خېلى بولدى.
    ئاچچىق ھەم خىجىللىقتىن ئۆلەي دېدىم.
    - ساراڭمۇسىز - ئوڭمۇ، خالسىڭىز قىز دوستۇم دەيدىغانغا، سىز باي غوجامنىڭ ئوغلى، مەن قول ئاستىڭلاردىكى چاكىرىڭلارنىڭ قىزى ئەمەس، قىزىقچىمۇ بۇ ئاداش.
    - ھا ھا ھا... - ئۇنىڭ ئاغىنىسى ھەم ئۇ تەڭ كۈلۈپ كەتتى، قارىسام گۈلزارمۇ كۈلۈپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ بېقىنىنى بىرنى چىمدىدىم.
    -ماڭە، گۈلزار كېتمىز، - شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتۈپ ماڭدىم.
    - ھامان بىر كۈنى يىگىتىڭىز بولىمەن، قاراپ تۇرۇڭ.
    ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى، ۋاي توۋا، ساراڭكىنە بۇ؟ شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا.
    ئۇلۇغ ئاللا مېنى ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇر، شۇنداق دەپ ئۆز ئۆزۈمگە غوتولدۇغۇنىمچە كەتتىم.
    بارماقچى بولغان يېرىمىزگىمۇ كەلدۇق، گۈلزار كۈلۈپلا تۇراتتى.
    - نېمىگە كۈلىسەن دەيمەن، مەن خىجىلچىلىقتا قالسام ساڭا ئويۇن بولۇۋاتامدا؟
    - ئاداش، نېمانداق تەلەيلىكسەن، بەگزادنى قانچىلىك قىزلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ بەك رومانتىككەن ئۇ، خۇددىي كىنولاردىكىدەك، يا سىلەر ئۆزبېكلەرنىڭ يىگىتلىرى مۇشۇنداق بولامدۇ؟
    - نېمە، رومانتىك؟ قېلىنلىق دەيمىز ئاداش بۇنى.
    يەنە ئۇچۇر كەلدى، ۋايجان، بىلسەم - بىلمىسەم بەگزاد.
    «ئەقىدە، بايامقى ئىشتىن كەچۈرۈم سورايمەن، گەرچە سىزنى خىجىللىقتىن يىغلاپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمىساممۇ، لېكىن يەنىلا سەت بولدى، مەن سىزنى راستلا ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ، ئاللا خالىسا سىز بىلەن توي قىلىمەن، بۇ نىيىتىمدىن ھەرگىز يانمايمەن، سىزنى سۆيىمەن»
    بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ نېمىشقىدۇر يۈرىكىم سېلىپ كەتتى، ھەتتا كۈلۈمسىرەپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
    - ھوي، نېمە بولدى ساڭا، قارىغاندا بەگزادتىن كەلگەن ئوخشىمامدۇ، خاپا بولىسەن تېخى، ئەمەلىيەتتە سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىسەن...
    - يوق گەپنى قىلمىغىنە ساراڭ...
    «ياق، ياق، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەسمەن ھە؟ بۇ قانداقسىگە ئەمدى، ئۇ بەك توڭ قاپاق، كىشىنى ئاياشنى پەقەت بىلمەيدۇ ھەم ئۇنى بەك جىق قىزلار ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم، توي قىلسام ئۇلاردىن كۈنلەپلا ئۆتەمدۇ كۈنۈم، ياق، بۇنداق سۆلەتۋاز بەگزادىلەر سۇيۇق كېلىدۇ، ئۆزۈڭنى بىلىۋال شاتۇت، بولمايدۇ.
                                                          (داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tatlik920 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 11:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 11:37:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام تورداشلار ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ،سالامەت تۇرغانسىلەر ،مەن بۇ ئەسىرىمىنى تەڭرىتاغ مۇنبىرگە بەرگەن ،بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىپ سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى بىرشىڭلارنى توغرا كۆردۈم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئەتىۋا›نىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرىكەندە بۇ؟
داۋامىغا تەشنا جۇمۇ بىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 01:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86786
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم ،داۋامىغا تەشنامەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچانمۇ يوللارسى ئەمدى

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73514
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 02:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشې   چىقىپتۇ    ،  لېكىن  داۋامنى   قاچان    يۇللارسىز   

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5795
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 03:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشىكەن. داۋامىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45474
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  قاچان  يازىسىز  ؟ ؟ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45474
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 04:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز  بەك  ياخشى  چىقىپتۇ . . . . . «تەڭرىتاغ» مۇنبىرىدىن  ئىزدەپ  ئوقۇغاچ  تۇراي . . . . راست  گەپنى  قىلسام   ئەسىرىڭىز  مىنى  بەك  جەلپ  قىلىۋالدى . . . .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش