مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 9

ئاي يۈتكەن كېچە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:23:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاي يۈتكەن كېچە……………
- سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ راس دەۋاتىمەن، سىز مىنىڭ بارلىقىم، سىزسىز كەلگۈسۈمنى ئەمەس ھەتتا ئەتەمنىمۇ تەسەۋۇر قىلىلالمايمەن......
- ئۇنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالدىغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا شۇنچىلىك ئىللىق بىر سىزىم تارىماقتا ئىدى، تۇنۇشقاندىن ئىتبارەن قۇلاق تۈۋۈمدە كۈندە تەكرارلىنىپ، يادقا بۇلۇپ كەتكەن، لىكىن ئاڭلاپ زىرىكمەيدىغان شىرىن ھىسلارغا تۇيۇنغان مۇھەببەت تىۋىشلىرى، شۇنچىلىك يېقىملىق، شۇنچىلىك شىرىن........
خىيالىمدا ئۇنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىنى تەكرارلىماقتىمەن.....
- مىنى ئالداۋاتىسىز شۇنداقمۇ دېدىم، ئۇنىڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
- مۇمكىنمۇ، مەن ئوخشامدىم، ئۇنداقتا مىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سىزگە قىلغان ئەقىدەمچۇ، سىزنى ئالدىغىنىم يوق ئەزىزىم، راس دەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزمۇ بىلىسىز، بىزنى پاراكتىكىغا ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قالدى، سىزدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق، شۇڭا سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇپ سىز بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىۋالغۇم بار ئومىقىم.........
   خىجىللىقتىن يۈزلىرىم شەلپەردەك قىزاردى، ھېلىمۇ كۈندە كۈرۈشۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ دىيەلىدىم ئارانلا...
- بىز دىگەن ھامىنى توي قىلىمىزغۇ، كۆپرەك كۈرۈشۈپ، سىردىشىپ تۇرساق تىخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ جېنىم،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز پىراكتىغا چىقىپ كەتسەك قاچان قايتىپ كېلىمىز، بۇنىسى نامەلۇم شۇڭا.......
- نېرى تۇرىڭە، قاراڭا ئايمۇ خىجىل بۇلۇپ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۈكۈۋىلىشتى....
جىسمىم ئۇنىڭ كۈچلۈك ئالقانلىرى ئارىسىدا لەيلەپ قالدى، بىز بىھۇش بولغان، ھىسيات ئەقلىمىزدىن غالىپ كىلىپ ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان  دەملەر، شىرىن ئەمما ئۆمۈرلۈك ئازاپنىڭ يالدامىسى بولغان دەقىقىلەر.......
     بۇ مەن ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر چۈش ئىدى. بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كىتىشكە شۇنچە تىرىشساممۇ، رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا يەنىلا ئىلاجسىز ئىدىم. ناۋادا ئۇنتۇش ئارقىلىق ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولسىدى، ئۆتمۈشۈمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قايتىدىن يېڭى بىر ئادەم بولغان بولاتتىم.
بۇ ئىش يۈز بىرىپ بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۇ پىراكتىكا قىلغىلى كىتىپ قالدى.
كۈنلىرىم تەشۋىش، خۇدۇكسىرەش ئىچىدە ئۆتمەكتە. ئەتراپتىكى ھەممەيلەن ماڭا غەيرىي كۆزىدە قاراۋاتقاندەك ماڭسام يۈرەكلىك ماڭالمايدىغان، تولا چارچايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. گاھىدا ئەينەككە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتىمەن. ناۋادا يۈز بەرگەن ئىشلار چۈش بوپ قالسىچۇ كاشكى، يەنىلا شىرىن ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋەرگەن، سىز مىنىڭ پەرىشتەم دىگىنىدەك مەڭگۈ پەرىشتىسى بۇلۇپ ئۆتسەم...........
ئۆز- ئۆزۈمدىن بەسىندىم. خىياللىرىم قانچە كۆپ بولغانسىرى ئەندىشەم
تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىدى. ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان مەن«مەن دىگەن ئەركەك، ھەممە ئىشقا ئۈزۈم مەسئول» دىگەن مۇھەببەتلىك قەلىبنىڭ ئازاپلىق تامچىسى سۈپىتىدە تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلاپ ئۆتمەكتە ئىدىم.
ئۇ قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشى ماڭا ھەر ھالدا ئازراق ئۈمىد ئاتا قىلدى. لىكىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا قانداق دەيمەن، ئەينى چاغدا   ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ دىگەن، لىكىن يۈز بەرگەن ئىشلار مىنىڭ جىسمىمنى، روھىمنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ھىچ ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ھالىم تولىمۇ خاراپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇئىشلارنى مىنىڭ نەزىرىمدە ھىچقانچە ئىش ئەمەس دەپ ئۆتكۈزىۋىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنىلا ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتتۈم.
- ياخشى تۇرۋاتامسىز؟
- ھەئە، پىراكتىكاڭلار ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ؟
- ئەلۋەتتە، لىكىن ۋاقتىمىز بەك قىسقا بۇلۇپ قالدى.
- شۇنداقمۇ؟ ھېلىمۇ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىزغۇ................
- سىزمۇ كىيىن بىلىپ قالىسىز...........
ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى كۈرۈشۈشتىكى سۆھبىتىمىز مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى.
ئۆزۈم ئېغىز ئاچمىسام، ئۇنىڭ بۇ توغرىسىدا ھىچنىمە دېمەيدىغانلىقىغا  كۈزۈم يەتكەن ئىدى. يەنىلا سۈكۈت قىلدىم. شۇنچىلىك تاقەتسىزلىك ئىلكىدە تۇرساممۇ يەنىلا سەۋىر قىلىشنى لايىق تاپتىم. ئەپسۇس، مەن ئىشلارنى تولىمۇ ئاددىي ئويلىغان ئىدىم.
- سىز ئارىمىزدا يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز شۇنداقمۇ؟
- ئارىمىزدا ئۇنتىيالمىغىدەك نىمە ئىشلار يۈزبەرگەن ئىدى؟
- سىز ئاشۇ ۋاقىتتا مەن دىگەن ئەركەك، قىلغان ئىشىمغا ئۈزۈم ئىگە دىگەن، ئەمدىلىكتە بۇ نىمە دىگىنىڭىز، ئەمدى مەن قاندق قىلىمەن.............
- مەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك پىراكتىكا قىلدىم، بۇ چاغلاردا ئارا يىراق، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭىز ماڭا نامەلۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قېتىم يۈزبەرگەن ئىش بىر تاساددىپىيلىق. ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئىشىمىزغا قۇشۇلمىدى، شۇڭا.........
گەپنىڭ  داۋامىنى  ئاڭلاشقا   جۈرئەت  قىلالماي  قۇلىقىمنى  ئىتۋالدىم .
ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلار قاياققىدۇر غايىپ بولغان ئىدى . بىزھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان دەملەر بۇلۇتلار كەينىگە ئۆتكەن ئاي، بۈگۈنمۇ ۋاپاسىز ئاشىقنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاشنى خالىمىغاندەك بۇلۇتلار قوينىغا  سىڭىپ كەتكەن ئىدى.
كېتىۋاتىمەن، كېپەنلەنگەن روھىم جىسمىمنى ھالسىراتقان ئىدى. خاتا بېسىلغان قەدەمنىڭ ئۈلۈمدىنمۇ دەھشەت بولدىغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىلدىم. گۇناھ ئۈزۈمدە ئىدى. ئۆز- ئارا ئىشنىشنىڭمۇ چەكلىمە ئىچىدە بولىدىغانلىقنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدىم. مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆز ئۇدۇمىنىڭ خاسلىقىنى يوقاتقان مەن ئۈچۈن بىرىلگەن جازا ھەق ئىدى. «ئەركەك» ئەركەكتەك بولالمىسا، مەن قىزلارغا خاس لاتاپىتىمنى ساقلىشىم كېرەك ئىدى. ئەپسۇس كىچىككەن ئىدىم.
قىزنىڭ كەچمىشلىرىنى ئوقۇپ شۇنداق ئازاپلاندىم. بۇ خاتىرىنىڭ ماڭا ئۇچراپ قالغانلىقىغا نەپرەتلەنگەنمۇ بولدۇم، لىكىن قىزغا ئىچىم ئاغرىغان ئىدى. خاتىرىدە يائىسىم، يا فاكولتىت نامى، يا سىنىپ ئەسكەرتىلمىگەن، مەن قىزنىڭ ياكى يىگىتىنىڭ كىملىگىنى بىلمەيمەن. لىكىن خاتىرىنى كۈتۈپخاننىڭ يان تەرىپىدىكى پەلەمپەيدىن  تېپىۋالغان كۈندىن ئىتىبارەن دەل ئاشۇ جايدا خاتىرىنىڭ ئىگىسىنى ئۇزاق ساقلىدىم. لىكىن ھىچكىم خاتىرە مىنىڭ دەپ كەلمىدى. بەلكىم خاتىرىنىڭ ئىگىسى قاتتىق ئازاپلانغاندۇ، خاتىرىنى تېپىۋىلىشنى ئويلىسىمۇ لىكىن ئۆزىدىن باشقىلار بىلىشكە تىگىشلىك بولمىغان شەخسىيتىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمىغاندۇ ۋەياكى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىراقلا ئۇنتۇلۇش ئۈچۈن خاتىرىنى ئەتەي يۈتۈرۋىتىشنى لايىق كۆرگەندۇ......
ھاياتىمىز تولىمۇ قىسقا. لىكىن ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئالداش ئالدىنىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئىلگىرى ۋاستە تاللايتۇق. ھازىر بولسا قاراپ تۇرۇپ ئالدايمىز،ئالدىنىمىز. ئالداش ۋە ئالدىنىشقا سۈكۈت قىلىش  ئىنچىكە ھۈجەيرىللىرىمىزگىچە سىڭىپ كەتكەن.........
بۇ خاتىرىدىكى كەچمىشلەر مەن ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ساۋاق بولدى. ئەركەك ئەركەكتەك بولالمىسا قىزلار قىزلارغا خاس نازاكىتىنى ساقلىشى مىنىڭ ھاياتىمغا يېڭى بىز مەنا قوشقان ئىدى. شۇڭا ياشاشتىكى مەقسەتنىڭ بەدەل تۆلەش ۋە بەدەل تۆلىتىشتىنن ئىبارەت ئىككى ئارلىقتا تىڭىرقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھېسياتتىن ئىبارەت يۈگەنسىز ئاتنى كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئەزىزانە يۇرتۇمغا ئۇزۇتۇپ قويدۇم.


مەنبە:مەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 12:50 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4776 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسياتىنى كونترول قىلالايدىغان  ئەخلاقىي تورمۇزنىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ھالاكەت بۇسۇغۇسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.  توي قىلغۇچە تاقەت قىلالمىغانلىقنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇرسا قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بۇلۇشىدىن تېخىمۇ ئۈمۈت كۈتكىلى بۇلامتى.....

ئوغرى گۇمانخور، يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86786
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەك ئەركەكتەك بولالمىسا قىزلار قىزلارغا خاس نازاكىتىنى ساقلىشى  كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6479
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈز ئۆرەي دېسە بىردەمچىلىك !

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:11:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچقا ئاق كىرگەندە لىرىك تېمىىلارغا ئەجەب ئامراق بۇلۇپ كەتتىم دىسە

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 10:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى تەسۋىرلىرى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ......
ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە چىقىپتۇ يازمىڭىز....

ھېسياتقا قۇل بولۇپ ،چەكلەنگەن مېۋىگە بالدۇر ئېغىز تەككەنلەر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدۇ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 10:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي مۇھەببەتلا ئادەمگە ئۆمۈرلۈك  بەخىت ئاتا قىلىدۇ.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 03:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 10:00 PM
پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى تەسۋىرلىرى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.. ...

رەخمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89111
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 05:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ياشلىرمىزدىكى ھايا ھۆرمەت ئىززەت نەلەگە كەتكەندۇ ،ئاتا-ئانا بولغان ئادەم پەرزەنتىنى قانداق تەربىلەيدىغاندۇ،ئەڭياخشىسى مۇھەببەتلەشمەڭ ،ئالدىرسىنىڭز توي قىلىڭ،
ئالىي مەكتەپ ياخشى جاي دىگەننى خىيالدىن چقىرۋىتىڭ،مەكتەپ سىز نى-نى ئالىملىرمىز چققان
مەكتەپتىكى مۇھەببەت خۇدايىمغا ئامانەت، بۇنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۈرۋالماڭ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش