پەرى مەسەل چاڭچى قىز ئارزۇ شاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ چاڭ بىلەن تەڭ قوش بۇلبۇل كەبى سايرىدى.شۇ تەرىقىدە بىرنەچچە پەدە ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن سازنى توختىتىپ شاھقا دېدى:
-ئەي شاھ سۆلەتلىك،مۇنەۋۋەر يۇلتۇزلۇق،دانا-دۆلەتلىك مېھمان! مەن شاھ بەھرامنى بەكمۇ كېلىشكەن كىشى دەپ ئاڭلىغان ئېدىم.كىمىكى شاھ بەھرامنى-ئۇ ئالىيجاناپ زات ۋە ،مىھرى ئاتەش دىلئارامنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا سىزنىڭ جامالىڭىزغا بىر قېتىم باقسا كۇپايە بولىدىكەن.چۈنكى سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە بەھرامنىڭ قىياپىتى نەقىش قىلىنغاندۇر.ئۇلۇغۋار ھالىتىڭىز،سەرۋىدەك قەددىڭىز،مەغرۇر خىرامىڭىزدا باردۇر چەكسىز ھەددىڭىز.سىز بىر قورىقماس شىر يۈرەكسىز،تېنىڭىز مىسلى پىل.چوقۇمكى جەڭدىكى شىددىتىڭىز يۈز شىرچە باردۇر.چىرايىڭىز پۈتۈنلەي گۈلنارغا ئوخشايدۇ.بەلكى رەڭگىڭىزنى لالىگۈل بىلەن سېلىشتۇرۇشمۇ مۇۋاپىق بولار.كەڭ يەلكىڭىز تۆگىدەك،كېلىشكەن بەستىڭىز شۇ قەدەر بەقۇۋۋەتكى، بەئەينى بىستۇن تېغىنى كۆتۈرۈۋەتكۈدەك.مەن ئارزۇ شۇ تاپ تېنىڭىزنىڭ ئارمىنىنى يېمەكتىمەن.پۈتكۈل ھاياتىم يولۇڭىزدا پىدا بولسۇن.
گۈزەل مەھلىقادىن بۇ مەقامدىكى شۇنچىۋالا شىرىن سۆزنى ئاڭلىغاندا شاھ ھەقىقەتەن شام كەبى ئېرىپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى.شۇ تاپ ئۇنىڭ قەلبىنى ‹‹ئىشىق›› ناملىق بالا چۇلغىۋالغان ئېدى.ئۇ مەيدىن ئەمەس بەلكى، ئارزۇنىڭ ئىشقىدىن مەست بولغان ئېدى. مەستلىك كىشىنى نىمىلەرنى دېگۈزمەيدۇ دەيسىز.مەست يالغان سۆزلىيەلمەيدۇ.كۆڭلىدە نىمە بولسا تەخىرسىزلا دەپ سالىدۇ.شاھمۇ شۇنداق قىلدى.ئۇ ساھىپخانغا يۈزلىنىپ ئۇنىڭدىن قىزىنى سورىدى:
-ئەي ساخاۋەتلىك زات،مەن سىزدىن بىر تىلەك تىلەيمەن.تىلىكىمنى رەت قىلمايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
-ئەي مېھمان،قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئېيتىۋېرىڭ.مەن قولۇمدىن كەلسىلا ئورۇنلاپ بېرەي.
-دىن يولىنى تۇتۇپ قىزىڭىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بېرىڭ.قەلبىم بۇ ھىممىتىڭىزدىن سۆيۈنۈپ سىزگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ.
زەرگەر ماھيار بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىدىن سورىدى:
-ئەي قىزىم ئارزۇ،مېھماننىڭ تەلىپىنى سىزمۇ ئاڭلىدىڭىز.قېنى ئېيتىڭا، بۇ شىر يۈرەككە راستىنلا مەيلىڭىز بارمۇ؟!
-جان ئاتا،ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىز مەن ئۈچۈن ئىزگۈ.ئەگەر دىلىڭىزدا شۇنداق ياخشى نىيەت بار بولسا مەن رايىڭىزنى قوبۇل قىلىپ گۇشەسىپكە يار بولاي.چۈنكى بۇ ئەزىز ئوغلان بەئەينى بەھرام سۈپەتتۇر.سىز ماڭا شۇنداق ياخشى بىر تەكلىپنى بېرىۋاتسىڭىز رەت قىلاتتىممۇ؟! بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى رەت قىلىدىغانغا مەن نادان ئەمەس.
ماھيار قىزىنى مۇنداق تېزلا ماقۇللۇق جاۋابى بېرىۋېتەر دەپ ئويلىمىغان ئېدى.شۇڭا لال بولۇپ تۇرۇپ قالدى.ھەر ئىككىلا تەرەپ رازى بولۇۋاتقان مۇنداق شارائىتتا ئۇلارنى رەت قىلىش مۈمكىن ئەمەس ئېدى.لېكىن ماھيار بەھرامدىن خاتىرجەم بولالمىدى.چۈنكى بۇ پەيتتە ئۇ مەست ئېدى.مەستلەر خۇدىنى بىلەلمەيدۇ.ئاسان ھاياجانلىنىدۇ.ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ.مەستلىكتىن يېشىلگەندىن كېيىن بولسا قىلغان ئىشىغا پۇشايمان يەپ مەستلىكتە بەرگەن شىرىن ۋەدىسىدىن تېنىۋالىدۇ.شۇنداق ئىكەن بۇ توي ئىشىغا بۇ كەچتە ھۆكۈم چىقىرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى.شۇڭا ئۇ بەھرامدىن سورىدى:
-ئەي مەرد ئەزىمەت،پەھلىۋانى بەركامال.سىز قىزىمنى باشتىن ئاياغ تولۇق كۈزەتتىڭىز.ئۇنىڭ چىرايىغا قول قويدىڭىز، لېكىن ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھۈنەرلىرىنى تېخىمۇكەممەل سىناپ باقمىدىڭىز.ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن راستىنلا توي قىلىش نىيىتىڭىز بولسا، ئۇنى چىن قەلبىڭىزدىن ئىنتاھان قىلىپ بېقىڭ.پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەي پەيلىنى بىلىڭ.قىزىم بەدۆلەت ھەم چىرايدا تەڭسىزدۇر.ئۇ يېنىمىزدا تولۇن ئايدەك نۇر چ ېچىپ تۇرسا ئۇنى بۇ جەھەتتە يەنە تەرىپلەۋېرىشنىڭ نىممە پايدىسى؟مەن داڭلىق زەردارمەن،مەشھۇر گۆھەرپۇرۇشمەن. كىمىكى مېنىڭ گۆھەرلىرىمنى ھېساپلىسا بەلكىم شاھنىڭ بايلىقلىرىدىنمۇ كۆپ چىقىشى مۈمكىن.توي ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ھازىرچە بولدى قىلايلى.سىز ھازىر ئۇخلاپ ،بۇ كېچە ئوبدان ئارام ئېلىڭ. ھازىرچە باشقا گەپنى قويۇپ، قولۇمدىن بۇ لىق مەي تولدۇرۇلغان جامنى ئېلىپ ئىچىۋېتىڭ.توي ئىشى نازۇك ئىش،شۇنداقلا ئۆمۈرلۇك ئىش.شۇنداق ئىكەن ئۇنى كەيىپلىكتە بىكىتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.ئۇلۇغلار :‹‹ھەرقانداق ئىشنى ئاسايىشلىق چاغدا بېجىرىڭلار!›› دەپ ئەسكەرتكەن.تەكلىپىم شۇكى،ھازىر يېتىپ تاكى كۈن چىققۇچە،ۋەزىر-ۋۇزرالار توپلاشقىچە قانغۇدەك ئۇخلاپ ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يەنە داستىخان تەييارلاپ ئۇلۇغلارنى،دانالارنى،ئەللامەلەرنى چاقىرايلى.بۇ ئىشنى شۇلار بار سورۇندا مەسلىھەت قىلىپ شۇلارنىڭ پىكرى ۋە قارارى بويىچە بېكىتەيلى.چۈنكى تۈندىكى ۋەدىدە ئىناۋەت يوقتۇر.كەيىپلىكتە دېيىلگەن سۆز خەيرلىك ئەمەس.بۇ پەرىدۇن دەۋرىدىن باشلاپ ھەممە ئەمەل قىلىۋاتقان قائىدە.ئاقىللار بۇ ئىشىمىزنى بىلسە:‹‹ ئىنساپتىن ۋە ئەقىلدىن چىقىپسىلەر›› دەپ بىزنى ئەيىپلىمىسۇن يەنە؟!
بەھرام جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-كىم بىلەم كىمنىڭ توي قىلىشى تەقدىردە تەڭرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.شۇنداق ئىكەن ئەقلى بار كىشى بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ‹‹ئاقىۋىتى قانداق بولار؟›› دەپ پال ئېچىپ يۈرمەي تەڭرىگە تەۋەككۈل قىلىدۇ.بۇ كەچ كۆڭلۈم بۇ چاڭچى قىزغا مايىل بولدى.شۇڭا سىز تۈرلۈك ئەندىشە ۋە گۇمانلاردىن كېچىپ بىزنىڭ بىرگە بولۇشۇمىزغا رۇخسەت قىلىڭ.
بۇزرۇكۋار بۇ گەپتىن تەڭلىك تارتىپ ئارىسالدى بولدى.شۇڭا قىزىنىڭ رايىنى سورىدى:
-ئەي قىزىم ئارزۇ، قېنى دىلىڭدىكىنى سۆزلە! بۇ ئادەم ساڭا ئەر بولۇشقا ئەرزىمدىكەن؟
-مەن ئۇنى كۆرگەن چېغىمدىلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە مۇھەببەت زوقى پەيدا بولغان ئېدى.شۇڭا تەڭرى ھەققىدە دۇئا قىلىپ بىزنىڭ قوشۇلۇشىمىزغا رۇخسەت قىلىڭ.ئۇ توغرا دەيدۇ.ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ تەقدىرى تەڭرىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش.شۇنداق قىلسىڭىزلا ياراتقان ئىگەم قىلمىشلىرىڭىزدىن غەزەپلەنمەيدۇ.
-رايىڭ شۇنداق بولسا مەيلى،مەنمۇ قوشۇلدۇم.ئەمىسە پاك نىيەت يولىغا قەدەم قويۇپ بۇ كېچە ئۇنىڭغا ياستۇقداش بولغىن.
شۇنداق قىلىپ ماھيار قىزىنى بەھرامغا جۈپلەپ قويدى...
تېخى تاڭ ئاتمىغاندا شاھنىڭ خاس خىزمەتكارى شاھ بەھرامنىڭ شاھانە قامچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماھيار دەرگاھىدىكى ئىگىز، شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى چۈشكىدەك يەرگە ئېسىپ قويدى.ئارزۇ شاھ بەھرام بىلەن ئۆز خانىسىگە ئۆتكەن چاغدا قورادىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقىغا غەرق بولغان ئېدى.
ماھيار ھەممە خانىلارنى چارلاپ ‹‹گۇشەسىپ››نىڭ ئىشىدىن خەۋەردار بولدى. ئۇ خىزمەتكارغا مۇنداق تاپىلىدى:
-تېزدىن قوزىدىن بىرنى كەلتۈرگىن. گۇشەسىپنى يۇمشاق قوزى گۆشى بىلەن مېھمان قىلايلى.داستىخان قايتىدىن زىننەتكە كىرىپ بىباھا نېمەتلەر بىلەن تېخىمۇ موللاشسۇن.گۇشەسىپكە ئاگاھ بولۇپ ئۇ ئويغانغان ھامان ماڭا خەۋەر قىل.ئۇنىڭ ناشتىلىقىغا بوزا بىلەن گۆشلۈك غىزا بېرىپ، كافۇرى قەدەھلەردە مەي تۇتايلى.
زەرگەر شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ ئۇخلاشقا ياتتى.شېرىن ئۇيقۇ تېنىگە ئارام بېرىپ پىنەككە كەتتى.
سۇبھىدە تاڭ نۇرى مۇنەۋۋەر بولۇپ قۇياشنىڭ يورۇق تاجى قىزىل ياقۇتتەك تاۋلىنىپ چىققاندا پارلانغان زىمىندا يېڭى بىر كۈنلۈك ھايات باشلاندى.شاھ بەھرامنىڭ نەيزە قالقان كۆتۈرگەن لەشكەرلىرىدىن نەچچە مىڭى ماھيارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا-شاھنىڭ قامچىسى ئېسىلغان مۇقەددەس جايغا كەلدى.ئۇلارنىڭ كۆزى قامچىغا چۈشكەن ھامان بىر بىرلەپ ئۇنى كۆزىگە سۈرۈپ تاۋاپ قىلىشتى. نەيزە قالقان گۈرزىلەر بىلەن تولۇق قۇراللانغان بۇنچە كۆپ لەشكەردىن مەيدانمۇ تىترەيتتى.ماھيارنىڭ كۈزەتچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق ھودۇققىنىچە پالاقلاپ كىرىپ خوجايىنىنى ئويغاتتى:
-ئەي خوجايىن،تېزدىن چىقىپ سىرتقا قاراپ باقسىلا،ئۇيقىدىن كېچىپ جاھان ئالەمدىن خەۋەر ئالسىلا.دەرۋازىمىز ئالدىنى لەشكەر قاپلاپ كەتتى.ئۇلار ھەممىسى دەرۋازىمىز ئۈستىگە ئېسىلغان بىر شاھانە قامچىنى تاۋاپ قىلىشىپ تۇرىدۇ.ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆيىمىزدىكى مېھمان شاھى جاھان ئوخشايدۇ.دېمەك ئۇ بىزدەك بىر بىخەستە بىناۋانىڭ خاندانىدا قونۇپتۇ.
ماھيار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۇشيار بولدى.بۇ خەۋەر قەلبىنى شۇنچىۋالا خۇش قىلىۋەتتى.شۇنداقتىمۇ ئىشەنگىسى كەلمىگەندەك سورىدى:
-نىمىگە ئاساسەن بۇنداق گەپنى قىلىسىەن،ئۆيىمىزدىكى مېھماننىڭ شاھىنشاھ ئىكەنلىكنى قانداق بىلىسەن؟
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇردى.ئەقلى بۇ سىرنىڭ تەكتىنى ئىدراك قىلالمايۋاتاتتى.شۇڭا خىزمەتكارىغا ۋارقىرىدى:
-دېگەنلىرىڭ راست گەپ ئەمەس.ئەقلى–ھۇشى جايىدا كىشىلەر ھەرگىزمۇ مۇنداق ئەپسانە سۆزنى قىلمايدۇ.بىر دۆلەتنىڭ شاھىنشاھى قانداقمۇ مېنىڭدەك ئاددىي بىر زەرگەرنىڭ ئۆيىدە قونۇپ يۈرسۇن.
-ئايا جاھاندار،بۇنداق بىھۇدە ئاچچىقلانمىغايلا،مەن راست سۆزلەۋاتىمەن.بۈگۈن بەخت-ئامەت سىلىگە كۈلۈپ بېقىپتۇ. شاھىنشاھىمىزنىڭ ئۇلۇغ نەزىرى سىلىگە چۈشۈپتۇ.ئىشەنمىسىلە سىرتقا چىقىپ قاراپ باقسىلا،دەرۋازا ئالدىدا سەپكە تىزىلىپ ئېھتىرام بىلەن تۇرغان قوشۇن شۇنچە مولكى،سانىنى ئېلىپ بولماس.ئۆتكىلى يولمۇ چىقماس.شۇ تاپتا كىمىكى بۇ دەرگاھقا كېلىپ قالسا بۇ قوشۇننىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ كونا پالازدا ناماز ئوقۇپ گۇناھىنى تىلەيدۇ.ئەتىگەن قۇياش تېخى نۇرىنى چاچماستىن بۇرۇن قورادىكى نۆكەرلەردىن بىرى سىرتقا ئالدىراپ چىقىپ قولىدىكى مېھماننىڭ زەر دەستىلىك،گۆھەردەك جۇلالىق ئىسىل قامچىسىنى دەرۋازا بېشىغا ئىلىپ قويدى.شۇنىڭدىن كېيىنلا بۇ جاي مۇقەددەس ماكانغا ئايلاندى.ئەمدى سىلى گەپنى سوزماي مەي كەيپىنى ئۇنتۇپ مېھمان بىلەن بولسىلا،سەۋەپسىز ھېچقانداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقنى ئويلىسىلا.
شۇ دەمدە كۈزەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان قېرى زەرگەرنى تىترەك باستى.ئۇ ئەلەم بىلەن دېدى:
-ئاھ ئېسىت،مەن شاھنشاھ ئالدىدا نىمە دەپ مەست بولۇپ قالغاندىمەن،نېمىدەپ قىزىمغىمۇ مەي ئىچۈرۈپ مەيپەرەست قىلىۋەتكەندىمەن؟!
ماھيار شۇئان قىزىنىڭ ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى.قىزىنى سىرتقا چاقىرىپ ئۇنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلدى:
-ئەي ئازادە خۇلۇقلۇق ئاي يۈزلۈك پەرى! ھۇشير بولغىن،كېچە خانىدانىمىزغا كېلىپ قونغان زات شاھىنشاھىمىز بەھرام ئىكەن.بۇراستتۇر،شۈبھىسزدۇر.ئۇ قۇلان ئوۋىغا چىقىپ ئۇ يەردىن يانغان ئىكەن. ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئارامگاھىمىز لازىم بولغاچقا بۇ يەرگە كىرگەن ئىكەن.سەن چاپسان رۇمچە شاھانە لىباسلىرىڭنى كىيىپ چىققىن.بېشىڭغا خاس پاك تاجىڭنى قوندۇرغىن.بىساتىڭدىن ئۈچ تال قىزىل ياقۇت ئالغىن دە شاھقا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغىن.چېھرى قۇياش كەبى پارلاق شاھىنشاھنى كۆرگەندە قولۇڭنى كۆكسۈڭگە قويۇپ تازىم قىلىپ تۇرغىن.سۆز قىلسا كۆزىگە تىكىلىپ قارىماي ھايا بىلەن باق.كېچە ئۇ سېنىخوتۇنلۇققا سوراپ ئالدى شۇڭا ئۇنى يات كۆرسەڭمۇ بولمايدۇ.تەنمەھرەملىك بىلەن يېقىن تۇرۇپ، سۇئال سورىسا يېقىملىق سۆزلەر بىلەن جاۋاپ بەر.شەرمى-ھايا،نازۇ-كەرەشمىلەردە بىمىسال كامىل بولغىن.دائىم يېنىغا كىرىۋالماي شاھ چاقىرغان چاغلاردىلا كىرگىن.ئۇ سېنى قۇل ئورنىدا كۆرسە قۇللار ئورنىدا،مەلىكىلەر ئورنىدا كۆرسە ئەزىزىلەر ئورنىدا ئولتۇرغىن.كېچە مەنمۇ ئۇ مۇبارەك زاتنى تونۇيالماي يېنىدا يانمۇ-يان ئولتۇرۇپتىمەن.ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەي ئىچىپتىمەن.شۇ تاپتا تېنىم پارا-پارە بولۇپ ئۇستىخىنىم سۇنۇپ كېتىدىغاندەك خىجىللىق ھىس قىلىۋاتىمەن.
شۇ مەھەلدە خىزمەتكار يېڭى خەۋەر يەتكۈزدى:
-مۆتىبەر شاھ ئالىيلىرى ئۇيقىدىن ئويغاندى!
شاھ ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن دەسلەپ باش كۆزلىرىنى يۇيۇپ پاكلاندى، ئاندىن باققا چىقىپ باغنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ۋە ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلاندى.قۇياش تەلئەتلىك پادىشاھ قۇياشقا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تۇرۇپ تەڭرىگە مىڭ قەتلە شۈكرى تەسەننا ئوقۇدى.ئاندىن ئۇ ئاستاغىنە چۈشكۈن قىلغان خانىسىگە قايتتى. خادىمغا بۇيرۇدى:
-بىر جام مەي كەلتۈرۈلسۇن، ئارزۇنى يېنىمغا چاقىرىۋەت! ئۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.
بۇيرۇق بەجا كەلتۈرۈلدى.بېشىغا تاج تاقاپ توزدەك ياسانغان،بىر قولىدا مەي كۆتۈرگەن ئارزۇ كېنىزەكلىرى بىلەن يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى تولۇن ئايدەك جىلۋە قىلىپ شاھ يېنىغا كىردى.ئۇ كىرىپلا شاھ ئالدىدا تىزلاندى.يەر سۆيۈپ تازىم قىلدى.شاھ كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ ئامراق گۈزىلىگە ئىلتىپات كۆرسەتتى. چىرايىدىن تەبەسسۈم ياغۇرغان ھالدا ئۆزىدىن يىراقلىشىش سەۋەبىنى سورىدى:
-سۆزلىگىنچۇ ئەي گۈزىلىم،نىچۈن مېنىڭ كەيپىمنى لال قىلىپ مەندىن يىراقلاشتىڭ؟ ماڭا باشقا نەرسە تەييارلىمىساڭمۇ ئوقۇغان ناخشاڭ بىلەن سەن چالغان چاڭ يېتەرلىك ئەمەسمىدى؟ كېچە ئوۋ توغرىسدا بىر ناخشا ئوقۇغان ئېدىڭ،ئەشۇ ناخشىنى قايتا ئېيت.ناۋايىڭ پەلەككە ياڭرىسۇن!
شاھ يەنە گۆھەرپۇرۇشنىمۇ سۈرۈشتۈردى:
-ئاخشام قىزغىن مېھماندوست بولۇپ يېنىمدا ئولتۇرغان،مەن بىلەن مەي ئىچىشكەن گۆھەرپۇرۇش نەگە كەتتى؟
قىز بۇگەپنى ئاڭلاپ دەرھال دادىسىنى چاقىرتتى.چال دەرھال كىرىپ كەلدى.ئەمما بۇرۇنقىدەك ھالەتتە ئەمەس تاتىرىپ،بەكلا قورۇنۇپ تەستە كىردى.كىرىپلا شاھ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئارقىمۇ-ئارقا تازىم قىلىپ كەتتى.
داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-23 09:54 PM