مۇنبەردە دائىم ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ياكى چۈشۈشى توغرىىسىدا تىما يوللانسا ئالتۇن باھاسىنى قىزلارغا باغلاپ چاقچاق قىلدىغان ئىنكاسلار بەك كۆپ . مەسلەن ئالتۇن باھاسى ئىشىپ كەتتى دەپ تىما يۇللانسا قىزلارنىڭ باھاسى ئىشىپتۇ ،،،،،،خۇتۇننىڭ باھاسى ئىشىپ كەتتى --دەڭ ،،،،دىگەندەك .
شۇڭا مەنمۇ بۇ قىتىم ئالتۇن باھاسى بىر ئاز چۈشۈپتى ، مۇنبەردىكى يىگىتلەرگە چاقچاق قىلىپ بۇ تىمامنى يوللۇدۇم ....
مۇنبەردىكى يىگىتلەر !!!! 9---10---11 -ئايلاردا ئالتۇن قىممەت بولۇپ كىتىپ توي قىلالمىغان بولساڭلار مانا ھازىر ئالتۇن چۈشۈپتۇ ..... ھازىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ غاچچىدە توينى قىلىۋىتىڭلار !!!!
ئەمدى قىزلارنىڭمۇ باھاسى بىر ئاز چۈشكەندۇ ؟؟؟؟
ئامرىكا ئىككى پارتىيەنىڭ ئىقتىسادى كىرىزىستىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى كىلىشىمنىڭ تۈزۈلۈش ئۈمۈدىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ،ئامرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇن باھاسى تەڭلا تۈۋەنلىدى.ئالتۇن باھاسى تۈۋەنلەپ 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۈۋەن باھا 1635 دوللارغا چۈشتى.
بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1700 دوللاردىن 19-دىكابىر 1670 دوللارغا 20-دىكابىر 1635 دوللارغا چۈشۈپ قالدى .
ئاقساراي بورنانىڭ «ب»پىلانىنى رەت قىلدى،سەۋەبى بۇ پىلاننىڭ ئامىرىكا پۇلدارلىرىغا باجنى كۆپەيتىش كۈچى ئاجىز دەپ قارالغان.شۇ سەۋەپلىك بازار چۈشۈپ كەتتى.
گەرچە جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئالتۇن باھاسىدا بىر ئاز ئۆرلەش كۆرۈلۈپ 1660 دوللارغا چىققان بولسىمۇ ئالتۇن تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە بازارنىڭ جانلىنىش نوقتىسى يەنىلا تۆۋەن ئۆرلەش كۈچى چەكلىك دەپ قارايدىكەن.
ئالتۇن باھاسى قىسقىغىنا 2 كۈندە 70 دوللار ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى . ھەر گىرامىدا 10 يۈەن ئەتراپىدا .
ئالتۇن باھاسىنىڭ قانچە يۈەنگە چۈشۈپ قالغانلىقىغا قىزىقسىڭىز بىر مىسقال بىلۇگىغا كىرىپ كۆرۈڭ !!!
www.1miskal.com
كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشىشى بەكمۇ تىز بولدى . بۇ ھەپتە بىشىدا كۈمۈشنىڭ ھەر ئونسىيەسى 33.80 دوللار ئىدى. يىقىنقى ئىككى كۈندە 33----32---31---30---29.20 نوقتىلارغا چۈشۈپ قالدى .
يەنى كۈمۈشنىڭ ھەر گىرامى ئەڭ تۆۋەن چۈشكەندە 5.90 يۈەن بولدى .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن يۈنىلىشى زادى قانداق بولار ؟؟؟ تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىدەك يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تەۋرىنىش قىلارمۇ ؟؟؟
مىنىڭ قارشىمچە ئالدىمىزدىكى ھەپتە بىر ئاز يۇقۇرى ئۆرلىشى مۆمكىن . لىكىن چوڭ ئەمەس . جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن چۈشكەن ئۇرۇندىن قاڭقىپ بىر ئاز ئۆرلىدى . بۇ قاڭقىش يەنە مەلۇم نىسبەتتە داۋام ئىتىشى
مۆمكىن .
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلۇگى
www.1miskal.com
باشقۇرغۇچىدىن ئەسكەرتىش: تېمىڭىزغا زورلاپ تېتىقسىز ماۋزۇ قويۋالسىڭىز تېمىلىرىڭىز تەستىقلانمايدۇ، يەنى ئوغۇللا كۆرۈڭلا ،قىزلا كۆرۈڭلا، بويتاقلارغا سوۋغا دىگەندەك.. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم بولدى، پايدىلىق تېمىنى پايدىلىق ماۋزۇ بىلەن ئەسلىسى بىلەن يوللاڭ. ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 11:09 PM