قاغا بولسا ئۆلپىتىڭ.....
قاغا بولسا ئۆلپىتىڭ يىيىشىڭمۇ پوق بۇلۇر،
ياخشىلارغا يانداشساڭ كۆكسى قارنىڭ توق بولۇر.
ئادەم بولۇپ يارىلىپ ياشىمىساڭ ئادەمدەك،
ئىزسىز نامۇ-نىشانىڭ يەر شارىدىن يوق بولۇر.
يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەننىڭ بېشىدىمۇ تاجى يوق،
بەلكى تېخى خۇرسىنىش پىشانىسىگە دوق بولۇر.
لوتپۇللادەك ئۆلۈمگە تىز پۈكمىگەن قەھرىمان-
نۇزۇگۇمدەك چېچەننىڭ ئىش-ئىزلىرى ئوق بولۇر.
ئۆلچىنىدۇ قىممىتىڭ ئەلگە قانچە ھىممىتىڭ،
شىلتىڭ ئاتقان- قەۋمىگە، ئاخىر بىر كۈن شۇك بولۇر.
ئەل دۇئاسى ئىجاۋەت ئۆز خەلقىڭگە يارىساڭ،
ئۇ تىلەيدۇ ئامەتنى ئېرىشكىنىڭ قوش بولۇر.
تەڭگە-تىللا كۆزۈڭنى ھەقتىن باتىل قالدۇرۇپ،
دوست-دۈشمەننى بىلمىسەڭ ساڭا بىر كۈن سوت بولۇر.
ئۆز ئۇۋىسىغا ھۈرىگەن ئىتقا چۈشەر قوتۇرمۇ،
شۇ ئىت كەبى سەن خارسەن-قەددىڭ پۈكۈك دوك بولۇر.
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-23 09:08 PM