مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 9

سۇلغان كۆڭۈل سارغايغان ياپراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87250
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇلغان كۆڭۈل سارغايغان ياپراق

مەن گويا كىچىك بىر يىشىل يوپۇرماق ،
سەن گويا بىر چىنار مەزمۇد شۇنداق .
شاخلارنىڭ ئۇچىدا قالدىم يىگانە ،
شىۋىرغان بەك يامان ھالىم يامانراق .

شۇڭا سەن نۇر بولۇپ كەلگىن يىنىمغا ،
يامغۇر بوپ چۈشكىن ياكى بىشىمغا.
چاڭقىدى ۋۇجۇدۇم ئۇسساپ تەنلەر ،
شەبنەم بوپ سىڭسەڭچۇ جىنىم تىنىمغا!
مانا بۇ سۆيگۈگە تەشنا بولغان قەلىبنىڭ بۇرۇن سەندىن كۈتكىنى ئىدى. بۇ قەلىبنىڭ ئىگىسى گويا بىر ئاجىز ياپراققا ئوخشايتتى. سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن شوخ بۇلبۇل ھىسابلىنىاتتىڭ .سىنىڭ ئاخكۆڭۈل ،سەمىمىي قەلبىڭ ، مىھرىبان ،كۆيۈمچانلىقىڭ ،جەسۇرانە ھالىتىڭ ئۇنى ياشلىغىنىڭ باش بىتىگە پۈتۈلگەن مۇسبەت ئازابىدىن يىراقلانقان ئىدى . ئۇ ھەر كۈنى سنى بىر كۆرۈش بىلەن  بارىلىق ئازاپلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتى . سەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىچىلىپ -يىيلىپ  ئۆزىنى تۇتالماي قالاتتى.شۇ كۈنلەردە سەن بولغاچقىلا  ئۇ ئىنتايىن خاتىرجەم يۈرەتتى. ئاشۇ نازۇك قەلىبنىڭ ئىگسى دەل مەن ئىدىم .
سەن مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ياخىشى بىر ئوبراز ئىدىڭ، سىنى ھىچكىمگە تەڭ قىلمايتىم ، چۈنكى سەندىكى كۈچلۈك غۇرۇر ، خاس سالاپەت ،سۈرلۈك سىياق .جۇشقۇن كەيپىيات مىنى ھەقىقەتەنمۇ باش ئەگدۈرگەن ئىدى.  ئاشىق ۋىسالىغا يەتكەندەك  تىلىگىم ئىجابەت بولۇپ سەن بىلەن رىسقىمىز قوشۇلۇپ قالدى. بۇ مەن ئۈچۈن  ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە تىپىلغۇسىز بەخىت ئىدى.
بىزگە ھەممەيلەن << بەخىتلىك بولۇڭلار >> - دەپ بەخىت تىلەشتى. مەن سىنى ھاياتىمدىكى مەڭگۈلىك ئىجابى پىرسۇناچ بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىد بىلەن چىن ئەقىدەم بىلەن ياخشى كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ كەلدىم . ئىسىڭدە بولسا كىرەك بىز توي قىلغان ئاخشىمى مەن ساڭابالىلىقىمدا دائىم ئاپام بەرگەن سۇس يىشىل تاشلىق << بەخىتنامە >> دىگەن كىتابنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغانلىقىمنى ، شۇ سەۋەپتىنمىكىن  ئاخىرى سەن بىلەن بىللە بولۇپ بۈگۈنكىدەك بەخىتكە ئىرىشىتىم .- دەپ ئويلىغانلىقىمنى ئىيىتقان ئىدىم. سەنمۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ << سەنمۇ مىنىڭ بەختىم >> -دىگەن ئىدىڭ .  << خىلى خىلىنى ،گۈلى گۈلىنى تاپقان>> دەك بىر بىرىمىزگە بەكلا ماس كەلگەن ئىدۇق . ھايات بوستانىمدا بىر مەزمۇد شەمشاد بولۇپ قەد كۆتۈرگەن سەن كۈزنىڭ سۇغۇق قۇرغاق شامىلى يۈزۈمنى سىيلاپ ئۆتكەندە  مىنى ھىجران قايناملىرىغا تاشلاپ يىڭى نىكاھنىڭ باش بوسۇغىسىدىلا مىنى مەغلۇبىيەتكە باشلاپ كىرمەكچى بولدۇڭ. ياپراقلىرىم خۇددى قاپقارا بوران ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندەك ،شىخىدىن ئۈزۈلگەندەك نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى.
شۇنداقتىمۇ مەن سىنىڭدىن بۇنداق تىز ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايتىتىم .مۇھەببەت مىنى قىينىماقتا ،سىنىماقتا ئىدى،.سەن ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار لانماقچى بولدۇم .ئالدى بىلەن سەن نىمە دىسەڭ < ماقۇل > - دىيىشكە كۆندۈم . ئەتىگىنى پۇتۇڭغا پايپىقىڭنى كىيدۈرسەم سەن ھىچنىمىدىن -ھىچنىمە يوق ؛-سەنچۇ مۇشۇ پايپىقىمچىلىكمۇ بولالمايسەن ،ۋۇ دۆت كالۋا ؟-دەپ تىللاپ كەتتىڭ . كۆزلىرىمدە ياشلار ئەگىپ  قالسىمۇ مەن بوش ئاۋاز بىلەن < ھە شۇ سەل دۆترەك ئوخشايمەن ،سىز مىنىڭ ئەقىللىق ئىرىم ئەمەسمۇ ؟>-دەپ سىنىڭ بىھۇدە بەرگەن دەشناملىرىڭنى قوللاپ قۇۋەتلىدىم . يەنە كىچە-كۈندۈز سەن بىلەن تىنىچ ئۆتۈشنى ئۈمۈد قىلىپ  كىچىكىمدە ئوقۇغان <بەخىتنامە > دىگەن كىتابنى ئىزدەپ تىپىپ نەچچە -نەچچە رەت  ئوقۇپ چىقتىم . ئەمما كۆڭلۈم بىر خىل ئەنسىزچىلىكتە تىپىرلاپ مىنى يەنە باشقا ئاماللار نى قىلىپ بىقىشقا مەجبۇرلىدى . مەن قىينىتام بەرگەن پۇلغا كىتاپخانىغا بىرىپ <<  ئەرلەرگە 100 نەسىھەت >> < < ئاياللارغا 100 نەسىھەت >> ، << ھىدايەت گۈلزارى >> ،<< زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى >> دىگەندەك كىتاپلارنى سىتىۋالدىم . كىتاپتىكى بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. ئاخىرى سەن بىلەن قارشىلاشماسلىق ، ئىش - ھەركىتىڭگە ماسلىشىش ، كۆپىرەك رىغبەتلەندۈرۈش . كۆڭۈل بۆلۈش يەنە سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىلىش... دىگەندەك ئەپچىل چارلەرنى ئىشقاسىلىشقا باشلىدىم . سىنىڭ كۈندە تورخانىغا كىرىۋىلىپ << دۇدۇجى>> يەنى ئىلىكتىرونلۇق قىمار ئوينايدىغىنىڭنى بىر كۈنى قىمارغا بىرىلىپ كىتىپ بىشىڭدىكى نوركا تۇمىقىڭنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغىنىڭنى بىلسەممۇ سىنى ئەمدى تورخانىغا بىرىشتىن توسمىدىم .لىكىن ساڭا ؛-ئىرىم كومپىيوتىردا ھەر دەقىقىدە  ھەر خىل يىڭىلىقلار بولۇپ تۇرىدىكەن ،سىزمۇ << دۇدۇجى>> نى ئويناۋەرمەي ئەقىللىق بولغاندىكىن بىرەر تور بەتكە  كىرىپ مەشغۇلات قىلپ باقمامسىز؟>> -دىيىشنى ئۇىنتۇپ قالمىدىم .كىچىلىرى سېسىق ھاراق پۇراپ كىرگىنىڭدە بولسا ؛-ئەگەر ھاراق سالامەتلىككە زىيانلىق بولمىغان بولسا  سىزگە مەن ئۈلپەت بولاتتىم . ئۆتۈنۈپ قالاي ئىرىم ھاراق ئىچسىڭىز بۆرىكىڭىزنى كاردىن چىقىرۋالىسىزشۇڭا ھاراق ئىچمىسىڭىز  ، كۆزلىرىڭىز بەكمۇ چىرايلىق نۇرلۇق ئىدى ،مانا ھازىر قىزىرىپ يۇمۇلۇپ كىتىپتۇ،بۇندىن كىيىن مەن سىزگە زەپە چىيى دەملەپ بىرەي ،ھاراق ئىچمەڭ بولامدۇ؟-دىگەندەك سۆزلەرنى تولىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ساڭا ئىيتتىم ۋە يۈزلىرىڭنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋىتىپ سىيلاپ قويدۇم. جىنىم سەن تاش يۈرەك ئەمەس ئىدىڭ ، بىرا ق نىمانچە تىز ئۆزگىرىپ كەتكەنسەن ھە؟-سىنىڭ ؛-ئەگەر زۇلھايانى ئالغان بولسام نەچچە يۈز ئادەم قول ئاستىمدا ئىشلىگەن بولاتتى .ئۇچۇ قالتىس ھاراق كۆتۈرەلەيدۇ، سەندەك مىشچان دۆت ئەمەس قارا كىيىۋالغان كىيمىڭگە، زۇلھاياغا قىزىل سارپان بەكلا يارىشىپتىكەن ئۇنىڭ تانسا ئويناشلىرى .. ھەي بىزگە نەدىكى خوتۇنلا ئۇچراپتىكەن ؟.  - يۈزۈمدىن - يۈزۈمگە دىگەن بۇ سۆزلىرىڭ ماڭا بەكلا ئەلەم بولغان ئىدى .مەن بىر كىچە يىغلاپ چىققان ئىدىم .شۇندىن باشلاپ مەن گەرچە ئۆزۈم خالىمىساممۇ  قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ يۈردۈم . سوغۇق زىمىستان قىش كىلىپ يەر - جاھان مۇزلاپ كەتكەن بىر كۈنى چوڭ ئانىمىز يوقلاپ كىرىپ ؛ -ئۆيگە ئۇن ئالسىلا ، نەۋرەممۇ تۈزىلىپ قالار سەۋرى قىلغۇلۇق ،،-دەپ تەڭلىگەن پۇلىنى ئالغىنىمدا ئۆزۈمنى بىر بىچچارە تىلەمچىلەردەك ھىس قىلىپ قاتتىق ئۇيۇلدۇم . يەنە قىينىئاتام مىنى ئالدىغا چاقىرتىپ ؛-ئۇ ئىش قىلمىسا سىز ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ، قانداق گەپ بۇ سىلەرنى  بىقىۋىرەمدۇق ، ئايال كىشى دىگەن ئۆيگە بەرىكەت بولمامدۇ؟ -دەپ 100 يۈەننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغىنىدا بولسا ئىچىمگە چۇڭقۇر تىنىپ ئىغىر خۇرسىنىپ خۇددى گۇناھكارلادەك بىشىمنى ساڭگىلىتىپ تىترەپ كەتتىم . لىكىن مەن ياخشى كۆرگەن ئەر يەنى سەن ھىچنىمىدىن خەۋەرسىزئىدىڭ .قۇياش پاتقاندا سەن ئۇيقۇغا غەرىق بولغاندا ياستۇقىمنى قۇچاقلاپ يىغلايتىم . ياشلىرىم خۇددى مىنى مازاق قىلىۋاتقاندەك ياشلىغىم بىھۇدە ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە تاڭنى ئاتقۇزاتتىم . تاڭ ئاتقاندا سەن بىرىنجى بولۇپ ئىسمىمنى چاقىراتتىڭ. -رازىيە ،رازىيە ئوبدان خوتۇن نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن قىشىمغا كىرگىنە؟مۇشۇ ئاۋازىڭ ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللي ئىدى .مەن يەنە سەندىن ئۈمۈد كۈتەتتىم .سىنىڭ روھلۇق ،جانلىق. تىتىك قىياپىتىڭنى كۆرۈشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم . كۆز ئالدىمدا ئىلگىركى ناھايىتتى غۇرۇۇلۇق بىر ئەرنىڭ تۇرقى ئەكىس ئىتەتتى. مەن شۇ ئەرنى ئىزدەيتتىم . سىنىڭ ئىلگىرى مەن ئۈچۈن سىزغان رەسىملىرىڭنى ،ھەر خىل گۈللىرىڭنى قولۇمغا ئىلىپ ئۆز-ئۆزۈمنى خۇش قىلىشقا ئۇرىنىاتتىم .گاھىدا ؛-ئەر كىشى دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ .-دەپ سىنى نۇقسانسىز گۇناھسىزغا چىقىراتتىم . بار ئەيىپنى ئۆزۈمگە قويۇپ ؛ مىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچۈم يوقالغان چىغى، كىتاپتىكى مەزمۇنلار رىلئاللىقنى ئۆزگەرتەلمىگىدەك ، مەن نىمانچە پەمىسىز بولۇپ قالغاندىمەن .-دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ سوراقلاپ كىتەتتىم .باھارنىڭ بىر ئاخشىمى سەن مىنى ئۆيدىن قوغلىدىڭ .مەن سەندىن ئايرىلىشقا چىدىمايتىم .شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچ  يىل ئۆي تۇتۇپ         ھىلى ئۇرۇشۇپ ھىلى قوغلىشىپ ،ھىلى ئەپلىشىپ دىگەندەك بىر بالىغا ئاتا -ئانا بولۇشتۇق .سەن ئۆيىمىزنى ھاراقخانىغا ... ئايلاندۇرۋالدىڭ. مەنمۇ ھىلى ئۇ يەردە ھىلى بۇيەردە ئىشلەپ ھاردىم .سەن تىخى ھەددىڭدىن ئىىشىپ ئۆيگە بىكار تەلەپ ئاغىينىلىرىڭنى باشلاپ كىرىپ قاۋاقخانا قىلىۋىلىپ بىغۇبار ئوغلىمىزنىڭ ،دوستلىرىڭنىڭ ئالدىدا مىنى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭ .مىنىڭ سىنىڭ ھەركىتىڭگە ماسلاشقۇدەك مادارىم قالىمىغان ئىدى. سەۋرى -تاقىتىممۇ توشۇپ قالغان ئىدى. مەن ھاراق ئىچىشكە ئۇنىمىسام سەن مىنى قاتتق ئۇرۇپ كەتتىڭ .بالىمىزنىڭ يىغا ئاۋازى ئۆينى بىر ئالغان ئىدى. سەن  سۆرۈن تەلەت ئاغىينىلىرىڭنىڭ ئالدىدا ماڭا ؛-ھەم ئىچەلەيدىغان .ھەم چىكەلەيدىغان ،ھەم پۇل تاپالايدىغان  ئۈچ بۇرجەكلىك خوتۇن كىرەك ،چىق ئۆيدىن دەپ ۋارقىرىدىڭ .-مەن ئىشىك ئالدىدا يىرىم كىچىدە ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇردۇم .
تۇغقانلىرىم :-ئاجىرشىپ كەتكىن .- دىسىمۇ پەرۋا قىلمىدىم .سەن بىلمىسەڭ كىرەك مىنڭ ياشىق باھارىم سەن  بىلەن  بىرگە ئىدى . مىنىڭ خاس گۈزەللىكىم سىنىڭ يوغان كۆزۈڭدە ئۆتكۈر نەزىرىڭدە ئەكىس ئەتكەن ئىدى. مىنىڭ ئىشچانلىقىم سىنىڭ ئىغىزىڭغا تەگكەن تائاملىرىمدا پاكىزلىقىم سەن ئولتۇرغان كۆرپىلەردە ،سەن ماڭغان يوللاردا جايىنى تاپاتتى. مىنىڭ ئاياللىق سۈپتۈم .مىھرىم ،ۋاپايىم سىنىڭ قولۇڭدا ئىدى.
يەنە    تەڭرى نىسىپ قىلغان تۇنجى پەرزەنتىمىزنىڭ بەختى سىنىڭ قولۇڭدا ئىدى. ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس سنىڭ بىر جۈپ قولۇڭ بىر ئايالنىڭ بەختىنى .پاك مەسۇمە ئوغلىمىزنىڭ بەختىنى ھەممە .ھەممىنى ۋەيران قىلدى؟سەندىكى ۋاپا ئۆزۈڭ چەگكەن تاماكىنىڭ قارا- كۆك ئىسلىرىدەك يىراقلارغا تاراپ يوقىلىپ كەتتى.  سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن  ۋە پەرزەنـتىمىز ئۈچۈن ئابىھايات سۈيى ،سۆيگۈ يامغۇرى ،بەخىـت قۇياشى ئىكەنلىكىڭنى بىلمەي  قالدىڭ .شۇ ڭا بىزدىن ئاسانلا يۈز ئۆرۈپ ۋاز كەچتىڭ .رەھىمسىز ،سۈرلۈك سوت ئالدىدا مەن ئاندىن سىنى قايتىدىن چۈشەنگەندەك ،تونۇغاندەك بولدۇم . سەن بىلەن شۇ مىنۇت شۇ سىكىنۇتتا سوت زالىدا سەن -پەن قىلىشىۋاتقىنىمدا بولسا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن يوللارنى ئارتۇق باسقانلىقىمنى ،بىر قاتار بەدەللەرنى بىھۇدە ئارتۇق تۆلىگەنلىكىمنى ئەڭ موھىمى  ئۆزۈمنىڭ  سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن  كۆڭۈلسىز نىكاھىمغا ھىچ  بىر گۇناھسىز پەرزەنتىمنى  قوشۇپ بەدەل تۆلەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىمنى بىلگىنىمدە << قولدىن چىقىپ كەتكەن بەخىتنى قايتۇرۇپ كىلىمەن .>> - دەپ چەككەن پىغانلىرىمغا ،تارىتقان ئازابىمغا قاتتق ئىچىنىپ ساڭا ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتىلدىم . سىنى تىللىدىم . يەنە يىغلىدىم .دىمەك سەن مىنى ھالسىراتتىڭ . مۇھاببەت ۋە نىكاھ ماڭا ئاپەت ئىلىپ كەلدى. ئوماق سەبى پەرزەنتىم  مەغلۇپ بولغان نىكاھنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. كۆڭلۈم خۇددى بىر تال ئاق ئىچىلغان قار گۈلىدەك ئاق پىتى سۆيگۈ سۈيىگە قانالماي قۇرۇپ سولىدى.قەلبىم بىر پارچە نىپىز ئەينەكتەك چۇل- چۇل بولۇپ سۇنۇپ كەتتى.گۈللىرىم خازان چىرايىم زەپىران بولدى.
سەن بولساڭ ئوغلۇڭنى ۋە مىنى سىغىنىشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىڭ . بەلكىم بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن،بەلكىم يىڭى يارىڭ ساڭا سەن كۈتكەن بەخىتنى ئاتا قىلالىغاندۇ؟ كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى ئوغلىمىز ئىككى ياشقا كىرگەندە <<دادام > -دەپ سىنى تىلغا ئالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەن نىمە دىدىم بىلەمسەن ؟ < داداڭ ئۆلۈپ كەتكەن > دادا دەپ  تىلغا ئالمىغىن ، ئەرزىمەيدۇ. > -دىدىم ئوغلۇمغا . ئاندىن سىنى ئىچىمدە مىڭلاپ قارغىشقا باشلىدىم .يەنەسىنى ئىزدەپ تىپىپ پارە -پارە قىلىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى. ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا ياشلىرىمنى يوشۇرۇرماقچى بولدۇم . ئاپپاق قار ياغقان بىر كۈنى مەن ئوغلۇمنى شەھەرلىك 1- خەلىق دوختۇرخانسىدىن داۋالىتىپ ياندۇرۇپ ئەپچىقىپ ماشىنىا بىلەن ئۆيگە كىتىۋاتقاندا   سىنى كۆرۈپ قالدىم .سەن تۈمەن دەرياسىنىڭ يىنىدىكى يولدا غەرىق مەس ھالدا يىتىپسەن . قار ئاستا -ئاستا چۈشىۋاتاتتى. كشىلەر ئاندا -ساندا يولدىن ئۆيلىرىگە ئالدىراش   كىتىپ بارغان بولۇپ ھىچكىمنىڭ سەن بىلەن كارى يوق ئىدى.سىنى قانداق بولۇپ تونۇپ قالغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران .-قاراپ كەتتىڭىزغۇ تونۇمسىز ؟ تۇيۇقسىز شوپۇر ئۇستام مەندىن سوراپ قالدى. -ھە مەن ئۇنى بۇرۇن تازا قارغىۋەتكەن ،ھازىر تونىمايمەن .-دىدىم .بىراق كۆڭلۈم زەھەر ئىچىكەندەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى.-نىمىشقا ،قارغىغانتىڭىز، بىچچارە نىمانچە قىلىدۇ كۆتۈرەلمىسىمۇ شۇنچە ئىچىۋىلىپ يولدا سەتلىشىپ ياتقىنىنى كۆرمەمدىغان ئەر كىشى  تۇرۇپ ، ھە يا سىز تاشلىۋەتكەنمىتىڭىز ؟
مىنىڭ شوپۇرنىڭ گىپىگە تازا ئاچچىقىم كىلىپ كەتتى . لىكىن ھىچنىمە دىيەلمىدىم . ئۆيگە قانداق كەلدىم بىلمەيمەن .بوسۇغىدىن ئۆيگە كىرىپلا پاڭڭىدە قىلىپ يىغلىۋەتتىم . ئوغلۇم ھىچنىمىنى بىلمىگەچكە ھەيران بولۇپ ھەم سەل قورقۇپ :-ئاپا نىمە بولدۇڭ ؟ دىيىەلىدى. شۇنداق سالاپەتلىك قەدىرلىك ئىرىم سەن سۆيگۈمنى خارلىغان ئىدىڭ. مانا ئەمدى مەندىنمۇ بىچچارە ھالدا ئىڭراپ خۇدۇڭنى بىلمەي يۈرۈپسەن .ساڭا بۇ نىمە كۈن  قەلبىمدىكى غۇرۇرلۇق سۆيۈملۈك ئىرىم سەن شۇمۇ؟ مەن سىنى قالتىس ئۇستا راسسام دەپ بىلەتتىم .سەن ماڭا بەك چىرايلىق گۈللەرنى سىزىپ بەرگەن ئىدىڭ .شۇ بەخىتلىك كۈنلەر قىنى ،شۇ چاغدىكى ۋاپادارىم قىنى ؟ ھەي ئىسىت سەن سىزغان شۇ گۈللەرقەلبىڭدە ئىچىلغان بولسىچۇ كاشكى؟ پەرزەنتىڭنى مىنى تاشلاپ كىتىپ قايسى گۈللەرنى پۇراپ قايسى گۈللەرنى ئىچىلدۇرالىدىڭ ؟!مۇھەببىتىم مۇڭلاندى ،كۆڭلۈم سولۇپ ياپراقلىرىم سارغايدى. سەبىې بالىمىز يىتىملىكتە قالدى. سەن بۇنى بىلەمسەن ؟
بولۇپسەن رەسسام سىزىپسەن گۈلنى ،
خىلمۇ -خىل رەڭلەردە بوياپسەن ئۇنى .
ئىچىلار قاچان سىنىڭ كۆڭلۈڭدە ،
شۇ گۈلدەك چىرايلىق سۆيگۈنىڭ گۈلى؟

باققانتىڭ ماڭا كۈلۈپ بىر كۈنى
ئىخپال قىلغانتىم شۇڭا سۆيگۈڭنى .
كەتتىڭ بىرىلدىڭ ئىشقى- ھەۋەسكە ،
ئۇنۇتتۇڭ ئۆزۈڭنىڭ يىگىتلىكىڭنى .

ئۆتۈنۈش ئىلكىمدە چەكتىم قەلبىڭنى ،
كۈتتۈم شۇ بىرتال قىزىل گۈلىڭنى.
نە بىلەي گۈللىرىڭ بولۇپتۇ خازان ،
كۆز ياشتا تىرىپ ئالدىم ئۇنى.

بولۇپسەن رەسسام سىزىپسەن گۈلنى ،
قاپقارا رەڭلەردە بويىدىڭ ئۇنى.
قالدىمغۇ ئۈمىتسىز لىۋىمنى چىشلەپ ،
باغرىم قان يارا بىلمىدىڭ شۇنى؟

جاناىنىم خوشىلشاي سىنىڭ بىلەن ،
پۇرىۋال ئاخىرقى سۆيگۈ گۈلىمنى .
قەلبىڭگە مۆھۈر بولسۇن شئىرىم ،
ئۇنۇتما تىلەيمەن سىنىڭ بەختىڭنى!!

2011-يىلى 4-ئايدا يىزىلىپ2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى رەتلىنىپ ئەۋەتىلدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:12:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىكەن.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88403
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ئائىلىدەك بولسا خە. مەسئۈلىيەتسېز دادىلارقاچان ئائىلىنى خاتىرجەم كىلسىلەر.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ،غەيرەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45463
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4185
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1026 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 11:35:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىڭنىغۇ ئۇڭشاپ قۇيارمىز ،
يېڭى تاپقان يارىڭغا قۇشۇپ .
يۈدۈپ كەتكىن ۋەدەڭنىمۇ ھەم ،
لەۋزى بوش ئەر نامىڭغا قۇشۇپ .

مەيلى بۇ ئىش تىما ئىگىسىنىڭ ئۆتمۈشى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشى بولسۇن مەن بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ۋاپاسىز ئەرلەردىن نەپرەتلىنىمەن ھەم شۇنداق ئاياللارغا دەيدىغىنم شۇكى  : قىز ئاياللار ئاۋال ئۈزۈمىزنى سۈيەيلى ، قەدىرلەيلى خۇددى ئەرلىرىمىزنى سۆيگەندەك .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17887
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:16:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىجادىي تىمىللىرڭىز مۇنبىرمىزدىن ئۈزۈلمەسلىگىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، تالانتىڭىزغا قايىلمەن ،

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:58:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بەدىئى توقۇلما بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،ياراتقان ئىگىمىز بىزلەرنى ئېغىر دەردلەرگە سالمىغاي

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق مەسئۇليەتسىز ئەرلەر تۇگىگەن بۇلسا  بەخىتلىك ئائىللەر كۇپۇيۇپ دۇنيا نەقەدەر گۇزەل بولغان بۇلاتتى ھە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90698
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 07:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋا دەيمەن .كۇپ دەيدىغانغا ئىشىنىپمۇ قالىمەن.بىز ئاشۇ مالىمانچىلىق يىللىرىدا تۇغۇلدۇق.بۇ دۇقمۇشتا مەن ۋە سەن بار.مەن سىنىڭ ئىشچانلىقىڭغا قايىل.بىراق سەن بىرىنچى قىتىم باققال داداڭنى شىرىكى بىلەن توي قىلدىڭ.ئۇزاققا بارماي بىر بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتىڭ.بالاڭ 8ياشقا كىرگەندە داداڭ يەنە بىر باققالنى تىپىپ يىنىڭلارغا ئەكىلىۋالدىڭلار..ۇنىڭدىنمۇ بىر ئوغۇلغا ئىرىشتىڭ.ئۇ باققالمۇ ئىككى يىل تۇرالىدى پۇل تىپىپ كىلىمەن دەپ كىتىپ يۇقالدى.كىيىن ئۇلگەنلىكىنى ئۇقتۇق.داداڭ يەنە بىرىگە بەردى .قىز تويىدەك تۇي قىلدىڭ .ئامما شۇ كۇنى بەك شىۋىرغانلىق كۇن بولدى.ئۇ سىنى يۇرتىغا ئەكىتەلمەي سەن ئۇنى ئەكىلەلمەي 3ئايلا ئۆكي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتىڭلار. مانا بۇگۇنگە كەلگەندە نەۋرىسى بار بىرگە ياتلىق بۇپسەن.تۇۋا ئات يىللىقلارنىڭ تەغدىرى مۇشۇنداقمۇ كاج بولامدىغاندۇ دەيمەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-17 07:02 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش