مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2061|ئىنكاس: 23

ھاياتلىق ئىزدەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 04:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتلىق ئىزدەش

(ھېكايە)

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات



       ئاپتور ئىلاۋەسى: 2005 - يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە رەسەتخانىسىدىكى بىر تەتقىقات گورۇپپىسى ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتنى بايقاپ بۇ پىلانېتقا «دەرىجىدىن تاشقىرى يەرشارى» دەپ نام قويغان. مەزكۇر پىلانېت يەر شارىدىن 50 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىش دەۋرى 9.5 كۈن ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ پىلانېت ئېھتىمال تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان، شۇنداقلا بۇ پىلانېتتا شالاڭ ھاۋا قاتلىمىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. لېكىن بۇ پىلانېتنىڭ كۈندۈزدىكى تىمپېراتورىسى 600 گىرادۇسقا يېتىدىكەن؛ دەل شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكىدىكى ئۈچ ئالەم تەتقىقات گورۇپپىسى بىرلىكتە يەرشارىدىن 500 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى لىرا يۇلتۇزلار تۈركۈمى جايلاشقان ئورۇندىن يېڭى بىر پىلانېتنى بايقىغان، لېكىن بۇ پىلانېت گازدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر يۈزى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 815 گىرادۇسقا يېتىدىكەن. يەنە شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككى تەتقىقات گورۇپپىسى يېڭىدىن ئىككى پىلانېتنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئوخشاشلا بۇ پىلانېتلاردىمۇ جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇمكىن بولىدىغان شارائىت يوق ئېكەن.
2008 - يىلى يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم رايۇنلار ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ۋە ئېنفرا قىزىل نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئالەم تەتقىقات ئالىملىرى جەنۇبىي قۇتۇپ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلگەن ئورنىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلش ۋە يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ياساش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر ھېكايە مانا مۇشۇ تەسەۋۋۇرنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلدى.

1

         خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە جايلاشقان كۆزىتىش بۆلۈمىدە نۇر سۈزگۈچ تېلېسكوپ بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتقان دوكتۇر ئارسلان كۆرۈش مەركىزىدە پەيدا بولغان رەڭلىك يورۇق سىزىقچىلارنىڭ يەرشارىغا شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىش سىستېمىسىغا بىۋاستە ئۇلانغان كومپيۇتېر ئېكرانىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلمەكتە ئىدى. پۈتۈن زېھنى بىلەن كومپيۇتېر ئىكرانىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان تەتقىقاتچىلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇرغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرەر رادىئاتسىيەلىك ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىشتى.
         -نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرى يەر شارىنىڭ ئېكۋاتور رايونىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ،-دېدى ئارسلان تېلېسكوپتىن كۆزىنى ئالماي تۇرۇپ،-يەنە بى رنەچچە مىنۇتتىن كېيىن يەرشارىغا يېتىپ كېلىدۇ، ئېھتىمال بۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ياكى ئېنفرا قىزىل نۇرىغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خىل رادىياتسىيەلىك نۇر بولۇشى مۇمكىن.
        ئارسلان دوكتۇرنىڭ جىددىي تەرزدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان تەتقىقاتچىلار تەڭلا تېلىسكوپنىڭ كۆرسىتىش دائىرىسى كۆرىنىپ تۇرغان چوڭ ئىكرانغا قاراشتى. ئىكراننىڭ يۇقىرى ئالەم بوشلۇقى قىسمىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بۆلىكىدىن بىر نەچچە رەڭلىك نۇقتىلار شىددەت بىلەن يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
           - نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ،-دېدى ئارسلان تېلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈپ،-نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىگە پاراللېل ھالدا يەنە بىر نەچچە خىل رەڭدىكى نۇر زەررىچىلىرى پەيدا بولدى. قارىغاندا يۇقىرى رادىياتسىيە تىپىدىكى غەيرى نۇر زەررىچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا يەرشارىغا تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ.
              شۇ چاغدا سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى ئۇلانغان كومپىيۇتىرنىڭ ئىكرانى بىر ئۆچۈپ يەنە ياندى.
           -بۇنداق بولغاندا جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا زور دەرىجىدە خەۋپ يېتىدۇ،-دېدى توماس دوكتور تېلېسكوپنىڭ كۆرسىتىش دائىرسى كۆرۈنۈپ تۇرغان چوڭ ئىكرانغا قاراپ،-ئېھتىمال، بۇ نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەلىك تەسىرى يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن...
          -ئۇ چاغدا يەر شارىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ،-دېدى ياشتا چوڭراق كەلگەن دوكتور پاۋلۇۋىچ تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا،-ھەتتا يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى ماگما ھەرىكىتىنى تېزلىتىۋەتسە يەر پوستىنى قاپلاپ تۇرغان گىرانىت تاش قەۋىتى يېرىلىپ كېتىدۇ...
           دوكتۇر پاۋلۇۋىچنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈپ تۇرغان كومپيۇتېرلارنىڭ ئىكرانلىرى بىراقلا ئۆچۈپ ئىكران يۈزى قېنىق كۆك رەڭلىك ھالەتتە قېتىپ قالدى.
           -سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى...
          -ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى بىلەن بولغان ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلدى...
           -يەرشارى ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ئەمدى سىمسىز ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ...
            -....
            نۇر سۈزگۈچ تېلېسكوپنىڭ كۆرسىتىش دائىرسى كۆرۈنۈپ تۇرغان چوڭ ئىكرانغا تىكىلىپ تۇرغان توماس دوكتۇر قاشلىرىنى ھېمىرىپ لېۋىنى چىڭ چىشلىدى. شالاڭ چاچلىرىنى سېمىز بارماقلىرى بىلەن تارىۋەتكەندىن كېيىن بۇرنىنىڭ ئۇچىغا چۈشۈپ قالغان كۆز ئەينىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئارسلانغا بىر خىل ۋەھىمىلىك تەرزدە قارىدى. ئارسلاننىڭمۇ قارامتۇل چىرايى تېخىمۇ قارىداپ كەتكەن، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى قىسىلغان ئىدى. تېلىسكوپنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى سۇس تىتىرەۋاتاتتى. بۆلۈمدىكى باشقا تەتقىقاتچىلارمۇ تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىدىن جىددىيلىشىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قىلىشتى. چۈنكى يۇقىرى چاستوتىدىكى رادىياتسىيەلىك نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى باشقىلارغا قارىغاندا مۇشۇ تەتقىقاتچىلارغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇ تاپتا ھەممەيلەن بىر خىل جىددىيلىك ئارلىشىپ كەتكەن ئەندىشە ئىچىدە گاڭگىراپلا قالغان؛ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسترنومىيە تەتقىقات بۆلۈمى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى، خەۋەرلىشىش بۆلۈمى، نەزەرىيە تەتقىقات بۆلۈمى ۋە باشقا بۆلۈملىرىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارمۇ يەر شارىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خەتەرلىك ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەستايىدىل ھېس قىلىشماقتا ئىدى. مانا، يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان پارنىك ئېففېكتىنىڭ تەسىرىدە يەرشارىنىڭ تېمپېراتورىسى بارغانسېرى ئۆرلەپ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلار ئېرىپ تنچ ئوكيان ھەم ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز ئاستىدا قالغان. كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەۋاتقان سۇ يۈزى ئەمدى قۇرۇقلۇقتىكى پەس جايلارنى چۆكتۈرۈپ جانلىقلار ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ كەلتۈرىۋاتاتتى. ئالىملار كۆپ قېتىملىق باش قوشۇشتىن كېيىن ئەمدى يەر شارىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن تاشقى ئالەمدىن جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان پىلانېت تېپىپ، جانلىقلارنى شۇ پىلانېتقا كۆچۈرۈپ كېتىشتىن باشقا ئامال يوقلىقىنى قارار قىلىشقانىدى. مۇشۇ قارارنىڭ ئىجراسى سۈپتىدە خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاشقى ئالەمدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كەلگۈدەك پىلانېت ئىزدەشكە كىرىشكەن. خەلقئارا ئالەم قاتناش مەركىزىمۇ يەر شارىدىكى جانلىقلارنى تېپىلغان يېڭى پىلانېتقا كۆچۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغانىدى.
           بۇ قېتىمقى يۇقىرى رادىياتسىيەلىك نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەر شارىغا تۇيۇقسىزلا تەسىر قىلىشى تەتقىقاتچىلارنى خۇددى ھازىرلا يەر شارى گۇمران بولىدىغاندەك بىرخىل قورقۇنچلۇق تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھەممەيلەن ئەمدى ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ھالاك بولۇش خەۋپىنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۇھ تارتىپ تۇرۇشقاندا دوكتۇرئارسلاننىڭ ھاياجانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى:
           -خەتەرلىك ئەھۋال ئۆتۈپ كەتتى، پەرىزىمچە نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەلىك تەسىرى يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايۇنلىرىغىلا تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ، بۇ نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەلىك تەسىرى بىر مېنۇت يىگىرمە يەتتە سېكۇنت داۋاملاشتى...
          -كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىمۇ ئەسلىگە كەلدى،-دېدى ئارقىدىنلا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل دوكتۇر جاڭ خەيفىڭ.
         -ياخشى، بەك ياخشى بولدى،-دېدى توماس دوكتۇر يېنىك تىن ئېلىپ،-تېزدىن خەلقئارا ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ئالاقە باغلاڭلار! ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى كۆزىتىش مەركەزلىرى يوللىغان ئۇچۇرلارنى كېچىكتۈرمەستىن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمىگە يوللاپ بېرىڭلار! نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەلىك تەسىرىنىڭ يەرشارىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن تېز مۇددەتتە خەۋەردار بولۇشىمىز كېرەك؛ دوكتۇر ئېدىۋارت، ھازىرلا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە ئۇچۇر يوللاپ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى نورماللاشتۇرۇڭ! سارا دوكتۇر، سۈنئىي ھەمراھقا سىگنال يوللاپ قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلارنى دەرھال باش ئاپپاراتقا يوللاپ بېرىڭ...
         بۆلۈمدىكىلەر تېزلىكتە ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشپ تۇرۇشىغا ئېلېكترونلۇق چاقىرىش ئاپپاراتىدىن توماس دوكتورنى تەتقىقات بۆلۈمىگە چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
          دوكتور توماس تەتقىقات بۆلۈمىگە كەلگەندە خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتور روبىرت ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.
          -يەر شارى بىر ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى،-دېدى دوكتور روبىرت،-لېكىن قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى بۇ خىل خەتەرنى يەنە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
          -بۇ يەر شارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل رەڭدىكى رادىياتسىيەلىك نۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى،-دېدى دوكتور توماس،-ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلگەن ئورنى كونترول قىلغۇسىز دەرىجىدە كېڭىيىۋاتىدۇ. يەنە نەچچە يىلغا قالماي يەر شارى ئاتموسفېراسىنى ئوراپ تۇرغان ئوزۇن قاتلىمى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا يەرشارىنىڭ تېمپېراتورىسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ-دە، يەر شارى پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالىدۇ. يۇقىرى رادىياتسىيەدىكى نۇر زەررىچىلىرىمۇ توسالغۇسىز ھالدا يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىپ جانلىقلارنىڭ رادىياتسىيەلىك نۇر تەسىرىدىن ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
         -بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تەتقىقات مەركىزىمىزدە تېخىچە ئىلگىرلەش يوق،-دېدى دوكتور روبىرت مەيۈسلەنگەن ھالدا،-ھازىرغىچە قوياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىن تېپىلغان پىلانېىتلار بىر يۈز يىگىرمىدىن ئاشتى. كۆپىنچىسى غايەت زور گاز ھالەتتە، ئاز بىر قىسىملىرى تاش قاتما ھالەتتە بولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك مۇھىت يوق. شۇنداقتىمۇ بىز داۋاملىق جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانېت ئىزدىشىمىز كېرەك. ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە يەنە بىر نەچچە تەتقىقاتچى كېرەك بولىۋاتىدۇ، بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ۋېرتىكال تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كونتروللۇقىنى يوقۇتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمىدۇق. بۈگۈنكى رادىياتسىيەلىك نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەر شارىغا تەسىر قىلىشى بىزگە بېرىلگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. سىز تولىمۇ ئۈمىدۋار ئادەم، مەن سىزنى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. شۇڭا سىزنى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالسۇنمىكىن دەپ ئويلىغان، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز.
           -سىز ئىشەنگەن ئىكەنسىز مەن چوقۇم ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن،-دېدى دوكتور توماس رازىلىق بىلدۈرۈپ.
            -ياخشى مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،-دېدى دوكتۇر روبېرت ،-ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىدا بار. ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ يەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بىرەر قۇر خەۋەردار بولمىسىڭىز بولمايدۇ. تەتقىقات مەركىزى يېڭىدىن ياساپ چىققان ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنى بىرگە ئېلىپ چىقىسىز، بۇ سىستېما بەش يۈز مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىققىچە بولغان ئارلىققا ئۇچۇر يوللاش بىلەن بىرگە يەنە شۇ ئارلىقتىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى بىمالال قوبۇل قىلالايدۇ. سىزگە يەنە ئىككىيلەن ھەمراھ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەد ھەنەفىي، يەنە بىرسى سىزنىڭ ياراملىق شاگىرتىڭىز دوكتۇر ئارسلان.
              -بولىدۇ، سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن،-دېدى دوكتۇر توماس روبېرت دوكتورنىڭ قولىنى سىقىپ،-مەن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلاي، خەير.
             دوكتور روبېرتمۇ توماس دوكتورنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى:
           -سىزگە ئامەت تىلەيمەن، خەير.

2

            ئارسلان ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ۋاقىت قىس بولغاچقا ئۆيگە بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەي تېلېفون قىلىپ خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان ئايالى تۇمارس ھەم ئۇماق ئوغلى بابۇر بىلەن خوشلاشتى. تېلېفون ئىكرانىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئايالىنىڭ ئىللىق چىھرىگە، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ ئانىسىغىلا ئوخشىغان چىرايلىق يۈزىگە تويماي قارىدى.
            -دادا، ئانام سىزنى ئاسمانغا چىقىدۇ دەيدۇ، ئاسماندىن ماڭا نېمە ئېلىپ كېلىسىز؟-دېدى بابۇر چۈچۈك تىلى بىلەن.
            -ساڭا نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلارنى ئېلىپ كېلىمەن،-دېدى ئارسلان ئوغلىدىن سۆيۈنۈپ.
          -يۇلتۇز بەك كىچىك دادا، ماڭا ئاينى ئالغاچ كېلىڭ.
             -بولىدۇ ئوغلۇم، ئاناڭنى خاپا قىلما، مەن ساڭا چوقۇم ئاينى ئالغاچ كېلىمەن.
             -ئەمسە يولىڭىزغا قارايمەن، دادا.
            -بولىدۇ ئوغلۇم، ئەمدى تېلېفوننى ئاناڭغا بەرگىن.
             ئارسلان ئايالى بىلەن قىسقىلا پاراڭلاشتى.
           -ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ،-دېدى ئايالى خوشلىشىدىغان چاغدا ئارسلانغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ،-سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.
            -سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئوغلىمىزنى مەن ئۈچۈن سۆيۈپ قويۇڭ...
             -بولىدۇ، ئامان بولۇڭ...
             ئارسلان تېلېفوننى قويۇۋاتقۇچە ئىكراندىن ئايالىنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىدە لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى كۆرۈپ قالدى...
            ئارسلان ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن، قويۇق كىرپىكلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان كېلىشكەن يىگىت ئىدى. ئۆزى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئەڭ چەت بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئاسترنومىيەلىك ھادىسىلەر ھەم سىرلىق تاشقى ئالەمگە قىزىققاچقا، چوڭ بولغاندا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ تاشقى ئالەمنىڭ قانداق سىرى بارلىقىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ دەسلەپتە ئالەم بوشلۇقى بايلىقىنى ئېچىش كەسپىدە ئوقۇدى، كېيىن ئاسترنومىيە كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇدى. مۇشۇ جەرياندا نەزەرىيە فىزىكىسى كەسىپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان تۇمارس ئىسىملىك تولىمۇ چىرايلىق بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككى ياشنىڭ ئىلىم - پەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى يەر شارىنىڭ تەقدىرى مەسلىسىدە كۆز قاراشلىرىدىكى ئوخشاشلىق بۇلارنىڭ ئارىسىنى بارا - بارا يېقىنلاشتۇرۇپ بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداشلاردىن قىلىپ قويدى. دەل شۇ مەزگىللەردە يەر شارىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىدىن پۈتكۈل دۇنيا ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتاتتى. گەرچە ئارسلان بىلەن تۇمارىسنىڭ قەلبىدە يالقۇنلاپ تۇرغان ئاجايىپ نازۇك ھېسلار ھەر ئىككىيلەننى مۇھەببەت جامىدىن ۋىسال شارابى ئىچىشكە ئۈندەپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەرشارى دۇچ كەلگەن خەۋپ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشقا ۋىجدانى چىدىمىدى. ئارسلاننىڭ ئاسترنومىيەلىك كۆزىتىش ۋە ئۇچۇر ھىسابلاش جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن تۇمارسنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ھەم كىۋانېت مېخانىكىسىغا بولغان ئورۇنلۇق گۇمانلىرى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاسترنومىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى ئالىم - مۇتەخەسىسلەرنى قىزىقتۇردى. ئارسلان بىلەن تۇمارس ئاخىرى خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە دوكتۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ھەم ھەر ئىككىيلەن ئۆز كەسىپلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقنى غەلبىلىك تاماملاپ خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە خىزمەتكە ئېلىپ قېلىندى. ئارسلان: «قۇياش نۇرى مارىسنىڭ ئوربىتىسىدا سۇنىدۇ، شۇڭا نىيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرى بىلەن مارىسنىڭ ئوربىتىسىنى توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولمايدۇ، دېمەك قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىسىدا رۇشەن قېيىش بولىۋاتىدۇ. شۇڭا قۇياش سىتېمىسى تاشقى ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ئۆز ئارا تەسىرلىششى نەتىجىسىدە ئوربىتا ئۆزگىرىش ھالىتىگە كىرگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن چوقۇم تىز پۇرسەتتە قۇياش رادىياتسىيەسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن يېڭىچە كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇمارىسمۇ: «ئالەم بوشلۇقىدا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى سەييارىلەر ئارا بوشلۇقنىڭ زور دەرىجىدە تارىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ياكى كىۋانېت مېخانىكىسى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئالەم توختاۋسىز كېڭىيىۋاتىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن يېڭىدىن يۇلتۇز سىستېمىلىرى شەكىللىنىپ، ھەر قايسى يۇلتۇز سىسىتېمىلىرى ئارىسىدىكى تارتىش كۈچلىرى تەسىرلىشىش نەتىجىسىدە نىسبەتەن كىچىك بولغان سەييارىلەر رادىيۇسىنىڭ كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملارنى يېڭىچە بىر تەتقىقات يۆنىلىشىگە باشلاپ كىردى. نەتىجىدە مۇشۇ ئىككى خىل نەزەرىيە ئارقىلىق ئالىملار: «قۇياش نۇرىنىڭ بىر قىسىم سەييارىلەردە سۇنۇش ھاسىل قىلىشى ھەم يەر شارىغا يېقىن بولغان بەزى سەييارىلەرنىڭ ئوربىتا رادىيۇسىنىڭ تارىيىشى تەسىرىدە قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا يېتىپ كېلىدىغان نۇر چاستۇتىسى چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن يەر شارى ئاتموسفېراسىنى ئوراپ تۇرغان ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلىشى كېڭىيىپ كەتكەن» دېگەن كۆز قاراشتا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار بۇنىڭغا ئامال قىلالماي قارسىغىلا ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانېت ئىزدەشتەك نەتىجىسىگە ئىشەنچ قىلىپ بولالمايدىغان يولنى تاللىۋېلىشقان؛ ئارسلاننىڭ سۈنئىي ئاتموسفېرا قاتلىمى ياساش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارنىڭ ئىتىبارىنى قوزغىيالمىغانىدى. ئارسلان ئالەم بوشلۇقىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانېتنىڭ تېپىلىشىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىسىمۇ جانلىقلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانغا بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە تېپىلمىغاچقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرگە بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.
           ئارسلان تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭلا ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش بازىسىغا بېرىپ، توماس دوكتۇر ھەم مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇرلار بىلەن كۆرۈشتى. بازىدىكى مەسئۇل خادىملار ئۇلار ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىنى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان ئىدى. ئۇلار نۇر تېزلىكى بىلەن ئون تۆت سائەت يەتتە مىنۇت ئوتتۇز بىر سېكۇنت ئۇچۇپ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقتى. ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى ئالەم كېمىلىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ ياسالغان بولۇپ ئىچىدە نەپەسلىنىشكە يېتەرلىك ئوكسىگىن، يىمەك - ئىچمەك، كىچىك تىپتىكى ئالەم ئايروپىلانلىرى ھەم تەتقىقاتقا كېرەكلىك بارلىق ئەسۋابلار بار ئىدى. توماس دوكتۇر ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتور سائىتو تونۇشتۇرغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە مەلۇم پىلان تۇرغۇزۇۋالغاندىن كېيىن ئىش باشلاشقا كىرىشتى.
           -يەر شارىنىڭ جەنۇبىي ئېكۋاتور رايونى نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرىگە ئۇچرىدى،-دېدى دوكتور توماس يەرشارىنىڭ ئېلىكترونلۇق خەرىتىسى كۆرۈنىپ تۇرغان ئىكرانغا قاراپ،-ئەمدى بىز ئوزۇن قاتلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى توسۇيالمايمىز، ھازىر بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىمىز قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كېلىدىغان پىلانېت تېپىشتىلا قالدى.
            -قۇياش سىستېمىسى سېكۇنتىغا ئون توققۇز كىلومېتىر تېزلىك بىلەن سامان يولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋىگا يۇلتۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ،-دېدى ئاسترونومىيە تەتقىقاتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان سائىتو دوكتور،-ۋېگا يۇلتۇزى قۇياشتىن يىگىرمە بەش مىليون ھەسسە چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇز. ئەگەر قۇياش سىستېمىسى مۇشۇ خىل تېزلىك بىلەن ۋىگا يۇلتۇزىغا يېقىنلىشىۋېرىدىغان بولسا، قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو توپلىنىش رىئاكسىيەسى تېزلىشىپ كېتىپ، نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا بولغان رادىياتسىيەلىك تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
             -قۇياش سىستېمىسىنىڭ ۋىگا يۇلتۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى بىر ئۆتكۈنچى ھادىسە،-دېدى توماس دوكتور،-قۇياش سىستېمىسى سامان يولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمى بىلەن ئۇچار قۇش يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئۆزىنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ۋىگا يۇلتۇزىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ...
            توماس دوكتور بىلەن سائىتو دوكتۇر پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇچۇر يوللاش بۆلۈمىدىكىلەر توماس دوكتۇر ئېلىپ چىققان يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە سىناق تەرىقىسىدە قۇياش سىستېمىسى سىرتىغا ئۇچۇر يوللاۋاتاتتى. لېكىن يوللانغان ئۇچۇر يۇقىرى چاستوتىلىق باشقا ئۇچۇرلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.
            -توماس دوكتور، يوللىغان ئۇچۇرىمىز كاشىلىغا يولۇقتى،-دېدى ئۇچۇر يوللاشنى سىناق قىلىۋاتقان ئارسلان،- يوللىغان ئۇچۇرىمىزنىڭ چاستوتىسى قېيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا قۇياش رادىياتسىيەسىدە داۋاملىق ئېغىش بولىۋاتقان ئوخشايدۇ.
             - بۇ نوقۇل قۇياش رادىئاتسىيەسىنىڭ ئېغىشى بىلەنلا يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئەمەس،-دېدى سائىتو دوكتور ئارسلاننىڭ گېپىنى بۆلۈپ،- قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پىلانېتلاردىن يوللانغان ئۇچۇرلارمۇ بىزنىڭ يەرشارىدىن ئالەم بوشلۇقىغا يوللىغان ئۇچۇرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغان ئەھۋالمۇ يۈزبەرگەن. بۇ باشقا پىلانىت جانلىقلىرىنىڭ كاشىلىسى بولۇشى مۇمكىن.
             -سىز ھازىرمۇ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پىلانېتلاردا ھاياتلىق مەۋجۇت، دەپ قارامسىز؟-دەپ سورىدى ئارسلان سائىتو دوكتوردىن.
            -بۇنداق ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ،-دېدى سائىتو دوكتۇر ئۆزىگە ئىشەنگەن تەلەپپۇزدا،-چۈنكى بىز يەرشارىدىن يوللىغان ئۇچۇرلارنىڭ بىرقىسمىنى قوياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پىلانېتنىڭ نامەلۇم جانلىقلىرى قوبۇل قىلالىغان.
             -سائىتو دوكتور، سىزمۇ بىلىسىز،-دېدى ئارسلان قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېت ھەم يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ئېكراننىڭ ئالدىغا كېلىپ،-مانا قاراڭ، قۇياش نۇرى بەزى پلانېتلاردا ئېغىش ھاسىل قىلىدۇ. بۇخىل ئېغىش پىلانېتلار ئارا تارتىش كۈچى بىلەن ئۆز - ئارا تەسىرلىشىپ، يەر شارىدىن يوللانغان ئۇچۇرلارنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال بىزنى باشقا پىلانېتلاردا ھاياتلىق مەۋجۇت، ئۇلار بىزنىڭ ئۇچۇرىمىزنى قوبۇل قىلالىدى، دېگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويغان. گەرچە قۇياش سىستېمىسىدىكى بەزى پىلانېتلاردا ھاياتلىقنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان بولسىمۇ بەزىلىرى ناھايىتى ئىسسىق، بەزىلىرى بەكلا سوغۇق، جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
          -ھەممىدىن بەك ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى ئالەم بوشلۇقىدا غەيرى ئۇچار جىسىملارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى،-دېدى سائىتو دوكتور تەن بەرگۈسى كەلمەي،-ئۇ ئۇچار جىسىملارنىڭ لايىھەلىنىش شەكلىدىن قارىغاندا تېخنىكىدا بىزدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى جانلىقلارنىڭ ياسىغانلىقى ئېنىق.
            -بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېزىتقۇ بولسا كېرەك،-دېدى ئارسلان ،-يەرشارىدىكى قۇملۇق ھەم چۆل - جەزىرىلەردە سۇلۇق كۆللەر، دەريالار، ساھىبجامال ئاياللار ھەم ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنىشلىرى كۆرۈنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، سىز مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا بارسىڭىز بۇ خىلدىكى ئېزىتقۇلارغا كۆپ ئۇچرايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا بىزگە نېمىلەر كۆرۈنمەيدۇ دەيسىز!؟ يەنە كېلىپ ئۇ ئۇچار جىسىملارنى سىز بىلەن بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىدۇق. كۆردۈم دەپ دەۋا قىلغانلار تېخىچە بىزنى نەزەرىيەۋى ئاساس ياكى تەجرىبە ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگىنى يوققۇ.
             -بولدى تالاشماڭلار،-دېدى دوكتۇر توماس قولىنى كۆتۈرۈپ،-يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتى ھازىر بىزگىلا باغلىق. ئارسلان دوكتۇر، سىز يەنە بىر قېتىم ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرىلىتىپ ئۇچۇر يوللاشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ، سىستېما قوبۇل قىلغان ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ! سائىتو دوكتور، سىز كۆزىتىش بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن سامان يولى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ھەم ئەسەد يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئارىسىدىكى ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولۇڭ! مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور، ئۇچۇش بۆلۈمىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىڭ، ئالەم ئايروپىلانىنى ئۇچۇشقا تەييار قىلسۇن! ئۇچۇر يوللاش، كۆزىتىش ھەم بىۋاستە تەكشۈرۈشنى تەڭلا ئېلىپ بارساق بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
           خادىملار بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرى بويىچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى...

3

          مانا، يەرشارى ۋاقىت ھېسابى بويىچە يەتمىش بەش كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. ئارسلان تېلېسكوپ بىلەن قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتاتتى. تېلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرسىدە خېلىلا يورۇق نۇر چىقىرىۋاتقان بىر يۇلتۇز كۆرۈندى؛ بۇ «ماجىلۇن» دېيىلىدىغان يۇلتۇز بولۇپ، يەرشارىدىن بىر يۈز ئون مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئىدى. «ماجېلۇن» نىڭ ئوڭ تەرىپىدە «خېلئوكىس» دېيلىدىغان، ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز تۇرۇپتۇ؛ بۇ يۇلتۇز يەرشارىدىن بىر مىليون تۆت يۈز سەكسەن بەش مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. لېكىن ئۇلارنى ئايلىنىدىغان نەچچە مىڭلىغان پىلانېتلارنىڭ بىرىسىدىمۇ جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك مۇھىت تېپىلمىدى. توماس دوكتور پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىكرانىغا قادىلىپ ئولتۇرىدۇ، تېخىچە بىرەر ئىنكاس يوق. سائىتو دوكتورمۇ ياردەمچىلىرى بىلەن تېلېسكوپ ئارقىلىق يۇقىرى قاتلام ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتىپ چىقتى، بۇنىڭمۇ نەتىجىسى چىقمىدى. مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور يىراق مۇساپىلىق ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى قايتا - قايتا ئايلانغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتىپ كەلدى. ئارسلان مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر ئېرىشكەن ئالەم كېمىسىنىڭ شىفىر قوبۇللاش سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ئارقىلىق يەر شارىدىن قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتىسىدا ئازراق قېيىش بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
            -ئۇنداقتا سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتىسىدا يۈز بەرگەن بۇ خىل ئۆزگىرىش ئېھتىمال يېقىن ئالەم بوشلۇقىدىكى بىز بايقىيالمىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن،-دېدى مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور ئارسلاننىڭ قاراشلىرىنى تەستىقلاپ،-بىز ھازىرغىچە ئاساسلىق قىلىپ يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈردۇق، لېكىن يېقن ئالەم بوشلۇقىنى يۈزەكى كۆزىتىپلا بولدى قىلدۇق. ئەمدى يىراق ئالەم بوشلۇقىدىن بىز كۈتكەن نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا توماس دوكتور، يېقىن ئالەم بوشلۇقىدىكى سەييارىلەر ئۈستىدە قايتا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارساقمىكىن دەيمەن.
          ئەزەلدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان توماس دوكتور باشتىن ئاخىر يىراق ئالەم بوشلۇقىدىن ھاياتلىق ئىزدەش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېقىن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياشقا ئوخشاش ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز يوق ئەھۋالدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كېلىدىغان سەييارىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. توماس دوكتۇر ئويلىنىپ قالدى؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىنىڭ قېيىش ھادىسسى يۈز بەرمىگەن. دېمەك سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىسى قايغان ئىكەن، شۇ يۆنىلىشتە قۇياش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىرەر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇشى مۇمكىن...
-مەيلى،-دېدى توماس دوكتۇر بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،-يېقىن ئالەم بوشلۇقىنى قايتا تەكشۈرسەك تەكشۈرەيلى. مەن يەر شارى تەتقىقات مەركىزىگە ئىلتىماس قىلاي، يەنە بىر گورۇپپا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرىنى ئەۋەتسۇن، يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. مەن شۇنچە كەڭ ئالەمدە يەرشارىدىن باشقا جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانتنىڭ تېپىلماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر ياردەمچىلىرى بىلەن يېقىن ئالەم بوشلۇقىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى. توماس دوكتۇرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن يەرشارىدىن ياردەمگە كەلگەن ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرىمۇ توماس دوكتۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۇچۇر بارالايدىغانلىقى دائىرسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنى يەنە بىر قېتىم سىسىتېمىلىق تەكشۈرۈشكە كىرشتى. لېكىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرقايسى يۆنىلىشلەر بويىچە بىۋاستە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالەم ئايرۇپىلانلىرىدىكى خادىملار يوللىغان ئۇچۇر مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئۇلارتەكشۈرگەن ئاسمان جىسىملىرىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك شارائىتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئارىدىن يەر شارى ھېسابى بويىچە يىگىرمە كۈن ئۆتكەندە مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر يوللىغان ئۇچۇر كومپيۇتېر ئىكرانىدا كۆرۈندى.
            -تەكشۈرۈشتە ئىلگىرلەش بولدى،-دىدى ئارسلان دوكتۇر كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرنى چوڭ ئىكرانغا چىقىرىپ،-توماس دوكتۇر، قاراڭ، يېڭىدىن بىر ئاسمان جىسىمى بايقىلىپتۇ.
            تېلېسكوپقا تولا قاراۋېرىپ كۆزلىرى تېلىپ كەتكەن سائىتو دوكتۇر دەرھال تېلېسكوپنىڭ كۆرسىتىش چاستوتىسىنى مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە توغۇرلىدى.
              -تېلېسكوپتا نامەلۇم ئاسمان جىسىمىنىڭ سايىسى كۆرۈندى،-دېدى سائىتو دوكتۇر،-قارىغاندا تۇرغۇن يۇلتۇزدەك قىلىدۇ.
              توماس دوكتۇر ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار تلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرسى چىقىپ تۇرغان ئىكراندا غۇۋا نۇرچىقىرىپ تۇرغۇن ئاسمان جىسىمىنى ئېنىق كۆردى.
              -مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇرغا ئۇچۇر يوللاڭ،-دىدى توماس دوكتۇر ئارسلانغا،-بۇ يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىسىنى بويلاپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرسۇن. بىز يەنە يىراق مۇساپىلىك ئالەم كېمىسىدىن بىرنى ياردەمگە ئەۋەتىمىز.
              ئۇزۇن ئۆتمەي كومپيۇتېر ئېكرانىدا مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر يوللىغان يىڭى ئۇچۇرلار پەيدا بولدى. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە يېڭىدىن بايقالغان بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز يەرشارىدىن ئەللىك يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا ئىدى. ئارسلان دوكتۇر ئالەم ئايروپىلانىدىن يوللانغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىۋېتىپ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ نورمال قوبۇللاش ۋاقتىدىن يەتتە سېكۇنت كېچىككەنلىكىنى بايقاپ قالدى.
                -ئالەم ئايروپىلانىدىن يوللانغان ئۇچۇر نورمال قوبۇللاش ۋاقتىدىن يەتتە سىكۇنت كېچىكتى. قارىغاندا بۇ ئۇچۇرلار يېڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئوربىتا دائىرسىدە توسالغۇغا ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ،-دېدى دوكتۇر ئارسلان،-بۇنىڭدىن قارىغاندا يېڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارىلەر بولۇشى مومكىن.
               بۇ يېڭى بايقاش ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكىلەردە ئۈمىد تۇغدۇردى. توماس دوكتۇر ئارسلانغا دەرھال ئالەم ئايرۇپىلانىدىن يوللانغان ئۇچۇرنىڭ توسالغۇغا ئۇچۇراش يۆنىلىشى ھەم چاستوتىسىنى ھېسابلاپ ئالەم ئايرۇپىلانىدىكىلەرگە شۇ يۆنىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاشنى بۇيرۇدى...

4

                دەل شۇ چاغدا يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىدىن ئۇچۇر كەلدى.
            -يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىدىن ئۇچۇر كەلدى،-دېدى ئارسلان،- يەرشارىنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان تۇتاشقان دېڭىز رايونى يەنە بىر قېتىم نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەلىك تەسىرىگە ئۇچراپتۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە يەرشارىنىڭ ماگىنت مەيدانىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بوپتۇ.
             -يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە يېقىن ئالەم بوشلۇقىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانېتنىڭ تېپىلىشىدا ئۈمىد بارلىقىنى خەۋەر قىلىڭ،-دېدى توماس دوكتور سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئارسلان دوكتور ئىككىلىنىپ قالدى:
           -لېكىن... توماس دوكتور، ئىشەنچلىك نەتىجە چىقمىغان ئەھۋالدا بۇنداق خەۋەر يوللىساق بولماسمىكىن.
           -يەرشارىدىكى ئىنسانلار بىر ئاز بولسىمۇ ئۈمىدلەنسۇن، مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ.
ئارسلان توماس دوكتورنىڭ دېگىنى بويىچە يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە ئۇچۇر يوللىدى.

4

            ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى ھەر بىر تەتقىقاتچى پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ داۋاملىق ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈمىدىنى ئۆزلىرىگە باغلىغانلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلماقتا ئىدى. لېكىن تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى ئەگەر قىسقا مۇددەت ئىچىە ئالەم بوشلۇقىدىن يېڭى پىلانېت بايقالمىسا، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىغان ئىدى. توماس دوكتۇر ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى سۈنئىي مۇھىتتا ئۇزاق تۇرغانلىق سەۋەبىدىن بېشى قېيىپ بىئارام بولۇپ تۇرغاندا ئارسلان ئالەم ئايروپىلانىدىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
                -يېڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئوربىتا دائىرسى ئىچىدە يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېت بايقىلىپتۇ،-دېدى ئارسلان،-بۇ پىلانېتنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىش دەۋرى يەر شارى ھېسابىدا توققۇز يىرىم كۈن ئىكەن. ئۇ پىلانېت پۈتۈنلەي تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان، شۇنداقلا شالاڭ ھاۋا قاتلىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
              -ئەگەر مۇشۇ پىلانېتتا ئۈمىد بولمىسا بىز بارلىق تەتقىقاتىمىزنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولىمىز،-دېدى توماس دوكتور.
              ھەممەيلەن ئالەم ئايروپىلانىدىن كېلىدىغان ئۇچۇرنىڭ داۋامىنى كۈتۈپ ئۇچۇر ئېكرانىغا جىمجىت قاراپ تۇرۇشاتتى. ئاخىرى ئۇچۇرمۇ كەلدى، خۇشاللىقتىن ۋارقىرىۋېتىشكە تەييار تۇرغان تەتقىقاتچىلار ئېكراندىكى ئۇچۇر مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتتى. ئېكراندا «تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ پىلانتنىڭ كۈندۈزدىكى تىمپېراتورسى ئالتە يۈز گىرادۇسقا يېتىدىكەن...بىزنىڭ يېقۇلغىمىز تۈگەپ قالغاچقا قايتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز...»دېگەن خەتلەر كۆرۈنىپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ھەممەيلەن تولىمۇ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسىياتنىڭ تەسىرىدە تىلى گەپكە كەلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشقانىدى. يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ئەمدى ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن. يەرشارىنىڭ ھالاك بولۇش تەقدىرى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارسىدىلا قالغانىدى...
             -ئەپەندىلەر، بىز بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا راستىنلا جۈرئەت قىلالمايمىز،-دېدى توماس دوكتۇر مۇسىبەتلىك ھېسىيات بىلەن،- بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئاتمىش بەش مىليۇن يىللار ئىلگىرى كەسلەنچۈك تىپىدىكى ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان دىنوزاۋور توساتتىنلا يەر شارىدىن غايىب بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر شارىدىكى يەتمىش پىرسەنت جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. گەرچە ئىنسانلار ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرۇپ شۇ چاغدىكى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈكسەك دەرىجىدىكى تېخنىكىلىرىمىز بىلەن يەر شارىنى ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدۇق...ئەپەندىلەر، مەن ھازىر بىزنىڭ تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدەش تەتقىقاتىمىزنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى تولىمۇ ئىچىنىش ئىچىدە جاكارلايمەن...
              توماس دوكتۇر چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
             -ئارسلان دوكتۇر، يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە بىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىمىزنى خەۋەر قىلىڭ. بىز مەغلۇب بولدۇق... بىز قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ رېئاللىق ئالدىدا يەر شارىنىڭ ئەمدى ھالاك بولۇدىغانلىقىنى تەن ئېلىشىمىز كىرەك.
             ئارسلان ئۈن - تىنسىز ھالدا ئۇچۇر يوللاش ئاپپاراتىنىڭ ئالدىغا كەلدى - يۇ، بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.
          -بىز يەرشارىنىڭ ھالاك بولۇش تەقدىرىنى مەلۇم مۇددەت ئارقىغا سۈرەلىشىمىز مۇمكىن،-دېدى ئارسلان تەمكىنلىك بىلەن.
            توماس دوكتۇر ئۈمىدلەنگەندەك ئارسلانغا تىكىلدى. ئارسلان ھەممەيلەنگە تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرى:
             -نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا كۆرسىتىدىغان رادىياتسىيەلىك تەسىرىنى توسۇش ھەم يەر شارىنىڭ تېمپېراتورىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن يەر شارى ئالەم قاتناش مەركىزى ئىنسانلار ھەم باشقا جانلىقلارنى تېپىلغان باشقا پىلانېتقا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ياسىغان ئالەم كېمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بىر سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ياساش تامامەن مۇمكىن. بىز بۇ سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتىنى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوزۇن قاتلىمى تېشىلگەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقارساق، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرسىنى تۆۋەنلىتەلەيمىز ھەم رادىياتسىيەلىك نۇرلارنىڭ يەر شارىغا قايتا تەسىر قىلىشىنى توسۇيالايمىز.
              توماس دوكتۇر ھاياجانلانغىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى:
            - توغرا، توغرا ئېيتتىڭىز. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەر شارىنىڭ قۇياشتىن قانچىلىك نۇرنى سۈمۈرەلەيدىغانلىقىنى ھەم قانچىلىك قۇياش نۇرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشىمىز كېرەك، سىز قىسقا مۇدەت ئىچىدە بۇنى ھېسابلاپ چىقالامسىز؟
             -ھىسابلاپ چىقالايمەن،-دېدى ئارسلان ئىشەنچ بىلەن.
           توماس دوكتور يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئالاقىلشىپ ئالەم كېمىلىرىدىن تۈزۈلگەن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساش پىلانىنى ئېيتتى. تەتقىقا تمەركىزىدىكى ئالىملار باشقا ئامال بولمىغاچقا بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى.
              راست دېگەندەك ئالەم كېمىلىرىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى قۇياش نۇرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرلۇق رادىياتسىيەسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، جەنۇبى قۇتۇپتىكى مۇز تاغلارنىڭ ئېرىشى توختىغان ئىدى.
           -ئەپەندىلەر، يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارغا ۋاكالىتەن بىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدى،-دېدى توماس دوكتور ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى بارلىق تەتقىقاتچىلارغا ئاچقان يېغىندا،-بىزنىڭ تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدىشىمىز مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىز يەنىلا يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ھالاك بولۇش گىردابىدىن ساقلاپ قالدۇق. لېكىن ئالەم كېمىلىرىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى قۇياشتىن كېلىدىغان ئادەتتىكى نۇر زەررىچىلىرىنىمۇ توسۇپ قالغاچقا يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، جەنۇبىي قۇتۇپتا سوغۇق بەلباغ ئىقلىمى شەكىللىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەگەر بۇخىل ئەھۋالنى تىزلىكتە ئۆزگەرتمىسەك يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار يېڭى بىر قېتىملىق مۇز دەۋرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
            -مېنىڭچە بۇخىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،-دېدى ئارسلان ئىشەنچ بىلەن ،-يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان مىكرۇ دانچىلارغا ئوخشاش قىلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا مىكرۇ دانچىلارنى ياساپ، ئالەم كېمىسىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرساق يەر شارى تېمپېراتۇرسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ قالالايمىز. مىكرۇ دانچىلاردىن تۈزۈلگەن سۈنئىي ئاتموسفىرا قەۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسىنى شەكىللەندۈرسەك يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرسى تەڭپۇڭ ھالەتكە كېلىشى ئېنىق.
            توماس دوكتۇر ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئارسلانمۇ ئورنىدىن تۇردى. توماس دوكتۇر ئارسلاننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ دېدى:
          -ئارسلانىم، مېنىڭ جەسۇر ئارسلانىم، بۇ پىلاننى ھازىرلا يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە دوكلات قىلىمەن. سىز يە شارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز...
يەر شارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى توماس دوكتۇر يوللىغان مىكرۇ دانچىلاردىن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساش پىلانىنى كۆرۈپ دەرھال ئالىملارنى يېغىپ مۇزاكىرە قىلغان. ئاخىرى ئالىملار بىردەك ھالدا بۇ پىلانغا قوشۇلۇشقانىدى.
           ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار گەرچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئارسلاننىڭ سۈنئىي ئاتموسفېرا قاتلىمى ياساش تەسەۋۋۇرى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ زور نەتىجە ئىدى.
ئارسلان ئالەم بوشلۇقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىكرو دانچىلاردىن سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ياساش ئىشىغا ئۆزى باش بولۇپ كىرىشىپ كەتتى. قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا ئارسلان يېتەكچىلىك قىلغان ئالىملار تاغ جىنىسلىرى ۋە بىرىكمە ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىغان مىكرو دانچىلار جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئوزۇن ئۆڭكۈرىنىڭ قاپلاپ تۇرغان ئالەم كىمىلىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرلۇپ، يەر شارىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بارا – بارا ئەسلىگە كەلگەنىدى.

5

            كۈن چىقىشتىن ئەسكەن سالقىن شامال دېڭىز سۈيىنى بوش چالغىتاتتى. دېڭىزدىن ئانچە يېراق بولمىغان يەردىكى ياپيىشىل تۆپىلىكتە دېڭىزغا قاراپ خىيالغا چۆمگەن ئارسلان يېنىغا كېلىپ پىشىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئوغلى بابۇرنىڭ قوڭۇر چاچلىرىنى مېھىر بىلەن سىلىدى.
            -دادا، مەن چوڭ بولسام مېنىمۇ ئاسمانغا ئېلىپ چىقامسىز؟-دەپ سورىدى بابۇر دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ قاراپ.
         -ئېلىپ چىقىمەن،-دېدى ئارسلان ئوغلىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ،-لېكىن ئاسماندا سەن قىزىققۇدەك ھېچنىمە يوق ئوغلۇم.
            -لېكىن ئاسماندا، يۇلتۇزلار بىلەن ئاي بارغۇ دادا.
                -يۇلتۇزلار بىلەن ئاي بولغىنى بىلەن ئۇلاردا يەر شارىدىكىدەك ساپ ھاۋا، ياپيىشىل ئوت –چۆپلەر، سەن ھازىر كۆرۈپ تۇرغان چىرايلىق دېڭىز يوق ئوغلۇم.
             -لېكىن مېنىڭ ئاسمانغا بەكمۇ چىققۇم بار.
ئارسلان ئېڭىشىپ ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى:
            -مەن ئەمدى ئاسمانغا چىقمايمەن ئوغلۇم، بىزنىڭ ھاياتىمىز مۇشۇ يەر شارى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، بىز يەر شارىدىن ئايرىلساق ھاياتىمىز نابۇت بولىدۇ. سەن ئاسمانغا چىقشىنى ئارزۇ قىلما، مەن سېنى يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلاندۇراي، قەيەرگە بارغۇڭ بولسا شۇ يەرگە ئېلىپ باراي، لېكىن ھەرگىزمۇ ئاسمانغا چىقىشنى ئارزۇ قىلما.
           بابۇر ئاغزىنى ئۈمچەيتكىنىچە ئۆزلىرى تەرەپكە كېلىۋاتقان ئانىسىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى:
         -ئانا، دادام مېنىڭ ئاسمانغا چىقىشىمغا قوشۇلمايدىكەن، مەن دوستلىرىمغا چوڭ بولغاندا ئاسمانغا چىقىپ سىلەرگە يۇلتۇزئەكىلىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم.
تۇمارس ئىڭىشىپ ئوغلىنىڭ كۆزلىرىدىن تامچىلاۋاتقان ياشنى سۈرتتى:
            -داداڭ راست دەيدۇ ئوغلۇم، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئالغىلى بولمايدۇ. سەن بۇنى چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسەن. داداڭغا ئىشەنگىن. ئاسماننىڭ ئادەم قىزىققۇدەك ھېچقانداق يىرى يوق. بولمىسا داداڭ سېنى چوقۇم ئېلىپ چىقاتتى.
             ئارسلان ئايالى بىلەن ئوغلىنىڭ يېنىغا كەلدى. دومسىيىپ تۇرغان بابۇرنى دەس كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دېڭىزنى كۆرسەتتى:
             -قارا ئوغلۇم، مۇشۇ دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئاناڭ بىلەن مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جاي بار. بىز سىنى شۇ يەرگە ئېلىپ بارىمىز، ئۇ يەردە سەن ئارزۇ قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسى بار، قانداق بېرىشنى خالامسەن.
              -ئاسمانمۇ بارمۇ ئەمىسە؟
             ئارسلان كۈلۈپ كەتتى:
                 -ئاسمانمۇ بار، ئاسماندىنمۇ ياخشى يەر بار ئوغلۇم، ئەگەر بېرىشنى خالىساڭ ئەتىلا يولغا چىقىمىز.
              بابۇر «خالايمەن» دېگەندەك قىلىپ بېشىنى بوشقىنا لىڭىشتتى.
         ئەتىسى ئارسلان، تۇمارس ۋە بابۇرلار ئولتۇرغان ئايروپلان دېڭىز بوشلۇقىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ياپيىىشل ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بوستانلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كۆز يەتكۈسىز چۆللۈككە قاراپ ئۇچۇشقا باشلىدى. ئارسلان ئايروپىلان دېرىزىسىدىن تەكلىمان چۆككلىكىدىكى قۇم بارخانىلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن ئاستا قىمىرلاپ قويدى. تۇمارسمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئوغلى بابۇرنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئايروپىلان دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ ئولتۇراتتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 05:14 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahnur + 10 www.Huxal.com
Aytugh + 218 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 228   باھا خاتىرىسى

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26271
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 10:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئنكاس قايتۇرۇش گۈزەل ئەخلاق

ئسلزادە قىزلار
http://www.esl7.com

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 11:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فانتازىيىلىك ھېكايىكەندە،  مۇشۇنداق ھېكايىلەرنى ئۇقۇشقا مەن بەك ئامراق، سەل توختاپ تۇرۇڭلار دىۋاندا  ئۆزەم  پوچى ئولتۇرۇپ ئۇقۇيمەن  ما ھېكايىنى  ، ھازىر شىمىشكا ئەكىرىۋالاي

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 11:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەر  يېزىش...ئىجادىيەتلىرىڭزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! ‹ھاياتلىق ئىزدەش›نى ياخشى يېزىپسىز...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 12:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ...

نامازغا ئالدىراڭلار !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8778
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 02:56:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى جەۋھەر !

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلايلى دوستۇم ، قىيامەت يىقىندۇركى ئۇ شۇنچە تۇيۇقسىز كىلىدۇ ~ ئاللاھىم بىزلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئۈممىتى قاتارىدا قىلغىن ، بىزنى ئاسىيلار قاتارىدا قىلمىغىن ! پانىي دۇنيا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭ قېرىندىشىم ، بىزلەرنى شەكسىز ھەقىقەت كۈتمەكتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81899
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3529
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 11:41:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  فانتازىيلىك ھىكايىلەرنى داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ.رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:52:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن..........

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88965
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 03:05:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5795
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 03:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاس قاپتىمەن  بۇ يازمىنىڭ ھىكايە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالغىلى.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش