مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 626|ئىنكاس: 15

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە «دىۋان» نىڭ يېزىلىشىغا دائىر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 05:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە «دىۋانو لۇغاتىت تۈرك» نىڭ يېزىلىشىغا دائىر ئوخشىمىغان قاراشلار ھەققىدە

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات

مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىنسىپلوپىدىك ئالىمى، تىلشۇناس، ئۆزىدە سەيياھلىق سۈپەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر مىللەتشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي مىڭ يىللاردىن بىرى ئۆلمەس ئەجىر مېۋىسى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹دىۋان› دېيلىدۇ) ناملىق ئەسىرى بىلەن پۈتكۈل تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ پەخرىدۇر.
ئالىمىمىز تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىق خاتىرىسى شەرىپىگە دۇنيا بويىچە 2008 -يىلى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بىكىتىلىپ، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە مەملىكىتىمىز پايتەختى بېيجىڭدا دەبدەبىلىك خاتىرىلەش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
«دىۋان» ھەققىدىكى تۇنجى مەلۇمات مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى بەدرىددىن مەھمۇد (ۋاپاتى مىلادىيە 1360 - يىلى) نىڭ «زامان ئەھلىنىڭ تارىخىدىن ئۈنچىلەر» ناملىق تارىخ كىتابىدا ئۇچرايدۇ. بەدرىددىن مەھمۇد بۇ كىتابىنىڭ بىرىنچى جىلىدىنى يېزىشتا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان» ىدىن پايدىلانغان ۋە بىر قېسىم رىۋايەتلەرنى ئىزاھلاشتا «بۇنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دىۋانىدا كۆردۈم»① دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن. بەدرىددىن مەھمۇد يەنە بىر قورساق قېرىندىشى شاھابىددىن ئەھمەد بىلەن بىرلىكتە يازغان «تارىخۇش شىھابى - زامانداشلارىنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسسىي تارىخ» ناملىق ئەسىرىنىمۇ «دىۋان» دىن پايدىلىنىپ يازغان. مىسىردا ياشىغان كاشغەرلىك شەيخ ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىيمۇ مىلادىيە 1363 - يىلى يازغان «سائادەت تاجىلىرى ۋە ھاكىمەت ئۇنۋانلىرى» ناملىق كىتابىدا «دىۋان» دىن بەزى نەقىللەرنى كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇستافا ئىبنى ئابدۇللا ئۆزىنىڭ «گۇمانلارنىڭ ئېچىلىشى» ناملىق كىتابىدىمۇ «دىۋان» نى تىلغا ئالغان. بۇ مەلۇماتلاردىن «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك» ناملىق بىر مەشھۇر كىتابنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ لېكىن تا 1914 - يىلىغا كەلگۈچە «دىۋان» نىڭ ھېچقانداق بىر قوليازما نۇسخىسى تېپىلمىغان. 1914 - يىلى ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ سابىق مالىيە ۋەزىرلىرىدىن بولغان نازىف پاشانىڭ شەخسى كۇتۇبخانىسىدا «دىۋان» نىڭ بىر قوليازما نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، «دىۋان» نىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا قىلىنغان بۇ بىردىن بىر قوليازما نۇسخىسىنى ئىراننىڭ ساۋە دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ دەمەشقتە ياشىغان مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبۇلفەتھى دېگەن كىشى ھېجىرىيە 664 - يىلى شەۋۋال ئېيى«ھىجىرىيە ھېسابىدا ئونىنچى ئاي) نىڭ 27 - كۈنى (مىلادىيە 1266 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1- كۈنى) دۈشەنبە كۆچۈرۈپ تاماملىغان. ھازىر بۇ كۆچۈرۈلگەن قوليازما ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ دېگەن يېرىدىكى خەلق كۇتۇبخانىسىدا №4189 نومۇر بىلەن ساقلانماقتا.
ئەپسۇسكى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ۋاستىلىك تەتقىقاتلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى سەۋەبىدىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتى بىر نەچچە خىل قىلىپلىشىپ قالغان كۆز - قاراشلار دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمىدى. بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامىنى يۈكسەك ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىپ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمىز بىلەن، ھەقدار ئەۋلادلىرى تۇرۇقلۇق بوۋىمىزنىڭ ھاياتى ۋە  پائالىيتى ھەققىدە ئىلمىي ئاساسى ئاجىز ياكى پۈتۈنلەي ئاساسسىز بولغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ بۈيۈك زاتنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتۇق. ھەتتا چەتئەل تەتقىقاتچلىرىنىڭ (مەسىلەن ئىبنۇل ئەسىر، پىرىستاك، بارتولىدلارنىڭ) مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان يۈزەكى قاراشلىرىنى ئىشەنچلىك مەلۇمات سۈپتىدە تەكرارلاپ يۈردۇق.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى ھاياتى ۋە پائالىيتى ھەققىدە «دىۋان» دا بىر نەچچە جايدا ئۆزىنىڭ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ۋە يۇرتىنى تىلغا ئالىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇب ئىكەنلىكىنىلا ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «دىۋان» نى قاچان يېزىشقا كىرىشىپ قاچان ئاخىرلاشتۇرغىنىنى، نېمە ئۈچۈن يازغىنىنى ۋە كىمگە ئارمىغان (تەقدىم) قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ۋە ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئالىمدىن كېيىن «دىۋان» نى كۆچۈرگەن كاتىبلار تەرىپىدىنمۇ ئالىم ھەققىدە بىرەر يېڭى ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ھەتتا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى زىكرى قىلىنغان تارىخ كىتابلىرىدىمۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە «دىۋان» نىڭ يېزىلىشىغا دائىر ئېنىق مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ. بىز ئىستانبۇل فاتىھ خەلق كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دىۋان»نىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن تۈركىيەدە 1941 - يىلى نەشىر قىلىنغان فاكسىمىلغا (بۇ فاكسىمىل نۇسخا 2008 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۆز ئەينى بويىچە نەشىر قىلىندى)  قارايدىغان بولساق، بۇ قوليازمىنىڭ بەزى جايلىرىغا تۈزىتىش بېرىلگەن ۋە چۈشۈپ قالغان جايلىرىنىڭ تولۇقلانغان، شۇنداقلا ھاشىيەلىرىگە زۆرۈر ئەسكەرتىش ھەم ئىزاھلار قىستۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ قوليازما كېيىنچىلىك مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەنگەنلىكى مەلۇم. «دىۋان» قوليازمىنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى تېكىست قىسمىنىڭ ئۈستىگە «مۇھەممەد بىن ئەھمەد خەتىب» دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ ئاستىغا «كىتاب دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دەپ كىتاب نامى، ئۇنىڭ ئاستىغا «تالىف مەھمۇد بىن ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد ئەلكاشغەرىي رەھمەتۇللاھ» دەپ يېزىلىپ، ئاستىغا بىر بەت ئاخىرلاشقۇچە ئىزاھات بېرىلگەن②. ئېنىقكى بۇ ئىزاھات مۇشۇ بەتنىڭ ئۈستىگە ئىسمى يېزىلغان مۇھەممەد بىن خەتىب دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈندۇر «دىۋان» نىڭ 1980 - يىلدىكى تۇنجى نەشرى ھەم 2008 - يىلدىكى ئككىنچى قېتىملىق نەشىردە بۇ ئىزاھات قالدۇرىۋېتىلگەن. دەل مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ باش قىسمىدىن بىز مەزكۇر كىتابنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى، مۇئەللىپنىڭ ئىسمىنىڭ مەھمۇد، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھۈسەيىن، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، ئۆزىنىڭ كاشغەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
يەنە مۇشۇ قوليازمىنىڭ 2- بېتىنىڭ 6- قۇرىدا «ئەمدى مۇھەممەد ئوغلى ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇدنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز»③ دېگەن ئىبارە، 69 - بېتىنىڭ 4 - قۇرىدا «كىتابنىڭ ئىگىسى مەھمۇد مۇنداق دەيدۇ»④ دېگەن جۈملە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا «دېۋان» دىكى «بارسغان» سۆزىگە بېرىلگەن ئىزاھاتتىمۇ «برسغان - ئافراسىيابنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى. بارسغان شەھرىنى شۇ بىنا قىلدۇرغان، بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھرىدۇر»⑤ دېيىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي يەنە مۈچەل توغىرلىق توختالغاندا: «مەھمۇد قەشقەرى ئېيتىدۇكى: ‹بۇ كىتابنى يازغان يىلىمىز توت يۇز ئاتمىش ئالتىنچى يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ، يىلان يىلى كىرگەن ئىدى...›⑥.
مەھمۇد كاشغەرىي يەنە ئۆز ئىسمىنى بىر نەچچە جايدا تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىمنىڭ نەسەبى ۋە ھاياتى پائالىيتى ھەققىدە بىز ھېچقانداق مەلۇماتنى يولۇقتۇرمايمىز. بەلكى ئالىمنىڭ «كاشغەرىي» تەخەللۇسىمۇ ئىھتىمال كىتاب كۆچۈرگەن كاتىبلار تەرىپىدىن قوشۇپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئىلمىي ئاساسىي ئاجىز ياكى مۇتلەق ئاساسسىز قاراشلارنى توغرىلاش ھەم ئالىمنىڭ ھاياتىنى بىۋاستە تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن مۇئەييەن بىردەكلىككە ئېگە قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ بىزنىڭ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ روھى ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيتى ئالدىدا باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن پەخىرلىك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي خۇسۇسىغا بېغىشلانغان بۇ ماقالەمدە، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئالىم توغرىسىدىكى بەزىبىر تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ئىلمىي ئاساسىي ئاجىزراق بولغان پىكىرلەرگە قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن؛

1.        مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە تەرجىمھالى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن، نېمە ئۈچۈندۇر ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىل نامىلىرى تولىمۇ يىنىكلىك بىلەن بىر نەچچە مەنبەلەردە بىر نەچچە خىل كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن: ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىنلەر تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 - يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» ناملىق كىتابتا «مەھمۇد قەشقىرى تەخمىنەن مىلادىيەنىڭ 1008 - يىللى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بىر پايتەختتى قەشقەرگە تەۋە ئوپال يىزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغان...ئۇلۇغ ئالىم مىلادىيە 1105 - يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولۇپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغان»⑦، دەپ كۆرسىتىلسە، ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى(1) » ناملىق كىتابتا «مەھمۇد كاشغەرىي 1019 - يىلى كاشغەر كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ ئوپال يىزىسى ئازىق (كېيىن «قۇمباغ» دەپ ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلار خان جەمەتىگە مەنسۇپ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن...ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى كاشغەرگە قايتىپ كېلىپ،  1134 يىلى ۋاپات بولغان»⑧، دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە «ئىبراھىم مۇتئى ئىلمىي ماقالىلىرى» نامىلىق كىتابتا «...شۇڭا پىرىستاكنىڭ مۆلچەرىچە مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ مىلادىيە 991 - 999 - يىللىرى، ھۈسەين بىن مۇھەممەد 1010 - 1019 - يىللىرى  تۇغۇلغان دېيىلسە، ئۇ چاغدا تازا توغرا بولمىسىمۇ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەخمىنەن مىلادىيە 1028 - 1037 يىللى ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ...ئەگەر ئۇنى ‹97 يېشىدا ۋاپات بولدى› دېگەن رىۋايەت توغرا بولسا، يۇقىرىدىكى پەرىزىمىز بويىچە ئالىمنىڭ ۋاپاتى 1126 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ»⑨، دەپ بىر بىرىگە چاك باسمايدىغان پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىلمىي ئاساسىي ئاجىز قاراشلار ھېلىھەم توختىغىنى يوق. مەسىلەن، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 3 - سانىدا ئاراپاتگۈل ئوسماننىڭ قەلىمىگە مەنسۇب «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› » ناملىق  ماقالىسىدە ئاپتور ئاراپاتگۈل ئوسمان تولىمۇ يېنىكلىك بىلەن مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ئۇنىڭ ئەسىرىدە قەيت قىلغان بايانلىرىدىن ئۇنىڭ 11 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرى، يەنى 1030 - يىللار ئەتراپىدا ھازىرقى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوپال يىزىسىدا قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئاسانلا جەزىملەشتۈرەلەيمىز...ئۇ 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى 1090 - يىللىرى ئەتراپىدا 60 - نەچچە يېشىدا تۇغۇلغان يۇرتى قەشقەر ئوپالدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان»⑩.
ئاراپاتگۈل ئوسماننىڭ بۇ بايانلىرىغا قارىتا بىزدە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ؛ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قايسى ئەسىرىدىكى قايسى بايانلىرىدىن بۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز؟
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بىزگە مەلۇم بولغىنى پەقەت «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىن ئىبارەت بىرلا ئەسىرى. «جاۋاھىرۇن نەھۋى فى لۇغەتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى) ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىغىنى جامال قارشى «سۇراھ لۇغىتىگە ئىزاھ» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ نەقىلنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ زاماندىشى ئابدۇلغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىينىڭ «تارىخى كاشغەر» ناملىق ئەسىرىدىن ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن تا ھازىرغىچە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «جاۋاھىرۇن نەھۋى فى لۇغەتىت تۈرك» ھەم ئابدۇلغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىينىڭ «تارىخى كاشغەر» ناملىق ئەسەرلىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىي پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتى پائالىيتىگە ئائىت يىلنامىلاردىن پەقەت «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى يازغان ۋاقىتىنىلا ئېنىق ئەسكەرتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتى توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەلۇماتنى «دىۋان» دىن ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، ئاراپاتگۈل ئوسماننىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتىغا دائىر بۇ قاراشنى  ئاسانلا جەزىملەشتۈرەلىگىنىنى بىز كەسكىن رەت قىلىمىز.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلۇشى ھەم ۋاپاتى ھەققىدە كۆرسىتىلگەن يۇقىرىقى يىلنامىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت پەرەز ۋە تەخمىنلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنمىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتى توغرىسىدا پەقەت بىزگە ئېنىق بولغىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان» نى يازغان يىلى ھەققىدە ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدۇر. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان» نىڭ ئاخىرىسىغا مۇنداق ئەسكەرتكەن: «كىتابنى 464 - يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشكەن ئىدىم. تۆت قېتىم قايتا يېزىپ، تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ 466 - يىلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 10 - كۈنى دۈشەنبە تۈگەتتىم»⑪.
لېكىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان ھەر خىل رىۋايەتلەردىمۇ بىر بىرىگە زىت مەزمۇنلار بار. بەزىلەر ئاشۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرىينى 1080 - يىلى باغداتتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، قەشقەر ئەتراپىدىكى ئوپالغا ماكانلىشىپ «مەھمۇدىيە» ناملىق بىر مەدرىس ئېچىپ، ئون يىل مۇددەرسلىك قىلغاندىن كېيىن 1090 - يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئوخشاش مەزمۇندىكى يەنە بىر رىۋايەتتە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 89 يېشىدا باغداتتىن قايتىپ كېلىپ 1105 يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ؛ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان ۋە 1791 - يىلى يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان «تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام» ناملىق تەزكىرىگە ئاساسلانغاندا مەھمۇد كاشغەرىي باغداتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلىپ 1084 - 1085 - يىللىرى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. بۇ رىۋايەتلەردىكى يىلنامىلەر بىر - بىرىگە ئازراقمۇ يېقىن كەلمىگەچكە بىرەرسىنىمۇ «ماۋۇسى راست» دەپ بىكىتىشكە ئاجىزمىز. لېكىن بۇ رىۋايەتلەردە ئوخشاشلا ئالىمنىڭ 97 يېشىدا ئۆز يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغانلىقى بىردەكلىككە ئىگە بولغاچقا بىزمۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 97 يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى تەستىقلايمىز.
تۈركىيەلىك مەشھۇر مەھمۇد كاشغەرىيشۇناس شۈكرۇ خالۇك ئاكالىنمۇ «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 1008 - يىلى تۇغۇلغانلىقى قوبۇل قىلىنماقتا»⑫ دەپ يازىدۇكى، ھەرگىزمۇ دەل شۇ يىلى تۇغۇلغان، دەپ كېسىپ ئېيتمايدۇ. دېمەك، تەتقىقاتچىلارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان يىلىنى ئېنىق يىلنامىلەر بىلەن كۆرسىتىشى ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى يازغان يىلنامىنى بىرلەشتۈرۈپ پەرەز قىلغاندا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى 11 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، دەپ مۆلچەرلەش مۇمكىن.

2.        مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تىل تەكشۈرۈشكە چىقىشى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تىل تەكشۈرۈشكە چىقىشى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن يازغان لىكسىكا كىتابى «جاۋاھىرۇننەھۋى فى لۇغەتىت - تۈرك» ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن قانداقتۇر ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىنلەر تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك «1058 - يىلى ئوردىدا بولغان بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئاتىسى ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئالىم بەختىگە يارىشا ئامان قالغان. ئۇ كىچىكىدىن تىلشۇناسلىققا دائىر بىلىملەرگە قىزىقىدىغان بولغىنى ئۈچۈن، توغرىدىن توغرا باغدادقا قاراپ يول ئالماستىن، تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان شەھەر قىشلاقلارنى، كەڭ يايلاقلارنى، دالا - قىرلارنى 15 يىل كىزىپ يۈرۈپ ئۆزى يازماقچى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى› ماتىرىيال توپلىغان»⑬ ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 1058 - يىلدىكى ئوردا پاجىئەسىدىن كېيىن تىل تەكشۈرۈشكە چىققىنى كۆپلىگەن ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئىتىراپ قىلىنىپ كەلدى. بۇ ھەقتە بىزنىڭ قارىشىمىز مۇنداق:
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تىل تەكشۈرۈشكە چىقىشى ھەرگىزمۇ ئوردا پاجىئەسى بىلەن سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋېتىگە ئىگە ئەمەس. چۈنكى قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى ئوردىسىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىننىڭ ئاتىسى مۇھەممەد بۇغراخاندىن خانلىق تەختىنى ئۆتكۈزىۋېلىشىغا قارشى ھالدا مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى ئۆز ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. ۋاقىتنى سەل ئىلگىرى سۈرسەك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاندىن مىلادىيە 1056 - يىلى خانلىق تەختنى تارتىۋالغاندا سۇلايمان بۇغراخاننىڭ كىچىك ئىنىسى مەھمۇد توغرۇل تېكىن بىلەن ئوغلى ھەسەن تېكىن خوتەنگە قېچىپ كەتكەن. مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى مىلادىيە 1058 - يىلى سۇيىقەسىت پىلانلاپ سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد بۇغراخان ۋە ھۈسەيىن قاتارلىق خان جەمەتىدىكى ئاساسلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە چىقارغان بولسىمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆز ئاتىسى، تاغىسى ۋە ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققان ئىبراھىم بارسخان ھاكىمى ئىنال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ ۋە مەھمۇد توغرۇل تېكىن خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ. مەھمۇد توغرۇل تېكىن ۋاپات بولغاندا ھەسەن تېكىن تەختكە چىقىدۇ. بۇ ھەسەن تېكىن سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ئوخشاشلا مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سۇيىقەستتە قازا قىلغاچقا مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن ھەسەن تېكىننى بۇ چاغدا ئاتا قىساسىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بىر مەقسەت ئاستىدا ئۇيۇشقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشقا بولىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي «جاۋاھىرۇن نەھۋىي فى لۇغەتىت - تۈرك» (تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى)  ناملىق ئەسىرىنى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» تە تىلغا ئېلىپلا ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەھمۇد كاشغەرىي «جاۋاھىرۇن نەھۋىي فى لۇغەتىت - تۈرك» ناملىق كىتابىنى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» تىن بۇرۇن يازغان ۋە ئالدىنقى كىتابىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. دېمەك مەھمۇد كاشغەرىي ئوردا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىدىمۇ تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئوردا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنمۇ، تەخت ساھىبلىرى بولمىش مەھمۇد توغرۇل تېكىن ۋە ھەسەن تېكىنلەرنىڭ قوللىشى، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي خىراجەتلەر بىلەن تەمىنلىشى بىلەن «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» ناملىق كىتابى ئۈچۈن ئون نەچچە يىللاپ تىل تەكشۈرۈشكە چىقان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئوردا قىرغىنچىلىقى پەقەت تەخت تالىشىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق قانلىق سۇيىقەست بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تىل تەكشۈرۈشكە چىقىشى مەزكۇر ئوردا قىرغىنچىلىقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق.

3. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادقا بېرىشى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادقا بېرىشىمۇ ئاساسلىقى 1058 - يىلدىكى ئوردا قىرغىچىلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرلۈپ ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى(1) » ناملىق كىتابتا «سەلجۇقىيلار ئېمپىريىسىنىڭ ئېمپىراتۇرى ئالىپ ئارسلان (1063 - 1072) نىڭ ئوغلى مەلىكشاھقا ياتلىق بولۇپ باغداتقا بارغان قاراخانىيلارنىڭ مەلىكىسى تۈركان خاتۇنغا پاناھ تارتقان»⑨ دەپ قەيت قىلىنىۋاتىدۇ. بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادقا تۈركان خاتۇننى پاناھ تارتىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلىمىز. چۈنكى «بۇ توينىڭ رەسمى نىكاھ ئوقۇلغا يىلى 1064 - يىلى بولۇپ، ئۇ چاغدا مەلىكشاھ توققۇز ياشتا ئىدى»⑩.
ھالبۇكى مەلىك شاھ 1072 - يىلى تەختكە چىقىدۇ ۋە شۇ يىلى تۈركان خاتۇننى رەسمى نىكاھىغا ئېلىپ باغداتقا ئېلىپ كېلىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى دەل مۇشۇ يىلى باغداتتا يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ چاغدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغداتقا كەلگىنىگە خېلى يىللار بولۇپ قالغانىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەھمۇد كاغەرى باغداتقا تۈركان خاتۇندىن بۇرۇن كەلگەن بولىدۇ. شۇڭا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغداتقا تۈركان خاتۇننى پاناھ تارتىپ كەلگەن دېگەن قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.
يەنە ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى(1) » ناملىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئىسلام مەدىنىيتى گۈللەنگەن باغداتقا بېرىشنى خېلى بۇرۇنلا دىلىغا پۈككەن بولغاچقا، ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئارزۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باغداتقا بارغان ۋە ئىلمىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان»⑪،  دېگەن قاراشنىڭمۇ قىلچە ئاساسى يوق. قېنى كىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شۇنداق «ئۇلۇغ ئارزۇلار» نى دىلىغا پۈككەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرەلەيدۇ؟ ياكى مەھمۇد كاشغەرىي دىۋاندا ئاشۇنداق ئارزۇلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتقانمۇ؟ قەشقەر قەيەردە -يۇ، باغدات قەيەردە؟ مەھمۇد كاشغەرىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يەتتە - سەككىز ئاي يول يۈرۈپ باغداتقان بارمىسىمۇ، ئۆزى ئۇستازىم، دەپ تەرىپلىگەن ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ كاشغەرىي، ئىمادىدىن كاشغەرىي، ئابدۇلغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىي، يۈسۈپ خاسھاجىب قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن قەشقەردە تۇرۇپمۇ ئىلىم ئىگىلەش ئارزۇسىغا يېتەلىگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ مەھمۇد كاشغەرىي مۇجتەھىد، مۇھەددس (ھەدىسشۇناس)، فەقىھ (شەرىئەتشۇناس) ياكى تەپسىرشۇناس ئەمەس، بەلكى تىلشۇناس، تىلشۇناس بولغاندىمۇ ئەرەپ تىلىنىڭ ئەمەس، تۈركىي تىللارنىڭ تىلشۇناسى. ئەگەر مەھمۇد كاشغەرىي ئېلىم تەھسىل قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ باغداتقا بارغان بولسا نېمە ئۈچۈن ھەدىسشۇناس، شەرىئەتشۇناس، تەپسىرشۇناس بولماي تۈركىي تىلنىڭ تىلشۇناسى بولىدۇ؟ تۈركىي تىلىنىڭ تىلشۇناسى بولۇشى ئۈچۈن ئەرەپلەر ياشايدىغان، ئەرەپ تىلى يۈز پىرسەنت ھۆكۈمرانلىقنى ئېگىلىگەن باغداتقا بېرىش كېرەكمىدى؟ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەرەپ تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپلا مەھمۇد كاشغەرىينى باغداتقا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بارغان دېيىشمۇ تازا چاك باسمىسا كېرەك!؟ چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي باغداتقا بارمىسىمۇ ئەرەپ تىلى دېگەننى ئۇستازى، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپتىن تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىۋالالايتى. ھەتتا تۈرك تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسىغا ئائىت بولغان كىتابى «جاۋاھىرۇننەھۋى فى لۇغەتىت - تۈرك» ناملىق ئەسىرىنى مەھمۇد كاشغەرىي باغداتقا بېرىشتىن بۇرۇن كاشغەردە يازغان. بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە بولىغىنىدىن قارىغاندا مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەپ تىلىنى ئەرەپلەرنىڭ باغدىتىغا بارمايمۇ ئۆز يۇرتى قەشقەردە تۇرۇپ ئۆگىنىپ بولغان. شۇ دەۋر تارىخى شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ قاراخانىيلار پۇخرالىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەرەپ تىلىدا نازىل بولغانلىقى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەپ بولغانلىقى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىكى «قۇرئاننىڭ تىلىمۇ ئەرەپ، مېنىڭ مىللىتىممۇ ئەرەپ ھەم جەننەت ئەھلىنىڭ سۆزلىشىدىغان تىلىمۇ ئەرەپ» دېگەن ئىبارىلەرگە كۆرە، ئەرەپ تىلى ۋە يىزىقىنى شۇ قەدەر چوڭ بىلگەنكى، ھەتتا شۇ دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ يىزىقىنىمۇ پۈتۈنلەي ئەرەپ يىزىقىغا ئالماشتۇرغان. شۇڭا بىز قارايمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي نوقۇل ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئەرەپ تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن باغداتقا بارغان ئەمەس.
خەلق ئارىسىغا تارقالغان رىۋايەتلەرنىڭ ئورتاق مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي خەلقلەر ياشىغان نۇرغۇنلىغان جايلارنى كېزىپ ئۇزۇن يىللار ساياھەت ھەم تىل تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەبئىي قىزىقىشى بويىچە داۋاملىق ساياھىتى داۋاملاشتۇرۇپ ئىران ۋە ئىراققا بارغان. شۇ جەرياندا ئەرەپ، پارس ۋە گىرىك تىللىرىنى ئۆگەنگەن، مەدرىسلەردە مۇددەرىسلىك قىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇزۇن يىللىق ساياھىتى ھەم تىل تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيتى، ياشاش تەرزى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى توغرىسىدا توپلىغان ماتىرىياللىرىنى رەتلەپ 1072 - يىلى باغداتتا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى يېزىشقا باشلىغان.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغداتقا بارغانلىقىنى يەنە شۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى(1) » ناملىق كىتابتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر مەدىنىيتى ئەرەب مەدىنىيتى بىلەن تەڭلىشىۋاتقان، ئەرەب تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش چېپىپ كېتىۋاتقان، ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ھوقۇق سالجۇق تۈركلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ئەرەپلەرنىڭ ئۆز دەردىنى ئېيىتىش ئۈچۈن تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، دىنىي يولدا بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش، يەنى بىر لۇغەت تۈزۈش مەقسىتىدە باغداتقا بارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن»⑫ دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ قاراشمۇ  ئاساسسىز.
ئويلاپ كۆرەيلى، سالجۇقىيلار 1055 -يىلى باغداتنى ئىشغال قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئىسلامدىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئەقىدىگە تەۋە بولغان ئەرەپ تىلى ۋە ئەرەپ ۋە مەدىنىيتى سالجۇقىيلار تەرىپىدىن يىگىرمە يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئىستىلاھ جەريانىدا ئۇنداق ئاسان تۈرك مەدىنىيتىنىڭ ئارقىسىدا قالمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا سالجۇقىيلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان باغداتنى ئىشغال قىلغىنى بىلەن خەلىپىنىڭ نوپۇزىغا چىقىلمىغان. خەلىپە يەنىلا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانى سۈپتىدە ئىتىراپ قىلىنىۋەرگەن. ئەرەپ تىلى يەنىلا سالجۇقىيلار ئىشغال قىلغان ئەرەپ رايۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى سۈپتىدە قوللىنىلىۋەرگەن. ھېچقانداق تارىخى ھۆججەتتە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان سالجۇقىيلارنىڭ تۈرك تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. ئەكسىنچە سالجۇقىيلار ئۇرۇشتا تۈرك جەڭچىلىرىگە تايانغىنى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئەرەپ ھەم پارىسلارغا تايانغان. سالجۇقىيلارنىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇلمۈلۈك پارس بولۇپ، بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى پارس تىلى ھەم ئەرەب تىلىدا يۈرگۈزگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋاني لۇغەتىت - تۈر» تە «ئۆز دەردىنى ئېيىتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق»⑬ دېگىنىنى ئەرەبلەرگە قارىتىلغان دەپ كىم دەيدۇ؟
مەھمۇد كاشغەرىي دىۋاننىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئەرەبلەر ئۆز دەردىنى ئېيتىش ئۈچۈن تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك دەپ كۆرسەتمىگەن، ئەرەبلەرگە تۈرك تىلنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ يازمىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دىن يولدا بىر ساۋابلىق ئىش قىلىش، يەنى بىر لۇغەت تۈزۈش مەقسىتىدە باغداتقا بارغانلىقىمۇ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان ئاقماس گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دىن يولىدا ساۋابلىق ئىش قىلغۇسى بار ئادەم نېمە ئۈچۈن مەسچىت، مەدرىىسلەرنى سالماي، يول - كۆۋرۈك ياسىماي، ياكى قۇرئان تەپسىرى، ھەدىسلەر شەرھىگە ئائىت بىرەر دىنى كىتاب يازماي تۈركىي تىللارنىڭ لۇغىتىنى تۈزەرمىدى!؟
ھەتتا ئەرەب تارىخچىسى ئىبنۇلئەسىر «جامىئۇت - تەۋارىخ» (ئومۇمىي تارىخ) ناملىك كىتابىدا ۋە تۈركشۇناس ئالىملاردىن پىرىستاك، بارتولىدلارنىڭ قاراشلىرىدا تېخىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلىپ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغدادقا بېرىشىنىڭ سەۋەبى جان ساقلاش ئۈچۈن قېچىپ بارغان ۋە «باغداتتا قاچقۇن بولۇپ تۇرۇپ قالغان»⑭ دەپ قارالماقتا. مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئىسىل نەسەبلىك شاھزادە،بۈيۈك ئالىم نېمە سەۋەبتىن جان ساقلاشنىڭ كويىغا كېرىپ قالدى؟ بۇنىڭغا بۇ زاتى شەرىپلەر يەنىلا 1058 - يىلدىكى ئوردا قىرغىنچىلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ۋەھالەنكى، ئوردا قىرغىنچىلىقىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى بىلەن ھەسەن بۇغراخانىڭ ئاتىسى سۇيىقەستچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ھەسەن بۇغراخانلار ئاتا قىساسىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئورتاق مەقسەت ئاستىغا ئۇيۇشقان. يەنە كېلىپ مەھمۇد كاشغەرىي قانۇنلۇق تەخت ساھىبلىرىنىڭ پۇشتىدىن ئەمەس، شۇڭا تەخت تالىشىش ماجراسىغا ئارلىشىغا شەرتى توشمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سەلتەنەت ساھىبلىرى بىلەن ھېچقانداق ئاداۋېتى يوق. شۇڭا جان ساقلاش ئۈچۈن ھېلىغۇ باغداتكەن، سەمەرقەنت ياكى بۇخارا دېگەندەك غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تەۋەلىكىگە بېرىپ پاناھلانغان دېيىشمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ.
مىلادىيە 1836 - يىلى قەشقەرنىڭ باش قازىسى موللا مۇھەممەد سادىق ئەلەم «مەسنەۋىي شەرىف» ناملىق كىتابىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەخپىنامىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تولۇق ئىسمى «ھەزرەت مەۋلانە شەمسىددىن مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ يېزىلغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىسمىنى سۈپەتلەپ كەلگەن «شەمسىددىن» دېگەن نامنىڭ مەنىسى «دىننىڭ قۇياشى» دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، ۋەزىرلىرى ۋە شاھزادىلىرىگە  خەلىپە تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئۇنۋان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ ئۇنۋانغا سازاۋەر بولغانلىقىدەك پاكىتقا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي باغداتقا جان ساقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى ۋە شاھزادىسى سۈپتىدە بارغان ۋە باغداتنىڭ ئىلمى مۇھىتىدا بىر نەچچە يىل ئالىملار بىلەن سۆھبەتتە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كاشغەر خانلىق مەدرىستە ۋە يۇرت كىزىش جەريانلىرىدا ئۆگەنگەن ئەرەپ تىلىنى پىششىقدىغان، بەلكىم، شۇ پۇرسەتتە باغدات مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئەمدى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىش جەريانىغا كەلسەك مەھمۇد كاشغەرىي ئۇزۇن يىللىق تىل تەكشۈرۈش ھەم ساياھەت ئىھتىياجىدىن سىرتلاردا تۇرۇپ قالغان ۋە ئاخىرىقى سەپىرى باغداتتا ئاخىرلاشقان. 1074 - يىلى قاراخانىيلار خانى مەھمۇد توغرۇلخان ۋاپات بولۇپ تەختكە جىيەنى ھەسەن تېكىن چىقىدۇ ۋە ھەسەن بۇغراخان ئاتىلىپ خەلىپىدىن ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن باغداتقا ئەلچىلەر ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەلچىلەرنىڭ باشچىسى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تاغىسى بولۇپ، ئەلچىلەر كەلگەن يىلى مەھمۇد كاشغەرىي دەل «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى يېزىپ، ئۆزگەرتىپ ۋە تولۇقلاپ تەييار قىلىپ بولغانىدى. شۇڭا پەرەز قىلىمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي باغداتقا تاغىسى باشلاپ كەلگەن قاراخانىيلارنىڭ ئەلچىلىرى قاتارىدا خەلىپىگە كۆرۈنۈش بەرگەن ۋە ئەرەپ تىلىدا يېزىپ چىققان ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى خەلىپىگە تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بەدىلىگە ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان «شەمسىددىن» (دىننىڭ قوياشى) دېگەن ئۇنۋان خەلىپە تەرىپىدىن مەھمۇد كاشغەرىيگە بىرىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

4 «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ يېزىلىشا ئائىت ئوخشىمىغان قاراشلار.
«دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ يېزىلىشا ئائىت نۇرغۇنلىغا ئاساسسىز قاراشلار مۇقۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىل ئۆگىنىش ئىھتىياجىنى، تۈرك مەدىنىيتنىڭ ئەرەب مەدىنىيتىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن؛ تۈرك تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن؛ دەۋرنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن...دېگەندەك.
خوش، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز تىلىدىن ئىپىخارلىنىش مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئەرەب تىلى بىلەن تۈرك تىلىنى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاتقان تۇرسا، تۈرك تىلىنى ئەرەب تىلىدىن ئۈستۈن قويۇش ئۈچۈن «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى يازغان دېيىش ئەقىلگە سىغامدۇ؟ تۈركلەر ئەرەب مەدىنىيتى ۋە تىلىنى ئۆگىنىشكە زادىلا ئىھتىياجلىق بولمىغانمۇ؟ ئەگەر ئەرەبلەرنىڭ راستىنلا تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىھتىياجى تۇغۇلغان بولسا، ئەرەب ۋىجدانلىقلىرىدن بىرەرسىنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا بىرەر كىتاب ياكى رىسالە چاغلىق نەرسە يازغانلىقى بىزگە مەلۇممۇ؟ ناۋادا مەھمۇد كاشغەرىي تۈرك تىلىنى ئەرەبلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان بولسا لۇغەت تۈزمەي دەرسلىك يازماسمىدى؟ ۋەھالەنكى لۇغەت تىل ئۆگىنىدىغان بىرىنچى قول ماتىرىيال ئەمەس. ئالىم كىتابىدا ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مول ماتىرىيال ۋە خاس ئۇسۇللار بىلەن كۆرسەتكەنكى، ھەرگىزمۇ ھېچ بىر يەردە «تۈرك تىلىنى مۇنداق ئۆگىنىدۇ، بۇ يەردىن باشلاڭ!» دەپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتكەن ئەمەس.
مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ ئۆزى يازغان مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا ‹دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك› دەپ ئات قويدۇم⑮.
شۇڭا ئېيتمىزكى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى ئالىمنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيىنىش ئىچىدە تىلىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ۋە تۈرك تىلىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلىش، شۇنداقلا ئۆزى ئېيتقانداق ئەبەدىي يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقى بىلەن ناھايتى ئىلمىي ۋە تەبئىي يوسۇندا يېزىپ چىقىلغان، دەپ تونۇش كېرەك. مەھمۇد كاشغەرىي سالجۇقىيلارنىڭ باغداتنى ئىگىلەپ، ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئات» قا ئوخشاتقان. ھەرگىزمۇ سىياسىي جەھەتتىن تۈركلەرنى كۆتۈرۈپ ئەرەبلەرنى چۈشۈرگەن ئەمەس.
مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇمداق يازىدۇ: «ئەمدى مۇھەممەد ئوغلى ھۈسەيننىڭ پەرزەندى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز:
مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زىمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى: دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى. ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گورۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سىغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پانا تاپىدۇ»⑯
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ بايانلىرىدا «ئۇلار» دەپ خىتاپ قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ «ئەرەبلەر» دەپ ئېيتمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلىنىڭ نوپۇزىنىڭ شۇ قەدەر ئېشىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىپ باشقا تايىپىلەرنى (يالغۇز ئەرەپلەرنىلا ئەمەس) تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان ۋە شۇ خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى يېزىشقا كىرىشكەن.
ئەمدى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نى ئەرەب تىلىدا يازغانلىقىغا كەلسەك، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان، ھاشىمىي ئۇرۇغىدىن ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان خوجىمىز، ئىگىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللاھ مۇقتەدى بىئەمرىللاھ ھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم. تەڭرى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى دائىم يۇقىرى، ئۆمۈرىنى راھەت - پاراغەت ئىچىدە ئۇزۇن قىلسۇن؛ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق سەلتەنەت ئاساسلىرىنى تەۋرەنمەس دەرىجىدە مۇستەھكەملىسۇن؛ ئۇنىڭ پەرمان دائىرلىرىنى كېڭەيتسۇن ۋە يۈكسەلدۈرسۇن. ئادەم بالىلىرى ئۇنىڭ بىھىساب ساخاۋىتى شاراپىتىدىن يۇلتۇزلاردەك يۈكسەك بەخت - سائادەتكە ئىگە بولسۇن؛ ئۇنىڭ دەۋەتلىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ھەر بىر غەلبىسى سادىق دوستلىرىنى خۇشال قىلسۇن؛ تەڭرى ئۇنىڭ قەھرى - غەزىپىگە ئۇچرىغان دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ خار قىلسۇن؛ ئۇنىڭ سايىسىنى، كۆركىنى، قۇدرىتىنى، پەزىلىتىنى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يىراق قىلمىسۇن»⑰.
قاراڭكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىنى ئىسلام خەلىپىسىگە تەقدىم قىلماقچى، شۇنداق بولغانىكەن مىللىتى ھەم تىلى ئەرەپ بولغان خەلىپىگە تەقدىم قىلىنماقچى بولغان ئەسەر ئەلۋەتتە ئەرەپ تىلىدا يېزىلىشى كېرەك. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ بايانلىرىدا خەلىپىنى نەقەدەر چوڭ بىلىدىغانلىقىنى، ھېچقاچان خەلىپىنىڭ سىياھىي ھوقۇقىنى چۈشۈرمىگەنلىكىنى، بەلكى خەلىپىنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىگە لەنەت ئوقۇپ، خەلىپىنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى يۈكسەك دەرىجىدە ھىمايە قىلغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ. شۇڭا «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» قانداقتۇر ئەرەب خەلىپىسىنى چۈشۈرۈپ تۈركلەرنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن يازغان، دەپ داۋراڭ سېلىش پۈتۈنلەي سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

5. مەھمۇد كاشغەرىي مەشھۇر سەيياھ ۋە مىللەتشۇناس.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئون نەچچە يىل سىرتلاردا تىل تەكشۈرۈش ئۈچۈن زىيارەت ھەم ساياھەتتە بولغانلىقى تۈرلۈك يازما مەنبەلەردە ۋە خەلق رىۋايەتلىرىدە قەيت قىلىنغان. ھەتتا ئالىمنىڭ ئۆزىمۇ «دىۋانۇ لۇغەتىت -تۈرك» تە ئېنىق قىلىپ: «شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدن، پىكىرنى ئەڭ رۇشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇبلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن - ئاياق كىزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيلىرىنى ئىنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم» دەپ⑱ يازىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان ئاساسلىق شەھەر ۋە قىشلاقلارغا بارغان، ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ، سۆزلىشىپ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە شۇ تۈپەيلى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆرپ -ئادەت، قائىدە يوسۇنلىرى بىلەن پىششىق تونۇشقان.
«دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كەڭ دائىرىلىك چۈشەندۈرۈپ بەرگەن قامۇس خاراكتىرلىك ئەسەر بولۇپ ھەتتا مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئەسىرىدە تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان جۇغراپىيلىك خەرىتىنى سىزىپ چىققان. 11 - ئەسىردە مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن سىزىلغان بۇ خەرىتە ھازىر پۈتكۈل دۇنيادا «دۇنيا بويچە سىزىلغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى» دەپ ئىتىراپ قىلىنماقتا. دېمەك مەھمۇد كاشغەرىي تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا زىيارەت ھەم ساياھەتنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان ھەر قايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك دائىرىسىنىمۇ ئېنىق خەرىتىگە ئالغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا مەھمۇد كاشغەرىيمۇ خۇددى ماركوپولۇ، ماگىللان قاتارلىق چەتئەل سەيياھلىرىغا ئوخشاشلا مەشھۇر سەيياھ دەپ تەن ئىلىنىشى كېرەك.
مەھمۇد كاشغەرىي يەنە «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» كە ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىتنىك ئەھۋالى، مەدەنىيتى ۋە ئىقتىسادىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ماتىرىياللارنى كىرگۈزگەن. ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيتى، ئىتنىك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. ئۆيلىنىش، ئاجىرىشىش، ئائىلە قۇرۇش، ئۇرۇغ - تۇغقانچىلىق، دىنى ئېتىقاد، ئۆرپ - ئادەت، مائارىپ، تىبابەت، ئويۇن - تاماشا، مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى، كىيىم - كىچەك، يىمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ھەر خىل ھۈنەر - كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن. شۇڭا بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەتشۇناس ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك.  بۇ ھەقتە تۈركىيەلىك مەشھۇر تۈرك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رىشات گەنجنىڭ « ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› دىن 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدىنىيتىگە نەزەر» ناملىق كىتابىدا تەپسىلى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتىنى يەنىمۇ ئىشەنچلىكلەر ماتىرىياللار مەنبەسى ئاساسىدا قايتىدىن تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتىگە ئائىت ئىلىم دۇنياسىغا ئاشكارلانمىغان نۇرغۇنلىغان مەنبەلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇ مەنبەلەر رۇيابقا چىققاندا ئاندىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تەرجىمھالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقلا يەنە مەھمۇد كاشغەرنىڭ بۈيۈك قامۇس ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت - تۈرك» نىڭ يېزىلىغا ئائىت بەزىبىر قاراشلارنى قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىمىز، ھېسياتىمىزنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان ئاساسسىز پەرەزلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ــــــــــــــــــ
① مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008 - يىل 10 - ئاي نەشرى، 30 - بەت.
② مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل، 1- بەت.
③ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل 2- بەت.
④ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل، 69- بەت.
⑤ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل، 625- بەت.
⑥مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل، 174- بەت. لېكىن «مەھمۇد كاشغەرىي ئېيتىدۇكى» دېگەن بۇ سۆز ئەسلى «دىۋان» نىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىدا يوق.
⑦ ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىن: «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1988 - يىل نەشىرى 248 -، 249 - بەتلەر.
⑧ «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تارىخى (1)»، ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002 - يىل نەشىرى، 418 -، 421 -، 422 -، 423 - بەتلەر.
⑨ئىبراھىم مۇتئى:«ئىبراھىم مۇتئى ئىلمى ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007 - يىل نەشىرى، 352 -، 354 - بەتلەر.
⑩ ئاراپاتگۇل ئوسمان: «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› »، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، 2010 - يىللىق 3 - سان.
⑪ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانو لۇغەتىت تۈرك»، فاكسىمىل، 638- بەت.
⑫ شۈكرۇ خالىك ئاكالىن (تۈركىيە): «مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن - مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2009 يىلى نەشرى، 1- بەت.
⑬ ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىن: «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1988 - يىل نەشىرى  - بەت.
⑨ «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تارىخى (1)»، ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002 - يىل نەشىرى، 421 - بەت.
⑩ رېشات گەنچ (تۈركىيە): « ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› دىن 11 - ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدىنىيتىگە نەزەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010 - يىل نەشىرى، 7 - بەت.
⑪ «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تارىخى (1)»، ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002 - يىل نەشىرى،  422 - بەت.
⑫ «ئۇيغۇر كىلاسىىك ئەدەبىياتى تارىخى (1)»، ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002 - يىل نەشىرى، 423 - بەت.
⑬ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت - تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 -توم، 1980 - يىلى نەشىرى، 2- بەت.
⑭ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق: «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى پائالىيتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2005 - يىللىق 5 - سان، 85 - بەت.
⑮ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت - تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 -توم، 1980 - يىلى نەشىرى،3 - بەت.
⑯ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت - تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 -توم، 1980 - يىلى نەشىرى،1 -، 2 - بەتلەر.
⑰ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت - تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 -توم، 1980 - يىلى نەشىرى، 3 -، 4 - بەتلەر.
⑱مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت - تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1 -توم، 1980 - يىلى نەشىرى، 2 -، 3 - بەتلەر.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 06:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82783
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-7-14
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سالام بەگزات، بۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز. بىراق سىزنىڭ «مەخمۇت قەشقەر باغداتقان قاراخانىيلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە بارغان...» دېگەن قارىشىڭىزغا ئانچە چىن پۈتەلمەي قالدىم... سىز ئەلچى ۋە سىرىتقا ئەلچى ئەۋەتكۈچى بىر ئەلنىڭ ئۆزىدە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كىرەك ئىكەنلىكى، ئەلچىنىڭ بۇرچ، مەجبۇرىيەتلىرىگە دىققەت قىلىدىڭىزمۇ؟ ئەجىبا مەھمۇد قەشقەر ئەلچىلىك مەسئۇلىيتى ئاستىدىكى ئادەم بولسا خەن ئەلچىسى جاڭچىيەنچىلىك ئەقىلگە ئىگە بولالمىغانمىدۇ؟...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇمىجىت يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 06:48 PM
سالام بەگزات، بۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز. بىراق سىزن ...

       ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن، بۇ ماقالە ئۈستىدە قايتا ئىشلىمەكچى ئىدىم شۇڭا سىز ۋە باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئېرىشمەك ئارزۇسىدا بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم، قانداق پىكىر ۋە تەنقىدلىرڭىز بولسا خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ھەم سىزنىڭ تۇنجى بولۇپ بەرگەن پىكىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە شۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىمەن، رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدىرماي ئوقۇپ ، ھەزىم قىلىپ باھا بىرەي .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88909
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:48:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز تۇلا چۇشەنچىگە ئىگە بۇلدۇم ،بۇنىڭدىن كىيىن يەنە يۇللاپ تۇرۇڭلا .

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10624
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2635 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:50:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا مەندىن مەھمۇد كاشغەرى بوۋامغا سالام ئەۋەتكەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3695
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 07:50:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالە بۇرۇن ژورنالدا ئېىلان قىلىنغانغۇ دەيمەن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 08:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 07:50 PM
ماقالە بۇرۇن ژورنالدا ئېىلان قىلىنغانغۇ دەيمەن!!!!

  شۇنداق، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ بۇ يىلقى 3 - سانىدا ئېلان قىلىنغان. لېكىن ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قارىسام ماقالىنىڭ تولۇقلايدىغنا يەنە بىر قىسىم جايلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بەزىبىر قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ھېسسىياتقا تايىنىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم. شۇڭا قايتا تۈزىتىشتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنىڭ ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3695
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 10:47:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 08:40 PM
شۇنداق، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ بۇ يىلقى 3 - سانىدا ئې ...

مىنڭچە، ‹مەشھۇر مىللەتشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي› دىگەن سۆز ئارتۇقچە!!بىرنچىدىن،شۇ زامانلاردا تېخى مىللەت ئۇقۇمى بولمىغان.بۇ ئۇقۇم 19-ئەسىردە ئاندىن تېلغا ئىلىنغان.ئىككىنچىدىن،بوۋىمىز باشقا-باشقا مىللەتلىنى ئەمەس بەلكى تۈرك قەبىلىلىرنى تەكشۇرگە.!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 11:39:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 10:47 AM
مىنڭچە، ‹مەشھۇر مىللەتشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي› دىگەن س ...

پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلدىم...مۇشۇمەسىلىدە سەل يىنىكلىق قىلىپ قويۇپتىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش