|
|
|
|
دېكابىرنىڭ ئاخىرقى ئاخشىمى. قار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان ئاشۇ كوچىدا ئاستا كېتىۋاتىمەن. كوچا چىراقلىرىدىن تارىغان يورۇقلۇق ئەتراپقا يېيىلغان قار ئۈستىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. كېتىۋاتىمەن، چاچلىرىم ئارىسىغا سىڭىپ كىرىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى مەڭزىمنى سۆيۈۋاتقان قار مەلىكىلىرى ۋىلىقلىشىپ كۈلگىنىچە، چېھرىم قېتىغاسىڭىپ كەتتى.
ئېرىنچەك قارلار گوياكى لەيلەپ چۈشىۋاتقان ئاق پەيلەرگە ئوخشايىتتى. ئۇلارنى شۇ تاپتىكى خىرامان كۆزلىرىمگە، بىلىنەر- بىلىنمەس تىنىقلىرىمغا يوشۇرغىنىمچە كېتىۋاتىمەن.ئۇلارنىڭ ئاداققى تەبەسسۇمى چىراق نۇرىدا ئاخىرقى جۇلالىسىنى سوۋغا قىلاتتى. ئەي قارلار، كېلىڭلار. ۋۇجۇدۇمنىمۇ مەخمەل كەبى تىنىچلىق، پاكلىق پەرەنجىلىرى بىلەن ئوراڭلار، ئازاپلىرىمنىمۇ ئوراپ، ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىن خالاس قىلىڭلار.
يوقالغان ئۆتمۈشۈمگە ئوخشاش تىنىچلانغان پىنھانىم قۇپقۇرۇق ئىدى. ئەمما زىمىستاننىڭ بۈگۈنىدە ئىللىق بىر سېزىم مېنى ھىلىدىن - ھىلىغا باغاشلايىتتى. بۇ رەڭگى ئۆڭگەن خىيابانىمدا جاھىللىق بىلەن مۆكۈنۈپ، ئەمدىلىكتە تۇيۇقسىز ئۆزىنى ئاشكارىلىشىنى نىمە دەي. مېڭەمنى يۇيۇشۇم يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان چېغى.دېكابىرنىڭ ئاخىرقى ئاخشىمى، تىمتاسلىق قاپلىغان پىنھان بۇ كېچە. مەن يالغۇز، خىياللىرىممۇ يالغۇز، ھەتتا چىراغ، ئاي يورۇقىدا كۆرۈنگەن سايەممۇ يالغۇز.ئاستا ئەركىلىشىپ، بىر- بىرىنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقان شاماللار يەرگە ئەمدىلا قونغان مامۇقتەك قار توزانلىرىنى ئۇچۇرتۇپ يۈرەتتى.
مەنبە: ( يۈرۈگۈمنى ئوقۇپ باققىن) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|