مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1021|ئىنكاس: 26

يېڭى يىلغا كىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7032
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    يېڭى يىلغا كىرىش
       يىللار بىر - بىرىنى ئىتتىرىپ يېڭى بىر يىلغا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ . بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئالدىدا ئەتە يېڭى يىل كىرىدۇ ، دەپ تۇرغان دەقىقىلەردە بىر ئىقتىدارلىق كەسپدىشىمىزدىن ئايرىلىپ يۈرەكلىرىمىز خۇن بولغانىدى . ئۇ يېڭى بىر يىلغا كىرەلمىگەنىدى . ھاياتلىقتا ھەممە ئادەمنىڭ يېڭى يىلغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرەلىشىمۇ ئاسان ئەمەس ئىكەن . ئىنساننىڭ ھاياتى كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە - تىياتىرىغا بەك ئوخشىشىدىكەن . شۇ فىلىمنىڭ قانچىنچى قىسمدا ۋاپات بولىدىغان رولغا چىقىشنى رېژىسورلار كىنو ئىشلەشتە بەلگىلىيەلىگىنى بىلەن ، ھاياتلىقتىكى رېئال فىلىمنىڭ رېژىسسورى بولۇپ بۇنى بەلگىلەشكە رېژىسسور كەتمەيدىكەن . ..
   ئويلاپ باقسام ۋاقىت توغرىسىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرگە تولىمۇ باي ئىكەنمەن . ۋاقىتنى قەدىرلەش توغرىسىدا سائەتلەپ لېكسىيەمۇ سۆزلىيەلەيمەن ، ھەم سۆزلەپ كەپتىمەن . " ۋاقتىڭ كەتتى ، بەختىڭ كەتتى " ، " ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت " ، " ۋاقىت ئاتقان ئوق " دېگەندەك .  ئەمما ئۆزۈمنىڭمۇ شۇنچە ئۇزۇن  ،دەقىقىسىنىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلىرىمنىڭ قەدرىگە يەتمەي ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىمدىن ئۆكۈنىمەن . ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ئەقىل بىلەن كۈزۈتمەي ھېسىيات بىلەن كۆزىتىپ يۈرگەنلىكىمنى بايقىغىنىمدا ، مانا مۇشۇنداق يېڭى يىل كىرىش دەقىقىلىرىدە چۈشەنگىنىمدە چۆچۈدۈم . بۇ سۆيۈملۈك چۆچۈش ، ئەلۋەتتە . كېچىكىپ ، تولىمۇ كېچىكىپ چۆچۈش ، ئەپسۇس ...
    قولۇمدا ۋاقىت ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار تۇرۇپتۇ . ئىلگىرى مۇنداقلا ۋاراقلىنىپ چۈشىنىلگەن بۇ كىتابلار ئۇشبۇ دەقىقىلەردە ماڭا يېپيېڭى بىلىم ، ھاياتلىق ، ۋاقىت ھەققىدە ئاڭلاپ باقمىغان دەرسلەرنى سۆزلەۋاتاتتى . " ۋاقىت ساڭا ئۆز ئىختىيارىنى تاپشۇرغان ۋاقىت پەقەتلا بۈگۈندىن ئىبارەت . تۈنۈگۈن سېنى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن . ئۇ ئىختىيارىڭدىن ئازاد قىلىنغان . ئۇنى مەڭگۈ قۇل قىلالمايسەن . ئەتە سېنى تونۇماسلىقىمۇ مۇمكىن . ئۇ ئۆز ئىختىيارىنى ساڭا بەرمىگەن . پەقەتلا بۈگۈن سېنىڭ ئىلكىڭدە . ئۇ سېنى سىنايدۇ ! ( ئا. مۇھەممەتئىمىن ) قانچىلىغان بۈگۈنلەرنى ناھايىتى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئۆتكۈزۋەتتىم - ھە؟!!
   ۋاقىتنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ياشىغان ، ۋاقىت ئالدىدا مەغرۇر تۇرالىغان ، تۇرۇۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق شەجەرىلىرىنى ۋاراقلاپ باقتىم . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممە ساھەنىڭ كىشىلىرى بار ئىدى . بىراق ئۇلارغا ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇشتىن خىجىل بولدۇم . شۇنچە يىللارغا تۈزۈك جاۋاب قايتۇرماي تۇرۇپ بۇلارغا ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇش ئەخمەقلىق ، ئەلۋەتتە . بىراق ئۇلارنىڭ يىللارغا سوۋغا قىلغانلىرى ھەقىقەتەنمۇ مېنى قايىل قىلدى .  " مۇشۇ يېشىڭغىچە ھاياتلىققا سوۋغا قىلغۇدەك ، يىللارغا جاۋاب بەرگۈدەك نېمىش قىلالىدىڭ ؟ كېلەر يىلى نېمە ئىش قىلماقچى ؟ " دەپ سورىلىپ قالسا يېڭى بىر يىلنىڭ ئەمەس ، ئەتىنىڭ ، ھەپتىنىڭ ، ئايلارنىڭ ، قىسقىسى ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىلان تۈزۈپ باقمىغان مەندەك بىر " ۋاقىت ئوغرىسى ، ۋاقىت پارىخورى " نېمىدەپمۇ جاۋاپ بېرەلىسۇن ... ؟
   يېڭى بىر يىل ھاياتلىق ئورمامنى ئورماقتا ، قەلب ئىشىكىمنى ، يۈرەك تارلىرىمنى چەكمەكتە ، پىلانسىز تاشلانغان يەنە بىر مەنزىلگە باشلىماقتا . مەن يىللارغا ئەگىشىپلا مېڭىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغانىدى . ئەگەشمەيمۇ ئامالىم يوق ، مەن ئەگەشتۈرۈلۈپ يىللار تەرىپىدىن ئاللىقاچان كۆندۈرۈلۈپ بولۇنغانمەن . يىللارنى ئەگەشتۈرۈپ مېڭىش ماڭا نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ . داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئېيتقاندەك : " بىز تېخى ئۆزگەرمىدۇق . بىنالار ئۆزىچە سېلىنىپ قالدى ، يوللار ئۆزىچە ياسىلىپ كەتتى ، تېلىفۇنلار ئۆزىچە ئورنىتىلىپ قالدى ، ماشىنىلار ئۆزىچە پەيدا بولدى ، تۆمۈرلەردىن ئۆزىچە ئاۋاز چىقتى ، چىراغلار ئۆزىچە تورۇستىن ساڭگىلاپ چۈشتى . " يىللارنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغانلىرى ئەشۇنداق كۆپ ئىدى ...
    مانا يېڭى يىلغا " بۇ يىلمۇ ياخشى ئۆتتى " دەپ ئۆزۈمنى بەزلەپ كىرىپ كەتتىم . كەچتىكى بەزمىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىقىمنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . چۈنكى يىللار مېنى نائۈمىد قويۇپ باقمىغان - دە . ھېچنىمەم بولمىسىمۇ تاغدەك باشقىلاردا يوق ئۈمىد بار ، مەندە ...
              نېمىشقا بىر خىللا تۇرىسەن ياپياش ،
              نە خىسلەت بار سەندە ، ئېيتقىنا قۇياش .
             بىر شېرىن چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ باقسام ،
             سەن تېخى ئۆز پېتى مەن بولسام ئاقباش .
                  - ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىن .
    ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!
       مەنبە : ئۆزۈم .   يېڭى يىلنىڭ ھاياتىم ئىشىكىنى چېكىشى .  
                ئەبەي تارىم . 2012 - 12- 22- كۈنى .   شەھىرى شىخو .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 12:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«قىيمەتۇززامان (ۋاقتنىڭ قىممىتى» دېگەن كىتابتا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋاقتقا بولغان كۆز قارىشى خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق قۇرلار خاتىرلەنگەن:  دىيارىمىزدىكى دىندا ئوقۇيدىغانلار دەسلەپتە ئوقۇيدىغان تەپسىر جەلالەيىن دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئىمام سۇيۇتى 40 ياشتىن ئۆتكىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يېزىپ، قالغان ئۆمرىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، زاھىدلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن، 40 ياشتىن ئاشقان بۇ ئالىمنىڭ ۋاقتنى ناھايىتى چىڭ تۇتقانلىقىدىن، ھەم ئىلىم سەرمايىسىنىڭ يۇقۇرلىقىدىن ئەنە دىنىمىز ئۈچۈن شۇنداق كاتتا ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ كىتابتا يەنە بەزى ئالىملارنىڭ تاماق يېيىش ئۈچۈن ۋاقت كېتىدۇ دەپ، تاماق يېگۈزۈشكە مەخسۇس خىزمەتچى ياللاپ، خىزمەتچى بىر چەتتىن تاماق يېگۈزسە، بىر چەتتىن ئۆزى كىتاب ئوقۇپ، كىتاب يېزىپ ئۈلگۈرگەن، قارىماققا بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغاندەك قىلغان بىلەن، لېكىن ئۇلار ۋاقتقنى ئەنە ئاشۇنداق تېجىگەن. بىزچۇ؟!.... ھەي.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73888
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياش قىرىيدىغان بولدۇم، اللە كۈنلىرىمگە بەرىكەت بەرگەي....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10904
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى يىل تۈگەپلا نەچچە پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان گەپ ،قارىغاندا يېڭى يىلغا ئۇيقۇسىزلىق ئازابلىرى بىلەن كىرىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ..............ھەمىڭلارنىڭ يىڭى يىلىغا بەركەت تىلەيمەن..............

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5786
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:16:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   يېڭى يىلنىڭ كىرشىگە پەقەت ساناقلىقلا كۈن قاپتۇ  ، مەنمۇ بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ  يېڭى يىلنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . .........

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baytura يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 01:54 PM
يىڭى يىل تۈگەپلا نەچچە پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان گەپ ، ...

ئەگەشتىم...

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3122
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1106 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېقىر بۇداقى يىڭى يىلغا ھەر ھالدا تەنھا كىرمەيدىغان بولدۇم

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ  ئابدۇقادىر خۇش
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72207
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 04:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ  يېڭى يىلنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . .........
ئۇلۇق ئاللاھ  پۇتكۇل  مۇسۇلمانلارنىڭ  يىڭى يىلىغا خاتىرجەملىك  ۋە  بەرىكەت  ئاتا  قىلغاي!


ie▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش