مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1326|ئىنكاس: 20

مۇھەببەت، نىقاپ،نىكاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10790
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1080 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 03:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      مۇھەببەت،نىقاب،نىكاھ


ئىززەت غۇجابدۇللا

1.قېسىم

سابا بايىلا بىر دوستىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ كىرىپ ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتاتتى. ئۇ تويدا بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ، ئۆيگە كىرىپلا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيغاندىن كىيىن تىلىۋىزور بىلەن DVD نى ئېچىپ، ئالدىنقى كۈنى باش قىسمىنى كۈرۈپ بولغان «ئوۋ بۈركۈتى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىنى قۇيۇپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ تېلۋىزىيە تىياتىرىنى تازا قىزىقىپ كۆرۈۋاتقاندا تېلفۇنى سايراپ كەتتى. ئۇ خوشياقمىغان ھالدا تېلفۇن ئىكرانىغا قاراپ ئىككىلىنىش ئىچىدە تېلفۇننى ئالدى. تېلفۇن قىلغىنى ئۇ ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان، يەنە كىلىپ بۈگۈنكى تويدا رەنجىشىپ قالغان  ئايگۈل ئىدى.

ئايگۈل تېلفۇننى ئېلىپلا

-1500******* نۇمۇرنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورىدى.

-بىلىمەن، ئۇ ئەختەمنىڭ نۇمۇرى

-ئەختەم دىگەن كىم؟

-رەنا تويدىن بۇرۇن يۈرگەن يىگىت، نىمە بولدى؟

-ئۇ بالا ھازىر ماڭا تېلفۇن قىپتىكەن. رەناغا تېلفۇن كەلسە مىنىڭ تېلفۇنۇم سايرايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان. بۈگۈن رەنانىڭ تويى بۇلىدىغانلىقىنى ئۇ بالا بىلمەمتى؟

-بىلمەيدۇ، رەنا ئۇنىڭغا دىمىگەن.

-ئەمىسە ئۇ بالىغا تېلفۇن قىلىپ دەپ قويغىن، بۇندىن كىيىن رەناغا تېلفۇن قىلمىسۇن. ئەگەر بۇ تېلفۇن رەنانىڭ ئۆزىگە بارغان بولسا، بۈگۈن ئۇنىڭ تويى تۇرسا، يولدىشى بىلسە نىمە  ئىشلار بوپ كىتەتتى؟! ئۇنىڭغا رەنانىڭ تويى بوپ بولغانلىقىنى دەپ قويغىن.

    ئايگۈل شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قويدى. سابانىڭ ئۇنىڭ بۇيرۇق قىلىشلىرىغا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا دوستى رەنانى ئويلاپ ئەختەمگە تېلفۇن قىلدى. بىراق بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئەختەم تېلفۇننى زادىلا ئالمىدى. سابا ئۇنىڭغا «مەن سابا، پاراڭلاشساق بۇلامدۇ» دىگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قويغاندىن كىيىن داۋاملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىنى كۆرىۋەردى.

ئۇزۇنغا قالماي ئەختەم ئۇنىڭغا تېلفۇن قايتۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ  ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن، ئەختەم سۆز باشلىدى:

-سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېلفۇننى ئالماپتىمەن. كەچۈرۈڭ!

-ھېچقىسى يوق.

-رەنانىڭ تويى قاچان بولدى؟

-بۈگۈن بولدى. لىكىن ئۇنىڭدىن رەنجىمەڭ! ئۇنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇسى يوق ئىدى. تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ.

- لىكىن بىزمۇ تىرىشىپ باقساق بۇلاتتىغۇ!؟-دىدى ئەختەم ئەلەم بىلەن- ئۇمۇ چىڭ تۇرغان بولسا بەلكىم بىزنىڭ ئىشىمىزمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار ئىدى. لىكىن ئۇ بەل قويىۋەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشى،ھېچبولمىغاندا توي قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئەسكەرتىپ قۇيۇشى كىرەك ئىدى. مەنمۇ تېلفۇن قىلىپ يۈرمەيتتىم...

ئەختەم شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا تېلفۇن ئۈزۈلۈپ كەتتى.

سابا كۆڭلىدە ئەختەم بەك ئازاپلىنىۋاتقان بولغاچقا قەستەن تېلفۇننى قۇيىۋەتتى دەپ ئويلاپ قايتا تېلفۇنمۇ قىلمىدى.

سابا شۇ توغرىلىق ئويلىنىپ تۇرىشىغا ئايگۈلدىن يەنە تېلفۇن كەلدى.

- ئۇ بالىغا تېلفۇن قىلدىڭمۇ؟

-ھەئە، بۇندىن كىيىن تېلفۇن قىلمايدىغان بولدى.

-ھە، يېنىڭدا باشقىلار بارمۇ؟

-ياق، مەن بۈگۈن ئۆيدە يالغۇز. ئاچاملار چوڭ ئۆيگە كەتكەن.

-ھە ئەمىسە گىپىمنى ئاڭلا! بۈگۈن تويدا ئىككىمىز رەنا كىمگە بەك ئىشىنىدۇ دىيىشىپ رەنجىشىپمۇ قالدۇق.ساڭا دىسەم، بۈگۈن رەنا ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى بۈگۈنكى كىچىنى قانداق قىلىپ ئىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ بىخەتەر ئۆتكۈزۈش!

-نىمە!؟ بۇ قانداق گەپ زادى؟

-بولدى، ئارتۇق گەپ سورىما. ساڭا كىيىن دەپ بىرەي...

-مىنىڭ ھازىر بىلگۈم بار.

-ھازىر بولمايدۇ، كىيىن دەپ بىرەي.

-لىكىن مىنىڭ ھازىر بىلگۈم بار،

-رەنانىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلەمتىڭ؟

بۇ گەپ بىلەن تەڭ سابانىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى.ئەمىلىيەتتە سابا بۇرۇن گۇمانلانغان. لىكىن رەنانىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن بارلىق گۇمانلىرىنى ئىنكار قىلىۋەتكەن ئىدى. لىكىن ھازىر سابانىڭ ئۇ ئىشلارنى باشتىن ئاخىر بىلگۈسى كىلىپ ئايگۈلگە يالغان گەپ قىلدى.

-بۇرۇن ئازراق بىلەتتىم،

-ھە شۇ ئىشلار، بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا بۈگۈن تويدا مەن بىلەن گەپ تالىشىسەن؟

-ئۇنى قۇيۇپ دىگىنە،ھېلىقى بالا كىم؟

-قايسى ھېلىقى بالا؟

-ۋاي رەنانى قىزلىقىدىن ئايرىغانچۇ؟

-ئۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن؟

-ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. رەنا شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىز تۇرسا، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

-بايا ئازراق بىلەتتىم دىگەن ئىدىڭغۇ؟

-شۇ رەنا ئىككىڭلارنىڭ چ چ  دا يېزىشقان خېتىڭلارنى كۆرۈپ قالغان. گۇمانلىنىپ رەنادىن سورىسام ئۇنداق ئىش يوق دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن سوراپ باقمىغان.

-ئەسلى مۇنداقكەن-دە؟ ماڭا ئۇ ئىشلارنى رەنانىڭ بۇرۇنقى يىگىتى ئېيتىپ بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن رەنا بىلەنمۇ يېقىن بوپ قالغان. ھەم ئۆز ۋاقتىدا رەناغا‹‹ خاتىرجەم بول، توي قىلىدىغان ۋاقتىڭدا مەن ياردەم قىلىمەن›› دىگەن ئىدىم. مەن شۇ ۋەدەمدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم.

-ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلدىڭ؟

-بىر دوستۇم بار ئىدى. بۇرۇن ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئىشلەپ بېقىپ، كىيىن «قىزلىق پەردىسى» سالىدىغان ئىشلارنى ئۈگەنگەن، رەنامۇ شۇ يەرگە بېرىپ ساختا‹‹ قىزلىق پەردىسى» سالغۇزۇپ كەلدى.

-نىمە؟ رەنا شۇنداق قىلدىما؟!!!

سابا جىمىپ كەتتى. ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.خىياللىرى گادىرماچلىشىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش كەلدى. گەپمۇ قىلماستىن تېلفۇننى ئۈزىۋىتتى. ئايگۈل يەنە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىلى تۇردى.

ئۇ تىلفۇننى ئالماي تامغا قاراپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرىۋەردى.كۆڭلىدە بولسا چەكسىز ئەلەم، خورلۇق، نۇمۇس ۋە نەپرەت تۇيغۇسى ئويغانماقتا ئىدى. ئايگۈل ئارقا-ئارقىدىن توختىماي تىلفۇن ئۇرىۋەرگەچكە سابا ئاخىرى تېلفۇننى ئالدى.

-نىمىشقا تېلفۇننى قۇيىۋىتىسەن؟

-قويىۋەتتىم شۇ... ئۇ گەپلەرنى قۇبۇل قىلالمىدىم. مەن رەنانى ئۇنداق قىز دەپ ئويلىمىغان. ئۇنى ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇم دەپ بىلەتتىم. ساددا تۇرقىغا،سەبىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى ھەم مۇلايىم ،خۇشپىئىل مىجەزىگە قاراپ ئۇنى بەك ئىسىل، ئەخلاقلىق،شەرمى-ھايالىق قىز دەپ بىلەتتىم.ئەمما ھازىر...

سابا شۇ گەپلەرنى دەۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدى.قىزلارنىڭ نامىنى پايخان قىلىپ ،ياخشى بىر يىگىتنىڭ ئەرلىك غورورىغا داغ تامغىسى باسقىنى ئۈچۈن رەنادىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتى.

-بۇ ئۇنچە تەسىر قىلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەس-دىدى ئايگۈل ئېغىر خۇرسىنغاندىن كىيىن- بىر ئىشلارنىڭ بەك مۇرەككەپ تەرىپىنى ئويلايدىكەنسەن.ھەم بەك يۇقۇرى تەلەپ قويىۋالىدىكەنسەن. ھازىر بىرەرسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

-خەقكە ئىشەنگىلى بولمىسىمۇ مەن رەناغا ئىشىنەتتىم. بۇرۇن كىتاب-ژورناللاردا بۇ توغرىلىق ھىكايىلەرنى ئوقۇسام،ياكى باشقىلاردىن شۇ توغرىلىق گەپلەرنى ئاڭلىسام شۇنداق قىزلار قانداق بۇلىدىغاندۇ؟ ئەيمەنمەي، نۇمۇس قىلماي يېقىن كىشىلىرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ يەنە يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغاندۇ؟ بىر كۈنلىرى مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كەتسە ئۆزلىرى ئالدىغان شۇ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئەسلى شۇنداق قىز بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق يەپ،ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولۇپ، ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ...

سابا شۇنداق دەپلا يىغلىغانچە تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئايگۈل يەنە تېلفۇن قىلدى. لىكىن سابا تېلفۇننى ئالمىدى.بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن،ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ چىقتى ۋە ئايگۈلنىڭ ئۆزىگە يازغان قىسقا ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى.

-ئەجەپ تېلفۇننى قويىۋىتىپ كىيىن ئۇرسام ئالمايسەنغۇ؟

-ھە، شۇنداق بوپ قالدى.ھەقىيقەتەنمۇ كۆتۈرەلمىدىم.ئەمما بۇ ئىشلارنى بىلگىنىمنى رەنا ئۇقمىسۇن. ئۇنى خىجىل قىلىپ قۇيۇشنى خالىمايمەن.گەرچە ئۇ نۇمۇسسىز بولسىمۇ...

-ئەلۋەتتە دىمەيمەن. سەنمۇ باشقىلارغا دىمە! ئەمىلىيەتتە مەنمۇ سىنىڭ ھەممە ئۆتمۈشىڭنى بىلىمەن.

-مەسىلەن، مەن توغرىلىق نىمىنى بىلىسەن؟

-ھەممىنى بىلىمەن ئىشقىلىپ.

-مەسىلەن شۇ نىمىنى بىلىسەن؟

-سىنىڭ يۈرەك كىسىلىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.

-كىمدىن ئاڭلىغان ئىدىڭ؟ رەنا دىگەنما؟

-ياق، ئۇ دىمىسمۇ مەن ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلىمەن.

-نىمىشقا بىلىسەن؟ مىنىڭ ئىشلىرىمنى بىلىپ نىمە قىلاتتىڭ؟

-مەن بىرسى بىلەن يېقىن ئۆتمەكچى بولسام ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئىنىقلايمەن شۇ...

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سابانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.بىراق چاندۇرماسلىق كىرەك ئىدى.سابا شۇ چاغدا پەم بىلەن تېلفۇننىڭ بىر يەرلىرىنى بېسىپ يۈرۈپ ئايگۈل بىلەن دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى تېلفۇنىنىڭ ئۈنئالغۇسىغا ئېلىۋالدى.

-مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى كىمدىن بىلدىڭ؟

-ئۇنى بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.

-يۈرەك كىسىلىم بارلىقىنى ساڭا رەنا دىگەنما؟

-ياق، ئۇنىڭدىن باشقىلاردىنمۇ بىلەلەيمەن.

-لىكىن مەن ئۇنى رەنادىن باشقىلارغا دەپ باقمىغان...

-سەن ھېچكىم بىلمەيدۇ دىگەن ئىشلىرىڭنى چۇقۇم باشقىلار بىلىۋالىدۇ.

-راست شۇنداقكەن. مەنمۇ رەنانىڭ ئۇنداق ئىشلىرىنى بىلەرمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان.بۇمۇ شۇنداق ئىشتۇر بەلكىم.

-سەنمۇ بىر قىز بالا! ساڭا كەلدى، ماڭا كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى مەخپى تۇتقىن.

-سەن ھازىر ئۇنىڭدىن خاتىرجەممۇ؟ ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئېيتالامسەن؟-سورىدى سابا ئايگۈلدىن.

-ھەئە-دىدى ئايگۈل- تويى بولغان يىگىت بىلەلمەيدۇ. بۇ ھېلىقى دوستۇمنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى ئەمەس. ئۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇ نەچچە قىزغا «قىزلىق پەردىسى» سالغان.

-ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسى سالدۇرغىنىنى رەنا بىلەن شۇ ئىشنى قىلغان بالا بىلەمدۇ؟ رەنانىڭ بۈگۈن باشقا بىرسىنى ئالداپ يۈرگىنىنى ئۇ بالا بىلەمدۇ؟

-بىلىدۇ، دوختۇر پۇلىنى ئاشۇ بالا چىقارغان.

-نىمە؟؟؟ بۇ زادى قانداق ئىش بوپ كەتتى...

-بۇ مانا مۇشۇندا ئىش. ئەمدى بىلىدىغاننىمۇ بىلدىڭ، بۇ ئىشلارنى مەخپى تۇتقىن. بۇ ئىشلارنى باشقىلار بىلىپ كەتسە ھېچكىمگە ياخشى ئەمەس. سەنمۇ قىز بالا،ئاشكارلىنىپ كەتسە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققىن.ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما ئىشقىلىپ!

-نىمە؟ ماڭا تەھتىت سېلىۋاتامسەن؟

-قانداق دەيسەن؟

-ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما دىگىنىڭچۇ؟ ماڭا بىرەر شۇملۇق قىلماقچىما؟

-مەن ئۇنداق دىمىدىم.

-لىكىن شۇ مەزمۇندا گەپ قىلىۋاتىسەن.

ئارىدا خېلى گەپ سۆزلەر بولۇندى. سابا ئايگۈل بىلەن تاكاللىشىپ قېلىپ يەنە تېلفۇننى قۇيىۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا ساباغا يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستىدىن تېلفۇن كەلگەن ئىدى. سابا ئۇنىڭ بىلەن خېلى  ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.شۇنداق بولغاندا كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. لىكىن بايامقى  ئىشلار توغرىلىق ھېچنىمە دىمىدى.

سابا دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئايگۈلدىن يەنە نەچچە قېتىم تېلفۇن كەلدى. لىكىن سابا تېلفۇننى قويماي دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋەردى. تېلفۇننى قۇيغاندىن كىيىن ئايگۈلنىڭ يازغان ئۈچ پارچە ئۇچۇرىنى كۆردى ھەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتتى. لىكىن بايىقى گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى.ئۇنىڭچە، بۇ قەدەر نۇمۇسسىزلىق مۇنداق سەمىيمىي، كىچىك پىئىل، پەرىشتە سۈپەت قىزنىڭ قولىدىن كەلمەسلىكى، ئۇنىڭ تارىخىغا مۇنداق مەزمۇنلار يېزىلماسلىقى كىرەك ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇ يەنە ئايگۈلدىن كەلدىمىكىن دەپ ئويلاپ ئۇچۇرنى كۆردى. لىكىن ئۇچۇر ئايگۈلدىن ئەمەس، ئەختەمدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۇچۇردا «ئۇخلىمىغان بولسىڭىز بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامدۇ» دەپ يازغان ئىدى. سابامۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھاللا ئۇنىڭغا تېلفۇن قايتۇردى. ئەختەم تېلفۇننى تەستە ئالدى.

-قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟-دەپ سورىدى سابا.

-بىلمەيمەن، ھېچنىمىنى ئويلىيالمىدىم. كۆڭلۈم بەك پاراكەندە. رەنانىڭ تويى بۈگۈن بولدى شۇنداقمۇ؟

-ھەئە، بۈگۈن بولدى.

-توي قانداقراق ئۆتكۈزۈلدى؟ رەنانىڭ كەيپىياتى قانداقراق؟

-ھەممە ئىشلار نورمال. رەنادىن بەك رەنجىپ كەتمەڭ. ئۇمۇ چوڭلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالمىدى. ئۆيىدىكىلىرى قۇدا تەرەپكە ئاللىقاچان ماقۇل دەپ قۇيۇپتىكەن.

-ئۇنى بىلىمەن. لىكىن بىزمۇ تىرىشساق بۇلاتتى. ئۇ پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. خۇددى مەن بىلەن ۋاقىتلىق يۈرگەندەكلا، بۇرۇندىنلا مەن بىلەن توي قىلىش خىيالى يوقتەكلا...

-ئۇنداق دىمەڭ. ئۇمۇ ئامالسىز قالدى.

-ئاشۇ توينىڭ گىپى بۇلۇشتىن بۇرۇن ناھايىتى ياخشى يۈرىۋاتاتتۇق. توي گىپى چىققان ھامان ھەممە ئۆزگەردى. شۇ كۈنى رەنا توي قىلماقچى بولغان بالا بىلەن بازاردا كۈرۈشمەكچى بوپتىكەن. رەنا ئىشخانىغا بېرىپ كىلەي دەپ قۇيۇپ  سىرتقا چىقىپ ماڭا تېلفۇن قىپتىكەن. شۇ ئەھۋاللارنى ماڭا دېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشمەسلىكنى ئېيتقان. ئۇمۇ ماقۇل بولغان ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانچە ئۈچ كۈنگىچە ئالاقىلىشالمىدىم. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۆزى ماڭا تېلفۇن قىپتۇ. لىكىن ئۇ ئەمدى توي قىلىشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭ چاي ئەكىرىپ بولغانلىقىنى دېدى.

-ئۇ ئەھۋاللارنى مەنمۇ بىلىمەن. رەنا ئانىسىغا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلدى. بىراق ئانىسى ئارىلىقنى يىراق كۆردى ھەم ئۇ ئىشلار بەك تۇيۇقسىز بوپ قالغاچقا ئانىسىمۇ ئۆزى ياخشى دەپ بىلگەن تەرەىگە تارتىپ كەتتى. توغرا چۈشىنىڭ...

-ھېچ بولمىغاندا ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويسا بۇلاتتىغۇ؟! شۇنداق بولغاندا مەنمۇ توي كۈنى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ يۈرمەيتتىم.

-ئۇ سىزگە دىيىشنىمۇ ئويلىغان، لىكىن سىزنى بىلسە بەك ئازاپلىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىدى.

-دىمىگەن بىلەن ھامان بىلىدىغان ئىشقۇ؟! نەچچە كۈندىن بىرىمۇ توختىماي تېلفۇن قىلسام پەقەتلا ئالمىغان  ئىدى. بۈگۈن يەنە بۇرۇن يېزىشقان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنى شۇنچە سېغىندىم، گەرچە ئۇنىڭ تېلفۇننى ئالمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ يەنە ئازراق ئۈمۈد بىلەن تېلفۇن قىلىپ باققان ئىدىم. ئەپسۇس، ئاچىسى تېلفۇننى ئېلىپلا ‹‹تويى بوپ بولغان قىزغا نىمىشقا تېلفۇن قىلىسىز؟!›› دەپ قوپال تەگدى. بەك ئېغىر كەلدى...

ئۇلار شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتتەك پاراڭلاشقاندىن كىيىن تېلفۇننى قويدى.

سابا تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدىلا ئۇ دوستىغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلەپ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلاشقان ھەم كۆيئوغۇل يىگىتكە بەكمۇ ھەۋەس قىلغان ئىدى. شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ساددا، ئوماق بىر قىز بىلەن توي قىلىپ، پاك، غۇبارسىز پەرىشتە سۈپەت بىر مەھبۇبىگە ئىرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يىگىتنى ھەقىيقەتەنمۇ بەخىتلىك دەپ ئويلىغان ئىدى. لىكىن ھازىر ئايگۇل دىگەن قىزدىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ يىگىتكە بەكمۇ ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ يىگىتنىڭ ھالال جۈپتۈم دەپ ئويلىغان قىزى ئەنە شۇنداق ئاتالمىش ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆزىنى بۇيىغان ‹‹ساختا قىز›› ئىدى. ھالال جۈپتۈم دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالغان تۇنجى قەدىمى ساختىلىق ھەم ئالدامچىلىق بىلەن باشلانغان ۋە شۇ ئارقىلىق بەختىنىڭ پىنھان روجەكلىرىدە يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغان، ھېچكىم كۆرمەيلا قالىدىغان مەۋھۇم بىر داغنى ساقلاپ قالغان ئىدى. مۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشى پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىچىدە ئۈتەتتى.

سابا سافاغا يۆلەنگىنىچە رەنا توغرىلىق ئويلىنىشقا باشلىدى. قارىماققا شۇنچە ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ھايالىق، نۇمۇسچان كۆرۈنىدىغان، گەپ قىلىشلىرىدىن باشقىلارغا كىچىك بالىدەكلا تەسىر بىرىدىغان ھىجاپلىق ئاياللاردەك كىيىنىپ يۈرىدىغان  ئۇ قىزنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشىغا سابانىڭ پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىيىش ئەمەس، ھەتتا رەنانىڭ يۈزىگىمۇ سالماسلىقنى، ئۇنى خىجىل قىلماسلىقنى ئويلىغان سابا ئايگۈلنىڭ ئۆزىنى قورقىتىۋاتقانلىقىغا، ھەم ئۆتمۈشىڭىزنى ئىنىقلىدىم دىگەن گىپىگە قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ ئىنىقلىغۇدەك نىمە ئىشى بار ئىدى؟! ئۇ باشقا ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ ئۇخلىماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز توي كۈنىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ قالدى.

توي كۈنى سابا رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى بولغان ئايگۈل بىلەن رەنجىشىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى سابا رەنانىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا ئەتە توي دىگەن كۈنى رەنانىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بىرىشى كىرەك ئىدى. لىكىن سابا ئايگۈلنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا رەنانىڭ ئۆيىگە چىقمىغان ئىدى. چۈنكى سابا رەنانىڭ بۇ ئاچىسىنى ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، شۇڭا توينىڭ ھارپا كۈنى ئايگۇلنى شۇ ئۆيدە بار دەپ ئويلاپ چىقمىغان ئىدى.

توي كۈنى شۇ توغرىلىق گەپ بولۇپ، ئايگۇل ساباغا:

-  يېقىن دوستى بولغاندىكىن تۆنۈگۈن ئاخشام چىقماپسەن، ئەمدى رەنانىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدىڭ- دېدى. بۇ گەپ ساباغا ئېغىر كىلىپ؛

- سىزنى چىقىدۇ دەپ ئاڭلاپ بىزنىڭ يوقلىقىمىزنى چاندۇرماس دەپ ئويلاپ چىقمىغان. سىزنىڭمۇ چىقماسلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام چۇقۇم چىقاتتىم. سىزمۇ ئىشەنچىسىدىن قاپسىزدە ئەمىسە؟!- دىگەن ئىدى، شۇ گىپىگە ئايگۇل بەكلا ئاچچىقلاپ قالغان ئىدى ھەم- مەن ئاخشام چىقالمىغان بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بىرىپ بولدۇم. مەن ئىشەنچىسىدىن ئۆتتۈممۇ-ئۆتمىدىممۇ رەنا ئۆزى بىلىدۇ- دەپ قاينىغان ئىدى.

ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ‹‹قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بىرىپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ بولدۇم›› دىگەن گىپىنىڭ مەنىسىنى سابا ئەمدى چۈشەندى. ئۇنىڭ قىلىپ بەرگەن ئىشى تونۇشى ئارقىلىق رەنانى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ «قىزلىق پەردىسى» سالدۇرغىنى ئىدى.

ئەمدى سابا ئۆتكەن كۈنلەرنىمۇ ئەسلەشكە باشلىدى. تەخمىنەن تويدىن بىرەر ئاي بۇرۇن رەنا قىززىپ ئاغرىپ قالغان ئىدى. بەك قىززىپ كەتكەچكىمۇ ئۇ ئازراق تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەيدىغان بوپ قالغان ئىدى. سابا رەنانىڭ ئانىسىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ زادىلا خاتىرجەم بۇلالماي ئۇنىڭ يېنىغا باردى ھەم شۇ كۇنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ئورنىدىن تۇرغاندا رەنا خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ئىدى. لىكىن بىردەمدىن كىيىن يەنە شۇنداق ئوڭ-تەتۈر سۆزلىگىلى تۇردى. سابا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلالماي دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتتى. ئەمما رەنا ئۇنىمىدى. سابامۇ گىپىدە چىڭ تۇردى. شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرۈپمۇ قايىل قىلالماي ئاخىرى رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىدى. ئانىسمۇ قىزىغا تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق رەنا جاھىللىق قىلىپ ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرىۋالدى. شۇ ئارىدا يەنە رەنانىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەچكە سابا ‹‹ چۇقۇم تەكشۈرتمىسەڭ بولمايدۇ›› دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.

ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر ئىش- ئالدىنقى كۈنى رەنا قىززىپ قالغاندا ئۆزىنىڭ تېلفۇنىنى قولىنى يۇيغان تۇرۇبا تۈۋىدە ئۇنتۇپ قالغان. دۇختۇرخانىغا كىرگىلى ئۇنىماي تۇرىۋالغان ھەم بەك زورلانغاچقا تەڭلىكتە قالغان.ئاندىن سابانىڭ تېلفۇنىدا ئايگۈلگە تېلفۇن قىلغان.بىراق سابا بار يەردە پاراڭلاشماي يىراققىراق كىتىپ مەخپى پاراڭلاشقان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ سابا ئازراق غەيرىلىك ھىس قىلغان ئىدى. كىيىن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بولغىچىمۇ سابانىڭ تېلفۇنىغا ئايگۈلدىن نەچچە قېتىم تېلفۇن كەلگەن ئىدى. لىكىن سابانىڭ ئۇنىڭ بىلەن خۇشى بولمىغاچقا تېلفۇننى ئالمىغان ھەم ئۇنىڭ تېلفۇن قىلغىننىمۇ رەناغا دىمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ رەنا يەنە ئۆزى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغان ئىدى. ھەم يولدا ماڭغاچ سابادىن؛

-مىنى دوختۇرلار تەكشۈرسە قانداق سايمانلار بىلەن تەكشۈرىدۇ؟ ياتقۇزۇپ تەكشۈرەمدۇ؟- دەپ سورىغان ئىدى. سابا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە؛

-تەكشۈرتۈشتىن شۇنچىۋالا قورقامسەن؟ قانداق تەكشۈرىدىغىننى مەنمۇ بىلمەيمەن، دوختۇرلار كۆرۈپ قانداق تەكشۈرىمىز دىسە شۇنداق تەكشۈرتىدىغان گەپ دىگەن- ئىدى.

سابا نۇمۇر ئېلىپ كەلگەندە رەنا يەنە ئۇنىڭ تېلفۇنىدا ئايگۇل بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتقان بولۇپ، سابانىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ گىپىنى توخىتىۋالغان ئىدى،

رەنانىڭ تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئىنىقلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى سابا ئەمدى ھىس قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر كۈنى رەنا سابانىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە سابا رەنانىڭ تېلفۇنىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئايگۇلنىڭ رەناغا يازغان قىسقا ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇچۇردا ‹‹ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. تەكشۈرگەندە........  تەكشۈرىدۇ. ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق. خاتىرجەم بول.ئۇلار ھەرگىزبىلەلمەيدۇ...›› دىگەندەك مەزمۇنلار بار ئىدى. ئۇچۇر سانىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، سابا شۇ بىر ئۇچۇرنىڭ بېشىنى ئۇقۇپلا، رەنا قايسى كۈنىدىكى تەكشۈرتۈشتىن قورققان بولسا ئاتاق ئاچىسى شۇنىڭغا قارىتا يازغان ئۇچۇر بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ ئارتۇقچە ئويلاردا بولمىدى. سابانىڭ ئىسىدە قېلىشىچە توي خېتى ئالىدىغان چاغدىمۇ توي خېتى بەرگەن ئورۇندىن چوڭراق ئورۇندا تەكشۈرتكەندىن كىيىن تەكشۈرتكەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ چىقىشىنى تاپىلىغاندا رەنا يەنىلا تەكشۈرۈشتىن قورقۇپ توي خېتى ئېلىشقا بارغىلى ئۇنىماي بەك ئىككىلەنگەن ئىدى.

شۇ چاغدىكى تەكشۈرۈشلەردىن رەنانىڭ نىمانچە ئەنسىرىگەنلىكىنى سابا ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدى.

سابا تېخى بامداد ۋاقتى بولمايلا تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز سايرىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئاخشام يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا ئۇخلىغاچقا ئۇيقۇسى قانمىغان بولۇپ، تېلفۇنىنىڭ ئىكرانىغىمۇ قارىماستىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...

تېلفۇن ئۇرغىنى ئايگۈل ئىدى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاخشام ئەجەپ بىر ئۇچۇرلارنى يېزىپسەنغۇ؟

-سىنىڭ يازغان ئۇچۇرلىرىڭغا جاۋاپ بەردىم.

-قانداق قىلماقچى؟ بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىمەكچىما؟ ئاخشاممۇ بىرسى بىلەن بەك ئۇزاق پاراڭلاشتىڭ. شۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دوكلات قىلىپ بولدۇم دىگىنە!

بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنداق ئاسانلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان سابا ئايگۈل بىلەن دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى يەنە تېلفۇننىڭ ئۈنئالغۇسىغا ئېلىۋالدى.

-ئۇنداق ئەمەس. دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم. لىكىن ئۇ ئىش توغرىلىق ئەمەس، باشقا...

-ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئىشلارنى باشقىلارنىڭ بىلمىگىنى ياخشى.

-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، لىكىن كىيىنكى گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك غەزىپىم كەلدى...

-غەزىپىم كەلدى دەپ نىمە قىلماقچى؟ ئۇنى باشقىلارغا دىسەڭمۇ بەرىبىر. مەن دىگەن گىپىمنى ئىنكار قىلسام ھېچكىم سىنىڭ گىپىڭگە ئىشەنمەيدۇ. ئەكىسچە سىنى رەنانىڭ يولدىشىغا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ، شۇڭا كەينىدىن گەپ تېپىپتۇ دەپ ئويلايدۇ.ئەھۋال ئۆزۈڭگە ياخشى ئەمەس!

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سابانىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى ھەم؛

- بوپتۇ ئەمىسە، مەنمۇ باشقىلارغا دەي، سەنمۇ ئىنكار قىلىپ باق! ئاقىۋىتى قانداق بۇلىدىكىن؟!

-مەن ھازىر باشقىلارغا دىمە دىسەم يەنە دەي دەيسەنغۇ!

-سەنمۇ‹‹ باشقىلارغا دىگىنىڭ بىلەن ئىنكار قىلىۋىتىمەن، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ›› دىدىڭغۇ؟ شۇڭا سىناپ باقمامدۇق.

-مەن ئىنكار قىلىۋەتسەم قانداق ئىشىنىدۇ باشقىلار؟

-مىنىڭچە رەنانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. بۇرۇن بىر قېتىم گۇمانلانمىغان بولسام مەنمۇ ئىشەنمەستىم. لىكىن مەن ئاخشام سەن مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلىغانلىقىڭنى دىگەندىن باشلاپ دىيىشكەن ھەممە گەپلەرنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدىم. شۇڭا باشقىلار ماڭا ئىشىنىدۇ.

-خېلى يامانكەنسەن ھە؟!

-بەزى ۋاقىتتا شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدىكەن. مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلىدىم دەيسەن. بوپتۇ، ئىنىقلىغانلىرىڭنى ھەممە كىشىگە سۆزلەپ بەرسەڭمۇ بىرەرسىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدىغان ئىشىم يوق. ھازىرغىچە بىرەر يىگىت بىلەن يۈرۈش ئەمەس، ئادەتتىقى دوستلۇق سالاھىيىتىدىمۇ يوللاردا ياندىشىپ مېڭىپ باققىنىم يوق. سەنمۇ ئىنىقلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەر. يىتەرلىك بولمىغان بولسا يەنە ئىنىقلا! مەنمۇ ساڭا بىر ھەپتىلىك ۋاقىت بىرەي، كىلەر ھەپتە دىيىشەيلى!

-نىمانداق گەپ قىلىسەن! مەن يېنىڭغا باراي، بىز ياخشىراق پاراڭلىشايلى.

-نىمىنى پاراڭلىشىمىز؟

-ئارىمىزدىكى چۈشەنمەسلىكنى، بۈگۈن ۋاقتىم چىقمايدۇ، ئەتە ياكى ئۆگۈن يېنىڭغا باراي. بىز پاراڭلاشماي تۇرۇپ ئۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دىمەسلىككە ۋەدە بەر!

-ماقۇل ۋەدە بىرەي، بىر ھەپتىگىچە ۋەدە بىرەي، ئۇنىڭغىچە مىنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىمنى تېخىمۇ ئىنىق ئىنىقلىۋال، پايدىسى بوپ قالار.

--.........

-..........

تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن سابا بۇ ئىشلارنىڭ ئۇڭىدا ياكى چۈشىدە يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئاڭسىز ھالەتتە تامغا يۆلىنىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى.

سابا بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇنداق قىلسا ئۇلارسابانىمۇ ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىشلىرى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى ئىنىق ئىدى. يەنە  كىلىپ شۇنچە ئالدامچىلىقلارنى قىلىپ يەنە چوڭ سۆزلەپ يۈرگەنلىكىگە بەك غەزەپلەنگەن ئىدى.ئۇ ئويلىغانسىرى بىئارام بولىۋاتاتتى. بولۇپمۇ رەنانىڭ ئىشىنى ئويلىسىلا ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

بۇ ئىشلار نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟ قارىماققا شۇنچە ئەدەپ-ئەخلاقلىق كۆرىنىدىغان دوستىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، مۇشۇنداق بەزى بىر قىزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئوغۇللار ھەقىيقى ئىپپەتلىك قىزلارغىمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن قاراۋاتمامدۇ؟ ئەجىبا بۇلارغا بىرىلىدىغان بىرەر جازا يوقمۇ؟ ئۇلار ئاتالمىش قىزلىق پەردىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆزىنى بۇياپ يەنىلا بەختلىك ياشاشقا لايىقمۇ؟

سابا دوستىغا بەك ئىشىنەتتى. بۇرۇن سابا بىلەن رەنا بىر ئورۇندا بىللە ئىشلەيتتى، سابا بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن رەنا شۇ ئىش ئورنىغا يېقىن يەردىكى بىر يىگىت بىلەن ئۈچ يىلدەك ئارلىشىپ ئۆتكەن ھەم  كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي رەنامۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى. رەنا دەسلەپ يۆتكىلىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سابا رەنانىڭ چ چ سىنى ئېچىپ قىزىقىپ باشقىلار بىلەن يېزىشقان خەتلەرنى ئوقىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى ئايگۈل بىلەن شۇ مەزمۇندا پاراڭلاشقان خەتلەرنى كۆرۈپ. رەنادىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى. لىكىن رەنا‹‹ ئۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! ئۇنداق ئىش يوق! ›› دىگەچكە سابامۇ دوستىدىن ئارتۇقچە گۇمانلانمىدى. چۈنكى ئۇ دوستىغا بەك ئىشىنەتتى. قارىماققىمۇ رەنا باشقىلارغا شۇنچە ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، كىچىك بالىلاردەكلا تەسىر بىرەتتى.ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەن، يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن گۇمانلانمايتتى.

سابا زادى قانداق قىلىش كىرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. باشتا بۇ ئىشلارنى دوستىنىڭ يۈزىگە سېلىپ ئۇنىمۇ خىجىل قىلماسلىقنى ئويلىغان سابا رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قانداقلا بولمىسۇن رەنا بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلىدى. شۇ يەرنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە توينىڭ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن قىز تەرەپتىكىلەر يىگىت تەرەپكە، چۈشتىن كىيىن يىگىت تەرەپتىكىلەر قىز تەرەپكە مىھمانغا كىلەتتى. سابا ئاۋۋال رەناغا بىر پارچە خەت يازدى ھەم چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقتى. رەنانىڭ ئۆيىدىكىلىرى يىگىت تەرەپتىكىلەرنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سابا بىلەن رەنا ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى.

سابا ئۇنى كۆرگەن ھامان ئاخشام ھەم ئەتىگەن ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان گەپلەردىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى ئالدىدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانلىنىشقا ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەتلا ئۇنىمايتتى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ رەناغا خېلى ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى. بۇنى كۆرگەن رەنا ساباغا دىدى؛

-نىمانچە قارايسەن؟

-قارىسام بولمامدۇ؟

-خىجىل بۇلىمەنكەن ئۇنداق قارىساڭ...

-سەنمۇ خىجىل بۇلۇشنى بىلەمسەن؟!

-بۇ نىمە دىگىنىڭ؟

سابا ھازىر ئۇ گەپلەرنى دىيىشىنىڭ مۇۋاپىق پەيتى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە ئىچىدىكى غەزەپ-نەپرەتنىڭ تۈرتكىسىدە يازغان خەتنى رەناغا بەردى. ئەمما رەنا خەتنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا يىرتىپ-يىرتىپ يانچۇقىغا سالدى.

سابا ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سورىدى؛

-نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟ يولدىشىڭغا قانداق يۈز كىلەلەيسەن؟ ئاچاڭ تېخى مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئىنىقلاپتۇ،ھىم! ماڭا تەھتىت سېلىۋاتىدۇ تېخى. سەن ئەمدى قانداق قىلماقچى؟

رەنا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سابادىن قايتۇرۇپ سورىدى؛

-سەن قانداق قىلماقچى؟- دەپ ياندۇرۇپ سورىدى.

سابا؛

-مەن ئاتاق ئاچاڭغا پەقەت بىر ھەپتىگىچە باشقىلارغا دىمەيمەن دەپ ۋەدە بەردىم.  ئۇنىڭغىچە مىنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىمنى ئوبدان ئىنىقلىۋېلىڭلار!

-بىر ھەپتىگىچە باشقىلارغا دىمەيمەن دىسەڭ ئايگۈل ئاچام نىمە دىدى؟

-ماقۇل دىدى. ئۇنىڭغىچە ئايگۈل ئىككىمىز بىر پاراڭلىشىپ باقىدىغان بولدۇق. نىمە دەيدىكىن ئۇ ئاچاڭ.

-بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى بۇزساڭ ساڭا نىمە پايدا؟

-ماڭا ھېچقانداق پايدا يوق. يولدىشىڭنى ئالداپ، ئەختەمنى شۇنچە ئازاپلاپ ساڭا نىمە پايدا بولدى؟

-ھەممىڭدىن نەپرەتلىنىمەن!ھۇ قارا نىيەتلەر...

-ئەجىبا ئۈزۈڭدىن نەپرەتلەنمەمسەن؟؟؟

-ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ ئۆلىۋالىمەن! كۈچلۈكرەك دورا ئالغاچ چىقارسەن كىلەر قېتىم چىققان ۋاقتىڭدا!

رەنانىڭ بايىقى قىزغىن مۇئامىلىسى بىردىنلا ئۆزگەردى. سابا ئۇنىڭغا كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى؛

-يولدىشىڭغا ئەھۋالنى ئىنىق دىگىن! ئۇ مەيلى دىسە تېخى ياخشى، ئەگەر قوبۇل قىلالمىسا ئاجرىشىپ كەتكىن! بىر ئۆمۈر باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈشكە ۋىجدانىڭ قانداق چىدايدۇ؟-بۇ گەپكە رەنا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

سابا بۈگۈن رەنانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ سۆزلىرىدە ۋىجدان ئازابى تارتىش ياكى پۇشايمان قىلىش ئالامەتلىرىنى ئۇچراتقان بولسا بەلكىم ئۇنىڭغا قاتتىق گەپمۇ قىلماس ئىدى.

-يولدىشىڭ باشقىلاردىن بۇ ئىشنى ئاڭلىسا تېخىمۇ ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن. ياخشىسى ئۆزۈڭ ئېيتىپ چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلغىنىڭ ياخشى- دىدى سابا ۋە ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ چاغدا يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭمۇ ئۇزايدىغان ۋاقتى بوپ قالغاچقا ئەدەپسىزلىك بوپ قالمىسۇن دەپ بىر دەم تۇرۇپ قالدى. رەنامۇ يىگىت تەرەپ بىلەن كىتىدىغان بولغاچقا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. رەنا تويدىن كىيىنلا يۈزىنى يۆگەپ روپاچ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن پەلتۇ كىيىپ يۈزىنى ياغلىق بىلەن ئوراپ يۆگىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرگەن قايسىبىر ئىنسان ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن گۇمانلانسۇن؟! ئۇنىڭغا قاراپ شۇنداق بىر ياخشى قىزنى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىغا مەدھىيلەر ئۇقۇشى مۇمكىن تېخى. ھەتتا سابانىڭ ئۆزىمۇ بايىلا ئىچەركى ئۆيدە ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقان قىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىدى.

   سابانىڭ بۇ ساختىلىقلارغا قاراپ بەكمۇ ئىچى سىقىلىۋاتاتتى. ئۇ رەنانىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ قويۇپلا ماڭدى. يول بويىدا كۆيئوغۇل يىگىت بىلەن تۆنۈگۈن شۇ يىگىتكە قولداش بولغان يىگىت پاراڭلىشىپ تۇراتتى. تۆنۈگۈن سابا بۇ يىگىتنىڭ بەختىگە ھەۋەسلىنىپ قارىغان بولسا، بۈگۈن ئىچ ئاغرىتىش نەزەرى بىلەن قارىدى ۋە ئۆزىنىڭ غورورى دەپسەندە بولىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا ئۆرتىنىپ كەتتى. ئۇ موتوسكىلىتنى مىنگەن پېتى ئۇ يەردىن كىتىپ قالدى.

سابا يولدا ماڭغاچ رەنا ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. سابا بىلەن رەنا ھەقىقەتەن بەك ياخشى دوستلاردىن ئىدى. ئۇ ئىككىسى تۇنۇشقىلى تېخى بىريىل بولمىغان، بىراق باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك يېقىن دوستلاردىن ئىدى. سابا بىلەن رەنانىڭ تونۇشۇپ خىزمەتداش بولغان ۋاقتى رەنانىڭ يىگىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىغا ئۇدۇل كەلگەچكە، سابا رەنانى يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ، غېرىپسىنىپ تېخىمۇ ئازاپلانمىسۇن دەپ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلاتتى.

   سابا ئۇدۇل ئۆيىگە چىقتى ھەم رەنا سوۋغا قىلغان گۈلگە قاراپ تولىمۇ بىئارام بولدى. دوستىغا شۇنچە نەپرەتلىنىپ تۇرسىمۇ گۈلگە يەنىلا مىھرى بار ئىدى. گۈل ئۇنىڭغا خۇددى بىچارىلەرچە شۈمشىيىپ تۇرغاندەك، ئىگىسىنىڭ ۋىجدانسىزلىقى ئۈچۈن سابانىڭ ئالدىدا گۇناھكارلارچە بېشىنى ئىگىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئەمما سابا ئۇ گۈلگە باشقىچە مىھرى بىلەن قارايتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟! سوۋغا قىلغان كىشى ۋىجدانسىز بولغىنى بىلەن گۈلدە نىمە گۇناھ؟

سابا ھەممە ئىشنى ئىنىق بىلگەن بولسىمۇ، لىكىن رەنانىڭ ئۇنداق قىز ئىكەنلىكىگە ئانچە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار خۇددى چۈشتەكلا بىلىنمەكتە ئىدى.

ئۇ يانچۇقىدىن يانفۇنىنى چىقىرىپ رەنانىڭ بۇرۇن چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. قارىماققا شۇنچە ساددا، ئەدەپ-ئەخلاقلىق كۆرىنىدىغان، ياغلىقنىمۇ ئىڭەكچىلەپ تېڭىپ چىڭ چۈمكەپ چىگىدىغان بۇ قىزنى كىممۇ ئىپپىتىنى يوقاتقان، مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىپ كىتىدىغان قىز دەپ ئويلىسۇن؟!

سابا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرغاندا رەنانىڭ ئاتاق ئايگۈلدىن تېلفۇن كەلدى. ئايگۈل تېلفۇندا ئۇنىڭغا پاراڭلىشىپ بېقىش تەكلىپىنى قويدى. سابا ماقۇل بولدى، بىراق ئۇنىڭ يەنە نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ئىچى سىقىلدى. ئۇنداق ياكى مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ باقتى. كۆڭلىدىكى تۈگۈن يىشىلمەي يەنىلا بىئارام بولدى. ئۇلار كەچ تەرەپتە كۆرۈشمەكچى بولۇپ كىلىشكەن ئىدى. ئايگۈل دىيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت كىچىكىپ كەلدى. ئۇ كىلىشى بىلەن تەڭ رەنانىڭ ئىلگىرى يۈرگەن يىگىتى پەيدا بولدى. رەنانىڭ ئاتاق ئاچىسى ئايگۈل‹‹ سىرتتا ئالىدىغان بىرنەرسە بار ئىدى، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ›› دەپ قويۇپ ئۇ بالا بىلەن يەنە چىقىپ كەتتى. سابا ئەمدى سەل ئەنسىرەشكە باشلىدى. چۈنكى، ئەتراپقا قاراڭغۇ چۈشىۋاتاتتى. سابا ئۇنىڭغا ساقلىماي ئۆيىگە كىتىشنىمۇ ئويلىدى. لىكىن يەنە قورقۇپ قاچقاندەك ئىش بولمىسۇن دەپ ساقلاشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئىشخانىسىدا ساقلاپ ئولتۇردى.

بىراق ئۇ قورقۇپ تۇرغاچقا يەنە بىر دوستى ئايجامالغا تېلفۇن قىلىپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر چۈشەندۇردى. ئايجامالمۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن؛

-  ئايگۈلنىڭ نومۇرىنى ماڭا دەپ بېرىپ سەن چىكىتىۋەرگىن، ئايگۈل بىلەن مەن پاراڭلىشاي. قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى- دىگەن بولسىمۇ سابا يەنىلا؛

- ئۆزۈم پاراڭلىشاي بولدى، نىمىلەرنى دەيدىكىن بىر ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ؟!- دەپ ئۇنىمىدى.

ئايجامالمۇ دوستىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەندىن كىيىن؛

- ئەمىسە ئاچىسى كىرگەندىن كىيىن تېلفۇننى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي ماڭا ئۇلاپ قويغىن. نىمە دىيىشكىنىڭلارنى مەن ئاڭلاپ ئولتۇراي- دېدى. بۇ پىكىرگە سابامۇ قۇشۇلدى.

ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئايگۈل كىردى. ئوخشىمايدىغان يىرى- ئايگۈل بۈگۈن تېلفۇندا پاراڭلاشقاندىكىدەك  قاتتىق گەپ قىلماي چىرايلىق، سىلىق گەپلەرنى قىلدى ھەم سابانىڭ بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋىتىشنى ئۆتۈندى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىرەر سائەتچە پاراڭلاشقاندىن كىيىن قايتتى. سابا ئايجامال مەخپى ھالدا ئۇلاپ قويغان تېلفۇن ئارقىلىق ئىككىسىنىڭ ھەممە پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى.

ئالدىنقى كۈنى ئايگۈل ساباغا تەھتىت ئارلاش گەپلەرنى قىلمىغان بولسا، سابا ئۇ ئىشنى رەنانىڭ ئۆزىگىمۇ دىمەيتتى. سابا بۇ ئىشلارنى بولدى قىلىۋىتىشنى ھەم رەناغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ قۇيۇشنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى.

ئەتىسى سابا رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلدى. چۈنكى، رەنا تويدىن كىيىنلا تېلفۇن ئىشلەتمىگەن ئىدى.ئۇ رەنانىڭ ئانىسىغا؛

- رەنا ئۆيگە كىلىپ قالسىلا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز! ماڭا بىر تېلفۇن قىلسۇن!- دەپ قويدى. بۇ نەچچە كۈندىن بىرى سابا تۇلا ئويلىنىشتىن بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ئىشقا ئۇچرىغان قايسىبىر ئىنسان چارچىمايتتى؟! ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇم، سىڭلىم دەپ قاراپ كەلگەن، كۈندە دىگۈدەك ئايرىلماي، سىردىشىپ ئۆتىدىغان، بىرسى شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟!

شۇ كۈنى كەچ رەنا يولدىشىنىڭ تېلفۇنىدىن ساباغا تېلفۇن قىلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشى تۇرىۋاتقانسەن؟

-خۇداغا شۈكرى! ياخشى، ئۈزۈڭچۇ؟

-خۇداغا شۈكرى ياخشى تۇرىۋاتىمەن.

-سۆزلىشىشكە قۇلايمۇ؟ سەن ھازىر يالغۇزمۇ؟

-ھە، يالغۇز، لىكىن كۆپ پاراڭلىشالمايمەن. ھويلىدا يولدىشىم بار.

-ھە، شۇ سىنى خاتىرجەم قىلىپ قۇياي دەپ تېلفۇن قىلغان. بەك ئەنسىرەپ كەتمىگىن! يولدىشىڭغا ھەسسلەپ مىھرىڭنى بەرگىن. خىزمىتىنى ئوبدان قىلغىن. شۇ ئارقىلىق گۇناھىڭنى يۇيغىن! مەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دىمەيمەن.ئىچىمدە سېسىتىۋىتىمەن...

-رەھمەت ساڭا!

ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن رەنانىڭ ئانىسى سابانى ‹‹ئۆيگە بىر چىققان بولسىڭىز! بۈگۈن رەنامۇ كىلىدۇ، بىللە ئولتۇرايلى›› دەپ تېلفۇن قىلدى. سابا رەنانىڭ ئانىسىنىڭ گىپىنى رەت قىلالماي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىقتى. لىكىن سابا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا ئانىسى بىلەن دادىسى تويغا كەتكەن، ئىنىلىرى جۈمە نامىزى ئۇقۇغىلى كەتكەن بولۇپ ئۆيدە سابا بىلەن رەنا يالغۇزلا قالدى.

سابا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن ھەرقانچە ئويلاپمۇ تىگىگە يىتەلمىگەن سۇئالنى رەنادىن سورىدى؛

-رەنا، ئۇ ئىش قەيەردە بولغان؟

-سىنىڭچىچۇ؟

-مەن نىم بىلىمەن؟ ئۆتكەندە سەن ‹‹ئىككىمىز ئۈچ يىل ئارلاشقان بىلەن سىرتقا كۆپ چىقمايتتۇق ›› دىگەن ئىدىڭ. دىگىنە قەيەردە بولغان؟

-سورىمىساڭ بولمامدۇ؟

-بىلگۈم بار شۇ...

-مىھمانخانىدا بولغان...

-نىمە؟ سەنمۇ مىھمانخانىغا بارغانما تېخى؟ بېرىشتىن بۇرۇن  ئۇنداق ئىش بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغانما؟

-ئويلاپ باقمىغان.

-ئۇ سىنى مەجبۇرلىغانما؟

-ياق، مەجبۇرلىمىغان.

-ئەمىسە ئۈزۈڭ خالىغانما؟

-بولدى، مىنى خىجىل قىلمىساڭچۇ؟!

-دىيىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدۇق. تايىنلىق ھەممىنى بىلىپ قالاي. دەپ بىرە، مەجبۇرلىمىغاندىكىن ئۈزۈڭ خالىغان گەپ ھە؟

-ياق.باشتا ئۇ مەجبۇرلىدى. ئۇنىمىسام مىنى ياخشى كۆرمەيىدىكەنسەن دەپ بەكلا خاپا بولغان ئىدى. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئۇ كىلىپلا...مەن قارشىلىق قىلىشنى ياكى ماقۇل بولۇشنى بىلمەيلا قالدىم. ئىشلار شۇنداق بولدى. كىيىنكى قېتىمدىكىسىنى مەن ئۆزۈم خالىغان. كىيىنكىسىنىمۇ شۇنداق.

-ئەمسە، ئېيتە، بويۇڭدا قالمىدىمۇ؟

-قالمايدىغان ئىش بۇلامدۇ؟بۇ كەمدە ھامىلدار بولۇش نىمانچە ئاسان دەيمەن!؟ ئىككى قېتىمدىلا بويۇمدا قاپتۇ...

-ھە؟؟؟ ئۇنى قانداق قىلدىڭلار ئەمسە؟

-قانداق قىلاتتۇق؟ دوختۇرغا بېرىپ ئالدۇرىۋەتتۇق شۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوقتە!

-ۋاي توۋا!... ئاجايىپ قاپ يۈرەك ھەم قارامكەنسەن جۇمۇ! ئۆيۈڭدىكىلەر بىلىپ قالمىدىمۇ؟

-ياق، ئۇ كۈنى ئەختەم مەن بىلەن باردى ھەم ‹‹ بىز توي قىلغان، ئايالىم مۇددەتتىن بۇرۇن ھامىلدار بوپ قالدى.ھازىر بالىلىق بولساق بولمايتتى، شۇڭا ئالدۇرىۋەتمەكچى ›› دەپ گەپنى ئوخشاتتى. توي خېتىنى سوراپ قالامدىكى دەپ يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ تىن ئالالماي قالغان ئىدىم. ئۇنداقمۇ بولمىدى. ئىشقىلىپ ئاشۇنداق يۇغۇشتۇردۇق...

-ۋاي گاچا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بالىنى تۇغساڭ بولمامتى؟ ئەھۋالنى ئاناڭغا دىسەڭ بەلكىم ئامالسىز ماقۇل بولار بولغىيدى؟!

-نىمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ ھازىرقى يولدىشىم ماڭا بىرەلىگەنلەرنى ئەختەم بىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتسەم مۇھەببەتلىك ياشىغان بىلەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتىمەن. مۇھەببەتنى دەپ بىر ئۆمۈر ئۇنداق ياشىغۇم يوق. يەنە كىلىپ يولدىشىمنى ئۆيۈمدىكىلەر تاللىغان. ئۇلار ماڭا خاتا يول كۆرسەتمەيدۇ. ياخشى بولالماي ئاجرىشىپ كىتىپ قالساممۇ پىشانەمگە نوقۇيدىغان ئىش چىقمايدۇ...

-ئەختەممۇ مۇشۇنداقلا ئاسان ۋاز كەچتىما؟

-ۋازكەچمىسە نىمە قىلالايتتى؟ ‹‹ ئانام مىنى ساڭا بەرمەيدۇ، بەرگەن بىلەنمۇ مەن خالىمايمەن. سىنى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن، ھازىر كۆڭلۈم يوق. كۆڭۈل ئىشىنى مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى تىركەشمىگىن! ›› دەپ ئىنىق ئېيتتىم.

-ئەمسە بۇندىن كىيىن يولدىشىڭنى داۋاملىق ئالداپ ئۆتمەكچىمۇ سەن؟

-بۇنىڭغا ئامال يوق. مۇنداق بولۇشىنى باشتا بىلمەيتتىم. كىيىن تەبئىيلا شۇنداق بوپ قالدى. سەن بىلەن ئايگۈل ئاچام ئىككىڭلار، يەنە ئەختەم، ئاغزىڭلارنى چىڭ تۇتساڭلار بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئىشقىلىپ سەنمۇ ھېچكىمگە دىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن. ۋەدەڭدە تۇرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن!

سابا ئەمدى يەنە نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟!‹‹ يولدىشىڭنى ئالدىدىڭ، ئەختەمنى ئالدىدىڭ، ئۇنى ئازابلىدىڭ...›› دەپ ئۇ ئىشلارنى باشقىلارغا يېيىپ يۈرسۇنمۇ؟ ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ نىمە پايدىسى؟

توغرا،رەنا بىلەن توي قىلغان يىگىتكە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. ئۇ ئالداندى، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر ئالدىنىدۇ.

يولدىشى ئۇ ئىشلارنى بىلسە بەلكىم بىلگەن ھامان ئاجرىشىپ كىتەر. غورۇر-ۋىجدانى بار ھەرقانداق يىگىت بەلكىم ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىقىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇ ئىشلاردىن كىيىن يەنە يۈرەكلىك ھالدا دۇختۇرخانىغا بېرىپ كىلىپلا قورقماستىن توي قىلىشقا جۈرئەت قىلغان قىز بەلكىم بۇندىن كىيىنكى ھايات سەپىرىدىمۇ ئۇ يىگىتكە يەنە يۈزسىزلىك قىلىشى ياكى بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

سابا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خېلى ئولتۇرغاندىن كىيىن يېنىپ چىقتى. سابا ئۇ ئىشلارنى رەنانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تېخىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلىۋاتاتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ روھى چۈشكۈن بولۇپ، ئۆيىگە چىقىشمۇ شۇنچىلىك تەس بىلىنىۋاتاتتى. 5-قەۋەتكە ئەمەس50-قەۋەتكە چىققاندەك تۇلىمۇ ھالسىز ھالەتتە ئۆيگە كىرىپلا سافاغا تاشلىنىپ ياتتى. ئۇ شۇ ھالدا قانچىلىك ياتتىكىن، يەنە تېلفۇننىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ بېشىنى كۈتۈرۈپ تېلفۇننى ئالدى. تېلفۇن قىلغىنى ئەختەم ئىدى. ئۇ سابادىن رەنانىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن تېلفۇن قىلغان ئىدى. سابا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىنى بىلمەيتتى. ھەم ھېچنىمە دىگۈسى يوق ئىدى. ئۇ تېلفۇننىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ، تىىترىگىنىگە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.

   بۇ ئىشلار مۇشۇنداقلا تۈگەپ، ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئوت پاختا ئىچىدە ساقلىنىپ قالارمۇ؟ قاچانغىچە ساقلىنار؟ رەنانىڭ ۋىجدانى ئازراقمۇ كۆيمەسمۇ؟ ئەجىبا ئۇنىڭدا تىرىك ئىنسانغا، بىر ۋىجدان ئىگىسىگە خاس يۈرەك يوقمىدۇ؟...

سابا  ئويلانغانسىرى بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ ،پىغانى تاشماقتا ئىدى. ئۇ سايراپ- سايراپ توختاپ قالغان تېلفۇنغا چۈشىنىكسىز قاراپ قويۇپ دەرىزە ئالدىغا كەلدى ۋە پېتىۋاتقان قۇياشقا قارىغىنىچە تامغا يۆلىنىپ يىنىك ئۇھ تارتىۋەتتى.

2011-يىلى 10-11-ئايلار (خوتەن)

2. قىسىم

ئىشلار شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىگەن بولسا، يېپىق قازان يېپىق بويىچە قالغان بولسا ياخشى بولاتتى، لىكىن تۇرمۇشتىكى كۆپىنچە ئىشلار ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدىكەن، ئويلاپ باقمىغان ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

ئۇ ئىشلاردىن كىيىن سابامۇ نۆۋىتى كەلگەندە رەنا بىلەن تېلفۇنلىشىپ بەزىدە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تۇردى. ئەختەم بەزى-بەزىدە سابادىن يەنە رەنانىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى.

ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى سابا ئۆيىدە كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلفۇنىغا ئەختەمدىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇردا ئۇ -«مەن رەنا بىلەن كۆرۈشەي دىگەنتىم، قانداق قىلسام ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلەيمەن» دەپ يازغان ئىدى. -سابامۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن قىسقا ئۇچۇر يازدى.

-ياق، سىز ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشسىڭىز بولمايدۇ، ئو ھازىر توي قىلىپ بولغان ئايال، قانداقسىگە ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

-ئۇنىڭغا بىرىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى، شۇنى بەرگەچ يۈز تۇرانە كۈرۈشەي دىگەن.

-بىرىدىغان نەرسە بولسا مەن بېرىپ قۇياي، بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. ئۇنى بۇرۇن چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ بەختىنى ئويلاڭ، سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەنگە ھېچنەرسە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

-لىكىن ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۈرۈشكۈم بار، ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى. ئۇنىڭغا دەپ قويغان بولسىڭىز، ئۇ مىنى ئىزدىگەن بولسا.

-نىمانچە گەپ چۈشەنمەيدىغانسىز، مەن ئۇنىڭغا دەپ قۇيالمايمەن، دەپ قويغىنىم بىلەنمۇ ئۇنىڭ سىزنى ئىزدىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ يولدىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھازىرقى بەختلىك ئائىلىىسنى قەدىرلەيدۇ.

-ئۇ بۇرۇن مىنىمۇ ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭغا دەپ قۇيۇڭ، ئۆزى مېنى ئىزدىسۇن، بولمىسا مەن ئىزدەشكە مەجبۇر بوپ قالىمەن.

سابانىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئاچچىقى كىلىپ ھەم ئەختەمنىڭ رەنانىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى ئىنىق بېلىپ تۇرۇپ يەنە كۆرۈشىمەن دىگىنىگە نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇچۇر يوللىمىدى.

بىردەمدىن كىيىن ئەختەمدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.

-ئۇ مىنى ئىزدىمىسە مەن دادىسى بىلەن كۆرۈشىمەن، ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ، مىنى ئىزدىسۇن.

بۇ ئۇچۇرنى ئۇقۇپ سابا ئازراق چۆچىدى، ئەجىبا ئەختەم راستىنلا رەنانىڭ دادىسىنى ئىزدىسە نىمە ئىشلار بولار، ئۇ رەنانىڭ دادىسىغا زادى نىمىلەر دەر. بۇلارنى ئويلىغان سابا ئەختەمگە دەرھاللا ئۇچۇر قايتۇردى.

-زادى نىمە قىلماقچى سىز، رەنانىڭ دادىسىغا نىمىلەرنى دىمەكچى، رەنانىڭ بويىدا بار، مەن رەناغا بۇ گەپلەرنى دەپ قۇيالمايمەن، ئۇنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، سىزنىڭمۇ ھەم ئۇنى ئاۋارە قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ئەتە كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى. رەناغا بىرىدىغان نەرسە بولسا مەن بىرىپ قۇياي.

سابا ئەختەمنىڭ رەنانى ئىزدىمەسلىكىنى، رەنانىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئەمدى ئۇنىڭ كىتاب ئۇقۇشقىمۇ رايى بارماي تېلفۇنغىلا قاراپ ئولتۇرۋاتاتتى. لىكىن ئەختەم ئۇچۇر قايتۇرمىدى. ئەمما بۇ ئىش ئولتۇرسا-قوپسا سابانىڭ خىيالىغا كىرىۋالاتتى، ئەجىبا ئەختەم راستىنلا رەنانىڭ دادىسىنى ئىزدەرمۇ، ئۇنىڭغا نىمە دەر؟ گەرچە رەنانىڭ قىلغان ئىشىغا سابانىڭمۇ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ھەم باشتا ئۇمۇ باشقىلارغا دەيمەن دىگەن بولسىمۇ لىكىن قانداقلا بولمىسۇن سابا يەنىلا رەنانىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.

ئەتىسى چۈش تەرەپلەردە سابا ئەختەمگە، رەنا توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ بېقىش بېقىش توغۇرلۇق ئۇچۇر يازدى.

   -ۋاقتىڭىز بولسا رەنا توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باقساق بوپتىكەن.

-بولىدۇ، لىكىن مەن ھازىر باشقا يەردە، بىرەر سائەتتىن كىيىن سىزگە ئۇچۇر قىلاي.

لىكىن سابا ئۇنى خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ئەختەم ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلمىدى، بۇنىڭدىن سابا ئۇنىڭ رەنا بىلەن كۈرۈشۈش نىيىتىدىن يانمىغانلىقىنى، بۇ ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى.

ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن رەنانىڭ ئانىسى ئاغرىپ قالغاچقا دوختۇرخانىغا بىر نەچچە كۈن يېتىپ قالدى، ئۇ مەزگىلدە رەنامۇ ئانىسىغا قاراش ئۈچۈن كۈندە دوختۇرخانىدا ئىدى، سابامۇ رەنانىڭ ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى، گەرچە ساباغا ئەختەمنىڭ گەپلىرىنى دىمەيمەن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە ساباغا بەزى گەپلەرنى دىيىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى.

-رەنا، ئەختەم سەن بىلەن كۈرۈشىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋاتىدۇ، كۈرۈشمىسەڭ داداڭنى ئىزدىگۈدەك.

-نىمە؟ ئۇ قاچان شۇنداق دەيدۇ؟

-شۇنداق ئۇچۇر يېزىپتىكەن، سەن تېلفۇن ئىشلەتمىگەندىن كىيىن سەن بىلەن ئالاقىلىشالماي ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ، ئەختەمنىڭ سەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان مەندىن باشقا بىرەر تۇنۇشى بولمىغاندىن  كىيىن ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ.

-ئۇنىڭغا نىمە دېدىڭ.

-رەنانى ئىزدىمەڭ دېدىم، لىكىن چۇقۇم كۆرۈشىمەن، رەنا مەن بىلەن كۆرۈشمىسە دادىسىنى ئىزدەيمەن دەيدۇ، ئۇ داداڭنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى بىلمەيدىغاندۇ؟

-بىلىدۇ، مەن بۇرۇن دادامنىڭ تېلفۇنىدا ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلغان ئىدىم.

سابا رەناغا ئەختەم يېزىشقان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتى.

سابا ئۇنىڭغا، ئەختەم بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمىگىن، لىكىن تېلفۇندا بولسىمۇ ئەختەم بىلەن بىر قېتىم كۈرۈشۈپ كەچۈرۈم سوراپ قويغىن، ئۇ ئاچچىقىدا داداڭنى ئىزدەپ يۈرمىسۇن يەنە.

-ماقۇل

لىكىن رەنا ئەختەمگە تېلفۇن قىلغان ۋاقتىدا ئەختەمنىڭ تېلفۇنى ئىتىك بولۇپ ئۇلار ئالاقىلىشالمىدى.

ئۇ كۈنلەرمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، سابا ئۆيدىكىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. رەنانىڭ ئانىسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالدى. ئۇلار تېلفۇندا بىردەم ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن رەنانىڭ ئانىسى تېلفۇننى رەناغا بەردى. سابا چوڭلار بىلەن بىللە بولغاچقا رەنا بىلەن ئەھۋال سورىشىپلا، كىيىن كۆرۈشەيلى، ھازىر مەن چوڭلار بىلەن بىللە دەپ تېلفۇندا قۇيىۋەتتى. لىكىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا سابا رەنادىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدى.

-بىر قىز دادامنىڭ تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلىپ، ئاندىن ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ ھەممە ئىشنى ئانامغا دەپتۇ، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن.

بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن سابا تۇرۇپلا قالدى، بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇ ئىشلارنى بىلىدىغان يەنە بىرى بارمىدۇ؟ رەنا ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟
-ئۇ قىز كىمكەن؟ ئۇ قىز ئاناڭغا نىمە دەپتۇ؟

-ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، ئانامغا بەزى ئەھۋاللارنى دىگەن ئوخشايدۇ، ئانام ماڭا شۇنداق دىگەن ئىدى، ئانامغا سۆزلەپ يۈرۈپ ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىغا تەستە ئىشەندۈردۈم. ئەمدى قانداق قىلسام بۇلار؟

-مەنمۇ بىلەيمەن، بۇ ئىش ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ، قانداق قىلساڭ بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ پەقەتلا بىلەلمىدىم.

-مەنمۇ پەقەت بىلمىدىم، قانداق قىلسام بولار؟

سابا ئۇنىڭغا قانداق ئۇچۇر قايتۇرۇشنى، ھەم ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشنىمۇ بىلمىدى. شۇڭا،- ھەم ئىش ياخشى بوپ كىتەر، كۆپ ئويلاپ كەتمە،-دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى.

-ئانام سەندىن ئۇ ئىشلارنى سوراپ قالسا بىلمەيمەن دىگىن، يەنە بۈگۈن بىر قىزنىڭ ئانامغا تېلفۇن قىلغانلىقىنى ساڭا دىگىنىمنىمۇ ئانامغا دىمىگىن، ئانام ھېچقانداق ئىشن بىلمىسۇن.

-ماقۇل

ئۇ كۈنى رەنا يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولدىشىنىڭ ئۆيىگە كەتتى، سابا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلمىدى ھەم ئۇچۇرمۇ قىلمىدى، چۈنكى ئۇ رەنانىڭ قىلغىنى بۇرۇندىنلا خاتا دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدى. پەقەت ئۇ دوستى بولغاچقىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتاتتى.

رەنانىڭ ئويلىغىنىدەك رەنانىڭ ئانىسى ئەتىسى ئەتىگەندىلا ساباغا تېلفۇن قىلدى.

-....

-.....

-بالام، مەن سىزنى ئۆز قىزىمدەك كۆرىمەن، شۇڭا قانداقلا ئىش بولسا سىزگە دەيمەن. تۆتۈگۈن بىر قىز تېلېفۇن قىپتىكەن. رەنا توغۇرلۇق بەك سەت گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ، ئاچچىقىمدا ئۇ قىزنى تىللاپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتىم. لىكىن ھازىرغىچە خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن، رەنانىڭ مەن بىلمەيدىغان بىرەر ئىشى بارمىدى؟

-ياق، ئۇنداق ئىش يوق، مەن رەنانىڭ باشقىچە ئىشى بارلىقىنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن.

-مىنىڭچىمۇ قىزىمنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئىشلىرى يوق، قىزىمغا ئىشىنىمەن، سىزمۇ بىلىسىز، قىزىم بەك ياخشى ھەم ئەدەپلىك چوڭ بولغان، ياكى سىزنىڭچە قىزىمنىڭ شۇنداق ئىشلىرى بارمىدۇ؟

-ياق ئاچا، مىنىڭچىمۇ رەنانىڭ ئۇنداق ئىشلىرى يوق، رەناغا ئاداۋىتى بارلاردىن بىرەسى ئۇنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقان ئوخشايدۇ.

-...

-...

بىر ئانا بولغۇچى قانداقمۇ ئۆز قىزىدىن گۇمانلانسۇن، «قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق» ئەمەسمۇ؟ ھەم رەنامۇ تاشقى قىياپەتتىن باشقىلارغا ھەرگىز ئۇنداق تەسىر بىرىدىغانلاردىن ئەمەس.

ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سابا باشقا بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، رەنادىن ئۇنىڭغا كەلدى، گەرچە سابا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ باشقا دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ھىس قىلىپ تېلفۇننى ئۆزىۋەتتى. ھەم دوستى بىلەن تىزلا خوشلىشىپ رەناغا تېلفۇن قايتۇردى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭ؟

-خۇداغا شۈكرى ياخشى، ئۈزۈڭچۇ؟

-مەنمۇ ياخشى

-.......

-.......

-سىنى ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلامدىكىن تېلفۇن قىلغانتىم، ياردەم قىلامسەن؟

-قولۇمدىن كەلسە ياردەم قىلىمەن، نىمە ئىشتى؟

-ئانامغا تېلفۇن قىز يەنە تېلېفۇن قىپتۇ، بەك جىق گەپلەرنى قىلغانمىش، ئۇ قىزنىڭ زادى نىمە مەقسىتى باركىن، پەقەت بىلمىدىم، شۇڭا شۇ قىزنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى دەپ بەرسەم تېلفۇن قىلىپ بىر پاراڭلىشىپ باقساڭ بوپتىكەن.

-.....

-گەپ قىلمايسەنغۇ، ياردەم قىلىشنى خالىمامسەن؟

-....

گەپ قىلە، خالىمامسەن؟

-شۇنداق خالىمايمەن، مەن نىمىشقا ئۇ قىزغا تېلفۇن قىلىپ پاراڭلاشقۇدەكمەن، دوستۇمنىڭ مۇنداق نۇمۇسسىز ئىشلىرى بار ئىدى، سىز بىلىپ قاپسىز، قانداق بىلدىڭىز، نىمە مەقسىتىڭىز بار دەپ مەن قانداق سورايمەن، مەن ئۇ گەپلەرنى دىيىشتىن خىجىل بولمامدىم، نىمىشقا مىنى پاراڭلىشىپ باققىن دەيسەن، نىمىشقا ئۆزۈڭ تېلفۇن قىلمايسەن؟

-بولدى ئاچچىقلانما، سىنىڭ ئاچچىقلىنىشىڭنى خالىمايمەن، ئۆزۈم پاراڭلىشاي دىگەن، لىكىن ئۇ قىزغا تېلفۇن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، شۇڭا سىنى پاراڭلىشىپ باقسۇنمىكىن دىگەن ئىدىم.

-مەن پاراڭلىشىپ نىمە دەيمەن ئۇ قىزغا، نىمە مەقسىتىڭىز بار دەپ قانداق سورالايمەن، يەنىلا ئۆزۈڭ پاراڭلاشقىن.

سابا شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى، ئۇنىڭ كاللىسى گادىرماچ خىياللار  بىلەن تولغان ئىدى. گەرچە تېلېفۇن قىلغان ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىنى قەتئى خالىمىسىمۇ لىكىن يەنىلا دوستى ئۈچۈن پاراڭلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردى. ھە رەناغا قايتۇرۇپ تېلېفۇن قىلدى.

-ھە، ئۇ قىزنىڭ نومۇرىنى دىگىنە

-تېلفۇن قىلىپ باقامسەن؟

-شۇنداق قىلاي، بىچارىلەرچە ئۆتۈنۈپ تۇرساڭ، ئەسكى بولساڭمۇ دوستۇم بوپ قاپسەن شۇ.

-رەخمەت ساڭا

رەنا ساباغا ئۇ قىزنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى دەپ بەردى، لىكىن سابا ئۇ قىزغا نىمە دىيىشنى، گەپنى قانداق باشلاشنى، نىمىلەرنى دىيىشنى پەقەت بىلمەيتتى. سابا خىيالىدا ئۇ قىز بىلەن 2 سائەتتەك پاراڭلاشقاندىن كىيىن تەستە تېلفۇننى قولىغا ئېلىپ ئۇ قىزنىڭ نومۇرىنى باستى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىدىن باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلگىلى بولمايتتى،

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىشلىقمۇ؟

-خۇداغا شۈكرى ياخشى، سىزچۇ؟

-خۇداغا شۈكرى مەنمۇ ياخشى.

-سىز؟

-مە...ن، مەن رەنانىڭ دوستى. سىز بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي دىگەن.

-ھە، مەن بىلەن نىمە توغۇرلۇق پاراڭلاشماقچى ئىدىڭىز؟

-......

-گەپ قىلىڭە، نىمە توغۇرلۇق پاراڭلاشماقچى ئىدىڭىز؟ تېلفۇن قىلىشتىن بۇرۇن ئويلانغان بولغۇيدىڭىز؟

-ھە، رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلىپ بەزى گەپلەرنى دىگەن ئوخشايسىز، ئۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس، سىزنىڭ شۇ گەپلەرنى نەدىن ئاڭلىغانلىقىڭىزنى ھەم نىمە مەقسەتتە رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقاي دىگەنتىم.

-سىز ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يالغان دىمەكچىمۇ؟

-ھەئە، ھەممىسى يالغان.

-ئەمىسە نىمىشقا ماڭا گەپ قىلغاندا تەمتىرەپ قالىسىز، دوستىڭىزغا تۆھمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن مىنى تىللىماي سىلىق گەپ قىلىسىز؟

-ھە؟!

-ئۇ ئىشنىڭ راس-يالغانلىقى، ھەم دوستىڭىزنىڭ ئۇ ئىشلىرى ئىككىلىمىزگە ئايان. سىز ھەر نىمە دەپ باققان بىلەنمۇ بىكار، مەن ھەممىنى ئىنىق بىلىپ بولدۇم.

-.......

سابا نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدى، تېلفۇن قىلىشتىن بۇرۇن خىيالىدا ئۇ قىز بىلەن خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقان، ئۇ قىزنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلغان ھەم ئۆز خىيالى بويىچە ئۇ قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاپمۇ تەييارلىغان ئىدى. لىكىن ئۇ قىزنىڭ گەپنى-باشلا-باشلىمايلا ئۆزىنى توختىتىپ قويۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى. سابا تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن يەنە ئويلىنىپ قالدى، تېلفۇننى قۇيىۋىتىش ياخشى چارە ئەمەس، گەرچە ئۇ قىز ئويلىمىغان يەردىن گەپ ئېچىپ ئۆزىنى توختىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ تېلفۇننى قۇيىۋىتىپ ياخشى قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. سابا شۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىدا ئۇ قىز قايتۇرۇپ تېلفۇن قىلدى.

-ھە، تېلفۇننى قۇيىۋەتتىڭىزغۇ؟

-ياق، ئۇنداق ئەمەس، توكى تۆگىگەن ئىدى، ھازىر ماي ئالماشتۇرۇپ تۇرغان.

-ھە، ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى. مەن بىلەن قانداقراق پاراڭلاشماقچىسىز؟ ياكى رەنانىڭ ئاتا-ئانىسىدەك مىنى تىللاپ تېلفۇننى قۇيىۋەتمەكچىمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، سىز بىلەن چىرايلىقچە پارايلىشاي دەيمەن. توۋلىشىپ ھەم سۇقۇشۇپ ھېچ قانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

-ياخشىغۇ، ئەمىسە گىپىڭىزنى باشلاڭ.

ئۇ قىزنىڭ تەمكىنلىكى ھەم گەپدانلىقى قەدەمدە بىر سابانى تەمتىرىتىپ تۇراتتى.

-سىزمۇ ھەممە ئىشنى بىلىپ بوپسىز، ھەم رەنانىڭ ئاتا-ئانىسىغا تېلفۇنمۇ قىلىپ بوپسىز، نىمىنى ئويلاپ شۇنداق قىلدىڭىز؟

-سىزنىڭچە مەن قانداق قىلسام بولاتتى، ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنى باشقىلانىڭ ئالداپ ئۆتىشىگە سۈكۈت قىلىشىم كىرەكما؟ سىز دوستىڭىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارايدىغان ئوخشىمامسىز؟

-مە..ن، يا..ق. ئۇنداق ئەمەس.

-ئەمىسە مەندىن نىمىشقا ئۇنداق سورايسىز؟ سىزنىڭچە مەن داۋاملىق سۈكۈت قىلىشىم كىرەكمۇ؟

-ھەئە، سۈكۈت قىلىشىڭىز كىرەك، چۈنكى ئۇلار توي قىلىپ بولدى، ھازىر بەختلىك ئائىلىسى بار، يەنە رەنا ھازىر ھامىلدار............

-بولدى قىلىڭ، ھامىلدار بولسا نىمە بوپتۇ. ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىشى كېرەك، خېلىلنىڭ ئاچچىقى بەك يامان، بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىسەم ئاچچىقىدا بىر ئىش قىلىپ قۇيىشىدىن ھەم ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دېدىم، ئۇلار ئۆزلىرى بىلىپ بىر ئىش قىلىشسۇن، بولمىسا خېلىلنىڭ ئۆزىگە دەيمەن.

-ياق، ئۇنىڭغا دىسىڭىز بولمايدۇ، ئۇ ئىشلارنى خېلىلغا دىسىڭىز رەنانىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ۋەيران بولمامدۇ؟

-ۋەيران بولسا نىمە بوپتۇ، مېنىڭ خېلىلغا ھازىرچە دىمىگىنىم خېلىلنى ئايىغىنىم، ھەرگىزمۇ ئۇ ئايالنى ئايىغىنىم ئەمەس، زۆرۈر تېپىلسا خېلىلغا چۇقۇم دەيمەن.

-بەك يىنىكلىك قىلىۋاتىسىز، سىزدىن ئۆتۈنگىنىم بولسۇن، بۇ ئىشلارنى مەخپى تۇتقان بولسىڭىز، ئەگەر بۇ ئىشنى خېلىلغا دىسىڭىز، ئۇلار مۇشۇ سەۋەپتىن ئاجرىشىپ كەتسە ھەم ئۇنى باشقىلار بىلسە رەنا مەڭگۈلۈك شۇ نامدىن قۇتۇلالماي ياشاشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز؟

-مىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئۇ ئايال ئەمەس، بەلكى خېلىل، مەن ئۇنىڭ ئالدىنىپ ئۆتۈشىنى خالىمايمەن، سىز دوستىڭىزغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىزيۇ-مەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنى باشقىلارنىڭ ئالداپ ئۆتۈشىگە سۈكۈت قىلىپ ئۆتەمدىم.

-.......

-گەپ قىلىڭە، ئەجەپ گەپ قىلمايسىزغۇ. دەيدىغانلىرىڭىز تۆگىدىمۇ؟

-ياق، مەن پەقەت دوستۇمنىڭ خۇشال ھەم خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، بىلىمەن، ئۇ خاتا قىلدى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ھەم بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا بەكمۇ ئاچچىقىم بار، لىكىن نىمىلا بولسۇن ئۇ يەنىلا مىنىڭ دوستۇم. شۇڭا ئۇنىڭ خاتىرجەم ياشىششىنىلا خالايمەن.

-مەنمۇ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ خۇشال ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئۇنىڭ ساختا مۇھەببەت، يالغان كۈيۈنۈشلەر ئىچىدە ئەمەس ھەقىقى بەخت ئىچىدە ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

سابا ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئۇ قىز سابانىڭ گەپلىرىنى پەقەت پەرۋايىغا ئالمايۋاتاتتى. لىكىن سابانىڭمۇ بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتكۈسى كەلمىدى، بىر ئامال قىلىپ ئۇ قىزنى بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى ئويلايتتى. لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتە.

ئۇ قىز بىلەن بولغان قىسقىغىنە پاراڭلىشىشمۇ بىكار بوپ چىقتى، سابا ئۇ قىزنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى، لىكىن ئۇ قانداق قىلسا دوستىنىڭ ھازىرقى بەختلىك ئائىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇراتتى. سابا ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق ئايگۈلنىڭ بۇ ئىشقا ئارلىشىش كىرەكلىكىنى ھىس قىلدى. چۈنكى ئايگۈلمۇ گەپ قىلىشقا بەك ئۇستا، بەلكىم ئايگۈل ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشسا ئۇ قىز نىيىتىدىن يېنىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس. سابا شۇلارنى ئويلاپ ئايگۈلگە تېلېفۇن قىلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭ؟

-ياخشى سىنىڭچۇ؟ نىمە ئىشلار بىلەن؟

-مەنمۇ ياخشى، مىجەزىم يوق داۋالانغىلى بارغان، بۈگۈنلا كىلىشىم.

-ھە

-قانداق بىرەر ئىش بارمىدى، ماڭا پەقەتلا تېلفۇن قىلمايتتىڭ، بۈگۈن ئەجەپ تېلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟

-ھەئە، بىر ئىشتا ھاجىتىم چۈشۈپ ئىزدىگەن ئىدىم.

-دىگىنە ئەمىسە، نىمە ئىش ئىدى.

سابا ئايگۈلگە، بىرىنىڭ رەنانىڭ ئۆيدىكىلىرىگە تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇ قىز بىلەن تېلفۇندا پاراڭلاشقانلىقىنى، ھەم نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكىنى قىسقىچىلا سۆزلەپ بەردى. ھەم ئۇ قىزنىڭ بەك گەپدان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇ قىزنى قايىل قىلىشقا ياردەملىشىشنى دېدى. ئايگۈلمۇ ماقۇل بولۇپ ئۇ قىزنىڭ نومۇرىنى يېزىۋالدى.

بەلكىم ئايگۈل ئۇ قىز بىلەن سۆزلىشىپ ئۇ قىزنى قايىل قىلسا ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كىتەر، رەنا شۇ تاپتا يولدىشىنىڭ  ئۇ ئىشلارنى بىلىپ قالامدىكى دەپ قانچىلىك ئەنسىرەۋاتقاندۇ؟

ئىككى كۈندىن كىيىن سابا كىيۇ كىيۇدا ئايگۈل بىلەن سۆزلەشتى.

-ئۇ قىز بىلەن سۆزلەشتىڭما؟

-ياق، بىر قانچە قېتىم تېلفۇن قىلدىم، لىكىن تېلفۇنى ئىتىككەن، ئالاقىلىشالمىدىم.

-ھە، بۈگۈن رەنانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

-ھە

-ئەمدى رەنا قانداق قىلار؟

-قانداق قىلاتتى، ئاجرىشىپ كتىدۇ شۇ، شۇ تاپتا خوش بوپ كەتكەنسەن.

-نىمە؟! نىمە دەۋاتىسەن؟  رەنا ئاجراشسا مەن خوش بولىمەنمۇ؟

-.....

-گەپ قىلە، نىمە دىگىنىڭ ئۇ؟

-نىمە دىگىنىم ئۆزۈڭگە ئايان.

ئايگۈلنىڭ ئۇ گىپىنى ئاڭلاپ سابا بىردەم ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالغان بولسا بىردەمدىن كىيىن ئاچچىقتا نىمە دىيىشىنىمۇ بىلمىدى.

شۇ ۋاقىتتا سابانىڭ يېقىن دوستى ئايجامالدىن ئۇنىڭغا تېلېفۇن كەلدى، لىكىن سابا ئاچچىقىدا تېلفۇننىمۇ بېسىۋەتتى، لىكىن ئايجامال قايتۇرۇپ تېلفۇن ئېلېۋاتاتتى. سابا ئاخىرى تېلېفۇننى ئالدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

-نىمە بولدۇڭ، نىمىشقا تېلېفۇننى بېسىۋىتىسەن، ئەجەپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىڭغۇ بۇ كۈنلەردە. مەن تېلېفۇن قىلمىسام تېلېفۇنمۇ قىلمايسەن، تېلېفۇن قىلسام بېسىۋىتىسەن، بۇ قانداق گەپ ئەمدى.

ئايجامال تېلېفۇننى ئېلىپ ئەھۋالمۇ سورىماستىن ئاچچىقلىنىۋاتاتتى.

-ياق ئاداش، شۇ ھازىر ئازراق بىر ئىش بولۇپ تېلېفۇنىڭنى ئالالمىغان ئىدىم، ئۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭنىڭ نىمە ھاجىتى؟

-زادى نىمە ئىش ئىدى ئۇ، ئاۋازىڭمۇ باشقىچە چىقىۋاتىدىغۇ؟

-ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمە.

-يەنە مەندىن يۇشۇرىۋاتامسەن؟ مەن سىنىڭ دوستۇڭ ئەمەسمۇ؟ ئاۋازىڭدىنلا بىر ئىش بولغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. مىنى دوستۇم دەپ بىلسەڭ يۇشۇرماي دىگىن، قولۇمدىن كەلسە ياردىمىمنى ئايىمايمەن،

قولۇمدىن كەلمىسە تەسەللى بىرىشكە بولسىمۇ ئەرزىيمەنغۇ ئاداش.

سابا بىردەم ئويلىنىپ ھەممە ئىشنى بۇ دوستىغا دىيىشنى توغرا تاپتى. ھەم بۇ ئارىدا رەنانىڭ ئۆيدىكىلىرىگە بىرسىنىڭ تېلفۇن قىلغانلىقىنى، ئۇ قىز بىلەن ئۆزىنىڭمۇ پاراڭلىشىپ باققانلىقىنى ھەم ئۇ قىزنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ئۆزىنىڭ ئايگۈلگە دەپ بەرگەنلىكىنى، لىكىن كىيۇ كىيۇدا ئايگۈلنىڭ باشقىچە گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىنى دەپ بەردى.

ئايجامال ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ساباغا ئەمدى ئۇ ئىشلارغا قەتئى ئارلاشماسلىقىنى، نىمە بولۇپ كەتسۇن ئۇ ئىشلارنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇ گەپكە سابامۇ قۇشۇلدى.

سابامۇ كۆڭلىدە ئەمدى ئۇ ئىشلارغا ئارلاشماسلىقىنى ئويلىدى. سابا ئۇ كۈنى دوستى بىلەن تېلېفۇندا بەك ئۇزۇن پاراڭلاشقانلىقى ئۈچۈن تېلفۇنىنىڭ توكى پۈتۈنلەي تۈگىگەن ئىدى. ھەم توكقا چېتىپ قويمايلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتىگىنى تېلفۇنىنى توكقا چېتىپ قۇيۇپ تېلفۇننى ئالمايلا ئىشقا كىرىپ كەتتى.

كەچ تەرەپتە ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ چىقىپ تېلفۇنىنى ئاچقاندىن كىيىن ئايگۈل يازغان ئىككى پارچە قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇۋالدى.

قىسقا ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنلىرى مۇنداق ئىدى.

1. ئۇيۇننى بەك ياخشى ئويناۋاتىسەن، بەك ئەقىللىق ئىكەنسەن.

2. ئۆزۈڭنى بىلىۋال، سەندەكلەرگە تېتىيالمىغۇدەك ئادەم ئەمەسمەن، ئايىغاننى بىلىۋال.  

سابا بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بوپ كەتتى، زادى ئۇ نىمىنى خاتا قىلدى، ئۆزىنى بىلەلمىگۈدەك نىمە ئىش قىلدى.

ئۇمۇ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردى.

-ساراڭمۇ سەن، نىمە قالايمىقان جۆيلۈپ يۈرۈيسەن؟ گەپنى تۈز قىل، ئۆزۈمنى بىلەلمىگۈدەك بىر ئىش قىلغىنىم يوق، قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىمنى بىلىپ قىلىۋاتىمەن، بىلەلمىگۈدەك ئىش قىلسام ئەسكەرتكىلى ئاتا-ئانام، ئاكا-ئاچىلىرىم بار. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىلسەڭ بولدى.

سابا ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى قايتۇرىۋىتىپمۇ يەنىلا ئاچچىقى يانمايۋاتاتتى. ئۇ كەيپىياتىنى سەل تەڭشەش ئۈچۈن يەنىلا يېقىن دوستى ئايجامالغا تېلفۇن قىلدى.

-......

-......

-بەك ئىچىم سىقىلىپ كىتىۋاتىدۇ ئاداش.

-نىمە بولدۇڭ. يەنە شۇلارنىڭ سەۋەبىنمۇ؟

-ھەئە، ئاخشام ئىككىمىز سۆزلىشىپ تېلېفۇنۇمنىڭ توكى تۆگىگەن ئىدى، ئەتىگەن توكقا چېتىپ قۇيۇپ كىرىپ كەتكەن، ئەمدى ئۆيگە چىقىپ قارىسام ئۇچۇر يېزىپ قۇيۇپتۇ.

سابا ئايجامالغا ئۇنىڭ يازغان ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىنى ھەم ئۆزىنىڭ يازغان ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بەردى.

-بولدى ئاداش، شۇ قىزنىڭ نومۇرىنى ماڭا دەپ بەرگىنە، مەنلا سۆزلىشەي ئۇنىڭ بىلەن، سىنى بەك بوزەك كۈرىۋاتىدىغۇ ئۇ.

-بولدىلا ئاداش، بۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ سىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈرسەم قورققاندەك بوپ قالمىسۇن، يەنىلا سەن ئارلاشمىغىن.

-نىمىشقا ئارلاشمايمەن، سەن مىنىڭ دوستۇم تۇرسام، سىنىڭ ئىشىڭ مىنىڭمۇ ئىشىم ئەمەسمۇ؟

-ئەلۋەتتە شۇنداق، لىكىن راستىنلا ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلالايمەن.

-سىنىڭ بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن، لىكىن شۇ ئىشلار بىر تەرەپ بولغىچە بىكارلا ئاچچىق يۈتىۋالىسەن.

-ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس، ياخشى بوپ كىتەر.

سابا ئايجامال بىلەن سۆزلىشىپ تېلفۇننى قويۇپ بولغىچە ئايگۈلدىن يەنە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى،-ئۆزۈڭگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمە، ھازىرچە ساڭا دەيدىغان گىپىم يوق، لىكىن ئۇزۇنغا قالماي بىز ئوبدان كۆرىشىمىز، شۇ ۋاقىتتا ھازىرقى نوچىلىقىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي.

سابا ئۇنىڭ نىمىشقا ئۆزىگە بۇنداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى، ئۇنىڭ بۇنداق چۈشىنىكسىز ئۇچۇرلىرى ئۇنى بەك بىئارام قىلاتتى. ئۇمۇ ئۇچۇرغا جاۋابەن ئۇچۇر يازدى.

-ئۆزۈمگە ئىشەنمەي ساڭا ئىشەنسەم بولامتى، توغرا مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن. ھازىرچە ماڭا دەيدىغان گىپىڭ بولمىغاندىكىن ماڭا قالايمىقان جۆيلۈپ ئۇچۇر يازما، مىنىڭمۇ ساڭا دەيدىغان گىپىم يوق، ۋاقتى كەلگەندە كۈرۈشەيلى.

سابا ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى يېزىۋەتكەندىن كىيىن كىتاپ ئوقوش ئۈچۈن قولىغا ئەمدى بىر كىتابنى ئېلىشىغا يەنە ئۇنىڭغا ئايگۈلدىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر مەزمۇنىغا ھېچنىمە يېزىلمىغان ئىدى. سابامۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا پەرۋا قىلماي كىتابىنى ئۇقۇۋەردى، لىكىن كىتابنى ئۇقىغان بىلەن كىتابتىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭ كاللىسىغا چۈشمەيۋاتاتتى. ئايگۈلمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەچچە قېتىم قۇرۇق ئۇچۇر يوللىدى. گەرچە سابا باشتا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمايچۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ قۇرۇق ئۇچۇر يوللاۋەرگىنى ئۈچۈن يەنە ئاچچىقلىنىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئۇنىڭغا يەنە ئۇچۇر يازدى.

-ساراڭمۇ سەن، نىمىشقا قۇرۇق ئۇچۇر يوللاۋىرىسەن؟ مىنى ئەمدى ئاۋارە قىلما.

لىكىن ئايگۈل داۋاملىق ساباغا يەنە ئۇچۇر يوللاۋاتاتتى. ئايگۈلنى كۆڭلىدە راستىنلا ساراڭغا چىقارغان سابا ئاخىرى تېلفۇنىنى ئىتىۋەتتى. بىر كۈنمۇ ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، سابامۇ تېلفۇنىنى شۇ ئىتىپ قويغانچە بىر نەچچە كۈن ئىتىپ قويدى.

ئىشلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق بولىدىغانلىقى، ئايگۈلنىڭ ئۆزىنى نىمانچە ئەسكى كۆرىدىغانلىقى سابا ئۈچۈن بىر سىر ئىدى.

ئۇ تېلفۇننى ئاچسىلا ئايگۈلدىن قۇرۇق ئۇچۇر كىلەتتى، سابا دوستى ئايجامالغا تېلېفۇن قىلىپ يەنە بۇ ئىشلارنى دېدى.

-بولدى ئاداش، ئۇ ساراڭنىڭ نۇمۇرىنى ماڭا دەپ بەرگىنە، ئۆزۈم پاراڭلىشاي باقاي.

-ئۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلار؟

-ھېچنىمە بولمايدۇ. نۇمۇرىنى دەپ بەرگىنە.

سابا دوستىغا ئايگۈلنىڭ نومۇرىنى دەپ بەردى، ھەم ئايجامالمۇ شۇ ۋاقىتتىلا ئايگۈلگە تېلېفۇن قىلىپ پاراڭلاشتى.

-.....

-.....

-ئايگۈلمۇ سەن؟

-ھەئە، سەن كىم؟

-مەن سابانىڭ دوستى، ئۇنى بەك ئاۋارە قىلىۋاتىسەن، ئۇنىڭدا نىمە ئىشىڭ بار زادى.

-ھە، سىنىڭ نىمە كارىڭ؟ سىنى ئاۋارە قىلمىغاندىن كىيىن ئىشىڭنى قىلە سەن.

-سابانى ئاۋارە قىلغىنىڭ مىنى ئاۋارە قىلغان بىلەن ئوخشاش، مانا بۇ مىنىڭ نومۇرۇم، بۇندىن كىيىن ئىشىڭ بولسا ماڭا تېلېفۇن قىل، ساباغا ئەمدى تېلفۇن قىلىپ ئۇنى بىئارام قىلما.

-دىدىمغۇ سەن ئارتۇق ئىشقا ئارلاشما، مىنىڭ سەندە ئىشىم يوق، سابادا ئىشىم بار، ئۇ ئۆزىنى بىلەلمەي ماڭا چوڭ سۆزلەۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ھەم ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قۇياي دەيمەن، ساباغا دەپ قوي، ئۆزىنى بىلىپ يۈر.

-نىمە دەۋاتىسەن، ساباغا تېخى ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇسەن، ئەگەر سابا ئىشلارنىڭ يۇغىناپ كىتىپ رەناغا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىگەن بولسا، سىنىڭ جۆيلۈشلىرىڭگە، ئۆزىنى ھاقارەت قىلىشىڭغا ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايتتى، مىنىڭچە سەن ئۆزۈڭنى بىلىۋال، مىنىڭ دوستۇم رەنا ئەمەس، بەلكى سابا. سابا رەنا ئويلاپ ھەممىگە سۈكۈت قىلغان بىلەن مەن سىنىڭ يەنە دوستۇمنى ئاۋارە قىلىشىڭغا، ئۇنى ھاقارەت قىلىشىڭغا، يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قۇيىمەن دىگەن گەپلىرىڭگە سۈكۈت قىلالمايمەن.

-سۈكۈت قىلماي قانداق قىلماقچىسەن ئەمىسە؟

-سەن ھەمىشە ساباغا ئۆزۈڭنى بىلىۋال دەپ ئۇچۇر يازماي سەن ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر. ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قۇيىمەن دەيسەن. ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ ئۆزىنى بىلدۈرمەكچى، دائىم ئۇنىڭغا قۇرۇق ئۇچۇر يازىسەن، سابا تېلفۇن قىلسا كۆتۈرمەيسەن، شۇنداق قىلىپ ساباغا ئۆزۈڭنىڭ ساراڭلىقىنى، سابانىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچىما؟

-ھەي ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇمۇ. ھىلى بىكار....

-ھە، ھىلى بىكار نىمە قىلماقچى، ماڭىمۇ ئۆزۈمنى بىلدۈرۈپ قويماقچىما. بولىدۇ ئەمىسە بىز كۆرۈشەيلى. سىنىڭ شۇ مۇبارەك جامالىڭنى بەكلا كۆرگۈم، دوستۇمغا ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشتىن بۇرۇن ئاۋۋال مەن بىلەن كۆرۈشكىن.

-توختاپ تۇرۇش، ئىككىلىڭنى كىيىنچە چۇقۇم ئىزدەيمەن.

-ماقۇل، شۇنىڭغىچە ئەمىسە ساباغا ئۇچۇر يازما، بىلدىڭما ساراڭ؟

-ئاغزىڭنى يۇم رەسۋا…

ئايگۈل شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى قۇيىۋەتتى، ئايجامال ئۇنىڭغا قايتا-قايتا نەچچە تېلېفۇن قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئايگۈل تېلفۇننى قەتئى ئالمىدى. ئايجامالنىڭ ئۇنىڭغا يازغان ئۇچۇرلىرىنىمۇ جاۋاپسىز قالدۇردى.

ئايجامال ئايگۈل بىلەن پاراڭلشىىپ بولغاندىن كىيىن ساباغا تېلفۇن قىلدى.

-ئاداش، ئۇ بىر ساراڭكەنغۇ، بولدى ئىشلارغا ئارلاشما. رەنا تېلفۇن قىلسىمۇ كۈرۈشمىگىن.

-نىمىشقا ئەمدى؟

-سىنىڭ بىكارلا ئاچچىق يۈتىۋېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن ئاداش، شۇڭا رەنا بىلەن كۈرۈشىشىڭنى خالىمايمەن، رەنا ساڭا يەنە بىرەر ئىشىمغا ياردەم قىلغىن دىسە سەن ھەرگىز ياق دىيەلمەيسەن، يوق يەردىن يەنە كۆڭۈلسىزلىك چىقىدۇ. شۇڭا رەنا بىلەن مەن بىر قېتىم كۈرۈشەي، ئۇ ساڭا تېلفۇن قىلغان ھامان ماڭا تېلفۇن قىلغىن، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئۆزۈم سۆزلىشەي.

-لىكىن...

-بولدى، گىپىمگە كىرگىن، مەنمۇ سىنى ئويلاۋاتىمەن.

-ماقۇل ئاداش، رەنا تېلفۇن قىلىپ قالسا ساڭا تېلفۇن قىلاي.

ئايجامال بىلەن سابا تېلفۇندا بىرەر سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشتى، سابا، ئايگۈللەر توغۇرلۇقلا ئەمەس، باشقا ئىشلار توغۇرلۇقمۇ خېلى پاراڭلاشتى.

ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن رەنا ئانىسىنىڭ تېلفۇنىدا ساباغا تېلېفۇن قىلدى. ئۇ نومۇرنى سابا تۇنۇيدىغان بولغاچقا تېلفۇننى ئالمىدى، ھەم ئايجامالغا تېلفۇن قىلىپ رەنانىڭ قايسى نومۇردا ئۆزىگە تېلفۇن قىلغانلىقىنى دەپ بەردى. ئايجامال يەنە رەناغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

-.....

-......

-ھازىر ساباغا تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئالمىغان ئىدى.

-ھەئە، مەن ئۇنىڭغا تېلېفۇننى ئالماسلىقنى دىگەن ئىدىم. ئەمدى ئۇ سىز بىلەن كۆرۈشمەيدۇ.

-........

-مەندىن رەنجىۋاتامسىز؟

-ياق، رەنجىمىدىم، بۇ يېقىندا سابانى بەك ئاۋارە قىلدىم، سىزنىڭ ئۇنى مەن بىلەن كۈرۈشۈشىنى خالىماسلىقىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن.

-ئۇنى ئاۋارە قىلدىڭىز دىگىنىم يوق، ئاتاق ئاچىڭىزنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىدىن، بىھۇدە گۇمانلىنىپ ھاقارەت قىلغانلىقىڭىزدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

-ياق، مەن بىلمەيدىغان بىرەر ئىش بولدىما؟

-ھەئە، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاچىڭىزنىڭ سوراپ بىلىۋېلىڭ. ئۇ سىزگە ھازىرغىچە دىمىگەن بولسا چۇقۇم ئەتە-ئۆگۈنگىچە دەپ بىرىشى مۇمكىن.

-

-سىزگە دىيىشىم بەلكىم ئارتۇقچىدۇ؟ شۇنداقتىمۇ يەنە دەپ قۇياي، سىزمۇ سابانى ئوبدان بىلىسىز، ئۇ دوستىغا قارا سانايدىغانلاردىن ئەمەس، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەكلا يېقىن دوستلاردىن، لىكىن ئاچىڭىز بەزى ئىشلارنى سابادىن كۈرۈپ قاپتۇ. سابا ئۇ ئىشلارنى ماڭا دىگەنتى، شۇڭا ئويلىنىپ ئۇنى سىز بىلەن كۈرۈشمىسە ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم.

-نىمىشقا؟

چۈنكى، سابا بىر ئىشلارغا ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالىدۇ، كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ بەك ئېغىر ئالىدۇ. گەرچە ئۇ ياردەم قىلىشنى خالىمىسىمۇ يەنىلا سىزنى دوستۇم دەپ بىلىپ ياردەم قىلغان، لىكىن سىلەر ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىلەر؟ ئۇ داۋاملىق سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرسە چۇقۇم يەنە دىلى ئازار يەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا سىز بىلەن كۈرۈشمەسلىكنى دىگەن ئىدىم.

-ھە، ئۇنداقتا ساباچۇ؟ ئۇمۇ مەن بىلەن كۈرۈشمەسلىكنى خالامدىكەن؟

-ياق، ئۇ خالايدۇ، ئۇ سىزگە ھازىرمۇ ئامراق، سىزنىڭ خاتىرجەم ياشىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ياردەم قىلىشنىمۇ خالايدۇ، لىكىن مەن خالىمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن سىز بىلەن كۈرۈشمەسلىكنى تەلەپ قىلدىم.

-ئۇ ماقۇل بولدىما؟

-ھەئە، مەن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى تەلەپ قىلسام ئۇ ھەرگىز رەت قىلمايدۇ، مەيلى ئۇ باشقا دوستلىرى بىلەن قانچىلىك يېقىن بوپ كەتسۇن، ئۇ ھېچقايسىسىنى مەندىن ئارتۇق كۆرگەن ئەمەس.

-ئۇنى بىلەتتىم، ئۇ سىزنى بەك چوڭ بىلەتتى، سىزنىڭ تۇلا گىپىڭىزنى قىلىپ بىرەتتى ھەم سىزگە بەكلا ئامراقتى.

-شۇنداق، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق، سابا بەكلا ساددا، باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ، مەن ئۇنىڭ شۇ ساددىلىقى ھەم ئاقكۆڭۈللىكى سەۋەبىدىن ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمايمەن، شۇڭا سىز بىلەن كۆرۈشۈشىنى خالىمىدىم. شۇڭا سىز مەندىنمۇ ھەم سابادىنمۇ رەنجىمىگەن بولسىڭىز.

-رەنجىمەيمەن، ھىلىمۇ سابا ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. بۇندىن كىيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلماي.

-توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەخمەت، خاتىرجەم ياشىشىڭىزنى، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بوپ كىتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

ئايجامال رەنا  بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىنلا ساباغا تېلفۇن قىلدى.

-ئاداش، رەنا بىلەن سۆزلەشتىم، ئۇ ئەمدى سىنى ئىزدىمەيدىغان بولدى.

-ھە؟ ئۇنىڭغا سابانى ئىزدىمە دىدىڭما؟ مىنى ئاۋارە قىلىۋاتقىنى ئايگۈل تۇرسا، نىمىشقا ئۇنىڭغا قاتتىق تىگىسەن؟

-مەن ئۇنىڭغا قاتتىق گەپ قىلمىدىم، سىلىق دېدىم، توغرا سىنى ئاۋارە قىلىۋاتقىنى ئايگۈل، لىكىن ھەممە ئىش رەنادىن باشلانغان، ھەممە ئىش رەنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە كىلىپ ئايگۈل دىگەن بىر ساراڭكەن، ئۇنىڭغا گەپ قىلغان بىكار.

-ئۇغۇ شۇ، لىكىن...

-لىكىن دەيسەنغۇ؟ يەنە نىمە ئويلاۋاتىسەن؟ رەنا بىلەن كۈرۈشكۈڭ بارمىدى؟

-ئۇنداقمۇ ئەمەس، لىكىن رەنا قانداق قىلىدۇ، ئانىسىغا تېلفۇن قىز نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

-ئاداش، ئۇ سەن باش قاتۇرىدىغان مەسىلە ئەمەس، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشى.

-شۇ باشقىلار دىگىنىڭ مىنىڭ دوستۇمدە.

-توغرا ئۇ سىنىڭ دوستۇڭ، بۇرۇن شۇنداقتى، لىكىن بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەس، دوست دىگەندە ئىشەنچ بولىشى كىرەك، بىر-بىرىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ دوست بولغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئۇ ساڭا ئىشەنمىسە. باشقىلار تېلفۇن قىلسا ئۇنى سەندىن كۆرسە، سەندىن گۇمانلانسا، ساڭا ھاقارەت قىلسا ئۇ يەنە دوستۇڭ بۇلامدۇ؟

-لىكىن مەندىن گۇمانلانغىنى، مىنى ھاقارەت قىلغىنى رەنا ئەمەستە.

-سىنىڭچە رەنانىڭ ئايگۈل قىلىپ يۈرگەن ئىشلاردىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوقمىدۇ؟

-بىلمەيمەن.

-شۇڭا سەن ئۇ ئىشلارغا ئارلاشمىساڭمۇ، باش قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى، سەن ھېچقانداق ئىشقا ئارلاشما، تامىقىڭنى ۋاقتىدا يەپ خاتىرجەم ئۆتسەڭلا بولدى.

-ماقۇل ئاداش

سابا بۇرۇنمۇ ئۆزىنىڭ ئايجامالدەك بىر دوستى بولغانلىقىدىن ناھايىتىمۇ خوشال ئىدى، مانا بۈگۈنمۇ ئۇ بۇ دوستى بولغانلىقىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھس قىلىۋاتاتتى.

سابا ئايجامال بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ساباغا يەنە ئايگۈلدىن كەلگەن ئىككى پارچە قۇرۇق قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدى.

بۇ قېتىم سابانىڭ تېخىمۇ بەك ئاچچىقى كەلدى،دە-قايتۇرۇپ ئايگۈلگە نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئايگۈل تېلفۇننى ئالمايۋاتاتتى، ھەم كەينىدىن يەنە قۇرۇق ئۇچۇر يوللايتتى. ئايگۈل تېلفۇننى ئالمىغاندىن كىيىن سابا رەناغا تېلفۇن قىلىپ پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئويلىدى،يۇ-يەنە تىزلا بۇ نىيىتىدىن ياندى. چۈنكى ئۇ دوستى ئايجامالغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.  

زادى قانداق قىلىش كىرەك، نىمىشقا ئايگۈل داۋاملىق قۇرۇق ئۇچۇر يوللايدۇ، تېلفۇن قىلسا ئالمايدۇ، ئۇ زادى نىمە ئويلاۋاتقاندۇ؟

قانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن سابا ئايگۈلگە ئۇچۇر يازدى.

-گىپىڭ بولسا ئۇچۇق دىگىن، نىمىشقا داۋاملىق قۇرۇق ئۇچۇر يوللايسەن؟ ياكى مىنى ئۆزۈڭنىڭ ساراڭلىقىغا ئىشەندۈرمەكچىمۇ؟ مەن سىنىڭ ساراڭلىقىڭغا ئىشەندىم، ئەمدى ماڭا ئۇچۇر يازما.

سابا ئۇچۇرنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئۇچۇر قايتۇرامدىكىن دەپ ساقلىغان بولسىمۇ لىكىن ئايگۈلدىن ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى.

لىكىن ئەتىسى سەھەر سابا ئويغىنىپلا يەنە ئايگۈلدىن كەلگەن قۇرۇق ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن سابا ئىشلىتىۋاتقان نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۋاتتى. ئۇ ئايجامال دىگەندەك رەنا بىلەنمۇ ھەم ئايگۈل بىلەنمۇ ھەم يەنە ئەختەم بىلەنمۇ كۈرۈشۈشنى خالىمايتتى.

شۇ كۈنى سابا ئىشلىتۋاتقان نۇمۇرىنى تەلەپ قىلىپ توختىتىپ قويغاندىن يىڭى كارتا بىجىردى. ئاۋۋال ئاتا-ئانىسىغا ھەم ئاكا-ئاچىلىرىغا يىڭى نومۇرىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن دوستى ئايجامالغا تېلفۇن قىلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاداش، بۇ مەن.

-ھە، بايا تېلفۇن قىلسام تېلفۇنۇڭ توختاپ قاپتىكەن، پۇل تۆلىۋىتەي دەپ تۇرغان.

-ياق ئاداش، ئۇ نومۇرنى توختىۋەتتىم، ھازىر مۇشۇ نومۇرنى ئىشلەتتىم.

-نىمىشقا

-شۇ ئاشۇلاردىن قېچىپ بولمامدۇ؟ شۇلارنى ئاۋارە قىلمىسۇن دەپ ئالماشتۇرۋەتتىم.

-بۇ بولماپتۇ ئاداش. خۇددى سەن ئۇلاردىن قورقۇپ قاچقاندەكلا ئىش بوپتۇ. ئايگۈل دىگەن ساراڭ سىنى چۇقۇم قورقۇپ مۈكىۋالدى دەيدۇ ئەمدى.

-ئەمىسە قانداق قىلىمەن، قۇرۇق ئۇچۇر يوللاۋەرسە، تېلفۇن قىلسا ئالمىسا، يەنە تېخى ئۆزۈڭنى بىلىۋال دەپ ئۇچۇر يېزىشلىرى بار. شۇنداق ئۇچۇر كۆرسەملا ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپلا قالىمەن، شۇڭا شۇلارنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ ئالماشتۇرۋەتتىم.

-ئۇ دىگىنىڭمۇ توغرا، لىكىن تۈنۈگۈن ئۇلارغا سىنى ئىزدىمەسلىكنى دىگەن، لىكىن ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىپتۇ. ئەمدى سەن بۇ ئىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ ئايگۈل سىنى قورقتى دەپ ئويلاپ سەن توغۇرلۇق باشقىلارغا يەنە قالايمىقان جۆيلۈپ يۈرەمدىكىن دەيمەن. ئايگۈل دىگەننىڭ پىسخىكىسىدىن ئېلىپ ئېيقاندا ئۇنى شۇنداق قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.  

-مەن بۇ تەرەپلەرنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئەتىگەن ئويغىنىپلا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا باشقا كارتا بىجىرگەن ئىدىم، ئەمدى خاتا قىلغىنىمنى ھىس قىلۋاتىمەن.

سابا ئايجامال بىلەن خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كىيىن تېلفۇن نومۇرى ئالماشتۇرۇشتا يىنىكلىك قىلغانلىقىنى ھىس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئايگۈلگە قىسقا ئۇچۇر يازدى.

-مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىر بۇ نومۇرنى ئىشلەتتىم، مەندىن ئۆزۈمنى بىلدۈرۈپ قۇيىدىغان بىرەر سەۋەپ تاپقان ۋاقتىڭدا مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق مىنى ئىزدىسەڭ بولىدۇ.

ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايگۈلدىن ئۇچۇر كەلدى.

-ئاز ۋاقىتتىن كىيىن سىنى چۇقۇم ئىزدەيمەن، ئىزدەيدىغان ۋاقتىمدا تېلفۇن نومۇرۇڭنى ئالماشتۇرۋەتسەڭمۇ سىنى تېپىشىم بىردەملىك ئىش.

-بوپتۇ ئەمىسە، مىنى ئىزدەيدىغان ۋاقتىڭدىلا تېلېفۇن قىلغىن، ئۇنىڭغىچە مەنمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇراي، ئۇنىڭغىچە ماڭا ئۇچۇر قىلما.

شۇ ئۇچۇردىن كىيىن ئۇلارمۇ جىمىپ قالدى، گەرچە سابا رەنانىڭ ئەھۋالىغا قىزىقسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلمىدى. پەقەت خىيالەن ئۇنىڭ بەختلىك ياشىشىنى ئۈمۈد  قىلدى. لىكىن ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بۇلالمىدى، رەنانىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلگۈسى كەلدى. شۇڭا ئۇ رەنانى ئۆيىدە يوق دەپ ئويلىغان ۋاقتىدا رەنانىڭ ئانىسىغا تېلفۇن قىلدى.

-....

-....

-ئاچا، رەنانىڭ ئەھۋالى قانداقراق، ئۇ تېلفۇن ئىشلەتمىگەندىكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم، ئۆيىڭىزگە چىقاي دىگەن، لىكىن ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.

-رەنانىڭ ئەھۋالى ياخشى بالام، ماڭا تېلفۇن قىلغان ھېلىقى قىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلدۇق. ھازىر ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كەتتى.

-بەك ياخشى بوپتىغۇ، تېلفۇن قىلغان كىمكەن ئۇ؟ ئۇنى قانداق بىلدىڭلار؟

-تېلفۇن قىلغىنى كۈيئوغلۇمنىڭ مەھەللىسىدىكى بىر قىزكەن، رەنا توي قىلىشتىن بۇرۇن كۈيئوغلۇم شۇ قىز بىلەن بىر مەزگىل يۈرۈپتىكەن، ھازىر قىزىم بىلەن كۈيئوغلۇمنىڭ بەختلىك ياشىغىنىغا چىدىماي تېلفۇن قىلغان ئىشكەن.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سابا بەكمۇ خوش بولدى، چۈنكى ئۇ دوستىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن تېلفۇن قىلغان قىزنىڭ كىملىكى ئىنىقلانغان بولغاندىن ئايگۈل ھەم رەنالارنىڭ سابادىن قىلغان گۇمانلىرىمۇ يوق بولاتتى. ئەمما سابانىڭ چۈشەنمىگەن يەنە بىر ئىشى ئۇ قىز رەنانىڭ بۇرۇنقىى ئىشلىرىنى قانداق بىلگەندۇ؟ ئۇنىڭغا كىم دىگەندۇ؟

ئارىدىن 10-15 كۈندەك ئۆتكەندىن كىيىن سابا بۇرۇن ئايگۈلگە پۇل قەرىز بىرىپ تۇرغىنى ئىسىگە كەلدى، ئادەتتە ئۇ باشقىلارغا پۇل بىرىپ تۇرسا ئەزەلدىن باشقىلار ئۆزى قايتۇرۇپ بەرمىگۈچە پۇلنىڭ گىپىنى قىلمايتتى. لىكىن ئايگۈل ئۆزىگە شۇنچە ئەسكىلىك قىلغان تۇرسا نىمىشقا ئۇنىڭغا بىكارلا پۇل بەرگۈدەك، ئۇ پۇل ئۇنىڭدا تۇرغاندىن بىرەر سائىلغا سەدىقە قىلىۋەتكەن ياخشىغۇ. سابا شۇلارنى ئويلاپ ئايگۈلگە قىسقا ئۇچۇر يازدى.

-ساڭا بىرىپ تۇرغان پۇلنى قاچان قايتۇرىسەن.

ئايگۈلدىن سابانىڭ ئۇچۇرىغا قارىتا ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى، بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سابا ئۇنىڭغا يەنە ئۇچۇر يازدى.

-پۇلنى قاچان قايتۇرۇپ بىرىسەن؟

كەينىدىنلا ئايگۈلدىن ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى.

-مەن ھازىر بەك ئالدىراش، ئادەمنى ئەجەپمۇ بىزار قىلدىڭ، مىنى ئاۋارە قىلما. بۇرۇن ئالىمنى ياخشى كۆرەتتىڭ، كىيىن خېلىلنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ، خېلىلغا ئىرىشىش ئۈچۈن رەنانىڭ ئانىسىغا تېلېفۇن قىلدىڭ، بۇ ئىشلارنى باشقىلارنى بىلمىسۇن دىسەڭ ئاز گەپ قىل.

سابا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بىر ھازا تىڭىرقاپ قالدى، جاھاندا ئاجايىپ ئادەملەر بۇلىدىكىنا. سابا شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا ئايگۈلدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى. سابا شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا ئايگۈلدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.

-بەك كۆرەڭلەپ كەتمە، ئالىم بىلەن بولغان ئىشىڭنىڭ ھەممىنى بىلىپ بولدۇم. يۈزۈڭنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى خالىمىساڭ ئاز گەپ قىلىپ يۈر.

سابا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن ناھايىتىمۇ ئاچچىقلاندى. ئاچچىقىدا جوزىغا نەچچىنى مۇشلىۋەتتى. ئالىم دىگىنى رەنانىڭ يولدىشى خېلىلنىڭ  نەرۋە ئاكىسى بولۇپ، رەنا خېلىل بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەيتتى، شۇ ۋاقىتلاردا ئالىم رەنانىڭ كىيۇكىيۇسىدىن سابانىڭ كىيۇكىيۇسىنى قاچىلىۋالغان، ھەم بەزىدە ئۇلار ئاز-تۇلا پاراڭلىشىپ قۇياتتى. رەنا خېلىل بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن سابا پەقەت ئىككى قېتىملا ئالىم بىلەن چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار كىيۇكىيۇدا ياكى كۈرۈشكەندە بولسۇن ئەخلاقتىن چەتنىگەن ھېچقانداق گەپ-سۆزلەرنى دىيىشىپ باقمىغان ئىدى، بىللە تاماق يىگەن ۋاقتىمۇ رەنا توغۇرلۇق ھەم ئەتراپتىكى بەزى ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلاشقان ئىدى. ھەم سابا، رەنا بىلەن كۈرۈشكەندە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن رەناغا ئالىم بىلەن بىللە تاماق يىگەنلىكىنىمۇ دىگەن ئىدى. خېلىلغا كەلسەك سابا ئۇنى تويدىن ھەپتە بۇرۇن بىر قېتىم كۆرگەن، توي كۈنى بىر قېتىم كۆرگەن ئىدى، سابا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ رەنادەك بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقىغا ھەۋىسى كەلگەن ئىدى، كىيىن بەزى ئىشلارنى بىلىپ ئۇ يىگىتكە ئىچى ئاغرىپ قالغان ئىدى. ياخشى كۈرۈش دىگەنلەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئىدى.

سابا ئاچچىقىدا ئايگۈلگە نەچچە تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئايگۈل تېلفۇننى پەقەت ئالمىدى. ئەگەر ئايگۈلگە ئالىمنىڭ گىپىنى قىلمىسا ئايگۈل ئالىمنى قانداق بىلسۇن. ئۇنداقتا خېلىلنىڭ گىپى قانداق گەپ.

سابا شۇ ۋاقىتتا شۇنى ھىس قىلدىكى، بۇ دۇنيا ھەم دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۇ ئويلىغاندەك ئاددى بولمايدىكەن، سەن دوستۇم دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەم سىنى ئاغزىدا دوستۇم دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى سىنىڭ دوستۇڭ بولمايدىكەن.

سابا كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەندىن كىيىن رەناغا تېلېفۇن قىلدى، لىكىن تېلفۇنى ئىتىك ئىدى. ئۇ ئامالسىز ئالىمغا تېلېفۇن قىلدى.

-.....

-......

-ئايگۈل مۇنداق دەپ ئۇچۇر يېزىپتۇ، مەن بىلمەيدىغان، سىز بىلىدىغان بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىز بارمۇ؟

-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ ئايگۈل دىگەن مىنى قانداق بىلىدىكەن؟

-بىلمەيمەن.

-ئۇنىڭ نومۇرىنى ماڭا دەپ بىرىڭ، ئۆزۈم پاراڭلىشىپ باقاي.

سابا ئالىمغا ئۇنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى دەپ بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ سابا نەچچە كۈنگىچە بەكلا ئازاپلىنىپ يۈردى، ئايگۈلنىڭ ئۇچۇردا دىگەن گىپى ئىسىگە كەلسىلا يۈرىكى ئاغرىپ كىتەتتى. شۇ تاپتا ئۇ رەنانى ئويلىمىغان بولسا چۇقۇم ئايگۈلنى ئىزدەپ تېپىپ يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىپ باققان بولاتتى، ئۆزىگە تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئايگۈل بىلەن ئوبدان دىيىشىپ باققان بولاتتى، لىكىن ئىشلار يۇغىناپ كەتسە، جىدەلنىڭ نەدىن چىققانلىقى سۈرۈشتۈرلۈپ قالسا رەناغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. گەرچە رەنا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىمىغان بولسىمۇ سابا يەنىلا رەنانى ئويلىشىم كىرەك دەپ ئويلايتتى.

ئارىدىن 15 كۈندەك ئۆتكەندىن كىيىن تۇنىمايدىغان بىر نومۇردىن ساباغا تېلفۇن كەلدى. سابا باشتا ئالمىدى، كىيىن قايتا-قايتا ئۇرىۋەرگەندىن كىيىن تېلفۇننى ئالدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سابا، مەن ئايگۈل

ئايگۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سابا ئاچچىقتا نىمە دىيىشىنى بىلمەي تېلفۇننى قۇيىۋەتتى. لىكىن ئايگۈل تېلفۇننى قايتا-قايتا ئۇرىۋاتاتتى.

-ماڭا نىمىگە تېلفۇن قىلدىڭ، ماڭا نىمىشقا تېلفۇن قىلىسەن.

-پۇلۇڭنى بىرىۋىتەي دىگەنتىم.

-بولدى ئۇنداق پۇلدىن كەچتىم، ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلما، بىلدىڭما، سەندەك ساراڭنىڭ گىپىنى ئاڭلىغۇم يوق.

سابا شۇنداق دەپلا تېلفۇننى يەنە قۇيىۋەتتى.ئۇ تېلفۇندا ئايگۈلگە ئاچچىقلىنىۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىغا دوستى مىرگۈل كىرىپ قالغان ئىدى.

-كىمگە ئاچچىقلىنىۋاتسەن ئاداش.

-نىرۋىسىدىن ئاداشقان بىر ساراڭغا.

-ئايگۈل دىگەن ساراڭما؟

-ھەئە، سەن قانداق بىلىسەن؟

-ئايجامالدىن ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇ شۇنداق بىرسى سابانى بەك ئاۋارە قىلۋاتىدۇ، مەن سابانىڭ يېنىدا ئەمەس، سىلەر كۈندە دىگۈدەك بىللە بولغاندىكىن ساباغا كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇڭلا دىگەنتى.

-ھە.....

شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر ناتۇنۇش نومۇردىن ساباغا تېلفۇن كەلدى. سابا نومۇرغا قاراپ تېلفۇننى ئېلىش-ئالماسلىق توغرىسىدا ئىككىلىنىۋاتاتتى.

-كىمكەن، يەنە شۇما؟

-بىلمەيمەن، تۇنىمايدىغان نومۇركەن.

بەلكىم يەنە شۇ ئايگۈل بولۇشى مۇمكىن، ئەكىلە ئاداش، تېلفۇننى مەن ئالاي.

-ھە، نىمە گەپ ئىدى.

-سابانى ئىزدەيتتىم. ئۇ يېنىڭىزدا بارمۇ؟

-ئۇنىڭدا نىمە ئىشىڭ بار ئىدى. گىپىڭ بولسا ماڭا دىگىن.

شۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ تېلفۇنى ئۈزۈلۈپ قالدى.

-ئاداش، ئۇ ئايگۈل مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتىغۇ، قايتىلاپ ئېلىپ باقاي ھە.

-ئىختىيارىڭ.

مىرگۈل تېلفۇننى كەلگەن نومۇرغا قايتىلاپ ئۇردى.

-ھە، گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتىڭغۇ؟ گەپ قىلمامسەن؟

-سىز كىم، بۇ سابانىڭ تېلفۇنى ئەمەسما؟

-ھەئە، سابانىڭ تېلفۇنى.

-ئەمىسە تېلفۇننى ساباغا بىرىڭ.

-گىپىڭ بولسا ماڭا دىسەڭمۇ بولىدۇ، نىمە ئىشىڭ بار ئىدى.

-سەن كىم، سابا يېنىڭدا بارمۇ يوقمۇ؟

-مەن ئۇنىڭ دوستى، ئۆزۈڭ كىم.

-مەن ئۇنىڭ ئاچىسى

-ھە؟!

مىرگۈل جىددىيلەشكىنىدىن تېلفۇننى بېسىۋەتتى. شۇ تاپتا سابامۇ تېلفۇن قىلغاننىڭ ئاچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئاچىسىغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي جىددىيلىشىۋاتاتتى.

-ھەي ئاداش، ئۇ ئاچاڭكەنغۇ.

-ئاچاملىقىنى مەن قانداق بىلىمەن، بۇ نومۇرنى يا مەن تۇنىمىسام

-ئەمدى قانداق قىلىمىز، بۇندىن كىيىن ئاچاڭ بىلەن كۈرۈشۈپ قالسام مەن قانداق قىلىمەن.

-ئۇ دىگەن كىيىنكى ئىش، مەن ھازىر ئاچامغا قانداق چۈشەندۈرىمەن، -سەنمۇ نىمىشقا كىملىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاچچىقلايتتىڭ.

-مەن شۇ ئايگۈلمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان تۇرسام

ئۇلار شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا سابانىڭ ئاچىسى يەنە قايتۇرۇپ تېلېفۇن قىلدى. ئۇ نومۇرنى كۆرۈپلا مىرگۇل ساباغا،-ئاداش بايا تېلفۇننى ئالغاننىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ھەرگىز دىمە ھە.

-ئەمىسە نىمە دەيمەن.

-ئىشقىلىپ ئىسمىمنى دىمە، ئادىشىم تېلفۇندا بىرى بىلەن توۋلىشىپ قالغان، سىزنى خاتا تۇنۇپ قاپتۇ دىگىن.

سابا تەستە تېلفۇننى ئالدى.

-ھە ئاچا، نىمە گەپ ئىدى؟

-يېنىڭدىكى كىم ئۇ، نىمانداق گەپ قىلىدۇ ئۇ؟

-ھە يىڭى تۇنۇشقا دوستۇم ئىدى، تېلفۇنۇمدا بىرسىگە تېلفۇن قىلىپ توۋلىشىپ قالغان، سىزنى شۇمىكىن دەپ خاتا تۇنۇپ قاپتۇ.

-سىنىڭ شۇنداق ئەدەپسىز دوستلىرىڭمۇ بارمۇ؟ قايسى دوستۇڭ ئۇ؟

-سىز تۇنىمايسىز؟ يىڭى تۇنۇشقان دوستۇم

-ئۇ قىزنىڭ گەپلىرىدىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇنداقلار بىلەن ئالاقىلاشما.

-ماقۇل ئاچا، ھە راس، نىمە ئىش ئىدى؟

-تېلفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ قېلىپ دۇكان قوشنامنىڭ تېلفۇنىدىن تېلفۇن قىلغانتىم، دۇكانغا چىققىن، ئۆيگە ئېلىپ چىكىتىدىغان نەرسە بار ئىدى، بىللە چىكىتەيلى.

-ماقۇل

سابا ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۆيدىكىلىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. خۇشال بولىدىغان بىرەر ئىش بولسا ئۆيدىكىلەرگە تىزلا دىگەن بىلەن تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سابا ئۆيدىكىلىرىگە دىيىشنى پەقەت خالىمايتتى.

سابا ئاچىسىنىڭ دوكىنىغا چىقىشى بىلەنلا ئاچىسى يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا باشلىدى.

-بايامقى زادى قايسى دوستۇڭ، سىنىڭ دوستلىرىڭنى ئاساسەن ھەممىنى تۇنۇيتتىم.

-شۇ ئۇنىڭ بىلەن يىڭىلا تۇنۇشقان

-ھە، ئىسىمى نىمە، نىمىش قىلىدۇ؟

-بىر كەسپتىن، ئىسمى پەزىلەت

-ھە، سەنغۇ بىرسى بىلەن بىرنەرسە دىيىشىپ قالمىغانسەن؟

-ياق، ئۇنداق ئىش يوق.

-ھە، ئۇنداق دوستلىرىڭدىن يىراقراق تۇر، گىپى نىمانچە قۇپال ئۇنىڭ. باشتا تېخى خاتا تېلفۇن قىلغان ئوخشايمەن دەپ تېلفۇننى ئۈزۈۋىتىپتىمەن.

-ماقۇل

سابا بۇ قېتىم ئەنە شۇنداق يالغان گەپلەر بىلەن ئاچىسىنىڭ سوئاللىرىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

شۇ كۈنى كەچ سابا يەنە ئايگۈلنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

-ئۆزۈڭنى بىلىم يۈر ئۇكام.

سابانىڭ ئەمدى تاقىتى قالمىدى، ئۇ ئايگۈلگە قايتىلاپ ئۇچۇر يازدى.

-ئۈزۈمنى بىلەلمىگەن بولسام كىلىپ بىلدۈرۈپ قوي ئەمىسە، ھەمىشە يازىدىغان ئۇچۇرۇڭ شۇ، مەن ئۆزۈمنى بىلىپ يۈرىۋاتىمەن. بىلەلمىگەن بولسام كىلىپ بىلدۈرۈپ قويساڭ بولىدۇ، مەن ھەر كۈنى ***دا بار، كەلسەڭلا مىنى تاپالايسەن.

ئايگۈل ئۇ ئۇچۇرغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سابا ئىختىيارى تور ئارىلاپ مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كىيۇ كىيۇسىغا ئەختەمدىن خەت كەلدى. ئۇلار بىردەم ئۇيان-بۇياندىن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئەختەم يەنە رەنا توغۇرلۇق ئېغىر ئېچىپ قالدى.

-ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟

-بىلمەيمەن، نىمىشقا ئۇنى مەندىن سورايسىز؟ مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزاق بوپ قالدى.

-ھە، ئۇ تويدىن كىيىنلا كارتىسىنى تەلەپ قىلىپ توختىتىپ قويغانتى، تۈنۈگۈن زىرىكىپ تېلېفۇن قىلىپ كارتىنى ئىشلىتىپتىكەن، بىر ئايال ئالدى.

-خاتا بوپ قاپتۇ دىسەم سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىۋاتىدۇ.

-مەن توغۇرلۇق نىمە دەيدۇ؟

-ئۇ مەن رەنانىڭ توي كۈنى تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئالغان ئايال شۇكەن، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرنەرسە دىيىشىپ قالماي دەپ ئويلاپ تېلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپتىمەن دىسەم سىز توغۇرلۇق خېلى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدۇ.

-ھە، مەن توغۇرلۇق نىمە دېدى زادى.

-ماڭا، ساباغا دەپ قۇيۇڭ، بۇندىن كىيىن يەنە باشقىلارغا دەپ بۇ تېلفۇنغا تېلېفۇن ئۇرغۇزمىسۇن، سىنى ھەقىچان سابانىڭ گىپى بىلەن تېلفۇن قىلدىڭىز دەيدۇ.

-ھە، يەنىچۇ؟

-ئۇ ئايالنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپنى دىگىلى بولمايدىكەن، بەكلا سەت گەپ قىلىدىغان ئايالكەن ئۇ.

سابا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى زادىلا تۇتىۋالالمىدى، ئايگۈل بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىدى. كومپيۇتېرنى تاقاپلا ئايگۈل بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدى.

رەنا، رەنا قانداق قىلىدۇ، ئاۋۋال رەنا بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك، ئۇنىڭ زادى ئاچىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن خەۋىرى بارمۇ يوقمۇ؟ بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاچىسىنىڭ ئۆزىگە تۆھمەت قىلىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتامدۇ؟

سابا شۇلارنى ئويلاپ بىر دوستى بىلەن ئاۋۋال رەنانىڭ ئۆيىگە چىقتى. چۈنكى شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە شۇ كۈنى رەنا ئۆز ئۆيىگە ئازنىلاپ كىلەتتى. لىكىن سابا رەنانىڭ ئۆيىگە چىققاندا ئۇ ئۆيىدە يوق ئىدى. ئۆيىدە پەقەت رەنانىڭ دادىسىلا بولۇپ، دادىسى رەنانىڭ چوڭ ئۆيگە كەتكەنلىكىنى دەپ بەردى. سابا تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ رەنانىڭ ھازىر بازاردا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇ بار بازارغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.  ھەم بازاردىن پاراڭلىشىش ئۈچۈن، سابا، سابانىڭ دوستى، ھەم رەنا بىر تىز تاماقخانىغا كىردى.

گەپنى سابانىڭ دوستى باشلىدى.

-ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرسام مەن سابانىڭ دوستى، ئىسمىم مىرگۈل، سىزنىڭ ھەم ئاچىڭىزنىڭ ئىسمىنى بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم، ئاچىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن سابانىڭ ئاچىسىغا ئاچچىقلاپ قۇيۇپ تازا خىجالەتچىكمۇ تارتتىم، مەقسەتكە كەلسەك: سىزنىڭ ئاچىڭىزنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

-قايسى ئىشلارنى دەيسىز؟

-ئۇنىڭ سابانىڭ كەينىدىن دەپ يۈرگەن گەپلىرىچۇ؟

-قايسى گەپلەرنى دەيسىزكىن؟

-مەسىلەن، سابانىڭ سىزنىڭ يولدىشىڭىز خېلىلنى ھەم ئالىمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى، ھەر ئىككىلىسىگە ئىرىشەلمەي ئاندىن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دىگەندەكچۇ؟

-ياق، مىنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.

-سىزنىڭ پەقەتلا خەۋىرىڭىز يوقما؟ ئالىمنىڭ گىپىنى ئايگۈلگە سىز دىمىسىڭىز ئۇ قانداق بىلىدۇ. سابا پەقەت ئالىم دىگەن بالا بىلەن ئىككى قېتىم چۈشلۈك تاماق يەپتىكەن. يولدىشىڭىزنى بولسا شۇ تويدا بىر قېتىم، تويدىن بۇرۇن بىر قېتىم كۆرۈپتىكەن. سىز سابا بىلەن يېقىن دوستلاردىن. سىزنىڭچە سابا بىر كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەممىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان قىزما؟

-ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.

-ئەمىسە ئاچىڭىز نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ، ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك كۆرەمدىكىنە؟ ئۆزى شۇنداق بولسا باشقىلارنىمۇ شۇنداق دەپ ئويلامدىغاندۇ يا؟

-......

-ئاچىڭىزدىن سوراپ باقامسىز؟ سابا ئاۋۋال يولدىشىڭىزنىمۇ ياكى يولدىشىڭىزنىڭ ئاكىسىنىمۇ قايسىنى بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن، بىزمۇ بىلەلمىدۇق، ئاكا-ئىنى ئىككىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتمۇ ئاساسەن ئوخشاشكەن، شۇڭا بىزمۇ قىزىقىپ قالدۇق. سابادىن قايسىنى بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ دەپ سورىساق ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن، سابا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ئىشلارنى ئاچىڭىز بىلگەندىكىن ئاچىڭىزدىن بىر سوراپ باققان بولسىڭىز، سابا زادى قايسىنى بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغۇيدى؟

-مىنىڭ ئۇ گەپلەردىن پەقەتلا خەۋىرىم يوقكەن

-ئەسلى بىز بۇرۇنلا ئايگۈل دىگەن ساراڭ بىلەن كۈرۈشۈپ ياخشىراق پاراڭلىشىنى ئويلىغان، لىكىن سابا ، ئۇنداق قىلساق رەناغا ياخشى بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ سۈكۈت قىلدۇق، لىكىن بۈگۈن سەۋر قاچىمىز توشتى. ئۇدۇللا ئايگۈلنى ئىزدەيلى دىگەنتۇق، لىكىن يەنە سىزنىڭ ئۇ ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ يوق بىلىپ باقايلى دەپ ئويلىدۇق. سىز نىمە دەيسىزكىن؟

-نىمە دىيىشىمنى پەقەتلا بىلمىدىم.

-سىزنىڭ زاددى ئۇ ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ-يوقمۇ؟

-ياق، مەن ئۇ ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن، ئايگۈل ئاچام بىلەن كۈرۈشمىگىلىمۇ بەك ئۇزاق بوپ كەتتى.

-ئۇنداقتا، پەقەتلا خەۋىرىڭىز يوقكەندە؟

-ھەئە.

رەنا سىنىڭ راستىنلا خەۋىرىڭ يوقما؟ سەن دىمىسەڭ ئۇ مىنىڭ ئالىم بىلەن تۇنىشدىغىنىمنى قانداق بىلىدۇ.

-بىلمەيمەن.

ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا رەناغا تېلفۇن كىلىپ قالدى، ئاندىن ئۇ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ ئۇلار بىلەن تىزلا خوشلىشىپ چىكەتتى.

ئەگەر ئۇ ئىشلاردىن رەنانىڭ خەۋىرى بولمىسا يەنە سۈكۈت قىلىش كىرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئىشلارنى رەنا ئايگۈل بىلەن بىرلىشىپ قىلغان بولسىغۇ سابامۇ رەنانى ئۇنچە ئويلاپ كەتمەيتتى.

سابا زادى قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەي بەكلا جىلە بولدى. ئۇ ئاخىرى ئايگۈلگە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ ئۇنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يازدى.

-بۇندىن كىيىن قانداقلا ئىش بولسا ماڭا دىگىن، باشقىلارغا كەينىمدىن گەپ قىلىپ يۈرمە. بولۇپمۇ ئەخلاقىم توغۇرلۇق گەپ قىلما، ئەخلاق توغۇرۇق گەپ قىلىشقا سىنىڭ سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ.

-سەنمۇ باشقىلارغا تېلفۇن قىلغۇزما ئەمىسە، باشقىلارغا تېلفۇن قىلغۇزمىساڭ ئۇنىڭغا سىنىڭ تىللاپ بەرگىنىمنى قانداق بىلدىڭ، ھەرقانچە ئۇستاتلىق قىلساڭمۇ يەنىلا مىنىڭ ئالدىمدا چاندۇرۇپ قۇيىسەن؟

-ئۇ بالىنىڭ ئىسمى ئەختەم، رەنانىڭ توي كۈنى ساڭا تېلفۇن قىلغان بالا شۇ، رەنانىڭ ئەھۋالىنى پات-پات سوراپ توراتتى. بەزىدە كىيۇ كىيۇ دا پاراڭلىشىپ قالاتتۇق، ئاشۇ بالا دەپ بەردى. ئۇيۇن قويغان ئىش يوق.

-بولدى قوي ئۇنداق يالغان گەپلىرىڭنى. بۇندىن كىيىن مەن تۇنىمايدىغان قانداقلا تېلېفۇن كەلسە ئۇنى سەن قىلغان دەپ بىلىمەن، ھەم چۇقۇم سىنى تىللاپ بىرىمەن.

-ساراڭ، راستىنلا ساراڭكەنسەنغۇ، نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن، يا مەن تېلېفۇن قىلغۇزمىسام.

-....

-بىز كۆرۈشەيلى، سەن كەلمىسەڭ مەن باراي، ئەمدى مەن سۈكۈت قىلمايمەن.

-...

-گەپ قىلە نىمىشقا گەپ قىلمايسەن، زادى قاچان كۆرىشىمىز؟

سابا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر يازسىمۇ ئۇ ئۇچۇر قايتۇرمىدى، سابا تېلفۇن قىلغان ئىدى. ئۇ بېسىۋەتتى. سابا يەنە قايتا تېلفۇن قىلغاندا بولسا ئۇنىڭ تېلفۇنى ئىتىك ئىدى.

سابا ئۇنىڭغا كۆرۈشۈش توغۇرلۇق بىر قانچە پارچە ئۇچۇر ئەۋەتكەندىن كىيىن يەنە شۇ ئىشلار توغۇرلۇق ئويلىنىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

ھەم كىچىدە ئۇنىڭ ئۇچۇر يېزىپ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇنىنى ئىتىۋەتتى.

ئەتىسى سابا ئايگۈل قالدۇرۇپ قويغان سۆزنى ئاڭلىدى، سۆزنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.

ئەگەر سەن ئاز گەپ قىلىپ يۈرمىسەڭ، مىنىڭ ھەم رەنانىڭ ئىشلىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرسەڭ سىنىڭچە مەن جىم يۈرەرمەنمۇ؟ مەنمۇ قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن، بەك چوڭ بىر ئىش بوپ كەتسە مەن بۇ يۇرتتىن چىقىپ كەتسەملا بولىدۇ، مىنىڭ بۇ يەردە تارتىشقۇدەك ئاتا-ئانام ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىم يوق، لىكىن سەن ماڭا ئوخشىمايسەن، سىنىڭ ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئاچىلىرىڭ بار، بىلىمەن، ئۇلار ساڭا بەك ئامراق. ئەگەر ساڭا بىر ئىش بولۇپ قالسا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئازابقا چىدىيالامدۇ؟ سەن ئاۋۋال ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئاچىلىرىڭنى بىر ئويلىۋىتىپ ئاندىن مەن بىلەن ئېيتىشاڭ بۇلارمىكىن؟.........

سابا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تۇرغان يىرىدە ئولتۇرۇپلا قالدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك، ئايگۈل ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋالغان ئىدى، دىمىسىمۇ ساباغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ياكى ئايگۈل سابادىن كەينىدىن قالايمىقان گەپ تارقاتسا سابا قانداق قىلىدۇ، سابانىڭ ئۆيدىكىلىرىچۇ؟ بىر قىزنىڭ كەينىدىن ئەخلاقى توغۇرلۇق يامان گەپ-سۆزلەر تارقالسا ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟ ئەسكىنىڭ قولىدىن ھەر ئىش كىلىشى مۇمكىنغۇ؟ ئايگۈل رەنانىڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چۇقۇم قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. ھەم ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ساباغا تۆھمەت قىلىشى ئىنىقلا گەپغۇ.

سابا ئۇزاق ئويلاندى، كۆز-ياشلىرىنى زادىلا توختىتالمىدى.

سابا ئۇزاق ئويلىنىشتىن كىيىن تېلفۇن نومۇرىنى ئالماشتۇرۋېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئامال بولسۇن، سابانىڭ قولىدىن نىمىمۇ كەلسۇن، ئايگۈل ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالغان تۇرسا.

شۇلارنى ئويلىغان سابا تېلفۇن نومۇرىنى ئالماشتۇرۋەتتى.

تۆگىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 04:42 PM  


مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 05:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ (مەزمۇنى)، ئەمما-بايانچى تىلى بىلەن دىئالوگ تىلى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ قالغان ھالەت مەۋجۈت ئىكەن، شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئويلۇنۇپ باقسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80792
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى يازغان ئادەمگە ھىجاپلىق قىزلاردىن باشقا پېرسۇناش تېپىلمىغانمىكى دەيمە.يا ھازىر ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ ئىش ئىزلىرغا قىززىقىدىغانلار كۆپ بولغانكى كىشلەرنى قىززىقتۇرۇش ئۇچۇن  شۇنى تاللىدىمۇ بىلمىدىم.ھازىر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئارقىدىن بۇلۋاتقان سۆز چۆچەكلەر ئاز بۇلۇپ قالغاندەك رەنانى  ھىجاپ ئاستىغا ئېلىپ قويسا بۇنى كۆرگەن،كوڭۇلدە ھىجاپلىقلارغا خاتا چۇشەنچە ھاسىل بۇلۇپ قالغانلارغا تېخىمۇ بۇپ بىرۇدۇدە.يا بولمىسا يازغۇچىمۇ ھىجاپنىڭ ئاياللارنىڭ پاكلىقىنى قوغدايدىغان قالقان ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە،ئاۋۇ رەنانى شۇڭا ھىجاپقا ئوراپ باشقىلارغا ئۆزىنى ئەخلاقلىق دەپ ئالداشنىڭ قورالى قىلىپ بىرەردۇمۇيا؟ئىشقىلىپ رەنانى ھىجاپلىق دەپ تەسىۋرلىگەندە كوڭلۇم بىر قىسىملا بۇلۇپ قالدى.

خەق نىمە قىلسا قىلسۇن.مەن ئۆزەم خالىغاننى قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 07:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جىقكەن،ئوقۇپ بولالمىدىم،بولسا مەزمۇنىنى ئازراق ئىخچاملىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەنتۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87955
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-12-1
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 07:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك ياخشى چىقىپتۇ،تۇرمۇشتىكى بەزى كارتىنىنى كۇرگەندەك بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 07:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى تولۇق ئوقۇدۇم.ھىكايىڭىزنىڭ ياخشى يەرلىرى ھەم يامان يەرلىرىنى دەپ ئۆتەي....
1 ياخشى يەرلىرى:
ھىكايىدە پىرسۇناژ تىلى ئىنتايىن چىن ھەم ئوبرازلىق چىقىپتۇ.ۋەقەلىكى تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن.دىئالوگ تىلىدا چاتاق يوق. ھەقىقەتەن ئۇستا قۇرۇلما ھەم تىما تاللاش جەھەتتە نادىر ھىكايە ئىكەن.بۇنۇڭغا قايىل مەن.ھىكايىنىڭ بەدىئىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىستىتىك تۇيغۇ بەخىش ئىتىشى كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىككە ھەم ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە.ھىكايىڭىزنى ئىجدىمائىي تۇرمۇشتىن ئالغان سۇبىيكتىپ ئىدىيىنىڭ يارقىنى دىيىشكە بولىدۇ.ھىكايىڭىز تىپىك رىئاىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا تەۋە.
ناچار يەرلىرى.
ھىكايىنىڭ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى تۆۋەن.بەدىئىي ئۈنىمى ئاجىز.ئوشۇقچە بايانلار كۆپ.ھىكايىنىڭ بىشى كۈچلۈك ھاياجان ۋە زوق بىلەن يىزىلغان بولسا ھىكايىنىڭ ئاخىرقى قىسمى خوش ياقماسلىق بىلەن ئاخىرلاشقان بۇنىڭ سەۋەبىي ھىكايىدە ئوشۇقچە بايانلارنىڭ كۆپلىكىدە.مەسىلەن :رەنانىڭ تويىدىن ئاۋۋال ئايگۈل بىلەن سابا رەنانىڭ ئىشەنچىسىگە كىم ئەڭ ئىرىشكەن دىگەن مەسىلىدە تەگىشىپ قالغان.بۇ نۇقتا ئەسەر بىشىدا تىلفۇندىكى دىئالوگلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىدا يەنە قايتا دىيىلىشى ھىكايىنىىڭ قىممەت يۆنىلىشىگە زىت.بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ سىرلىقلىق چۈمپەردىسىنى ئىچىۋەتكەن.كىتابخانلارغا نىسبەتەن ئويلىنىش كۆزنىكىنى ئىتىۋەتكەن.شۇڭا بۇ قىستۇرما ئوشۇقچە.ئەسەردە بۇنۇڭغا ئوخشاش يەرلەر كۆپ.
ئەسەر ئىجدىمايىي تۇرمۇشنى ياخشى ئەكىس ئەتتۇرسىمۇ بىراق ئەسەرنىڭ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى نۆل.چۈنكى ئەسەردىكى رەنا بىلەن ئايگۈل ھاياسىز قىزلار، ئۇلار ساختىپەزلىك بىلەن مەنپەئەتكە ئىرىشكەن.ئۇلارنىڭ كىيىنچە يامان ئاقىۋەتكە ئۇچۇرماي ئەكسىچە ساباغا تەھدىت سىلىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقى كىتابخانلارنى غەزەپلەندۇرىدۇ.بۇ ئەسەر مۇشۇ نۇقتىدىن ئۈنۈمسىزلىك پاتقىقىغا پىتىپ قالغان.بۇنداق بولغاندا ئەسەرنىڭ تەربىيىۋىي ئۈنىمى يوقۇلۇپ پەقەت ئىستىتىك تۇيغۇسىلا ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ.ئەسەردىكى ئەڭ موھىم ناچارلىق نىمىشقا يامانلار يامان ئاقىۋەتكە قالمايدۇ.سىز بۇنۇقتىنى يورۇتماي قانداق بەدىئىي تەربىيە ئۈنىمىگە ئىرىشمەكچى؟ئاپتور ئويلۇنۇپ بىقىڭ.
يەنە بىر ئاجىز تەرەپ پىرسۇناژلارنىڭ ئارىغا كىرىشى كۈچلۈك.يەنى ئايجامالنىڭ ئەسەر ئوتتۇرسىدا مىرگۈلگە ئايلىنىيپ قالغانلىقى ۋە  ئايجامالنىڭ پىرسۇناژ رولىنى مىرگۈل ئوينىغانلىقى ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان.
مۇشۇنچىلىك دەي.
ئومۇمىي نۇقتىدىن ئىتقاندا يىزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىز ياخشى قەلىمىڭىز خىلى پىشقان ئىكەن.ئەسەردە قۇرۇلما جەھەتتىن ناچارلىق يوق يىزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە كۆرىلمىگەن.مەسىلە ھىكايىنىڭ مەزمۇنىدا.تىما ياخشى بولغان بىلەن يۇقۇردا دىيىلگىنىمدەك تەربىيىۋىيچانلىقى تۆۋەن.
ئەسىرىڭىزگە ياخشى باھا بىرەلمىگەن بولىشىم مومكىن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن تىرىشىڭ.قەلىمىڭىزئاستىدا قۇياش پارلاپ تۇرۇپتۇ.ئىجادىيىتىڭىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە.
سىزگە تەشەككۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 11:26 PM  


شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 07:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق غەلىتە ???قېنى كەينى بۇ ھىكايىنىڭ ?مۇشۇنداقمۇ ئىشەنچىسى يوق ئادەم بۇلامدۇ ?سابا نىمىدىن قۇرقۇدۇ ?、ئايگۈلدەك ئادەمنى تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۋەتمەي ?بىرمۇنچە ۋاقىتنى چىقىرىپ ئۇقۇپتىمەن دىسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزنىڭ  قىزلىرىمىز نىمانداق مۇرەككەپ......  ساپلا  مەن ئۇقمايدىغان ئشلار ..
توۋا...

ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7585
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 09:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارتون يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 08:05 PM
بىزنىڭ  قىزلىرىمىز نىمانداق مۇرەككەپ......  ساپلا  مەن ئۇ ...

راس قىزلار مۇرەككەپلىشىپ كەتتى ھازىر !!!!!!!!!!!!!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3975
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 09:12:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى يىىزلىپتۇ. لىكىن مەنمۇ ‹‹ مۇكرىمە›› دىگەن تۇرداشتەك قاراشتا. ھىجاپلىك قىز بۇلمىسا بۇلمامدىكەن بۇ ھىكايىدە، يەنە كىلىپ ئۇنداڭ ئىشلار كۆپىنچە شاللاڭ قىزلاردا بۇلدۇ. ...............يەنە دەيدىغىنىم  بەزى تۇرداشلارغا ...... ‹‹ئىززەت›› دىگەن بۇ تۇردىشىمىز داڭلىق بىر يازغۇچى ئەمەس،شۇنداقتىمۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان ،ياكى ئەسەر ...ۋەھاكازالار يۇق.‹‹‹ ئاللادىن بۇلەك مۇكەممەل مەۋجۇدات يوق›› . شۇنداق بۇلغاندىن كىيىن ئۈزىڭىز قىلالمايسى باشقىلار قىلغاندىن قۇسۇرلا ئىزدىمەي ئۇقۇپ قۇيۇپلا چىكەتسەڭلەرمۇ ياكى ئۇقۇمىساڭلارمۇ سىلەردىن ھېچكىم خاپا بۇلمايدۇ. ياز دىسە 2 -3 قۇر خەتنى ئۇڭشاپ يازالمايسىلەر . باشقىلارغا باھا بىرىشتە خېلى تەنقىتچىلەرمۇ سىلەرنىڭ قۇلاڭلارغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ.     ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ‹‹ ئىچىڭىزدىكى قۇرۇتلارنى ۋاختىدا تازلاڭلار، دۇنيا شۇندىلا كەڭرى ، باشقا ئادەملەر گۈزەل كۆرىنىدۇ››

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش