يازدىم
گۈل-بېھىش ھەممىسى تولغان قەشقەردەپ نامىنى يازدىم،
سۇغۇرغان كىشى كۆڭلىنى كەۋسىرات جامىنى يازدىم.
ئىلىمنىڭ تەپتىنى زوقلاپ،ئىستبداپ يولىغا قارشى،
پاراسەت بابىدا مەشھۇر شۇ بىلىم كانىنى يازدىم.
بۇلبۇلنى ۋەزىرى قىلغان ،قارلىغاچ ئەلچىسى بولغان،
ئەنبەردەك يىقىملىق ھەم ساپ گۈل-چىچەك باھارىنى يازدىم.
دانىسى گويا ئوت-چوغدەك ،يۈرەككە بىباھا ئەۋزەل،
بەشكىرەم بېغىغا زىننەت قەشقىرىم ئانارىنى يازدىم.
ئۇيغۇرۇم ھۆرمىتى بولغان ،قەشقىرىم شەۋكىتى بولغان،
جاھاندا نامى تەڭداشسىز شۇ بۈيۈك ھېيتگاھىنى يازدىم.
بوۋايلار ئاغزىدا ھېكمەت، مومايلار ئاغزىدا چۆچەك،
تارىخى شانۇ-شۆھرەتلىك مۇقەددەس جەڭگاھىنى يازدىم.
مەنبە--- قەلىمىم