|
|
|
|
مىسىرانىمدىكىلەرگە چاخچاق شېئىرىي چاخچاق شۈكران كىلىپ يىراق يېقىندىن، مىسىرانىمنىڭ ھويلىسىغا. تېما يوللاپ چۈشۈپتۇق، ھۆكمىراننىڭ قويمىسىغا. سەللىسىگە قاراپلاپ، يوللاپ قاپتۇق تېمىنى. دېھقان مەن دەپ تۇز غۇجام، دەسسەپ چىقار پىمىنى. كەپتەر دەيدۇ بىرى بار، نادىرلىمەس ياخشىنى. پار يەمدىكىن بىلمىدۇق، تىللاپ قويۇپ ساختىنى. قابىلجانمۇ جىم ياتماي، يۆتكەپ قۇيار تېمىنى. ئېنكاس يېزىپ بەزىلەر، ئىتتىرىدۇ كېمىنى. دوسكا گۇيا مىسىرانىم، ئاڭا قاراپ تۇرىمىز. چىقىپ قالسا ھەجىۋىي، تۈتۈپ دەسسەپ ئۇرىمىز. پايلاپ ياتساق يازىدۇ، پول توغرىدا بىر نەرسە. چېۋىندەكلا ياتىمىز، كاشكى ئازلا نەپ بەرسە. شەھۋەت... ناچار تېمىلار، ئايلىنىدۇ قىزىققا. قوچاق يېزىپ كۈلىمىز، ئاستىدىكى سىزىققا. تىللىشىمىز بەزىدە، پۈشۈپ كىتىپ ئىچىمىز. سېستىپ ئېنكاس ئورنىنى، نۇمۇس قىلماي چىچىمىز. ئۈلگۈرمەيدۇ ياماننى، ئوقۇپ، چۈشۈنۈپ ئۆچۈرۈش. بىلىپ تۇرۇپ سېسىقنى، داۋاملىشار كۆچۈرۈش. يامان تېما يوللىسا، ئېنكاس يازىمىز كەلتۈرۈپ. مۇشلىشىمىز، ياقىلىشىپ، غايىۋانە بەل تۈرۈپ... ماختىمايمىز ياخشىنى، زاڭلىق قىلىپ كۈلىمىز. يازالمايمىز ئۆزىمىز، كىچىك شۇنداق كۆزىمىز. بولسا لاۋزا، تېتىقسىز، ئىز قوغلىشىپ كۆرىمىز. يامان يولدىن قايتايلى، بىز-بىر بەندە، ئۆلىمىز.
|
|
|
|
|
|