مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1480|ئىنكاس: 32

مەن ئۇيغۇر -سولامچى ئەمەس-بوران114 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20119
تۆھپە نۇمۇرى: 1444
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   راسىت ئىشلار خاتىرسى
گەپنى نەق يىرىدىن باشلاي،ئاللا ئىگەم بەندىلىرىگە تۈرلۈك كىسەللەرنى سىلىپ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىمان-ئىتقادىنى سىنايدۇ،شۇ بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا مىنىڭ 6 ياشلىق قىزىمغىمۇ ئاق كىسەل چاپلاشتى،پەقىر قىزىمنىڭ بەدىندىكى ئاقلارغا قاراپ ئاتىلىق بۇرچۇم سەۋەپ ئىزلەپ دوختۇرلارغا ئاپاردىم،توردىمۇ مۇشۇ كىسەلنىڭ دورىسى توغىرىسىدا ياردەم سوراپ ئىلان بەردىم،ئىلاننىڭ ئۈنىمى بولدى،نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى -ئاق كۆڭۈل ئادەملەر رتىسىپ،دورا،ۋە تۈرلۈك مەسلىھەتلەرنى بەردى،رەھمەت دىدىم،قىسقا ئۇچۇر،تىلفۇن ئارقىلق ئەھۋال سورىدى،تەسىرلەندىم،بالامنىمۇ داۋالىتىۋاتىمەن،شۇ ئارىلقلاردا بىر ئاقكۆڭۈل قىرىندىشمىز ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ بۇ كىسەلگە چەتئەلدىن  ئۇكۇل ئەكىلىپ ئۇرغۇزۇپ تاراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلقىنى بۇ ئۇكۇلنىڭ قىممەت ئەمەسلىكىنى خەلق پۇلىدىن 130 نەچچە كويغا كىلىدىغانلقىنى ھەم شۇ ئۇكۇلنىڭ رەسىمنى يوللاپ بەردى،مىنىڭ چەتئەلدە تونۇشۇم بولمىغانلقتىن تەلەي كۈتۈپ ئولتاردىم،ئىش  شۇندىن باشلاندى،

************************************************************************************************************************************************************
چ چ دىن خەت كەلدى،
---بوران ئاداش تىچلقمۇ؟
-تىچلق.
-قىزىڭلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
--يامان ئەمەس،ئاللاغا شۈكىرى،
-مىنى تونۇدۇڭلارمۇ؟
-ياق،سىز كىم بولىسىزكىن؟
--مەن چەتئەلدە دوختۇرلۇق قىلىمەن،
-ھە،رەھمەت سىزگە،
-مەن سىلىنىڭ قىزىڭلار توغۇرلۇق يازغان ماقالەڭلىنى توردىن كۆرگەن،ھەم ھىلىقى ئۇكۇلنىڭ رەسىمنى ئىنكاستىن كۆرگەن،سىلىگە بىر ياردەم قىلىي دىدىم.
--رەھمەت،مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار،

-دورىدىن خاتىرجەم بولۇڭلار،سىلىدىن سورايدىغان گەپلەر بارئىدى،
دورىنىڭ خۇشاللقىدا ماقۇل دىدىم،
-قىنى سوراڭلار،
--مەن سىلىنىڭ توردىكى ماقالەڭلىنى تولۇق ئوقۇيمەن،سىلى ھەر دائىم شۇ قىز-ئاياللار،روپاش -بۈۋىملەر توغۇرلۇق ھەم نۇرغۇن ياتاققا چىققان قىزلارنى تەسۋىرلەپ يازىسلەر،يازغىنىڭلارمۇ ئەمەليەتكە ئۇيغۇن،ۋەتەندە شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلقىنى مەنمۇ ئاڭلىغان،شۇڭا سۆزلەپ بىرىڭلار،
مەن ساددىلقىمدىن بىر قىسىم بۇزۇلغان قىزلارنىڭ ۋە بەزى مەينەتچىلكلەرنى قىسقا سۆزلەپ بەردىم،
-بولدى مەن چىقاي ،كىيىن كۆرىشەيلى-خوش.
ئۇ شۇنداق دەپلا يوقىدى،مەنمۇ بىردەم تورغا چىقىپ ياندىم،
**********************************************************************************************************************بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تورغا چىقتىم،قالدۇرغان ئۇچۇر كەلدى،
-بالاڭلار قانداقراق،يەنە قىزلار توغۇرلۇق ماقالا يىزىۋاتامسىلەر،
ئاڭغىچە يەنە خەت كەلدى،
-بارمۇ سىلە،يوقاپ كەتتىڭلىغۇ؟
-ئۆيدە تور يوق،ئارام تاپسام ناھىيگە كىرىمەن،
-ھە،ئاداش راس گەپ قىلسام ماڭا ئۇيغۇر قىزى بىلەن ياتمىغىلى 6يىلدىن ئىشىپتۇ،چەتئەللىك بىلەن يىتىپ خوشۇم قالمىدى،مەن ۋەتەنگە بارسام ئۇيغۇر قىزى تاپقىلى بولامدۇ؟دورىنمۇ ئالغاچ بارىمەن،قىزىڭلارمۇ ساقىيدۇ،
دەماللىقتا نىمە دىيشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم،
-گەپ قىلمامسىلەر،بالاڭلىغا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن،دورىغا پۇل ئالمايمەن،ياتاق -قىزلارنىڭ سورۇننىڭ چىقىمنى مەن قىلىمەن،پۇل دىگەن كۆپ مەندە،
-ئاۋال كىلڭلار بىر گەپ بولسۇن،
چ چ نى ئەتتىم، تورخانىدىن يىنىپ چىقتىم،كەچكىچە كاللام گادىرماچ خىياللار بىلەن،دوختۇرخانىغا بىرىپ بالامنىڭ قىشىدا ئولتاردىم،ھىلىمۇ 2 ئاي بولسىمۇ بىراق كىسەللىك ئەسلى ھالىتى بىلەن،يىغلاپ تاشلىدىم.
******************************************************************************************************************
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە تورغا چىقتىم،يەنە شۇنىڭدىن خەت كەپتۇ،
-ئاداش ھاياتمۇ سىلە،
-نىمىش كىلۋاتىسلەر،يوقاپ كەتتىڭلار،مەن يەنە 8كۈندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىمەن،
ئۇ قالدۇرغان خەتنىڭ چىسلاسىغا قارىسام بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋەتەنگە كەلگىلى 2كۈن بولغان بولىدۇ،كىرىشمنى ساقلاپ تۇرغاندەك خەت كەلدى،
-تىچلقمۇ ئاداش،مەن ئاقسۇدا،يەكەنگە باراي دەپ سىللىنى ساقلاپ تۇرغان،ھەرنىمە بولسا باركەنسىلەر،قانداق ئەتە بارايمۇ،قىزىڭلارنىڭ دورىسى بار ،ئالغاچ كەلدىم،
-تىچلق،رەھمەت.
-ھە ئاداش ئەمىسە مەن بارغىچە قىز تاپقاچ تۇرۇڭلار،بولسا روپاش قىزلار بولسۇن،بىر كىچىلىكگە 2000كوي بولسىمۇ مەيلى،مەندە بىرەر يۈزنىڭ يۈەن بار يىتىدۇ،سىللى ۋاقتىڭلارنى چىقارساڭلارلا بولىدۇ،
-بۇ قانداق بولار،مەندىن قىز تىپىش كەلمەسمىكى،
-ئاداش،قىلالايسىلەر،بولمىسا ھازىرلا كارتاڭلىغا 10000 كوي ئۇرىۋىتەي،قىزىڭلار ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسىلەر،قىزڭلارنى ئويلاڭلار،
-سەل،ساقلاڭلار،ئويلىنىپ باقاي،
بالام كۆز ئالدىمغا كەلدى،قىز تىپىش،بولۇپمۇ روپاش ئۇيغۇر قىزى تىپىش،،،،،،،چەتئەللەردە تۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىقان بىر مۇھاجىر ئىپلاسقا ئىسلامى كىيىم كىيگەن روپاش ئۇيغۇر قىزى تىپىش،،،،مەن تاپىمەن شۇنداقمۇ،،،بىشىم قىيىپ ئىككى چىكەم زىڭلدىغىلى تۇردى،بۇ سولامچىلق بولماي نىمە؟مەن سولامچىلق قىلىمەنمۇ؟پۇل ئۈچۈن ئەمەس قىزىم ئۈچۈن بولسىمۇ بولمايدۇ،،ياق بولمايدۇ،،تىتىرەپ كەتتىم،

--قىنى سىلەر،كارتا نۇمۇرۇڭلارنى دەپ بىرىڭلار،ياش بولسۇن،بولسا توي قىلىمىغان يۈزى ئىچىلىمغان روپاش قىز بولسۇن،
-قىز تاپالمىسام قىزىمغا ئەكەلگەن دورىنى بەرمەمسىلەر،
-ياق،بىكاغا ئىش يوق،
-پۇل بەرسەممۇ بولمامدۇ؟
-ياق،پۇل دىگەن مەندە بار،ماڭا قىز لازىم،
--قولۇمدىن قىز تىپىش كەلمەيدۇ،
-شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق،
-بالاڭلىنىڭ ساقىيشىنى خالىمامسىلەر،
-خالايمەن،
-ئەمىسە بولۇڭلار تىز،مىنىڭمۇ ۋاقتىم جىق ئەمەس،كەتمىسەم بولمايدۇ،دادىلق بۇرچۇڭلار بىلەن،دادىلق مىھرىڭلار بىلەن،چىن يۈرىكڭلاردىن پەرزەنىت مۇھەببىتى بىلەن كاللاڭلىنى سىلكڭلار،كىيىن بالاڭلار ساقايماي چوڭ بولۇپ كىشلەر ئارىسىدا شۇنداق ئالا-پاساق تۇرسا قىزىڭلار سىلىدىن نەپىرەتلەنمەسمۇ،شۇ چاغدا پۇشايمان قىلمامسىلەر،
--يەنە ئويلىنىۋالاي،
-ماقۇل،

مەن نىم بوپ كەتتىم،نىمە كۈنگە قالدىم،بالام ئۈچۈن قىز تاپايمۇ،سولامچى بولايمۇ،ئەسلى تاپماق تەسمۇ،تەس ئەمەس،يەكەندە مەمەتنىياز دەپ بىز ھىجىقىزنىڭ بارلقىنى 300كوي بەرسە قىز تەپبىرىدىغانلقىنى،قىزلارنى تخى ھەر خىل پاسۇندا ياساپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى 500كوي بەرسە روپاشمۇ تاپىدىغانلىقىن ئاڭلىغانتىم،بىر ئاغىنەم دەپبەرگەنتى،شۇ ئاغىنەمنى تاپايمۇ يا،،،،،،،،،،،،توۋا نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم،
--گەپ قىلڭلار،
--بولمايدۇ،
--قىزىڭلارغا ئىچىڭلار ئاغىرىمامدۇ،
-ئاغىرىيدۇ،
-ئەمىسە نىمىشقا بولمايدۇ؟
--ساڭا دەپ قوياي ئىتتىن تۆرەلگەن ھارىمى،مۇناپىق،قىزىمغا كىسەلنى ئاللاھ ئىگىمىز سالغانكەن شىپاسنى ئۆزى قىلىدۇ،سەندەك نائەھلى تۆڭگۈز ئەۋلىيا بولساڭمۇ مەن ئۇيغۇر،سولامچى ئەمەس،ساڭا قىزىمنىڭ كىسىلدىن ئۆتە مەينەتچىلىك چاپلاشقاي،يۈندە ئىچكەن ئىتمۇ سەندىن ياخشى،بالام ساقايمىسا رىسقىنى ئاللا ئىگەم بىرىدۇ،مىنىڭ قان-قىنمغا ئۇيغۇرنىڭ مىجەزى-قىنى-يۈرىكى-خارەكتىرى سىڭگەن،بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە سولامچىلىق سىڭمىگەن،يوقال بۇندىن كىيىن سەندەك جوھۇتنى كۆرەر كۆزۈم يوق،ئاخىرقى قىتىم دەپ قوياي---مەن ئۇيغۇر سولامچى ئەمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەنبە-چ چ دىكى پاراڭ،ھەققى بولغان ئىش-بوران114


قىنى كۆرەرمىز،،،
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3465
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10817
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا . يەنە بىر قىتىم توۋا

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

سەھرانى سۆيىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10448
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 850 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن قىزىڭىزنىڭ كېسىلنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، قىز تېپىپ بەرسەڭ دورا ئەكىلىپ بېرىمەن دېگەن ئادەم بىلەن شۇنچە ئۇزاق گەپلەشكىنىڭىز تازا بولماپتۇ. دەسلەپتىلا ئەدىپىنى بەرگۈلۈك ئىدى ئۇ ئەبلەخنىڭ.
مەندە باشقىلارغا قىز تېپىپ بېرىدىغان ئىقتىدار يوق ،  يامان ئۇنىمىساڭ، ئاچاڭ بىلەن سىڭلىڭنى ئالدىڭغا ئاچىقىپ بىرەي. دېگۈلۈك ئىدى. شۇ چاغدا قەشقەرچە گەپنى ۋايىغا يەتكۈزگەن بولىتىڭىز، سولامچىمۇ بولمايتىڭىز.(ھېلىھەممۇ بولماپسىز، ئاللاھ، ھىدايەت قىلغاي)

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10472
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2120 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەت نىمە ؟

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20119
تۆھپە نۇمۇرى: 1444
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baytura يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 02:53 PM
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەت نىمە ؟

مەخسەت،ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنۇتمىغانلىقىم،بالا مىھىرىدىن ئۇيغۇر مىىلىلىتى بولغاچقا مىللى غۇرۇرۇمنىڭ كۈچلۈكلىىكى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahroh + 10 قاملاشمىغان سولامچى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قىنى كۆرەرمىز،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18960
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 03:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاداش سىپى ئۇزىدىن،ئىسلام قىزلىرىغا ئۆچ ئوخشايدۇ،مۇنداق تىمىلارنى يازمىساڭلار توردا داڭ چىقىرالماسىلارمۇ،بۇ تىمىنى  ئۆچۇرۋىتىڭ.بۇلۇپ قويۇڭكى.ھەقىقى ئىسلام قىزلىرى،ھىلىغۇ.2000كويكەن.ئىككى يۇز مىڭنى بەرسىڭىزمۇ ئۇنداق گۇنا ئىش قىلمايدۇ،مانا بۇ ئىسلام قىزلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76386
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 03:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    .........  بۇ تىما ئۇچۇرۇلسۇن  ..........مەنمۇ   مۇۋاپىق  كۇرمۇدۇم  ...  راس  گەپنى قىلسام ؟  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahroh + 10 تۈغرا گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6042
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 1414 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 03:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا قىپسىز ...ئەمما سىز دەسلەپتىلا ئۇ ھارىمىنىڭ ئەدىپىنى بىرىشىڭىز كىرەك ئىدى...

ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23165
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3099 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 03:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق  ئىپلاس ھايۋاننىڭ  جاجىسىنى ئاللاھ بىرەر . ئاللاھ رازىلىقىنى دەپ ھەرخىل بېسىملارغا  بەرداشلىق بىرىپ يۈزىنى يۆگىگەن  ھەمشىرىلىرىمىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئامىن .


  ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈپ يالغان روپاش بۇلۇپ ، ئوغۇرلۇق ...................لىق  قىلىدىغان قىز ئاياللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ، ئىنساپ ، شەرمىي ھايا تىلەيمەن ، ئامىن .  

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش