قايسىبىرىمىز مەن ئەلھەمدۇلىللا مەن مۇسۇلمان دىيەلەيمىز......
بىر ئىش ئىسىمگە كەپ قالدى،بىر نەۋرە تۇققان قېرىندىشىم 5-ئايدا توي ئۆتكۈزگەن ئىدى،ئۇنىڭ تويى شۇنچىلىك مەرى ئىسسىق توي بولدى.بىرەر باشتاق يا قىسقا كىيىملىك ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ،توي زالىغا كىرىشىمىزگە ھاجى خېنىم ئاياللار بىز بىلەن شۇنداق ئەزىزلەپ مۇسۇلمانچە كۆرىشىۋىتىپ،بىزنى تۆرگە باشلىدى،قالايمىقان كۈلكە چاقچاقمۇ يوق،ناخشا -مۇزىكىمۇ يوق مۇسۇلمانچە ئىسىل توي بولدى.
يەنە6-ئاينىڭ ئاخىرى بىر نەۋرە ئاچامنىڭ تويى بولغان ئىدى،ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ ھەممىسى خىزمەتچىلەردىن.ماڭا بەك تەسىر قىپ كەتكىنى ،زالغا كىرىشىمىزگە ناخشىلار ياڭراپ كەتكەن،تۇققىنىمنڭ تويىغا كەلدۇقمۇ ياكى ئەمدى تۇنۇشۇمنىڭمۇ بىلگىلى بولمايدۇ،ئانام بىزنى بىر ئۈستەلگە تەكلىپ قىلىپ بىر ئورۇندۇققا قولىنى سۇنىشىغا،پاخپاقباش خانىمدىن بىرسى ،ئىگىسى بار دەپ تارتىپ يۈرمەسمۇ،بىر تۇرۇپ قېيىن ئانامنىڭ ئالدىدا شۇنداق خىجىل بولدۇم،بىر تۇرۇپ شۇندا ئېچىنىپ كەتتىم
...بۇ توينىڭ شۇندا بەك مەرى سۇغۇق ئىدى،بۇ تويدا نەدە مۇسۇلمانچە ئەخلاق....بىر كۈن ئولتۇرىدىغان تويدا،ئەدىمىگەچىلىك قىلىۋىتىپلا قېيىن ئانام بىلەن يېنىپ كىردىم.
ئۆيگە كىرىپ بۇلۇپ بەك ئويلاندىم،مۇسۇلمان دىگەن باشقىچە،مۇسۇلمان مەن دەپ يۈرىيدىغان جا مۇسۇلمانلار باشقىچە بۇلىدىكەن،،،،،ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن كىشلەرنى ھەق ،توغرا يولغا باشلايدىغان دىنكەن....
ماشائاللاھ قېرىندىشىم شۇندا ياخشى تىما يوللاپسىز،دەردىمنى تۆكىۋالدىم.