|
|
|
|
2012 -يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىئو-كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋىلىش دالا يۈگىرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىگە 22 ئىدارە-ئورگانلاردىن بۇلۇپ، 406 نەپەر ماھىر قاتناشتى.مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھىيىمىزنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بايىر مۇھىم سۆز قىلدى ھەم ماھىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى.قاتناش ساقچىلىرى، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار مۇسابىقىنىڭ تەرتىۋىنى قوغداپ، مۇسابىقىنىڭ غەلبىلىك ئاياغلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ كۈنى يوللار ناھايىتى تېيىلغاق بۇلسىمۇ، ماھىرلارنىڭ يۈگىرىشىگە توسالغا بولالمىدى. ماھىرلار ئاخىرقى نوقتىغا پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىدى. مۇسابىقە ئاخىردا نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. (خېجىڭ ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتىن ۋەلىجان جاپپار)
|
|
|
|
|
|