قەبرىسىز قالغان سېغىنىش
يۇلتۇزدا تۈنىدىم ئاينى سېغىنىپ،
قىشتىمۇ كۈتۈپمەن بولۇشنى باھار.
ئۆتكۈزدۈم كۈتۈشنى يىپقا بىرمۇ-بىر،
تىزىلغان سېغىنىش ئۇندا پارقىرار.
چېكى يوق سېغىنىش ئاسمانغا تولدى،
ۋىسالغا ئىنتىلىش ئارمانمۇ بولدى.
ھەر نەرسە كۆرۈنۈپ ساڭا ئوخشىغان،
ئوخشاتقان سېغىنىش كىرپىككە قوندى.
كۈتۈشكە يارالغان سېغىنىش ئۇزۇن،
تۈنلەرنىڭ قوينىغا ئېسىلىپ قالدى.
يامغۇردەك يېغىپمۇ بۇلۇتتەك لەيلەپ،
ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ گۈلىمۇ سولدى.
سېغىنىش سەكرىدى دېڭىزغا ئاخىر،
ئۆلمەكچى قالسىمۇ قەبرىسىز مەڭگۈ.
يۇلتۇزدەك چېچىلغان ھاياتلىق ئىچرە،
چاقنىسۇن قەدىرلىك قەدىرسىز سۆيگۈ.
2012-يىل10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈچۈن.
كەتتى
بۈگۈنمۇ تۈن قوينى يېيىلىپ كەتتىم،
خىيالىم يۇلتۇزدەك چېچىلىپ كەتتى.
لەيلىگەن بۇلۇتتەك ئۈزۈپمۇ كەتتىم،
ئۈزۈشلەر تاڭلارغا ئۇلىشىپ كەتتى.
قۇياشنى كۆرمىدىم كۈندۈزدە تۇرۇپ،
ئاسمانغا ئارمىنىم ئېسىلىپ كەتتى.
ھۆكۈمسىز، روھىممۇ تۈننىڭ قوينىغا،
ۋە بەلكىم بەك ئۇزۇن كېسىلىپ كەتتى.
سورىدىم يۇلتۇزدىن، سورىدىم ئايدىن،
جاۋاپسىز سوئاللار قىسىلىپ كەتتى.
كەتسەم گەر يۇلتۇزدەك ئېقىپ، دەرمەنمۇ...
ئارام ئاپ سېغىنىش بېسىلىپ كەتتى.
مەنبەسى: نازىگۈل
2012-يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى